روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەتەڭلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەتەڭلەر


كۆز-كۆز قىلىپ ئۆزىڭىزنى ﻫەممىگە﯐
چىرايلىق دەپ داڭلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
چېچىڭىزنى قۇش چاڭگىسىدەك ياسىتىپ﯐
ﻫەرخىل رەڭدە مايلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر﯐

شاد خوراملىق ئىزدەپ يۈرۈپ ﻫەرياقتىن﯐
شاش كىيىكتەك تاقلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
قىسقا كىيىپ ﯐ئېچىپ قويۇپ پاچاقنى ﯐
كۈن نۇرىغا قاقلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

كوچىلارنى ئارلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر﯐
يىگىتلەرنى مارلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
كىمنى كۆرسە قاش ئوينىتىپ ﻫېجىيىپ﯐
مۇﻫەببەتنى خارلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

تار كىيىنىپ سورۇنلارغا ئاتلىنىپ ﯐
بىلىڭىزنى تولغاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر﯐
چەتئەللىكنى دورىدىم دەپ شاتلىنىپ﯐
مەدىنىيەتنى بۇلغاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

خوشلۇق ئۈچۈن قايرىپ قويۇپ نومۇسنى﯐
قاۋاقلاردا ئايلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
قاش ئوينىتىپ باي غوخامنىڭ كەينىدىن﯐
لالما ئىتتىەك پايلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

ﻫېيلە بىلەن باشقىلارنى مەس قىلىپ﯐
ئۆزىڭىزگە باغلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
دۇرۇس يولدا ياشاپ كەلگەن پاكلارنىڭ﯐
يۈرىكىنى داغلاپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

چىرايلىققا ئاشىق بولار ﻫەممە دەپ﯐
خام خىيالنى بەك كۆپ سۈرمەڭ سەتەڭلەر
چىراي بىلەن پۇل تاپقانلار نەدە بار﯐
ئۆزگىلەرنى ئالداپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

كىم قويۇپتۇ سىزگە شۇنداق ياشاشنى﯐
كىنولارنى دوراپ يۈمەڭ سەتەڭلەر.
مەن زامانغا باقىمەن دەپ ئالدىراپ﯐
يات ئېقىمنى پۇراپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

قىزلار دىگەن بىر مىللەتنىڭ ئانىسى﯐
قالايمىغان ئويناپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
ئويۈن تۈگەر﯐ دۇنيا قالۇر بىلسىڭىز﯐
داشقازاندا قايناپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.

ئەتلەس ئىدى ئۇيغۇرلارنىڭ بەلگىسى﯐
نەسلىڭىزنى ئۇنتۇپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر.
قاراپ باقسام ئەسلىڭىزدىن شەپە يوق﯐
قېنىڭىزنى بوغۇپ يۈرمەڭ سەتەڭلەر .
ئەتلەس بىلەن دوپپا كيىش نە قالدىﳫ
ئالدىڭىزغا سەكرەۋەرمەڭ سەتەڭلەر.
ئەتلەس كىيىش ئەزەلدىنلا مەتۇ دەپ﯐
تارىخنى ﻫەم يەكلەۋەرمەڭ سەتەڭلەر.

ئۇنۇتلۇپتۇ نومۇس بىلەن ئەنئەنە﯐
ئەقلاقتىن بەك چەتنەۋەرمەڭ سەتەڭلەر﯐
پاك بىغۇبار ئۇيغۇر قىزىنىڭ نامىنى ﯐
ﻫەريەرلەردە سەتلەۋەرمەڭ سەتەڭلەر.
نۇر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-18 20:48:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىلىپتۇ  رەخمەت
ۋاقتى: 2014-2-19 13:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلغان شېئىركەن...
ۋاقتى: 2014-2-19 13:57:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ياخشى يېزىپسىز  .   .
ۋاقتى: 2014-2-19 14:43:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس قاپيە
ۋاقتى: 2014-2-19 18:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن ،رەھمەت،
ما
ئىنكاسچىلار دىققەت....يازغۇچىسى بۇ بالا ئەمەسكەن..تىمىنى  قاراپ يىزىڭلا ئىنكاسنى

باھا سۆز

شۇ كىم يازغان بولسا ياخشى يېزىلىپتۇ دەپتىغۇباشقىلارمۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-19 21:58
نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 18:11
ما
ئىنكاسچىلار دىققەت....يازغۇچىسى بۇ بالا ئەمەسكەن..ت ...

شۇ كىم يازغان بولسا ياخشى يېزىلىپتۇ دەپتىغۇباشقىلارمۇ
ۋاقتى: 2014-2-20 01:00:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن ،رەھمەت،

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 23:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش