روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2388|ئىنكاس: 26
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] پىنسىيە ئىلتىماسىغا جاۋاپ خەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەشتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 23:48  

ئىلتىماسقا جاۋاپ خەت

يازغانكەنسىزغۇ باغۋىنىم،
پىنسىيەگە ئىلتىماس.
راسىت گەپلەرنى يىزىپسىز،
ئۆزىڭىزگە بەكمۇ خاس.
**     **      **
سىياسەتمۇ ئۆزگەردى،
بۇنى سىزمۇ بىلىسىز.
ئاتمىش ياشقا كىرمەپسىز،
يەنە خىزمەت قىلىسىز.

خاپا بولماي تۇپتۇرۇڭ،
سىزگە باردۇر ئېتىبار.
ئارام ئىلىپ ئىشلەيسىز،
خىزمەتنىڭمۇ چىكى بار.

بىزمۇ بارلىق كۈچلەرنى،
تەكشۈرۈشكە قاراتتۇق،
نەتىجىدە سىز ئۈچۈن،
مۇنداق ئۈنۈم ياراتتۇق:

بېرىپ سىزنىڭ مەكتەپكە،
تاپتۇق مۇدىر ئەكبەرنى.
سىز توغۇرلۇق گەپ سورساق،
ئاچتى كۆڭۈل دەپتىرنى.
**      **      **
«مەن كەلسەممۇ مەكتەپكە،
پىشقەدەمنىڭ بىرىكەن.
ئوقۇتۇشتا ئەڭ ماھىر،
باغۋەنلىرىمىز پېرىكەن.

ئوتتۇز ئۈچ يىل ئىشلەپتۇ،
ئۇدا خىزمەت ئىلغارى.
كىم خىزمەتتە قىينالسا،
ھازىر بولار دىدارى.

ئابدۇسەمەت داۋۇتنىڭ،
ياردەم قولى بەك چەكسىز.
ماختىغىنىم ئەمەس ئۇ،
ئىش-ئىزلىرى بىر شەكسىز.

باشلامچىمىز ئۇ بىزنىڭ،
ئىش ئەمگەكتە خىزمەتتە.
سالىمىم بار ئۇنىڭغا،
ھاياجاندا ھۆرمەتتە».
**     **      **
بۇنى ئاڭلاپ بىزلەرمۇ،
زەپ ئىسىل ساۋاق ئالدۇق.
ھاياجانلىق ئىلكىدە،
بىر تەكشى چاۋاك چالدۇق.

ئارقىدىنلا بىز دەرھال،
مۇنداق بىر تۇتۇش قىلدۇق.
نىشاننى توغرا تاللاپ،
شۇنداق بىر ئۇتۇش قىلدۇق.

مائارپىمىز كومتىتتا،
رەھبەرلەرنى قىچاردۇق.
مۇزاكىر قىپ رەھبەرلەر،
مۇنداق قارار چىقاردۇق.

«ئابدۇسەمەت داۋۇتقا،
ئېتىبار قىپ خىزمەتتە.
ئۇستاز تۇتسۇن باغۋەنلەر،
ئاۋات ئوتتۇر مەكتەپتە.

ئابدۇسەمەت داۋۇتمۇ،
دەرس ئۆتمەي مەكتەپتە،
كىتاپخانا باشقۇرغاچ،
ئارام ئالسۇن شۇ پەيتتە.

بۇ ئۇستازنىڭ ئەجرىدە،
ياشلار بىردەك يىتىلسۇن.
بەيگىلەرگە ياراملىق،
كۆپلەپ باغۋەن قىتىلسۇن.

ئاغرىپ قالسا ناۋادا،
داۋالاتسۇن سۇغۇرتا.
ئۆمرىگە ئۆمۈر قوشلۇپ،
شەپقەت ياغسۇن بۇ يۇرتقا».


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-12 18:26):
كۆرسەڭلار ئازدۇر-كۆپتۇر ئىنكاس يىزىڭلار جۇمۇ دوسىتلار!

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-12 18:29):
كۆرۈپ بولۇپلا ئىنكاس قالدۇرماي كىتىپ قىلىش، خۇددى سادىغاتقا بىرىپ تاماق يەپ دۇۋا قىلمىغاندەك بىر ئىش.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +25 ئىناۋەت +25 تەڭگە +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 25 + 25 + 10 + 10 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

سىزنىڭ مەكتىپىڭىزدىكى ئۇقۇتقۇچىنى مەدىھلەپ
يازغان شئىرمۇ بۇ؟
شۇندا قىلىپ ئۇ ئۇقۇتقۇچنى مەكتەپتە ئىشلەپ قىلىڭ دىمەكچىمۇ ياكى پىنىسىيگە چىقىڭ دىمەكچىمۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-12 18:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بەرگەن جاۋابىڭىزمۇ ، ئىدارە باشلىقىنىڭمۇ ؟
پەيزە چىقىپتۇ.لىكىن سېز شۇمۇ شىئىردېكى ئابدۇسەمەت ?
ۋاقتى: 2014-1-12 19:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ھازىر.
ۋاقتى: 2014-1-12 19:55:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرنى خېلى قاملاشتۇرۇپسىز .
ۋاقتى: 2014-1-12 20:15:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر باشلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەيدىغان بولىۋاپتۇ، ئەجىبا ئۇلار پىنسىيىەە چىقمامدىغاندۇ
ياشلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ ياشانغانلارنى ئىشلتىۋىرىدىغان،ياشلار بولسا پىشقەدەملەر ئىشقا پىششىق دەپ  ھەققى ئىزدەنمەيدىغان كەيپىيات كۆپىيىپ قالدى،شۇنچە يىل جاپالىق ئىشلەپ دەم ئىلىشكە چىقاي دەپ تۇرغاندا تۈرلۈك كىسەللىكلەرنىڭ  بوزەك قىلىشىغا ئۇدۇل كىلىپ دەم ئېلىشنى كۆپىنچە كارۋاتتا ئۇھسىنىپ ئۆتكۈزۋاتىدۇ،قىرىنداشلرىم!بولسا شۇ پىشقەدەملەرنى بالدۇرراق مۇۋاپىق ياشتا چىقىرۋەتسە دەيمەن!
بىزنىڭ مەكتەپتە مۇدىر بىلان يەنە بىر پىشقەدەم مۇئەللىم بۇلدىغان پىنسىيگە چىقىڭلار دىسمۇ ئۇنمايۋاتمامدۇ. ئۆتكەندە پىنسىيگە ئىلتىماس يېزىڭلار دەپ تىلفۇن كەلدى. مۇدىر ھېلقۇ پىشقەدەم مۇدىرغا يازامدۇق دىدى. ئاردا بىر مۇئەللىم پىنسىيگە چەقىپ نىم قىلسلەر. ئىشلەۋىرىڭلار مائاشىڭلار ئۆددۇ. سىلەر تېخى شىجىنپىڭنىڭ مائاشىنى ئالمىدىڭلار دەپ بىردەم شىلىسا. ئىشلەپ تۇرلى بولمىسا. دەيدۇ.
رەخمەت ياخشى يىزىپسىز ھارمىغايسز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 11:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش