روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7756|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دوكتۇر ئادالەت قاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-21 14:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئادالەت قاسىم دوكتۇر ،مۇدىر ۋراچ،ئاسپىرانت دوكتۇر يېتەكلىگۈچى،پىراففىسسور،ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتىتىنىڭ دائىمىلىق مۇئاۋىن مۇدىرى. ئۇنىڭ شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور. ئۇ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئۆتەپ كەلمەكتە: شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. مەملىكەتلىك 10-قېتىملىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئېغىز بوشلۇقى تىببىي جەمئىيىتىنىڭ 5- قېتىملىق مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-قېتىملىق چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېتەكچىلىك گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. "شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ژورنىلى" بىرىنجى نۆۋەتلىك تەھرىرلەش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇنۋان بېكىتىش كومىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1- دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-كىلىنىكا تىببىي ئىنىستىتوتى ئوقۇتۇش يېتەكچىلىك كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى تىببىي ژورنىلى ئالتىنجى نۆۋەتلىك تەھرىرلەر دائىمى ئەزاسى. شاڭخەي ئېغىز بوشلۇقى تىببىي ژورنىلى تۆتىنجى نۆۋەتلىك تەھرىرلەر ئەزاسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1- دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كەسپىدە ئىلىم-پەن سەركىسى. شىنجاڭ مېيىپ ۋە يېتىم بالىلار ئوپىراتسىيەسى "ئەتىكى ساغلاملىق پىلانى" داۋالاش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى كىلىنكا تىببىي دوكتۇر ئاشتى تەتقىقات كۆچمە پونكىتى باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-كىلىنكا تىببىي ئىنىستىتوتى ئوقۇتۇشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-دوختۇرخانىسى ئېتىكا كومىتىتى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىش دوختۇرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى . ئۇ 1977-يىلى شاڭخەي 2-تىببىي ئۇنىۋىرسىتىتى ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرىدۇ، 1992-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئۆسمە تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرىدۇ.ئۇ روس تىلىغا ناھايىتى پىششىق، ئىنگىلىزچە ماقالىلارنى لۇغەتنىڭ ياردىمىدە ئوقۇيلايدۇ. . ئۇ 1995-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە 13دىن ئارتۇق ئاسپىرانتنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى.ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئامىرىكا،ياۋروپا ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلماتتا.ھازىر يەنە ئۇنىڭ قولىدا 7 نەپەر ئاسپىرانت،3نەپەر دوكتۇر ئۇقۇماقتا.ئادالەت قاسىم باشقا مۇئەللىملەرگە ياردەملىشىپ جەمئىي 4 نەپەر دوكتۇر يىتەكلىگۈچى دوكتۇرنى تەربىيەلەۋاتىدۇ. " G; q, T4 E6 a& v3 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) W+ z2 s( f6 M, U- m- eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

. J* l% A  {. N1 N/ fمەنبە: http://www.udental.cn/YCMS_ShowPic.asp?id=12
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-4-1 13:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادالەت قاسىم ھەدىمىزنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
ۋاقتى: 2015-6-21 17:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخەتجان قاسىمىنىڭ: ‹‹ئۆلكە تىنچلىق بىلەن ئازات بولغاندا ماكېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولىمەن›› دېگەن مەشھۇر سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا. ئەخمەتجان قاسىمى گەرچە ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق، قىزى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، داڭلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. بىز مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئانا، ھەدە-سىڭىللىرىمىزغا مۇھتاج. مەن ئادالەت قاسىمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا نۇسرەت تېلەيمەن...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:23

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش