روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2445|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەققانى: ئەر دېگەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 12:16  

          ئەر  دېگەن      

            ئا.ھەققانى

بەھرىدەك قوينىغا ئەلنىڭ   چۆكمىكى  لازىم  ئەر  دېگەن ،
بولمىغىل ئەزمايىش غاپىل ، بولغۇلۇق ئەردەك ئەر دېگەن ،
ئۆتسىمۇ كۈن تۈنىڭ دەررە ،  زىندان  ئاستىدا  زەر رەڭ  ،
ئەيتىلار تىللاردا داستان ھەقىقىي  شەۋكان  ئەر  دېگەن .

ئەر دېمەك بولمىغان ھېچبىر زۇلمۇ - سىتەمنىڭ  بەلگىسى ،
نالە - پەرياد  ئەيلىسە زىنھار بولغان باھادىر ئەر كىشى ،
ئەل ئۈچۈن بولدى پەقەت    ئەجدادلىرىم  ئۇيغۇر  ئېتى ،
بولغىلۇق  ھەر  ۋاقىت   ھوشيار ، باھادىر   ئەر   دېگەن .

لالە  رەيھان  بەرگىدەك   دۇنيا   قۇرۇلغان   ئەر    بىلەن ،
زەرەپشاندەك مەۋج ئۇرغان ، بەلكى ئىسسىق تەر بىلەن ،
تەرلىمەس  ئەرلەرنى  كۆردۇم  قىز  جۇۋان ،  نازىن كەبى ،
ئىسمى ئەردۇر ئەر ئەمەس ۋىجدان غورۇرسىز ئەر دېگەن .

كارۋىنى  ئەلنىڭ   بېشىدا   بولسا  گەر   ۋىجدانلىق   ئەر ،
قۇم - بورانلار شۇنچە قاتتىق بولسىمۇ بەس كۆككە يېتەر ،
ئىزلىسەك  بىرلە  نىجاتلىق  تۇتۇرۇق  كېرەك  زىنھارىن  ،
سەركىسى  ئەركەك  ئېرۇر  بولمىسۇن  لاچىن   ئەر دېگەن .

ئەر بولۇپ  يارالغىنىڭ  پۇرسەت كەبى  ئىنسان  ئۈچۈن ،
كەتمىگەي ئۇلۇغ تىنىق كېلەر بىر كۈن  ئىنساپ ئۈچۈن ،
يارالغىنىڭ  پەقەت   بىرلا   بۇ   دۇنياغا  مىھماندۇرسەن ،
غاپىل بولما ! قەددىڭنى تۇت ! ئۈمىدۋار  بول ئەر  دېگەن .

  
       2015-يىل 23-فېۋرال
كېيىنكى: ھايات مارشى
ئالدىنقى: كەچۈر مېنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-23 10:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەققانىي ئەپندىنىڭ ساتىرىك شېئىرلىرى -مەنىۋىي جاراھەتلىرىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك مەلھىمى. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا ئەل ئىچىدە ئەڭ ئالقىشلىنىپ تاكى شۇ كەملەرگىچە قۇلىقىمىز تۈۋىدە جاراڭلاۋاتقان «رەنانى سۆيدۈم» ناملىق ناخشىنىڭ تولۇق تېكىستىنى مۇنبىرىمىزدە ئۆز قوللىرى بىلەن يوللانغان ھالەتتە كۆرسەك نەقەدەر ياخشى بولاتتى!
ۋاقتى: 2015-2-23 12:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكسىراپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن بۇ شىئېر تولىمۇ بىر ياخشى تېما بوپتۇ. بۇ ھەقتە ئارتۇقچە سۆز قىلىشتىن ئۆزۈمنى يىغىپ تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرمەن.
پاساھەتلىك تىللىرىڭىز، ئويغاق تەپەككۇرىڭىز بىلەن ناھايتى ئېسىل يېزىپسىز. قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قول قويدۇم. ئۇزۇن بولغان شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا نائىل بولالمىغىلى. بۇ شېئىرىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم. شېئىرلىرىڭىزنى بىزدىن قىزغانمىغايسىز.( ئوتتۇز ئىككى چىشىمنى چىقىرىپ كۈلگەندىكى ئىپادە. ) شېئىرىڭىزدا ئېيتىلغاندەك سۈپەتلەرگە ئىگە ئەر بولالىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ھەم بولالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-23 14:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانى ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ قۇت ياغسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-23 19:45:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانى ئەپەندىنىڭ ھەر-بىر يازمىسىدىن بال تامىدۇ،چاڭقىغان دىلغا ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ،ساتىرىك شىئېرلاردا ئىپادىلىگەن ھەر مەنەلىرى ئادامنى ئادەم بۇلۇش يۇلىغا ئۈندەيدۇ،بۇلۇپمۇ تىل ئىشلىتىش جەھەتتكى ئىزدىنىشى شىئېرسىراپ كەتكەن قەلىبگە ئالتۇن ئۇرۇق چاچىدۇ.
بەھرىدەك قوينىغا ئەلنىڭ   چۆكمىكى  لازىم  ئەر  دېگەن ،
بولمىغىل ئەزمايىش غاپىل ، بولغۇلۇق ئەردەك ئەر دېگەن ،
ئۆتسىمۇ كۈن تۈنىڭ دەررە ،  زىندان  ئاستىدا  زەر رەڭ  ،
ئەيتىلار تىللاردا داستان ھەقىقىي  شەۋكان  ئەر  دېگەن .مۇنۇ مىسرالاردىن قەدىمقىلەرنىڭ ئىزىنى كورگەندەك بولدۇم.قەلىمىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-23 21:12:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىر ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 23:03:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ھەممىڭلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن ... ئەمما شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى : شىئېر ساتىرالىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي ئەمەس ،،، پەقەتلا كىچىككىنە بىر ھەۋەسكار خالاس ... تور نامىمنى نەچچە ئۆزگەرتەي دېسەممۇ ئامال قىلالمىدىم ھەم ئابدۇۋەلى ئاكىمىزمۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە ئۆز شىئېرلىرىغا ئىسمىنى تولۇق يازىدىغانلىقىنى تىغا ئېلىپ مۇشۇ نامدا تۇرىۋەسۇن دەپ روخسەت قىلغان ئىدى ... ئەمما مەن بىر ئۆزگەرتمىسەم بولمايدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ  ... ھەممەيلەننىڭ ياخشى باھاسىغا رەھمەت

باھا سۆز

شۇنداقمۇ؟ بۇ زۆرۈر بولۇپ قاپتۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 19:32
ۋاقتى: 2015-2-23 23:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن، قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەركەتلىك بولسۇن قېرىندىشىم.
ياخشى يىزىلغان شئىركەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 01:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش