ئويلاپ قالدىم سەندە مىنى چۈشەنگۈدەك دىل يوقمۇ ياكى مەندە ئۆزۈمنى چۈشەندۈرەلىگۈدەك تىل ___ھاياتىمدىكى خاتالىقلىرىمنىڭ ھەمىسى ، ياق دەيدىغان چاغدا « ھە » دىگەنلىكىم ئۈچۈندۇر……يۈرەك يىغلايدۇ : « نىمىشقا ؟ » دەپ ، ئەقىل كۈلىدۇ : « خوپ بولدى ...» دەپ ..
چۈنكى.ئادەم قانچىكى كۆڭۈلچەك بولسا،زىممىىسىدىكى يۈكى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ!.كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ نەرسە ھە .. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئاسمانغا چىقىپ خان بولىدىغان ....بىر ئېغىز سۆز بىلەن يەرگە چۈشۈپ لاي بولىدىغان ....
بەزى گەپلەر كۆڭۈلدە قالغىنى ياخشى،بەزى ئازاپلار ئۈن تۈنسىز ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى ياخشى .ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق ، بەزى ئىشلارنى تولا ئويلىسىڭىز بېشىڭىز ئاغرىيدۇ، ئويلاپ تىگىگە يەتسىڭىز يۈرىگىڭىز ئاغرىيدۇ. ئارقىغا قارىماڭ، ئارقىدا سىزنى بىئارام قىلىدىغان ئۆتمۈش بار. ئالدىڭىزغا قارىماڭ، ئالدىڭىزدا سىزنى ئەنسىزلىككە سالىدىغان كېلەچەك بار.
لېكىن ئۈستىگە قاراڭ ئۇ يەردە سىزنى بەخىتلىك قىلىدىغان رەببىڭىز بار.نىمە دىگەن توغرا سۆزلەر بۇ.
ئادەمنىڭ ھاياتى خۇددى ئاسمانغا ئوخشايدىكەن,ئۇ گاھى تۇمانلىق گاھى بورانلىق گاھى يامغۇرلۇق بولغانغائوخشاش ئادەممۇ ھاياتىدا غەمسىز ئىشلادىن يىراق يۈرەلمەيدىكەن,لىكىن ئۆتۈپ كەتمەيدىغان ھېچ ئىش يوق……شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى ئاسماننىڭ ئەسلى رەڭگى كۆك.
ئادەمنىڭ ئەڭ كەچۈرۈم قىلغۇسى كەلمەيدىغان كىشىلەر دەل ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ھەم ئەڭ ئامراق كىشىلىرى بولىدىكەن.
ئازاپلىنىپ تۇرۇپ قاقشاپ تۇرۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، تىللاپ تۇرۇپ، ئەسلەيدىكەن.
ئېسىڭدە چىڭ ساقلا ،قىيداش ۋە ئاداۋەتكە باھانە ئىزدەش ئورنىغا ياخشى كۆرۇش ۋە ياخشى كۆرۇلۇشكە باھانە ئىزدە.
بىردەم توختا,ئارقاڭغا قارا ۋە ئۇنۇتقانلىرىڭنى ئەسلە,يوقاتقان بولساڭ ئىزلە,رەنجىتكەن بولساڭ ئەپۇ سورا,رەنجىگەن بولساڭ ئەپۇ قىل چۇنكى بۇ ھايات بەك قىسقا !
«ئىنسانلارنىڭ ھەممسىنى رازى قىلماق تەستۇر، ھەممە ئادەمگە يارىغىدك بىر ئادەم بولماق بولسا مۇمكىن ئەمەستۇر،شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا تىرىشش ئەڭ توغرا ۋە ئاساندۇر»ئىھ ئاللاھ! مەن ئۇقىۋاتىمەن! سەن مېنىڭ سەۋرىمنى سىناۋاتىسەن..مەن چوقۇم بۇ سىناقلارغا سەۋىر قىلمەن! ماڭا سەۋىرئاتاقىلغىن.....مەن چوقۇم بۇ سىناقلارغا سەۋىر قىلمەن! ماڭا سەۋىرئاتاقىلغىن...س
..سەبىر گۈزەلدۇر، سەبىر قىلىۋاتقاندا شۈكرى قىلماق تېخىمۇ گۈزەلدۇر، ئىنسان ھەر ھالىدا سەبىر قىلسا ۋە شۈكرى قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى مۇكاپات قىلىپ بىرىدۇ.
زەھەردىن شىپا ئىزدىمە ، يۈزسىزدىن ۋاپا
بۇ خۇددى ، كالا تىزىكىدىن قىزىل گۈل ئۈنۈپ چىقىشىنى كۈتكەندەكلا بىر ئىش... قەدىرىڭنى بىلگەننىڭ ئالامچە ھۆرمىتىنى قىلىپ ئۆت،ئاللا دىلىڭغا سالغان ھەقىقى مۇھەببەت-قەدىرلىگەن ۋە قەدىرلەنگەنلەرگە مەنسۇپ،بۇ ئالەم مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل…
|