- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 715
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 16846
- يازما
- 715
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 772 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، پېقىر ئۇيغۇراندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام. 2013-يىلى چىللە ئېيىنىڭ 16-كۈنى
قەدىرلىك ئالمىزار مۇنبىرىدە كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. بۇ يەردىمۇ سىڭلىمىز ئەتىرگۈلنىڭ يەنە بىر كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم. قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ئەلكۈيى سىزدىن ئايلانسۇن ئۇكام. بىزگە ئەمدى كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى تۆكىدىغان سورۇن بار بوپتۇ.
سىڭلىم، سىزگە بىر سۆزنى ئاكىلىق مەسئۇلىيىتىم بىلەن ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ. بۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ بۇرۇنقى كۈندىلىك خاتىرىلەردەك دەرت تۆكۈدىغان سورۇن بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەخسىي دەرت - ھەسرەتلىرىمىز ئەڭ ياخشىسى شەخسىي كۈندىلىك خاتىرىمىزدە تۇرغىنى تۈزۈك. ئۆزھالنىڭ خاتىرىسىدىكى مۇنۇ سۆز يادىمدا ھەرقاچان ساقلاقلىق: ئاللاھ، مېنىڭ دەردىم بار دېمە، دەرت، مېنىڭ ئاللاھىم بار دە.
سىز خاتىرىنىڭ بېشىدىلا دەرت تۆكۈشنى باشلاپ كېتىپسىز. قەيسەر بولۇڭ سىڭلىم. ئاممىۋىي سورۇندا دەرتنى ئاشكارە قىلىش، دەرت تۆكۈش ياخشى ئەمەس. ھەممەيلەن خۇشال دەملەرگە ئورتاقلىشايلى. ئويلىغانلىرىمىزنى بۇ سورۇنغا تۆكەيلى.
باشقۇرغۇچىلار، مۇمكىن بولسا بۇ تېمىنى بېشىغىراق چىقىرىپ قويساڭلار بوپتىكەن. |
|