ھى ھى ئوماق تۆتقۇلاق سېڭلىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ،مۇشۇ كاللام نەگە كەتكەن بولغىدى ...خەپ خەپ مۇشۇ ئۇنۇتقاقلىقىم ..
ئاپپاق ،ئوماق ،ئەقىللىق سېڭلىم گۈناھىنى يۇيۇپ سىزگە ئۆزۇم بىر قوللۇق ناخشا ئېيتىپ بەرمەكچىمەن .
ناخشا ‹ چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار› ئورۇنلىغۇچى:ئەتىرگۈل
مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى:ئەتىرگۈل

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.
ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى،
بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.

ساناپ باقسام ئۇلارنى،
سانلىرىنىڭ چېكى يوق.
ئاداش بۇلاي دېسەم مەن،
كۆز قىسىدۇ گېپى يوق.

گەپ قىلساڭچۇ يۇلتۇزلار،
مەن دوستلۇققا يارامدىم.
ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا،
مېھمان بۇلۇپ بارامدىم. ھى ھى ئوماق گۈلۈم ئەمدى بىر تاتلىق كۈلۋىتىڭە ....ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن ..كۈلۈپ ياشاڭ جېنىم سېڭلىم . |