مەن ياقتۇرغان دۇردانىلەر خىيال قىلىش باشقىلار مەڭگۈ توسۇپ بولالمايدىغان ئەركىنلىكتۇر.
ئۇنتۇشنى بىلىشتە سەن ماھارەتكە ئەمەس، بەلكى تەلەيگە تايانغىنىڭ ياخشى. ھەممىدىن بەك ئۇنتۇپ كېتىشكە تېگىشلىك ئىش كۆپ ھاللاردا ھەممىدىن بەك ئەستە ساقلىنىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.
كۆز كۆرىدۇ ھەم كۆرسىتەلەيدۇ. ۋەھالەنكى، قۇلاق ئاڭلايدۇ، ئاڭلىتالمايدۇ!
بىراۋ ئورۇنسىز ماختىسا بەك زېرەك بول، ئۇ بىر تۈلكە؛ ئارقاڭدىن يامان گېپىڭنى كۆپ قىلسا ئەنسىرەپ كەتمە، ئۇ بىر توخۇ.
ئالمىنى سۇندى نىگارىم ئال دېدى، ئالما بىرلە بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى.
كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپى تىلدۇر، ئۇ خەزىنىنى ئاچقۇچى ھەم تىلدۇر.
دۇنيا ياخشى بىلەن ياماندىن خالىي ئەمەس. يامانلار ئاشكارە، ياخشىلار پىنھاندۇر.
گۈلشەندە گەرچە يۈز مىڭلىغان تىكەنلەر باشلىرىنى سوزۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن باھار يامغۇرى ھەر بىر تىكەندە گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ. پاكلىق كېچىدە يېقىلغان چىراغقا ئوخشايدۇ. چىراغ بار ئۆيگە ئوغرى كىرەلمەيدۇ. باشقىلارغا تايىنىپ قىلغان ئىشنىڭ قىممىتى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قىلغان ئىشنىڭ مىننىتى بولمايدۇ. ۋاقىت زومىگىرى سېنىڭ ھۆسنىڭدىكى گۈزەللىك خەزىنىسىگە چاڭ سالىدۇ، ھەسرەت زېمىستانى قۇندۇز چېچىڭغا قىرو باشلايدۇ. شېئىر تۇرمۇش قوينىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ؛ گۈزەل، ئوت يۈرەك قەلبتىن تۇغۇلىدۇ. ئىشنى قىلىشقا ئالدىرىماي، بىلىشكە ئالدىرا. چۈنكى بىلگەن ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن، ئەمما قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىنى تولۇق بىلدىم، دېيەلمەيسەن. |