align=center][ align=center] ئەزىز دوستلىرىمغا ئەتىرگۈلدىن سالام . بەرگىيە گۈلۈم بۇ شېئىرلار ئېسىڭىزدە بارمۇ ؟ مەن خاتىرىگە 4 پارچە رەسىم قالدۇرسام ،ھەر بىر رەسىمگە قاراپ بۇ شېئىرلارنى يىزىپ بەرگەن ئىدىڭىز شۇ چاغدا شېئىرلىرىڭىزنى ساقلىۋالغان ئىدىم ...مەن بۇ شېئىرىلىرىڭىزنى بەك ياختۇرىمەن ..ماڭا ئېسىل سوۋغات ئىدى. شۇڭا باشقا دوستلارنىمۇ كۆرۇپ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن ۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇشنى توغرا كۆردۇم ..قالغان شېئىرلىرىڭىزنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەرگە پۇتۇپ قوياي. رامزان كۈنلىرىڭىزگە خوشاللىق ، خاتىرجەملىكلەر تىلەيمەن ، سىزگە ئامراقمەن ھى ھى
قولۇڭنى بەر سۆيگۈڭنى بەر
قولۇڭنى بەر ،قولۇڭنى بەر كىتەيلى بىز،
سېنى دىدىم ،سىنى دەپ كەلدىم يىراقتىن.
سۈرەن سىلىپ، بورانلاردەك ھەم زارىقىپ،
سۆيۈنۈپ كەلدىم ،سۆيۈپ كەلدىم ئۇزاقتىن.
ئىككىلەنمەي چىقايلى تاغ چوققىسىغا،
بار ئالەمگە چاقنايلى ئاي-زۆھىرە بوپ.
مۇھەببەتنىڭ ئۇۋلىرىغا پۇركۈيلى،
كۆكسىمىزنى ساپ ھاۋاغا تولدۇرۇپ.
قولۇڭنى بەر ،بەر سۆيگۈڭنى ئالەمگە،
مۇزدەك سوغۇق كېچىلەردىن يىراق تۇر.
قولۇڭنى بەر، بەر كۆڭلۇڭنى ،يۈرىكىڭنى،
ئېقىپ كېرسۇن خىرۇستالدەك سۈزۈك نۇر.[/ color]
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-17 14:59):
يازمىنى تەھرىرلەش ھۇقۇقى يوق ئىكەن .. تەھرىرلىيەلمىدىم ھى ھى[/color] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-17 17:56
|