ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۇيى مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ئاللاھنىڭ سالىمى سىزلەرگەبولسۇن .
دوستۇڭلار ئەتتىرگۈلدىن بارلىق ئەزىزلىرىمگە ئوتلۇق سالام. ئۇلۇغ خاسيەتلىك رامزان كۈنلىرىدە تورداشلىرىمنىڭ كۆڭۇل ھۇزۇرىغا ئاۋۋال دوستلۇق ھەققىدىكى دۇردانىلەرنى سۇندۇم. 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«دۇرۇس ۋە ئوچۇق كۆڭۈلۈك ئىنسانلار بىلەن قېرىنداش بولۇڭلاركى ئۇنداق كىشىلەر خوشال كۈنلىرىڭلاردا سىلەرگە زىننەت، چۈشكۈنلىككە چۈشكەن كۈنلىرىڭلاردا سېنى ۋە سېنىڭ ئار- نومۇسىڭنى قوغدىغۇچى بولسۇن.»
يەنە بىر ھەدىستە يەنە مۇنداق دېدى: «كىشى سادىق دوستى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارغا نائىل بولىدۇ. سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقنى ئويلىغىنىڭدا سېنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق ئويلىمىغان دوستتا خەيرىلىك يوقتۇر.»
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
دوستلار بىلەن كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىش غەم ۋە دەرتلەرنى قەلبتىن چىقارغۇچى شىپادۇر، دېگەنىدى.
ئىبنى مۇئاز رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
بىر قېرىنداشقا ئېرىشكەن ئادەم مۇسىبەتلىك ۋاقىتلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. موھتاج ۋە قاتتىق كۈنلەر ئۈچۈن تەييارلىغان مۈلۈكنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋاپادار دوستتۇر.
بىر شائىر بولسا:
ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرى ناھايىتىمۇ كۆپ، مېنىڭ ئەمەلىم ياخشى بىر دوستقا ئېرىشىشتۇر، ئۇ شۇنداق بىر دوستتكى خۇددى بىر روھ ئىككىگە پارچىلىنىپ ئىككى جەسەتكە تەقسىم قىلىنغاندەك پىكىر ۋە ھەرىكەتلەردە بىر- بىرىمىزگە ھەمدەم بولىدىغان دوستتۇر، دېگەنكەن.
دوستلۇق ھاياتلىقتىكى چىراغقا ئوخشايدۇ. سىز ئىللىقلىققا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. دوستلىشىپ ئۆتكەن كۈنلەر ناھايىتى ئاسانلا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.بىز قىممەتلىك دوستلۇققا مۇھتاج.
بۇنداق ھېسيات ھېچنىمىگە تايانمايدۇ، ھېچنىمىنى تەمە قىلمايدۇ، ئۇ ساپ ھەم مېھرىبان كېلىدۇ. 
ئالدىراش ۋاقىتلاردا دوستىڭىزنىڭ ئەھۋال سوراپ، بەخت تىلەپ يوللىغان قىسقا ئۇچۇرلىرى سىزگە ناھايتتى زور ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. غۇربەتچىلىك كۈنلەردە دوستىڭىز ئاددىيغىنە ھەرىكىتى ئارقىلىق سىرگە ئاجايىپ زور ياردەملەرنى بىرىدۇ.

يىللار دېڭىزغا ئوخشايدۇ. دوستلۇق مېھرى كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ئەگىرى-توقاي مۇساپىسىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشىڭىزلاردىن، قانداق ئازاب چەككەنلىكىڭىزدىن قەتئىينەزەر ، سىزنىڭ ھەقىقى دوستلىرىڭىز ھامان ئەڭ جاپالىق چاغلىرىڭىزدا جەزمەن دەردىڭىزگە دەرمان بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دوستلىرىڭىزغا چىن كۆڭلىڭىزدىن رەھمەت ئېيتىڭ!
ئەلكۇيدىكى ئەزىز دوستلارنىڭ مۇنبەردە ئۆتكەن كۈنلىرىدىن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى قايغۇلىرىنى ،خوشاللىقلىرىنى ،دوستلىرىغا كۆڭۇل سۆزلىرىنى مۇنبەردىكى نادىر تېمىلار ھەققىدە، ۋە مۇنبىرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالارغا كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز ،ئۈزلۈكسىز قالدۇرۇپ مېڭىشى ئۈچۈن بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم
قېنى ئەمسە بىرلىكتە باشلايلى!
(بىر نەچچە يىلدىن كېيىن شۇ ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرگەندە، شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقلىرىڭىز ۋە قايغۇلىرىڭىزنى قايتىدىن ئەسلىپ، شېرىن ھېسلارغا ۋە ئاچچىق تۇيغۇلارغا چۆكەمسىز تېخى)
يىلى xx ئاينىڭ xx كۈنى
مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن مەزمۇن
ئەسكەرتىش :
كۈندىلىك خاتىرە يازغاندا شەكىلگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.ۋاقىت ۋە نامىڭىزنى يېزىشنى ئۇنۇتماڭ!
 ئاخىردا بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە خوشاللىق،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .ئۇلۇغ ئاللاھ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلارنى راۋان قىلىپ ،ئىشلىرىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلغاي! 
ئىكران ئالدىدا :ئەتىرگۈل
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-13 17:48):
تېمىنى تەستىقلاشنى مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ،ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ قويساڭل |