- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 73
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- UID
- 2574
- يازما
- 73
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- توردا
- 2 سائەت
|
دۇككاندا ئولتۇردۇم. ئىشلىرىمنى تۈزۈك قىلمايدىغان ، دۇككاننى بالدۇر تاقاپ قايتىدىغان بولىۋالدىم. ھازىرمۇ مانا سائەت ئالتە بولماستىنلا دۇككاننى تاقاپ قويۇپ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.
ئۆيگە كېلىپلا يەنە شۇ خىيال، يەنە شۇ ئويلىنىش بىلەن ۋاختىمنى ئۆتكۈزىمەن. ئالىم بولسا بىر ياندا ئولتۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارنى دەيدەيگە سېپ قويۇپ مېنى بىئارام قىلىپ يۈرۈيدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەت تامامەن ئالىمغا پايدىلىق. كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ. مەن بولسام گۈلچېھرەگە تەسەللى بېرىشتىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشتىن باشقا ئىش قىلالماي يۈرۈيمەن.
يەنە شۇنداق بولسىمۇ گۈلچېھرەنىڭ كۆڭلىنى ياساشتىن باشقا ئىش قىلالمايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ ئۆز ئۆزۈمگە دائىم تەسەللى بېرىپ تۇرىمەن.
ئالىمنىڭ يەنە قانداق ئويۇنلىرى بار ئۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. پەقەت پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بىراق ئۇ ئويۇننى قايسى خىل شەكىلدە ئوينايدۇ. بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ئالىم بۇنى بىر ئويۇن دەپ بىلدى. يەنە مېنى قىينايدىغان، مېنى ئازاپلايدىغان بىر ئويۇن دەپ بىلدى. بىراق بۇ ئويۇننى ئوينىغۇچى بىر تەرەپنىڭ يەنى مېنىڭ بۇ ئويۇننىڭ مېنىڭ بارلىقىم ، ھاياتىم ئىدى. ئالىم بۇ ئويۇندا ئۆزىنىڭ پەرەزلىرىنى، ئۆزىنىڭ پوچىلىقىنى، ئۆزىنىڭ ماڭغان يولىنىڭ ھەممىسى توغرا دەيدىغان كۆرەڭلىكىنى دوغا تىكتى. ئەگەر ئۇ ئۇتتۇرۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ پەقەت ھەيۋېسى، كۆرەڭلىكى سۇنىدۇ. بىراق مەن ئۇتتۇرۇپ قالسامچۇ..؟
مېنىڭ بارلىقىم، بارلىق مۇھەببتىم، بۇ ھاياتتىكى ئارزۇ ئارمانلىرىم، ھاياتقا مەنا ئاتا قىلىشتىكى ئۈمۈدۈم ھەممىسى بەربات بولىدۇ. ئەگەر مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام بىر تىرىك مۇردا ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن .ئالىم بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. گۈلچېھرەنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى، مېنىڭ ئاغزىمدىم، گۈلچېھرەنىڭ ئاغزىدىن، ئاچىسىنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ ئالىم دۈشمەنلىشىپ قىلغانلىرىمدىن ئالىم بۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ قانچە بىلگەنسىرى تېخىمۇ ئەۋزەيلىگىلى تۇردى. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ئالىم ئەزەلدىن بىرسىدىن يېڭىلىپ قېلىشىنى خالىمايدىغان ، كۆرەڭلىك قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، يېڭىش ئۈچۈن يول تاللىمايدىغان ،ئەقىللىق بىر ئادەم. ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن بۇنى بىلمەك تەس ئەمەس. ھەم چوقۇم شۇنداق دەپ كېسىپ ھۆكۈم چىقىرىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ قويۇپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك، داغۋازلىق ئېڭىنى قوزغۇتۇپ قويۇپ تېخى شۇ ئارقىلىق گۈلچېھرەنىڭ ئىدىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسۈتۈشنى پىلانلاپ بولدى. ئۇنى بىرىنجى مەقسىتى گۈلچېھرە بىلەن ئارىمىزغا سوغاقچىلىق سېلىش، ئارىمىزغا بىر ئارلىق پەيدا قىلىش، ئاندىن ئۆزى مەيدانغا چۈشۈش.
ئۇ پىللاننى تۈزۈپ قويۇۋاتىدۇ. مەن بولسام ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلساممۇ يەنىلا گۈلچېھرەگە تەسەللى بېرىشتىن باشقىنى قىلالمايۋاتىمەن.
گۈلچېھرەنىڭ كىچىك بالىغا ئوخشاش ، بەكمۇ نازۇك بولىشى، قورقۇنچاق بولىشى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەمدى كىنودىن بىرنى قويۇپ قويدۇم. سائەت ئون ئىككىگىچە كىنو كۆرۈپ ئۇيقۇمنى قاچۇرۇپ گۈلچېھرە ئىشتىن چۈشىشىگە تېلفۇن قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈتتۈم. گۈلچېھرە ئىشتىن چۈشۈشىگە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ سۆزلىشىپ قويمىسام ئۇ مەن كەچتە ئىشتىن چۈشسەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا تېلفۇنمۇ قىپ قويمىدى دەپ مەندىن ئاغرىنىپ يۈرىشى تۇرغانلا گەپ.
كىنو كۆرۈپ ئولتۇردۇم. كىنوغا قاراپ كىنودىكى سۈرەتلەر بىلەن كاللامدىكى خىياللار بىرلىشپ چالا ئۇيقىغا كېتىپتىمەن. بىر ۋاقىتتا ئېسىمنى يىغىپ قارىسام سائەت دەل ئون ئىككىدىن ئەمدى ئاشقىلى تۇرۇپتۇ. گۈلچېھرەگە دەرھال تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي، ئىشتىن چۈشتىڭمۇ ئۇمىقىم.
- ھە، ئىشتىن چۈشتۈم.
- ئۆزۈڭ يالغۇزمۇ يە..؟
-بىر دوستۇم بىلەن بىللە.
-ھامماڭنىڭ ئۆيىگە ئۆزۈڭ يالغۇز كىرەلەمسەن.
- ياق ھاممانىڭكىگە كىرمەيدىغان بوپ قالدىم. بىر دوستۇم بار ئىدى. بۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق ئىكەن شۇ يەرگە بېرىپ قونىدىغان بولدۇم. سىز ئەنسىرىمەڭ ، خاتىرجەم ئۇخلاۋېرىڭ . ئەتە كۆرىشەرمىز.
- مەيلى ئەمىسە ئۇماق، يولدا ئاۋايلاپ مېڭىڭلار. ئۇ دوستۇڭنىڭ ئۆيى يېقىن يەردىمىكەن.
-ھە، يېقىن يەردە. سىز ئەنسىرىمەڭ بولدى.
ماقۇل ئەمىسە ياخشى بارلدۇر بېرىپ ياخشى ئارام ئالغىن ئۇماق. ئەتىگىچە كۆرىشەرمىز.
تېلفۇننى قويۇپ ئەمدى ئۇيقىغا كەتتىم. يەنە كۈندىكىگە ئوخشاش ئەتىگەندە يەنە كۈندىكىگە ئوخشاش چېيىمنى ئىچىپ ئىشىمغا ماڭدىم.دۇككانغا بېرىپ گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلدىم.
سائەت ئونلار ئەتراپىدا كۆرىشىدىغان بولدۇق. دۇككاننى تاقاپ قويۇپ گۈلچېھرە بىلەن كۆرىشىش ئۈچۈن يەنە بۇرۇنقى جايغا باردىم.
گۈلچېھرە بۇدا مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ چىرايى يەنە سۇلغۇن تۇراتتى. يەنە نىمە بولغاندۇ دېدىم.ھازىر گۈلچېھرەنىڭ سۇلغۇن ھالىتىنى كۆرسەملا يۈرەكلىرى سالىدىغان بوپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر نىمىلەردىندۇر قورقۇپ، كىملەرنىڭدۇر گەپلىرىگە ئىشىنىپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشىنى ئاندىن مېنى بىسەرەمجان قىلىشىنى خالىمايمەن.
يەنە نىمە بولدۇڭ ئۇماق دەپ گەپ باشلىدىم.
- تۈنۈگۈن گۇلنۇر دىگەن دوستۇمنىڭكىدە قونغان ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ چىقتۇق.
- ئۇ دوستۇڭ بىلەن نىمىلەرنى دېيىشتىڭلار..؟
ئەمدى يەنە بۇ دوستىنىڭ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ گەپلىرىنىڭ گۈلچېھرەگە يەنە تەسىر قىلغانلىقىنى بايقىدىم. گۈلچېھرە ئەزەلدىن ماڭا ئۆزىگە تەسىر قىلمىغان ئىشلارنى، پاراڭلارنى ئىنچىكىلەپ دەپ بەرمەيتى. گۈلچېھرە ئالدىرىماي يەنە سۆزلەۋاتاتتى.
- دوستۇمنىڭ مۇھەببىتى بىر كىچىك يەككە تىجارەتچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيدىكىللىرى ئۇنىڭ ئۇ ئىشىنى بىلىپ قېلىپ قارشى چىقىپتۇ. دوستۇم ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. دوستۇمنىڭ ئۇ مۇھەببىتى ئايرىلىپ كەتمەيمىز دىگەن بولسىمۇ دوستۇم ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى.يەنە بەرىبىر بىز دىگەن ھۆكۈمەت كادىرى بولغاندىكىن ئۇنىڭ بىلەن ماس كەلمەيمەن. ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم شۇ دەيدۇ.
ئەمىسە ئايرىلىپ كېتىدىغان ئادەم نىمىشقا يۈرگەن دىسەم كىم بىلىدۇ. بۇنداق ياشلىقتا يۈرۈپ قويۇش دىگەن بوپ قالىدۇ . مانا ئايرىلىپ كەتتۇق ھېچ ئىش بولغىنى يوق دەيدۇ.
ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىسا، ئۇلار ئىككىڭلارنىڭ شارائىتىمۇ ماس كەلمىسە توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇنداق ئۆي تۇتقاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ دەيدۇ. چوقۇم ھۆكۈمەت كادىرى دىگەن ھۆكۈمەت كادىرى بىلەن توي قىلىشى كېرەك، تىجارەتچى تىجارەتچى بىلەن توي قىلىشى، دېھقان دېھقان بىلەن توي قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ھامان ئىككى تەرەپ ئوتترىسىدا سۈركىلىشلەر بولىدۇ. چوڭلار ئارىسىدا بۇنداق سۈركىلىش تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىشلار بىزگە تەسىر قىلىدۇدە تۈزۈك ئۆي تۇتقىلىمۇ بولمايدۇ.
ئەە شۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلىشتۇق.
- ئۇ دوستۇم بۇرۇن ئۇ مۇھەببىتى بىلەن شۇنداق چىرايلىق گەپلەرنى قىلىشىتى، خۇددى بىزگە ئوخشاش ۋاي جېنىم، تاتلىقىم دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشاتتى. ئەمدى بولغاندا بىردەمنىڭ ئارلىقىدا ئايرىلىپ بوپتۇ.
گۈلچېھرە ئۇ گەپلەرنى دەپ بوپ يەنە بىر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ماڭا دوستىنىڭ ئۆزىگە دىگەن يەنە بەزى گەپلىرىنى دىيەلمىگەنلىكى، يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى.
پەرىزىمچە ئۇ دوستى گۈلچېھرەنى دەل مەندەك قىلغىن ، ماڭا ئوخشاش ئايرىلىپ كەتكىن ئاندىن ھەممە ئىشلاردىن قۇتۇلىسەن بۇ باش ئاغرىقچىللىرىدىن قۇتۇلىسەن دىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم،ئەمدى ئۇنىڭغا بۇ دوستىنىڭ گەپلىرىمۇ تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. بىر قورقۇنچاق قىزنى تېخىدىنمۇ قورقۇتۇپ ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى ئۇنىڭغا خاتا قىلىپ كۆرسىتىپ نىيىتىدىن ياندۇرماقچى بولغان بۇ مەلئۇنلارغا غەزەپ نەپرەتلىرىم تۇتۇپ تۇراتتى.
ھازىر گۈلچېھرەنىڭ دوستىدەك مۇشۇنداق شەكىلگىلا مۇھەببەتلىشىپ قويىدىغان بالىلار كۆپ.
بۇلار مۇھەببەتلەشكەن بىراق ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان. بىر-بىرى بىلەن كېيىنكى كۈنلىرى، قانداق قىلىش توغرۇلۇق ھېچقانداق غايە پىلانلىرىمۇ يوق، ئۇلار ھەتتا بىر-بىرسىنى تۈزۈكمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. پەقەت شەكىلگىلا يۈرۈيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاغزىدا لېكىن شۇنداق چىرايلىق گەپلەر بار. ھەتتا گۈلچېھرە بىلەن ئىككىمىزمۇ دېيىشمەيدىغان گەپلەرنى ۋەدىلەرنى بىر-بىرسىگە بېرىشىدۇ. بىراق ئاخىرىدا كىچىككىنە بىر ئىش بولىشىغىلا شۇ ئىشنىڭ بولىشىنى قانچە ۋاقىتتىن بېرى ساقلاپ كەلگەندەك بۇرۇنقى ۋەدىللىرى، كۈنلىرى، ھېچنىمە بىلەن ھېساپلاشماي ئايرىلىپ كېتىدۇ. ھەتتا بۇ قىلغىنىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىپ بېرىپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق شەكىلگە يۈرۈش جەريانىنى بەلكىم بىر قانچە سەۋەپلەردىن ئىزدىشىمىز مۇمكىن.،
بىرى ئۇلار پەقەت ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈنلا شەكىلگە مۇھەببەتلىشىپ قويدىغانلار، ئۇلار مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ، مۇھەببەتنى پەقەت بىر ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپ قالىدىغان ئىنسانلار، يەنە يۈرىكىدە ئەزەلدىن مۇھەببەت بوپ باقمىغان ئىنسانلار ، بەلكىم بۇنداق دىسەم يۈرىكىدە مۇھەببەتنىڭ ئۇچقۇندىسى بولمايدىغان ئادەملەرمۇ بار بولامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. توغرا شۇنداق ئادەملەرمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە، يۈرىكىدە مۇھەببەتتىن ئەسەرمۇ يوق. بار دېيىلگەندىمۇ ئۇ مۇھەببەت قەلبىدىكى سېسپ كەتكەن شۆھرەتپەرەسلىك، داغۋازلىق، ساختىپەزلىك، شەكىلۋازلىق ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن خىزمەت قىلىدۇ. پەقەت شەكىلگىلا باشقىلارغا مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغاندەك، مۇھەببەتنى سۆيىدىغاندەك قىلىپ كۆرىنىدۇ. ئۇلار شۇنداق شۆھرەتپەرەش ئىنسانلاركى ئۇلارنى ھەقىقى چۈشەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇلاردىن شۇنداق يىرگىنىپ كېتىسىز، ئۇلار مۇشۇ مۇھەببەتتىن ئۆزىگە شۆھرەتپەرەشلىك ئىزدەيدۇ. قىزلار بولسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا مۇھەببىتىم بار دىگەندەك قىلىپ،بىرسى-بىرسى بىلەن بەس سېلىشىپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار مۇھەببەتنى ئۆزىنى باشقىلارغا ياخشىراق، مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان ئىنساندەك قىلىپ كۆرسىتىشكىتى بىر قورال قىلىۋالىدۇ. يەنە ئاخىرىدا ئەشۇ مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ يەنە ئۆزىنى شۇنداق ئەقىللىق ، ئىش ئۇقىدىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. بۇنداق مۇھەببەتنى ئۆزىگە قورال قىلىپ شۆھرەتپەرەشلىك تەمەسىدە بولىدىغان ئىنسانلار شۇنداق كۆپ.
گۈلچېھرەگە يەنە نىمە دېيىشىم كېرەك. كۈندە ئوخشاش. گۈلچېھرەگە ئوخشاشلا بىر خىل يوسۇندا تەسەللى بېرىمەن. بىراق گۈلچېھرە بۇنى سەزمەيدۇ. غېنى ماڭا ئەسكەرتكىنىدەك بۈگۈن بۇ يەردىن يېنىپ چىقىپ گۈلچېھرەنى بىر يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىش مەقسىتىم بار ئىدى. بىراق يەنە گۈلچېھرەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۆزۈمگە گۈلچېھرەگە بولغان مۇھەببىتىمنى باشقىچە ئىپادىلەيمەن دېگەنلىرىم يەنە يوقاپ كەتتى.
ئۇ دوستۇڭ ساڭا نىمىشقا ئۇ گەپلەرنى قىلىدىكەن دېدىم ئاخىرى ئىچىم سىقىلىپ.
گۈلچېھرە يەنە ئاستا سۆزلىگىلى تۇردى.
- ئالىمنى ئۇ دوستۇممۇ تونۇيدىكەن، شۇڭا شۇنداق دەپتۇ.
- ئىشنىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىدىكەندە، ئۇ دوستىنىڭمۇ نىمشىقا بۇنداق ئەۋزەيلەپ كەتتىكىن دېسەم ئۇمۇ ئالىمنى تونۇيدىكەن دېگىن. ئۇ ئالىمنى قانداقسىگە تونۇيدىكەن.
- ئالىم ئۆتكەندە بىر قانچە قېتىم بۇ يەرگە مېنى ئىزدەپ كەلگەن ۋاقتىدا تونۇشۇپ قاپتىكەن. ئالىم دوستۇمنى ئىزدەپ تونۇشۇپتىكەن.
- بۇدا يەنە دوستۇڭنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا بىر نىمىلەرنى دەپتىمۇ ياكى ئاچاڭنى مېھمان قىلغانغا ئوخشاش ئۇ دوستۇڭنىمۇ مېھمان قىپتىمۇ..؟
- مەن بىلمەيمەن. بۇنى سوراپ باقماپتىمەن. ئۇنى ئۆزىمۇ دەپ بەرمىدى. ئۇمۇ ئالىمنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنى ياخشى بالىكەن،پۇلى بار ئىكەن، ماشىنىسى بار ئىكەن، ئۆزىمۇ خېلى چىرايلىق بالىكەن دەپ ماختاپ كەتتى.
ئالىمنىڭ بۇ گۇلنۇر دىگەن دوستى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ھەتتا گۈلچېھرەنىڭ دوستى بىلەنمۇ كۆرىشىپ گۈلچېھرە تونۇيدىغان يېقىن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ پۇلى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى شۇلار ئارقىلىق دەي دەيگە سېلىپ ئاندىن گۈلچېھرەنى تېخىمۇ قورقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكۈزۈپ گۈلچېھرەنى مەندىن يىراقلاتقۇزماقچى بولغانلىقى ئەمدى تېخىمۇ ئېنىق بولىۋاتقان ئىدى.
ئىشلار يەنىلا ئوخشاش مېنىڭ پەرىزىمدىكىدەك بولىۋتاتتى. پەرەزلىرىم قانچە رېئاللىققا ئايلانغانسىرى مەن بۇ ئادەملەرگە شۇنداق ئۆچ بوپ كېتىپ باراتتىم. ئىشقىلىپ گۈلچېھرەنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئادەملەرگە ئۆچ بوپ كېتىپ باراتتىم.
بىر گۈلچېھرەگە بولغان مۇھەببىتىم ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسىگە بولغان تونۇشۇم بارا-بارا ئۆزگەردى. ئەقلىم گۈلچېھرەدىن باشقا ھەممىسىنى دۈشمەن ئورنىدا تۇرۇپ سوغاققان مۇئامىلە قىلىشقا قىستايتى. غەزىپىم ئۇلارنىڭ ئەشۇ چىرايلىرىنى پەس، مەلئۇنلارغا خاس بىر شەكىلگە ئەكىلىپ كۆرسىتەتتى.
داۋامى بار... |
|