- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 73
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- UID
- 2574
- يازما
- 73
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- توردا
- 2 سائەت
|
دۇككانغا كېلىپ يەنە ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم. چۈشتىن يەنە كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. چۈشتىن كېيىن ھېچكىم تېلفۇن قىلمىدى، ئادەتتە تولا تېلفۇن سايراپ تۇرىدىغان ۋاقىتتا تېلفۇن كەلمىسە ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن. مەن ھېچكىمنىڭ ئېسىگە كەلمەيۋاتقاندىمەنمۇ دەپ قالدىم. ئىشلىرىمنى ئاستا قىلساممۇ ئىشقىلىپ شۇنداق تەستە چۈشتىن كېيىننى ئۆتكۈزدۈم. سائەت ئالتە بولىشىغا قارىمايلا دۇككاننى تاقاپ ئىشتىن چۈشتۈم.قەيەرگە بېرىشىمنى بىلمەي يولدا ئۇ يان بۇيانغا قاراپ ماڭدىم. كۆڭلۈمدەبىر غەشلىك بار. گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكىدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم، ئەنسىرەپلا تۇرىمەن. گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسىنىڭ يەنە ئۇنىڭغا قانداق گەپلەرنى قىلىشىنى، ئۇنى يەنە قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ گېپىگە كىرگۈزۈشنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ئاددى تۇرمۇشۇمنىڭ خاتىرجەم ئۆتىشىنىلا تىلەيتىم. ھېچكىمدىن بىرەر نەرسىنى تالاشماي ئۆزۈم تاپقان خۇشاللىتقتىن ئۆزۈمنى بەزلەپ ياشايمەن دەپ يۈرگەن ئاددى ئىنسان ئىدىم. بۇ ئاددى تۇرمۇشتىمۇ خاتىرجەم بولغىلى بولمايۋاتتى. مېنىڭمۇ گۈزەل ئارزۇلىرىم، غايىللىرىم بار ئىدى. باشقىلاردىن بىرەر نەرسىنى تالىشىپ كېتىمەن دىمىسەممۇ تالاشقۇدەك بولسا تالىشىمەن دەپ ئويلايتىم. بىراق گۈلچېھرە بىلەن يۈرگەندىن باشلاپ بۇ ئارزۇلىرىم، غايىللىرىم بارا-بارا يوقاپ كەتكىلى تۇرغان ئىدى. دۇنيادىكى گۈزەللىكنىڭ گۈلچېھرە ئۆزىگە مۇجەسسەملىۋالغاندەك، مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مەنىلىك بولۇش، بولماسلىقى گۈلچېھرەگە باغلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا مەن ئۇ ئارزۇلىرىمدىن غايىللىرىمدىن ۋاس كەچكەن ئىدىم. گۈلچېھرەنى ئېلىپ ، تۇرمۇشۇم نورمال ئۆتۈپ بەرسىلا بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى. ھېچقانداق داڭلىق ئادەم بولۇشنى، بىرەر ئىشلارنى تەۋرىتېۋېتىشنىمۇ ئويلىمىغان ئىدىم. بىراق ھازىر بولسا مۇشۇ كىچىككىنا ئارزۇيۇمغىمۇ يېتەلمەي، ماڭدامدا بىر توساققا يولۇقۇپ قېلىۋاتقان ئىدىم. بۇ ئىشلار ئىچىمنى شۇنداق لەرزىگە سالاتتى. بۇ ئارزۇيۇمغا يەتمەي قويمايمەن، قانچىلىغان ئارزۇلىرىمدىن ۋاز كېچىپ ئەمدى مۇشۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يېتەلمەي ياشاش نىمە دىگەن ئازاپ ھە..
شۇنداق خىياللارنى قىلغاچ غېنىنىڭ دۇككىنى بار يولغا كېلىپ قاپتىمەن. بۈگۈن گۈلچېھرە تېلفۇن قىلالمايدىغان بولغان ئىكەن،دوستۇم بىلەن بىرەر قۇر ئولتۇرۇپ كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزاي دېگىنىمچە غېنىنىڭ دۇككىنى قاراپ ماڭدىم. غېنىنىڭ دۇككىنىغا كىرسەم غېنى ئولتۇرۇپتۇ، كىرىشىمگە چىرايىمغا بىر قاراپلا گەپ باشلىدى.
- ھە، ئاداش، بۈگۈن ئەھۋالىڭ تازا ياخشى ئەمەسقۇ، چىرايىڭ بىر قىسمىلا تۇرىدۇ. يەنە بىر ئىش بولمىغاندۇ..؟
- ياق، ھېچ ئىش بولغىنى يوق. بۈگۈن سەل ئىچىم سىقىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سەن بىلەن ئازراق ھال مۇڭ بولىشاي دەپ كەلگەن ئىدىم.
- ھە ماقۇل، ئازراق توختاپ تۇر ئەمىسە مەن ھازىرلا دۇككاننى تاقاي ئەمىسە، بۈگۈن بىر ئولتۇرۇپ كېلەيلى ، ئولتۇرمىغىلىمۇ خېلى كۈنلەر بوپ قاپتۇ. غېنى شۇنداق دىگىنىچە دۇككىنىنى تاقاپ ئىشتىن چۈشتى. ئۇ يەردىن چىقىپ شەھەردىكى بىر توخۇ قورۇمىخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردۇق.
- ھە، ئاداش باشقا باللارنىمۇ توۋلىمايلىمۇ، بىللە ئولتۇرايلى. دەپ گەپ قىلدى غېنى.
- بولدى ئاداش، بۈگۈن ئىككىمىز ئولتۇرايلى. باشقا بالىلار بىلەن كېيىن ئولتىرىۋالارمىز.
- بوپتۇ ئەمىسە، بۈگۈن مەن بىلەن تازا بىر ھال مۇڭ بولىشاي دەپسەندە ، قانداق گەپلىرىڭ بولسا قىلىۋەر جۇما ئەمىسە، ئىشلار دىگەننى توغرىلايمىز، دەردىڭەە دەرمان بولۇپ بېرىمەن. سەن بىلەن يالغۇز بىر سوقۇشتۇراي بۈگۈن. پەيلىڭ ياماندەك تۇرىدۇ.
-چاتاق يوق.
شۇنداق ديىشكەچ يەنە شۇ بۇرۇنقى ئادەت بويىچە پىۋىدىن تۆت بوتۇلكا، سەيدىن ئىككى ئىككى ئۈچ خىلنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇردۇق. پىۋىدىن ئىككى ئۈچ رومكىنى سوقۇشتۇرۇپ ئىچتۇق. . ئىككىمىز بولغاچ، ئازراقلا تەڭشىلىۋالغاچقا غېنى بىلەن ئېغىر بېسىق پاراڭلىششقا چۈشتۈق. غېنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن كويزىدا قسىتۇرۇپ يىگەچ گەپ باشلىدى،
-نىمە بولدۇڭ ئاداش، يەنەبىر ئىش بولدىما، كۆڭلۈڭ يېرىم تۇرىدۇ. نىمىلەرگە ئىچىڭ سىقىلىپ كەتتى..؟
- نىمىلەرگە ئىچىم سىقىلاتتى. ئالىم دىگەن ھارىمى تاياق يىگەن بىلەنلا بولدى قىلمايدىغان ئوخشايدۇ ئاداش، تېلفۇن قىپتىكەن مەن بولدى قىلمايمەن، گۈلچېھرەنى سەندىن چوقۇم تارتىۋالىمەن دەيدۇ.
غېنىنىڭ يەنە ئاچچىغى كەلدى.
- ئۇ يەنە شۇنداق دەمدۇ، ئۇنىڭ ئەدىپىنى يەنە بېرەيلى بولمىسا،ئۇ ھاراملىقنىڭ بىرەر يېرىنى سۇندۇرپ تاشلىساق بوپتىكەن ئەسلى، شۇنداق بولغاندا چۈچۈيتى ئۇ.
- ياق، ئاداش ، ئەمدى ئۇرۇرۇش بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بوپ قالدى.
- ئەمىسە نىمە بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، نىمىشقا بۇنچە ئەنسىرەپ كەتتىڭ..؟
- نىمىشقا ئەنسىرىمەيتىم، گۈلچېھرەنىڭ ئۆيىدىكىللىرىنى بىلىسەن، ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا تازا قوشالماي كېلىۋاتقان ئىدى. ئالىم دىگەن ھارىمى بۇ پۇرسەتنى تۇتىۋېلىپ گۈلچېھرەنىڭ ئۆيدىكىللىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتاي دىگەن چېغى، مانا ئاداش ئىشلار مۇشۇنداق بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. غېنى گەپلىرىمگە تېخىمۇ قىززىققان پېتى يەنە گەپلەرنى قىلىۋاتتى.
- ئالىم گۈلچېھرەنىڭ ئۆيدىكىللىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دە. ئۇ خېلى يامان نىمىكەن ھە، قەيەردىن ھۇجۇم باشلاشنى بىلىدىكەن.
- ھە شۇنداق ئىكەن ئاداش، ھازىر ھەممىدىم مۇھىمى پۇل بولۇپ قالدى. گۈلچېھرەنىڭ ئۆيدىكىللىرى ئۇنى پۇلى بار، ئىقتىسادى ياخشى بىرسىگە بېرىمەن دەپ ئاران تۇرىدۇ.ئالىم دىگەن ھارىمى ئوتترىغا چىقسا ئۇلارنىڭ قۇلىقى ئاغزىغا تاقاپ قالارمۇ دەپ ئويلايمەن.
- ئۇلار نىمە دىسە بەرىبىر، ھەممە گەپ گۈلچېھرەدە ئەمەسمۇ ئاداش.
- شۇ گۈلچېھرەنى سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ بەك قورقۇنچاق ساددا، كىم نىمە دىسە ئىشىنىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيدىكىللىرى ئۇنىڭغا مېنى يامان قىلىپ گەپ قىلسىمۇ ئىشىنىدۇ، ئۇنى قورقۇتۇپ قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ دىگەن يولىغا ماڭغۇزۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
- سېنىڭ ئىشلىرىڭمۇ تازا تەسلىشىپ كېتىپ بارامدۇ نىمە..؟ ھەر قانچە قورقۇتسىمۇ ساڭا تۇرىمەن دەر ئۇ..
- گۈلچېھرەنى مەن چۈشىنىمەن. ئۇ قورقۇپ كەتسىلا قانداق قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ. قايسى تەرەپ قورقۇنۇشلۇقتەك بىلىنىپ كەتسە ئۇ يولدا ماڭمايدۇ، شۇڭا ئەنسىرەيمەن.
- يامان بولمسىا ئاقىچىپلا كېتەرسەن يا ئاداش..
- ئۇنداق قىلسام ئۇ ئۆلىۋالىدىكەن. ئۆلىۋالمىسمۇ ساراڭ بوپ كېتىدۇ ئۇ..
غېنى گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچى سىقىلدى بولغاي،
-يائاللا سېنىڭ ئىشلىرىڭ نىمانداق مۇرەككەپ بوپ كەتتى. بولدى ھەمەم ئىشلار بارا-بارا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنداق كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بولدى. گۈلچېھرەنى ھەرگى ئالىمغا تارىتقۇزۇپ قويمايسەن، مەن ساڭا ئىشىنىمەن . بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز، بولدى ئۇنداق كۆپ كاللاڭغا ئېلىىۋالما، ھازىرلا گۈلچېھرەدىن ئايرىلىپ كەتكەنددەك قىلىپ كەتمە،ساڭا بۇ ئىشلاردىنمۇ كۆپ ئىشلار بار تېخى، ئىشلار ئۆزلىكىدىن ھەل بوپ كېتىدۇ. ئۇنداق بېشىڭنى ئاغرىتما بولدى ماۋۇ رومكىدىكى پىۋېنى ئىچىۋەت .
- ھە شۇنى دىيە، سەن بار يەردىمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ ئولتۇرىشىمىزنى ئولتۇرۇش قىلمايدىغان بولدۇم. سەن دىگەندەك ھەممە ئىشلار ھەل بولۇپ كېتەر. كېلە ئىككىمىزنىڭ يېڭى پاراڭلىرى ئۈچۈن سوقۇشتۇرۇپ قوياي.
غېنى دوستۇم بىلەن قىزلار، دۇنيا، كېيىنلىكىمىز، ھازىرقى ئىشلىرىمىز توغرۇلۇق بىر مەھەل قايناپ سۆزلىشىپ ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتۇق. تاكسىدىن بىرنى توسۇپلا غېنى بىلەن ئۆيگە ماڭدىم. ئۆيگە كېلىپلا يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆزۈم ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپلا يېتىۋالدىم. گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلسام تېلفۇنىنى ئالماي بېسىۋەتتى. بىردەمدىن كېيىن مەن سىزگە ئەتە تېلفۇن قىلاي، بۈگۈن قىلالمايدىغان بولدۇم دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ تېلفۇن قىلماي ئۇچۇر قايتۇرغانلىقىدىن ئاچىسى ئۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغانلىقى ئېنىق ئىدى.
بولمىسا ئۇ چوقۇم تېلفۇن قىلاتتى. ئاچىسى دىگەن ئاغزى يامان خوتۇن بۇ ساددا قىزنى ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ كاللىسىنى ئېلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىگە گەپ كەتمەيتى. تېخى ئۇخلاشقا بالدۇر، ئاڭغىچە بىرەر كىنودىن بىرنى كۆرۈپ ئۇخلايچۇ دەپ كىنو دەيلىرىگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم. ئۆيدىكى بار دەيلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولغان ئىكەنمەن. بولدى تېلۋوزۇر كۆرەيچۇ دىگىنىمچە تېلۋوزۇرنى ئاچتىم. قارىسام شىنجاڭ -2دە بىر كورىيەرنىڭ مۇھەببەت كىنوسىنى قويىۋاتقان ئىدى.
كاللامدا بايامقى پىۋېنىڭ تەسىرى بار، كاللام قىزىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ قىزىقچىلىقتا ئۇ مۇھەببەت كىنوسىنى كۆردۈم.قىززىق يېرى بۇ كورىيەنىڭ كىنوسىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ گۈلچېھرەگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ بۇ كىنولاردا چىقىدىغانلاردىن قانچە ھەسسە ئېشىق ئىكەنلىكىنى سېزىپ يېتىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ گۈلچېھرەنى ئۆزۈم ئويلىغاندىنمۇ ئۆتە تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن.
ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلغانلىقىم، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەنسىرەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرەتتى.
ئۇ كىنونى كۆرگەچ شۇنداق خىيالالرنى قىلغاچ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىگەندە تېلۋوزۇر گىژىلداپ تۇرىدۇ. بىر ۋاقىتتا ئانام كىرىپ تېلۋوزۇرنى ئۆچۈرمىدىڭمۇ بالام، كاللاڭ قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىپ چىقىپ كەتتى.
كاللام سەل زىڭىلداغلىق ، بېشىمنى يۇيۇپ يۈز كۆزلىرىمىنى يۇيۇپ سەل ئېچىلغان ھالەتتە چېيىمنى ئىچىپ يەنە دۇككانغا ماڭدىم.
ئەتىگەندە ئەمدى گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلدىم.
گۈلچېھرە تېلفۇننى ئالدى.
- ۋەي، نىمانداق يوقاپ كېتىسەن، ئاچاڭنىڭ ئۆيىگە بارساڭ تېلفۇنمۇ قىلالمايدىغان ھالەتكە يېتىپ قالىدىكەنسەن ھە..!
- ياق، شۇ قىلالماي قالدىم.
- ئاچاڭ نىمىلەرنى دېدى.
- يەنە شۇ ئىككىمىز توغرۇلۇق گەپلەرنى قىلدى. ئالىم ئاچا بىلەن يەنە كۆرۈشۈپتۇ.
- مۇنداق دە، ئۇنىڭ ئاچاڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى مەن پەرەز قىلىپ بولغان، نىمە دەپتۇ ئاچاڭغا..؟
- شۇ ئىككىمىز توغرۇلۇق گەپلەرنى قىپتۇ. مەن كېيىن دەپ بېرەي ھازىر سەل ئالدىراش بوپ قالدىم.
ھە، بوپتۇ كېيىن كۆرىشەيلى ئەمىسە.
تېلفۇننى قويىۋەتتىم. ئالىم ئەمدى راستىنلا ھۇجۇمنى باشلىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. دەسلەپكى ھۇجۇمنى ئاچىسىدىن باشلىغانلىقى مېنىڭ پەرەز قىلغىنىمدەك ئاۋال گۈلچېھرە بىلەن ئارىمىزغا بىر ھاڭ پەيدا قىلىش ئىدى. بۇ ھاڭنى ئۇ گۈلچېھرەنىڭ تۇققانلىرى، يېقىنلىرى ئارقىلىق بۇ ھاڭنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپتۇ.
ئىشلار ئەمدى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدىغان بولدىدە، مەيلى نىمىلا بولسۇن مەن ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالمايمەن دەپ يەنە ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.
داۋامى بار... |
|