ئىگىسى: taxwix

ھېكايە:ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 02:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- لېكىن ئۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز قىلماڭ،ئۆزىڭىزگە ھېزى بوپ يۈرۈڭ. مەنغۇ ئۇ نىمىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپمۇ كەتمىگەن. سىزنى ئۇنداق يەرگە بارمىدى دەپمۇ ئىشىنىپ كەتمىدىم. سىزنىڭ چۈشەندۈرىشىڭىزنى ئاڭلاپ ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. بوپتۇ ئەمىسە ياخشى ئۇخلاڭ، سىزنى يەنە بىئارام قىلىپ قويدۇم.
-ئۇنداق دىمە ئۇماق، سەنمۇ ياخشى ئارام ئال ،باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ راس شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ  ئۆزۈڭنى بەك ئۇپرىتىپ يۈرمە. باشقىلاردىن ئاڭلىغان گەپنىڭ ھەممىسى راس بوپ كەتمەيدۇ. ماڭا ئىشەنمىسەڭمۇ ،باشقىلارغا ئىشەنمىسەڭمۇ ئۆزۈڭگە ئىشەن ، ئۆزۈڭنىڭ تۇيغۇسىغا سەزگۈسىگە ئىشەن،سەن مېنى ياخشى دېسەڭ مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى، سەن مېنى يامان دېسەڭ مەن يامان،باشقىلارنىڭ گەپلىرى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. بوپتۇ ياخشى ئارام ئالغىن ئۇماق. خوش ئەمىسە. ئەتە ئەتىگەندە تېلفۇن قىلىمەن.
_خوش..!

تېلفۇننى قويىۋەتتىم. ئەسلى مۇشۇنچىلىك ئىشلار ئىدى بۇ. بىراق ئەۋۇ لامزەللىنىڭ پىتنە گېپى مۇشۇنداق باش ئاغىرىقىنى مۇشۇنداق ئاۋارچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پىتنە گەپ دىگەن، ئەمىلىيەتتە راس بولمىسىمۇ، ھەقىقى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ئاۋارچىلىقى مانا شۇنداق كۆپ بولاتتى. مەيلى ئۇ راس بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن چوقۇم ئەشۇ پىتنە گەپلەرگە پىسەنىت قىلمىساقمۇ بولمايتى. ئۇنىڭغا ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلمىساق بولمايتى. دۇنيادىكى قانچىلىغان ۋاقىت، كاللا، ئىش-ھەركەتلەتلەر مۇشۇنداق پىتنە گەپلەرنىڭ قۇربارنى بولۇپ كەتكەن ھە..!
بايامقى كۆرىۋاتقان كىنومۇ يوق بولدى مانا، ئەمدى ئۇ كىنونى كۆرەي دەپمۇ كۆرگۈم كەلمىدى. كەيپىياتىم باشقىچە بولۇپ قالغاچ، كىنومۇ باشقىچە كۆرىنىۋاتاتتى . تۇيۇقسىزلا تېلفۇنۇمدىن تۇت-تۇت دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
تېلفۇنۇمنى ئېچىپ قارىسام مۇھەببىتىم ئۇچۇر يېزىپتۇ.
-ياخشى ئارام ئېلىڭ. سىزنى سۆيىمەن. سىزنى بايام خاپا قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ. سىز مەڭگۈ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم.

مۇھەببىتىمنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ سەل ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى. ئۇ خاتىرجەم بولسىلا مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئۇچۇر يېزىۋاتقاندىكى ھالىتىنى پەرەز قىلدىم.بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ساددىلىقىغا شۇنداق ئىچىم كۆيسە بىر تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالدىم. ئۇنىڭ بۇ ساددا كۆڭلىنى يەنە كىملەر پىتنە گەپلەر يېرىم قىلار، تەشۋىشكە سالار..؟ كاللامدا يەنە شۇنداق بولىدۇ دىگەن سەزگۈ پەيدا بولاتتى. بۇنىڭغا ئامال قىلاي دەيتىم قىلالمايتىم. يەنە مۇھەببىتمنىڭ ئەشۇنداق پىتنە گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولغاندا مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسايتىم. ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىقنىڭ پەقەت ئىككى ئامالى بار، بىرى مۇھەببىتىم بىلەن ئايرىلىپ كېتىش، يەنە بىرى ئەشۇ پىتنىچىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش.
ئايرىلىش مۇمكىن ئەمەس. پىتنىچىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش بۇ مۇمكىنچىلىكى باردەك. قېنى بۇ ئىشلار قانداق باشلىنىدۇ، قانداق ئاياغلىشىدۇ، شۇ يولدا ماڭامدىم قالغىنى كېيىنچە ئويلىشارمەن، ھازىر ئۇخلاي.

ئەتىگەندە تېلفۇنۇمنىڭ سايراپ كېتىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم. ئۇيقۇمنى شۇنداق تەستە ئېچىپ سىرىتقا چىقتىم. سىرىتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ساپ. بىزنىڭ ئۆي شەھەردىن بىر نەچچە كىلومىتىر نېرىدىكى سەھرادا، گۈلچېھرەنىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ ئۆيدىن يېرىم كىلومىتىر نېرىدىدا، كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ سەھرادا ئويناپ چوڭ بولغان. ھازىر بولسا كۈندۈزى شەھەردە ئىشلەيمىز، كەچ بولغاندا بۇ سەھرادا تۇرىمىز. بۇنداق مۇھىت ئادەمگە شۇنداق ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ئەتىگەندە سەھرادىن چىقىپ شەھەرگە چىقىسىز ، كەچ تەرەپتە يەنە سەھراغا يېنىپ كېلىسىز. كۈندۈزى شەھەردىكى ئاۋاتچلىق، قاينام تاشقىنلىق، شاۋقۇن سۈرەندە ياشىڭىز كەچ تەرەپتە سەھرادا دەرەخلەر ئارىسىدا جىمجىت ساپ مۇھىتتا ياشايسىز،بۇ يېزا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپى. ئەتىگەندە قوپسىڭىزلا بۇرنىڭىزغا ساپ ھاۋا ئۇرىلىدۇ. ساپ ھاۋا ئادەمنىڭ قەلبىنىمۇ ساپلاشتۇرىدۇ.
تۈنۈگۈن كەچتىكى باش ئاغرىچىللىرىم مۇشۇ ساپ ھاۋا بىلەن قاياقلارغىدۇ تارقاپ كەتكەن ئىدى. كۆڭلۈممۇ شۇنداق ئېچىلىپ قالغان ئىدى. ھازىر بولسا سەككىزىنجى ئايلارنىڭ ئاخىرى، ئۈزۈملەرنىڭ ئەمدى شۇنداق ياخشى پىشقان ۋاقىتلىرى. باققا كىرىپ ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلانغاچ ئۈزۈمدىن بىر ئىككى تال يىگەچ تۇردۇم.  ئارىدا تېلفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى. مۇھەببىتىم تېلفۇن قىپتۇ.

-ۋەي، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ جېنىم..!
-ھە، ياخشى ئۇخلىدىم، سەنچۇ..؟
-مەنمۇ ياخشى ئۇخلىدىم.
- ھېلىقى ئالىم دىگەن نىمە يەنە تېلفۇن قىلمىغاندۇ..؟
-ياق، تېلفۇن قىلمىدى.
- ئەمىسە بۈگۈن كۆرىشەمدۇق..؟
- ھە، كۆرىشەيلى جېنىم ، سىزنى كۆرگۈم كېلىپ كەتتى.
- ماقۇل ئەمىسە، چۈشتە بىللە تاماق يەيلى.
-ماقۇل ئەمىسە چۈشتە كۆرىشەيلى خوش..!

ئىشىمغا يەنە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ماڭدىم. ساپ ھاۋا، مۇھەببىتىمنىڭ ئەتىگەندە تېلفۇن قىلغاندىكى ساپ قەلبى ماڭا يەنە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات ئاتا قىلغان ئىدى. مەن بولسام ماشىنا رىمونىت قىلىدىغان دۇككان ئاچاتتىم. بۇ ئون ئالتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئۈگەنگەن ھۈنىرىم، كەسپىم ئىدى. ھازىر بولسا ئۆزۈم ئايرىم ئىش قىلىدىغان بولغىلى ئىككى يىلچە بولۇپ قالغان ئىدى. دۇككاندائىشلىرىمنى ئىتتىك تۈگىتىپ ، چۈشتە كۆرىشىشكە تەييارلىق قىلدىم.

داۋامى بار....
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 03:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببىتىم بىلەن تېلفۇن قىلىشىپ كۆرىشىدىغان يەرنى بەلگىلىدۇق. ۋېۋېسىكىغا ياۋروپاچە تورىتخانىسى دەپ يېزىلغان، ئىچىدە ئايرىم خانىلىللىرى بار شەھىرىمىزدىكى ياشلار كۆپ كىرىدىغان بىر تورىتخانىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق.
مەن بالدۇر ئۇ يەرگە بېرىپ مۇھەببىتىمنى ساقلاپ تۇردۇم.
بۇ تورىتىخانىنىڭ سودىسى ياخشى ئىدى. ئادەتتە چۈش ۋاقىتلاردا بىزگە ئوخشاش مۇھەببەتلەر، يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ يۈرگەنلەر بولامدۇ قىز- يىگىتلەر بىلەن توشۇپ كېتەتتى.  

ئون نەچچە مىنۇت ساقلىدىم گۈلچېھرە يوق،تېلفۇن قىلدىم. تېلفۇن ئۇلىنىشىغا ئۇ تېلفۇننى بېسىۋەتتى.كۆڭلۈمدە مۇھەببىتىم تېلفۇن قىلسام بۇنداق بېسىۋەتمەيتى، مۇشۇ يەرگە يېقىنلاپ قالغان ئوخشايدۇ دېدىم.  ئەتراپىمغا  نەزىرىمنى تاشلىغاچ ئۇيان بۇيانغا قاراپ تۇردۇم.
بىر ۋاقىتتا قارىسام گۈلچېھرە يەنە بىر يولنىڭ بۇياغىدىن كېلىۋېتىپتۇ.
قارىسام باشقچىلا، ئادەتتە يولدا ماڭسا ئەتراپقا قاراپ سەبى چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ قويۇپ ئاستا ماڭىدىغان مۇھەببىتىم ، ھازىر بولسا يەردىن بېشىنى ئالماي كېلىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ بۇنداق مېڭىشى ماڭا بىر ئىش بولغاندەك بىر سېزىمنى بىلدۈردى. بۇنداق توككىدە بىر ئىش بولىدىغان، ئويلاپ باقمىغان بىر گەپلەرنىڭ چىقىپ قالىدىغان بۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ بۇ سېزىمىم خاتا چىقمايتى. ماڭا ئەشۇ ئىشلار، ئەشۇ ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىدىكى ھەركەتلەر ماڭا يادا بولۇپ كەتكەچ مەن شۇنداق سەزگۈر بولۇپ كەتكەن ئىدىم.
يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇھەببىتىمنىڭ ئالدىغا باردىم. قارىسام چىرايلىرى راستىنلا پۇرلىشىپ، قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كېتىپتۇ.

-نىمە بولدۇڭ. بايام تېخى ياخشى ئىدىڭ. يەنە نىمە بولدۇڭ..؟
مۇھەببىتىم ماڭا قاراپ يەنە يىغلاي دېگىلى تۇردى.
-بولدى يىغلىما،  ماۋۇ كوچىدا يىغلاپ يۈرسەڭ سەت تۇرىدۇ.
شۇنداق دىسەممۇ يەنە يىغلاپ تاشلايدىغاندەك.
-يۈرە بۇ يەردە يىغلاپ يۈرسەڭ باشقىلار مېنى سېنى بوزەك قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن. كۆرىشىدىغان يەرگە كىرىپ كېتەيلى.
شۇنداق دېگىنىمچە مۇھەببىتمنى ئېلىپ تورىتخانىنىڭ ئايرىمخانىسغا كىردىم.
- ئەمدى دېگىنە نىمە بولدى..؟
مۇھەببىتىم ماڭا ئېسىلغىنىچە يىغلاپ كەتتى.
- شۇ ھېلىقى ئالىم دىگەن بىر نىمە..ھۈ...ھۈ.ھۈ..
- نىمە ..؟ ئالىم دىگەن نىمە بولدى، ساڭا يەنە بىر نىمىلەرنى دېدىما..؟
-ياق، ئۆيدىكىلەرگە بىر نىمە دەپتۇ.
-تېخى بايام ئۇنداق گەپ يوق ئىدىغۇ، بىردەمدە ئۆيدىكىلرىڭگە بىر نىمە دەپ بوپتىما..؟ نىمە دەپتۇ..؟
-تۈنۈگۈن ماڭا دىگەنگە ئوخشاش، سىزنى يولدىن چىققان بىرنىمە ، ئەخلاقسىز دەپتۇ.
- كىمگە شۇنداق دەپتۇ..؟
- ئاچامغا شۇنداق دەپتۇ، بايام ئاچام تېلفۇن قىپتىكەن، راس شۇنداق بالا بىلەن ئارلىشىۋاتامسەن، ئايرىلىپ كەت دىسە ئۇنىمايسەن، سەن دىگەن ئەخلاقلىق، ياخشى بالا شۇمىدى دەپ ماڭا نۇرغۇن كايىپ كەتتى.
گۈلچېھرە شۇنداق دىگىنىچە يىغلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ كاللام يەنە قېتىپلا قالدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىشى ماڭا ھار كەلدى. كاللامدا ھېچنىمە يوق، كۆزۈمگە ئەشۇ ئالىم دىگەن يەجۇجىنىڭ چىرايى بىلەن ئەشۇ يەجۇجىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مېنى تىللاپ بەرگەن ئاچىسى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئاچىسىغۇ بوپتۇ سىڭلىمغا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دىگەندۇ. بىراق ئەۋۇ ئالىم دىگەن يەجۇجىچۇ، ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىگە يول قويامدىم.

داۋامى بار.....
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
2247
يازما
722
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 17:07:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۈشۈننىڭ"داۋامىنىڭ داۋامى،سايىۋەننىڭ داۋامى"دىگەندەك بىر يازمىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.چاۋاكمۇ چىلىپ باقتۇق،ھۇررامۇ توۋلاپ باقتۇق،ئىلھاممۇ بېرىپ باقتۇق....يەنە داۋامىغا تەشناكەنمىز...
مۇنبەردە داۋامى بار بىرەر تېما ئوقىسام قىسىملىق رۇمان ئوقۇغاندەك تەسىراتقا كىلىپ قالدىغان بۇلۇپ قالدىم دىسە؟
ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەت قەدىرل

UID
3557
يازما
256
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
8962
تىزىملاتقان
2010-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 19:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي دۇستەك قىز دۇستىڭىزنى قۇلدىن بىرىپ قۇيماڭ》
بۇلۇپمۇ دادىسىنىڭ پۇلىغا پۇككىدە چۇشۇپ قالغان ھىلىقى ماڭغا تازغا ھەرگىز تارىتقۇزۇپ قۇيماڭ。  سىزمۇ تىرىشىپ پۇل تىپىپ,باشىقىلاردىن ئىشىپ چۇشۇڭ。غەيرەتلىكرەك بۇلۇڭ。 ئەڭ مۇھىمى ۋىجدانىڭىز بىلەن ياشاڭ。ۋىجدان بىلەن غۇرۇر دۇنيادا ھەممىدىن قىممەتلىك  بايلىق。 سىزنى كۇزگە ئىلمىغان ئاشۇ ئاتالمىش بايلارنى بىسىپ چۇشۇڭ。قىنى كىم كىمىنى كۇزگە ئىلمايىدىكىن قىنى بىر كۇرەيلى。。。。。
مۇھەببەت شەخسىيەتچى ھەم قەدىرلىكتۇر.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 20:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆيگە كېلىپلا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. مۇنبەرگە چىقىپ يازىدىغان ۋاقتىم سەل قىس بولغاچ كۈندە مۇشۇنچىلىكلا يېزىۋاتىمەن.
تورداشلارغا ئاۋارچىلىق كەلتۈرگەن بولسام سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن. ئەسلى ھەممىسىنى بىرلا يېزىپ يوللساممۇ بولاتتى. بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم. مۇشۇنداق ئاز ئازدىن يېزىپ يوللاپ تۇرسام يازالايدىكەنمەن بولمىسا ھەممىنى بىراقلا يازىمەن دەپ يازالمايدىكەنمەن. كەچۈرۈڭلار..!
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 22:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللامدا  قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئىشلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش، يەنە قايتا تەكرارلانمايدىغان قىلىش ئىستىكى پەيدا بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ يەنە قايتا يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرسام بولمايتى. سۈكۈت قىلىپ تۇرساممۇ بولمايتى. سۈكۈت مېنىڭ غورۇرۇمنى يەنجىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلا قىلىپ قوياتتى. بۇنداق غورۇرنىڭ ئۈستىدە ھەرقانداق نەرسە مېڭىپ ئوينالايتى. ياق بۇنداق غورۇرنى غورۇر دېيىش توغرا ئەمەس ئىدى.
ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك..؟
ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلدا بۇ لامزەللىنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرىدىغان ئامال تاپمىسام بولمايتى.
ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ياقا سىقىشىپ ئۇرىشىم كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنداق قىلما، ئۇ دىگەن مېنىڭ مۇھەببىتىم تۇرسا نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن دېيىشىم كېرەكمۇ..؟
ئۇنىڭ بىلەن ياقا سىقىپ ئۇرۇشۇپ ئۆزۈمنى ئۇپرىتىپ يۈرگۈم يوق.ئۇرۇشساممۇ نىمىنى ھەل قىلالايمەن، ئەگەر تاياق يەپ قالسامچۇ..؟ ئۇ تېخىدىنمۇ كۆرەڭلەپ كەتمەمدۇ..؟ ياق ، ئۇنداق قىلمايمەن. ئەمىسەئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنداق قىلما، سەندە ۋېجدان يوقمۇ دەپ ئۇنىڭغا  يالۋۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئادىمگەرچىلىكتىن دەرىس سۆزلەپ باقامدىم.
ياق، ئۇ ئادەمگەرچىلىكنى نىمە بىلىدۇ. ئادەمگەرچىلىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلسە ،مەن بىلەن سەككىز يىل بولغان مۇھەببىتىمنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولامدۇ. ئۇ مېنى پەقەتلا تونىمىسىمۇ بىرگەپ، مېنى تونۇپ تۇرۇپ ئەشۇنداق قىلىپ يۈرسە ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئادەمگەرچىلىكتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولسۇن. مۇشۇ خىياللارنى قىلىپ تۇرسام  تۇيۇقسىز مۇھەببىتىمگە تېلفۇن كەلدى. قارىساق ناتونۇش نۇمۇردىن بىرى، بۇ كىمدۇر ئەمدى دەپ مۇھەببىتىم ئىككىمىز تېلفۇنغا قۇلىقىمىزنى يېقىپ تۇردۇق.
-ۋەي، ياخشىمۇسىز..؟
-ۋەي، گۈلچېھرەمۇ ئاداش سەن..؟
- ھە، مەن شۇ، سىزچۇ سىز كىم..؟
- ۋاي ئاداش مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭما..؟ مەن تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىڭ گۈزەل بولىمەن.
- ھە سەنمىتىڭ ئاداش، قانداقراق تۇردۇڭ..؟
- ياخشى، ئۆزۈڭچۇ قانداقراق تۇردۇڭ..؟
- مەنمۇ ياخشى، نىمە ئىش بار ئىدى ئاداش، مەن ھازىر سەل ئالدىراش ئىدىم. كېيىنچە پاراڭلاشساق مەن ساڭا ئۆزۈم تېلفۇن قىلاي.
-ئاداش توختاپ تۇر، ساڭا دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى.
-نىمە گەپ ئىدى..؟
- ھېلىقى تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىمىز ئالىمنى بىلىسەنغۇ، ئۇ ساڭا بىر قول تېلفۇن بىلەن بىر ئەتىر سوۋغا قىلماقچى ئىكەن. ساڭا ئۆزى بېرەلمەي ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىدى. قارىغاندا ئۇ ساڭا رەسمى كۆيگەن ئوخشايدۇ. شۇ نەرسىللىرىڭنى ساڭا ئۆز قولۇم بىلەن بىرەي دەپ سېنى نەدىكىن دەپ تېلفۇن قىلىشىم، بۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋالغىن ئاداش.  
مۇھەببىتىم ماڭا نىمە دەيمەن دىگەن نەزەردە كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ قويدى.
تېلفۇننى يۇلۇپلا ئالدىمدە ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدىم.
- ۋەي، خان كىمۇ سىز..؟
تۇيۇقسىز ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازىغا ئالمىشىپ قالغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇ قىز نىمە دېيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالدى.
- مەن ، مەن، گۈلچېھرەنىڭ ساۋاقدىشى..
- ماڭا قاراڭ، سىز باشقىلارغا دەللاللىق قىلىپ بېرىمەن دىمەي، باشتا ئۆزىڭىزگە ئوبدان يىگىتتىن بىرنى تېپىۋېلىڭ ياكى ئەرگە تېگىۋېلىڭ. بۇ يەردە دەللاللىق قىلىمەن دىمەي ئاۋۇ ئالىم دىگەن ھاراملىققا ئۇنداق نەرسىللىرڭنى ئۆزۈڭ بەر دەپ قولىغا قايتۇرۇپ بېرىڭ بولامدۇ ..؟
تۇيۇقسىز بۇنداق قوپال سەت گەپنى ئاڭلىغان قىز تۇرۇپلا قالدى. كۆڭلىدە مېنى گۈلچېھرەنىڭ ئاكىسى دەپ ئويلاپ قالغان چېغى.
-سىز كىم..؟ نىمىشقا مېنى تىللايسىز..؟
- تولا گەپ قىلىۋەرمەي تېلفۇننى قويە پاسكىنا، بۇدا گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلما ئۇقتۇڭمۇ..؟
-ھەي..
ئۇنىڭ گەپ قىلىشىغا تېلفۇننى قويىۋەتتىم. ئاچچىغىمدا گۈلچېھرەگە گەپ قىلغىلى تۇردۇم.
مۇشۇ پاسكىنىلارمۇ بۇنداق ئىشلارغا ئارلىشىپ يۈرگىنىنى، ئاناڭنى ئەر چىقمىغان پاسكىنا قانچۇقلار، ئۆزىنىڭ ئىشىنى بىلمەي نىمە خەقكە بىر نىمە توشۇپ يۈرۈيمەن دەيدۇ. ئالىم دىگەن ئاناڭنى ساڭا تېخى بىر نىمە سوۋغا قىلىدىكەندە..؟
-مەنمۇ بىلمىدىم.
ئەمدى غەزىپىم شۇنداق كېلىپ تۇرىۋاتتاتتى. كۆزۈمگە مۇھەببىتىم كۆرۈنمىدى، ئالىم ، ئالىمنىڭ ئاچىسى، بايامقى قىز ھەممىسى ئوخشاشلا يەجۇجى مەجۇجىلاردەك كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كەتكىلى تۇردى.
ئۆزۈمنى شۇنداق خورلۇقتا قالغاندەك قالغاندەك ھېس قىلدىم. گۈلچېھرە بىلەن سەككىز يىل يۈرۈپ، مۇھەببەتلىشىپ ئەمدى مۇشۇنداق تۇترۇقسىز جېدەللەرنى ئويناپ يۈرەرمەنمۇ دەپ ئويلىدىم.    ئالىم، مۇھەببىتىمنىڭ ئاچىسى، ئۆيدىكىللىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرى، ھېلىقى بىر نىمە توشۇپ بېرىمەن دەيدىغان قىز ھەممىسى مېنىڭ ئويۇنۇمنى كۆرمەكچى بولغاندەك تۇيۇلدى. ئۇلار كۆز ئالدىمدىن مۇھەببىتىمنى تارتىۋېلىپ مۇشۇنداق قىلساق قانداق قىلالايتىڭ، بۇ دىگەن ساڭا تەۋە ئەمەس ، سەن گۈلچېھرەگە ماس كەلمەيسەن، بېرىپ ئويۇنىڭنى ئوينا جۇغۇ دىگەندەك ، چىرايلىق گەپ قىلىپمۇ ئەمەس ، ئەشۇنداق سېسىق گەپلىرى بىلەن، مېنىڭ مۇھەببىتمنى ،غورۇرۇمنى، ئادىمىيلىكىمنى دەسلەپ ئۆتۈپ يەنە كەينىگە قاراپ خۇددى ئالۋاستىلارغا ئوخشاش سەت ھىجىيىپ قويۇپ كېتىدىغاندەك بىلىندى.
پۈتۈن ۋۇجۇدۇم مۇشۇ ئالۋاستىلارنىڭ ھۇجۇمىغا يەجۇجىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندەك بولۇپ كەتتىم. قانداق قىلىمەن. مۇھەببىتىمنى مۇشۇ يەجۇجىلارغا تارىتقۇزۇپ قويامدىم.
ياق، ئۇنداق قىلمايمەن. مۇھەببىتىم مېنىڭ غورۇرۇم، مېنىڭ بارلىقىم، مېنىڭ ئارزۇ ئۈمۈدۈم، مۇشۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن سىردىشىم، مېنىڭ خۇشاللىقىم، ھاياتىمغا مەنا ئاتا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم يۈرىكىم.
مۇھەببىتىمنى تارىتقۇزۇپ قويدۇم دىگىنىم جۈملىدىن ئۆزۈمنى تارىتقۇزۇپ قويغىنىم. ئۆزۈمنىڭ غورۇرى، ۋېجدانى، خۇشاللىقى، بارلىقىمنى تارىتقۇزۇپ قويغىنىم. مەن مۇشۇلارنى تارىتقۇزۇپ قويۇپ يەنە قانداقمۇ ئۆزۈمنى ئادەم دەپ يۈرۈيمەن.
تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيالى تۇيغۇ لەپپىدە كېلىپ ئوقتەك كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئىچىمدىكى خىياللىرىمنى تۇيغۇللىرىمنى، شۇنداق ئېنىق سېزىپ يېتەلەيتىم. مەندىن مېنىڭ تۇيغۇللىرىم، خىياللىرىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس، ئىچىمدە نىمە پەيدا بولسا مەن شۇ ھامان ئەشۇ پەيدا بولغان ئاڭنى، بىلىپ يېتەتتىم. بۇنداق خىيالى تۇيغۇ مەندە بولۇشقا باشلىغان ھامانلا مەن ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىگىلا ئۇنى سېزىپ يېتىۋالاتتىم، ئاندىن ئۇنى ئويلىۋالاتتىم.  ئاندىن ئۇ خىيال كاللامنى، بارا-بارا ۋۇجۇمدۇمنى ئىگەللەشكە ئۇرىناتتى.
بۇ خىيالى تۇيغۇ دەل"ئالىمنى ئۆلتىرىۋېتىش" خىيالى ئىدى. بۇ خىيالى تۇيغۇ مانا مەندە مۇشۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىدىلا كاللامدا زاھىر بولۇپ بولدى. كاللامدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئىچىمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ياكى گۈلچېھرەنى شۇنداق ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن بۇ خىيالى تۇيغۇ  پەيدا بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
شۇنداق ئېغىر ئويلارنى قىلغاچ گۈلچېھرەگە قارىدىم، ئۇنى ئەپسۇسلۇققا تولغان ئۈمۈد ئارلاشقان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. قانداق قىلىمىز جېنىم دىگەندەك ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدىكى سۇئالىغا مېنىڭ قەلبىمنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن تەرىپىدىكى بايامقى ئەسەبى  خىيالى تۇيغۇم ئىتتىكلا جاۋاپ بېرىۋەتتى.
ئالىمنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!

داۋامى بار
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 01:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                       

2-بۆلەك:جەڭ باشلاندى.



ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم، مۇھەببىتىمنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
قانداق قىلىش كېرەك..؟
باياتىمقى ئۆز ئۆزۈمگە ئالىمنى ئۆلتىرىۋېتىمەن دىگەندىكى ھالىتىم ئەمدى يوقاپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئىچىمدە بىرى گەپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ بەلكىم مېنىڭ ئەقلىمدۇ، يەنە بىر تەرىپىمدۇ.
ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ئاچچىقلىقنىش ، غەزەپلىنىش بولسىلا بولمايدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى ئەقىل بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئاچچىقلىنىش ،غەزەپلىنىشنىڭ،ئۇۋالچىققا ئۇچرىغاندىكى نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ بولغانلىقىلا ئۇنى ئۆلتۈرەشتىن دىرەك بەرمەيدىغانلىقىنى دەۋاتاتتى. بۇنداق نەپرەتلىنىشنىڭ پەقەت بىچارىلەرچە ئەركەكلىك، بىچارىلەرچە غورۇر ئىكەنلىلىنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
قانداق قىلىمەن دەپ ئەقلىمگە  سۇئال تاشلاپ تۇرىۋاتاتتىم.
ئاۋال رېئالىققا قايىتىپ كېلىشنىڭ كېرەكلىكى، يوشۇرۇن ئاڭدا ئالىمنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغان بولساڭ ئۇنى ئەمىلىيەتكە يۈزلەندۈرۈش كېرەكلىكى، ئۇنى ئەمىلەيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشىم كېرەكلىنى دەۋاتاتتى.
سەككىز يىللىق قىز دوستۇمنى باشقىلارغا تارىقىتقۇزۇپ قويماسلىق ئويۇنى يەنى جېڭى ئەمدى باشلانغاندەك قىلاتتى. راس ئالىمنىڭ ئىشلىرى ئەمدى باشلاندى، ئەمدى باشلىنىشىغا ئۇنى ئۆلتىرىمەن دەپ سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتىرەلمەسلىك بەدىلىگە تېخى ئۆزۈڭنى تۈگەشتىرىۋالىسەن دەۋاتاتتى. مەيلى ئۇ قانچە يىللىق قىز دوستۇڭ بولسۇن باشقىلار سېنىڭ بۇ ئەتىۋارلىق ئادىمىڭگە قولىنى ئۇزىتپ بولغانلىقىنى، مەيلى بۇ رىئاللىق قانچىلىك دەرىجىدە ناھەقچىلىق بولسۇن ، مەيلى سەن قانچىلىك نەزەردە قەتئىيلىك، ھەق تەلەپ قىلىشىڭدىن قەتئى نەزەر ئەمدى بۇ ئويۇننىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىنى دەۋاتاتتى. سېنىڭ ناھەقچىلىككە تۇرمۇشنىڭ بۇ ئاچچىق قىسمىتىگە كېلىپ قېلىشىڭ مەيلى ساڭا ھەق بولسۇن ياكى بولمىسۇن سەن بۇنى ئېتراپ قىل مەيلى قىلما بۇ رېئالىققنىڭ ھامان باشلىنىپ بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك دەۋاتاتتى. ئاۋال ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرىشىم كېرەكلىكىنى ، ئادەمنى ئۆلتۈرەلمەي ئۆزۈڭ دىگەندەك يەجۇجۇجىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى.
ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەپرەت، غەزەپ، ئۆچمەنلىك، ئەقىل، ۋاقىت، جەريان ، تەۋەككۇلچىلىق قىلىش كېرەكلىنى دەپ بېرىۋاتاتتى.
ئويۇن ئەمدى باشلاندى.
راس دىگەندەك ئالىمنىڭ مۇھەببىتىمگە بولغان چېپىلىشلىرى ئەمدى باشلانغان ئىدى.
مۇھەببىتىمگە قانچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ تۇرىۋالدى. مۇھەببىتىم شۇنداق سەت گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەمدى تېلفۇن قىلماسلىقىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ئۇ پەيلىدىن پەقەت يانمايتى. كارتىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن بولساقمۇ يەنىلا تېپىۋېلىپ تېلفۇن قىلدى.
بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق داۋاملىشى ئەمدى مېنىڭ مەيدانغا چۈشۈشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىۋاتتاتتى.
مۇھەببىتىمدىن ئالىمنىڭ نومىرىنى ئۇقۇپ ئالىمغا تېلفۇن قىلدىم.
ئالىم بىر خىل خوش ياقمىغان ئاھاڭدا تېلفۇننى ئالدى.
-ۋەي،كىمۇ..؟
- ۋەي، ئالىممۇ سەن..؟
-ھە مەن شۇ.سەن كىم..؟
- مەن تايىر بولىمەن.
- ھە تايىرمىتىڭ، قانداق ئەھۋالىڭ..؟ دەيدىغان گېپىڭ بار ئوخشايدۇ ، نىمە گېپىڭ بار..؟
ئاچچىغلىرىم شۇنداق تۇتىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزۈمنى بېسىپ تۇرۇپ گەپ قىلدىم. تېلفۇندا تىللىشىپ ئۇرۇشۇشنىڭ ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغان ئىدىم.
- ماڭا قارا گۈلچېھرە مېنىڭ سەككىز يىللىق مۇھەببىتىم، سەن ئۇنىغا ئۇنداق قىلىشىڭنىڭ ئورنى يوق ئىدى. باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە تەلەپ قويۇپ يۈرىمەن دىمەي جاھاندا قىزلار ئاز بولمىغاندىن كېيىن باشقا قىزلارغا تەلەپ قويساڭ بولمامدۇ..؟
بۇنداق قىلساڭ سەتلىشىپ قالارمىزمىكىن. چوڭ بولغاندا بىر قىزنى دەپ قىزىرىشىپ يۈرسەك بولماس. شۇڭا سېنى ئەمدى گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلمىسۇن دىگەن مەقسەتتە ساڭا تېلفۇن قىلىشىم، ئۇقتۇڭمۇ..؟ بۇدا ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ يۈرمە بىلدىڭما..؟
ئالىم يېنىككىدە كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن مېنى مەنسىتمەيدىغانلىقى، قىلغان سۆزۈمنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- ماڭا قارا تايىر، جاھاندا ھېچقانداق نەرسە ھېچقانداق ئادەمگە مەڭگۈلۈك تەۋە ئەمەس. گۈلچىھرەمۇ ئوخشاش ساڭا تەۋە ئەمەس، مەن بىر نىمىگە قىزىقىپ قالسام ئۇنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ھالىتى، ھازىر كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ يۈرمەيمەن. ئۇ مەن قىزىققان نەرسە ماگزىندا سولاغلىق ، ياكى شۇ نەرسىگە باشقىلار ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئائىت تامغىسىنى بېسىپ بولمىسىلا مەن ئۇنى قوغلاشقىنىم قوغلاشقان. گۈلچېھرە ھازىر سېنىڭ ئايالىڭ ئەمەس، ئۇ دىگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىسى، بۇنى چۈشىنىۋال. سەن ئەگەر گۈلچېھرەنى ئالغان بولساڭ، ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ بولغان بولسا بايامقى گەپلەرنى ماڭا قىلساڭ توغرا بولاتتى. بىراق ئۇ سېنىڭ ھازىر ھېچنىمەڭ ئەمەس. ئادەم دىگەن ھەممە نەرسىگە مۇھەببەت باغلايدۇ. مۇھەببەت باغلىغانلىكى نەرسە ئۇنىڭغا تەۋە نەرسە بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇ گەپلىرىڭنىڭ ماڭا ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىن. سەن گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلما، مەن ئۇنىڭ بىلەن سەككىز يىللىق مۇھەببەت دېسەڭلا ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشۈمنى يوشۇرۇپ قېلىشىم كېرەكما..؟ مەن نىمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن.

ئۇنىڭ گەپلىرى خېلى رېتىملىق چىقىۋاتاتتى. ئۇنى پەقەت پۇلى بار يەجۇجى دەپ قارىغانلىقمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كاللامدا غىل پال پەيدا بولدىيۇ يەنە ئاچچىغىم، غەزىپىم بۇنى بېسىپ كەتتى.
- بۇنداق قۇرۇق گەپلىرىڭنى بېرىپ باشقا بىرسىگە دەپ بەر. ساڭا گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلما دېدىم قىلما، يەنە قىلىپ يۈرسەڭ ئۇ چاغدا سەن بىلەن ئۇرۇشقىنىم ئۇرۇشقان. ئۇقتۇڭمۇ  ئاناڭنى ھاراملىق.
- ھەي، كىمنى ھاراملىق دەۋاتىسەن. نوچى بولساڭ كېلىپ مېنى ئۇر . ھە..
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى. تېلفۇننى تاققىدە قويىۋەتتىم.
ئىشلارنىڭ بارا-بارا مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئالىمنىڭ بۇ نىيىتىندىن ئاسانلىقچە يانمايدىغانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدىم.
ئاچچىغلىرىم شۇنداق كېلىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئۆز -ئۆز ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ تۇردۇم. بۇ ئاچچىغلىنىشنى، بۇ غەزىپىمنى پەقەت پۇرسەت يېتىپ كەلگەندىلا ئاندىن تېشىمغا چىقىرىشىم كېرەكلىكىنى ئۆزۈمگە دەپ تۇردۇم.
ئالىم بىلەن پاراڭلاشقان كۈندىن باشلاپ ئالىمنىڭ گۈلچېھرەگە بولغان ئىشلىرى داۋاملىق جىقايدى.
ئەتىسى ئالىم گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسىنى بىر يەردە مېھمان قىلىپ ئاچىسىغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپتۇ. ئاچىسى بولسا ھازىر توي قىلغان بىر بالىسى بولغان چوكان ئىدى. مۇھەببىتىمنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قارشى چىقىۋاتقانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئاچىسىمۇ ئۆز ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي مۇھەببىتى بىلەن توي قىلغان، پۇلى بار، ئىقتىسادى ياخشى، شەھەردە ئۆيى بار بىر يىگىتنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن توي قىپتىكەن.
ھازىر بولسا ئۇ مۇھەببىتى بىلەن تازا ياخشى ئۆتەلمەيۋاتقان چېغى، شۇنداق بولغاچ دائىم گۈلچېھرەگە مۇھەببىتىم ، مۇھەببىتىم دەيسەن ، ھازىر ساڭا كۆيدۈم، پىشتىم دىگەن بىلەن سېنى ئېلىپ بولغاندىن سەن بىلەن كارى بولمايدۇ. ساڭا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايدۇ، سەن شۇنداق چىرايلىق گەپلەرنى قىلساڭ ساڭا ۋارقىراپ ھۆرپىيىپ قويىدۇ. شۇڭا ئەركىشى دىگەننى تاللىغاندا ئۇنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ساڭا قانداق قىلىپ كەتكەن ھالىتىگىلا ئەمەس مۇھىمى ئۇنىڭ شەرىت شارائىتىگە قارىشىڭ كېرەك. ئۇنداق بولمىسا يا ئېرىڭدىن خوشلۇق كۆرمەي، يا ئۆيدىكى پۇلنىڭ تۈزۈك تايىنى يوق، باشقا دوسلىرىڭنىڭ ئالدىدىمۇ ئىناۋېتىڭ بولماي تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك ياشايسەن ، مۇھەببىتى بىلەن توي قىلسا شۇنداق ياخشى بولىدىغان ئىش بولسىلا مانا مەن شۇ ياخشىلىقنى، ئەشۇ بەخىتنى ھېس قىلمامتىم دەپ مۇھەببىتىمگە ئىش ئۆگىتەتتى.  
مۇھەببىتىم بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، سېنىڭ ئۇنداق بولىشىڭ مېنىڭ چوقۇم سەن دىگەندەك بولىشىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپلا ئاچىسىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلاتتى.
بىر كۈنى ئىشلەۋاتسام گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ گۈلچېھرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئۈچۈن مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. لىكىن نىمە دەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئاچىسىنىڭ ئالدىغا چىقتىم. نىمىلا دىمىگەن بىلەن مۇھەببىتىمنىڭ ئاچىسىدە، مەن ئۇنىڭغا قانچە ئۆچ بولاي كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ.
- ياخشىمۇسىز، مېنى ئىزدەپ كەپقاپتىكەنسىزغۇ...؟
-ھە ئۇكام ، شۇ سىزنى ئىزدەپ كەلگەن، سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى. تاماق يېدىڭىزمۇ،،؟
- ياق تاماق يېمىدىم تېخى، يۈرۈڭ ئەمىسە بىر يەردە تاماق يەيلى . گەپنى شۇ يەردە دەڭ. مەن ھازىر چىقىمەن.
ئىشىمنى تاشلاپ قويۇپ ئىشلەيدىغان يېرىمگە كىرىپ كېتىپ ئۆزۈمنى سەل تۈزەشتۈرگەچ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىم.
-نىمە تاماق يەيسىز دېدىم.
نىمە تاماق بولسا مەيلى.
- مەيلى ئەمىسە، ئاشخانىغا بارايلى شۇ يەردە پاراڭلىشارمىز دېدىم.
مەن ئىشلەيدىغان يەرگە يېقىن يەردىكى بىر ئاشخانىغا باشلىدىم. ئاشخانىنىڭ ئايىغىدىراق بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇق.
تاڭجاڭ (مۇلازىم) چاي كەلتۈرۈپ بىزدىن نىمە تاماق يەيدىغانلىقىزنى سورىدى.
نىمە تاماق يەيسىلەر..؟
- نىمە تاماق يەيسىز مېھرىگۇل ئاچا..(ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئىسمى مېھرىگۇل ئىدى.)
- سومەن يەي، مەنپەر سومەن بولسۇن،  سىزچۇ ئۇكام..؟
- ھە ئەمىسە مەنمۇ سومىيەن يەي.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاستا چىقىدىغان تاماقنى بۇيرۇتقانلىقىدىن قارىغاندا ماڭا دەيدىغان خېلى كۆپ گېپى باردەك قىلاتتى.

داۋامى بار...
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
3709
يازما
55
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
580
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 13:59:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىكايىنڭ ماۋزۇسىنى ئوقۇپلام  قورقۇپ كەتتىم ~!!

UID
3194
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
550
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 14:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى ........قېنى؟     
اللە ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 02:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماق جوزىسىدا ئولتۇرۇپ بىر -بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇردۇق.
- نىمە گېپىڭىز بار ئىدى ئاچا..؟
- نىمە گېپىم بولاتتى ئۇكام. شۇ گۈلچېھرەنىڭ ئىشى توغرۇلۇق.
-ھە، نىمە توغرۇلۇق...؟
- گۈلچېھرە بىلەن سىز يۈرگىلىمۇ خېلى بولدى ئۇكام. گۈلچېھرەنى راستىنلا شۇنداق ياخشى كۆرەمسىز..؟
- ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن. ياخشى كۆرمىسەم شۇنچە ئۇزۇن يىل ئارلىشىپ نىمە قىلاتتىم.
- گۈلچېھرەمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ. سىز ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنەمسىز..؟
- ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن.
- سىزگە دېسەم بارغۇ ئۇكام، قىزلار دىگەننىڭ ياخشى كۆرۈشى پەقەت ۋاقىتلىق. قىزلار ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى ئۆزى بەلگىيەلمەيدۇ. بۇنى بىلەمسىز..؟
-ياق، ئۇنى بىلمەيمەن. لېكىن قىزلارنىڭ ياخشى كۆرگەندىكى ھالىتىنى ، ھېسىياتىنى بىلىمەن.
-گۈلچېھرە سىڭلىم شۇنداق ساددا قىز، قىزلارنىڭ ھەممىسى ياش ۋاقتىدا شۇنداق ساددا بولىدۇ. ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈرىكى پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈن سوققان بولىدۇ. بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى مۇھەببەت بارا-بارا سۇسلاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى تۇرمۇش، بالا، ئائىلە ، دوسلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، قېيىن-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋت، خوتۇنلار ئوتترىسىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك  ئىگەللەپ كېتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يەنە مۇھەببەت ئۈچۈن دىيەلمەيدۇ.
- سىز نىمە دىمەكچى..؟ گۈلچېھرەنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى يالغان، ھازىرقى ياخشى كۆرىشى پەقەت ۋاقىتلىق دەۋاتامسىز..؟
- ھە، شۇنداق دىمەكچى..؟
قارىماققا چىرايى يامان ئەمەس بۇ ئايالنىڭ قىزلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتنى ۋاقىتلىقلا دەپ سۆزلىشى ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلاتتى. ئۇ بەلكىم سىڭلىسىنىڭ ئۆزىدەك ھالەتكە كېلىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىپ شۇنداق دىگەندۇ ياكى سىڭلىسىنى باياتشاتراق بىرسىگە ياتلىق قىلىپ ئۆز ئۆيىدىكىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋېتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەسىر بېرىشىنى ئويلاپ بايام ئۆزى دىگەندەك شۆھرەتپەرەسلىككە بەكرەك ئىنتىلگەندۇ بەلكىم ئاياللارنىڭ ئەرلەگە قارىغاندا قانداق تۇرمۇشقا ئېرىشىدىن قەتئى نەزەر رازى بولمايدىغانلىق پىسخىكىسى بويىچە شۇنداق دىگەندۇ، ئىشقىلىپ شۇنداق بىر سەۋەپلەر بار ئىدى، ئاخىرى بۇ قىلغانلىرىمۇ بارا-بارا ئايدىڭ بولىدۇ.
- نىمىشكە ئۇنداق دەيسىز..؟ دەپ سورىدىم ئايالنىڭ مەندىن نىمە دېيىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ.
- نىمىشكە بولاتتى ئۇكام، سىڭلىمنىمۇ مەن كۆرگەندەك كۈننى كۆرمىسۇن دەۋاتىمەن شۇ. بۇنداق دېگېنىم سىز بىلەن توي قىلسا چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دىگەنلىكىم ئەمەس، شۇنىڭغا يېقىنراق كېلىپ قالدى دېگېنىم.
- تۇرمۇش دىگەندە پۇل بولسىلا بولامدۇ..؟
- ياق ، تۇرمۇش دىگەندە پۇل بولسىلا بولمايدۇ. بىراق ھەممە ئادەم پۇلنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستە دەپ قاراۋاتقان بۇ زاماندا مۇھەببەتتىن پۇلنى ئۈستۈنراق قويۇش بۇ نورمال ئەھۋال. پۇلىڭىز بولسا، مۇھەببەت ئۇنىڭغا ياندىشىپ ماڭسا تۇرمۇش تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ئۇكام.
- ماڭا قاراڭ ئاچا،سىز نىمە دېيىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر مەن گۈلچېھرە بىلەن ئايرىلىپ كەتمەيمەن. كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا خۇدا بار. ئىككىمىز توي قىلالىساق بەخىتلىك بولامدۇق بولمامدۇق ئۇنى خۇدا بەلگۈلەيدۇ. مۇھىمى بىز تىرىشىۋاتىمىز. بەخىت دىگەن ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەخىت دىگەن تىرىشىش، قۇربانلىق بېرىش بەدىلىگە كېلىدىغان نەتىجە.
سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز، ئۇ ھەرگىز سىڭلىسىڭىزنىڭ سىزدەك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ قالدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
سىز ئاچىسى بولغاندىكىن ئۇكىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىشىنى ھۆرمەت قىلىڭ. سىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇھەببىتىڭىز بىلەن ھەممىسىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي توي قىپتىكەنسىزغۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىڭىز بىلەن ھازىرقى سىڭلىڭىىزنىڭ ھېسىياتىنى ئويلاڭ.
ئۇنىڭ ئالىم كۆرۈشكەن كۆرۈشمىكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن سورىمىدىم. ئۇنى سورىسام تېخىمۇ كۆپ گەپلەرنىڭ  چىقىدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئۇنداق دېسەممۇ يەنە شۇ ئۆزىنى ئاقلاپ تۇرىشى ئېنىق ئىدى.
- شۇ ۋاقىتتكى ھېسىياتىم بىلەن ھازىرقى سىڭلىمنىڭ ھېسىياتىنى ئويلىغاچقا سىزگە شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن ئۇكام.
-لېكىن، سىڭىلىڭىز دىگەن سىڭلىڭىزدە...
تازا پاراڭلىشىۋاتساق مانا تاماقمۇ چىقىپ بولدى. ئارىمىزدىكى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى ئاساسى جەھەتتىن بەلگىلىنىپ بولغاچ تاماقنىمۇ ئىتتىك يېدۇق. بۇ يەردىن ئايرىلىشقا ئاران تۇردۇق.
تاماقنى يەپ بولۇپلا گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى پۇل تۆلەيدىغان يەرگە بېرىۋېلىپ تاماقنىڭ پۇلىنى بېرىشكە ئاتلاندى.
-نىمانداق قىلىسىز، پۇلنى مەن تۆلەي. سىزنى مېھمان قىلغىنىم بوپ قالار دەپ شۇنداق قىلىپ كەتسەممۇ پۇلنى مېنىڭ تۆلىشىمگە يول قويمىدى.
- پۇل ئالىدىغان ئاشخانىنىڭ ئىگىسىمۇ بوپتۇ ئۇكام سىزگە ئاچا بولغاندىكىن تۆلەپ تۇرسۇن، سىز بۇدا يەنە تۆلىۋالارسىز دەپ ئىككىمىزنىڭ پۇلنى مەن تۆلەي دەپ تالىشىۋاتقان ھالىتىمىزدىن بىزار بولغان چىراي ئۇ ئايالىنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئالدى.
بۇ ئايالنىڭ پۇلنى ماڭا تۆلەتكۈزمىگىنى ئۇنىڭ گېپىدىن قەتئى يانمىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. گۈلچېھرە ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىغا قەتئى ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن ھەم قەتئى رازى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
بوپتۇ دېدىم ئىچىمدە، مېنى كېيىن مېھمان قىلىۋالدى دەپ سۆزلەر چىقمىسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. قېنى مېنىڭ نەرسەمنى ئىشلەتمىگىنىڭنى بىر كۆرەي دېدىم.
تاماقنى يەپ بولۇپ خوشلاشتۇق.
- بوپتۇ ئۇكام ئەمىسە، يەنە كۆرىشىپ قالارمىز. خوش مەن بالامغا بىر نىمە ئالغىلى باراتتىم.
- ماقۇل ئەمىسە مېھرىگۇل ئاچا، كېيىن يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز.
شۇنداق دېگىنىمچە بۇ يەردىن ئايرىلدىم. گۈلچېھرەگە يولدا ماڭغاچ تېلفۇن قىلدىم.
-بايام ئاچاڭ بىلەن بىللە تاماق يېدۇق.
- ھە، مۇنداق دەڭ. ئاچامغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانسىز، يەنە قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ ئولتىرىۋالىغانسىز..؟
- ھە، ياخشى مۇئامىلىدە بولمامتىم، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاچاڭ تۇرسا.
- يەنە قاپىقىڭزىنى تۈرۈپ ئولتۇردىمىكىن دەيمىنا، سىزنى قوللىمىغان بىرەرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز دائىم تۈزۈك گەپ قىلماي قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ گەپ قىلىسىز.
گۈلچېھرەنى ئاچىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ نىمە دېيىشكەنلىكىگە بەك قىزىقماي مېنىڭ ئاچىسىنىڭ ئالدىكى ھالىتىمگە بەكرەك قىزىقىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ماڭا نىە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
- قاچانلا قارىسا ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، ئاچاڭ بىلەن خېلى ياخشى پاراڭلاشتۇق. مەنمۇ بۇنداق كۆڭلىدىكىمىزنى ئېنىق قىلىپ پاراڭلىشارمىز دەپ ئويلىمىغان.
- ھە،ئەمىسە نىمە دېيىشكەنلىكىڭلارنى كېيىن دەپ بېرىڭ. مەن ھازىر ئىشلەتىمەن. كېيىن دېيىشەيلى بولامدۇ جېنىم..؟
-بولىدۇ ئەمىسە، كېيىن دېيىشەيلى. خوش.
چۈشتىن كېيىن ئىشتىن بالدۇراق چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاچىسىنىڭ ماڭا بۇنداق رەسمى تۈستە گەپ قىلىشى، مەن بىلەن رەسمى يوسۇندا پاراڭلىشىشى گۈلچېھرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىدا خېلى كۆپ ئىشلارنىڭ بولىشىدىن دېرەك بېرەتتى.
بولدىلا ئاچىسىنىڭ ئىشىمۇ ھەل بولىدۇ، ئالىمنىڭ ئىشلىرىمۇ ھەل بولىدۇ. چوقۇم مەن دىگەندەك بولىدۇ دەپ ئۆزۈم ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپ يېتىۋالدىم.
بىر ۋاقىتتىن كېيىن گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلدىم.
گۈلچېھرە ئۆزىنىڭ يېنىدا ئاچىسى بارلىقىنى، ئاچىسىنىڭ بۈگۈن قونۇپ قالىدىغانلىقىنى شۇڭا تېلفۇن قىلىشنىڭ ئەپسىز ئىكەنلىكىنى دەپ ئەتە كۆرىشىدىغان بولۇپ تېلفۇننى قويىۋەتتۇق.
ئاچىسى سىڭلىسىغا يەنە تەربىيە ئىشلەيمەن دەپ، سىڭلىسىغا بۈگۈن كۆرۈشكەندىكى ئىشلارنى، پاراڭلارنى دەپ بېرىمەن دەپ مەندىن بالدۇر سىڭلىسىغا كۆرۈشكەندىكى ھالەتلەرنى ئۆزىنىڭ قارشى بويىچە چۈشەنرىمەن دەپ سىڭلىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋاپتىكەندە، راسلا يامان چوكانكەن بۇ، ئەشۇ ئىشلارنىڭ كەينىدىنلا بىرىنجى بوپ سىڭلىسىغا چۈشەندۈرسە سىڭلىسىنىڭ كاللىسىغا شۇ بويىچە تېزراق تەسىر كۆرسىدىغىنى بىلىپ بوپتىكەن بۇ ئايال.
راسلا يامان ئايالدەك تۇردىدۇ. سىڭلىسىدەك ئۇنداق ساددا ئەمەس. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن يەنىلا ئايال كىشىدە، مەيلى نىمە ديىشىدىن قەتئى نەزەر بىر ياش قىزغا مەيلى ئۇ ئاچىسى بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىر ئايالنىڭ سۆزلىرىدىن، چۈشەندۈرىشىدىن، بىر يېگىتنىڭ، مۇھەببىتىنىڭ سۆزلىرنىڭ بىر قىزغا تېخىمۇ  ئارتۇق بولىدىغانلىقى، بىر قزىغا تېخىمۇ ئىشەنىچ بېغىشلايدىغانلىقىنى سەزمەي قاپتۇ. سەزسىمۇ ئىتتىك كېلىپ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى دېيىشكە ئالدىراپ كېتىپتۇ.
مۇھەببىتىمنىڭ قارشىنى ئۇمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۆيدىكىلىرىمۇ ، ئالىممۇ شۇ. يەنە شۇنداق بولسىمۇ ھوشىيار يۈرمىسەم بولمايدۇ.
شۇنداق خىياللارنى قىلغاچ ئۇخلاپ قالدىم.

داۋامى بار....
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش