ئىگىسى: taxwix

ھېكايە:ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

غەيرەتتىن قالما

UID
2687
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1530
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-20 01:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بۇ ئەمەلىيەتتىن ئىلىنغان تۇرمۇش كارتىنىسى ئوخشايدۇ.
لىكىن مەن چۈشەنمىدىم باشلىنىشىدا كىچىك ۋاقتىمدا.....دەپ باشلاپسىز،يەنە مەكتەپتە ئولتۇرغۇدەك ئورۇندۇق يوق،يەردە ئولتۇراتتۇق دەپ  يىزىپسىز، مەن بۇ   مەزمۇندىن 50-60 يىللاردىكى ۋەقەلىك ئوخشايدۇ دەپ بىلپتىمەن.يەنە ئاخىرىدا  8يىل بۇرۇن،ئەمدى 16 تىگە كىرگەن ۋاقىت دەپ يىزىپسىز،مۇشۇنىڭدىن سىزنىڭ ئەمدى تېخى 24 ياشقا كىرگەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.ھىكايىڭىزدا كونا جەمىيەت بىلەن ھازىرقى زامان  كارتىنىسى بەكمۇ زىت بوپ قالدىمۇ قانداق؟...
كەچۈرۈڭ،بەك ئەستايىل ئوقۇۋەتتىمۇ قانداق مەندە مۇشۇنداق تۇيغۇ بوپ قالدى.

UID
2247
يازما
722
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-20 01:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا 1001كېچە چۆچەكلېرىدىكى كۆمزەك ئىچىدكى دىۋىدەك تەشنامىز.
ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-20 02:03:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-نىمە بولدى تاتلىق، يەنە بىرسى بىر نىمە دېدىما ..؟ نىمانداق قىلىسەن، گەپ قىل دەيمەن.
مەن قانچە كۈچەپ گەپ قىلغانسىرى مۇھەببىتىمنىڭ يىغىسى شۇنچە كۈچەيگىلى تۇردى.
بوپتۇ، يىغلىۋالسۇن دەپ بىر ھازا تۇرۇپ تۇردۇم.
مەن گەپ قىلمىسام، ئۇنىڭ يىغىسى سەل ئازلىغىلى تۇرۇپ ئەمدى مىشىلداشقا باشلىدى. قىزلار دىگەن زادى شۇنداق جىم تۇرىۋالسا يىغلىمايدۇ، نىمە بولدۇڭ، نىمە ئىش بولدى دېسە يىغىسى ئەۋجىگە كۆتىرىلىدۇ. بۇ ھەممە قىزلارغا، ئاياللارغا خاس خاراكتىر بولسا كېرەك. بۇ خاراكتىر بەزىدە ئوغۇللارنىڭ شۇنداق ئامراقلىقىنى، مەسلىكىنى كەلتۈرسە بەزى ۋاقىتتا ئاچچغىنى كەلتۈرۈپ قوياتتى.
ئەمدى گەپنى يەنە قايتا باشلىدىم.
- نىمە بولدۇڭ تاتلىق، بىرسى بىر نىمە دېدىما..؟
يىغا ئارلاش ئاۋاز ئاڭلاندى.
-سىز يەنە نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز...؟
- نىمە دېدىڭ، يىغلىماي تۇرۇپ گەپ قىل ، گېپىڭنى ئۇقالمايۋاتىمەن.
- نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز..؟
- مەن نىمە قىپتىمەن، ساڭا يەنە كىم، نىمە دېدى زادى..؟
- سىز ئەمدى ھاراق، تاماكا بار سورۇنغا بارمايمەن دەپ ماڭا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىزغۇ..يەنە نىمىشقا ئۇنداق سورۇنغا بېرىپ يۈرۈيسىز..؟ مەن سىزگە شۇنداق ئىشەنسەم، يەنە مېنى ئالداپ قويۇپ ئەشۇنداق يەرلەرگە بېرىپ يۈردىڭىزما..؟ نىمانداق مېنىڭ گېپىمنى پەقەت ئىلكىڭىزگە ئالمايسىز، مەن سىزنى ئۆيدىكىلەرگە، تۇققانلىرىمغا، دوسلىرىمغا ھەممىسىگە شۇنداق ئەدەپ ئەخلاقلىق ، شۇنداق ياخشى دەپ يۈرسەم، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمەن دەپ يۈرسەم سىز يەنە مېنى ئالداپ قويۇپ شۇنداق قىلىپ يۈردىڭىزما...؟ھۈ..ھۈ..ھۈ..
مۇھەببىتىم شۇنداق دېگىنىچە يەنە ئېچىنىشلىق يىغلاپ كەتتى. ئۇ شۇنداق كىچىككىنا ئىشلار بولسىلا يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئالداپ قويغانلىقىمنى ئاڭلاپ قالسا ، ئاڭلىغان گېپى مەيلى راس بولسۇن ، مەيلى يالغان بولسۇن يىغلايدۇ. كىچىك بالىلارغا ئوخشاشلا، ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم تىترەپ كەتتى. چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن يىغلاۋاتقان ئىدى. مېنى سۆيگەنلىكى، ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن يىغلاۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ يىغىسى مۇشۇنداق ئاچچىغىم تۇتىۋاتقان ۋاقىتتا ماڭا يېقىپ كەتمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭڭغا قوپال تەگسەم بولمايتى.
ئۆزۈمنى ئېغىر تۇتۇپ تۇراي دەيمەنۇ يەنە بىر يەرلەردىن ئاچچىغىم، غەزىپىم كېلىپ  تۇراتتى.
يەنە بىرى مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغان چېغى، بۇلار  قانداق ئىنسانلاردۇ زادى، نىمىشقا باشقىلارنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلىشنى ئەشۇ ھاراق، ئىچكەنگە، يەنە بىر ئىش قىلغانغا ئوخشاش گۇناھ ئورنىدا ھېساپلىمايدىغاندۇ..؟ بىرىنىڭ غەيۋېتىنى، يامان گېپىنى قىلىش ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق چوڭ گۇنادىن قالمايدىغان گۇناھ ئىدىغۇ..؟ بىرسىنىڭ يامان گېپىنى قىلغانغا ھېچقانداق دەسمى كەتمىگەندىن كېيىن  دەپلا ئەشۇنداق قىلىۋەرسە بولامدۇ..؟
ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ گەپ قىلدىم. ئاچچغىمدا چىڭراق گەپ قىلىپ ۋارقىراپ قويسام مۇھەببىتىمنىڭ يەنە يىغلاپ كېتىشى ئېنىق ئىدى.
-مەن قاچان ئۇنداق سورۇنغا بېرىپتىمەن...؟ ساڭا كىم دېدى بۇ گەپلەرنى، ئۇنداق قىلماي ماڭا دەپ بەرگىن.
-دەپ بەرسەم، دىگەن ئادەم بىلەن ئۇرۇشارسىز ھەقىچان دىمەيمەن. كىم دىگەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سىز راستىنلا شۇنداق قىلدىڭىزمۇ،قىلمىدىڭىزمۇ..؟
- ياق..! دەپلا جاۋاپ بەردىم. ياق دەپ ئىقرار قىلماي تۇرىۋالسام ئۇ  مېنىڭ راس شۇنداق سورۇنغا بارغانلىقىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن  ماڭا كىمنىڭ دىگەنلىكىنى دەپ بېرەتتى.
-يالغان سۆزلىمەڭ، سىز يەنە شۇنداق سورۇنغا بېرىپ ئويناپ يۈرۈپسىز، بولمىسا باشقىلار بىكارچىدىن ئۇنداق دەمتى..؟
- ۋوي،شۇ باشقىلار دېگىنىڭ زادى كىم...؟ دېسەڭ بولمامدۇ. ساڭا مېنى چېقىپ،  يامان گېپىمنى قىلسا ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايمەن دەپ يۈرەمسەن..؟ شۇنداق قىلساڭ ئۇنىڭغا ، ماڭا، ساڭىمۇ ياخشى ئوخشايدۇ ھە..دېگىنە دەيمەن. تېخىدىنمۇ جىلە بوپ كېتىۋاتتاتىم.
مەن بەك جىلە بولسام مۇھەببىتىم قورقۇپ كېتەتتى.
-ئالىم دېدى.
-قايسى ئالىم ئۇ..؟
ھېلىقى مېنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقدىشىم ، ماڭا تېلفۇن قىلىپ يۈرگەن بالا.
- غەزەپلىرىم ئەمدى ئىچىمدىكى بېسىشلارنى ، سۈكۈتلەرنى، سەۋىر تاقەتلەرنى بۇزدى.
- ئەشۇ ھاراملىق، گاچا نىمىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يۈردۈڭما..؟ ئەشۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنچە يىغلاپ، ماڭا بولغان ئىشەنچىڭنى يوقاتقىلى تۇردۇڭمۇ..؟ مەن ساڭا زادى نىمە دىگەن، ئۇ تېلفۇن قىلسا تېلفۇنىنى ئالما، ئاساڭمۇ تىللا، تىللاڭمىساڭمۇ مېنىڭ سەككىز يىللىق مۇھەببىتىم بار، قانداق بولسا ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، سېنىڭ نىمە كاراڭ دەپ ۋارقىرا دىگەن ئىدىمغۇ..؟
يەنە نىمە دەپ ئەشۇ ھاراملىقنىڭ تېلفۇنىنى ئېلىپ يۈرۈيسەن...؟ راس ئۆتكەنكى نومۇرنى ئىشلەتمەيۋاتقان ئىدىڭغۇ..؟ بۇ نۇمۇرىڭنى ئۇ يەنە قانداق بىلىپتۇ..؟
مۇھەببىتىم دۇدۇقلاپ كەتتى، ئۆزىنى ئەمدى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ ئاۋازىنى بوش چىقاردى.
-ئۇ نۇمىرىمنى دوسلىرىم بىلەتتى. بىر نەچچە دوستۇم شۇ نۇمۇرغا تېلفۇن قىپتىكەن، كىملەر تېلفۇن قىلغاندۇ دەپ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقاي دىگەن نىيەتتە ئېچىپ بېقىپتىكەنمەن، ئېچىشىمغا تېلفۇن كەلدى، ئالساملا ئەشۇنداق دەپ سۆزلەپ كەتتى.
- مەن ساڭا ئۇ كارتىنى تاشلىۋەتكىن بولدى دىگەن ئىدىمغۇ..؟
-شۇ ئىچىدە پۇل تۇرسا ھەم دوسلىرىمنىڭ تولىسى مۇشۇ نۇمۇرنى بىلگەچكە تاشلىمىغان ئىدىم.
قىزلار دىگەننىڭ مانا مۇشۇنداق يېرى بولمايدۇ ئەمەسمۇ..؟ ھەممە ئىشلارنى ئەستايىدىل قىلىمەن، زىياننى كۆپ تارىتمايمەن دەيدۇ، ئۆزىنىڭ يېنىدىن بىر نەرسىنىڭ ئىشلەتمەي، راۋۇرۇس پايدىنلانماي تۇرۇپ يېنىدىن يوقاپ كېتىشىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ھەممە نەرسىدىن ئۆزىگە پايدا چىقىشنى ئويلايدۇ، ئەشۇ نەرسە سېسىپ كەتسە كېتىدۇكى ، باشقىلارغا تاشلاپ بېرىشكە، ئۇنىڭدىن ۋاس كېچىشكە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ، ھەممىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرسام، مەندىن باشقىلار پايدىلىنالمىسا دەپ ئويلايدۇ، بۇ قىزلارنىڭ  ئەڭ شەخسىيەتچىلىك خاراكتىرىدۇ . مانا  بۇ قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى.  بۇ مىجەزى نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپكار بولۇپ قالىدۇ. بۇنى قانچە قېتىم سەمىگە سېلىپ تۇرسىڭىزمۇ يەنىلا بىلمەيدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ جىم بولۇپ كېتىدۇ.

داۋامى بار...
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-20 03:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-تاشلىۋەتمىسەڭ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ بەرسە ئاڭلاپ تۇرۇپ كەتتىڭما..؟
-تېلفۇن قىلىپلا سېنىڭ تۇتقان مۇھەببىتىڭ، سەن بەك داڭلاپ كەتكەن مۇھەببىتىڭ شۇنچىلىكمىتى دەپ گەپ باشلىدى، ئاڭلاپ تۇرۇپ قاپتىمەن.
- نىمە دېدى ئۇ ھاراملىق،،؟
-شۇ سىزنى تۈنۈگۈن بىر يەردە ، قىزلارمۇ بار، ھاراق تاماكا بار بىر سورۇندا ئولتۇرغىنىڭىزنى كۆرۈپتىكەن، تېلفۇن قىلىپلا سېنىڭ تۇتقان سەن ئارزۇلاپ ،داڭلاپ كەتكەن مۇھەببىتىڭ شۇنچىلىكمىتى دېدى.
نىمىشقا مۇھەببىتىمنى ئۇنداق دەيسەن دەپ سورىسام، ئۇ دېگەن يولدىن چىققان ھاراقكەش، بۇزۇق بىر نىمە ئىكەنغۇ، ئەشۇنى شۇنداق داڭلاپ يۈردۈڭما دەپ كەتتى.
ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ مۇھەببىتىم ئۇنداق ئەمەس دېدىم.
نەدە ئۇنداق بولمايدۇ، شۇنداق يەردە كۆرىۋاتسام، باشقىلاردىن سورىساممۇ ئۇنى تاپتىن چىققان نىمە دەۋاتسا ،شۇنداق بولماي ئەمىسە قانداق. ئۇ سېنى ئالداپ قويۇپ ئويۇنىنى ئويناۋېرىدۇ، سەن قانداق بىلەتتىڭ ئۇنى، مەن ئۇنداق ئىش قىلمايمەن، ئۇنداق قىلمايمەن دېسە دىسە شۇنداق ئىشىنىپ كېتىدىكەنسەندە دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى.
ئاندىن شۇ سىزگە تېلفۇن قىلىشىم ئىدى.
مۇھەببىتىمنىڭ دەپ بەرگەن گەپلىرىگە ھېلىقى لامزەللە ،ھارامتاماقنىڭ ئېسىمدە قالغان چىرايىنى كىرىشتۈرۈپ تېلفۇن قىلغاندىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى. شۈركىنىپ كەتتىم. بۇ ھارامتاماقنىڭ راستىنلا شۇنداق دىگەنلىكىگە ئىشەندىم. بۇرۇن ئۇنىڭغا دىققەتمۇ قىلىپ كەتمەيتىم، بۇ ھارامتاقنىڭ مېنىڭ بېشىمنى بۇنچىلىك ئاغرىتىدىغانلىقىغا، مېنى بۇنچىلىك ئازاپقا، غەزەپكە سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. دۇنيادا بېشىمنى ئايلاندۇرمىغان پەقەت مۇشۇ ھارامتاقلا قالغاندەك ، بۇ ھارامتاماق بۇ پۇرسەتنى بىلىۋالغاندەكلا،  پەيدا بولۇپ مەندىن مۇھەببىتىمنى قانداق ئۇسۇلدا بولمىسۇن تارتىۋېلىشقا كەلگەندەك ، قىسىلەردە ئېيتىلىدىغان يەجۇجى ، مەجۇجىلار ئېۋەتكەن، باشقىلارنىڭ خوتۇن باللىرىنى ئايرىىۋېتىپ، باشقىلارنى يەنە بىر قېرىنداشلىرىدىن ئايرىۋېتىپ، مۇھەببىتىم ئىككىمىزگە ئوخشاش شۇنداق ياخشى كۆرۈشۈپ بىر-بىرىگە چىدالمايدىغان مەشۇقلارنى ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى قىيناشقا كەلگەندەكلا، ئۇلار نەدە مۇھەببەت كۈچلۈك بولسا شۇ يەردە پەيدا بولىدىغان ، بۇ ھارامتاماق ئەشۇ يەجۇجىلار ئېۋەتكەن بىر  سېسىق بىر يەجۇجىدەك كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ تۇراتتى.
-ئەشۇ ھاراملىقنىڭ گېپىگە ئىشەندىڭما..؟
  تولا سوراپ، ھەم ئەۋۇ لامزەللەنىڭ يەجۇجىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەسۋىرى چىرايى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆزۈممۇ سەل چارچاپ قالغان ئىدىم.
- ياق، ئىشەنمىدىم. شۇ بىراق باشقىلارمۇ بىكاردىنلا ئۇنداق دىمەس.
مۇھەببىتىم راس دەيدۇ. باشقىلارمۇ بىكاردىنلا ئۇنداق دىمەيدۇ، قىسىلەردە يەجۇجىلارمۇ دۇنياغا ھېچ بىر سەۋەپسىزلا چۈشىدۇ دىمىگەنگە ئوخشاش.
ئۇنىڭ دېيىش سەۋەبى بەلكىم مۇھەببىتىمگە قىزىقىپ بېقىۋاتقاندۇ، بۇ قىزىقىشىنى ئۇلۇغ مۇھەببەت دەرىجىسىگە ئاپىرىۋالغاندۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق لامزەللىلەر ھەقىقى مۇھەببەتنى نىمە بىلسۇن، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت يىلدا بىر قېتىم ئۆسۈپ تۇرىدىغان تىكەنگە ئوخشايدۇ. تىكەنلەر ئۆسۈپ قەلبىنى ئازراق جىجىلاپ قويسا سەكرەپ كېتىپ مۇھەببەت ئۈچۈن قىلغاندەك كۆرىنىش ياساپ باقىدۇ. ئەشۇ قىلغانلىرىدىن ئۆزى خوش بولىدۇ، ئەشۇ بىردەملىك ھاياجىنىنى مۇھەببەت دەرىجىسىگە، ئۇلۇغ مۇھەببەت دەرىجىسىگە ئاپىرىپ بېقىپ ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ باقىدۇ. بۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق يولنى ، ھەرقانداق ۋاستا تاللىماي ئەشۇ تۇيغۇسىغا پۇتلاشقا ھەرقانداق نەرسىنى پۇتلاپ باقىدۇ، ئۇنى كېسىپ بولامدۇ، سۆكۈپ بولامدۇ، يەنجەپ بولامدۇ يوقىتىشقا تىرىشىدۇ.  
بىراق ، تىكەن پەسىل ئالمىشىشى بىلەن قۇرۇپ تۈگىگەنگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بۇ قىزىقىشىمۇ ، خىيالى، تۇيغۇسىمۇ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن  تۈگەيدۇ. يەنە بىر مەزگىلدىن يەنە ئەشۇ تىكەن ئۆسۈپ چىقىدۇ يەنە ئوخشاش بولىدۇ. بىراق بۇ  تىكەنلەرگە سوقۇپ قالغانلار ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ھەممە يەردە تىكەن بار ئىكەن دەپ يۇمشاق قۇرىتقا ئوخشاش ئۆمىلەپ ياشىشىمۇ مۇمكىن، ھەممە كەلگۈلۈك ئەشۇ تىكەنگە يولۇققانلارغا كېلىدۇ.

داۋامى بار...
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

يېڭى يۇلتۇز

يۇم كۆزۈڭنى، كۆز

UID
2874
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-20 13:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز!

ئۈمىدلىك ئەزا

嘿~~小孩就是沒辦法~!!~

UID
3293
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
380
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2010-10-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-20 23:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايىكەن ، تۇرمۇش چىنلىقى قۇيۇق،ئاخىرىنى ساقلايمەن
嘿~~小孩就是沒辦法~!!~

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-21 01:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-باشقىلارنىڭ نىمىشقا ئۇنداق دېگەنلىكىنى تېخى بىلمىدىڭمۇ..؟
-شۇ سىزنى كۆزۈمگە سەت كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ سىزدىن ھەر جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى دىمەكچىدۇ.
يەنە شۇنداق تۇرسا نىمىشقا يىغلاپ بايامقىدەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن..؟
سىزدىن سوراپ باققۇم كەلدى، ھەممە ئىشنى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاپ ئېنىقلىمىغۇچە كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن، ئۆتكەندە نەچچە قېتىم شۇنداق يەرلەرگە بارغان بولغاندىكىن ، بۇدا يەنە سىزنى راسلا شۇنداق قىلىپ سالدىمىكىن دەپ شۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمەن.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ جىممىدە بولۇپ كەتتىم. بارلىق ۋۇجۇدى ،زېھنى بىلەن بۇ ئىشقا ئۆزىنى قاراتقان مۇھەببىتىمگە ئىچىم كۆيىۋاتقان ئىدى.مەندىن نىمىشقا شۇنچىلىك ئەنسىرەيدىغاندۇ،،؟ نىمىشقا ماڭا بۇنچىلىك ئىشەنمەيدىغاندۇ..؟ دەپ ئويلاپمۇ قالدىم، كەينىدىنلا ياق،مۇھەببىتىمنىڭ مېنى كىچىك بالا ئورنىدا كۆرۈپ دائىم ئەنسىرەپ تۇرىشىمۇ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، ماڭا ئۇنداق ئىشەنمەسلىكىمۇ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دەپ مۇھەببىتىمگە ئىشەنىج باغلىدىم.
چۈنكى بۇنى ماڭا ئۇنىڭ يۈرىكى، شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىكى ئۇماق ھالىتى، گەپلىرىنىڭ قۇلاققا شۇنداق ساددا ئاڭلىنىدىغانلىقى ، راستىنلا پۈتۈن ۋجۇدى بىلەن مۇشۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى دەپ بېرەتتى.
شۇنداق بولغاچ ئۇنىڭ كاللىسدا قېلىپ قالغان بۇ چىگىشلەرنى ئىتتىك يېشىپ مۇھەببىتىمنى خاتىرجەم قىلىشنى ئويلايتىم. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ دېدىم، ئادەتتە ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆپ چاقىرمايتىم، ئۇماق، تاتلىق دېگەندەك گەپلەر بىلەن بەزىدە تېخى خوتۇن دېگەندەك گەپلەر بىلەنمۇ چاقىراتتىم. توي قىلماي تۇرۇپ خوتۇن دەپ چاقىرىش بەزىدە بەكمۇ غەلىتدەك بىلىنىپ كەتسىمۇ ،ئەمىلىيەتتە ئۇ مېنىڭ شۇنداق دېيىشىمنى ياقتۇراتتى. مەنمۇ شۇنداق دەپ قويۇشقا ئامراق ئىدىم. شۇنداق دەپ قالساق ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان ئامراقلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كېتەتتى.
-گۈلچېھرە  سەن قانداق ئويلىدىڭ..؟ شۇنداق دىسە ئىشەندىڭمۇ ،ئىشەنمىدىڭمۇ..؟
- مەن سىزنى ئۇنداق قىلمىغاندۇ دېدىم، بىراق يەنە شۇ ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاپ باقاي دەپ،
يەنە تۇرۇپ قالدىم.
ھەممە ئىشلارنى قانداق ھەل قىلىش مەسلىسىنى، قانداق ۋاقىتتا قانداق قىلىش مەسلىسىنى، ھەتتا قانداق ئويلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلمىسا ئۇنىمايدۇ.
بۇ ئشتىمۇ مانا شۇنداق، ماڭا شۇنداق ئىشەنمەيدىيۇ، بىراق مېنىڭ نىمە دېيىشىمنى ساقلاپ تۇرىدۇ، مېنىڭ نىمە دېيىشىمنى ئۇنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىگە تاللاشتىكى بەلگىلىمە قىلىدۇ. مېنىڭ مۇھەببىتىم مانا شۇنداق ساددا بىر قىز..!
ئۇ مېنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ياق دېيەلمەيتىم، تېخى ئۆتكەندە دوسلىرىم بىلەن بىر يەردە ئولتۇرغان، ھازىرقى باللار بىر يەرگە كېلىپ قالساق ئەشۇنداق بىر ئولتىرىۋالمىساق كۆڭلىمىز پەقەت ئۇنىمايتى. كۈنلىرىمىز مەنىلىك ئۆتكەندەك بولمايتى.
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي يالغان سۆزلەشكە ئۇرۇندۇم.

-ئالىم دىگەن لامزەللە ساڭا يالغان ئېيتىپتۇ. مەن تۈنۈگۈن ھېچقانچان ئۇنداق يەرگە بارمىدىم ، ئۇنداق دېسە ئىشىنىپ يۈرمە ئۇمىقىم.
- ئالىمنىڭ دېگىنى يالغان بولسۇن، راس ئۇ نىمىنى بىزنى قەسلىمىدى دىگىلى بولامدۇ، بىراق سىز ئۆتكەنكى ۋاقىتتىن بېرى ئۇنداق سورۇنغا بېرىپ باقمىدىڭىزمۇ..؟
مانا ئەمدى سۇئالنىڭ نەق جاۋابى سورالدى.
مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر راس گەپنى قىلىپ بۇ ئىشلارنىڭ راس بولغان بىلەن ھېچقاچان ئالىم دىگەندەك ئۇنداق بۇزۇق يول ئەمەسلىكىنى، پەقەت مىنىڭمۇ دوسلار ئارا ئولتۇرۇپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىش نىيىتىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش نىيىتىدە گەپ قىلدىم. مېنىڭ بۇنچە ئىككىلىنىپ كېتىشىم، تېخى توي قىلماي تۇرۇپ مۇھەببىتىمنىڭ بۇنچە سوراق قىلىشىغا، ئەنسىرەشلىرىگە ئۇچراپ قېلىشىم پەقەت ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ئىدى. ھازىر ھېسىياتىمىز شۇنداق زىل مەزگىلدە تۇراتتى. توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە ئەشۇ زىل مەسىلىنى ئويلىنىپ بىر تەرەپ قىلماي ئىتتىك پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بىر تەرەپ قىلىمەن دىسەك كۆڭۈل ئازارچىلىقى بولۇپ قالسا ياخشى بولمايتى.

- ساڭا يالغان سۆزلىگۈم يوق، ئۇ مېنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتى. ئۆتكەندە بىر دوستۇم كەلگەندە ئولتۇرۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق سورۇنغا بېرىپ باقمىدىم .
-ئەنە بېرىپتىكەنسىزغۇ..يەنە شۇنداق تۇرسا خەقنىڭ گەپلىرىنى يالغان، يالغان دەپ ۋارقىرايدىكەنسىز...؟
يەنە سەل چېچىلىپ قالدىم، شۇنداق كۆپ گەپلەر بولىنىۋاتسا مۇھەببىتىمنىڭ ئالىم دىگەن لامزەللىنىڭ ئۇ گەپنى دېيىشتىكى مۇدداسىغا ئېسىلماي، دىگەن ئەشۇ ئاغزىدىكى گەپكىلا ئېسىلىۋېلىشى ئاچچغىمنى يەنە كەلتۈرۈپ تۇراتتى.

-يالغان دەپ ۋارقىرىمامدىم، ئۇ مېنى قەستەن يامان كۆرسىتىپ كۆرمىگەن ئىشنى كۆردۈم دەپ، باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان گېپىنى كۆپتۈرۈپ ساڭا مېنى سەت كۆرستىش ئۈچۈن دەۋاتسا ۋارقىرىماي قانداق قىلىمەن. مېنىڭ ئۇنداق سورۇنغا بېرىشىم بىلەن ئالىم دىگەن لامزەللىنىڭ دىگەن گەپلىرى ئىككىسى ئىككى ئىش.مېنى ئۇنداق يەرگە بېرىپتۇ دەپ خاپا بولساڭمۇ مەيلى، بىراق ئاۋۇ ئالىم دىگەن  ھاراملىقنىڭ گېپىنى راسكەن دېگەندەك قىلىپ ماڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلما..؟ ئۇ لامزەللە مەيلى نىمە دېيىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ گەپلىرى يالغان، ئۇنىڭ مۇددىئاسى ياخشى ئەمەس، ئۇقتۇڭمۇ...؟

مۇھەببىتىم ئەمدى ئۇنىڭ گېپىنى چىقىرىشتىن قورىقتى. ئۇ مېنىڭ ماڭا ئۇۋال قىلىنىپ قالسىلا  ۋارقىراپ چۈشىدىغان ، لىكىن دېگەن گەپلەر ھەقىقى راس بولسا مېنىڭ شۇ ھامان ئىقرار قىلىدىغان مىجەزىمنى بىلەتتى.

- ھە ماقۇل، شۇنداق بولسۇن، ئەمىسە ئۇنداق يەرگە نىمىشقا باردىڭىز..؟

مەن بەك چارچاپ كېتىۋاتاتتىم، ئۆزۈمنى شۇنداق ئازاپتا، خورلۇقتا قالغاندە ھېس قىلىپ قېلىۋاتقانتىم، ئەشۇ خورلۇقتا ،ئازاپتا قالغاندىكى ئەشۇ ئاچچىق تۇيغۇ ماڭا نەدىدۇر بىر يەرلەردىكى نەپرەتنى ، غەزەپنى يەنە سۆرەپ كېلەتتى.
بۇ ئازاپلىرىمنىڭ، بۇ ھېسلىرىمنىڭ، بۇ نەپرەت ، غەزەپ تۇيغۇللىرىنىڭ كېلىپ مېنىڭ كاللامنى بىئارام قىلىشىنى، چارچىتىشىنى، بۇ چارچاشلارنىڭ غورۇرۇمنىمۇ پارچىلاپ كېتىۋاتقانلىق سەۋەپچىسىنى مۇھەببىتىممۇ دىمەيتىم، ئۆزۈممۈ دىمەيتىم.
پەقەت ئەشۇ ئالىم دىگەن يەجۇجى چىراي پىتنىخور لامزەللا بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى دەيتىم.
كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ ئوتى يالقۇنلاپ كۆيمەكتە ئىدى.

داۋامى بار....
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-21 02:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 بەزىدە تۇرۇپلا ھەممە گۇناھنى ئۆزۈمگە ئېلىۋالاتتىم. بۇ تاتلىق مۇھەببىتىمنى نىمىشقىمۇ ماڭا بۇنچىلىك ئامراق قىلىپ قويار بولغىيتىم، ماڭا بۇنچىلىك ئامراق بولمىغان بولسا مېنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرمىگەن بولسا بۇنچىلىك ئازاپلارغىمۇ قالماس بولغىيتى، مەنمۇ بۇنداق چارچاپ كەتمەس بولغىيتىم دەپمۇ قالاتتىم.
ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىشىنى توسۇپ باقاي دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم. بىراق كەينىدىنلا دۇنيادا ماڭا پەقەت مۇشۇ مۇھەببىتىملا ھەقىقى تۈردە مۇئامىلە قىلغاندەك، ماڭا ھەقىقى كۆيىنىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق قىز مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ، ھەم ياخشى كۆرەلمەيدىغاندەك بىلىنەتتى. مۇشۇ مۇھەببىتىم بولسىلا ئۆزۈمنى ھەقىقى ئەركەكتەك ھېس قىلىپ،  ئەركەكلىك غورۇرۇمنى يوقۇتۇپ قويمايدىغاندەك بىلىنىپ كېتەتتى.
ئۇ مېنى نۇرغۇن ئىشلاردىن توسىۋاتاتتى، ماڭا تۇرمۇشتا زىيان كەلتۈرىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلاردىن ، ھازىرقى تۇيۇق يوللاردىن توسۇپ، ھەقىقى تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرىنىۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتەتتى.بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا ئىچىم شۇنداق كۆيەتتى.
تۇيۇقسىز مۇھەببىتىم يەنە گەپ قىلدى.
نىمە بولدىڭىز تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ..؟ ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ يە..؟ نىمىشقا سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەيسىز..؟
-نىمە دىگەن ئىدىڭ..؟
- نىمە دەيتىم، كاللىڭىز قەيەردە..؟ ئۇنداق يەرگە يەنە نىمىشقا باردىڭىز دېدىم..؟
-ھە، ئۇنداق يەرگە نىمىشقا باراتتىم ئۇماق شۇ، دوسلىرىم بىلەن ئازراق ھال،مۇڭ بولاي دەپ.
-ئۆتكەندە ئۇنداق يەرگە بارمايمەن دەۋاتتىڭىزغۇ..؟
- بارمايمەن دەپلا بارمىغىلى بولمايدىكەن ئۇماق، ھازىر باللار بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالسا ئۆزلىكىدىن شۇنداق سورۇن بوپ قالىدىكەن . يا ئۇنداق سورۇنغا بارمايدىغان باللار بىلەن دوس بولاي دىسەم،بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىككىمىز توي قىلىدىغان يەرگە كېلىۋاتساق، يەنە قەيەردىن دوس ئىزلەپ يۈرۈيمەن. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار بىلەنمۇ چىقىشالمايمەن، ئۇلار مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ يېقىن دوسلىرىم تۇرسا قانداقمۇ يېنىڭلاردا بىللە ئولتۇرۇشۇپ بېرەلمەيمەن دېيەلەيمەن. ئۇلارمۇ  ساڭا ئوخشاش ھاياتىمدىكى يېقىن ئادەملىرىم تۇرسا بارمايمەن دېگىلى بولامدۇ .
- ئۇنداق، ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان بەردە ئولتۇرمىساڭلا پەقەت ئولتۇرۇلمامسىلەر..؟ سىز دېسىڭىز بولمامدۇ، بۇنداق يەردە ئولتۇرمايلى، ھاراق تاماكا ئادەمگە زىيانلىق شۇڭا بۇنداق يەردە ئولتۇرمايلى دېسىڭىز بولمامتى..؟
- ئۇماق، ھەر قېتىم ئۇنداق سورۇندا ئولتۇرمايمىز، مەن بۇنداق يەردە ئولتۇرمايمەن، بۇنداق يەردە ئولتۇرماي باشقا يەردە ئولتۇرايلى دېسەم ، ھە مۇھەببەتلىشىۋېرىپ ھېلىتىنلا خوتۇننىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولۇپ قالدىڭما دەپ ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە قالمامدىم.
گۈلچېھرە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدى. مۇھەببىتىم دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يامان گېپى بولۇپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتى. دوسلىرىمغا ياخشى كۆرىنىشكە تىرىشاتتى. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنى ماڭا ماختاپ بېرىپ، مېنىڭ ئۇنى تېخىدىنمۇ ياخشى كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى.

داۋامى بار...
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

قاسىمجان

UID
3013
يازما
82
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3090
تىزىملاتقان
2010-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-21 03:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن داۋاملىق تىرىشىڭ

UID
3194
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
550
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-21 19:28:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ... نىمەدىگەن چىنلىقى يۇقىرى ئەسەر بۇ!  [s:2]  [s:2]      داۋامىغاتەشنامىز - ھە. تىزراق بۇلارسىز.      [s:2]
اللە ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش