- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 73
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- UID
- 2574
- يازما
- 73
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- توردا
- 2 سائەت
|
ئىچىم سىقىلىپ دۇككاندا بىر ئاز ئولتۇردۇم. ھېچ برى ئىش قىلىشقا رايىم بارمايدۇ. بولدىلا دۇككاننى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ بۇ يەردە ئازراق ئۇخلىۋالاي دېدىمدە ، دۇكاكننى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ ، دۇككاندىكى كارۋاتتا يېتىپ زورمۇ زور ئۇخلىدىم. ئىچىمنىڭ سىقىلىشنى بەلكىم تۈنۈگۈن چالا قالغان ئۇيقۇمنى تولۇقلاپ يوقىتارمەن دەپ ئويلىدىم. كارۋاتتا يېتىپ ئۇيقىغا كەتتىم.
يەنە ھېچنىمىگە قارىمايلا ئۇخلاپ كتىپتىمەن. بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئويغانسام سائەت ئون ئىككى يېرىمدىن ئاشقىلى تۇرۇپتۇ. ھە مۇنداق ئىش ئىكەندە ئەسلى، بەك ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ كەتسە ئەسلىدە كۈندۈزدە ئۇخلىۋالسىمۇ بولىدىكەن.
گۈلچېھرەگە يەنە قايتا تېلفۇن قىلدىم.
گۈلچېھرەنىڭ تېلفۇنى يەنىلا ئېتىك. نىمە بولغاندۇ زادى..مۇشۇ ۋاقىتقۇچە ئاچمىغىنىنى ، مەندىن تېخىچە قېيداغلىق ئوخشىمامدۇ.
بولدىلا ھېچ ئىشمۇ يوقتۇ،بۇنداق ئەنسىرەپ كەتمەي. قورقىسىقىممۇ سەل ئاچقاندەك قىلدى. ئۆزۈم يالغۇز تاماق يېيىشكە رايىم يوق، بۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا غېنى ماڭا ياخشى يوللارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. غېنىغا تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي، قانداقراق ئاداش،
-ياخشى. ئۆزۈڭچۈ ..؟
- مەنمۇ ياخشى ..
غېنى مېنىڭ ئويلىغىنىمنى بىلىۋالغاندەكلا دۇككانغا كېلەمسەن، بىللە تاماق يەيلى دېدى.
- مەنمۇ شۇنداق دەپ تېلفۇن قىلغان ساڭا..
-ياخشى ئويلاپسەن، تېزراق كەلگىن ئەمىسە.
ماقۇل.
تېلفۇننى قويىۋېتىپ غېنىنىڭ دۇككىنىغا ماڭدىم. غېنى ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر نىمىلەرگىدۇ قاراپ تۇرۇپتۇ.
بېرىشىمغىلا غېنى گەپ باغلىدى.
- ھە كەلدىڭمۇ ئاداش، يۈرە بۈگۈن تاماق يەپ كېلەيلى، سەن مېھمان قىلىسەن، نوچى بىر ئاشخانا بار، شۇ يەرگە كىرەيلى.
-ئاداش، بۇ يەردە سېنىڭ ئاشخاناڭ تۇرسا يەنە باشقا ئاشخانىغا بېرىپ يۈرەمدۇق..؟سېنىڭكىدىلا يېسەك بولمىدىما..؟
- بولدى. بۇ يەردە يىمەيمىز..قاچانلا قارىسا ئۆزۈم ئەتكەن تاماقنى ئۆزۈم يەپ ئولتۇرامدىم. باشقىلارغا تاماق ئېتىپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئالغىنىممۇ يېتىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە ساڭا تاماق ئېتىپ بېرىپ سېنىمۇ خېرىداردەك كۈتۈپ ئولتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئاشخانىللىرىغا بېرىپ قويساقمۇ زىيان تارتىپ كەتمەيمەن. چوڭ ئاشخانىلارغا بېرىپ ئۇ يەردىن تىجارەتنىڭ يولىنى بىلىۋالغان تېخىۇ ياخشى ئاداش.
- يۈرە قالغان گەپنى شۇ يەردە دېيىشىمىز، ئۇ ئاشخانىغا چىرايلىق قىزلارمۇ كۆپ كىرىدۇ.
- قاچانلا چىرايلىق قىزلار، چىرايلىق قىزلار دەيسەن، لېكىن بىرەرسى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ يۈرمەيسەن، نىمە پايدىسى ئۇنداق چىرايلىق قىزلارنى كۆرىۋالغىنىڭنىڭ.
- سەن بىلمەيدىكەنسەن، قىزلار بىلەن يۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر ئاۋارچىلىق.مەنمۇ بىرەر قىز بىلەن يۈرسەم ساڭا ئوخشاش بوپ قالارمەنمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن. ۋاي جېنىم گۈلچېھرە، ۋاي ئۇمىقىم دەپ...بولدى ئۇ مۇھەببىتىڭنى كېىيىن توي قىلىپ بولغاندىن تېخىمۇ ئىپادە قىلساڭ بولىدۇ.
- ئاھاي،بولدى قىلە، مېنى مازاك قىلىۋالمىساڭچۇ..؟
- چاق-چاق قىپ قويدۇم.. شۇ سېنىڭ ئىشلىرىڭنى ئەشۇ يەردە دېيىشىمىز،
-يۈرە..
غېنى بىلەن شەھىرىمىزدىكى ئاۋات، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن پاكىز، چوڭ بىر بىر ئاشخانىغا كىردۇق.
بۇ يەرگە راستىنلا چىرايلىق قىزلار كۆپ كىرىدىكەن، كۈتكۈچىللىرىمۇ چىرايلىق ئىكەن.شۇڭا غېنىغا يېقىپ قاپتۇدە بۇ يەر..
كىرىپ بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ جۇۋاۋىدىن ئىككىنى بۇيرۇتۇپ ساقلاپ ئولتۇردۇق.
-ھە ئەمدى ، گەپلىشەيلى. بۈگۈن يەنە خامۇش كۆرىنىسەنغۇ يەنە نىمە بولدۇڭ..؟
- غېنىغا ئاچىسىنىڭ ئالىمنىڭ گېپىنى ، ئانىسىغا دىگەنلىكىنى، گۈلچېھرە بىلەن ئازراق قېيدىشىپ قالغانلىقىمنى دېدىم.
غېنى ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ كەتتى.
- نىمە بولدۇڭ. باشقا ۋاقىتلاردا بۇنداق گەپنى ئاڭلىساڭ پەقەت كۈلمەيتىڭ، بۈگۈن كۈلۈپ كەتتىڭغۇ..؟
- ساڭا دىسەم بارغۇ ئاداش، مەن گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى بىلەن تۈنۈگۈن تېلفۇندا كۆرۈشتۈم.
-بەك كېچىكىپتۇق ئاداش، كۆرۈشسەڭمۇ بەرىبىر ئۇ خوتۇن ئالىمنى ئانىسىغا تەۋسىيە قىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ..؟ ئەزەلدىن قىزىنى ئالىمدەك بىر بايۋەتتچىگە، پۇلى بار بىرسىگە بېرىشنى ئارزۇلاپ كېلىۋاتقان لېكىن ئۇنداق يىگىتنى تاپالمايۋاتقان جىلە بولىۋاتقان بۇ ئانا ئەمدى ئالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭمۇ گۈلقەقلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ.
- ياق نىمىگە كېچىكىسەن، ھېچنىمىگە كېچىكمەيسەن. ھەممە مەسلە گۈلچېھرەدە ،گۈلچېھرە تېخى ئۇلاردەك ئويلىمىغان بولسىلا سەن كېچىكمەيسەن، بولدى ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى، ئىشلىرىنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت.
- ماقۇل قېنى، گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى بىلەن نىمە دېيىشكەنلىكىڭلارنى دەپ بەرگۈڭ يوقما..؟
-ھە، دەيسەن ئاداش، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپتە تېلفۇن قىلدىم. تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى ئالدى،بۇ بىرسنىڭ نۇمۇرىما دەپ قەستەن باشقا ببىرسىنىڭ ئىسمىنى چىقاردىم. شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ ئاۋازىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن، ئۇنداق ئىكەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىم خاتا ئۇرۇپ قالغان بولساممۇ سىزدەك يېقىملىق بىر ئاۋازى بار ئايالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن دىگەندەك چىرايلىق گەپلەرنى قىلدىم.
ئۇ خوتۇنمۇ ئەزەلدىن بۇنداق چىرايلىق گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئوىشايدۇ ئاداش، يا ھېلىقى شوپۇر دىگەن يولدىشى بۇنىڭغا چىرايلىق گەپلەرنى قىلمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇ خوتۇن بۇنداق چىرايلىق گەپلىرىمىنى ئاڭالپ تۇرۇپلا قالدىغۇ..
ئۇ خوتۇن بىلەن يېقىنلىشىش بىز ئويلىغاندىمۇ ئاسان بولدى.
- گەپنى سوزۇپ ھەتتا گۈلچېھرە بىلەن ئىككىڭلار توغرۇلۇق، ئالىم توغرۇلۇقمۇ پاراڭ سېلىپ بەردى دەيسەن..بەك كۈلكىلىك بولدى ئاداش.
- ئالە شەرىڭنى ، پەقەتلا تونىمايدىغان بىر ئادەمگە ھەتتا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى بىردەمدە دەپ بولغان بولسا بۇ خوتۇننىڭ ئاغزى خۇددى ئاپتۇماتقا ئوخشاش راستىنلا ئىتتىك ئىكەن. نىمە دەيدۇ قېنى ساڭا دەپ باقە..
مېنىڭ بىر سىڭلىم بار ئىدى. ئۇنى نەچچە يىل ئازىلاپ ياخشى بىر مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، بىر يوللارنى قىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرساق ئۇ بىر ماشىنا رىمونىت قىلىدىغان بىر بالا بىلەن تېپىشىۋاپتۇ دەيدۇ.
- ھە..قېنى ئاخىرىچۇ....؟
-ئۇنىڭ دېيىشىچە سىڭلىسىنى ياخشى ، بىر پۇلى بار ئادەمگە بېرىش ئارزۇسى بار ئىكەن. ئۆيدىكىلىرىنىڭمۇ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭمۇ ئەشۇنداق ئارزۇسى بار ئىكەن.
-بىراق ...
-بىراق ..بىراقنىڭ ئاخىرىچۇ..؟
بىراق، گۈلچېھرە ئۇلارنىڭ دېگىنىگە قوشۇلماي تۇرىۋاپتۈمۈش، پەقەت ئۇنىمايۋاتقۇدەكمۈش..ئۆزىنىڭ ماشىنا رىمونىت قىلىدىغان مۇھەببىتى بارلىقى دەپ تۇرىۋاپتۈمۈش..يەنى سېنى بار تۇرىۋاپتۇ. بىراق يامان يېرى ئۇ سېنى ئۇلارغا شۇنداق ياخشى، بۇنداق ياخشى دەپ ماختاپ بېرېدىكەن. ئۇلارنى چوقۇ قايىل قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئۇلار بولسا پەقەت ئۇنىماي تۇرىۋاپتۇ. بىراق ئەڭ يامان يېرى گۈلچېھرە ياق مەن ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن، پەقەت ئەشۇ ماشىنا رىمونىتچى بىلەن توي قىلىمەن دەپ كەسكىن تۇرالمايدىكەن. پەقەت بۇلارنى قايىل قىلىشقىلا ئۇرىنىدىكەن. ئۇلاردىن پەقەت ئاغرىنمايدىكەن. ئۇلاردىن مېنى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر مۇھەببىتىمدىن ئايرىلىشقا ئۇرىنىۋاتىسىلەر دەپ ئاغرىنىپ باقمايدىكەن. پەقەت كاللىسدا قايىل قىلىشلا بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق ئىكەن.
- يائاللا، سېنىڭ قۇلىقىڭ نىمانداق راستىنلا ئۇزۇن بوپ كېتىتىغۇ..مۇشۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەشۇ خوتۇن ساڭا دەپ بەردىما، تېخى سەن بىلەن يېڭى تونۇشۇپ تۇرۇپ دەپ بەردىما..؟ مەن ئىشەنمەيمەن.
- دەپ بەرمىسە مەن قانداق بىلىمەن بۇ ئىشلارنى..گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى سەن ئويلىغاندىنمۇ ئۆتە ۋات- ۋات خوتۇن ئىكەن. لېكىن گەپلىرى شۇنداق قايىل قىلارلىق.
-ھە،شۇنداق. لېكىن سەن بۇلارنى بەك ئىتتىك ئىگەللەپ بوپسەن دەيمەن، ساڭا ھەيران قېلىشىمنى ياۆى گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسىغا ھەيران قېلىشىمنى بىلمىدىم.
-بولدى بۇ گەپلەرنى كېيىنراق دەپ بېرىمەن ساڭا، لېكىن دىگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى راس.
ئەمدى گۈلچېھرە توغرىسىدا پاراڭلىشايلى. غېنى شۇنداق دېگىنچە بىر يانغا قاراپ قويۇپ يەنە كۈلۈپ كەتتى.
نىمە بولدۇڭ دەيمەن ئاداش، نىمىگە يەنە شۇنداق خوش بوپ كەتتىڭ...؟
- نىمىگە بولاتتى. كۆردۈڭمۇ ئاۋۇ قىزلارنى چىرايلىقمىكەن. قارا ئاۋۇ قىزغا تېرىسى شۇنداق ئاق ،شۇنداق چىرايلىق ھە..
-شۇنداقتەك تۇرىدۇ.
بۈگۈن ساڭا بىر ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قوياي دەيمەن ئاداش، گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. شۇڭا ساڭا بىر ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قوياي، بەلكىم كاللاڭ سەل ئېچىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
- ئاداش، سەن نىمە كويدا ، مەن نىمە كويدا.
- مەنمۇ شۇ سېنىڭ كويۇڭدا،بىر گۈلچېھرەگىلا قاراپ تۇرىۋېلىپ باشقا قىزلارغا قىزىپ قاراپ باقماي قاچانلا قارىسا مىسكىن چىراي كۆرىنىدىغان بوپ قالدىڭ. شۇڭا چىرايلىق قىزلار كۆپ كىرىدىغان يەرگە ئەكىلىۋاتىمەن.باشقا چىرايلىق قىزلارغا قاراپ قويساڭ گۈلچېھرەنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان بوپ كېتىسەن.
- نىمە دەيدىغانسەن، باشقا قىزلارغا قارىسام گۈلچېھرەنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان بوپ كېتەمدىم. مەن چۈشەنمىدىمغۇ..؟
-سەن گۈلچېھرەنى راستىنلا چۈشىنىسەن، بىراق ئۇنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا چۈشىنىدىكەنسەن، پەقەت ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقىنىلا چۈشىنىدىكەنسەن، سېنىڭ ئۇنى يەنە بىر تەرىپىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىڭنى مەن بىلدىم.
-قايسى تەرىپىنى چۈشەنمەيدىغاندىمەن، مەن چۈشەنمىگەن تەرەپنى سەن چۈشۈنۈپ بولدۇڭ دىگىنە...
بۇنى ماڭا گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسى چۈشەندۈرۈپ قويدى.ئەمدى مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي.
-گۈلچېھرەنىڭ مەن چۈشىنەلمىگەن، ھېس قىلمىغان قايسى تەرەپلىرى باردۇر دەيمەن.
- مانا مۇشۇ يېرى بولمايدۇ ئەمەسمۇ..؟ قاچانلا قارىسا كىچىك بالىغا ئوخشاش يۈرۈيسەن، قىزلارنى راستىنلا چۈشىنىمەن چۈشىنىمەن دەيسەنۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەشۇ مۇھەببەتكىلا ھەددىن ئارتۇق تەشنا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىسەن، باشقا تەرىپىدىن چۈشىنەلمەيسەن.
قىزلار دىگەننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭغا بولغان ساپ مۇھەببىتىڭلا كەتمەيدۇ ئاداش، يەنە باشقا ئىشلار تەرىپىدىن ئويلىنىسەن.
-ماقۇل، ئاداش، بۈگۈن سېنىڭ دەرىسىڭنى ئاڭلايدىغان ئوخشايمەن،قېنى سۆزلەۋە ئاداش..
- ماقۇل قاراپ تۇر جۇما ئەمىسە، ئاۋۇ قىزنى ئەمدى قايتىدىن كۈزىتىپ باقە.
- قايسى قىزنى..؟
ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھازىر مەن دىگەن چېچىنى كەينىگە چېگىۋالغان، يۈزلىرى ئاپپاق، بۇرنى ئۇچلۇقراق كەلگەن، كۆزى بەكمۇ كىچىك ئەمەس، يوغانمۇ ئەمەس قارا كوپتا كىيىۋالغان قىزغا قارا..
غېنى سول تەرىپىمزىدە يانمۇ يان ئولتۇرغان بىزدىن ئىككى جوزا نېرىدىكى يانمۇ يان ئولتۇرغان بىر قىزنى كۆرسەتتى.
مەنمۇ ئاستا قاراپ باقتىم. راستىنلا چىرايلىق بىر قىز ئولتۇراتتى.
ئەمدى كۆردۈڭمۇ..؟
-ھە،كۆردۈم.
ئۇنىڭ چىراي ھالىتىنى كۈزىتىپ باقتىڭمۇ..؟
ياق كۈزىتىپ باقمىدىم. ئىككىمىز بۇنداق قاراپ تۇرىۋالساق باشقىلار كۆرۈپ قالسا، ئۇ قىزمۇ بىلىپ قالسا سەت تۇرۇپ قالارمىكىن.
-ھوي ئاداش، سەت تۇرۇپ قالارمىكى دىمەي ماڭا قارا، پات-پات گەپنىڭ ئارلىقىدا قاراپ قويساڭ بولدى.
- ماقۇل، قارىسام نىمە چىقىدۇ زادى...؟شۇ بىر ئادەتتىكىدەك چىرايلىق قىز ئىكەنغۇ..؟
- ياق تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغىن، بىراق ھەرگىز چاندۇرۇپ قويمايلى.ئىشلار دىگەن ئاشكارلىنىپ قالسا مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى سەت بولغىنى شۇ..ئەمدى مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي،
-ھە قېنى..
ئۇ قىز ھېچنىمىگە قارىماي ئۆز تامىقىنى يەۋاتىدۇ ،ئاستاغىنە يەۋاتىدۇ. ئۇ قىزنىڭ ئەتراپىدىكى ھېچكىمگە قارىماي ئۆز تامىقىنى يېيىشى ئۇ قىزنىڭ ياخشى بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تاماقنى ئاستا يەۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇ قىزنىڭ ئېغىر بېسىق بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. كىيىمنى ياراشتۇرۇپ چىرايلىق كىيىنىشىدىن قىزنىڭ ئۆز ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالايسەن.
دىمەك ئۇ قىزنىڭ يەنە مۇھەببەتكە شۇنداق ئېنتىزار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىسەن.
بىراق بۇ قىز دەل ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ..؟
- نىمىشقا..؟
چۈنكى بۇ قىز بەك تولا ئالدىنىدۇ. شۇڭا مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنداق قىزلار يېگىتلەر تەرىپىدىن ھامان ئالدىنىدۇ.
-توۋا، بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى. بىر قىزنىڭ تاماق يەۋاتقان ھالىتىەە قاراپ ئۇنىڭغا باھا بېرەلەيدىغان بوپ كېتىپسەنغۇ..
- ھە،شۇنداق. گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسىغا سەندىن گېپىنى ئاڭلاپلا باھا بەرگەنگە ئوىشاش بۇ قىزغىمۇ شۇنداق باھا بېرىۋاتىمەن. گۈلچېھرەنىڭ ئاچىسىمۇ دەل مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقتى. ھەتتا مېنىڭ ئويلىغنىمدىنمۇ بەكرەك شۇنداق بوپ چىقتى. بۇ قىزمۇ دەل شۇنداق ...شۇڭا دەيمەن.
غېنى گەپ قىلىۋاتقچە ئاڭغىچە بىز بۇيرۇتقان جۇۋاۋىمۇ چىقتى.
- تاماقنى ئالدىمىزغا تارىتقاچ غېنىغا گەپ قىلدىم.
- بوپتۇ ئۇ ئىشلار سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەكمۇ چىقسۇن، بۇ ئىشلارنىڭ گۈلچېھرە بىلەن قانداق مۇناسىۋېتى بار..؟ ماڭا قانداق چۈشەندۈرۈپ قويىسەن..؟
-باشتا تاماقنى يېيىۋالايلى ئاداش..بىردەم تۇرۇپ دەپ بېرىمەن. بۇ چۈشەندۈرىشىمنى ياخشى بىلىۋالساڭ ئالىمنىڭ پىلانلىرىنى ماڭدامدا توسالغۇغا ئۇچرۇتۇپ يۈرۈيسەن.
غېنىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ پاراڭلىرىغا تېخىمۇ قىزىقىپ قالغىلى تۇردۇم. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ماڭا تەسىر قىلغۇدەك ئۆزۈمنى ئوڭشاشقا ياردىمى تېگىدىغان بىر پاراڭنىڭ چىقىشىغا ئىشەنىچ بىلەن قاراپ تۇردۇم.
داۋامى بار... |
|