ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن.
1.بۆلەك؛ئۆلتۈرۈش ئىستىكىنىڭ تۇغۇلىشى
مەن نىمە ئۈچۈن بىر نەرسىگە ئېرىشسەملا باشقىلار ئۇنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولىدۇ...؟
بۇ سۇئال كاللامدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. باشقىلار بىر سۇئالنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بېرى، بىر ئادەمنىڭ كاللىسدا تەكرارلىنىپ كېلىشى شۇ ئادەمنىڭ دۆتلىكىنى ئىسپاتلايدۇ دەيتى. مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايتىم، چۈنكى ئۆزۈمنى دۆت ھېساپلىغۇم يوق ئىدى. ياق ئەمىلىيەتتە كاللام خېلى ئىشلەپ قوياتتى، باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا ئىشلەپ قوياتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ سۇئال مېنىڭ كاللامدىن تېخى كەتمىگەن ئىدى. بۇ مېنىڭ دۆتلىكىمنى ئىسپات بېرەمدۇ ياكى مەن ئۆزۈمنى بەك ئەقىللىق چاغلاپ قالدىممۇياكى بۇنىڭدا يەنە باشقا سەۋەپلەر بارمۇ،بۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى. بەلكىم بۇ سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى باردۇر.
دۇنيادا مەن ئېرىشكەن نەرسىلەرگە كۆزىنى قىزارتىدىغان ھەسەتخورلارنىڭ كۆپلىكى مېنى ئەڭ بىئارام قىلاتتى. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ شۇنداق ئىدى. ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان مەزگىللەردىمۇ ساۋاقداشلىرىم مەندىن قىزغىناتتى. مۇئەللىمىز ماڭا ئامراق ئىدى، ئۇ مېنى سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ماختايتى.
چۈنكى، مەن تۇنجى سىنىپقا كىرگەن ۋاقتىمدا دوسكىدىكى خەتنى ئۆز ئەينى شۇنداق چىرايلىق يېزىپ ،مۇئەللىمنىڭ دىققىتىگە، ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن ئىدىم. شۇ سەۋەپلىك يەردە ئولتۇرۇشتىن ئورۇندۇققا ئولتۇرۇشقا چىققان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا كەنتىمىزگە پارتىلار يېتىشمەيتى. پارتىلار ئاز، بالىلار كۆپ ئىدى. شۇڭا كۆپىنچە بالىلار يەردە ئولتۇراتتى.
يۇقۇرى ئۆرلەپ بىر يىللىق كۆچكەنسىرى مەن بىلەن تونىشىدىغان بالىلار كۆپ بوپ كەتكەن ئىدى. بەزىللىرى مەن بىلەن ئەشۇ ۋاقىتلاردىلا يېقىن دوس بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ھازىرمۇ ئەڭ يېقىن دوسلاردىن بوپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بەزىللىرى ماڭا دۈشمەن نەزىرىدە قاراپ يۈرەتتى. ئەشۇ توققۇز، ئون ياشقا كىرگەن ۋاقىتلاردىمۇ بۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆچ كۆرۈش، قىزغىنىش، ھەسەت قىلىش پىسخىكا ھالەتلىرى پەيدا بولغانىدى. ھازىرقى كىچىك بالىلارغا قاراپ بۇ باللاردا نە ھەسەت ، نە ئۆچ كۆرۈش ئالامەتلىرى بار، ئۇلار بۇ ئىشلارنى نىمە بىلسۇن دەيسىز، بىراق بالىلارنىڭ روھى دۇنياسى ھەرگىز سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس ئىدى.
ئەشۇ مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىمدىكى ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىمگە مېنى پات-پات چېقىپ تۇراتتى. مېنى مۇئەلىم قانچە ماختىغانسىرى ، مۇئەللىمگە مېنى چاقىدىغانلار شۇنچە كۆپ چىقاتتى. بۇنى مۇئەللىم ماڭا دەپ بېرەتتى. ئۆزۈڭنى باشقۇرۇشنى بىل ، سېنى چاقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەندىن قىزغىنىدۇ، ئۇلار نىمىلا دىمىسۇن سەن مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ياخشى بالا دەيتى.
ئۇ باللارنىڭ ، قىزغىنىش، ھەسەت قىلىش، ھەسەت قىلىش ئاخىرى ئۆچ كۆرۈشكە، ئۆچ كۆرۈش دۈشمەنلىك قىلىشقا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ھالىتىنى مۇئەللىم بىلەن پەقەت ئىككىمىز بىلەتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتى. باشقىلار بۇ باللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۇماق، ئۇلار ھېچ ئىشنى بىلمەيدۇ دەپ قارايتى. مېنىمۇ ھەم شۇنداق.
ياش چوڭايغانسىرى ھەر ھالدا ئەقلىمىزنى تاپىدىغان بولدۇق. شۇنچە كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم بولدۇم، شۇنچە كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلدىم. بەزى نەرسىلەر مېنىڭ ئارزۇيىمدىكىدەك بولماي مەن بىلەن ئۈنتىنسىز ئايرىلدى. بۇنىڭغا شۇنچە ھەسرەتلىنىپ يۈردۈم. بەزى نەرسىلەردىن ئۆزۈم ۋاز كەچتىم. شۇ باشقىلارغا دۈشمەنلىك بولۇپ قالماي دەپ كۆپ نەرسىلەردىن ۋاس كەچتىم. ئۇلاردىن قورىقتىممۇ ياكى ئۆزۈمنى ئايىدىممۇ راستىنلا كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدىم.
بىراق ئادەم ھاياتىدا ئېرىشمىسە بولمايدىغان يەنە مۇھىم نەرسىلەر بار ئىدى.
ئۇنىڭ بىرى ياخشى بولغان ئايال . مۇشۇ نىئمەتكە ئېرىشىشتىن ۋاز كەچسەم ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى ياخشى بىر ئايالغا ئېرىشىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، مېنىڭ ئەرلىك، ئىنسانلىق، ئادىمىيلىك ھوقۇقۇم ۋە غورۇرۇم ئىدى. بۇ ھوقۇقۇم بىلەن غورۇرۇمنى مەندىن خۇدادىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تارتىۋالالمايتى، مەنمۇ تارىتقۇزۇپ قويمايتىم.
ھازىرقى دېگەنلىرىم كىچىك ۋاقتىمدىلا كاللامدا پەيدا بولۇپ بولغانمۇ تاڭ ياكى كىچىك ۋاقتىمدا خوتۇن قىزلارغا ئامراق كېلەمدىم، سەككىز يىل بۇرۇن ئەمدى ئون ئالتىگە كىرگەندە چىرايلىق، ئۇماق بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەنمەن.
ئۇ ۋاقىتلاردا يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشەتتۇق. ھازىرمۇ ھەم شۇنداق، مېنىڭ ئۇ قىزنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلمەيتى. مەنمۇ ئۇ قىزنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەنلىكىم ھەققىدە ئۆزۈمگە ھەيران بولاتتىم. ئۇ ۋاقىتلار يوشۇرۇن مۇھەببەتلەشكەچكىمۇ بىزگە دۈشمەنلىك نەزىرە قارايدىغان بالىلار كۆرۈنمەيتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكى ئۇلارنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيتى ئەلۋەتتە. چۈنكى مەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بۇ قىز شۇنچە ئۇماق، چىرايلىق،ئۆزى ياخشى، ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا ياخشى ئىدى. بۇنداق قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىمنى بىلگەن ئۇ گۇيلار ماڭا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارىماي قالارمۇ،،؟ كىچىك ۋاقتىمدا دۈشمەنلىك نەزىردە قارايدىغان باللار چىققان ۋاقىتتا، ئون ئالتىنىڭ ئۇيانىغا ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتتا چىقماي قالارمۇ..؟ بۇ بەزى ئىشلارنىڭ يوشۇرۇن بولغانلىقىنىڭ پايدىسى،ھەرگىزمۇ دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ يوقلىدىن ئەمەس.
مانا ئەمدى توي قىلىش يېشىغا بېرىپ قالدۇق. بۇ ۋاقىتتا ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇھەببىتىمىزنى يوشۇرۇپ قالالمىدۇق، ھەم يوشۇرۇپ يۈرگىمىزمۇ كەلمىدى. قاچانغۇچە چوڭ بولماي مۇھەببەتلىشىپ يوشۇرنۇپ يۈرۈيمىز، مۇھەببەتلىشىش يا گۇناھ بولمىسا ئەمدى نىمىشقا قورقىغۇدەكمىز دېدۇق. ئەمدى ئاشكارا ھەلەتكە يەتتۇق. چۈنكى بىر-بىرىمىز بىلەن چوقۇم توي قىلىمىز دىگەن نىيەتنى ھەر ئىككىمىز كۆڭلىمىزگە ، يۈرىكىمىزگە مۆھۈرگە ئوخشاش پۈتۈپ بولغان ئىدۇق.
مانا ئىشلار ئاشكارە بولغىلى تۇرىۋىدى، دۈشمەنلەرمۇ پەيدا بولغىلى تۇردى.
مۇھەببىتىمگە بىر لامزەللىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۈمۈش. مۇھەبىبىتىمگە قانچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىپتۇ.بۇنى مۇھەببىتىم ماڭا دەپ بەردى. شۇنداق ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ مۇھەببىتىم بۇ ئاچچغىمدىن ياندۇرۇپ قويدى. نىمىگە ئاچچىغلايسىز، بۇنداق ئىشلار دىگە بوپ قالىدۇ. سىزنىڭ بۇنداق ئاچچىغىڭىز كەلسە بولمايدۇ، ئۇنى مەن توغىرلايمەن، سىز ئارلاشماڭ، بولمىسا مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرىۋېتىسىز دېدى. مۇھەببىتىمنىڭ بۇ ئۆتىنىشىنىگە ئەلۋەتتە ياق دىمەيتىم.
بۇ لامزەللىنى مەن تونۇيتىم. بۇ مۇھەببىتىمنىڭ تولۇقسىز ۋاقتىدىكى ساۋاقدىشى ئىدى. مەندىن بىر سىنىپ تۆۋەن ئوقۇيتى. بۇرۇنلىرىدىن ماڭقا ئېقىپ تۇرىدىغان ، گەپنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان چىرايىدىن قارىسا دۆتلىكى ،گومۇشلىقى چىقىپ تۇرىدىغان نىمە ئىدى.
يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر تويدا كۆرگەن ئىدىم. ھازىر بولسا سەل پۇل تاپقان چېغى،بۇ گومۇش قانداقمۇ ئۆزى تىرىشىپ پۇل تاپالىسۇن، شۇ دادىسىنىڭ تاپقان پۇلىغا توككىدە چۈشۈپ قالغان نىمە بۇ. ماڭقىللىرى يوقىغان بىلەن، گەپنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان گاچىلىقىمۇ ھازىر بار ئىدى. گومۇشلىقىمۇ يوقاپ كېتىپتۇ. پۇل دىگەن ئەشۇنداق نەرسە ئىكەن. ئادەمدىكى نۇرغۇن ئاجىزلىقلارنى چۆكۈرۈپ، ئەلگەكتە تاسقاپ ، كۆزگە كۆرىنىدىغان دانلىقنى ئېلىپ قېلىپ ،باشقىسىنى تاسقاپ چۈشىرىۋەتكەندەك يوق قىلىپ قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ئىسسىق چىراي كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن.
چۈنكى، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەشۇ ئەگلەكتە قېلىپ قالغان دانچىلارغا كۆز يۈگۈركەندەك ، ئۇلارنىڭ تېگىدە چۈشۈپ قالغان توپا ئارلاش نەرسىلەرگە قىزىقمىغاندەك ،مۇھىمى ئەشۇ تاسقاۋاتقان ئەگلەكنىڭ قانداقلىقىغا دىققەت قىلمىغاندەك، ئەشۇ ئەگلەكنى ئەڭ ياخشى ئەگلەك، بۇ ئەگلەكنىلا ھەممە نەرسىلەرنى، تاشلارنى، قۇملارنى، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە نەرسىنى تاسقايدىغان بىر-بىردىنبىر ئەگلەك دەپ قارىغانغا ئوخشاش، تاشقا تاشقا لايىق ئەگلەك ئىشلىتىشىنى، توپىغا توپىغا لايىق ئەگلەك ئىشلىتىشنى ئويلىمىغاندەك، ئادەملەرنىڭمۇ تېشىغا قاراپلا ئۇنىڭغا قىزىقاتتى، شۇ بويىچە باھا بېرەتتى.
بۈگۈن كۆڭلۈم سەل كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى. مېنىڭ تۇرۇپلا بەزىدە ئەشۇنداق كۆڭلۈم كۆتۈرۈپ قالىدۇ. كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالسا كەچ تەرەپتە ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈشكە ئامراقمەن.
كىنو كۆرۈپ ئولتۇرسام تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى. مۇھەببىتىم تېلفۇن قىپتۇ. تېخى بايام سۆزلىشىپ بولۇپ شۇنداق ياخشى پاراڭلارنى قىلىپ تېلفۇننى قويىۋەتكەن ئىدۇق، ئەمدى يەنە نىمىگە تېلفۇن قىلغاندۇ، يەنە مېنى سېغىنغان چېغى دېدىم. بۇنداق سېغىنىش ھېسىياتى كۆپ يۈز بېرەتتى. ھەتتا يېرىم كېچىلەردىمۇ سېنى سېغىندىم دەپ تېلفۇن قىلىشاتتۇق.
تېلفۇننى ئادەتتىكىچىلا ئالدىم.
-ۋەي، تېخى ئۇخلىمىدىڭمۇ تاتلىق.
سۇئالىمغا ھېچ بىر جاۋاپ يوق.
-ۋەي، تاتلىق تېخى ئۇخلىمىدىڭمۇ، ئاۋازىم چىقمايۋاتامدۇ نىمە..؟
يەنە جاۋاپ يوق. قارىسام تېلفۇن ئۇلىنىغلىق.
-ۋەي، نىمە بولدى ..؟ گەپ قىلمايسەنغۇ..؟
ئاخىرى تېلفۇندىن بوش سادا چىقتى. بۇ ھېچ بىر جاۋاپ ئەمەس ئىدى. بەلكىم بىر يىغا ئاۋازى ئىدى.
-ۋەي، نىمە بولدۇڭ . يەنە ئۆيدىكىللىرىڭ ، ياكى دوسلىرىڭ بىرنىمە دېدىما..؟
ئۇنىڭ ئۆيدىكىللىرى، دوسلىرى مېنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتى. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇھەببىتىمدىن ھەر نەرسىدىن تۆۋەن ئورۇندا ھېساپلىناتتىم، تۇرمۇشۇم، ئائىلە شارائىتىم دىگەندەك. بۇلارنىڭ نەزىرىدە شارائىتىم مۇھەببىتىم ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن مېنى ماس كەلمەيدۇ دەپ ئويلايتى. يەنە نۇرغۇن تۆۋەنلىكلەرنى تېپىپ چىقاتتى. بىراق، بۇلار ھەقىقى سەۋەپ ئەمەس ئىدى. ھەقىقى سەۋەپ بولسا شارائىتىم ئوخشىماسلىقىدا ئىدى. بۇلار مەندىن كۆپ قۇسۇلارنى تاپاتتىيۇ، ئاغزىدا ھەرگىز شارائىتقا قاراپ قۇسۇر ئىزدىگەنلىكىنى تەن ئالماي، مېنىڭ ئەخلاقىمدىن يەنە باشقا يەرلەردىن رازى بولمىغاندەك قىلىپ مۇھەببىتىمگە چۈشەندۈرەتتى.
ئۇلار مەندىن شۇنچە كۆپ قۇسۇلارنى تاپقان بىلەنمۇ مەن مۇھەببىتىمنى ھامان قايىل قىلاتتىم. ئۇنىڭ مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغاندىكى ھېسىياتىنى قايتۇرۇپ ئەكىلەتتىم. ئۇ ئۆزىمۇ ئاخىرىدا مەندىن رازى بولاتتى. ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە ئارلاشمايدۇ دېگىلى بولمايتى. چۈنكى مۇھەببىتىم تېخى ھېچ ئىش بىلمەيدىغان كىچىك بالىغان ئوخشاش، كىم بىر نىمە دېسە شۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قالاتتى. مەن ئۇنى كۆڭلىدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسىنى يوقىتاتتىم، كۆڭلىنى ئازادىلىككە ئېرىشتۈرەتتىم. بۇنداق ئىشلار بىز مۇھەببەتلەشكەندىن تارتىپ شۇنچە كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، ئاخىرىدا مەن يېڭىپ چىقاتتىم. شۇنچە چارچىغانلىقمنى ھېساپقا ئالماي، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ۋەسۋەسىنى، تەشۋېشنى يوقىتاتتىم. چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم.
داۋامى ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە يوللنىدۇ. |