ئىگىسى: taxwix

ھېكايە:ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3194
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
550
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 11:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇگۇدىما ؟ ئۇقۇۋېرىپ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن دىسە ! ئاخىرىغا تەشنامىز!
اللە ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 02:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىمغا ماڭدىم. گۈلچېھرە بىلەن ئەتىگەندىلا تېلفۇن پاراڭلىشىپ يەنە ھېلىقى تورىتخانىدايەردە كۆرىشىغان بولدۇق.
ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ چۈشتە كۆرىشىشكە يەنە تەييارلىق قىلدىم. كۆرىشىدىغان يەرگە باردىم. بۇدا گۈلچېھرە مەندىن بالدۇر كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
تورىتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىچىملىكتىن ئىككىنى تورىتتىن ئىككىنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇردۇق.
-تۈنۈگۈن ئاچاڭ نىمە دېدى...؟
- ئاچام شۇ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى. ئالىمنىڭ گەپلىرىنى قىلدى.
- نىمە دەيدۇ..؟
ئوبدانراق ئويلاشقىن سىڭلىم، ئالىممۇ ساڭا ھەقىقى كۆيۈپتۇ. ھەر ئىككىلىسى ساڭا ھەقىقى كۆيگەن تۇرسا سەن كىمنى تاللايسەن. ماشىنا رىمونىت قىلىدىغان رىمونىتچىنى تاللامسەن ياكى پۇلى بار بايۋەتچچىنى تاللامسەن..؟ئەلۋەتتە پۇلى بار يىگىتنى تاللىشىڭ كېرەكتە، ئالىممۇ سېنى تايىردىن ئۆتە ياخشى كۆرىدىكەن سىڭلىم، مۇھىمى ئۇنىڭ سۆيگۈسى ئەمدى باشلاندى. يېڭى مۇھەببەت دىگەن ئادەمگە يېڭى ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ. تايىر بىلەن بەك ئۇزۇن يۈرۈپ كەتتىڭ، ئوغۇل بالا دىگەننىڭ نەزىردە ھەرقانداق نەرسە كونايدۇ، مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق.  ئۇلار ھەرقانداق نەرسىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە ياكى شۇ نەرسە بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىللە تۇرسا ئۇنىڭغا ھېچقانداق مەنىسى قالمىغاندەك تۇيىلىدۇ. ئۇلار دائىم يېڭى نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ، قىزلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.توي قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. قارىمامسەن مېنىڭ ئېرىمغا  يا تۈزۈك  پۇلى يوق،يا تۈزۈك مۇھەببىتى.  مەن بولسام كونىراپ قالدىم. ئارىمىزدا ھازىر مۇھەببەتتىن ئەسەرمۇ يوق.  شۇ توي قىلىپ قالغان بولغاچىقىلا، ئارىىزدا بىر بالا بولغاچقىلا ئۆي تۇتۇپ كېتىۋاتىمىز، توي قىلغاندىن كېيىن ئەركىشىدىن مۇھەببەت تەمە قىلىش دۇنيادىكى ئەڭ كۈلكىلىك ئىش. ئۇلاردىن مۇھەببەت ئەمەس مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ. ئۇلار ئەشۇ مەسئۇلىيەتتىنمۇ ئۆزىنى قاچىرىدۇ سىڭلىم. توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش بىلەن ھازىرقى تۇرمۇشتا ئاسمان زېمىن پەرىق بولىدۇ. ئىككىڭلار ئوتترىسىدكى مۇھەتتىىمۇ ئاسمان زېمىن پەرىق بولىدۇ. شۇڭا سەن مېنىڭ سابىق مۇھەببىتىم دىمەي، ئىقتىسادى تېخىمۇ ياخشى بولغان يىگىتنى تاللىشىڭ كېرەك.ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزۈڭگە چۇشلۇق ھوزۇر ئالالمىساڭمۇ يېنىدىكى پۇلدىن ئۆزۈڭگە چۇشلۇق ھوزۇر ئالاليسەن. ئۇنى باللىرىڭغا، ئۆيدىكىلىرىڭگە، ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتەلەيسەن،بەخىت دىگەن مانا شۇ. بەخىت دىگەن سەن دىگەندەك ئۇنداق ئۇلۇغ نەرسىمۇ ئەمەس. پەقەت شۇ ئادەتتىكىچە نەرسە. ئادەتتىكى ئۇقۇم.
ئالىمنىڭ كۆڭلىنىمۇ چۈشۈنۈپ باق، ئۇنى بۇنداقلا رەت قىلىۋەتمىگىن. قايسىىنى تاللاشنى ئاندىن بېكىتسەڭمۇ كېچىكمەيسەن دەيدۇ.
- ئاچاڭ خېلى گەپدان ئايالكەن ھە..گەپلىرى خېلى قايىل قىلارلىق چىقىدىكەن. قارىغاندا ئۇ پۇلى بارلارغا بەك قىزىقسا كېرەك.  شۇڭا ئالىمنى ساڭا بەك تېڭىپ كېتىپتۇ.
ھە،،شۇنداقتەك تۇرىدۇ. ئۇ ئالىمنى ماڭا ماختاپلا تۇرىدىغۇ.
-ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە ئالىم دىگەن پۇلى بار بايۋەتتە بولغاندىكىن ئاچاڭ ئۇنى ماختىماي كىمنى ماختايتى ئەمىسە.
ئادەم دىگەننىڭ كۆڭلىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. بەزىلە مۇھەببەت مۇھەببەت دەپ بىر ئۆمۈر ئازاپلىنىدۇ. بەزىلەر پۇل، پۇل دەپ بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىدۇ. مۇھەببەتكە ئېرىشسە پۇلى ئازدەك تۇيۇلۇپ پۇلنىڭ ئوتىدا كۆيىدۇ، پۇلغا ئېرىشسە مۇھەببەت ،مۇھەببەت دەپ ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيىدۇ. . شۈكرى قانائەت قىلىدىغان ئىنسانلار بەك ئاز، ھەممىسى ئۇلۇغ گەپلەرنى قىلىدىيۇ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا شۈكرى قانائەت قىلمايدۇ.  ئاچاڭمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا شۈكرى قىلماي قاچانلا قارىسا داتلاپ يۈرۈيدىغان ئايالكەن.
بولدىلا، سەنچۇ سەن قانداق  ئويلىدىڭ...؟
-مەنمۇ ھېچقانداق ئويلىمىدىم. سىزدىن ئەلۋەتتە ئايرىلىپ كېتەلمەيمەندە...؟
-ئۇنداق ئويلىغان بولساڭلا ياخشى، بۇنداق باش ئاغرىقچىلىقىغا قالغۇچە توي قىلايلى دىسەم يا ئۇنىمايسەن.
- شۇ ئۆيدىكىلەر پەقەتلا قوشۇلمايۋاتسا قانداق توي قىلالايمىز، ئۇلارنى چوقۇم قايىل قىلىمىز، ئالدىرىماي تۇرۇڭ.
- ئۇلار ھېچ بىر قايىل بولىدىغان چىراي ئەمەس.
- قايىل بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە ئۇنىماي تۇرىۋالساملا ئۇلار ئاخىرى چوقۇم قايىل بولىدۇ.

گۈلچېھرە بىلەن شۇ تەرىقىدە گەپلەرنى قىلىپ ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم.گۈلچېھرەگە بۈگۈن تېلفۇن قىلالمايدىغانلىقىمنى، كەچتە ئۆيگە تۇققانلار كېلىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ باللىرى بىلەن ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىدىغانلىقىمنى دەپ قويۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدۇق.
ئەمىلەيەتتە مەن يالغان سۆزلىگەن ئىدىم. شۇنچە باش ئاغرىقلىقرى بولىۋاتقان ۋاقىتتا كاللامنى ئارام ئالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. بۈگۈن كەچتە بىر قانچە دوسلىرىم بىلەن بىر يەردە ئولتۇرىدىغان بولغان. بۇ باش ئاغرىقچىللىرىمنى ئەشۇ دوسلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن ھال مۇڭ بولۇپ، ھەزىل چاق-چاقلارنى قىلشىپ قويۇپ ئارام ئالدۇرمىسام ، شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزۈمگە ئازراق بولسىمۇ ئەركىنلىك تۇيغۇسى، خۇشاللىق تۇيغۇسى تاپمىسام بولمايتى.
گۈلچېھرەگە ئۇلار بىلەن ئولتۇرىمەن دېسەم ، ئالىم، ئاچىسى دىگەنلەرنىڭ گەپلىرى ئۇنىڭغا راستەك تۇيغۇ بېرىپ قويىشىدىن ئەنسىرەيتىم. دەپ قويسام تولا تېلفۇن قىلىپ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يەنە ئارامىمدا قويمايتى. شۇڭا تېلفۇننى ئېتىۋەتتىم.  كەچ بولغاندا بىر قانچە دوسلىرىم بىلەن يېغىلىشتۇق. قەيەرگە بېرىپ ئولتىرىدىغانلىقىمىزنى دېيىشتۇق.
شەھەردىكى بىر داپەنجىخانىغا كىردۇق. ئۇ يەردە سەيدىن ئىككى ئۈچ خىلنى بۇيرۇتتۇق، پىۋېدىن بەش ئالتىنى ، ھاراقتىن بىر بوتۇلكا بۇيرۇتتۇق. بۇلارنى ئەلۋەتتە مەن بۇيرۇتمايتىم. بۇيرۇتسىمۇ ياق دىمەيتىم. دوسلار ئارا ئانچە مۇنچە ئىچىپ تەڭشىلىۋالمىسا دوسلار ئارىسىدا تۈزۈك ئادەمنى خوش قىلايدىغان  گەپ سۆزلەر چىقمايتى.
پېۋېىلەرنى ئېچىپ بىرمۇ بىر رومكا قىلىپ بىر-بىرىمىزگە تۇتۇپ ئىچىشتۇق.ئەمدى بالىلار سەل قىزىغان چېغى گەپلەر ئارقىۇ ئارقىدىن چىققىلى تۇردى.
-ئاداش تايىر، مۇھەببىتىڭ بىلەن توي قىلمامسەن، نە ۋاخ سىللە يۈرۈپ كەتلىكى، يەنە قاچانغۇچە سۈركىلىشىپ يۈرۈيسىلەر دەپ گەپ باشلىدى غېنى دىگەن ئاغىنەم.
- بولدى قىلە ئاداش،  توي قىلىمىز، ھازىر تېخى بەكمۇ كېچىكىپ كەتمىدۇق. ئۇ گەپلەرنى قىلماي تۇرايلى. باشقا گېپىڭ يوقما..؟
- نىمانداق ئۆزۈڭنى ئۇ ئىشلاردىن قاچۇرۇپ يۈرۈيسەن، شۇ دوس ئاغىنە بولغاندىكىن دەپ قويدۇق ئاداش، يا گۈلچېھرە ساڭا تەگمەيمەن دەپ بېشىڭنى ئاغرىتىۋاتامدۇ..؟
- ياق، ئۇنداق ئىش يوق. ماڭا تەگىمىسە كىمگە تېگىدۇ. توي قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن، توينىڭ كەينىدە يەنە نۇرغۇن ئىشلار بولىدىكەن ئاداش، ئۇ گەپلەرنى قىلىپ مېنى ئويغا سەپ قويمىساڭچۇ..؟ سىللە بىلەن ئاراندا ئولتۇرغاندا ئېچىلىپراق ئولتۇراي، بولمىسا كاللامغا كېلىۋېلىپ قايناپ سالىدىكەنمەن بىكار، كاللام قېيىپ تۇرغاندا ئۇ گەپلەرنى قىلىمساڭچۇ.

-ھا..ھا..ئاچچىم تۇتۇپ قايناپ كېتىمەن دېگىنە، تايىرمۇ خوتۇننىڭ جېدىلىنى كۆپ ئوينايدىغان ھە باللار. ساڭا نىمە ھېلىتىن مۇھەببىتىڭنىڭ جېدىلى دىگىنە، ساڭا ئوخشاش بەلەن بالىلارغا كېلىدۇ بۇ قىز دىگەننىڭ جېدىلى. ئايرىلىپ كەت بولمىسا مۇشۇ يەردىكى ھەممىمىز بويتاققۇ مانا، توي قىلىمىز دىگەن ۋاقىتتا قىز بالا دىگەن چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ياشايمىز، يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋىرىمىز.

- بولدى قىلساڭلارچۇ..؟
بولدى قىلايلى ئەمىسە، گەپنى ئۆزۈڭ توختىۋەتكەندىن كېيىن بىر رومكا ساڭا جازا تۇتتۇق. مۇشۇنى ئىچىپ ئەمىسە يېڭى گەپنى سەن باشلا دەپ لىق تولدۇرۇلغان بىر پوتۇلكا پىۋېنى ماڭا تۇتتى.
بىر رومكا پىۋېنى ئىچىپ كاللام تېخىمۇ قىزىپ كەتتى.
- ھە، گەپ قىلە ئەمىسە.
- ھەممىڭ مۇھەببىتى يوق، مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەم شەكلىگە كىرىپ قالغان مەخلۇقلار  ماڭا قاراپلا تۇرىشامسەن...؟
- بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بالىلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى.  مۇشۇنداقراق ئولتۇرمامسەن دەيمەن. قاچانلا قارىسا جىم ئولتىرىۋالماي،مۇشۇ يوسۇندا ئولتۇرۇپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشىپ كەتتۇق. كۈلكە، چاق-چاق، ھەزىل گەپلەر، تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىش، ئىچكەن ئىچىملىكلەر قوشۇلۇپ كاللام قۇرۇقلا بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇ يەردىن قانداق ياندۇق، بىر تونۇش تاكسىغا تېلفۇن قىلدىم. ماشىنغىا چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئۇخلاپ كېتىپتىمەن.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئانامنىڭ ئويغۇتۇشلىرىنى ئاڭلىماي بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ چۈشكىچە ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. ئۆيدىكىلەر ئىشىڭغا بارمامسەن دېسىمۇ  بىردەم تۇرۇپ بارىمەن دېگىنىمچە يېتىۋېرىپتىمەن.
بىر ۋاقىتتا ئۇيقۇمنى شۇنداق تەستە ئېچىپ قوپتۇم. ئېسىمنى ئەمدى تاپقاندەك قىلاتتىم.
قارىسام سائەت ئون ئىككىگە يېقىن بوپتۇ. ئاستا ئۆيدىكىلەرنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ ئۆيدىن ئوغۇرلۇقچىلا يېنىپ چىقتىم. ياخشى ئانام بىر يەرگە كېتىپتىكەن.
يېنىپ چىققاچ تېلفۇنغا قارىدىم. ئەستاخپىرۇللا، تېلفۇنۇم تېخىچە ئېتىگلىك ئىدى.
گۈلچېھرە تېلفۇن قىلىپ كەتكەنمىدۇ ئەمدى ئاپلا ئۇنىڭغا نىمە دەرمەن ئەمدى. تۇققانلار كەلسە تېلفۇننى ئېتىۋالدىڭىزمۇ ، قانداق تۇققانلار ئۇ، كەلسە تېلفۇننى ئېتىۋېلىپ چۈشكىچە ئاچمايدىغان دىسە نىمە دەرمەن ئەمدى..؟
تېلفۇننى ئىتتىك ئېچىپلا گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلدىم.
- ۋەي، بارمۇ سەن..؟
قەيەرگە باردىڭىز تۈنۈگۈن بىر كۈن، بۈگۈن بىر كۈن يوقاپ كېتىپ قەيەرگە باردىڭىز..؟
- تېلفۇنۇنىڭ توكى تۈگەپ قاپتىكەن، توك قاچىلاي دېسەم قاچىلىغۇچ بۇزۇلۇپ قاپتىكەن.
- ھە،سىزنىڭ مۇشۇ گېپىڭىز بولسىلا بولامدۇ..؟ ئەتىگەن ئالىم مېنى ئىشلەيدىغان يەرگە ئىزدەپ كەپتۇ. ماڭا تېلفۇندىن بىرنى، ئەتىردىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بۇ تېلفۇننى ئىشلىتىڭ، تېلفۇنىڭىز كونىراپ قاپتۇ ، ماۋۇ ئەتىرنى سىزگە دەپ ئالغان ئاچام تاللاپ بەرگەن بۇنىمۇ ئېلىڭ ، بۇلارنى بىر قىزدىن ئېۋەرتسەم ئالماپسىز، شۇڭا ئۆزۈم سىزگە ئەكەلگەندىم قىز بالىدىن ئېۋەرتىپ يۈرۈپتىمەن مېنى كەچۈرۈڭ دەپ ئالدىمدا تۇرىۋالدى. ئۇنى تىللاي دىسەم يېنىمدىكى خىزمەتداشلىرىم بار ئىدى. شۇڭا ھېچنىمە دېيەلمىدىم. ماشىنا بىلەن كەپتىكەن، خىزمەتداشلىرىم تېخى مېنى تەنە قىلىپ، سەن بەك بەخىتلىك جۇما ، ماشىنىسى بار ، ئۆزى چىرايلىق، يېگىت سېنى ئاتايىن ئىزدەپ كېلىدىكەن. ساڭا نىمانچە ئوغۇللار ئامراقتۇ دەپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ كەتتى.
سىزگە تېلفۇن قىلسام تېلفۇنىڭىز ئېتىك. ئاچچىغىمدا يىغلاپ كەتتىم. قەيەرگە كەتكەن ئىدىڭىز، نىمانداق مەن بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ..؟
ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ. ئالىم دىگەن ھاراملىق ھەجەپ پۇرسەتنى تۇتۇشنى بىلىدىكىنا، يېرىم كۈن تېلفۇنۇم ئېتىك قالسا ئۇنىڭ مۇھەببىتىمنى ئىزدەپ بارغىنى كۆرۈڭ. ئاناڭنى ھاراملىق..
- ھە، ئالىمغا نىمە دېدىڭ..؟
ئالمايمەن بۇ تېلفۇنىڭىزنى ، باشقا بىرىگە بېرىڭ دېسەم، ئېلىڭ ئۆتكەندە گۈزەلدىن بېرىپ قاپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ ، ۋاقتىڭىز بولسا بىرەر ۋاخ تاماق يەپ كۆرۈشسەك ئۇنداق بولمىسا بىر يەردە كىچچىكىنا پاراڭلىشىۋالساقمۇ بولاتتى ، سىزنى يەنە ئىزدەپ كېلىمەن دەپ كەتتى. مېنى ئىزدىمەڭ دېسەممۇ كۈلۈپ قويۇپ يەنە خاپا بولماڭ يەنە دەپ قويۇپ كەتتى. بەك يۈزى قېلىن نىمىكەن ئۇ.

ئاچچىغلىرىم شۇنداق تۇتۇپ كەتتى. بېرىپلا ئۇنى قىيما چىيما قىلىۋەتكۈم كەلدى. ئىچىمدە يەنە ئۇنى ئۆلتىرىۋېتىش ئىستىكى بېشىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ چىقىۋاتاتتى. ئۇنى شۇنداق بېسىپ تۇرساممۇ يەنىلا بارا-بارا ئۇنىماي بېشىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ رېئالىققا قاراپ بېقىۋاتقاندەك  تۇراتتى.

داۋامى بار...
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

تىرىشچان ئەزا

غەيرەتتىن قالما

UID
2687
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1530
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 03:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم بۇ ھىكايىگە،ئاخىرىنى تېزرەك يوللىۋىتەرسىز.

UID
2484
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
690
تىزىملاتقان
2010-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 10:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ داۋامى ئەتە چىقىدۇ دەيدىغان ئەسەرلەرنى تولا ساقلاپ ئېڭىكىم چۈشۈپ قالاي دېدى......ئۇف!!!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 02:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-تېلفۇن بىلەن ئەتىرنى بىر يەرگە ئېپ قويۇپ تۇر ئەمىسە، سەن ئىشتىن چۈشكەندە كۆرشۈپ مەن ئېلىۋالاي.
- سىز نىمە قىلىسىز ئۇلارنى..؟
- نىمە قىلاتتىم. مەن ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرەي.
-سىز نىمە دەپ قايتۇرۇپ بېرىسىز..؟
- مەن قايتۇرۇپ بەرمىسەم كىم قايتۇرۇپ بېرىدۇ ، سەن قايتۇرۇپ بېرەمتىمتىڭ يا..؟
- ھە، بوپتۇ. شۇ سىزنى قانداق قايتۇرۇپ بېرىدىغاندۇ دەپ سورىدىم.
- قانداق قىلىپ بولمىسا قايتۇرۇپ بېرىمەن. راس بۇ ئىشلارنى ئاچاڭغا دىمە جۇما..؟
- نىمىشقا..؟
- يەنە نىمىشقا..؟ ئاچاڭغا دىسەڭ بولمايدۇ، ئالىمنىڭ ساڭا بىر نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغىغىنى ئاڭلىسا ئاچاڭنىڭ تىللىرى چىقىپ كېتىدۇ بىكار.
- ھە، ماقۇل.
شۇنداق قىلىپ گۈلھچېھرە بىلەن ئىشتىن چۈشكەندە كۆرىشىپ تېلفۇننى ئېلىۋالىدىغان بولدۇم. بۇلارنى ئالىمغا قانداق قايتۇرپ بېرىش پىلانىنى تۈزدۈم. ئۇنىڭغا قەيەردە، قانداق قايتۇرۇپ بېرىمەن بۇ نى بىلمىدىم. قېنى باشتا تېلفۇننى ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋلاي.
كەچتە ئىشىمنى تۈگىتىپ ئىتتىكلا گۈلچېھرە ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم.
ئۇ بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ چىقتى.
ئۇنىڭدىن بىر نەرسەمنى ئالغىلى كەلگەندەكلا قەنە ھېلىقى نەرسىلەرنى ئاچىقتىڭمۇ دېدىم.
-ھە ئاچىقتىم. مانا دېگىنىچە بىر تېلفۇن بىلەن ئەتىرنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
تېلفۇنغا قارىدىم. سامسۇڭ ماركىلىق خېلى چىرايلىق بىر تېلفۇن ئىكەن. ئەتىرمۇ خېلى ياخشى ئەتىردەك قىلىدۇ. پەرىزىمچە سەكسەن توقسەن يۈئەنلىك ئەتىر ئىدى. بۇ ئەتىرنى يۈز يۈئەنگە دەيلى، تېلفۇننى بەش يۈز يۈئەن دەيلى. ئالتە يۈز يۈئەنلىك نەرسىنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە سوۋغا قىپتۇ. بۇ لامزەللە بۇنچىلىك قىممىتىدىكى نەرسىلەرنى ھازىرلا مۇھەببىتىمگە سوۋغا قىلىپ نىمىلەرنى ئويلىغاندۇ..؟ قارىغاندا قىزلارنى پۇل ئارقىلىق كەلتۈرۈپ كۆنۈپ قالغان لامزەللە گۈلچېھرەنىمۇ شۇنداق نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ دەپ بىلىپ قالغان چېغى.
تېلفۇن بىلەن ئەتىرنى ئېلىپ گۈچېھرەگە كەچتە تېلفۇندا كۆرىشەيلى ئەمىسە دەپ ئىتتىكلا قەدىمىنى ئالدىم.
- نىمانداق ئالدىرايسىز..؟ ھازىرلا ئاپىرىپ بېرەمسىز بۇلارنى..؟
- ھازىرلا ئاپىرىپ بەرمەي ئىككى ئۈچ كۈن ساقلاپ قويۇپ ئاپىرىپ بەرسەك بولامتى..؟
-نىمانداق تەنە گەپلەرنى قىلىسىز،يا مەن ئۇنداق دېمىسەم.
- ئۇنداق دىمىسەڭ ئەمىسە كەچتە تېلفۇندا كۆرىشەيلى ئەمىسە.
-ماقۇل.
گۈلچېھرە بىلەن ئايرىلىپ ئۇ نەرسىلەرنى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ قەيەردە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ئويلاندىم.
تېلفۇن قىلىپ بۇ نەرسىللىرىڭنى ئېلىۋال دەيمۇ ياكى ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىپ بۇ نەرسىلەرنى يۈزىگە ئېتىپ بېرەيمۇ...؟
قېنى ئاۋال تېلفۇن قىلىپ باقاي دېدىمدە ئالىمنىڭ تېلفۇنۇمغا كىرگۈزىۋالغان نومىرىنى بېسىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم.
- ۋەي، كىمۇ...؟
- مەن ، تايىر ، تونىمىدىڭما..؟ نومۇرۇمنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن..؟
- ھە، تايىرمىتىڭ. بىلەمپتىمەن. نىمە ئىشىڭ بار ئىدى...؟
- نىمە ئىشىم بولاتتى.ئەتىگەن گۈلچېھرەنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى بېرىپتىكەنسەنغۇ،شۇ نەرسىللىرىڭنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي دەپ.
- ئۇ نەرسىلەرنى سەن نىمىشقا قايتۇرۇپ بېرىسەن..؟
- ماڭا قارا ئالىم. مەن ساڭا دېدىم، گۈلچېھرەگە ئەمدى تېلفۇن قىلما، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالما دەپ. يەنە شۇنداق قىپ يۈرۈپسەن، بۇ نەرسىللىرىڭنى ياخشىسىسى بېرىپ سىڭلىڭغا ياكى ئاچاڭغا ئاپىرىپ بەر ئۇقتۇڭما..؟بولمىسا ئۇرۇش چېكىتىدۇ .
- كىمۇ سەن، ماڭا ئۇنداق دېيىشكە سېنىڭ نىمە ھەققىڭ بار. سەنمۇ ماڭا قارا،  سەن گۈلچېھرەنىڭ يا ئاكىسى ئەمەس يا دادىسى، مەن سوۋغا قىلسام ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ قالغان تېخى توي قىلمىغان بىر قىزغا سوۋغا قىلدىم. سېنىڭ نىمە كارىڭ باشقىلارغا نىمە سوۋغا قىلسام، كارىڭ بولسىمۇ قېنى قانداق قىلالايتىڭ.
- تېلفۇننى قويە ھاراملىق، قانداق قىلىدىغانلىقىمنى كۆرىسەن ھارامتاماق ئۇقتۇڭما.
-ھە قېنى كۆرىمىز، قانداق قىلالايسەنكى. شۇنداق قىلىپ ئالىم بىلەن تازا تىللىشىپ تېلفۇننى قويىۋەتتىم.
بۇ لامزەللىگە ئۆزۈمنى بىر كۆرستىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمدى گەپ سۆزلەرنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ بايامقى قىلغان گەپلىرىدىن، قانداق قىلايتىڭ دىگەن گەپلىرىدىن مېنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ھارامتاماق كۆڭلىدە مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان چېغى،ئاچچىغلىرىم شۇنداق كېلىگلىك. قېنى كۆرىمىز ئاناڭنى ، مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ مەن بىلەن ئۇرىشالمايدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسەن. ئۇرۇرۇشۇش تۈگۈل سېنى ئاچچىغىم تۇتۇپ قالسا ئۆلتۈرىۋېتىمەن ، مېنىمۇ مۇشۇنداقلا تېلفۇن قىلىپلا بولدى قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭما دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە ۋارقىراپ تۇردۇم.
ئەمدى راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى تېخىمۇ قاتتىق تۇتۇشۇش قارارىغا كەلدىم. قېنى تېلفۇننى ئاپىرىپ بەرگەچ بىر نىمە دېيىشەي، يا ئۇرىشارمىز،يا بىر نىمە بولارمىز. لېكىن قانداق بولمىسۇن مەن ھەرگىز يانمايمەن. ئالىمنى ئۆلتۈرەتسەم ئۆلتۈرىۋېتىمەنكى ھەرگىز گۈلچېھرەنى مەندىن تارتىپ كېتىشىگە، ئۇنداق قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولىشىغا قاراپ تۇرمايمەن.
نىيىتىمدىن يانمىدىم. ھازىرلا ئالىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ تېلفۇننى بېرىپ سۆزلىشىپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم.تېلفۇننى ھازىرلار بېرىۋەتمىسەم قانچە ئۇزۇن تۇرسا شۇنچە پايدىسىز ئىدى. ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانسىرى بۇ لامزەللە كۆڭلىدە ھە ئۈمۈد بار ئىكەن ھېچ بولمىغاندا ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئويلاندى دىگەن گەپ ئۈمۈد تېخىمۇ كۆپ دىگەن گەپ دەپ چۈشىنىۋالاتتى.
تاكسىدىن بىرنى توسۇپلا تاكسىغا چىقتىم. ئالىمغا تېلفۇن قىلدىم.
- ئالىممۇ سەن ، ھازىر قەيەردە سەن..؟
- قانداق يېنىمغا كېلىدىغان ئوخشىمامسەن..؟
ھە، يېنىڭغا باراي دەيمەن. قەيەرسە سەن..؟
- مەن ھازىر ئۆيگە كېتىپ بارىمەن.
- ئەمىسە جايىڭدا تۇرۇپ تۇر مەن ھازىر يېنىڭغا بارىمەن.
- تاكسىچىنى ئالىمنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بىر يولغا ھەيدەشكە بۇيرۇدۇم. بۇ يولدا ماشىنىلارمۇ يوق دىيەرلىك، ئەتراپتا تىرەكلەر ئۆسكەن يېزا يولى ئىدى. ئالىمنىڭ ئۆيى بىز بىلەن قوشنا بىر كەنىتتە ئىدى. ئۇنىڭ كەنتى بىلەن بىزنىڭ كەنىتنىڭ شەھەر بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىنلا ئىدى.  ماشىنىدا بۇ يولنى ئون مىنۇتلاردىلا بېسىپ بولغىلى بولاتتى.
شوپۇر بىردەمدىلا ئۇنىڭ كەنىتگە ماڭىدىغان يېقىن يولدىكى بىر يەرگە ئاپاردى. قارىسام ئالىمنىڭ ماشىنىسى تۇراتتى. تاكسىچىغا پۇلنى بېرىپ تاكسىدىن ئالدىرىماي چۈشتۈم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ بولىدىغانلىقىمىزنى پەملىدىم.
ماشىنىلار تۆت، بەش مىنۇت ئارلىقىدا بىرەردىن ئۆتۈپ قالاتتى.
چۈشۈپ تۇرسام ئالىم ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ پەسكە چۈشتى. قارىسام ماشىىنىڭ ئىچىدە يەنە ئىككى ئۈچ بالا باردەك قىلاتتى.
ئالىم ئۆزى يالغۇزلا چۈشتى. قارىغاندا ئۇمۇ ئۇرۇشۇپ قېلىشىمىزنى پىلانلاپ بولغان چېغى، شۇڭا يېنىغا ئاغىينىسىدىن ئىككى ئۈچنى ھەمرا قىلىۋاپتۇ. باشقىلارنىڭ چۈشمىگىنىگە قارىغاندا ئالىم ئىشلارنى تېخىمۇ ئېغىر بېسىقلىق بىر تەرەپ قىلغۇسى باردەك ، مېنىڭ قول سېلىشىمنى ساقلاپ تۇرغاندەك، مەن قول سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇرۇشنى مېنى باشلىدى دىگەندەك قىلىپ ئەدىپىمنى  راسا  بەرمەكچى بولغاندەك قىلىپ تۇراتتى.
ئالىم ئالدىمغا ئاقسا كەلدى.
-ھە، تايىر نىمە بولدى..؟ قايسى نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى سەن ماڭا..؟
ئالىمنىڭ چىرايىدا كۆرەڭلىك مەغرۇرلۇق بار ئىدى. ئۇ گەپلەرنى مېنى كۆزگە ئىلمىغان ئاھاڭدا دېدى.
- ماۋۇ نەرسىللىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرۇپ بېرەي دەۋاتىمەن. بۇدا بۇنداق نەرسىلەرنى گۈلچېھرەگە بېرىپ يۈرمە ئۇقتۇڭما..؟
- بەرسەم قانداق قىلالايتىڭ.
- ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىدىن مەنتىستمەسلىك كۆرەڭلىك چىقىپ تۇراتتى. نوچى بولساڭ كېلىپ مېنى ئۇرۇپ باقمامسەن قېنى دەۋاتاتتى.
ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قالمىغان ئىدى.
ئۇنىڭ كۆرەڭلىكى غەزىپىمنى شۇنداق تۇتقىزىۋەتتى. كاللامغا ھېچنىمە كەلمىدى. ئۇنىڭ چىرايى، قىلىقلىرى كۆزۈمگە خۇددى راستىنلا ئادەم سۈرىتىگە كىرىۋالغان ئالۋاستى يەجۇجىلاردەك كۆرىنىپ كەتتى. ئويلاشقا ئەمدى ھېچقانداق ئەقىل يوق ئىدى. ئەقلىمنى ئاللىقاچان ئاچچىغلىنىش، غەزەپلىنىش  ئىگەللەپ بولغانىدى.
بۇ نەرسىللىرىڭنى ئاچاڭغا ئاپىرىپ بەر، دېگىنىمچە كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيلا ئۇنى بېرىپلا قورسىقىدىن تۇتىۋېلىپ يىراق يەرگە تۈتتۈردۈم،  ئىككىمىز ۋارقىراپ چىرمىشىپ كەتتۇق. ئاغزىمىزدىن ھەر سېسىق گەپلەر ئوقتەك چىقماقتا ئىدى. بىردەمدىن كېيىنلا بىر نەچچە دوسلىرى چۈشۈپلا  مېنى تۇتىۋېلىپ بىرلىشىپ ئۇرغىلى تۇردى.
تۆتى بىرلىشىپ تازا ئۇرىۋاتىدۇ، قولۇم بىلەن يۈز كۆزۈمنى توسىۋالدىم.
تاياقلار قانداق تېگىۋاتىدۇ ھېچنىمىنى بىلمىدىم. بىر ۋاقىتتا ئالىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بولدى باللا بۇنى ئۇرۇپ يەنە بىر نىمە قىپ قويمايلى. ئەمدى ئالىم بىرلىشىپ ئۇردى دەپ يېتىۋالمىسۇن. بولدى دەپ باشقىلارنىڭ ئۇرىشىنى توسۇپ قويدى.
جايىمدىن تۇردۇم. يەنە ئۇرىشاي دەيمەنۇ ئۇرۇشسام يەنە تاياق يەيدىغانلىقىمنى پەملىدىم. بارلىق ئاچچىغىنى ئىچىمگە يۈتۈپ جىم تۇردۇم.
- تايىر، ساڭا دەپ قوياي. ئەمدى مەن قانداق قىلسام كارىڭ بولمىسۇن. بولمىسا يەنە كۆرگىلىكىڭنى كۆرىسەن. بۈگۈن ماۋۇ يەر يول بولۇپ قالدى. بولمىسا جىق ئىش بار ئىدى. ئەمدى ئۆزەڭنى سوراپ يۈر ،ئۇقتۇڭما..؟
-ماڭە ئاناڭنى..
- ھەجەپ يەنە نوچىلىقى بار نىمىكان بۇ دېگنىچە يەنە بىر نەچچتە تېپىك يېدىم. ئارىدا ئالىم بولدى كېتەيلى بۇ نېمىنىڭ ئەشۇنداق نوچىلىق قىلىپ باققۇسى كەپتۇ. دېگىنىچە ماشىنىغا چىقىپ كەتتى.
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىم. ئۆمرۈمدە تېخى ھېچكىمدىن بۇنچە تاياق يەپ باقمىغان ئىدىم. بولۇپمۇ بۇنداق ئۈچ تۆتى بىرلىشىپ ئۇرغان توپنىڭ ئارىسىدا قالمىغان ئىدىم. ئەمدى بايان ئۇرغاندا ئاغرىمىغان پۇت قوللا سىرقىراپ ئاغرىپ كەتكىلى تۇردى. يۈزۈمنىڭ بىر تەرىپى ئازراق ئىشششقا باشلىغاندەك تۇراتتى. بىرىنىڭ پۇتى بايام يۈزۈمگە تېگىپ سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلغان. كۆكرىكىم چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى. ئۆز ئۆزۈمگە گەپ قىلساممۇ، ئاچچىغدىن كۈلۈپ كەتسەممۇ ئاخىر بۇ كۈلۈش غورۇرنىڭ خورلىقىغا بېرىپ يىغا تۇتقان ۋاقىتتىمۇ مەيدەم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتكەندەك تۇيىلاتتى.
ئەمدى يىغلاي دىسىمۇ ئاغرىق، كۈلەي دىسىمۇ ئاغرىق،پەقەت ئىچىمدە قانچە ۋاقىتتىن بېرى پەيدا بولىۋاتقان ئالىمنى ئۆلتۈرۈش ئىستىكى بۇدا يەنە غەزەپلىرىمگە ئېسىلىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئىچىمگە پاتماي قېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن قاتتىق ۋارقىراۋاتقاندەك قىلاتتى.
چوقۇم ، چوقۇم بىر كۈنى كېلىدۇ. بۇ ئەنتىمنى ئالماي قويمايمەن، قەسەم قىلىمەنكى ئالماي قويمايمان، بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بەدەل تۆلىتىمەن. نەپرەت تۇيغۇسى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىېلىپ كەتكەن ئىدى. سىرىت، يېنىمدىكى دەل دەرەخلەر، يولدا بايام مېڭىپ كەتكەن ماشىنا، ماشىنا ئىچىدىكى ماڭا ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراپ تۇرغان ئادەملەر ھەممىسى كۈلكىلىكلا كۆرۈندى. كاللامدا پەقەت نەپرەت، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى تېخىدىنمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ كۆردۈڭمۇ، سەن مۇھەببەت، مۇھەببەت دەپ سەن شۈكرى قىلىپ، باشقىلار بىلەن دۈشمەنلەشمەي دەپ ئۆزۈڭنى تارتىپ تۇرغان دۇنيا مۇشۇ شۇ، كۆردۈڭمۇ دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

داۋامى بار....




\\
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 01:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدا تاكسى ساقلىغاچ تۇردۇم. بۇ يەردىن ئىتتىك كېتىشنى ئارزۇ قىلدىم. تونۇش بىلىشلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ، بۇ چىرايىمنى كۆرۈپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايتىم.
تاكسى كەلمىدى، يولدا شەھەرگە قاتنايدىغان ئۈچ چاقىلىق كىراكەش موتۇسىكىلىتتىن بىرى كەلدى. شۇنىڭغا چىقتىم.
بىر ئەركىشى تۇرۇپ بىر قىز بىلەن سەككىز يىل مۇھەببەتلىشىپ بۇ دىگەن مېنىڭ مۇھەببىتىم دەپ باشقىلارنى ئەيمەندۈرەلمەي باشقىلار تەرىپىدىن تاياق يېيىش، نىمە دىگەن بىچارىلىق. نىمە دىگەن ئاجىزلىق.
ئالىمدىن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ئۇنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن.
دۇككانغا باردىم، دۇككاننى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ دۇككاننىڭ ئىچىدىكى مەن بوش بولۇپ قالغان ۋاقىتتا ئارام ئالىدىغان كارۋاتقا چىقىپ يېتىۋالدىم. تېلفۇننىمۇ تاقىۋەتتىم. كۆڭلۈمدە بۇ ئازابىمغا، بۇ خورلۇققا دەرمان بولىدىغان، ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم يوق دەپ ئويلايتىم.
نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئۇخلاپ چۈشمۈ كۆرۈپتىمەن.
چۈشۈمدە ئالىم بىلەن بۇدا يەنە بىر يەردە كۆرۈشۈپ قاپتۇق، بۇدا ئۇ يەنە ئەشۇ كۆرەڭلىكى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۆتكەندە تاياق يېگىنىڭ ئېسىڭدىن چىقىپ قاپتۇدە، يەنە نىمە بار دەپ كەلدىڭ. نىمە دىمەكچى سەن دەۋاتقۇدەك.
مەن گۈلچېھرە دىگەن مېنىڭ، ئۇ دىگەن مېنىڭ شۇڭا سەن ئەبلەخ قاچانغۇچە گۈلچېھرە بىلەن قېيىشىدىكەنسەن مەن سەن بىلەن بىلەن قېيىشىمەن. سەن بىلەن تۇتىشىمەن. ئۇقتۇڭمۇ..؟
تايىر كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ تۇيۇقسىز قولىنى شىلىتىپ قويىۋېدى. ئۇنىڭ يەنە ھېلىقى ئاغىينىللىرى پەيدا بولغىلى تۇردى. ھە...قانداق قورقىۋاتامسەن، بۈگۈن يەنە تاياق يىگۈڭ كەپقاپتۇ سېنىڭ، دەپلا ئۇلار گۈرۈلدەپ كەلگىنىچە مېنى ئۇرۇشقا باشلاپ كەتتى.
بىر ۋاقىتتا گۈلچېھرە بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇ مېنىڭ تاياق يەۋاتقانلىقىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ. ھېچنىمە دىمەپتۇ. ئالىم بولسا گۈلچېھرەنى كۆرسۈن دەۋاتقاندەك مېنى تېخىدىنمۇ ئۇرۇشقا باشلاۋاتتى. مېنى قانچە ئۇرغانسىرى گۈلچېھرەنىڭ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرىۋاتتى. ئۇ مېنى ئۇرغانسىرى كۈلۈپ تۇرىۋاتتى. مەن شۇنچە تاياق يەپ تۇرۇپمۇ كۆزۈم ھېچنىمىنى كۆرمەي پەقەت ئەشۇ گۈلچېھرەنىلا كۆرۈپ تۇرغۇدەكمەن.

ئۇلار تازا ئۇرىۋاتقاندا ۋايجان دەپ ۋارقىراپ كەتتىم. شۇ دېگىنىمچە ئويغۇنۇپمۇ كەتتىم. ئەسلى بايام تاياق يىگەن ۋاقىتتىكى ئاغرىۋاتقان مەيدەم ھازىر يەنە ئاغرىپ كەتكىلى تۇرغان ئىدى. چۈشۈمدىكى ئۇلارنىڭ تاياقلىرى يەنە راستىنلا تەسىر قىلىپ مېنى ئۇرۇپ كەتكەندەك مەيدەم تېخىمۇ ئاغرىپ كەتكىلى تۇردى. بىرەر سائەت كۆزۈمنى يۇمغان بولسام كېرەك. سائەت بىر يەرگە بېرىپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئازلا قالغانىدى.
ئۆزۈم يالغۇز، قاراڭغۇلۇق، ئاغرىق، ئاغرىققا قوشۇلۇپ خورلۇق ، بايامقى چۈشۈمدىكى گۈلچېھرەنىڭ مېنىڭ تاياق يەۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرغاندىكى ھالىتى ھەممىسى قوشۇلۇپ مېنى بىر خىل بىئارامسىزلىق چىرمىۋالغانىدى.
بۇ بىئارامسىزلىنىشتىن ئىتتىك قۇتۇلۇپ ئۆيۈمگە بېرىپلا ئارام ئېلىش ئۈچۈن دۇككاننى تاقىدىم. ئۆيگە بىر تاكسىنى توسۇپلا ماڭدىم. ئۆيگە كېلىپ ھېچكىمگە كۆرۈنمەيلا ئۆزۈم ياتىدىغان ئۆيگە ئىتتىكلا كىرىۋالدىم.تېلفۇنۇمنى ئېچىپ گۈلچېھرەگە تېلفۇن قىلىپ قويماقچى بولدۇم.
-ۋەي، نىمە ئىش قىلىۋاتاتتىڭ..؟
- شۇ ئۆيدىكىلەر تېلۋوزۇر كۆرۈپ بىللە ئولتۇرغان. سىزچۇ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز بايام تېلفۇن قىلسام تېلفۇنىڭىز ئېتىك ئىكەنغۇ..؟
-ھە، تېلفۇنۇمنىڭ توكى قالماپتىكەن شۇڭا ئېتىلىپ قاپتۇ.
- قانداق بولدى ..؟ ئۇ نەرسىلەرنى ئالىمغا بەردىڭىزمۇ..؟
- بەردىم.
- ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ، تىللاپ يۈرۈپ بەردىڭىزمۇ ياكى چىرايلىق گەپ قىلىپ بەردىڭىزمۇ..؟
- ئىشقىلىپ بەردىم ، سەن ئۇلارنى سوراپ قانداق قىلاتتىڭ..؟
- يا ئەمدى خەققە چىرايلىق گەپ قىلماي، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ. چىرايلىق گەپ قىلىپ بەرگەنسىز.
گۈلچېھرە ئۈچۈن ئالىم دىگەن لامزەللە بىلەن شۇنداق ئۇرۇشۇپ تاياقنىڭ ئارىسىدا قالسام يەنە مېنى چىرايلىق گەپ قىلغانسىز دەۋاتقىنىنى، يەنە ئالىم دىگەن لامزەللىنى سىزگە چىرايلىق گەپ قىلدىمۇ دىمەي يەنە مېنى چىرايلىق گەپ قىلدىڭىزمۇ دەۋاتقىنىنى،ئىشلار نىمانچە ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىغاندۇ. گۈلچېھرەنىڭ ماڭا ھېسداشلىق قىلماي مېنى قوپال سۆزلىمىگەنسىز دېگىنى مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا يەنە ۋارقىراپ ئۇرۇشقۇممۇ كەلمىدى.
- بولدى مەن ئۇخلىدىم، ئەتىگىچە كۆرۈشەرمىز.
-نىمە بولدى..؟ نىمە بولدىڭىز نىمانداق بالدۇر ئۇخلايمەن دەيسىز..؟
- بۈگۈن چارچاپ قاپتىمەن. شۇڭا بالدۇر ئارام ئالاي.
ياق بۈگۈن سىزگە بىر ئىش بوپتۇ، بولمىسا بۇنداق بالدۇر ئۇخلايمەن دىمەيتىڭىز..؟
- ساڭا دېدىمغۇ، بۈگۈن سەل چارچاپ كەتتىم، شۇڭا بالدۇرراق ئۇخلاي دېدىم ، ئەمدى مېنى بالدۇرمۇ ئۇخلىغىلى قويمامسەن دەپ سەل ئاچچىغلاپ گەپ قىلدىم.
- ھە بوپتۇ ئەمىسە. ياخشى ئارام ئېلىڭ.
تېلفۇننى قويىۋېتىپ ئۇخلاي دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا تىرىشىپ بېقىۋاتىمەن.
تۇيۇقسىز ئۇچۇر كەلدى. گۈلچېھرە ئۇچۇر يېزىپتۇ.
- سىز ماڭا بارا-بارا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بوپ قېلىۋاتىسىز، ئەتىگەنمۇ تېلفۇننى يېرىم كۈن ئاچماي، يەنە كەچ بولغاندا ماڭا توڭ تېگىپ بالدۇرلا ئۇخلايمەن دەۋاتىسىز، يا ئالىم بىلەن بولغان ئىشلارنى دەپ بەرمەيسىز، باياتىمنىڭيازى شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىۋاتسا مەندىن نىمە بولدىڭىز دەپمۇ سوراپ قويمايسىز، مېنى بارا-بارا ياخشى كۆرمەيدىغان بوپ قېلىۋاتىسىز.
ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئىچىمدە ئازاپ ئارلاشقان كۈلكە كۆرۈندى. مەن نىمە ئىش بولىۋاتىمەن، ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ. بىر قىزنى ئۆزىنىڭ قىلماق نىمانچە تەس ھە. ئۇنىڭغا قانداق ئويلىساڭ ئويلا دەپلا ئۇچۇر يېزىپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن ئوشۇق ئۇچۇر يېزىپ چۈشەندۈرۈشكە نەدە مەندە ماغدۇر بولسۇن، نەدە ئۇنچىلىك ئىشەنىچ بولسۇن.
ئەتىسى ئەتىگەندە قوپمايلا ئۇخلىدىم. مەيدەمدىكى ئاغرىق سەل بېسىلغاندەك قىلغان بىلەن، يۈزۈمدىكى سىيرىلىپ كەتكەندىكى ئىششىق تېخىمۇ ئىششىپ چىققان ئىدى.
ئاپام مېنى نىمە تېخىچە قوپماي يېتىۋالغاندۇ دەپ مەن ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
ھالىتىمنى كۆرۈپ نىمە بولدۇڭ..؟ نىمە ئىش بولدى دەپ سورىدى.
- شۇ تۈنۈگۈن ماشىنا رىمونىت قىلغۇچە سىيرىلىپ يىقىلىپ كېتىپ قالدىم. شۇ..
خېلىلا ئىششىپتۇ. بۈگۈن ئەمىسە ئىشىڭغا بارمامسەن..؟
-ياق بولدى بارمايمەن.
-ھە بوپتۇ بارمىساڭ. يۈزۈڭگە ئىسسىق لۆڭگىدىن بىرنى بېسىۋال سەل ياخشى بوپ قالار.
- ماقۇل.
ئەمدى ئامرىكىنىڭ بىر تېرورلۇق ئارلاشقان بىر كىنو دېيىدىن بىرنى قويۇپ قويغاچ ياتقاچ ئويلىنىشقا چۈشتۈم. ئالىمنى قانداق قىلىش كېرەك..؟ مۇشۇ كىنودىكىلەرگە ئوخشاشلا بىر پاي ئوق بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالسام ياخشى بولاتتى ياكى كەچ بولغاندا ئالىمنىڭ يولدا مېڭىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى سوقۇپلا ئۆلتىرىۋەتسەم، ياكى ماشىنىسىنىڭ تورمىزىنى ئۈزىۋېتىپ ئۇنى قەسلىسەممۇ بولاتتى. بىراق بۇ دىگەن ھامان كىنودە، رېئاللىق دىگەن باشقا ، كىنودىكى ئىشلارنى رېئاللىقتا قىلىمەن دېيىش ئۇچىغا چىققان ئەخمەقنىڭ ئىشى.
ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىشىم كېرەك. ئۇنىڭدىن ئۆچۈمنى ئېلىشىم كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئۇ لامزەللە مېنى قورىقتى دەپ ئويلاپ تېخىمۇ ئۆزىنى بىلگىنىنى قىلىدۇ. تېخىمۇ گۈلچېھرەگە يېقىنلىشىقا باشلايدۇ. ئۇ قانچە يېقىنلاشقانسىرى ئەھۋال ماڭا شۇنچە پايسىسىز، شۇڭا ئۇنىڭغا چوقۇم قايتۇرما زەربە بېرىشىم كېرەك.
مەنمۇ دوستۇمدىن ئىككى ئۈچنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى دۇمبالىشىم كېرەكمۇ، ئۇنداق قىلسام ئۇ لامزەللىگە ئوخشاش نامەرىت بولۇپ قالارمەنمۇ قانداق بولسا بولمامدۇ، مۇشۇ تاپتا مەرىت نامەرىتلىكنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ۋاقىتمۇ، مۇھىمۇ ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا بوش كەلمەيدىغانلىقىمنى، ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن نوچى ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قويۇش.
ئۇنى مەنمۇ چوقۇم بوش قويىۋەتمەيمەن. مەنمۇ ئاغىنەمدىن ئىككى ئۈچنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى چوقۇم ئۇرۇپ ھازىرقى ئەنتىمنى ئالماي قويمايمەن. ئۇ بولدى قىلىمىغۇچە مەن ھەرگىزمۇ بولدى قىلمايمەن. ئۇ بۇ ئويۇننى قاچانغۇچە ئوينايمەن دېگۈچە مەنمۇ ئوينايمەن، ئۇ بولدى دىمىگۈچە مېنى ئىچىمدىكى ئۆلتىرىۋېتىش ئىستىكى رېئالىققا چىقىپ ئۆزىنى كۆرسەتكۈچىمۇ بولدى قىلمىسا مەنمۇ ئويناۋېرىمەن.
شۇنداق ئويلارنى قىلغاچ ئالىمدىن بىر كۈنى ئۆچۈمنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئالىدىغان بولۇپ ئۆزۈمنى بەزلەپ، ئۆزۈمنىڭ غورۇرىغا ئازراق تەسەللى بېرىپ يەنە روھلۇق قىياپەتتە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىنونى كۆرۈپ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.
چۈشتە ئۆيدە تاماقنى يەپ بالدۇرلا شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.
گۈلچېھرە بىلەن تېلفۇنلاشتىم مەن بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى ، دەيدىغان گېپى بارلىقىنى ئېيىتتى.
نىمە دەي كۆۈشمەيمەن دېگىلى بولمايدۇ. ئامال يوق كۆرۈرۈشكە ماقۇل دېدىم. سائەت ئۈچ بولغاندا گۈلچېرە ئىشتىن چۈشكەنلىكى دەپ اڭا تېلفۇن قىلدى. كۆرىشىدىغان يەرگە بېرىپ تۇردۇم.
گۈلچېھرە بىر ۋاقىتتىن كېيىن كەلدى.
يۈزۈمنىڭ سىيرىلىپ ئازراق ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇ ھەيران قالدى.
- نىمە بولدى..؟ يۈزىڭىزگە نىمە بولدى..؟
-ھېچنىمە بولمىدى، تۈنۈگۈن بىر ماشىنىنى رېمونىت قىلغاچ پۇتۇم بىر يەردىن سىيرىلىپ كېتىپ ماشىىنىنىڭ بىر يېرىگە سۈركىلىپ كەتتى.
- بۇنى ھەجەپ ماڭا دىمەپسىزيا..؟ ئالىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭىزمۇ يە..؟
- ياق، ئۇنىڭ بىلەن نىمە دەپ مۇشۇنداق ئۇرۇشۇپ يۈرگۈدەكمەن. دېدىمغۇ ماشىنىنىڭ بىر يېرىگە تېگەپ كەتتى دەپ.
- ھە، ئالىم بىلەن ئۇرىشىپ يۈرسىڭىز سىزگە قارىمايمەن. ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭ جۇما..؟
- ئۇ نىمە دېگىنىڭ مەن شۇنداق ئۇرۇشقاقمۇ..؟
- ياق، سىزنىڭ ئاچچىغىڭىز كېلىپ قالسا ھەرقانداق ئىشنى قىلشىتىن يانمايسىز، ئالىم بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈشتىنمۇ يانمايسىز.ئۇرىشىپ يۈرسىڭىز، ئۇرۇشقىنىڭلارنى باشقىلار ئاڭلاپ قالسا مېنىڭ يۈزىمگە سەت بولىدۇ. شۇڭا ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭ.
- بولدى قىلە. ئۇ نىمىنىڭ گېپىنى قىلماي باشقا گەپ قىلايلى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇممۇ يوق.  ھېس قىلدىڭمۇ بۇرۇنقىدەك پاراڭلىرىمىز قالمىغىلى تۇردى، قاچانلا ئۇ، بۇ دەپ ، سەنمۇ قاچانلا قارىسا يۈزۈم، سەت تۇرىدۇ دەپلا يۈرۈيدىكەنسەن..؟
- شۇ قىز بالا دىگەن شۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. بولمىسا باشقىلارنىڭ ئاغزىغا ئىتتىكلا چىقىپ قالىدىغان گەپ.
بارا-بارا جىلە بوپ قېلىۋاتاتتىم. گۈلچېھرەنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا يېقىملىق ئاڭلىنىپمۇ كەتمىدى. بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۇنىڭ ساددىلىقىغا ،سەمىمىيلىكىگە قاراپ ھەۋەسلىنىدىغان ۋاقىتلىىرىم ئەمدى ئۆتمۈش بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلدى. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقى يەنە ئەشۇ ئالىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئالىمنى تۇرمۇشۇمدىن ئىتتىك يوق قىلمىسام، گۈلچېھرە بىلەن پەقەت توي ئىشىمىزغىلا ئەمەس، ئوتترىمىزدىكى مۇھەببەتكىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنى ئېنىق ئىدى. مانا ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەكتىمەن. ئالىم پەيدا بولغاندىن تارتىپ گۈلچېھرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ كاللىسى ئالىمغا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى. شۇڭا بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببەت بارا-بارا سۇسلاپ كېتىۋاتقانداك تۇيغۇ بېرەتتى. بىز-بىرىمىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان يۈرەكنى، ئەقلىمىزنى، كاللمىزنى ئالىم پەيدا بولۇپلا ئۆزىگە تارتىپ كېتىۋاتقاندەك ، گۈلچېھرە ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان ۋاقتىنى ئالىم تاررتىپ كېتىۋاتقانداك، ئاخىرىدا ئىككىمىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان ۋاقىتتا پەقەت چارچاپ كەتكەن كاللا بىلەن زىدە بولىۋاتقان يۈرەكنى تاشلاپ قويۇۋاتقاندك بىلىنەتتى. ئەمىلەييتىمۇ راس
ئىدى.
-نىمە بولدى تۇرۇپ قالدىڭىزغۇ..؟
-شۇ ئالىمنىڭ گېپىنى قىلغۇم يوق. باشقا گەپلىرىڭ يوقما..؟ بايام گېپىم بار ئىدى دەۋاتتىڭغۇ..؟
- شۇ ئالىم توغرۇلۇق گەپ ئىدى. ئۇنىڭ گېپىنى قىلما دېسىڭىز نىمە دەيمەن.
-بولدى قىلما ، باشقا گەپلەرنى قىلە..؟
گۈلچېھرە ئامال يوق باشقا بىر گەپلەرنى قىلىپ باقتى. خىزمىتىدىكى ئىشلىرىنى، دوسلىرىنىڭ گەپلىرىنى زورلاپ قىلىپ باقتى. لېكىن ئۇ گەپلەر ماڭا قەتئىيمۇ تېتىمىدى. گۈلچېھرەمۇ ئۇ گەپلەرنى شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى بىلەن دىمەي مۇنداقلا دەپ قويىۋاتاتتى.
بېشىمىزدا بىر سېسىق قاغا قاقىلداپ ئارام بەرمەيۋاتسا ، ئۇ قاغىنى تېخى ھەيدىمەي تۇرۇپ ئېچىلىپ گەپ قىلىش مۇمكىن بولمىغاندەك  ئەمدى باشقا گەپلەرنى قىلساق بىزگە بىر خىل ياسالمىلىقتەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى.سەككىز يىلدىن بۇيان سەمىمىيلىك بىلەن گەپ قىلىپ بىر-بىرىمىزگە كۆنۈپ قالغان ئىككىمىز بۇ ياسالمىققا كۆنەلمىدۇق. شۇڭا ئۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپلا ئارىمىزدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
بۇ جىمجىتلىق ئەمدى باشلىنىش ئىدى.

داۋامى بار....
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
2247
يازما
722
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشۋىش داۋاملىق ئالغا مارش!
ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 22:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توتىمغا رەھمەت! مېنى قوللىغان دوسلارغا رەھمەت!
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
2316
يازما
65
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2125
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-19
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 23:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تىزرەك يىزىڭ ساقلاپ قالدۇق .

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 02:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتۇق. گۈلچېھرە بىلەن تۈزۈك پاراڭلاشمايلا يېنىپ چىقتىم. ئالىمنىڭ گېپىنى تېخى ئاڭلىغۇم يوق . بولۇپمۇ گۈلچېھرە بار يەردە ئالىمنىڭ گېپىنى قىلىش مېنى تېخىدىنمۇ بىئارامسىزلاندۇراتتى.
گۈلچېھرە بىلەن ئەتىكىچە كۆرۈشىدىغان بوپ قايىتتۇق. كۆڭلۈمدە بىرخىل بۇرۇقتۇمچىلىق بار ئىدى. ئەمدى بۇ بۇرۇقتۇمچىلىق گۈلچېھرەگىمۇ يۆتكەلگەندەك قىلاتتى. مېنىڭ كەيپىياتىم قانداق بولسا ئەلۋەتتە گۈلچېھرەگە تەسىر قىلاتتى. مەن بۇ بۇرۇقتۇمچىلىقتىن قۇتۇلاي دەيمەنۇ ئالىمنى تۇرمۇشىمدىن يوقاتمىسام بۇ بۇرۇقتۇمچىلىقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلەتتىم.
ئۇ يەردىن يېنىپ چىقىپ غېنى دىگەن ئاغىنەمنىڭ قېشىغا بېرىپ بىردەم پاراڭلاشقاچ، ئالىمنى ئەدەبلەش قويۇش پىلانىنى تۈزمەكچى  بولۇپ غېنى دىگەن ئاغىنەمنىڭ قېشىغا باردىم.
غېنى بولسا كىچىك ئاشخانىدىن بىرنى ئاچاتتى. ھازىر تازا چۈشلەك ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت بولغاچ غېنى يالغۇز ئاشخانىسىدا ئۆزى ئولتۇراتتى.
ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا غېنى ئالدىراپلا چىقتى.
- ھە،ئاداش ، بۇ يەرگىمۇ كېلىدىكەنسەن ھە، ئۇنچىۋالا يوقاپ كەتمە، ساڭا پەقەت گۈلچېھرەلا ئەس قاتمايدۇ بىزمۇ ئەس قاتىمىز مۇنداق دەپ قويدى.
- ئەلۋەتتە ئاداش، ھازىر تازا ئالدىراش بوپ قالىدىكەن ئادەم.
غېنى يۈزۈمدىكى سىيرىلىپ كەتكەن ئىزنى ۋە ئازراق ئىششىقنى كۆرۈپ ئۇمۇ ھەيران قالدى.
- نىمە بولدۇڭ ئاداش، بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ قانداق..؟ بىرەرسى بوزەك قىلمىغاندۇ..؟
- كىم بوزەك قىلاتتى.
- ياق دەيمەن ئەمدى، سەنغۇ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈيدىغان بالا ئەمەس. سەمىمى بولغانلىقىڭدىن ئىشلارنى ئۇرۇشماي تۇرۇپلا ھەل قىلىۋېتەلەيسەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ يۈزۈڭدىكى ئىز قانداق پەيدا بولۇپ قالدى..؟
غېنىغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردىم. غېنى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قۇيقى چېچى تىك تۇرۇپ كەتتى. ئادەتتە بۇنداق ئىشلاردا بولۇپمۇ مېنىڭ بىرەر يەردە بوزەك بولغانلىقىمنى ئاڭلىسا ئۇ بۇنداق ۋاقىتتا دوسلۇقنى ھەممىدىن بەكرەك يەتكۈزەتتى.
-ئاناڭنى ھاراملىق، ئەشۇنداق ئىشلارمۇ بولدىمۇ ئاداش، نىمىشقا بىزگە دېمىدىڭ، بىزنى يېقىن دوس قاتارىدا كۆرمەمسەن يە...؟
- ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ ئاداش، ھەممە ئىشلارنى سىلەرگە دەپ يۈرگۈم كەلمەيدىكەن.
- مېنىڭ مۇشۇ تاپتا سەندىن ئۆتە ئاچچىغىم تۇتىۋاتىدۇ. ئا ھاراملىقنى بېرىپ بوغۇزلىۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. خەقنىڭ مۇھەببىتىگە ئېسىلىۋېلىپ يەنە تېخى سېنى بىرلىشىپ ئۇرغان بولسا ئۇنىڭ ئەدىپىنى چوقۇم بەرمىسەك بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن چوقۇم ئاچچىغىڭنى ئېلىۋالىسەن ئاداش ، خاتىرجەم بول.ئۇ ھاراملىقنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمىز.
غېنىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدۇم. دوس دىگەننىڭ مۇشۇنداق يېرى بولىدىكەن مانا، سېنىڭ ئازابىڭنى ئۆزىنىڭ ئازابى، سېنىڭ غورۇرۇڭنى ئۆزىنىڭ غورۇرۇرىدەك كۆرگەن دوسلار بولسا نىمە دىگەن ياخشى ھە. بىر ئەر ئۈچۈن دوسمۇ مۇھىم، قىزمۇ مۇھىم.
-قانداق قىلىمىز ئەمىسە ئاداش ،دېدىم.
- سەن قانداق قىلىمىز دېسەڭ شۇنداق قىلىمىز. ئاۋال ئۇ ئالىم دىگەننىڭ تۇرىدىغان جايى، قانداق ۋاقىتتا بىكار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق سۈرۈشتە قىلىۋال ئاداش، ئاندىن ئىشلار دىگەننى توغرىلايمىز. بولمىسا كەچ تەرەپتە باللار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قانداق قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىد دېيىشەيلى.
- بولدى، باشقا دوسلىرىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايمەن. ئۇلار كېيىنچە بىلسىمۇ بولار. ئۇنى ئىككىمىزلا توغرىلىمايمىزمۇ ئاداش.
- ھە مەيلى ئاداش، ئۇنداق بولسا ئۇنىڭ يالغۇز قالغان  ۋاقىتىدا ئىككىمىز توغرىلايلى ئۇ ھاراملىقنى.
- ماقۇل، مەن ئۇنىڭ يالغۇز قالغان ۋاقتىىنى ئېنىق قىلىپ ساڭا تېلفۇن قىلىمەن ئاداش، شۇ ۋاقىتتا چىقارسەن ئەمىسە.
- ماقۇل چاتاق يوق. مەن قايتاي ئەمىسە ئاداش ئەمىسە كەچ تەرەپتە كۆرىشەرمىز.
- ماقۇل ئەمىسە خوش ئاداش.
ئۇ يەردىن چىقىپ ئۆيگە قايتىش نىيىتىدە ماڭدىم. يولدا ماڭغاچ يول بويىدىدا بىر پىچاق ساتىدىغان يايمىچى ئولتۇرۇپتۇ.
  قارىسام بۇ يەردە ھەرخىل پىچاقلار بار ئىدى. ئۇ يەردە نىمىشكە تۇرۇپ قالدىم بۇنى ئۆزۈممۇ ئېنىق بىلمەيمەن. پىچاقلارغا بىر قۇر نەزەر تاشلىدىم. چوڭمۇ ئەمەس كىچىكمۇ ئەمەس بىر پىچاقنىڭ باھاسىنى سورىدىم.
- بۇ پىچاق قانچە پۇل..؟
- ئوتتۇز يۈئەن،
- يىگىرمە يۈئەنگە بېرەمسىز..؟
پىچاقچى ئۇستام شۇنداق دېيىشىمگە بوپتۇ بېرەي دەپلا ئىتتىكلا ماقۇل بولدى.
كۆڭلۈمدە ئۇ پىچاقنى چوقۇم ئالىمەن دىگەن نىيەتتە بولمىغان ئىدىم. مۇنداقلا باھاسىنى سوراپ باقاي قېنى دېگەن مەقسەتتە دىگەن ئىدىم. پىچاق ساتىدىغان بۇ ئۇستامنىڭ پىچاقنى ماڭا ئىتتىكلا بېرىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. قارىغاندا ئۇ ئادەمنىڭ سودىسى تازا ياخشى بولمىسا كېرەك. سورىشىمغىلا بېرىۋەتتى. ئەمدى دەپ بولغاندىن كېيىن ئالماي ئامال يوق.  پۇلنى بەردىمدە ئۇ پىچاقنى ئېلىپ غىلاپقا سېلىپ يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇپ ئۆيگە كەتتىم. بېلىمگە ئېسىۋالاي دېدىميۇ قانچە ۋاقىتتىن بېرى پىچاق ئېسىپ باقمىغان ئادەم پىچاقنى ئېلىپلا ئۇنى بېلىمگە ئېسىۋېلىشنى توغرا كۆرمىدىم.
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ پىچاققا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.  خۇددى پىچاق كۆرۈپ باقمىغان ئادەمدەك پىچاققا قايتا-قايتا نەزەر تاشلايمەن. بەزى بىزگە ئوخشاش ياش باللارنىڭ پىچاقنى يېنىغا ئېسىۋېلىپ ئاقسا ماڭىدىغان چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلدى. بۇ پىچاقنى ئېسىۋالسام ماڭا قەتئى ياراشمايدىغاندەك تۇيۇلدى. پىچاقنى ئېسىلىۋېلىپ باشقىلارغا ئوخشاش ئاقسالىق قىلىدىغان ئىشلار ماڭا قەتئى ياراشمايدىغاندەك بىلىندى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئاقسالىقتىن تەمەيىم يوق، شۇنداق بولسىمۇبۇنداق پىچاق ئېسىۋېلىپ ئاقسالىق قىلىدىغان ئىش ماڭا تېخىمۇ ياراشمايتى. قانداق بولمىسۇن مۇشۇ پىچاقنى يېنىمغا ئېلىۋېلىشتىن يانمىدىم. يەنە تاياق يەيدىغان ،ئۇرۇرۇشلار بولۇپ قالسا بۇ پىچاق چوقۇم ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلىدىم.
بىر ۋاقىتتا گۈلچېھرە تېلفۇن قىلدى.
- نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز..؟
- ئۆيدە ئولتۇردۇم شۇ.
- بايام ئالىم تېلفۇن قىپتىكەن، ئۇ نەرسىلەرنى نىمىشقا قايتۇرۇپ بېرىسىز، تايىردىن قايتۇرۇپ بېرىسىز دەپ تۇرىۋالدى.
- قەنە ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ئالما دىگەن ئىدىمغۇ ساڭا..
- شۇ ئالمىسام يەنە قىلىدىكەن، قىلىۋرىدىكەن. ئالماي ئامال بولمايدىكەن. بوپتۇ تېلفۇنىنى ئېلىپ قويغانغا نىمە بولاتتى...؟
گۈلچېھرەنىڭ بۇنداق پەرۋاسىزلىق قىلىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. تېلفۇن ئالمايدىغان ھالەتتىن ئەمدى تېلفۇننى ئالىدىغان ھالەتكە ئۆتتۈق، ھەمە ئىش ئالىمنىڭ پىلانلىرىدەك بولىۋاتىدۇ. گۈلچېھرەگە شۇنداق دىسەممۇ يەنىلا ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ئالىدىغان بوپتۇ. ئەسلى ئىشلارنى كىچىك ۋاقتىدىلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن ياخشى ئىدى. تېلفۇننى ئېلىپ سۆزلىشىش، مەيلى نىمە دېيىشىدىن قەتئى نەزەر ئىشلارنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئالىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم بولمىسىمۇ يەنە شۇ ئالىمنىڭ گېپى چىقىرىۋەرەتتى.
- بۇدا تېلفۇن قىلسا ھەرگىز ئالما يەنە دەي ھەرگىز ئالما..؟
نىمىشكە ئالمايمەن، ئۇ تېلفۇن قىلىۋەرسە قانداق قىلىمەن ئەمىسە، مېنىڭمۇ ئىچىم سىقىلىپ كېتىدىكەن. شۇڭا تېلفۇننى ئېلىپلا ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام ئاندىن قۇتۇلىدىكەنمەن بولمسىا قىلىۋېرىدىكەن. سىز بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز..؟ تېلفۇننى ئالمىغان بىلەنلا ھېچقانداق ئىش ھەل بولمايدىكەن. ئەنە قانچە قېتىم تېلفۇنىنى ئالماي، باشقا كارتىلارنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ باقتۇق. ھېچقانداق پايدىسى بولمىدىغۇ..؟
- شۇنداق بولسىمۇ ئامال بار ئالمىغىن. نىمە دەيدۇ ئۇ لامزەللە..
- سىزگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. بولسا تايىردىن ئايرىلىپ كېتىڭ. ئۇ سىزگە ماس كەلمەيدۇ. مۇھەببەتلەشكەن ئادەم باشقا بولىدۇ. توي قىلىدىغان ئادەم باشقا بولىدۇ دەيدۇ.
- سەن نىمە دېدىڭ..؟
- مەن مۇھەببىتىم بىلەن توي قىلىشقا دېيىشىپ بولغان، ئەمدى باشقا بىرى بىلەن توي قىلىمەن دېسەم بولمايدۇ، شۇڭا سىز بولدى قىلىڭ دېدىم.
گۈلچېھرەنىڭ گەپلىرىگە قارىغاندا ئالىم ئىككىمىزنىڭ ئۇرۇشقىنى ، مېنى بىرلىشىپ ئۇرغانلىقىنى دىمىگەندەك قىلاتتى. ئۇ گەپلەرنى گۈلچېھرەگە دېسەم ئۇ ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىغان چېغى، ئۇنداق ئويلىمىسا ئۇ گەپلەرنى ئاللا بۇرۇن دىگەن بولاتتى.
- ئالىم سىزنى ماڭا بىر نىمە دىمىدىما دەپ سورىدى..؟
- مەن ياق ھېچنىمە دېمىدى دېسەم راس ھېچنىمە دېمىدىما دەپ نەچچە رەت سوراپ كەتتى. دەيدىغان نىمە گەپ ئىدى دەپ سورىسام ياق ھېچ ئىش يوق، مېنى سىزگە تىللاپ بەرگەنمىدۇ دەپ سوراپ قويۇشۇم دەپ قويۇپ، تېلفۇننى قويىۋەتتى.
نىمە ئىش بولغان ئىدى، سىز دەپ بېرىڭە. چوقۇم ئىككىڭلارنىڭ ئاراڭلاردا بىر ئىش بوپتۇ. ئۇ ئىشنى سىز ماڭا دەپ بەرمەيۋاتىسىز.
- ھېچ ئىش يوق. ئالىم بىلەن ئۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتتا ئازراق تاكاللىشىپ قالغان شۇ ئىشنى دىگەن ئوخشايدۇ.
- نىمە دەپ تاكاللىشىپ قالدىڭلار، سىز ئۇنداق دىمىگەنغۇ ماڭا. نىمىشقا دىمەيسىز..؟
- ھەممە گەپنى ساڭا دەپ ئولتۇرۇشۇم كېرەكما ئەمدى، دېمىدىم شۇ، ئازراق تاكاللىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق. ئۇ نەرسىلەرنى مەن چىرايلىق گەپ قىلىپ تاكاللاشماي قولىغا خاپا بولماي بۇ نەرسىللىرڭنى ئۆزۈڭ ئىشلەت دەپ قايتۇرۇپ بېرەمتىم يا..
- سىزگە نىمە دېدىم، ئۇنىڭ بىلەن تاكالاشماڭ دەپ قانچە قېتىم دېدىمغۇ..؟
- نىمانداق گەپ قىلىسەن. ئۇ سېنىڭ كەينىڭگە كىرىۋالسا ئۇنى بىلەن تىللىشىپ تاكاللاشىمىسام قانداق قىلىمەن. مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭ تۇرۇپ جىم تۇرۇپ بېرىشىم كېرەكما..؟
- تاكاللىشىپ تىللىشىپ يۈرسىڭىز، ئۆيدىكىلەر، باشقا ئۇرۇق تۇققانلار ئۇقۇپ قالسا مېنىڭ يۈزۈمگە سەت بولىدۇ. بۇرۇن بىرسى بار ئىدى، ئەمدى ئىككى بولۇپ قالدىما دىسە ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قانداق قارايمەن..؟
گۈلچېھرەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەنە ئاچچىغىم تۇتتى.
-سەن مېنى نىمە كۆرۈپ قېلىۋاتىسەن، يۈزۈم قالمايدۇ، يۈزۈم قالمايدۇ دەپ ، سېنىڭ يۈزۈڭنى مەن تۆكىدىكەنمەندە.
- ياق ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس، شۇ سىز مۇھەببىتىم بولغاندىكىن سىزگە دەيمەندە.
- ئۇنداق گەپلىرىڭنى ئاز قىل. ھازىر سېنىڭ يۈزۈڭ مۇھىم ئەمەس، بىزنىڭ ئىشىمىز مۇھىم ئۇقتۇڭما..؟ سېنىڭچە قانداق قىلسام بولاتتى. ئالىم سوۋغا قىلغان تېلفۇن بىلەن ئەتىرلەرنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەي ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرسەم ئاندىن مەندىن خوش بولىدىكەنسەندە يا ئۇ تېلفۇن بىلەن ئەتىرنى ئىشلەتكۈڭ بارمىتى..؟
- گەپ قىلدىم دەپ ئەشۇنداقمۇ دەمسىز..مەن ئۇ نەرسىلەرنى نىمە قىلاتتىم. سىزدىن ئەمدى رەنجىپ قالدىم، يېقىندىن بېرى بەك توڭ گەپ قىلىدىغان بولىۋالدىڭىز، يا چىرايلىق گېپىڭىز يوق. بولدى مەن ئۇخلىدىم، ئەمدى سىزدىن رەنجىپ قالدىم. خوش...
گۈلچېھرە شۇنداق دىگىنىچە تېلفۇننى قويىۋەتتى.
ئۇنىڭغا يەنە قايتا تېلفۇن قىلمىدىم. راستىنلا مىجەزىم تېخىدىنمۇ چۇس بولۇپ قېلىۋاتقاندۇ. بىراق مىجەزىمنىڭ چۇس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى يەنە شۇ ئۆزى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى نىمىشقا  بىلمەيدىغاندۇ ،يەنە مەندىن ئاغرىنىپ يۈرگىنىنى مۇشۇ قىزلار قاچانمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بولار، قىزلار دىگەن يىگىتنىڭ ھالىنى دەردىنى چۈشەنسە، ئاياللىرى ئەرلىنى چۈشەنسە ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتسە نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى. چۈشەندۈرمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە قىستايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەركىشىنىڭ ئوشۇقتىن ئوشۇق چارچاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق چۈشەندۈرمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى تولا چۈشەندۈرۈشكە قىستىغانلىق سەۋەبىدىن ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ ،توي قىلىپ بولغان ئەرلەرنىڭ مىجەزى تېخىمۇچۇس بولۇپ قېلىۋاتقاندۇ، شۇ سەۋەپلىك قىز يىگىت، ئەر-ئاياللار ئوتترىسىغا نۇرغۇنلىغان سوغۇقچىلىقلار چۈشۈپ تۇرىۋاتقاندۇ، خۇددى مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمگە ئوخشاش.

داۋامى بار....
چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش