- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 73
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- UID
- 2574
- يازما
- 73
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2526
- تىزىملاتقان
- 2010-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- توردا
- 2 سائەت
|
ماشىنىنى رىمونىت قىلىپ بولۇپ سائەتكە قارىسام بىردەمنىڭ ئىچىدە سائەت تۆت بولۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى دۇككاننى تاقاپ قويۇپ ئىچىدە ئولتۇرىۋالدىم. ئالىم ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە ئالتە سائەت بار، قانداق قىلىپ باشتىكى ئەنتىمنى تولۇق ئېلىش، ھەم ئۇنى ئازراق بولسىمۇ قورقۇتۇش، قانداق قىلىپ بۇ ئىككى ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك..؟
چوڭ بولغاندا يەنە قايتا-قايتا ئۇرۇشۇپ يۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇپ ئۆچۈمنى ھەممىدىن ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن، مەقسەتلىرىمنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئاشىدىغان ۋاستە بىلەن ھەل قىلىشىم كېرەك. ئەگەر ئۆچۈمنى راۋۇرۇس ياخشى ئېلىپ، ئۇنى ئازراق بولسىمۇ قورقۇتۇپ قويمىسام ئۇ يەنە ماڭا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. شۇڭا مەن ئاۋال ئۇنىڭ كۆرەڭلىكىگە ھۇجۇم قىلاي.
كەچ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ، ئۇنىڭغا راۋۇرۇس تۈردە گەپ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. كەچ بولغاندا ئۇرۇشۇشمۇ شۇنداق جىددى بولىدۇ. بىردەم كۆزىمىز كۆرگەن يەرلىرىگىلا ئۇرۇپلا ئىتتىك مېڭىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. كەچ بولغان قاراڭغۇ ۋاقىتتا قانداقمۇ ئۆزىنى توختۇتۇپ، گەپلىنىمۇ ئېغىر بېسىق قىلىپ ئۇنىڭ ئەدپىنى بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كەچ بولىشىنى ساقلاپ تۇرماي ئۇنىڭ ئۆزىنى چىقىرىشىم كېرەك. مەن نىمىشقا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ ئۇرغۇدەكمەن. چوقۇم ئۇنى ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىپ ئۇنى يورۇق ۋاقىتتا، ھەممە نەرسىنى كۆرگىلى بولىدىغان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ تاياق ياۋاتقاندىكى ھالىتىنىمۇ ئېنىق ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىشىم كېرەك. كەچ بولغاندا بىرسىنى ئۇرغاننىڭ خۇددى شىياڭگاڭنىڭ كىنولىرىدەك بېرىپلا دۇم-دۇم ئۇرۇپ، قېچىپ كېتىدىغان لۈكچەكلەردىن نىمە پەرقى . مەن دىگەن لۈكچەك ئەمەس، لۈكچەكلىكنىمۇ قاملاشتۇرالمايمەن. مەن پەقەت ماڭا بىرى ھۇجۇم قىلغان ئىكەن مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرما ھۇجۇم بېرىپ قويماقچى. شۇڭا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، كەينىدىنلا زەربە بېرىش بۇ پەقەت قورقۇنچاقلانىڭ ئىشى. مەن چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا، نەق مەيداندا ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىشىم كېرەك.
شۇنداق قىلىشىم كېرەك. ئۇ چىققاندىن كېيىن يەنە نىمىلا بولىشىدىن قەتئى نەزەر پۇختا تەييارلىق قىلىش كېرەك. بىر ئادەمنى جەڭگە چاقىرغان ئىكەن چوقۇم جەڭگە پۇختا تەييارلىق قىلىپ چىقىش كېرەك.
بىرىنجى باسقۇچتا ئالىمنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە ماسل كېلىدىغان، ئادەم ئازراق بولغان يەرنى تاللىشىم كېرەك.
ئىككىنجى باسقۇچتا ئالىمنى چاقىرىپ، ئەشۇ ئۆزۈم دىگەن يەرگە ئاپىرىشىم كېرەك.
ئۈچىنجى باسقۇچتا ئالىمنىڭ ئالدىدا ئۇ يەردە مېنىڭ كۈچلۈكراق ئورنۇم يەنى مەندىكى ئاۋالقى يىگەن تاياقنى يىگەندىكى غەزەپ نەپرەتنى تولۇق ئىپادىلەيدىغان مۇھىت ھازىرلىنىشى كېرەك.
ئۇنداقتا بۇ مۇھىت قانداق ھازىرلىنىشى كېرەك. چوقۇم مېنىڭ ئالىمدىن چوڭ سۆزلەيدىغان كوزۇرۇم بولىشى كېرەك. ئالىمدىن تاياق يىگەندىكى نەھەقچىلىكنى، غەزىپىمنى، ياكى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە كۆز سالغاندىكى ناھەقچىلىقلەر تۇيغۇسى ئارقىلىق ئۆزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە كۆندۈرۈپ چوڭ سۆزلەش، كۈچلۈك كۆرىنىش بۇ ھەرگىزمۇ كوزۇر ئەمەس. ئەگەر بۇ ئىشلار راستىنلار ئادىل بىر تەرەپ بولىدىغان ئىش بولسا مېنىڭ ئالىم بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈشۈمنىڭ، ئۇ يەرگە بېرىشىمنىڭ ئەسلا ئورنى يوق ئىدى. ئۇنىغا قايسى كوزۇرنى چىقىرىش كېرەك. ئۆزۈمنىڭ ئۇسقىنىنى دېسە ئالىم بىلەن پەرىقلەنمەيمەن. ئەگەر سەل ئۇسقىنىم بولغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا ئازراق ھەيۋە كۆرسىتىپ گەپنى يوغان يوغان قىلىۋالسام. مەيلى قانداق بولمىسۇن پىچاقنى ئايرىم بىر يەرگە تېقىپ قوياي، يەنە باشقا ئىش بوپ قالسا ئەس قاتار، ئالىمنى يالغۇز چىقىرىش كېرەك. ئەگەر يالغۇز چىقىپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن بىرمۇ بىر تۇتۇشۇپ ئۇنىڭغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەجەللىك زەربە بېرىشىم كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇ مېنىڭ بوش ئەمەسلىكىمنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. ئەگەر يالغۇز چىقماي قالسىچۇ، شۇڭا غېنىغىمۇ تېلفۇن قىلىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر يالغۇز چىقماي يەنە ئۆتكەنكىدەك تۆتى بىرلىشىپ چىقىپ قالسا ئىتتىك قېچىپ كېتىپ، ئالىمنى ئاندىن بۇدا باشقا بىر كۈنى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىزلا ھوجۇم قىلىشم كېرەك.
شۇنداق قىلىمەن. پىلاننى تۈزۈپ قويدۇم. قېنى بۇ پىلانىم بويىچە ماڭسا ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەگەر بولماي قالسىمۇ ھېچقىسى يوق، بۇدا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى، تەخىرسىز پىلان تۈزىمەن.
شۇنداق ئويلىغاچ ئالىم بىلەن مۇشۇ ۋاقىتلاردا كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن ئالىمغا تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي، كىمۇ..؟
- مەن تايىر، يەنە مېنى تونىمايۋاتامسەن..؟
- ھە، تونۇدۇم ، ئۆتكەندە تاياق يەپ تېخى چۈچىمىگەن ئوخشىمامسەن. يەنە بىرەر ئىككى مۇش، بىرەر ئىككى تېپىك يىگۈڭ كېلىۋاتامدۇ...؟
- ساڭامەنمۇ شۇ ئىش توغرۇلۇق تېلفۇن قىلدىم ، سېنى كەينىڭدىن بېرىپلا مەنمۇ ئاغىينەمدىن ئىككى ئۈچنى باشلاپ بېرىپ تازا دۇمبالاپ كالتەكلىسەممۇ بولاتتى. بىراق مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدىم. بۈگۈن سەن بىلەن بىر-بىرمۇ بىر تۇتىشىپ باقاي دەيمەن . بىرگە بىر چىقىمىز. بۇ ئىشلار ئىككىمىزنىڭ ئوتترىسىدىكى ئىشلار، ئۇنىڭ باشقا دوسلىرىمىز بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇلارمۇ مۇشۇ كىچىككىنە شەھەردە ياشايدۇ. ئىككىمىزنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق ئۇلارنى بىر-بىرمىزگە ئۆچ قىلىپ قويماي دەيمەن، شۇڭا سەن بىلەن بۈگۈن بىرمۇ-بىر ئۇرىشاي دەيمەن. قانداق چىقالامسىەن..؟
- ھە، خېلى گەپلىرىڭ نوچى چىقىۋاتىدۇغۇ، گەپلىرىڭنىڭ خېلى جېنى بار. مېنى ئۆزۈڭ يالغۇزلا ئەدىپىمنى بەرمەكچى ئىكەنسەندە..؟
تاياق يەپ قالارسەنمىكى..؟
- تاياق يەمدىم يىمەمدىم، شۇ چاغدا كۆرىمىز، قانداق چىقالامسەن يا قورقىۋاتامسەن..؟
- ھە بوپتۇ، خېلى جىگىرىڭ باركەن. ئىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىمەن دەيدىكەنسەن. ئىشلارنى يولىدا بىر تەرەپ قىلىمەن دەيدىكەنسەن. قېنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىكەنسەن مەن كۆرۈپ باقاي، كۆڭلۈڭدە شۇنداق دىسەم مېنى قورقىدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسەن. سەندىن قورىققان جاننى ئىتقا تاشلاپ بېرىمەن، قانداق قىلالايتىڭ قېنى ، قېنى قەيەردە كۆرىشىمىز..؟
- ئوبلاستىتىق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ھېلىقى مەيدانىدا كۆرىشەيلى.
ماقۇل، ئەمىسە . قاچانلىققا كۆرىشىمز..؟
- سائەت ئالتىدە كۆرىشەيلى.
- ماقۇل،ئۆزۈڭ يالغۇزلا كېلەمسەن..؟
-ھە، ئۆزۈم يالغۇز كېلىمەن.سەنمۇ ئۆزۈڭ يالغۇز كەل. ئۆتكەنكى دوسلىرىڭنى يەنە باشلاپ كەلسەڭ مېنىڭ بۇ يەردە دوسلىرىم كۆپ، ھەممىسىنى چاقىرىمەن. ئۇقتۇڭمۇ..؟
ماقۇل ، سېنىڭغۇ ھەممىنى چاقىرىمەن دىگەنلىرىڭ يالغان، بوپتۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۇقتۇم. ئەمىسە سائەت ئالتىدە كۆرىشەيلى.
تېلفۇننى قويىۋەتتۇق. سائەت ئالتىدە كۆرىشىدىغان بولدۇق. ئالىم ئۆزى يالغۇز كېلىمەن دېگىنى بىلەن چوقۇم يەنە باشقىلار بىلەن بىللە كېلىدۇ، شۇڭا غېنىغا مەنمۇ تېلفۇن قىلىپ قويىشىم كېرەك. شۇنداق دىگىنىمچە غېنىغا تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي،
-ۋەي، ئاداش . نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن..؟
-شۇ دۇككانى ئېچىپ تۇرىۋاتىمەن. بىر قانچە خېرىدار كىرىپتىكەن شۇلارنى يولغا سالاي دەپ، قانداق بولدى، ھازىرلا بارامدىم.
- ياق، ئاداش ھازىر كەلمەيسەن. سائەت ئالتىدە ھېلىقى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئالىمنىڭ ئەدىپىنى بېرىدىغان بولدۇق. شۇڭا سەنمۇ دەل ئالتىدە بېرىپ تۇرارسەن.
- ئۇ نىمە دېگىنىڭ..؟ بېرىپ تۇرارسەن دېگېنىڭ، ئىككىمىز بىللە بارايلى.
- ھە ماقۇل ، ئەمىسە سائەت بەش يېرىملاردا سېنىڭ قېشىڭغا بارىمەن. تەييار بوپ تۇرارسەن ئاداش.
- ماقۇل، چاتاق يوق. سەن كېلىۋەر. نىمە بىلەن كېلىسەن....؟
-ماشىنا بىلەن بارىمەن. دۇككاندا ئەتە ئىگىسى كېلىپ ئەكىتىدىغان ماشىنا بار ئىدى. شۇ ماشىنى ھەيدەپ سىناق قىلىپ باققاچ شۇ يەرگە بارىمىز.
تېلفۇننى قويىۋەتتىم. كىيىملىرىمنى تېزلا ئالماشتۇردۇم. سائەتكە قارىسام سائەت بەشتىن ئەمدى ئۆتكىلى تۇرۇپتۇ. ئازراق يەنە ئويلىنىۋالغاچ ئولتىرىۋالدىم. ئەگەر ئالىم بىلەن بىر-بىرمۇ چىقىش پۇرسىتى كېلىپ قالسا قانداق قىلش كېرەك...؟
باشتا ئۇنى گەپكە تۇتۇش كېرەك . ئاندىن ھۇجۇم باشلاش كېرەك. باشتا يۈزىگە بىر مۇش ئۇرۇشۇم كېرەك. ئاندىن قوسىقىغا بىرنى تېپىشىم كېرەك. كەينىدىن بېرىپلا ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ ئالىمغا قايتا-قايتا زەربە بېرىشىم كېرەك. ھە، مۇشۇنداق قىلسام بولىدىكەن. ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتاي، ئۆزۈمنى قويىۋېتەي.
تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چېكىپ ئىچىمدىكى جىددىيچىلىكنى ئازراق بولسىمۇ بېسىقتۇرۇشقا تىرىشتىم. ئادەتتە كۆپ تاماك چەكمىسەممۇ بەزىدە دەل مۇشۇنداق جىددىيچىلىككە تولغان ۋاقتىمدا بىرەر تال تاماكا چېكىپ قويۇپ جىددىيلىشىمنى بېسىقتۇرىمەن.
تاماكىنى چېكىپ بولۇپ غېنىنىڭ دۇككىنىغا باردىم.
غېنى ئولتۇرۇپتۇ.
-ئاداش كەلدىڭما..؟ مەن ھازىرلا بىكار بولىمەن. توختاپ تۇر.
غېنى شۇنداق دىگىنىچە ئىچىدىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. غېنى كىرىپ كەتكەندە يەنە بىر خىيال كاللامغا كەلدى. راس ئالىمنىڭ دۇككنىدىكى قىزغا تېلفۇن قىلىپ باقاي. نىمە دېسەم بولار تېلفۇن قىلىپلا ئالىمنى سورىسام ئۇ قىز گۇمانلىنىپ قالارمۇ..؟
قېنى گۇمانلىنىپ قالماس، قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى، گەپكە سېلىتىشىكى تاكتىكىللىرىمنى ئەمدى چىقىرىشم كېرەك. بىر قىزدىن ئۆزىنىڭ لاۋبىنى توغرۇلۇق گەپ ئالالمايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيمەن. ھەتتا ئاتا-ئاتانىسى توغرۇلۇقمۇ ئۇچۇرغا ئىگە بولالايمەن، لاۋبىنى دىگەن قانچىك ئىشتى.
ئەتىگەنكى قىزنىڭ ساقلىۋالغان نۇمۇرنى تېپىپ ،ئالىمنىڭ دۇككىنىدا ئىشلەيدىغان قىزغا تېلفۇن قىلدىم.
-ۋەي، كىمۇ..؟
-ۋەي، ئامىنەمۇ سىز...؟
- ھە مەن شۇ، سىز كىم بولىسىز..؟
- مەن ئەتىگەنكى ھېلىقى سىزنىڭ نومىرىڭىزنى سوراپ، سىزگە تېلفۇن قىلغان بالا شۇ بولىمەن.
-ھە، مۇنداق دەڭ. سىزمىتىڭىز..؟
- مەن ، قانداق ئالدىراشمىتىڭىز يە..؟
-ياقەي بەكمۇ ئالدىراش ئەمەس. يەنە تېلفۇن قىپ قاپسىزغۇ..؟
- سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم كېلىپ، تېلفۇن قىلدىم.
-نىمە دەيدىغانسىز..؟ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ قانداق قىلاتتىڭىز..؟
- سىزگە راستىمنى سىزنى كۈزەتكىلى بىر نەچچە ھەپتە بولغان، بۈگۈنلا سىز بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ھەم سىز بىلەن تونۇشىمەن دەپ بۈگۈن قەتئى ئىرادىگە كەلدىم. سىزگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. خاپا بولماڭ ھە...سىزنى مۇشۇنداق دەپ چۆچىتىۋەتتىم.
- ياقاي، مېنى قانداق كۈزەتكەن ئىدىڭىز..؟
- سىلنىڭ لاۋبىنىڭلارنى مەن تونۇيتىم. كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر مەكتەپتە ئوقىغان. بىر ۋاقىتتا ئەشۇ دۇككانغا كىرگەن ئىدىم. سىز تۇرىدىكەنسىز، سىزنى كۆرۈپلا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدىڭىز، شۇنىڭدىن تارتىپ سىزنى ئانچە مۇنچە كۈزىتىپ قويىمەن.
- بىزنىڭ لاۋبىنىمىزنى تونۇمسىز،،.؟
- بەك ئېنىق تونۇشۇپمۇ كەتمەيمىز، لېكىن يىراقتىن كۆرسەك سالاملىشىمىز.
- ئەمىسە مەن بىلەن تونۇشقانلىقىىزنى لاۋبىنىمىزگە دىمەيدىغانسىز..؟
- ياقەي، نىمە دەپ دىگۈدەكمەن.
ئاڭغىچە غېنى چىقىپ قالدى. مەن بىكار بولدۇم سەن كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن دېگىنىچە ماڭا قاراپ تۇردى.
توختا ، مانا ھازىرلا دەپ قويدۇم.
- لاۋبىنىڭلار ئادەتتە قىزلارغا بەك ئامراق ھە، دوسلىرى بىلەن بەزى كۈنلىرى قىزلارنى قېشىغا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كېتىدىغۇ دەيمەن.
- شۇنداقراق، بەزىدە بىزگىمۇ ئازراق چاق-چاق قىلىپ قويىدۇ. لىكىن بىز ئۇنىڭ قولىدا ئىشلەۋاتقاندىكى ھېيىقىش، ئەدەپ يۈزىسىدىن تۇرۇپ قالىدۇ.
قىز گېپىنى دەپ بولۇپلا تۇرۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ بىزگىمۇ ئازراق چاق چاق قىلىپ قويىدۇ دەپ ئىتتىكلا چىقىپ كەتكەن گېپىدىن ئازراق خىجىللىق ھس قىلسا كېرەك.
- ھە، لاۋبىنىڭلار ھازىرمۇ دوسلىرى بىلەن ئەشۇنداق يەرلەرگە بارامدۇ...؟
- ھازىرمۇ بىر دوستى تۇرىدۇ، ئىككىسى بىر گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ،بىر يەرگە بارىمىز دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى، بىردەم تۇرۇپ ماڭىدىغان ئوخشايدۇ. قەيەرگە باردىكىن بىلمەيمەن.
- ئامىنە، ئىسمىڭىزنى چاقىرىۋەردىم، مەن سىزگە كېيىن تېلفۇن قىلاي. ھازىر سەل ئالدىراشلا ئىشىم چىقىپ قالدى. خاپا بولماڭ ھە، سىزگە كېيىن چوقۇم تېلفۇن قىلىمەن.
-ماقۇل.
تېلفۇننى قويىۋەتتىم. غېنى ماڭا قاراپ كىم بىلەن سۆزلەشتىڭ دېدى. مەن ئالىمنىڭ دۇككىنىدىكى قىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمنى، ئالىمنىڭ بىر دوستى بىلەن بىز دېيىشكەن يەرگە ماڭماقچى بولغانلىقىنى دېدىم.
كاللاڭ خېلى ئىشلەپ قويىدۇ جۇما،بىردەمدە ئۇنىڭ دۇككىنىدىكى قىز بىلەن تونۇشۇپ ،ئالىمنىڭ خەۋىرىنى ئالالايدىغان بولدۇڭما، ئالىمنىڭ نەچچە دوستىنى باشلاپ چىقاركىن دەپ شۇنىڭدىن ئەنسىرەپسەندە دەپ غېنى دوستۇم كۈلۈپ قويدى. ھە، بىر دوستى بىلەن چىققان بولسا ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ كېتەلەيمىز، خاتىرجەم بول ئاداش.
غېنى مېنى تېخىدىنمۇ خاتىرجەم قىلىپ تۇراتتى. غېنى بىلەن ماشىىنىنى ھەيدەپ دېيىشكەن يەرگە ماڭدۇق. ماشىنىدا ماڭغاچ غېنىغا باياتىم ئۆزۈم تۈزگەن پىلانلىرىمنى دەپ بەردىم. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ پىلانلىرىمنى ئاڭلىدى. سەن نىمە دېسەڭ شۇنداق بولسۇن ئاداش دەپ قويدى. بەر ئۇ يەرگە تېخى ئالىم كەلمىگەن ئىدى. غېنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ تۇردى.غېنىغا ئالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى بېرىپلا ئۈچ تۆت بولۇپ ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس دەپ چۈشەندۈردۈم.
ئۇ يەردە ئالىمنى ساقلىغاچ تېشىغا چىققاچ تۇرۇپ تۇردۇم.
داۋامى بار... |
|