بۇ 71قەۋەتتىكىkattayaylak يوللىغان 2010-06-22 19:09 غا قارتىلغان :
مېنىڭ 2010-يىلدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم-تەشۋىش ئەپەندىگە سۆزلىگىنىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. 
توغرا ئېيتىسىز، بۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭىز. سىز ئەسلى شۈك بولۇشىڭىز كېرەك ئىدى. باشقىلار ئەسىرىڭىز ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىۋاتقاندا، تەنقىد قىلغۇچىغا تىكەن سانچىشىڭىز، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنى ھەقىقەتەنمۇ خۈنۈكلەشتۈرىۋەتتى. سىزدە نازىدەك سەۋرچانلىق يوق ئىكەن. ئېغىر - بېسىق بولۇڭ، بۇنداق چىچاڭشىسىڭىز(سەت بولدى، ئېغىر كەتتى) سېزىكى بار سەكرەيدۇ دېگەندەك، ئۆزىڭىزدىكى شۈبھىنى ئاشكارىلاپ قويىسىز.
توغرا، تەشۋىش ئەپەندى سەل ئاشۇرىۋەتتى. ئۇنىڭكىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئەسىرىڭىز ئۈستىدە ئوخشىمايدىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقوقى بار. ئەگەر ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىزاھلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداق دۆڭنىڭ كەينىدىن ئابدۇراخمان قوپقاندەك دوڭغاقشىپ << ئېسىت، ساڭا گەپ قىلغان ئاغزىم>> دېگەندەك تەنقىد ئىگىسىدىن ئاغرىنسىڭىز، بۇ ھەقىقىي قەلەم ساھىبىغا خاس ئىش ئەمەس.
ئەسىرىڭىزگە كەلسەك، مەنمۇ باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم. ئەسىرىڭىزنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، يامان ئەمەس ئەسەركەن، يەنە ئازراق ئىشلىسە(تىلىغا، ئىدىيىۋىلىكىگە، شۇنداقلا بەدىئىيلىكىگە) مەتبۇئاتقىمۇ ياراپ قالغۇدەك دەپ قارىدىم. ئەسەردىكى چىنلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، تەشۋىش ئەپەندى بىر توقماق بىلەنلا ئەسىرىڭىزدىكى چىنلىقنى يوققا چىقىرىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئەسەردىكى چىنلىق ئەقىلگە ئۇيغۇن، ھەممىسى دېگۈدەك رىئال تۇرمۇشتا يۈر بېرىدىغان ئىشلار. كىشىنى ئويغا سالىدىغان، ئويلاندۇرىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىنتىلدۈرىدىغان، ئەرلەرگە بىر قېتىم زىل زىلە سالىدىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئىكەن. تەشۋىش ئەپەندى دېگەندەك ئەرلەرنى پەس كۆرۈش دېگەن ئىدىيىلەرنى مەن كۆرمىدىم. توغرا، سىز جەمئىيەت تەرىپىدىن سەل قارىلىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا تېگىشلىك بولغان يېرىك مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپسىز.
ۋەھالەنكى مەن ئەسىرىڭىزدىن شۇنىمۇ ھىس قىلماي قالمىدىمكى، ئەسەردىكى بەزى ئىشلار ئىلمىيلىكتىن سەل چەتنەپ كەتكەنمۇ قانداق؟ يەنى بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ ئىككى ئەردىن تەلىيى چىقماي، نىكاھتا بەختسىزلىككە ئۇچراپ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ساقال -بۇرۇت چىقىپ قېلىشى ___ ئەگەر بۇ ئاپتورنىڭ بەدىئىي ئورۇنلاشتۇرىشى بولمىسا____ بۇنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ تىبىىي نۇقتا تەرەپتىنمۇ مۇمكىن ئەمەس.