ئىگىسى: kattayaylak

بۇرۇتلۇق خانىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17057
يازما
304
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1414
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 17:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، تەشۋىش ئىنىمىز يېشى كىچىك بولىشىغا قارىماي بىر سەگەك ئوقۇرمەن، ئوبدان مۇنازىرىچى ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ ھېكايە ھەققىدە ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى دەپ قويغىنىغا ئۇنى يازغۇچىنى كۆرەلمىگەن ئىچى قوتۇر دېسەڭلار قانداق بولىدۇ؟
بوپتۇ بۇمۇ سىلەرنىڭ كۆزقارىشىڭلار دەيلى، ئەمىسە بۇ ھېكايە ھەققىدە زادى نېمە دېسەك توغرا بولىدۇ؟ يازغۇچى ئۆزىمۇ بىرنېمە دېمىسە نېمانچە بىر قېلىپنى تەكىتلىگۈلۈك؟
شەخسەن مەنمۇ بۇنى ھەر خىل چۈشەندىم:‹1› بۇ ھېكايىدە ‹‹سەن بىر ئايال، ئەرلەرنى ئۆزگەرتىشكە  قۇربىڭ يەتمىگەندىكىن ئەرلەرگە تولا ئوشۇقچە ئۆلچەم قويماسلىقىڭ كېرەك›› دېمەكچىمىدۇ؟‹2›‹‹نېمىگە ئۆچ بولسا شۇ بوپ قالىدۇ›› دېگەندەك، كىبىر قىلىش يامان بولىدىغان ئىش، دېمەكچىمۇ يە؟ چۈنكى بۇ ئايال ھەتتا ئەر دىۋانىغىمۇ ئۆچ ئەمەسمۇ؟‹3›توي قىلىش ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئەرلەردىن مېھىرگە ئېرىشەلمىسە بەدەندە ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ، دېيىش ئارقىلىق، ئاياللار ئازاتلىقى قاينىمىغا چۆكۈپ ئۆزىنى 100% ئازات قىلىپ ياشاۋاتقان ، ھەتتا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان شۇ خىلدىكى ئاياللار توپىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچىمۇ يە؟‹4›ھەم يەنە تورداشلارنىڭ تەھلىللىرىگە ئوخشايدىغانلىرىمۇ بار، يەنە يازمىدىم.
ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارىسام، دوختۇرنىڭ خىيالى بۇرۇتلۇق خانىم ھەققىدە مۇنداق ..........باشلىنىدۇ..............شەنبە كۈنى كۆرۈشۈشنى كۈتۈپ ئاخىرلىشىدۇ. بىر بىمار بىلەنلا ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتى ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ يا پىسخىك كېسەللەر  دوختۇرى بولمىسا؟ ھەم يەنە بۇنداق كېسەل تىپى بەك ئاز، ھەتتا يوقنىڭ ئورنىدا دېمەكچىمۇ نېمە؟ ياكى دوختۇر بۇرۇتلۇق خوتۇنلار بىلەن توي قىلىشنى ئارزۇ قىلامدۇ يە؟ بايا بىر تورداش دەۋاتاتتى، بۇرۇتلۇق خوتۇنلار  ئېرىگە ئامراق بولارمىش، خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولغان دوختۇر ، ئورۇق قوللىرىدىكى يوغان سائەت، خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن سېمىز بولغىيمىتتى بۇ ئادەم؟ دەپ ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۈم، ئويلىغانسېرى قىزىقىپ ئوقۇپلا كېتىپتىمەن. ئوقۇپ بولۇپ ئىچ پۇشۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بوپ قالدىم، توردىكى تور ھېكايىلىرى مۇشۇنداق بولىدۇ تورداشلار. بۇنداق ھېكايىلەرنىڭ ئىدىيە تارقىتىشتىن كۆرە بۇ خىل رولى چوڭراق بولىدۇ.  ........ ......ئىشقىلىپ بىر تېپىشماق قاينىمىكەن بۇ ھېكايە، كۆز يۇمغىلى بولمىغۇدەك ياخشى دېتاللىرىمۇ بار بۇ ھېكايىنىڭ، بىراق شۇ بەك تېپىشماق جىق.

UID
13459
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 13:28:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل يېزىلىپتۇ     ،    سۆيۈندۈم  .  رەھمەت سىزگە  

UID
18800
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 16:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارغا بۇرۇت ئۈسۈپ چىىشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى داۋالاش ئۇسسۇلىنى بىلگەنلەر يېزىپ قويسا ياخشى
بۇلىدىكەن،بولمىسا ئۇنىڭ ئامالىنى ئۇلار قانداق قىلغۇلۇق؟بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ.

UID
18800
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 16:35:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارغا بۇرۇت ئۈسۈپ چىىشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى داۋالاش ئۇسسۇلىنى بىلگەنلەر يېزىپ قويسا ياخشى
بۇلىدىكەن،بولمىسا ئۇنىڭ ئامالىنى ئۇلار قانداق قىلغۇلۇق؟بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ.

UID
13173
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
535
تىزىملاتقان
2011-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 20:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر باشتا مېنى بەك جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى، لېكىن ئاخىرىنى ئوقۇپ پەقەت چۈشىنەلمىدىم ، راستىنى دىسەم ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى چۈشەرگەن بولسا ياخشى بولاتتىكەن، ئاياللىق ھورمۇن ئېشىپ كېتىش، ئەرلىك ھورمۇن ئېشىپ كېتىش تىببىي ساھەدە دىيىلىۋاتقان كېسەللىك، مەنمۇ بۇرۇن ئامانلىق زورنىلىدىن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئوقۇغان، يەنى بىر ئەر خوشنىسىنىڭ ئايالىغا كۆزىنى قىزارتىپ ئۇئايالنى كەلتۈرمەكچى بولغان ، لېكىن مەقسىدىگە يېتەلمەي ئاخىرى شۇ ئايالنىڭ ئېرىگە ئاياللىق ھورمۇن ئۇرۇلغان مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپلەپ كىردۈرۈپ يەنى خوشنىدارچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇئايالنىڭ ئېرىنى قەسلىگەن ، كۈندە تاماققا چاقىرغان ،ياكى تاماققا سۇنغان، مىۋىلەرنى ئېلىپ يوقلىغان بۇلۇپ ئۇ ئەرگە ئايالللىق ھورمۇن ئۇرۇلغان مىۋىلەرنى كۆپلەپ يىگۈزۈپ ئۇ ئەرنى كاردىن چىقارغان، يەنى ئۇ ئەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشاش ئەزە يەنى مەيسىدى يوغانغان، ئايالىغا قەتئى قىزىقماس بۇلۇپ قالغان ، ئۇ ئايال خوشنىسىنى يېقىن كۈرۈپ دەرت تۆككەندە ئۇ ئەر ئۇ ئايالغا يامان نىيەت بولغاندا ئۇ ئايالنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ،كېيىن يەنە قەسلىگەن  ، كېيىن ئۇ ئايال ئېرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئېرى ئاخىرى ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنى دەپ ئايالى ئالدىدا قاتتىق خىجىل بۇلۇپ نىمە سەۋەبىلىكىنى ئۇقمىدىم ، سىز مېنىڭ ئايالىم سىزنى بەك ياخشى كۈرىمەن ، لېكىن نىمە بولدۇم ئۇقمىدىم دىگەندە ئۇلار دوختۇرغا كۈرۈنۈو ھەققى ئەھۋالنى ئۇقىدۇ، يەنى دوختۇر سىزدە ئاياللىق ھورمۇن ئېشىپ كېتىپتۇ، نىمە يەۋاتىسىز دىگەندە ئۇلار چۈچۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئاندىن ساقچىلار پاش قىلىش ئارقىلىق بۇنى بىلگەن ،

يېڭى يۇلتۇز

ياشىسۇن نۆل !

UID
18828
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 00:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇرۇتلۇق خانىم ...
خىنە قويغان ئەر ...
پىچاق ئاسقان خانىم...
نازۈكلاشقان ئەر ...

UID
21462
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 02:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەسكەن
تەشۋىش سەل ئاشۇرۋەتتىڭىز  
كاتتا يايلاقمۇ  تېخى  پىشماپتۇ

UID
22021
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 13:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر ھېكايە بوپتۇ. مەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا بەك ئامراق ئېدىم،بۇگۇن بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ خۇددى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم. رەھمەت سىزگە .قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ھارمىسۇن.

UID
18863
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 16:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئابدان تىمىكەن بۇ ..

UID
2947
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بۇرۇتلۇق خانىم››ناملىق بۇ ھېكايە تەخمىنەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلنغان بولۇپ، شۇ چاغدا قىزغىن بەس-مۇنازىرلەرنى قوزغىغان ئىدى.ئارلىقتا يېرىم يىل مۇنبەردىن يوقالدى.يېقىندىن بېرى يەنە مۇنبەردە پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ،چۈشكەن ئىنكاسلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم.ھەر خىل ئىنكاسلارنىڭ بولىشى تەبئى.ئەمما بەزىلەرنىڭ غەلىتە ئىنكاسلىرىغا پىكىرقايتۇرماي بولمايدىغانلىقىمۇ راست.قانداق گەپ -سۆزلەرنىڭ بولىشىدىن قەتئىنەزەر چىكىلىشى،قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ سانىدىن قارىغاندا بۇنىڭ بىر نازۇك تىما ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.موشۇنداق بىر نازۇك تىمىنى يورۇتۇشتا ئاپتۇردىن مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا بىر ئىككى ئېغىز سۆز قىلغۇم كەلدى. ئەگەسىز ئەدەبىيات جەھەتتە ئىقتىدارلىق،سەمىمىي ئادەم بولسىڭىز ئاپتۇرغا بۇ ھىكايىنى تېخىمۇ مۇكەممەل يېزىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.‹كەمچىل›لىكلەرنى ھېس قىلالىغان كىشى چوقۇم تولۇقلاش جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولىشى كېرەك.مەسىلەن:پوكۇنى يېرىنى مۇنداق يېزىش كېرەك،پۇستانى يېرى ئارتۇق يېزىلغان ،ئۇ بۆلەكنى قىسقارتىش لازىم دىگەندەك.
ئاپتۇرنىڭ پىشىپ يتىلمىگەنلىكىنى  ئۇنىڭ سۆز ئارلاشتۇرۇپ يۈرگەنلىكىدىن مەنمۇ ھېس قىلدىم.ئەمما بىز ئاپتۇر بىلەن ئەمەس،ئەسەر بىلەن ھەپىلەشسەكلا،ئاپتۇرغا باھا بەرمەي ئەسەرگە باھا بەرسەك،ئاپتۇرنى تىللىماي،ئەسەرنى باھالىساقلا بەزى ئورۇنسىز دەتالاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە بۇ  پارچە ئەسەر رېئاللىقىمىزدىكى ھەممەيلەن ھېس قىلىۋاتقان بىر مەسىلىنى يەنى ئەرلىشىش ۋە ئاياللىشىش مەسىلىسىنى ئوتتتۇرغا قويغان.ھەر بىر ئىنساننى موشۇ نوقتىدىن ئويلاشقا،ئويلاشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەش ئەسەرنىڭ ۋەزىپىسى،بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ بۇرچى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش