ئىگىسى: kattayaylak

بۇرۇتلۇق خانىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2838
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
300
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 04:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرە شۇنداق ياخشى بولىۋاتىدۇ ،  ئېغىر -بېسىقلىق بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەرگە رەھمەت.

ئىشتان چۈشۈپ قالغىچە پىرقىراپ ئۇسسۇل ئوينايمەن!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 15:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇزسىز ئەپەندىمگە، مەن باشتا دېدىم مەن ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكى توغرىسىدا مېنىڭ بىلىلىم يوق دەپ.
مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىدىن ھوزۇرلىنىشنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن. ماڭا ئوخشاش، ئەسەر يازسا ئۇنىڭ بەدئىيلىكىگە قىزىقماي ئۇنىڭ تىراگىسىيىگە قىزىقىدىغان تورداشلار ساماندەك، چۈنكى ھەممە ئادەم سىزگە ئوخشاش ھېكايە بولامدۇ، رومان بولامدۇ ئۇنىڭ بەئىيلىكى بىلەن ھېساپلىشىشنى بىلمەيدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئەدىبىياتتىن ئۇنچىلىك ساۋادى بولىشى مۇمكىن ئەمەس، مەنمۇ ئەدىبىياتتىن تۈزۈك خەۋىرم يوق، قىلىۋاتقان ئىشىم ، كەسپىم ئەدىبىيات بىلەن چېتىشلىق ئەمەس. مەن پەقەت بىر ئادەتتىكى قىزىققۇچى خالاس..
توردا يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرگە ھەممە ئوقۇرمەن ئۇنىڭ بەدئىيلىكى بىلەن ھېساپلىشىدۇ، سىزگە ئوخشاش ئۇنداق بەدئىيلىك بىلەن ھېساپلاشماي ئىنكاس يازمايدۇ دەپ قالغان بولسىڭىز   مۇشۇ تېمغا قاراپلا بېقىڭ. باشقا يەنە نۇرغۇن يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرگە قاراپ بېقىڭ.
قانچىلىك ئادەم ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىدىن گەپ ئېچىپتۇ..؟ قانچىلىك ئادەم ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىن سۆز ئېچىپتۇ.
مەن دەپ كەلدىم مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئاپتورنىڭ تارقاتماقچى بولغان ئىدىيىسى دەپ.
مەن ھېچقانچان بۇرۇتلۇق ئايالنىڭ بولىشى يالغان ، جەمىيتىمىزدە بۇرۇتلۇق ئاياللار يوق دېگىنىم يوق. مەن دىمەكچى بولغىنىم بۇرۇتلۇق ئايالنىڭ ئەرلەرنىڭ زۇلۇمىدىن، ئەرلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن بۇرۇت ئۆسۈپ چىققانلىقىدىكى بايان. بۇنى چىنلىق دېسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
بۇنى بىر بەدىئى ۋاستە دەپ چۈشەنسىڭىز بۇنىڭغا مېنىڭ باشقا گېپىم يوق.
مەن يەنە دەپ قويايكى سىز بەدىئى ۋاستە دەپ چۈشەنگەننى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى بەدئى ۋاستە دەپ چۈشەنمەيدۇ. بۇمۇ بىر رىئاللىق.
مەن ئاددى ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ماڭا ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى مەن سىزگە دەپ بېرەي.
راس دەيدۇ ئەركەلەر قالمىغىلى تۇردى، بۇرۇتلۇق ئاياللار كۆپىيىپ ئاياللار نوچى بوپ كېتىۋاتىدۇ.
راس دەيدۇ ئەركەكلەر بارا-بارا ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاياللارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايۋاتىدۇ.
راس دەيدۇ ئەركەكلەر بارا-بارا ئاياللىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئايال كىشى مىجەزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،  ھەي قانداق زامان بوپ كەتتى بۇ.. ئەركەكلەر بارا-بارا ھېزىلىكلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ئايال كىشىچىلىك بولالمايۋاتىدۇ. بۇ بىر ئەمىلىيەت دەپ چۈشىنىدۇ.
ئەگەر سىزگە ئەشۇ چۈشەنچىلەر توغرا بولۇپ تۇيۇلسا، ئۇ دېگەن بىر رېئاللىق ، راس بىزئەركەكلەر تۈگىشىپ كېتىۋاتىمىز دەپ ئويلىسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى..
ئەگەر باشقا تورداشلارنى ئۇنداق چۈشەنمەيدۇ دېسىڭىز يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەردىكى ئىنكاسنى ئوقۇڭ. ئىنكاسنى ئوقۇپمۇ ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز ئاشۇنداق ئاددى بىر ئوقۇرمەننى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ سىز زادى نىمىنى ھېس قىلدىڭىز دەپ سوراپ بېقىڭ. سىزگە زادى نىمە دەيدىكىن. ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا سوراپ بېقىڭ ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكى توغرۇلۇق سۇئال سوراپ بېقىڭ. بەدئىيلىك توغرىسىدا نىمىلەرنى بىلىدىكىن.
بىر ئەسەرنىڭ باشقىلارغا يېقىپ كېتىشىمۇ ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغۇ دەيمەن.
ئەركەكلەر تېخى ئۇنداق ئاسان تۈگەشمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغانلىرىم ئۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيلى، ئۈمۈد بىلەن ياشايلى، بىر-بىرىمىزدىن ئۇنداق كۆپ ئاغرىنىپ يۈرمەي بىرلىكتە ئەشۇ ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبى ئىچىگە چوڭقۇرلاپ چۆكەيلى، كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن ھادىسىنى بۇ دېگەن دەل رېئاللىق دەپ تۇرىۋېلىپ، شۇ تەرەپتە يۈز بەرگەن توپقا ھەممە بېسىمنى ئارتىپ قويۇپ، ئۇلارنى ھەممە يەردە سۆكۈپ يۈرمەيلى دېگىنىم.

سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە بولغاندا ئۆمرىدە پولۇ يەپ باقمىغان ئادەم ، ئۇنىڭ سەۋزىسى بار ئىكەن، شۇڭا بۇ پولۇ ئوخشاپتۇ  دېسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ..ھە.

يەنە بىر گەپ ماڭابىلجىرلاش دېگەن سۆزنى جايىدا ئىشلىتىڭ. گەپلىرىم سىزگە ياقمىسا بىلجىرلىغان بولۇپ كېتىشىم ناتايىن.

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
2678
يازما
36
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1146
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 19:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرە موشۇ يەرگە كەلگەندە مەنمۇ ئىككى ئېغىز سۆزلەشنى لايىق تاپتىم:
تەشۋىش ئەپەندى (خانىم)،كىم دەيدۇ <<بۇ ھېكايىدە ئەرلەر تەنقىتلىنىپتۇ>>دەپ؟ئاۋۋال چۈشىنىش،ئاندىن پىكىر قىلىش كېرەك.بىر پارچە ئەسەرنىڭ تەنقىد ئوبىكتى پەقەت بىرلا بولىشى كېرەكمۇ؟مېنىڭچە بۇ ھېكايىدە ئوتتۇرغا قويۇلغىنى كۆزى ئوچۇقلار كۆرەلەيىدىغان ئىجتىمائى ھادىسە.ئۇ ئاشۇنداق بەدىئى ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.بۇ ئەسەردە قانداقتۇر نوقۇل ھالدا ئەرلەرنى ياكى ئاياللارنى تەنقىدلەش مەۋجۈت ئەمەس.پەقەت ھېچكىم كۈتمىگەن بىر ئىجتىمائى ھادىسە ئەدەبىيات ۋاستىسى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،بارچىنى ئويلىنىشقا باشلاپ كىرەلەيدۇ.
مەن بارلىق ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇدۇم ھەم تەھلىل قىلدىم.<<ئەرلەرنى مازلىشىپ كەتتى دەپتۇ>>دىگەنلەردىن ،<<تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا بولمايدۇ،ئەر ئەر بولىشى،ئايال بولىشى كېرەك دىگەن پىكىر جانلىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ>>دىگەنلەر كۆپرەك تۇرىدۇ.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە  دىمەكچى بولغىنىمنىئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق چۈشىنىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى.ئەمما ئەسەردە يوق بولغان مەزمۇننى ئىزدەپ،ئۆزىدىن تەشۋىشلىنىش ،<<ئەرلەرنى تەنقىدلەپسەن>>دەپ بارلىق ئەرلەرگە ۋاكالىتەن ئاغرىنماقچى بولۇش نادانلىقمۇ قانداق؟بوپتۇ، ئەرلەرنى تەنقىتلىدىگەنمۇ بولاي،تەنقىدلىسەم نىمە بوپتۇ؟ئەجابا ئەتراپىمىزدا ئاشۇنداق ئەرلەر يوقمۇ؟
ئازىراقلا ئەدەبىي ساۋادى بار ئادەم ھەرگىز بۇ ھېكايىنى ئىدىيىنى بۇرمىلايدىغان ئەسەر دىيىشكە پېتىنالمايدۇ.ھەقىقى ئەدەبىياتنڭ مەقسىدى ئەسلىدىنلا <<مەدىيلەش،ماختاش>>بولماستىن ،ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى يورىتىپ كۆرسىتىش.
پىروزا بولسا ئوبراز ۋاستىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى غىدىقلاپ ،تەپەككۇرغا ئۈندەيدۇ.شۇ ئارقىلىق ئىدىيە ئۆزگىرىشىگە يىتەكلەيدۇ.مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ رولى.

UID
2477
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 22:52:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن رەھمەت سىزگە داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئۈمۈدۋار بول !!!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 01:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ھېكايىدە ئوتتۇرغا قويۇلغىنى كۆزى ئوچۇقلار كۆرەلەيىدىغان ئىجتىمائى ھادىسە.ئۇ ئاشۇنداق بەدىئى ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.بۇ ئەسەردە قانداقتۇر نوقۇل ھالدا ئەرلەرنى ياكى ئاياللارنى تەنقىدلەش مەۋجۈت ئەمەس.پەقەت ھېچكىم كۈتمىگەن بىر ئىجتىمائى ھادىسە ئەدەبىيات ۋاستىسى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،بارچىنى ئويلىنىشقا باشلاپ كىرەلەيدۇ

كاتتا يايلاقنىڭ ئىنكاسى..

مېنىڭچە بۇ ئەسەردە دەپ ئاپتور ئۆزىنىڭ نىمە يازغانلىقىنى ئۆزى تەھلىل قىپتۇ.
بۇ نىمە دېگەن بىمەنىلىك..؟
بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى تېخى ئۆزىنىڭ زادى نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئۆزىنىڭ كىم، نىمە، قايسى ھادىسە توغرۇلۇق ، قىسقىسى مەن نىمە دېدىم، نىمېنى مەقسەت قىلىپ بۇ ئەسەرنى يازدىم دېگەن ئۇقۇم كاللسىدا ئېنىق بولماي تۇرۇپ بۇ ئەسەرنى يېزىپتۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ دەبدەبىلىك ماۋزۇنى قويىدۇ. تېخى ئويلىنىشقا چاقىرىدىكەن.
قىزىق ئىشلاردە بۇ..؟


مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە دىمەكچى بولغىنىمنىئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق چۈشىنىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى.ئەمما ئەسەردە يوق بولغان مەزمۇننى ئىزدەپ،ئۆزىدىن تەشۋىشلىنىش ،<<ئەرلەرنى تەنقىدلەپسەن>>دەپ بارلىق ئەرلەرگە ۋاكالىتەن ئاغرىنماقچى بولۇش نادانلىقمۇ قانداق؟بوپتۇ، ئەرلەرنى تەنقىتلىدىگەنمۇ بولاي،تەنقىدلىسەم نىمە بوپتۇ؟ئەجابا ئەتراپىمىزدا ئاشۇنداق ئەرلەر يوقمۇ؟
ئازىراقلا ئەدەبىي ساۋادى بار ئادەم ھەرگىز بۇ ھېكايىنى ئىدىيىنى بۇرمىلايدىغان ئەسەر دىيىشكە پېتىنالمايدۇ.ھەقىقى ئەدەبىياتنڭ مەقسىدى ئەسلىدىنلا <<مەدىيلەش،ماختاش>>بولماستىن ،ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى يورىتىپ كۆرسىتىش.


يۇقىردىكىسى كاتتا يايلاقنىڭ ئىنكاسى..

بىردەم ئەرلەرنى تەنقىدلىدىڭ دېيىش نادانلىقمۇ قانداق دەپتۇ، يەنە ئارقىسىدىن بوپتۇ تەنقىدلىگەنمۇ بولاي، تەنقىدلىسەم نىمە بوپتۇ دەپتۇ.
نىمە دېگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك..ئۆزىنىڭ يازغان ئەسرىگە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك پوزىتسىيەدە تۇرۇپ قايسى ئەركەكلەر توغرىسىدا گەپ قىلغاندۇ بۇ ئادەم.
تېخى ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىكەن.
ئۆزىنىڭ يازغان ئەسىرىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قايسى ھادىسە توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقان گېپىگە ئىگە بولماي، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ يەنە قايسى تۇرمۇشنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغاندۇ...؟
ئىچكى قاتلام دېگىنى قايسى ئىچكى قاتلامدۇ ئۇ..؟
مانا ئاپتورنىڭمۇ بايانلىرىنى كۆردۈم.يەنە كۆپ سۆزلەۋېرىشنىڭ ئورنىمۇ قالمىدى.
ئاخىرىدا بۇ ئەسەر مەيلى قانداق يېزىلىشىدىن قەتئى نەزەر ماڭا ياقمىدى. بۇ مېنىڭلا پىكىرىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆز قارشىنى ئازراق بايان قىلىپ ئۆتتۈم. قالغانلارنىڭ قانداق چۈشىنىشى يەنىلا ئۆزىگە. پىكىر مۇستەبىتلىكى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
2812
يازما
5
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 10:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇر ئۇ ئايالنى ئۆزىنىڭ مۇھاببىتى ئارقىلىق داۋالىماقچى ئىكەندە !

ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار مەڭگۈ!

UID
2157
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
440
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 12:51:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان تەرەققى قىلغانسىرى كىسەللەرمۇ تەرەققى قىلىپ كىتىپ بارامدۇ نىمە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
2947
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 13:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تەشۋىش ئەپەندى(خانىم)ئۆزىڭىزنىڭ نىمە دھۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان موشۇ دەقىقىدە سىز ئۈچۈن چۇڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىمنى ئېيىتمىسام بولمايدۇ.سۆزلىرىڭىزنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا سىز بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا لايىق كەلمەيدىكەنسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دەۋاتقان <<باشقىلارنى يامان يولغا باشلاش>> بۇ ئەسەردە ئەسلا ماۋجۇت ئەمەس.
سىز يازغان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا سىز ئاپتۇرنى تونۇيدىغاندەك قىلىسىز،يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇ ھېكايىسىنىڭ <<نادىر>>لىنىشىنى خالىمىغانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتكەنلىكىڭىز ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئىشقا كىچىككىنە <<ئىچى قوتۇرلۇق>>ئارلىشىۋالغانلىقىنى سەزدىم.ئەلكۈيى تورى ھەممەيلەننى قارشى ئالىدۇ.يامان بولسىڭىز سىز موشۇنداق تىمىدا <<ئىجابىي پىكىرلەر يالتىراپ تۇرغان>>ھېكايىدىن بىرنى يېزىپ ،<<مانا كۆرە،ھەقىقى ھېكايە دىگەن مۇنداق بولىدۇ>>دىيەلىسىڭىز ،بىز سىزگە قايىل بولغان بولاتتۇق.
ئەمدى سىزنىڭ <<...بۇ ھېكايە ماڭا ياقمىدى...>>دىگەن ئاددى جۈمىلىڭىزگە كەلسەك ،بۇ يالغان گەپ.مېنىڭچە بۇ ھېكايە سىزگە يېقىپتۇ.بولمىسا سىز بۇ ھېكايىگەبۇنچىلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتىڭىز.قانداق ئادەم ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىگە ئۇزۇن ۋاقىت زېھىن سەرىپ قىلىپ ھەمراھ بولۇشنى خالىسۇن؟بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى؛سىز ياكى ئەسەرنى تولۇق چۈشىنىشتىن مەھرۇم ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ ئازىراق نەتىجىسىنى كۆرۈپ ،چاۋاك چېلىشتىن مەھرۇم...

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 22:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولا يوق گەپنى قىلماڭ يۈزسىز ئەپەندى. مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى ئەزەلدىن تونىمايمەن. تولا دانالىق قىلىپ بۇ يەردە مېنى ئاپتورنى تونۇيدۇ، ئۇنى كۆرەلمەيدۇ دېگەندەك تۆھمەت گەپلەرنى قىلماڭ.
ئاخىرىغا كەلگەندە مۇشۇنداق قۇرۇق تۆھمەتتىن بىرنى  چاپلاپلا  يېغۇشتۇرۇش سىزدەك ئادەملەرنىڭ ئىشى ئىدى زادى.
بۇ ھېكايە ماڭا يېقىپتىمۈش...مۇشۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكەن دۇنيادا. بۇ ھېكايە ماڭا ياقمىدى دېسەم ياق بۇ ھېكايە ساڭا ياقتى دېيىش نىمە دېگەن مۇستەبىتلىك ئىدىيە بۇ.
مۇشۇنداق كاللىسى مۇستەبىت ئىدىيە تولغان، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئۆزىنىڭ دېگىنىگە سېلىپ راس قىلىدىغان ئادەملەر بىلەن مۇنازىرە قىلىش نىمە دېگەن تەس ھە..!
مەنغۇ ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى دېدىم. سىزگە بۇ ئەسەر راستىنلا ياققان بولسا ئەسەر توغرۇلۇق، ئۇنىڭ بەدئىيلىكى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىققىيىتى توغرۇلۇق پىكىر قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىزنىڭ كۆزىمىز ئېچىلىپ قالسۇن. ياكى مېنىڭ قايسى گېپىمنىڭ خاتالىقىنى كۆرسۈتۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بىراق، ئەسەر توغرۇلۇق، ھېچنىمە دېمەي، ئىنكاس توغرۇلۇقمۇ ھېچنىمە دېمەي ئالىيجاناپ بولىۋېلىشىنى ،ساختا دانىشمەن بولىۋېلىشىنى ئويلىۋالىدىغان سىز ئۆزىڭىزدىن شۇنداق پەخىرلىنىدىغانسىز ھە..!
بۇ ئالىيجاناپ كىشىلەرگە پەقەت ھە سىزنىڭ دېگىنىڭىز راس دەپلا بەرسە بولىدۇ. شۇنداق دەپ بەرگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ پەس، ئاقماس ئىدىيىللىرىنى بازارغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئازراق رەڭ  ئارلاشتۇرۇپ ، ماۋزۇسىنى دەبدەبىلىك قويىۋېلىپ ئەسەر دېگەننى بولىشىغا يازىدۇ. تېخى ساختا رەڭلەرنى بەدئىيلىك دەرىجىسىگە ئاپىرىۋالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. سىز ئەسىرى توغرۇلۇق پىكىرقىلىپ قويغان بولسىڭىز  سەن بۇ ئەسەرنى مۇلاھىزى قىلىشقا يارىمايسەن دەيدۇ. مەيلى ئەرسەرنى چۈشۈنۈپ ئوقۇڭ ياكى چۈشەنمەي ئوقۇڭ ياخشى يېزىپسىز دەپ قويسىڭىزلا ھېچكىم سىزدىن نىمىشقا بۇ ئەرسەرنى ياخشى يازغانلىقى سەۋەبى توغرىسىدا سورىمايدۇ.
بۇ دەبدەبىلىك مازۇ قويۇپ، شوئارلانى توۋلايدىغان يازمىچىلار ئۈچۈن پەقەت ياخشى يېزىپسىزلا كۇپايە.
  قانداق ئادەم ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىلەر ئۈستىدە بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىنى خالايدۇ دەپتۇ دانىشمەن يۈزسىز ئەپەندى..؟
دۇنيادا ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىلەر ئۈستىدە قانچىلىغان ئادەم ۋاقىت ئىسراپ قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ.پەقەت سىزگە ئوخشاش ئالىيجاناپ ، دانىشمەنلىك قالپىقىنى ئىتتىك كىيىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرلا ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىگە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىنى خالىمايۋاتىدۇ.
بۇ دانىشمەن، ئالىيجاناپ يۈزسىز  ئەپەندى تېخى مەن توغرلۇق خۇلاسە چىقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ.  نىمە دېگەن ئالىيجاپ روھ..
سىزنىڭ خۇلاسىڭىزگە چاۋاك چالىدىغانلار چىقىپ قالىدۇ ، خاتىرجەم بولۇڭ. ھەر نىمە بولسا سىز چاۋاكتىن مەھرۇم قالمايدىغان بولدىڭىز، كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىش بولىدىغان بولدى.

بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمايمەن دېسە، يالغان سەن بۇ ھېكايىنى ياقتۇردۇڭ دەيدىغان، ئىنكاسىڭنى ئوقۇپ ئاپتورنى تونۇيدىغانلىقىڭنى بىلدىم، سېنىڭ كۆرەلمەس ئىكەنلىكىڭنى ، ئىنكاسىڭىغا ئىچى قورتۇرلۇق ئارلىشىپ ماڭىدىغانلىقىنىمۇ بىلدىم دەيدىغان يەنە تېخى ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغان، ئۆزى ياقتۇرغان ئەسەرنى باشقىلار ياقتۇرمىسا   ئۇنىڭغا ئۆزىچە بىر خۇلاسە تەييارلارپ قويىدىغان دانىشمەن ئادەملەر بىلەن مۇنازىرە قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەن.
راس ئەمەسمۇ دۇنيادا ھەممىنى بىلىدىغان دانىشمەن ئادەملەر بىلەن مۇنازىرە قىلىمەن دېيىشتىنمۇ قىيىن ئىش بولماس.
چۈنكى ئۇ ھەممىنى بىلىدىغان دانىشمەن ھەممىنى بىلىدۇ. سەن بەرىبىر نىمىلا دېمە ئۇ بىلىپ بولغان.
خەيىر- دانىشمەنلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ماڭا ئوخشاش ناداننىڭ قۇلىقىغا پەقەت تېتىمىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئۆزۈمنى دانىشمەن چاغلاپ قېلىپ ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىپ يۈرگۈم يوق.
بۇ مۇنازىرىدىن ئەمدى رەسمى چېكىندىم.

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

UID
2947
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 18:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تەشۋىش،ئىنكاسىڭىزنى كېچىكىپ كۆرگەن بولغاچقا ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم.سىز بۇ مۇنازىردىن چىكىنگەنلىكىڭىزنى جاكارلاپسىز.ھەر ھالدا ئەقلىڭىز بار ئىكەن.ئورۇنسىز سۆزلىگەندىن سۈكۈت ئەلادۇر.بۇ ئەسەر مەن تولىمۇ ياقتۇرغان  ئەسەر.سىزنى قايىل قىلالمىغان بولساممۇ ،يەنىلا ئۇنىڭدىكى بەدىئى مۇۋاپىقىيەت توغرۇلۇق سۆزلەشنى خالايمەن.سىزگە دىسەم بىر پارچە ئەسەر ئاپتۇرغا نىسبەتەن ئۇنىڭ بالىسىغا ئوخشايدۇ.دادا بولغۇچى ئۆز بالىسىنىڭ قانداق ئادەم بولىشىنى بىلمگەندەك ئۇنىڭ قانداق چىقىشىنى ئالدىن بىلگىلى بولمايدۇ.ئەسەر پۈتكەندىن كېيىنمۇ بەلكىم بەزى مەزمۇنلار (ئىدىيەلەر)ئاپتۇرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئىشلار  بولۇپ قالىدۇ.ئۆزئارا پىكىر ئىخىتىلابى بولغاندا ئادەم بەزى ئورۇنسىز سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشىمۇ مۇمكىن.ئۆزىمىز ياقتۇرمىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ناچار بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن.شۇڭا تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈچۈن بولسىمۇ ،ئەسەر يوللىغۇچىلارنى ئوجۇقتۇرماقچى بولۇش پوزىتيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ.مېنىڭ ئويلايدىغىنىم باشقىلارنى قوللاش ،رىغبەت ئارقىلىق ئۇلارغا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بېرىش.
مەنمۇ موشۇنچىلىك سۆزلەشنى توغرا تاپتىم.خوش.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش