بۇ 24قەۋەتتىكىنازى يوللىغان 2010-06-09 02:30 غا قارتىلغان :
مۇشۇ تاپتىكى ھىسسىياتىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن تەشۋىش ئەپەندىم.
ئۇنداق بولسا بىز ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىنى قويۇپ تۇرۇپ ۋەقەلىكى ئۈستىدە پىكىرلىشىپ باقايلى.
قارىغاندا سىزنىڭ ۋەقەلىككە بولغان چۈشەنچىڭىز بىلەن مېنىڭ ۋەقىلىككە بولغان چۈشەنچەم ئىككى خىل ئوخشايدۇ، دېمىسىمۇ ئاپتۇر ئەسەرنى بىر خىل ھىسسييات بىلەن يازسا، ئۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ئون ئوقۇرمەن ئون خىل ھىسسىيات بىلەن چۈشىنىدۇ، مۇ مۇقەەررەر. سىز دەيسىز (بەلكىم سىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى مەنمۇ خاتا ھىس قىلدىممىكىن)، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزگە يات نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقسا ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپىدىن، سەلبىي تەرىپىنى كىشىلەر ئاسان ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ، دېمەكچىدۇرسىز، ياكى بولمىسا، مۇشۇنداق نەرسىلەر ئارقىلىق ھاياسىز پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى دېگەندۈرسىز. مەن سىزگە دېسەم مۇشۇ نۇقتىدا بۇ ھېكايە چىنلىققا يېقىن دېگەن پىكىرىمدە قالىمەن.
1. سىزمۇ كۆرگەنسىز بەلكىم، يېقىندا جەمئىيىتىمىزدە بىر ئولتۇرۇشنىڭ پىلاستىنكىسى تاراپ كەتتى، ئۇ پىلاستىنكىدا ئىككە ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىك سالاپىتىنى يوقىتىپ قىلمىغان قىلىقلىرى قالمىغانلىقىدىن كۆڭلىمىز تولىمۇ غەش بولدى. بۇ ئىشلارنى كۆرمىگەن بولساق، بەلكىم بىلمەي قالغان بولساق ئەرلەرگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇمىزدا تەۋرىنىش بولماس ئىدى، (بىراق بىزنى سۈيۈندۈرىۋاتقان ئەرلىرىمىزمۇ نۇرغۇن، بۇنچىلىك جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئەرلەر ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرەلمەيدۇ ئەلۋەتتە)
....... 
نازى خانىم، توغرا دەيسىز بىزدە بىر ئىشنى سۆرەپ چىقسا ئۇنىڭ ئىجابى تەرىپىدىن سەلبى تەرىپىنى بېسىپ باشقىلار بىلەن تالاش تارتىش قىلىدىغانلار ساماندەك. قامچىلاش ، سۆكۈش دېگەنلەرگە مەن قىزىقىپ كەتمەيمەن. ئەدىبىياتقا بۇنداق قامچىلاش، سۆكۈش دىگەنلەر قاچانلاردىن سىڭىزپ كىردى مەن ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم ئەدىبىياتىمىزدا شۇنداق قامچىلاش ئۇسۇلىمۇ باردۇر. مۇشۇ ئۇسۇلنىڭمۇ ئىجابى تەرىپىدىن سەلبى تەرىپىنى كۆپ قوبۇل قىلىۋالغانلىقىمىز ماڭا بەش قولدەك ئايان.
مەن ئۇنداق سۆكىدىغان ، قامچىلاپ يازىدىغانلارنى ئۆزى ئويۇن قويۇپ بېرىپ نېرىدا تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىغان بىر ئادەملەر دەيمەن. ھەممىسى ئەمەستۇ بىراق كۆپ قىسمىنى مەن شۇنداق دەپ جەزىملەشتۈرىمەن.
<< ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس>> دىگەن ئاقماس گەپنى كىم قىلغان بولغىيتى دەپمۇ قالىمەن. ئۇنى ئىچىمدە شۇنداق تىللايمەن.مۇشۇ ئاقماس گەپنى قىلغان ئادەم ئۆز خەلىقنىڭ قانداق چۈشىنىپ قېلىشىنى پەرەز قىلالمىغان كالۋانى شۇنداق تىللايمەن.
مۇشۇ ئاقماس گەپنىڭ تەسىرىدە بىر-بىرىنىڭ ئىللىتىنى تېپىپ كوچىلاپ ئۇنى ماتلايمەن دەيمەن ئادەملەر كۈرمىڭ بولۇپ كەتتى. كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئەشۇ ئاقماس گەپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. خۇددى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىغا ئوخشاش ھەممىسى مۇشۇ گەپنىلا تۇتىۋېلىپ قارىغۇلارچە ئىللەت كولاشقا كىرىشىپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىسىڭىز مىللەت دەپلا قويۇپ كۆزىگە سىغمىغان ئادەملەرنى خەلىقنىڭ ھېسىياتىغا ئايلىنىپ كەتكەن شۇ ئاقماس گەپكە يوشۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق قارشى ئېلىنمايدىغان ، ناچار، رەزىل پەس ئىدىيىلىرىنى بازارغا سېلىپ ئۆزىنى تونۇتماقچى . بولدى بۇ گەپلەرنى دەپ نىمە قىلاي..قۇلىقىڭلارغا تېتىپ كېتىشىمۇ ناتايىن.
ئەمدى سىز دېگەن مەسلىدە رەسمى توختىلاي:
1. بۇ ئەسەردە ھېچقانداق چىنلىق يوق، چىنلىق بولدى دىگەن تەقدىردە ئىككى ياشنىڭ راڭپىزا يىگەن ۋاقىتتىكى يېرى چىنلىقتۇ، ئۇمۇ تېخى توشمايدۇ.
سىزنىڭ دېگەن ئەرلەرنىڭ ئولتۇرىشىنى بۇ يەردە دەپسىز، ھەم مۇشۇ بىر جەمىيىتىمىزدىكى رىئاللىق چىنلىق دەپ ماڭا چۈشەندۈرمەكچى بوپسىز.
ئەمىسە مەن سىزگە يەنە بىر رىئاللىقنى چىنلىقنى دەپ بېرەي. بىر يېرىم يىل بۇرۇن باشقا بىر مەھەللىدە دوستۇمنىڭ تويى بولدى. تويغا بېرىپ ئولتۇردۇق، بىزنىڭ بۇ يەردە ياش باللار چوڭ ھويلىدا ئۇسۇل ئوينايتى. بىر ۋاقىتتا شاۋقۇن سۈرۈن بوپ كەتتى ، نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ قارىسام نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئوۋلىشىۋاپتۇ، ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن كۆرەلمەي بىر سۇپىغا چىقىپ قارىدىم. قارىسام بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك 22گە كىرگەن بىر بالا ئۇسۇل قىز بالىچە ئۇسۇل ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. قاش كۆزلىرىگە، قوللىرىغا قارىسام خۇددى قىز بالىنىڭكىدىكلا كېلىگلىك ، ئۇسۇلنىمۇ قىز بالىدىن ئارتۇق ئوينايدىكەن. ئىچىم ئاچچىق بولدى. بۇ خەق مۇشۇ بالىنى ئوتترىغا چىقىرىپ قويۇپ ئۇسۇل ئوينىغىلى سېلىپ تاماشا كۆرۈپ نىمە قىلار دېدىم. يېنىمدىكەرنى گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز قارا ئاۋۇنىڭغا ھېجىقىز ئوخشايدۇ، قارا ھەقەپ ئوينايدىكەن بۇ ئۇسۇلنى دەپ كەتتى. بىزنىڭ كاللىمىز بىر قىز بالا چىراي بالىنى ئۇسۇلغا سېلىپ تاماشىبىن بولىدىغان مۇشۇنداق دەرىجىدە ئېچىلىپ كەتتىمۇ دەپ تۇرۇپ قالدىم.
كېيىن ئۇسۇل تۈگىدى. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان چاقچاقلرى، گەپلىرىنى كۆرسىڭىز بىر خىل بوپ قالدىم. ئەركىشىلەر ئۇنىڭ ئۇ يەر بۇيېرىنى تۇتۇپ قويۇپ ھە خېنىم ، دەپ چاقچاق-چاقچاق قىلىشتى، بالا ئۇنداق قىلما دېسە ماڭ جۇغۇ ھېجىقىز، ھېزىلەك دەپ تىللىدى.
باشتا تازا كۈلۈپ تاماشا كۆرگەن ئاياللار بولسا نېرىدا تۇرىۋېلىپ بالىنى تىللاپ يۈردى.
ھەممىسى تاماشا كۆرۈپ بولۇپ ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنى تىللاپ رەسۋايىنى چىقىرىۋەتتى.
كېيىن قانداق بولدى بىلمىدىم، يەنە بىر تويغا بېرىپ بىردىن ئەشۇ بالىنىڭ ئۆلىۋالغانلىق خەۋېرىنى ئاڭلىدىم.
مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى ئۇنىڭ مەيداندا ئۇسۇل ئوينىغىنى ھەرگىز رېئاللىق ئەمەس ئىدى، چىنلىقمۇ ئەمەس ئىدى. بولسىمۇ ساختا رېئاللىق ئىدى. ھەقىقى رېئاللىق بولسا ئۇنىڭ تۇرمۇشى، ئارزۇسى ، نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بوپ قېلىشى، قانداق ياشاش كېرەكلىكى، ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى ، بۇ دۇنيادىمۇ ، ئۇ دۇنيادىمۇ گۇناھكا بولۇپ ياشاپ قالغانلىقىدا ئىدى. مانا بۇ بولسا ھەقىقى چىنلىق ، رېئاللىق ئىدى. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئويناپ يۈرگەنلىكى رېئاللىق ئەمەس ئىدى. باشقىلارنىڭ تاماشا كۆرۈپ بولۇپ ئۇنى تۇتقا قىلىپ يېڭى ئىللەتلەرنى قامچىلايمەن دېيىشى، ئۆزىنى ئالىيجاناپ كۆرسىتىۋېلىشى رېئاللىق ئىدى.
2. ئەسەرنى قايتا ئوقۇپ بېقىڭ، ئەرنىڭ ئورۇق قولىغا چوڭ كەپقالغان سائەتكە قانچە قېتىم قارىغانلىقى يېزىلدىكىن. ھەم ئاخىرىدا ئەشۇنداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىمۇ كۆرىسىز.
بۇ نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەر بىلەن ئايالنى سېلىشتۇرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەرگىزمۇ سىز ئېيىتقانداق پېرسوناژنىڭ خاراكتىرى، ھەركىتى، ئەسەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېزىلغان قۇرلار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
ئىشەنمىسڭىز قايتا ئوقۇپ بېقىڭ، ئاياللارغا خاس ئەرلەرگە يېڭىلمەيمىز دېگەن زىيانلىق پىسخىكا بويىچە ئەمەس، ئاياللارغا خاس سەزگۈرلۈكىڭىز بىلەن قايتا ئوقۇپ بېقىڭ.