yvzsiz يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:54 
‹‹بۇرۇتلۇق خانىم››ناملىق بۇ ھېكايە تەخمىنەن ئىككى يىل ...
يۈزسىز ئەپەندى، سۆزىڭىزنى قوللايمەن. بىز ئاپتورغا ئەمەس، ئەسەرگە باھا بېرىشىمىز كېرەك. بىراق ئاپتورمۇ ئىنكاس يازغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يازغان ئىنكاسىغا باھا بېرىشى كېرەك. ئەگەر باھا بېرەلمىسە، شۈك ئولتۇرۇپ، ئىنكاسلارغا دىققەت قىلغاي. ئۇيغۇرزادىنىڭ مۇنۇ گېپىگە مەن بەك ئامراق: تەنقىدكىمۇ ئوتتەك مېھرىم بار.
تېما ئىگىسى ئىكەنمىز سوغۇققان بولايلى. باشقىلارنىڭ تەنقىتىدىن ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى، مۇنبەر مۇنازىرە سورۇنى، بۇ يەردە ھەركىمنىڭ ھەر نېمە دېيىش ھوقوقى بار. خاتا دەپ قارىسىڭىز يوللۇق ئۇسۇلدا رەددىيە بەرگەيسىز، شەخسىيىتىڭىزگە چېتىلىدىغان پاسات ئىنكاسلارغا كۈلۈپلا قويۇڭ. ئۇلارغا رەددىيەمۇ ئارتۇقچە. ئەرزىمەيدۇ.