ئىگىسى: kattayaylak

بۇرۇتلۇق خانىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://sajidasulayman.blogbus.

UID
2517
يازما
468
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 00:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر ئەپەندىنىڭ ئەتراپلىق پىكىرلىرى كۆڭلۈمدىن چىقىرالمىغان پىكىرلىرىمنى  تولۇقلاپتۇ، بابۇر ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 00:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<دەقيانوس>>نىڭ ئاۋۇ گېپىگە كۈلۈپلا قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقىسى ئوشۇقچە.
بابۇر بىلەن نازىغا رەھمەت.

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

كۆيۈمچان ئەزا

دەقيانوس

UID
2638
يازما
160
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
5750
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 00:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 45  قەۋەتتىكى    &n

<<دەقيانوس>>نىڭ ئاۋۇ گېپىگە كۈلۈپلا قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقىسى ئوشۇقچە.
بابۇر بىلەن نازىغا رەھمەت.

ئەمدى توغرا يولغا كىرىپسىز!

UID
1979
يازما
30
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1020
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-11 00:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنچە بۇ دوختۇر ئۇ <<بۇرۇتلۇق خانىم>> نىڭ كېسىلىگە دورا تېپىپ چىقىپتۇ-دە....

ۋولقان

UID
2721
يازما
49
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1579
تىزىملاتقان
2010-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-11 10:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بۇ تېمىدا "ئەركەك قېنى سەن"دىگەن ئىدىيەدىن "ئايال قېنى سەن"دىگەن ئىدىيە يۇقرى ئورۇنىنى ئىگەللەمدۇ نىمە؟ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئەركەكلىك يوقاپ كەتتى دەپ  سۆزلىنىپ كەتكەندەكلىيا~~~

UID
2397
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1182
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-11 14:21:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىلدىن بېرى ئوقۇغان ئەڭ ئېسىل ئەسەر بولدى. رەھمەت.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

UID
2574
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2526
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-11 15:58:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر سىز قانداق بىر پىكىرنى ئوتترىغا قويماڭ، بىز ئۇنى يەنىلا بىر تەرپلىمىلىك، تار مەنىدىكى ئۇقۇم دەپ چۈشىنىمىز قوبۇل قىلىۋالىمىز.
مۇشۇ ناتوغرا چۈشەنچىلەر يوقىماي تۇرۇپ يەنە بىر پىكىرنى، كىچىككىنا رىئاللىقنى ئوتترىغا قويۇپ ئۇنى شوئار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش تېخىمۇ زىيانلىق بولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بىزلەرنىڭ ئىديىمىزنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق. بۇ يۇقۇملىنىشنى يوقاتماي تۇرۇپ ، ئۇنى داۋالايمىز دەپ شوئار كۆتۈرۈش خۇددى دوختۇرنىڭ يۇقۇملانغان يارا ئېغىزىدكى يۇقملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماي ئوپراسىيە قىلىمەن دەپ ئۇنى تېخىمۇ كېسەل قىلىپ قويغىنىغا ئوخشاش ئىش.
ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت شائىرلىرىمىز  بۇ پىكىرنى دەل ۋاقتىدا توۋلىغان. ئۇنى قايتىمۇ قايتا توۋلاۋېرىشنىڭ ئۆزى ئەشۇ پىكىرنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ ئاخىرقى خاتالىققا چىقىرىدۇ.

بۇ بابۇرنىڭ ئىنكاسىغا قايتىلانما. ئاۋۇ كۈنى تولۇقلاپ دىيىشكە بەزى سەۋەپ تۈپەيلى شارائىت يار بەرمىگەن.  يەنە قايتا تولۇقلاپ قويغۇم كەپ قالدى. كىم مېنى بۇ تېمېغا ئىنكاس يازسۇن دەپتۇ.
بابۇرغا رەھمەت..!

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنداق ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

يېڭى يۇلتۇز

Ahlah adam zin niti

UID
2570
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-14 17:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىمنىڭمۇ.بۇرىتى بار.بەك يامان جۇمۇ.

تىرىشچان ئەزا

مەن ھەربىر ئادەم

UID
2119
يازما
56
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
640
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 11:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشۋىش بىلەن نازىنىڭ بۇ ئەسەر توغرۇلۇق تەپسىلىي قىلغان پىكىرىدىن سۆيۈندۈم.
بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېلىپ ئېيتسام، بۇ ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نازى بىلەن تەشۋىشنىڭ ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. دەپ ئېيتسام بولىدۇ.
ئۆزەمنىڭ بىر ئايال كىشى نامى بىلەن ئويلىسام، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قەلبىدە ئويلىنىپ، بىراق ئاشكارلانمىغان سۆزلەر دەپ ئېيتالايمەن.
بۇرۇن ۋە كېيىنكى تور ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق خىلدىكى ئەسەرلەر نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سۆيۈنۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن دېگىنىمىزدە يەنىلا بېرىپ تاقىلىدىغىنى ھازىرقى جەمئىيەت ئېھتىياجى دەپ قارساق بولارمىكىن. شۇڭا بۇ ئەرسەرنى قايسى نۇتقىدىن تەھلىل قىلايلى. يەنىلا ئارقى كۆرۈنۈشى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى دەپ ئېيتساق بولامدىكىن دەيمەن.

UID
2947
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-18 01:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشتابۇ ھېكايىنى  ئوقۇپ تولىمۇ رازىمەنلىك ھېس قىلغان ئىدىم.بىراق نىمە دەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلمەي ،ئىنكاس يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم.ئۆزۈمنىڭ بىلىمسىزلىكىمنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن قورىققان بولسام كېرەك...
لىكىن قارىسام بەزىلەرنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى گەپ دەپ بىلجىرلاشلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ ،يەنىلا گاچا تىلىم بىلەن بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىشنى توغرا تاپتىم.<<تەشۋىش>> ئىسملىك ئەپەندى(خانىم)نىڭ بىر سۆزى كاللامغا كىرىۋېلىپ،قۇرىت كەبى بىئارام قىلدى.ئۇ ئەسەرنىڭ بەدىيلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن،ئەمما ۋەقەلىكى بىلەن ھېسابلىشىدىكەن...
مېنىڭ بىلىشىمچە <<ھېكايە>>دىن ئىبارەت بۇ ژانىر بەدىئى ئەدەبىياتقا تەۋە بولۇپ،ئۇ بەدىئى ۋاستە ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق مەلۇم بىر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ھېكايىنىڭ بەدىئيلىكى بىلەن ھېسابلاشمىغان ئادەم ئۇنىڭ نىمىسى بىلەن ھېسابلاشماقچى؟ھېكايە خەۋەر ئەمەس،ئۇ بەدىئي تەپەككۇرنىڭ مەسئۇلى.ئۇ يەنە پاكىتقا كۆز يۇمۇپ تۇرۇپ:<<بۇ ھېكايىدە ھېچقانداق چىنلىق يوق>>دەپتۇ.مەن ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭغا تىببى ساۋاتلاردىن ئۈگۈنۈپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئاياللاردىكى ئەرلىك ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدىغانلىقىنى ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئاپتۇرنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنى قانداقتۇر ئەرلەرگە ياكى ئاياللارغا قارىتىلغان بولماستىن ،بەلكى ئاياللارنىڭ ئەرلىشىشى ،ئەرلەرنىڭ ئاياللىشىشىدەك بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسىگە قارىتىلغان .ئەقىل كۆزىمىز بىلەن جەمىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق ،جەمىيەتتىن بۇ خىل ئالامەتلەرنى بىلىۋالالايمىز.بىزنىڭ كۆزىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان تار دائىردە چەكلىنىپ قالسا ،ئاشۇنداق دوگما پىكىرلەر چاچراپ چىقىشى مۇمكىن.چەتئەللەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولسا جىنىس ئۆزگەرتىۋاتقان ئەرلەرنى كۆرەلەيمىز.بۇمۇ بىر رىئاللىق.بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتتىمۇ  بۇ خىلدىكى ئاياللىشىش ياكى ئەرلىشىش قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.موشۇنداق بىر رىئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىش قانداق ئىنساننىڭ ئىشىدۇ؟...
بىر ئەسەرنىڭ بىرەر شەخسكە تېتىماسلىقى ئۇنىڭ ناچارلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.مىجەزى يوق ئادەمنىڭ ئاغزىغاتاماقنىڭ تېتىماسلىقى تاماقنىڭ ئوخشىمىغانلقىدىن ئەمەس،ھەزىم قىلغۇچىنىڭ ئىشتىيىنىڭ ياخشى بولمىغانلقىدىنمۇ دېرەك بېرەمدۇ-قانداق؟ ئۆمرىدە پولو يەپ باقمىغان ئادەم ئۇنى <<سەۋزىسى بار ئىكەن،ناچار تاماق ئوخشايدۇ>> دىسە بولامدۇ؟
بۇ يەردە مەن يەنە بىر گەپنى دەپ قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن؛بىز پىكىر قىلغىنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزدىن  ھالقىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم.ئاخىردا <<تەشۋىش>>ئەپەنىدى ياكى خانىمغا <<كەلىلە ۋە دېمىنە >>دىكى بىر ھېكمەتنى سوۋغا قىلاي.
<<بولمىسا سەندە قۇۋۋەت مەي ئىچكىلى،
كەل ،تاماششا ئەيلە مەسىتلەر ھالىنى>>...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش