ئىگىسى: bargiya

قانسىرىغان گۈل (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
26851
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 11:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەرگىيە ، بۇ ھىكايىنىڭ تازا ھالقىلىق  ئابزاسلىرى چىقىۋاتىدۇ .....
يولدىشى بۇزۇلسا ،ئايالىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇلۇش بۇ بىزنىڭ ئەخلاق مىزانىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ ......
بىراق ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن ، يولدىشىدىن سوقۇشۇپ ، ياكى تۇرمۇشتىن ئازراق ئازار يەپ قالغان ئاياللار  دوسلىرى ۋە يۈرۈش - تۇرۇشلىرى بىلەن شۇنداق يوللارغا ئۆزى بىلمىگەن ئاساستا كىرىپ قالىدۇ ، بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش ................................بەك تەس

UID
43906
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 16:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تەققەززا بولدۇم....

UID
6463
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1047
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 16:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام بەرگىيە! سىز قولىڭىزغا قەلەم ئالدىڭىزمۇ ،بولدى ئەلكۈيى تورىدىكىلەرنىڭ ئىشى تۈگىدى دىگەن گەپ.كۈنلىرىمىز ئەسەرنىڭ داۋامىنى زارىقىپ كۈتۈش بىلەن ئۈتىدۇ.

UID
28680
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-18
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 17:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا تەبئىي چىقىپتۇ ، ئاخىرىنى قاچان يازارسىز ؟

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 17:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا روھسىز ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. بىر كېچە دىگۈدەك ئۇخلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن كۆزلىرىم قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. غەيرەتمۇ ئورنىدىن ئاللىبۇرۇن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.مەن ئانچە -مۇنچە ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ ناشتىلىق تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىپ تۇراتتىم، ئۇ قايتىپ كىردى.قولىدا بىر مۇنچە يالتىراق خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.
-تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپسىلەركەن،ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئۇيغاتمىغانتىم،-دىدى.ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭمۇ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم دىمەك،بۇ كېچە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تەس بىر كېچە بولغان ئىدى. بىردىنلا مېنى خىجالەتچىلىك قاپلىۋالدى-دە،ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم:
-ئاخشام ياىشى ئۇخلىيالىدىڭىزمۇ؟
ئۇ بىردىنلا ھودۇقۇپ،تەمتىرەپ كەتتى. مېنىڭ ئىللىق ئاۋازدىكى سۆزۈم ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقىچىلا ئاڭلانغان بولسا كېرەك،كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ:
-بولۇدۇ،قانداق دەيسىز؟-دەپ سورىدى. مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاخشامقى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ ئەتىگەندە يەنە بىز ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ناشتىلىق ئېلىپ كىرگەنلىكىدىن ئۆزۈمگە بېسىم ھىس قىلغان ھەم كېچىدىن بېرى سىڭلىمنىڭ ئېسىمگە سېلىشى بىلەن ئۇنىڭ ماڭا،ئائىلىمىزگە رەھمەتلىك ئاپامغا قىلغان پۈتۈن ياخشىلىقلىرى، مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ مەڭگۈ ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىپ ئۆتىمەن دىگەن ۋەدىلىرىمنى ئەسكە ئېلىپ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھىسسىياتىم،مۇھەببەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئاخىرقى قورغانلىرىمنى كۈمپەيكۇم قىلىۋىتىپ  يولدىن چىققانلىقىمغا قارىتا پۇشايمان، زەرداپ بولۇش ھىسسىياتلىرىدا قىينىلىپ ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقىمغا قارىتا خىجىل بولۇش نەزىرىدە ئۇ سۇئالنى سورىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ھودۇقۇپ-تەمتىرەپ كېتىشى سىنچى كۆزلىرىمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، خۇدۇكسىرىگەن ھالدا«قانداق دەيسىز دەپ سوراپ كېتىشى بىردىنلا جەھلىمنى قاتۇردى. دىمەك،ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئۇيقىسىز بولۇشى ھەرگىزمۇ مەن ئۈچۈن ئازاب چېكىپ ئەمەس بەلكى يېنىدا مەن يوق  ۋاقىتلىرىدا ئادەتلەنگىنى بويىچە كېچىلەپ «ئۇلار» بىلەن مۇڭدىشىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئىكەندە.. مېنىڭ سۇئالىمدىن ئۇ مېنى كېچىدە تالاغا چىقىپ ياكى قانداقتۇر تىڭشاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېلېفۇندا «سۆيۈملۈك» پاراڭلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالغان. شۇڭا مېنىڭ سورىغان ئاددىغىنا سۇئالىمدىن ئۆزىنى قاچۇرالماي تەمتىرەپ كېتىۋاتاتتى.
دەل شۇ پەيىت ئۇنىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلىدى. ئۇ تېخىمۇ ھودۇققان تەمتىرىگەن ھالدا تېلېفۇنغا بىرلا قاراپ سارغىيىپ كەتتى.مېنىڭ ئالدىمدىن كېتىپ نېرىدا تېلېفۇن ئېلىشى ئەپسىز ئىدى. مەن مىختەك تىكىلگىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم .ئۇ تىترەۋاتقان قوللىرى بىلەن تېلېفۇننى ئالدى:
-سالام باشلىق، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
تېلېفۇندىن ئىنچىكە بىر ئاۋاز سوزۇلۇپ چىقىپ قۇلاقلىرىمغا ئۇرۇندى. مەن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىپ تۇرۇپ ئارقامغا شارتتىدە ئۆرۈلدۈم-دە،ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
**************
-ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىڭ!!
سالام چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ دىدى.
-ياق سالام بىز ئوبدانراق ئويلىنايلى!
-يەنە نىمىنى ئويلىنىسىز، مېنى رەشىكلىك ئازابىدا بىر ئۆمۈر قىيناپ ئۆتمەيدىغانسىز؟
-ياق جېنىم، ھازىر ۋاقتى ئەمەس مەن ئوبدانراق ئويلىناي!
-نىمىشقا ۋاقتى بولمىغۇدەك،مېنى يەنە قانداق قىينىماقچىسىز؟قىلچىمۇ مۇھەببەت بولمىغان ئائىلىدە ياشاشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت گۈلنەزەر.ئۇنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ ئالدىماڭ!
-بىراق سىڭلىم..
-سىڭلىڭىزنىڭ غەيرەتكە بولغان ئامراقلىقىنى چۈشىنىشكە بولۇدۇ. مۇڭداشقۇلاردا ماڭىمۇ غەيرەتنىڭ كۆپ ياخشى گېپىنى قىلىپ بەرگەن. بىراق شۇ ياخشى ئادەم سىزگە ئالدى بىلەن ۋاپاسىزلىق قىلدى بۇنىسى ئېنىققۇ. شۇڭا سىزدە گۇناھ يوق. سىز ئۇنىڭغا بولغان  ساداقىتىڭىزنى ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتىڭىزنى دەپ ماڭا پەرۋا قىلمىغان ئىدىڭىز بىراق ئاقىۋەت بۇنداق بولمىدى،ئۇ سىزنى ئازابلىدى. سىز خورلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ يىغلىغان ئاشۇ كۈنى مېنىڭ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ،ئۇ كۈنى مېنىڭ يۈرىكىم زەرداپ بولغان جېنىم.. سىزنى ساراڭلاردەك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلىشىڭىز كېرەك.
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا يارىشىپ تۇرغان دۈپ-دۈگىلەك كۆزلىرىدىن ئالەمچە مىھىر،ئالەمچە سۆيگۈ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ ئاستاغىنە مېنى ئۆزىگە تارتتى. ئىككىمىز يۇشۇرۇن كىرگەن بۇ كتۋ نىڭ ئايرىم خانىسىنىڭ رەڭدار چىرىقى خانىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. قىزغۇچ يېشىل ئارىلاش چۈشكەن شولىلار ئىختىيارسىز كىشىنى ئىنتايىن رومانتىك بىر كەيپىياتقا باشلايتتى. مەن ئۆزۈمنى تۇتالمىغان ،ئۇنىڭغا ئەل بولغان ھالدا ئۇنىڭ باغرىغا سىڭگەچ :
-مەنمۇ شۇنداققۇ،  سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن،-دەپ پىچىرلىدىم.
...............
بىر يەنە تالاش-تارتىش قىلدۇق. سالام توختىماي ماڭا ھەقلىق بولغان قاراشلىرىنى قويۇپ ئاجرىشىپ كېتىشكە قىستايتتى. ئاجراشساملا ھىچنىمىگە قارىماي ،باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي،سۆز-چۆچەكلىرىگە قارىماي مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى كۈنلىرىمىزنىڭ شۇ قەدەر بەخىتلىك،مۇھەببەتلىك ئۆتىدىغانلىقىنى ،سىڭلىمنىڭ قالغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق پەيىتنى تېپىپ سۆزلىشىپ بۇ ئىشلارنى ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئاڭلىماققا ئۇنىڭ سكزلىرىنىڭ راستىنلا ئاساسى بار ئىدى. ئائىلىمىزدە غەيرەت ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزنى ئالداپ ياشاۋاتاتتۇق. ئۇنىڭ ماڭا، مېنىڭ ئۇنىڭغا مۇھەببىتىم قالمىغان. ئىككىلىمىز پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىن بىر-بىرىمىز بىلەن بىر ئائىلىدە تۇرۇۋاتقان ئىدۇق. لېكىن..
ئاجرىشىش سۆزى بىلەنلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇدىغان رەھمەتلىك ئاپامنىڭ چىرايى ۋە سىڭلىمنىڭ مەندىن رەنجىگەن قاراشلىرى ..مېنى تىترىتەتتى. توختاشقا مەجبۇر قىلاتتى. ئويلىناتتىم، تولغىناتتىم. سالام راست دەيدۇ. بىز بۇنداق ئۆتىۋەرمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ ھەر ئۈچىلىمىزگە پايدىسىز ئىدى. ئۇنىڭ مېنى غەيرەتنىڭ قېشىدا دەپ تەسەۋۇر قىلىشدىن تارتىدىغان ئازابىنى سۆزلىگەندىكى چىرايىنىڭ ئۆزىلا بۇ كۈنلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك، بەك تەس بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
ئەسلىدە بۈگۈنكى بۇ مەخپىي ئۇچرىشىشقا ئۇزۇن-ئۇزۇن ئويلىنىپ سىڭلىمنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بېرى توختىماي مېنى ئەيىپلەپ (ئۇ تېخى ھىچقانداق ئىشنى بىلمەيدۇ،پەقەت مېنى غەيرەت بىلەن رەنجىشىپ قالغان دەپلا چۈشىنىدۇ)سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن،ماڭا توختىماي بۇرۇنقى ئىشلارنى  ئەسلىتىشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك خاتا قىلغانلىقىمنى، قانچىلىك گۇناھلىق ئىشلارغا يول قويۇۋاتقانلىقىمنى  ئويلىنىپ قالغان ئىدىم. ۋىجداندىن مۇھەببەتنى ئۈستۈن قويغان نومۇسسىزلىقىمدىن ئۇھ تارتقان ئىدىم. قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر ئالدىدا غەيرەت بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ،قىلغان ئىشلىرىنى بىلىپ بېقىپ ھەقلىق يوسۇندا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسىز بولغاندىن كېيىن ئاندىن مەن مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنداق سەۋدايى ھىسسىياتنى  ئېتىراپ قىلغان ،مۇھەببىتىمنى داۋاملاشتۇرغان بولسام توغرا بولىدىغانلىقىنى ئويلانغان ھەم بۇ سۆزلەرنى سالامغا دەپ ئۇنىڭدىن ۋاقىتلىق مۇناسىۋىتىمنى ئۈزۈپ تۇرۇپ غەيرەت بىلەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئايدىڭ بولغاندا بىر گەپ قىلىش توغرىلىق پاراڭلاشماقچى ئىدىم. ئاھ بىراق..ئۇنىڭ ئاشۇ مۇھەببەتلىك سىماسى،جاننى ئالغۇچى كۆزلىرى، يۈرىكىمنى تىترەتكۈچى شېرىن سۆزلىرى...
بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىرادەمنى پاچاقلاپ تاشلاپ مېنى يەنە سۆيگۈ دېڭىزىغا شۇڭغۇتتى. ئۇنىڭ باغرىدا ئېرىپ تۇرۇپ، ۋۇجۇدۇمدا قىياندەك قۇتراۋاتقان ئەسەبىلىكلىرىمنى بېسىۋالالمىغان ھالدا ئەسەبىلەرچە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىۋاتاتتىم....
ئاھ سالام..سالام.. نىمىشقىمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم..نىمىشقا...
******************
سىڭلىم سالام بىلەن كۆرۈشكىلى دوختۇرخانىغا باردى. سالام ئىككىسىنىڭ كونا سىرداشلاردەك پارىڭىنى ئاڭلاپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ جەرياندا مەندىنمۇ كۆپ ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدىم.سىڭلىمنىڭ سالامنى كۆرگەندىكى ھاياجانلىنىشى ۋە ئاكىسىغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلىشى مېنىڭ مەستلىكىمنى قوزغىدى. ۋە ئايرىم ۋاقىتتا پەيتىنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن تەپسىلىرەك پاراڭلىشىپ سالامغا بولغان قارىشىنى ۋە بۇ توغرىدىكى ئىشلارنى سۆزلىشىپ باقماقنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تەبىئىي ھالدىلا ئۈچىمىز بىللە تاماققا باردۇق. سىڭلىم كۆرۈلمىگەن خۇشاللىق بىلەن ئەركىلەپ تۇرۇپ پاراڭ قىلاتتى. قايتىپ كەلگەندىن بېرى مېنىڭ ۋە غەيرەتنىڭ تۇتۇق مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئېچىلالمىغان ئىدى. بۈگۈن بولسا ئۇ كۆڭلى يېرىملىقلىرى ئاللىقەيەرلەرگە ئۇچۇپ كەتكەن بولۇپ ئالدىنقى مەزگىلدىكى شوخ گەپدان ھالىتىگە قايتقان ئىدى.   ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردۇم.
ئىھ.. سىڭلىم..مېنىڭ جېنىم، يۈرەك پارەم.. ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن ھە.. ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمنىمۇ بېرىشكە تەييارمەن. بۇ دۇنيادىكى بىردىن-بىر قېرىندىشىم بولمىش بۇ ئاجىزەمنىڭ قوللىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ ئاپامنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىكى ۋەسىيىتى قۇلاق تۈۋىمدە تۇرۇپتۇ.
-ساڭا بارچە ئېغىرچىلىقنى تاشلاپ كېتىدىغان بولدۇم قىزىم. سىڭلىڭ بەك دىلى سۇنۇق، ھىچنىمىنىڭ راھىتىنى كۆرمەي چوڭ بولدى. ئۇنىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا قارىغىن، ئاپىسى ھەم دادىسى بولۇپ بېشىنى سىلىغىن. سەن بولغاچقىلا ئۇنى تاشلاپ قويۇپ كېتىۋاتقانلىقىمدىن خاتىرجەممەن بالام. ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ دىلىنى رەنجىتىدىغان،كۆزىنى ياشلايدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالمىغىن. سەن ئامراق ،سەن ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرگە ئۇ ئامراق بولسا ئۇ ياخشى كۆرسە ئۇنىڭغا بەرگىن بالام. سەن ئۇنىڭدىن چوڭ. سەن ئۇنىڭ ئاپىسى دىگەن گەپ. بىرىنچىدىن ئاللاغا ئىككىنچىدىن ساڭا تاپشۇردۇم مەندىن رازى بولۇڭلار بالىلىرىم!
ئاپام مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىنىمدىن چەكسىز خاتىرجەم بولغان بولسا كېرەك ئاساسلىقى مۇشۇ سىڭلىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ تۇرۇپ كۆز يۇمغان ئىدى.
-نىمە بولدىڭىز؟
سالامنىڭ ئەندىشە بىلەن سورىغان سۇئالىدىن كېيىن ئىتتىك ئېسىمگە كەلدىم.
-ھەدە يىغلاپسەنغۇ؟
سىڭلىممۇ چەكچەيگەن  كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە  قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ ،ئاپامنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.
-ھىچ،ھىچنىمە..-ئىتتىك كۆزلىرىمنى سۈرتتىم. سالام ماڭا قانداقتۇر  تۇيغۇلار ئارىلاشقان ھالدا تىكىلىپ تۇراتتى . سىڭلىمنىڭ چىھرىگىمۇ ئەندىشە تۇمانلىرى يېيىلغان ئىدى.
-سېنىڭ خۇشال ھالىتىڭگە قاراپ خۇش بولۇۋاتىمەن سىڭلىم.. سېنىڭ كەلگەندىن بېرى بۈگۈنكىدەك خۇشاللىققا چۆمگىنىڭنى كۆرمىگەن ئىدىم،-دىگىنىمچە چەينەكنى ئېلىپ ئۇنىڭ چىنىسىگە چاي لىقلىماقچى بولدۇم .
-ھى ھى.. مېنى خۇشال قىلىۋەتكىنى سالام ئاكام بولمامدۇ.. قىززىق گپلەرنى توختىماي قىلىپ كۈلدۈرۈۋاتسا..ھە سالام ئاكا!
ئۇ تاتلىققىنە ناز ئارىلاش كۈلۈمسىرەپ سالامغا قىيا باقتى. دەل شۇ پەيت ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارىغان نۇرنىڭ دەھشىتىدىن چۆچۈپ كەتتىم. يۈرىكىم قالايمىقان سوقۇپ چاي قۇيۇۋاتقان قوللىرىم تىترەپ چاي ئۈستەلگە تۆكۈلۈپ كەتتى.
-نىمە بولدىڭىز؟-سالام ئىتتىكلا قولۇمدىكى چەينەكنى ئالماقچى بولۇپ  چەينەك بىلەن قوشۇپ قولۇمنى تۇتتى . ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن مېنى كۈزىتىپ  تۇرغانىكەن. ئۇنىڭغا ئاجايىپ بىر ھالەتتە تىكىلدىم. سىڭلىممۇ مېنىڭ ھالىتىمدىن ئەندىشە قىلىپ قالغاندەك كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە تۇراتتى .
مەن ئىتتىك ئۆزۈمگە كېلىپ  قەغەز بىلەن چاي تۆكۈلۈپ كەتكەن يەرنى سۈرتتىم-دە سىڭلىمغا قاراپ:
-مەن چارچاپ قاپتىمەن قايتايلى!،-دىدىم. سىڭلىم نائىلاج كۆزى قىيمىغان ھالدا ماڭا قارشىلىق قىلالماستىن قوشۇلدى. بىزنى سالام ئۆيگىچە ئەكىلىپ قويدى. ئىشىك ئالدىدا سالام بىلەن خوشلىشىۋىتىپ سالامنىڭ ماڭا قىيماسلىق بىلەن تەشنالىق ئىچىدە قارىغانلىقىنى، سىڭلىمنىڭ ئۇنىڭغا قىيماسلىق بىلەن قاراپ:
-خوش سالام ئاكا، پات-پات مۇشۇنداق كۆرۈشۈپ تۇرايلىچۇ!!-دىگىنىنى  ئاڭلىدىم. يۈرىكىمگە بىرسى تۇيدۇرماي يىڭنە سانجىۋاتقاندەك گۇمانىي بىر ئازابلىق سېزىم مېنى ئىلكىگە ئالدى .ياق..ياق...

UID
43906
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 17:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىغىنىمدەكلا بولدى....قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز....

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
285
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7566
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 18:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م  ەن قارىسام غەيرەت گۇناھسىزدەك، بۇرۇنقى ئايالى ۋە قىزى ئۈچۈن(بۇرۇنقى ئايالىدىن بىر قىزى باردەك ئېسىمدە) گۈلنەزەردىن بەزى ئىشلارنى يۇشۇرىۋاتقاندەك... لېكىن كاتىپ قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىچۇ؟كاتىپ قىز ئۇستىلىق بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى چىگىپ قويغانمىدۇ يا؟
   ئاپىسىنىڭ ۋەسىيىتىدىن قارىغاندا،گۈلنەزەر سالامدىن كېچىپ، سىڭلىسىغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ، لېكىن سالاممۇ پۈتۈنسۈرۈك بىر ئادەم تۇرسا، يا نەرسە بولمىسا   ساڭا بەردىم ددەپلا بېرىۋېتىدىغانغا .
  قېنى ئاخىرىغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇرايلى.

UID
43246
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 22:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنەزەرنىڭ سىڭلىسىغا بولغان ئامراقلىقى بەك تەسىرلەندۇرۋەتتى.كۆزلىرىمدىن ياش چىكەتتى جۇمۇ بەرگىيە خانىم!سالامنى سىڭلىسىغا ئۇتۇنۇپ بىرىپ غەيرەت بىلەن ئۆي تۇتۇدىغاندەك تۇرىدۇ .

UID
43601
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-3
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 11:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىغا تەشنامىز.............

UID
39394
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 11:57:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنەزەرنىڭ سىڭلىسى سالام دوختۇردىن چ چ   نۇمۇرىنى سورىغان چاغدىلا مۇشۇنداق بۇلىشىنى پەرەز قىلغان مەن . مانا ئەمدى قان قېرىنداش ئاچا سىڭىللار بىرلا ۋاقىتتا بىرلا يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ، بۇنداق ئۈچ بۇرجەكلىك زەنجىرسىمان مۇھەببەتتە چۇقۇم ئۈچۈنچى بىرەيلەن ئېچىنىشلىق ھالدا مۇھەببىتىدىن ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئەسەردە چۇقۇم بىر پاجىئە يۈز بىرىدۇ . ئۇنداقتا بۇ پاجىئەگە ئاچا سىڭىل ئىككىسىدىن قايسى دۇچ كىلەر ؟؟؟  بەرگىيە خانىمنىڭ قەلىمىنىڭ داۋاملىق قانات قېقىشىغا تەشنامىز ...............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش