ئىگىسى: bargiya

قانسىرىغان گۈل (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3198
يازما
35
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
785
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 23:49:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيييييييييييييييييي، ئاۋۇ چوكاننىڭ نىمىشقا بۇيىدا قالمايدىغاندۇ؟؟؟ (ئىرىدىن)  بالدۇرراق بويىدا قالغان بولسا بۇنداق جىق ئىشلار بولمايتىىىىىىىىىى.........

باھا سۆز

zardap  ئوخشاش پىكىردە . ئارىدا بالا بولسا ئەرمۇ ، ئايالمۇ تۇيۇق يولدىن قايتىپ قالا  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 11:30:21

UID
26851
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 11:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز بەرگىيە ، ھىكايىڭىزنىڭ شۇنداق ھالقىلىق يېرىگە كەلگەندە توختۇتۇپ قويۇپسىز ، بەلكىم سىزمۇ بەك ئالدىراش  بولغۇيتىڭىز ،  سىزنىڭ ھىكايىڭىزنى ئوقۇشنى مەن بەكمۇ ياقتۇرىمەن ، چۈنكى سىز ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى ئۆز ئەينەن بويىچە ئىپادىلەپ بېرىسىز .....................
  ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار شۇنداق نۇرغۇن ، تۇرمۇشتا ئىپادىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ .............
  بۇرۇن يۇشۇرۇن بولسا ، ھازىر ئاشكارە  بولۇپ تۇرىدۇ ...........................
  

باھا سۆز

ryhan  ھالقىلىق يىرىدە توختىغاچقا مۇشۇنداق تەشنا بولۇۋاتىمىزدە  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:51:02

UID
34340
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 17:17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە، ئەسەرلىرىڭىزنى ياختۇرۇپ قالدىم..... سالامەت بۇلۇڭ

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 17:37:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى مېنىڭ ئېتىراپ قىلىشىمنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك تۇرغان ئىشىق بالاسى ئەۋجىگە چىقتى. كىملىكىمىزنى،نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتىدۇق. كۈنلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە زار بولۇش، بىر-بىرىمىزنىڭ سۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇش، بىر-بىرىمىزنى ئۆلگۈدەك كۈنلەش،ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈش ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدۇق. ھەر ئىككىلىمىزدە ۋىجدان تۇيغۇسى قالمىغان ئىدى. ھەر ئىككىلىمىز ئۈچۈن پەقەت بىر-بىرىمىز بولساقلا بارچە بەخىت شۇ ئىدى. مەن ئىشتا بولسۇن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە بولسۇن ئۇنىڭغا زارىقاتتىم. ئۇنىڭ قەدەم تىۋىشلىرىغا زار بولاتتىم، يېقىملىق سۆزلىرى ئۈچۈن سەۋدايى بولاتتىم. .ئەلۋەتتە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن خۇپىيانە،ئىنتايىن مەخپىي ئىدى. ئىشقا چىققاندا ئىختىيارسىز ئەسەبىيلەرچە بىر-بىرىمىزنى ئىزلەيدىغان كۆزلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى يەۋەتكۈدەك تەشنالىق بىلەن تىكىلىشلىرىنى باشقىلارنىڭ سېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئامالسىز بىر-بىرىمىزدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتۇق. خالىي قالىدىغان پۇرسەتلەرگە  ياۋايىلارچە ئىنتىلەتتۇق.بىزدىكى ئاخىرقى ھايا،ئاخىرقى ۋىجدان،ئاخىرقى ئەقىدە-ئېتىقاد تۇيغۇلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان،ئۇنىڭدىن قالغان كۈلدىن ئۆرلەپ تۇرغان ئاخىرقى ئىسلارمۇ كۆزلىرىمىزنى ئىچىشتۇرماس بولۇپ قالغان ئىدى.
غەيرەتتىن  تېلېفۇن كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا شۇ قەدەر كۆيۈنۈش بىلەن سۆز قىلىشلىرى، مېنى سېغىنغاندىكى ئىپادىلىرى مېنىڭ غەزىپىمنى ئۆرلىتەتتى. بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئالغاندىن كېيىن سالامغا بولغان ھىسسىياتىم ئۈچۈن ئازابلىنىدىغان  تۇيغۇلارمۇ نۇمۇسسىزلىقىم تەكتىگە كۆمۈلۈپ قالغانمىكىن ئەيتاۋۇر ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەس بولۇپ قالغان ئىدى. يىتىم ھالەتتە قالغان ۋىجدانىمنىڭ بىچارىلەرچە مۆلۈلدىگەن  سۇئاللىرىغا ئۆزۈمنى پەدەزلەپ تۇرۇپ«بۇ ھەقىقي مۇھەببەت،ھەقىقي چىن مۇھەببەتنىڭ كۈچىگە ئامال يوقكەن»دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
سىڭلىم بىلەن غەيرەت ئىككىسى بىللە قايتىپ كەلدى .غەيرەت ماڭا شۇ قەدەر قىزغىن ئىدى. ئۇ ماڭا بىر مۇنچە سوۋغا -سالاملارنى ئېلىپ كەپتۇ تېخى. بۇ قىلغانلىرى مېنىڭ تېخىمۇ يۈرىكىمنى قاتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن دەپلا تەسەۋۇر قىلدىم . ئۇنىڭ مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىشلىرى مېنى شۈركەندۈرەتتى. ياسىما بولسىمۇ قىزغىن بولايچۇ دەپمۇ بولالمايۋاتاتتىم. سىڭلىم بۇرۇنقىدەك شۇنداق تېتىك، شۇنداق ئوماق.ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ بىر دەمدىلا بۇ ئىشلارنىڭ شۇنچە تېز تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىكىنى سىڭلىمنىڭ بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئۆزۈمنىڭ بولسا ئالەمچە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىمنى ئويلىدىم. غەيرەتنىڭ مېنىڭ سۇس مۇئامىلەمدىن ھەم كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ھەم رەنجىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇۋاتاتتىم. بىراق، قانچە قىلساممۇ ئۇنىڭغا يېقىن يولاشتىن قورقۇپ تۇرۇۋاتاتتىم،ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغۇم كېلەتتى. خۇددى ئۇنىڭغا يېقىن كەلسەم سالامغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم. ئاھ،،بۇ نەقەدەر ئالمىشىپ قالغان رەزىل ھىسسىيات ھە..بىراق مېنىڭ بۇلارنى بىلگۈچىلىكىم يوق ھالەتتە، بۇ سەۋدايىلىققا شۇنچىلىك يول قويۇۋاتاتتىمكىن ۋۇجۇدۇمنى پارچە-پارچە قىلغان ھالەتتىمۇ بۇرۇنقى ساپ ھىسسىياتتىكى گۈلنەزەردىن ئەسەر قالمىغان ئىدى.
-نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟
ئارقامدىنلا سوڭدىشىپ كىرگەن غەيرەت ئالدىمنى توسىدى.
-نىمە قىلدىم؟
مەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭدىن گۇناھكار كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاب بەردىم.
-قانداق قورساق ئۇرۇشىڭىز بولسا ئېنىقراق دىسىڭىزچۇ گۈلنەزەر ،مېنى قينىماي!
ئۇنىڭغا قاراپ ئاچچىق كۈلدۈم«قىينىلىپتىمىش، ۋۇ ساختىپەز.. قايسى تىللىرىڭدىن شۇ گەپنى چىقىرىۋاتقانسەن، سەنچە بولسا مەن شۇنچە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ھىچ ئىشنى بىلمىگەن قىياپەتتە يۈرۈشۈم، يەنىلا ساڭا ھالال خوتۇن بولۇپ يۈرۈۋىرىشىم كېرەك ئىكەندە»
بۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ئاللىقاچان بىر ياقتا قېلىپ پەقەت غەيرەتنىڭ ئاشۇ ۋاپاسىزلىقىلا كۆزۈمگە كۆرۈنەتتى.
-سىڭلىمنى بەكلا سېغىندىم. بىلىسىزغۇ سىڭلىمگە قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىمنى،شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتاي دەيمەن.
-بىراق بىزمۇ..
-ھەدە،ئىككىڭلار نىمىنى تالىشىۋاتىسىلەر؟
سىڭلىمنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەنلا مەن نىجاتلىققا ئېرىشكەندەك بولدۇم.
-ھىچنىمە، غەيرەت ئاكاڭ ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئامراقلىقىنى بىلگەچ مېنى تەتىل بويى سىڭلىڭىز بىلەن بىللە يېتىپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇڭ دەپ ماڭا خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنداققۇ ھە غەيرەت؟
غەيرەتنىڭ چىرايى قارا بېغىرەڭ بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتتى. ئارقىدىن سۆيۈملۈك كۈلكىسىنى كۈلگىنىچە:
-ۋۇييۇ،،غەيرەت ئاكا.. بۇ راستمۇ؟ يەنىلا سىز مېنى بەك ياخشى كۆرۈسىز جۇمۇ،-دەپ ئەركىلىگەن سىڭلىمغا قاراپ  بېشىنى قالايمىقان لىڭشىتقىنىچە
-ھە..ھەئە..ھەئە،-دەپ كىكەچلەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. مەن غەلىبە قىلغان ھالدا مەغرۇر كۈلكەمنى كۈلۈپ تۇرۇپ سىڭلىمنىڭ ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدىم. ئارقامغا زادىلا ئۆرۈلمىدىم. ئۇنىڭ ھوجرا ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىدە ئاجايىپ ئايانىچلىق ھالەتتە ماڭا قاراپ قېتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلەتتىم.
سىڭلىم بىلەن تاغدىن -باغدىن بىر دەم پاراڭ سېلىشتۇق.ئۇ تۇيۇقسىزلا:
-ھەدە، غەيرەت ئاكام بىلەن رەنجىشىپ قالدىڭلارمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ياق قانداق دەيسەن؟
-مەن بۇرۇنقىغا ئوخشىماس بولۇپ قالغانلىقىڭلارنى ھىس قىلىپ قالدىم. سەن پەقەتلا قىزغىن ئەمەسقۇ؟ غەيرەت ئاكامنىڭ بايا قىلغان قىززىق گەپلىرىگە كۈلۈپمۇ قويمىدىڭ، ھەم ئۇنىڭغا قاراپ پەقەتلا پاراڭ سالمىدىڭ. غەيرەت ئاكام بولسا پەقەتلا سەندىن كۆزىنى ئۈزمەي ساڭا يالۋۇرۇۋاتقاندەك قىلىقلارنى قىلىپ كەتتى.
-ئۆز ئۇۋالى ئۆزىگە،-ئىختىيارسىز شۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىمنى گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن ھىس قىلىپ قالدىم.
-نىمە دىدىڭ؟-سىڭلىم تىكلىنىپ ياستۇقنى بېلىگە تىرەپ ئولتۇرۇپ،-دىمەك، رەنجىشىپ قالغىنىڭلار راست ئىكەندە،-دىدى.
-ئۇنداق ئەمەس ئارتۇقە ئويلاپ كېتىپسەن، چارچاپ كەتتىڭ ،بالدۇراق ئۇخلىغىن!1
ئۇياستۇقتا يېرىم يۆلەنگىنىچە كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ جىمىپ كەتتى .بىر ھازا جىمجىتلىقتىن كېيىن ئاستا سورىدىم:
-نىمە بولدۇڭ گۈلرەبا؟نىمە ئويلاۋاتىسەن؟
ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن دۇمىلاپ چۈشۈۋاتقان ياش دانچىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم،-نىمە بولدى ساڭا،نىمىگە يىغلايسەن؟
-ھەدە، تۇيۇقسىز رەھمەتلىك ئاپام ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئاپام غەيرەت ئاكامغا بەكمۇ ئامراق ئىدى(ھىلى ئامراق بولمىسۇن!)غەيرەت ئاكام بىزگە بەك كۆپ ياردەملەرنى قىلغان، بېشىمىزنى سىلىغان ئىدى. شۇ چاغلاردا ئىشىنەمسەن، دادامدىن كىچىك قالغىنىم ئۈچۈن دادا مىھرىنى پەقەتلا بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن غەيرەت ئاكامنى مېنىڭ دادام بولۇپ قالغان بولسىچۇ دەپ ئارمان قىلاتتىم،ئۇ ھەر بىر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇۋالاتتىم. ئاپامنىڭ ھاي دىگىنىگىمۇ ئۇنىمايىتتىم. غەيرەت ئاكاممۇ خۇددى مەن كىچىك قىز بالىدەك مېنى ئەركىلىتىپ كۆڭلۈمنى ئۆستۈرۈپ قوياتتى.غەيرەت ئاكام بىزگە بەك كۆپ ياخشىلىق قىلغان. سېنىڭ ئاخىرقى يىللاردىكى ئوقۇش پۇلۇڭنىمۇ ئاپام ئاغرىقچان بولۇپ قېلىپ ئىشلىيەلمەي قالغاچقا غەيرەت ئاكام بەرگەن. بۇ ئىشلارنى سېنىڭ بىلىپ قېلىشىڭنى پەقەتلا خالىمايىتتى. ئاپام بەك بەك ئېسىل ياخشى بالا ،خۇدايىم بەرسە مۇشۇ بالىغا بەرسۇن دەپ ئۇزۇندىن- ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كېتەتت.ى  كېيىن تەغدىرنىڭ ھىممىتى بىلەن راستىنلا مېنىڭ ئاكام بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن مەن بەك خۇشال. غەيرەت ئاكامنى كۆرسەم خۇددى رەھمەتلىك ئاپامنى كۆرگەندەك، ماڭا قىلغان مىھرىبانلىقلىرىدىن خۇددى رەھمەتلىك دادامنىڭ قوينىدا تۇرغاندەك ئىللىقلىق ھىس قىلىمەن .ھەدە،سەندىن ئۆتۈنەي،ئەگەردە راستىنلا غەيرەت ئاكام دىلىڭنى رەنجىتىپ قويغان بولسا ئۇنى رەھمەتلىك ئاپامنىڭ ھۆرمىتىدە كەچۈرۈۋەتكىن،ئۇنى قەدىرلىگىن،ئۇ سەن ئۈچۈن مەڭگۈ تېپىلغۇسىز ياخشى بىر  كىشى، مەن ئۈچۈن مەڭگۈ يىقىلماس تاغ كەبى ئاكام...
ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا ئىمكانىم يوق، سىڭلىم بىلەن قوشۇلۇپ مەنمۇ يىغلاۋاتاتتىم .كۆزلىرىمدىن قىياندەك كېلىپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇۋاتقان ياشلىرىمنىڭ نىمە ۋەجىدىن تۆكۈلۈۋاتقانلىقىنى كىممۇ بىلەر؟

UID
43804
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-17
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 18:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە،غەيرەت گۇناسىزمىكى دەيمەن ،گۇلنەزەر قاتتىق پۇشايماندا قالامدىكى ،ھەي نىمىلا بولسۇن نىكاھقا ئاسىلىق قىلماسلىق كىرەك ئىدى .

UID
43804
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-17
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 18:55:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەرگىيەنىڭ مۇزتۇتقان دېرىزە دىگەن ئەسىرىنى ئوقاي دىسەم تەھرىرلىنىۋاتىدۇ دەپلا چىقمايدىغۇ،قانداق قىلسام ئوقىيالايمەن ياردەم قىلساڭلار

UID
6414
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1041
تىزىملاتقان
2010-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 20:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە غەيرەت گۇناسىز چىقىدۇ ،ساالامنى سىڭلىسىمۇ ياخشى كورۈپ قالغان ئەمما گۈلنەزەر ئاللىقاچان يولدىن چىقىپ بولغاندا،سىڭلىسىنىڭ سالامنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ھەم  غەيرەتنىڭ گۇناسىزلىقىنى بىلگەن ھەم شۇنۇڭ بىلەن غەيرەتتىن ھەم سىڭلىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك .......
ئاخرىنى تېز-تېز يوللىسىڭىز ..........

UID
39394
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 21:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنەزەرنىڭ كۆز يېشى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ھەم يولدىشىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىدىن ئازاپلانغانلىقى ئۈچۈن تۆكىلىدۇ .
ئاخىرى قانداق بۇلا ؟؟؟

UID
31618
يازما
91
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
91
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 00:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلنەزەر چوقوم كىيىن پۇشايمان قىلىشى مومكىن .بەلكىم غەيرەت گۇناسىز دۇ. ھەر قانچە بولسىمۇ نىكاھى بار بىر ئايالنىڭ باشقا بىرى بىلەن ئچ پەش تارتىشىپ يۇرىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ

UID
32587
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-17
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 02:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخرى نى  تېز يولغايسىز،  ھارمىغيسىز بەرگىيە داۋامىغا تەشنا بىز....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش