ئىگىسى: bargiya

قانسىرىغان گۈل (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
39347
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 00:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ھىكايىلەرنى يازغان قوللىرىڭىزغا ئۇلۇغ ئاللاھ دەرت بەمىسۇن بەرگىيە

UID
43246
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 09:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرمىگىىلى خېلى بۇپتىكەن.ئەسەردىكى ئىچكى ھىسسىيات  چىن ياخشى ئىپادىلنىپتۇ.بۇلۇپمۇ بەرگىيە خانىمنىڭ باش سۈرتى بىلەن ھىكايە ۋەقەلىكى بىرلىشىپ خۇددى يېنىدا باردەكلا ھىس قىلدىكەن كىشى.ئەسەرنىڭ داۋامىغا تەشنامىز!

UID
39588
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 15:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ناھايتى ياخشى يېزىپسىز      يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى قاچان يازىسىز      داۋامىغا تەشنامىز

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2209
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 22:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقماي بۇگۈن چىقىپ ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم،رەھمەت سىزگە،ئاخىرىغا تەشنامىز.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 23:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتۇر دىگەندىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى. بىز ئوقىغان مەكتەپتىمۇ باشقا مەكتەپلەرگە ئوخشاش كومپىيۇتۇر مەشغۇلاتى دىگەندەك دەرىسلەرمۇ بولمىغاچقا مەن بۇ نەرسىگە يېقىنمۇ كېلىپ باقماپتىكەنمەن. كومپىيۇتۇرنى ئېلىپ تورغىمۇ ئۇلىتىۋالدىم. بىراق ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سالام دوختۇر بىر نەچچە قېتىم مېنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دوختۇرخانىمىزنىڭ ئالدىدىكى كوچىغا جايلاشقان تورخانىغا ئېلىپ كىرىپ ئاددى  ساۋاتلارنى ئۈگەتتى، مەشغۇلاتلارنى قىلغۇزدى. ماڭا تورغا قانداق چىقىش،خەۋەر-ئۇچۇرلارنى كۆرۈش، ۋە موزىكا ئاڭلاش،كىنۇ كۆرۈش ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئۈگىتىپ چىقتى. مۇڭداشقۇ نومۇرىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىشەنىچلىك بىر نەچچە دوسىتلىرىنى قاچىلاپ بەردى .ھەم ئۇنى قانداق ئىشلىتىش،قانداق سۆزلىشىشنىمۇ ئۈگىتىپ قويدى. تۇنجى قېتىم مەن بىر كومپىيۇتۇردا ئۇ يېنىمدىكى يەنە بىر كومپىيۇتۇردا ئولتۇرۇپ ماڭا مۇڭداشقۇدا خەت ئەۋەتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەن سەل تەمتىراپ تۇرۇپ مىسىلدىغىنىمچە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردۇم.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
-تۇنۇشۇپ قالساق بولامدۇ
-ھى ھى.. سالام بۇنداق دىسىڭىز كۈلگۈم كېلىدىكەن.
-نىمە سىز مېنى تۇنۇمسىز؟
-ۋاي-ۋۇي.. قىزىقتەسىز
-ئاجايىپ قىزكىنا بۇ.. مەن تېخى ئەمدى كۆرۈۋاتسام مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ بىلىۋاپتۇ، سىز موللا تاپقاقمۇ نىمە؟
بېشىمنى كتۆتۈرۈپ ئۇ ئولتۇرغان ئورۇنغا قاراپ كۈلدۈم شۇ ئان مۇڭداشقۇرۇمغا يەنە خەت كەلدى.
-ھەي تولا ھۇرۇنلۇق قىلماي خەت يېزىڭ ھە،بولمىسا بىر ئېغىز گەپنى بۇنداق بىر سائەتتە يازسىڭىز سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى بار ئادەممۇ ئۇخلاپ قالدىۇ ياكى قېچىپ كېتىدۇ.
-نىمە يازىمەن؟
-ئىسمىڭىز نىمە؟
-گۈلنەزەر
-ھوي.. ئۆز ئىسمىڭىزنى ئۇنداق باشقىلارغا ئۇدۇللا دەپ بەرمەڭ!
ئەمىسە قايسىنى دەيمەن؟
-ئاۋۇ ئاقگۈل دىگەن ئىسمىڭىزنى دىمەمسىز
-ھىم،، مەن بۇنداق يالغانچىلىق قىلالمايمەن.
-ئەخمەق، مۇڭداشقۇدا ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ.
-نىمىشقا؟
-كېيىن چۈشىنىپ قالىسىز
-ئەمىسە مەن بۇنىڭدا پاراڭلاشمىسام بولغۇدەك
-نىمىشقا ئەمدى؟
-سىزمۇ يالغان گەپ قىلىدىكەنسىز ئەمەسمۇ
ئىككىلىمىز بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈۋەتتۇق.

***************************
شۇنداق قىلىپ راستىنلا كۈنلىرىمگە باشقىچە مەنا قوشۇلغاندەك بولدى. ئۆيدىكى يالغۇزچىلىقتىنمۇ قورقۇپ كەتمەيتتىم. يولدىشىممۇ مېنىڭدىكى خۇشال روھىي ھالەتتىن ئۆزىنى ئازادلىققا چىقىپ قالغاندەك ۋە ماڭا بولغان يۈز كېلەلمەسلىك ھېسلىرىدىن ئازات بولغاندەك بولغان بولسا كېرەك، مېنىڭ كومپىيۇتۇرغا يېپىشىپ مەشغۇلات قىلىشلىرىمغا قارشىلىق بىلدۈرمىدى ، ئەكسىنچە مېنى قوللاپ كومپىيۇتۇر ئارقىلىق كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولغىلى بولۇدىغانلىقىنى مېنىڭ كومپىيۇتۇردىن پايدىلىنىپ كۆپرەك بىلىم ئۈگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. ئىلگىرى باشقىلارنىڭ «كومپىيۇتۇر مەستانىسى،كومپىيۇتۇر سارىڭى»دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ كومپىيۇتۇرنىڭ بۇنچە سىھرى قۇدرىتى بارلىقىغا ئىشىنىپ كەتمەيتتىم ھەم ئۆزۈم بىلمىگەچكىمۇ قىزىقىپمۇ قويمايتتىم .مانا ئەمدى بولسا ئىشتىن چۈشۈپلا بىر يېپىشىۋالسام بەزىدە قورسىقىمغا تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ چاپلىشىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭدىن ھەممە نىمىنى تاپقىلى بولاتتى. سالام مېنى بىر نەچچە ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە ئەزامۇ قىلىپ قويدى. مەن تور ئارىلاپ يۈرۈپ تىنماي ئۇنى-بۇنى ئوقۇيتتىم، خەۋەر ئۇچۇلارنى كۆرۈپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم ھەممىدىن خۇشاللىنارلىقى مەن سىڭلىم بىلەن تور ئارقىلىق يەنى مۇڭداشقۇدا پاراڭلىشىپ ۋە ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشۈشنى بىلىۋالغان ئىدىم. سىڭلىم بۇرۇنقىدىنمۇ تولۇپ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ ھەر قېتىم مېنى كۆرگەن چاغلىرىدىكى خۇشاللىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەستى. كېچىلىك ئىسمىنىدا سالام دوختۇر بىلەن بىللەئىشلىگەن ۋاقىتلاردا بولسا بىكار بولۇپلا قالساق توردىكى يېڭىلىقلار ۋە ئۇچۇرلار مۇنبەرلەردە بولۇۋاتقان مۇنازىرىلەر ئەزالار توغرىلىق پاراڭلىشىپ قىززىپ كېتەتتۇق. قىسقىسى كومپىيۇتۇر مەنىۋى دۇنيارىمغا باشقىچە رەڭ ۋە تۇرمۇشۇمغا تاتلىققىنە تەم ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال ئىدىم، مېنى مۇشۇنداق ئۆزگىچە دۇنيا بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ باشلاپ كىرگەن سالام دوىخۇرغا چەكسىز مىننەتدارلىقىم بار ئىدى. ئۇنى ھەر جەھەتتىن ھۆرمەتلەيىتتىم. ئۇ تورغا چىقسىلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا ئامراق ئىدىم. ئۇ بەكمۇ قىززىقچى بولۇپ مەن ئويلىمىغان گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرەتتى. مەن بارا-بارا ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى ھەممە گېپىمنى دەيدىغان ئۆيدە بولغان ھەر قانداق خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارنى ئېيتىدىغان بولدۇم. ئۇمۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بەزىبىر شەخسىي ئىشلىرىنى دەپ بەردى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا سىنىپىنىڭ ئۈگىنىش باشلىقى بولمىش ئايگۈزەل ئىسىملىك قىزنى ياخشى كۆرەتتىكەن. بۇ قىزنىڭمۇ ئۆزىگە يېقىنچىلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن،ئىككىسى تولا ھاللاردا بىللە دەرس تەكرارلاپ بىللە ئۈگىنىش قىلىشاتتىكەن. ئەمما سالام ئۇ تېخى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى بولغاچقا مۇھەببەتلىشىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ ئېغىز ئېچىپ باقماپتىكەن. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن سىنىپىدىكى قىز-ئوغۇللار ئوقۇتقىچىلىرى بىلەن ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدىكى بىر تاغقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قانداق بولدىكىن  ئايگۈزەل قىزلار بىلەن تاغ باغرىدىكى ياۋا گۈللەرنى ئۈزۈپ ئويناپ يۈرۈپ  تاغ باغرىنى كېسىپ ئۆتۈدىغان دەريا بويىدا بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئويناۋىتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن  سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ . ئىتتىك ئېقىندا ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھىچ ئامالى يوق، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئوغۇللار يۈگرىشىپ يېتىپ كەلگەندە ئۇ كۆزدىن غايىپ بولغانىكەن. ئۇنىڭ جەسىتىنى 5 كۈندىن كېيىن باشقا يۇرتنىڭ ئېقىنىغا قوشۇلىدىغان يەردىن تېپىپتۇ.ئۇ ئۈلۈپ كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن ئۇنىڭغا سالام بىلەن بىر مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىن سالام بىرەر قىزغىمۇ كۆڭۈل بېرەلمەي بىرەر قىزغىمۇ قاراشقا پېتىنماي ئوقۇش ھاياتىنى پۈتتۈرۈپتۇ.ئۇنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغان كۈنى كېچىچە كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇ قاچتى. ئۇ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇڭداشقۇدا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. كامىرادىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۇنىڭ ئۇھسىنغان ھەسرەتلىك چىرايى، تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزىدىن  ۋاقىتسىز  ئايرىلىپ قالغىنىغا بولغان چوڭقۇر نادامەتلىك ئۆكۈنۈشى مېنىڭ باغرىمنى ئەزگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق يۈرەك يارىسى بارلىقىنى زادىلا بىلمەيدىكەنمەن. ئەكسىنچە مەن ئۇنىڭ شۇنچە يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىشلىرىغا، كۈندە شۇ قەدەر خۇشخۇي يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئازراقمۇ دەردى يوق بەخىتلىك بىر يىگىت بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم.
********************
بۈگۈن مىجەزىم قوداڭشىپلا قالغان ئىدى. سالام دوختۇر دەم ئېلىشىنى ئېلىپ يۇرتىغا كەتكەن. ئىچىمنىڭ نىمىگىدۇر سىقىلىشلىرىنى ئېيتىدىغان كىشىممۇ يوق غېرىپسىنىپ قالغان ئىدىم.

-بۈگۈن يەنە كېلەلمەمسىز؟
يولدىشىمنىڭ تېلېفۇندىكى بىر قاتار سەۋەبلىرىدن كېيىن ئاغرىنغان ھالدا سورىدىم.
-شۇنداق.
_ماڭا ئىككىمىزنىڭ ئارىسى بارغانچە يىراقلىشىپ كېتىپ بارغاندەك سېزىلىۋاتىدۇ.
_ياقەي جېنىم ئۇنداق ئويلىسىڭىز قانداق بولۇدۇ،-تېلېفۇندىن ئۇنىڭ خۇشياقمىغاندەك ئەسنىگىنى ئاڭلاندى.بىردىنلا جەھلىم قاتتى.
-سىز زادى خىزمەت ئىشلەۋاتامسىز ياكى كېچىچە سىرتلاردا يۈرۈپ تاڭ ئاتقۇزۇۋاتامسىز؟
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
-قاچانلا پاراڭلاشساق شۇنداق ھارغىن،قاچانلا پاراڭلاشساق مۇشۇنداق ئەسنەيسىز.. سىز زادى نىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈۋاتىسىز؟
-بىكاردىن- بىكار ماڭا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلسىڭىز قانداق بولۇدۇ گۈلنەزەر؟
-نىمە سىزگە شۇنچىلىك گەپلەرنى قىلساممۇ بولمامدۇ؟ سىزنى سۈرۈشتۈرۈش، سىزدىن گۇمانلىنىش ھوقۇقۇممۇ يوقمۇ مېنىڭ.
-بۇ ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس  ماڭا قىلىنغان ھاقارەت.
-نىمە،، مېنىڭ سىزنى سۈرۈشتۈرۈشۈم سىزگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ سېزىلىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟
جۇدۇنۇم تېخىمۇ بەك ئۆرلىدى.
-سىزگە بۈگۈن نىمە بولدى؟
ئۇ ئىمكانقەدەر ئاۋازىنى سىپايىرەك چىقىرىشقا تىرىشقان ھالدا سورىدى.
-ھىچنىمە،ھىچنىمە.. مەن سىزنىڭ مېنى داۋاملىق مۇشۇنداق يالغۇز تاشلاشلىرىڭىزدىن، ۋاقتىدا ئۆيگە كەلمەي ماڭا ھەمرا بولماسلىقلىرىڭىزدىن ،كەچكىچە خىزمەت ،خىزمەت دەپ تېلېفۇندا بولسىمۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلماي ھارغىن يۈرۈشلىرىڭىزدىن زېرىكتىم،سىقىلدىم، مەن بۇ يالغۇزلۇققا چىدىيالمىدىم .
ئىخىتىيارسىز تۇرۇپكىنى قۇلىقىمغا تۇتقىنىمچە ئىسەدەپ يىغلىۋەتتىم. بۈگۈن ماڭا زادى نىمە بولدىكىنە ؟ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداققۇ..بولۇپمۇ مۇشۇ بىر يىلدىن بېرى ئۇ ئىككىمىزنىڭ بىللە بولۇدىغان، كۆرۈشىدىغان ۋاقىتلرىمىز بارماق بىلەن سانىسا سانىغۇدەك بولۇپ قالغانغۇ.. ئۇنڭ خىزمىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتاتتىمغۇ.. ئۇ بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىدىن يەنە بىر بالداق ئۆسۈپ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنغۇ؟ سىزنى يۆتكەپ ئەكىتەي دىگەنگە بىر مۇنچە باھانە سەۋەبلەرنى مۇھىمى ئاپام-دادامنىڭ قەبرىسىنى بۇ يەرگە تاشلاپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى ،بۇ يەردە پات-پات تۇپراق بېشىغا بېرىپ تۇرالايدىغانلىقىم ھەم بۇ يەردە بولسام سىڭلىمنىڭمۇ خۇشال بولىدىغانلىقى ھەم  ۋاقتىدا بېرىپ ئۇنىڭ ياشانغان ئاپىسىغىمۇ قاراپ تۇرالايدىغانلىقىم ھەققىدە سۆزلەپ ئۇنىڭ مېنى يۆتكىشىدىن ۋاز كەچتۈرگەن ئىدىمغۇ؟؟
يەنە كومپىيۇتۇردا  مەشغۇلات قىلغاندىن بېرى ئۇنىڭغا بۇنداق قىيدىمايدىغان، كەچكىچە كەلمەمسىز دەپ قەغىشلىك قىلمايدىغان بولغان ئىدىمغۇ؟بۈگۈن نىمىشقا بۇنداق تەتۈرلۈك قىلىمەن؟نىمىشقا قەلبىمدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمەن؟ نىمىشقا ئۇنىڭغىمۇ ئۆزۈمگىمۇ ئازار بېرىمەن...
تېلېفۇننى قويۇۋىتىپ يالغۇز ئۆيدە ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ تازا يىغلىدىم. يىغلا-يىغلا قاچانلاركىن ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىر چاغدا بىرسىنىڭ ئاستا يۈزۈمنى سىلاۋاتقانلىقىنى، چاچلىرىمنى قولى بىلەن تاراپ مەڭزىمدە قېتىپ قالغان ياش تامچىلىرىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ كۆزۈمنى ئاچتىم.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
285
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7566
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 15:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدىشى  كەپتۇ-دە.ئۇ ئۇنداق ئەسكى ئادەمدەك قىلمايدۇ. ھەقىقەتەن ناھەق ئەيىپلەنگەن بولسا،ئائىلىنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم بولسا ھەرقانچە ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ، ئايالىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېلەلەيدۇ. مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ كۈچى. ئاخىرىغا تەقەززامىز.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 18:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى دەپ بەردىم.شۇ كۈندىكى قىلغان يولسىزلىقىمنى،يولدىشىم بىچارىنىڭ مېنىڭ يىغلاپ تېلېفۇننى قويۇۋىتىشىمدىن  ئەنسىرەپ ماشىنىسى بىلەن كېچىلەپ قېشىمغا كەلگىنىنى، ماڭا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ ؟كزىنىڭ ھېچقانداق باشقا ئىشلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ  ئەپۇ سورىغانلىقىنى،بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ توغرا چۈشىنىشىمنى ئۆتۈنگەنلىكىنى ،ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئاچىدىغان مۇھىم يىغىنى بولغاچقا  تاڭ سۈزۈلگەندە يەنە ماشىنا بىلەن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ كۈنى كېچىلەپ يەنە قايتىپ كېلىپ ئاندىن دۈشەنبە كۈنى سەھەردە كەتكەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقىنىمدا  ئۇنىڭ مۇڭداشقۇرىدىكى سۈرىتى رەڭسىزلىشىپ جىمىپ كەتتى.
-ھەي گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسىز؟
-..........
-سىز چۈشۈپ كەتتىڭىزما؟ -ئاچچىقىم بىلەن ئۇنىڭغا كامىرانى ئېچىش توغرىلىق  ئۆتۈنۈش ئەۋەتتىم.ئۇ قوبۇل قىلىپ كامىرانى ئاچتى. كامىرادىن ئۇنىڭ ئىپادىسىز تۇرغان چىرايىغا قاراپ ئاچچىقلاندىم.
-سىزگە نىمە بولدى؟
-سىز نىمانچە ئۇششۇق؟
ئۇ سۇئالىمغا سۇئال بىلەن جاۋاب بەردى.
-مەن ئۇششۇقلۇق قىلمىدىم. شۇ كۈنى ئىشقىلىپ بەك ئىچىم سىقىلغان. نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى كەچتە بولدى كەلمەڭ دىسەم ئۆزى كەلدى.
-ئىچىڭىزنىڭ سىقىلىشىنى تورغا چىقىپ يوقىتىدىغان ئەپلىك ئۇسۇل تېپىۋالغانتىڭىزغۇ؟
-ۋاي بىلمىدىم ،ئۇ كۈنى تورمۇ پەقەت تېتىمىدىغۇ تاڭ..
-گۈلنەزەر..
-ھە؟
-سىز كىچىك بالىغىلا ئوخشايسىز.
-ھى ھى.. نەدە كىچىك بالىغا ئوخشايمەن.. يولدىشىم مېنى سىز بىشەم ئاياللارغا ئوخشاپ قاپسىز دەيدۇ.
-ئۇ سىزگە يالغان دەپتۇ.
-ئۇ كۈنى بەلكىم ئوخشاپ قالغان بولسام كېرەك شۇنداق بىشەم ئاياللارغا
-گۈلنەزەر
-ھە؟
-يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز؟
تۇرۇپلا قالدىم. نىمىشقىدۇر  يۈرىكىم داۋالغۇپ كەتتى. ئىتتىك جاۋاب قايتۇرالمىدىم.نىمىشقا؟
ئەلۋەتتە ئۇنى ياخشى ۆكرمىسەم  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاتتىممۇ؟
ئاستاغىنە ئۇنىڭغا جاۋاب يازدىم.
-ھەئە،بولمىسا توي قىلماس بولغىيىتتىم
كامىرادىن ئۇنىڭ ھارغىن  چىرايى كۆرۈندى.
-مەن چۈشۈپ كەتتىم ،كېيىن كۆرۈشەيلى.
بۇنداق خوشلىششىتىن ئاجايىپلا بولۇپ قالدىم. ھەر قېتىم توردىن چۈشۈش ئالدىدا ئەتىسى دوختۇرخانىدا بىللە ئىشلەيدىغىنىمىزغا قارىماي ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئاللادىن  ئامانلىق تىنىچلىقلارنى تىلەپ،  ياخشى چۈش ،خەيىرلىك ئىشلارنى تىلەپ ئاندىن چۈشەتتۇق. بىراق بۈگۈن ئۇ ئالمان-تالمان گەپ-سۆزسىزلا چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن  بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭدىن رەنجىگەندەك بولدۇم.

********************

كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. سىڭلىم تەتىل بولۇپ كەلدى. ئەمدى ياخشى بولدى. ئۇ ئىككىمىز كۈندە بىللە بولۇپ سىقىلىشتىكى كۈنلىرىمنى كومپىيۇتۇردىن چىقىرىشلىرىممۇ ئازلىدى. ئۇ تىنماي قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ  ئوقۇش ھاياتى، يېڭىلىقلار،يولۇققان ئىشلار،ياتاقداشلىرى،دوستلىرى دەرىسلىرى توغرىلىق سۆزلەپ مېنى پەقەتلا زېرىكتۇرمەيىتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى مەيۈس، جىمغۇر ھالىتىدە تۈپتىن پەرىق بولۇپ ئۆزىنىڭ تولۇپ چىرايلىقلىشىپ كەتكىنىدىن باشقا يەنە سۆزمەن خۇشخۇي بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بەكمۇ خۇشال ئىدىم ،سۆيۈنەتتىم. ئۇنىڭ بالىلارچە ئوماقلىق ساقلانغان جەلىپكار چىرايىغا، قىلىقلىرىغا ،كۈلۈشلىرىگە قاراپ  ئۆزۈمنىڭ ئۇنى مۇشۇنداق تۇرمۇشقا ئىگە قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم.
ئۇ كەلگەندە ئالىمەن دەپ يىغىپ قويغان 15 كۈنلۈك دەم ئېلىشىممۇ ئاخىرلىشىپ ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئىشقا چىقىپ كەتكەن تۇنجى كۈنۈم چۈشكە يېقىن ئەتىگەنلىك ئالدىراشلىقلار بىر ئاز سېلىكىپ 17-كارۋاتتىكى بىمارنىڭ دورىسى تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇلغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن  مىقدار مەسىلىسى توغرىلىق سېستىرالار باشلىقىنىڭ پىكرىنى سالام دوختۇرغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۆلۈمىگە كىردىم. بۆلۈمدە باشقا دوختۇرلار يوق بولۇپ يېڭىلا ئوپراتسىيەدىن چۈشكەن سالام دوختۇر ئالدىدىكى كېسەل ئارخىۋىنى ۋاراقلىغىنىچە ئولتۇراتتى. سىڭلىم كەلگەندىن بېرى مەن دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ دەم ئالغان،ھەم سىڭلىم بىلەن بىللە بولۇپ مۇڭدىشىپ قانماي تورغىمۇ چىقمىغاچقا ئۇنى كۆرمىگىنىمگىمۇ خېلى ۋاقىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ماڭا ياداپ قالغاندەك كۆرۈندى.
ئۇ مېنى كۆرۈپ ھودۇققاندەك ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
-خۇداغا شۈكرى
ماڭا نىمىشقىدۇر سالام دوختۇرنىڭ ئاۋازى بوش ۋە تىترەۋاتقاندەك ئاڭلاندى.
-ئەتىگەن ئىشقا كەلدىم. سىز ئوپراتسىيەگە چىقىپ كېتىپسىز.
-ھەئە،بۈگۈن ئوپراتسىيەم بار ئىدى.
ئۇنىڭ قولىدىكى كېسەل ئارخىۋىنى ھىلى ئېلىپ ھىلى قويۇۋاتقان قولاشمىغان ھەركەتلىرىگە قاراپ كۈلۈۋەتتىم.
-نىمە بولدىڭىز بەك چارچاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟
-شۇنداق بولسا كېرەك،-ئۇ پىشانە تەرلىرىنى سۈرىتكەچ ماڭا سىڭا قارىدى.
كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھودۇقۇش ئارىلاش نىمىگىدۇر ئىنتىزار بولغاندەك ئۇچقۇنلار كۆز نۇرلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى.
_ھەدە، سېنى ئىزدەپ كەلسەم بۇ يەرگە چىقىپ كەتتى دىدى.
كەينىمدىنلا چىققان ئاۋاز مېنى تېزلا ئەسلىمگە كەلتۈردى-دە، بۇرۇلۇپ قاراپ ئىشىك تۈۋىدە كۈلۈپ قاراپ تۇرغان سىڭلىمنى كۆردۈم .
-ئۆيدە دەم ئالماي بۇ يەرلەرگە كېلىپ نىمە قىلار ئىدىڭ،-مەن ئالمان-تالمان قولۇمدىكى ئارخىپنى سالام دوىخۇرغا ئۇزاتقاچ ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدىم .
-سەن بىلەن ئۆيدە بىللىلا يۈرۈپ ئۈگىنىپ قاپتىكەنمەن، سەن يوق زېرىكىپلا كەتتىم-ئۇ ئەركىلىگىنىچە قېشىمغا كەلدى.
-بۇ  مېنىڭ سىڭلىم  گۈلرەبا بولۇدۇ
سالام دوختۇرغا تۇنۇشتۇردۇم ئاندىن سىڭلىمغا قاراپ:
-بۇ مەن ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن ئۆيگە كومپىيۇتۇر ۋە تور ئورۇنلاشتۇرۇشۇمغا تەكلىپ ۋە ياردەم بەرگەن سالام دوختۇر بولۇدۇ دىدىم.
سىڭلىمنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ چىرايلىق زىناقلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ياخشىمۇسىز، سىزنى  سالام ئاكا دەپ] چاقىرسام بولامدۇ؟ دىدى.
-بولۇدۇ بولۇدۇ،
سىڭلىمنىڭ ئوچۇق-يورۇقلۇقى سالام دوختۇردىكى باياتىنقى بىسەرامجانلىق ھالىتىنى يوقاتقان بولسا كېرەك خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ،-مەن ھەدىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتىمەن. ئەمىلىيەتتە ھەدىڭىزمۇ ماڭا بىر سىڭىل،-دىگىنىچە لەپپىدە ماڭا كۆز تاشلاپ قويدى.
بىز بىردەم ئۇنى بۇنى پاراڭلاشقاندىن كېيىن سالام دوختۇر  چۈشۈرگەن ئۆزگەرگەن مىقداردىكى دورا-ئوكۇللار تىزىملىكىنى ئېلىپ ئىشخانىمىزغا قايتىپ چىقتۇق. سىڭلىم مەن ئىشتىن چۈشكىچە زېرىكمەي بىزنىڭ چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپ تۇردى .ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىللە قايىتتۇق. دەرۋازىدىن چىقىۋىتىپ سالام دوختۇر بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ بىزنى تاماققا  شۇنچە زورلىغان بولسىمۇ مەن رەھمەت ئېيتىپ ئۇنىمىدىم. چۈنكى سىڭلىم بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ خۇش كۈلكىلىرىدىن، ئوماق قىلىقلىرىدىن ئايرىم قانغۇچە ھوزۇرلىنىشنى، ئۇنىڭ قىسقىغىنە تەىتل ۋاقتىدىكى بىللە بولۇدىغان بىر مىنۇت- سېكۇنىت ۋاقتىمنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىقنى خالايتتىم. سالام دوىتۇر رەنجىگەندەك بولۇۋىدى كېيىن بىر كۈنى چوقۇم بىللە تاماق يەيدىغانغا ۋەدە بەردۇق.ئىككىمىز ئۆيگە قايتىپ تاماق قىلىپ يىيىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ ئۆيىمىزگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىن نانغا ئورىتىپ 15 زىق كاۋاب ۋە سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى ئالدۇقتە ئۆيگە قايتىپ كىردۇق. ئۆيگە كەلسەك بىزنى ھەيران قالدۇرۇپ ئالدىغا پەشتاما تارىتقان ھالدا يولدىشىم تەرلەپ پىشىپ ئاشخانىدا تاماق ئەتكىلى تۇرۇپتۇ. سىڭلىم ئۇنى كۆرۈپ «ئاكا»دىگىنىچە قۇشتەك ئۇچۇپ بېرىپ ئۆزىنى ئاتتى. يولدىشىممۇ  ئۆزىدىن ئازراقلا پاكار بولغان سىڭلىمنى دەسىت كۆتۈرۋىلىپ بىر پىرقىرىتىپ قويدى-دە مىھرى بىلەن پىشانىسىگە سۆيۈپ كۆرۈشتى.سىڭلىم كەلگەندە ئۇ ئىچكىرىگە كەتكەن ئىدى. كەلگەندىن  بېرى تۇنجى كۆرۈشىشى ئىدى. بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا  بىز تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئىككىسىنىڭ بۇ قەدەر ئامراقلىقىغا سۆيۈنگىنىمچە قاراپ تۇرۇپ ئېختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلدى.(ئاپام-دادام بولغان بولسا بىزنىڭ بۇ بەخىتلىك ھالىتىمىزنى كۆرگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە) غەيرەت  سىڭلىم بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولۇپ ئالدىمغا كەلدى-دە،ئىتتىك سورىدى:
-ۋوي نىمە بولدىڭىز؟يىغلاپسىزغۇ؟
-ئاكا، ھەدەم سىزنى ئۆزىدىن ئەھۋال سورىمىدى دەپ قىيداپ قالغان ئوخشايدۇ.
سىڭلىم شوخلۇق بىلەن كۈلدى.
-شۇنداقمۇ؟ ۋاي تاۋى نازۇكەي،-ئۇ چىن مىھرى بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ كۆز ئارقىلىق ماڭا بىر سۆيۈش ئەۋەتتى-دە، سىڭلىمغا بۇرۇلۇپ قاراپ،-ۋاي گۈلرەبا،، بۇ ھەدىڭىز شۇنچىلىك ئۇششۇق بولۇپ كەتتىكىن گېپىنى قىلماڭ، مېنى قايتىپ كەلمىدىڭ، كەچكىچە خىزمەت خىزمەت دەپ مېنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇڭ دەپ مەن بىلەن ئۇرۇشىمەنلا دەيدۇ، راستىنى دىسەم يېقىندىن بېرى دەم ئېلىشتا كېلەلمەيدىغان جىددىي ئىشلار بولسا مەن كېلەلمەيمەن دەپ تېلېفۇن قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.
-راستمۇ؟
سىڭلىم گۆدەكلەرچە كۆزىنى يوغان ئىچىپ تۇرۇپ ماڭا ۋە ئۇنىڭغا قارىدى.
-راسىت،-غەيرەت ئالدىدىكى پەشتامىسىنى يەشكەچ سۆزلىدى،-ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز ،مانا پۇرسەت بولسىلا كېلىپ مۇشۇنداق تامىقىنى ئېتىپ، كىرىنى يۇيۇپ ئۆيىنى تازلاپ خۇشامەت قىلىپ كېتىمەن.بولمىسا ئىشىم چاتاق.
چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان غەيرەتكە قاراپ ئالايدىم.
-يالغانچىلىقىنى بۇنىڭ.
سىڭلىم ئىككىمىزگە قاراپ شوخلۇق بىلەن كۈلگەچ:
-ئە،ىسە ھەدەمنى يۆتكەپ قېشىڭىزغا ئېلىپلا كەتسىڭىز بولمامدۇ ئاكا.
-مەنمۇ شۇنداق دىگەن ،بىراق ئۇ ئۇنىمىدى.
-نىمىشقا؟
سىڭلىم يەنە سورىدى.
ئارىنى بىر ئاز جىم-جىتلىق باستى. غەيرەت سۇئالغا جاۋاب بېرىپ ئاتا-ئانامنى ئېسىمىزگە سېلىپ قويۇشنىڭ بۇ خۇشال كەيپىياتقا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئويلىغان بولسا كېرەك ئىتتىك گەپنى بۇرىدى:
-قېنى، ئېزىز مىھمان گۈلرەبانىڭ  لايىقىدا بولمىسىمۇ بىر نەچچە خىل سەي قورۇپ گۈرۈچ ئاش دۈملىدىم قورساق ئېچىپ كەتتى ئاۋال تائام ئاندىن كالام دەپتىكەن تاماق يەۋىلىپ ئاندىن مۇڭداشمايلىمۇ؟
بىز خۇشال ھالدا قوللىرىمىزنى يۇيۇپ قولىمىزدىكى كاۋابنى ۋە غەيرەتنىڭ ئەتكەن تامىقىنى ئۈستەلگە ئېلىپ كېلىپ غىزالىنىشقا باشلىدۇق.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2209
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 22:50:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ئاۋۋل كۆرۈپتىمەن،ئەجەپ ياخشى،ناھايىتى ياخشى يىزىلىۋتىدۇ،سىزگە مەدەت تىلەيمەن،رەھمەت.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 12:10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت بىز بىلەن ئۈچ كۈن بىللە بولدى. بۇ بىللە بولۇش بىلەن ئىككىمىزنىڭ بۇ بىر يىلدىن بېرى سۇسلىشىپ يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلغان مۇناسىۋىتىمىزگە خاتىمە بېرىلگەندەك بولدى. ئىككىمىز ئاۋالقىدەك خۇشخۇي بولۇشۇپ سىڭلىمنىڭ ئوماق ساددا قىلىقلار بىلەن تولغان ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنىڭ مەنىلىك بەتلىرىنى ئاڭلاپ يۈردۇق. ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تۇيۇقسىزلا تېلېفۇن كېلىپ قالدى. ئۈچىمىز مىھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ مىۋە يىگەچ سىڭلىم بازاردىن ئېلىپ كەلگەن يېڭى بىر پىلاستىنكىنى كۆرۈۋاتاتتۇق .يولدىشىمنىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلاپ ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ نومۇرىغا قاراپلا ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ نىمىشقىدۇر ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى  بايقاپ قالدىم. خېلى ئۇزۇنغىچە سىرتتىن كىرمىگەن ئۇنىڭ كەيندىىن قاراپ بېقىش ئۈچۈن چىقىۋىتىپ ئۇنىڭ   ئىشىك ئالدىدىكى گۈللۈكتە تۇرۇپ :
-بولدى،بولدى،قالغان گەپلەرنى بارغاندا پاراڭلىشايلى،ماڭا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلماڭ ئەمدى!!-دىگىنىنى ئاڭلىدىم .
ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپ مېنى كۆرۈپ چىرايى ئاقىرىپلا كەتتى.
-سىز..سىز قاچان چىقتىڭىز؟
-ھازىرلا چىقىشىم، كىمكەن تېلېفۇن قىلغان؟
-ئىدارىنىڭ تېلېفۇن قىپتۇ.ئەتە ئەتىگەندە ئېچىلىدىغان يىغىن بار ئىكەن، شۇڭا بۈگۈن كەچتە قايتمىسام بولمىغۇدەك.
-شۇنچە جىددىيما؟
ئۇنىڭغا تىكىلدىم. نىمىشقىدۇر ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىۋاتاتتى.
-شۇنداق، جىددىي..
-ئەتە سەھەردە كەتسىڭىز بولمامدۇ؟
-مەن بېرىپ يىغىن تىزىسىنى كۆرۈپ چىقمىسام بولمايدۇ. ھەم تەيارلايدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار مېنىڭ.
ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۆيگە قايتىپ كىردىم. سىڭلىم بىغەم ھالدا قويۇلۇۋاتقان پىلاستىنكىسىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى تەيارلاپ بەردىم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نارازى بولۇۋاتاتتىم .شۇنداقلا يۈرىكىمدە بىلىنەر بىلىنمەس پەيدا بولغان بىر تۇمان  ئىنچىكە تىللىق يىلانغا ئايلىنىپ يۈرىكىمنى ئاستا چاققىنىچە قېنىمنى شۈمەۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇ كەتتى، روھىم چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم، سىڭلىمغىمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي تېخى تۈنۈگۈن ئاخشاملا شات كۈلكە، تاتلىق ئەركىلىتىش ۋە ئەركىلەشكە تويۇنغان ،ئەمدىلىكتە بولسا قانداقتۇر تۇمانلىق بىر ۋەھىمە  قاپلاپ مۇڭلىنىپ قالغان ھوجرامغا كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم .كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن بېرىقى ھەممە ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ چىقتىم. قەلبىمنى ئاختۇرۇپ-ئاختۇرۇپ ئۇ يوق بولسا مەن دۇچ كېلىدىغان بۇ خىل غېرىپسىنىش سېزىملىرىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقماقچى بولدۇم. ئۇنى شۇ قەدەر تەلۋىلەرچە ياىشى كۆەرمەنمۇ؟ شۇ ئان يۈرىكىم نىمىگىدۇر تەلپۈنگەندەك،كىملەرگىدۇر زارىققاندەك كىملەرنىڭدۇر تەسەللىسىگە مۇھتاج بولغاندەك بولدى. ئىچىم سىقىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كومپىيۇتۇرنى ئاچتىم. ئىختىيارسىز مۇڭداشقۇرۇمنى ئېچىپ ئۇنىڭ رەڭسىز تۇرغان سۈرىتىگە قاراپ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا خەت يازدىم:
-سىز نىمىشقا يوق؟نىمىشقا تورغا چىقمىدىڭىز؟ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ كەتتى.
-.............
-غەيرەتتىن رەنجىپ قالدىم. ئۈچ كۈن بىز شۇنداق خۇشال-خورام ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ تۇيۇقسىزلا كەلگەن بىر تېلېفۇن بىلەن كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەتە يىغىنى بار ئىكەن. كەتمىسە بولمايدىكەن. بىراق مەن نىمىشقىدۇر ئۇ گەپتىن گۇمان قىلىپ قالغاندەك تۇرىمەن. سىزچە ئۇنىڭ دىگىنى راستمىدۇ؟
-.............
-سىزنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا توردا بولماسلىقىڭىزدىن بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ. شۇ تاپتا سىزنى بەك كۆرگۈم بار ئىدى. سىزگە ھەممە گەپلەرنى دىگۈم، سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنلەرنى يەشكۈم بار ئىدى. مەن تورغا چىقمىغان بۇ بىر نەچچە كۈندە سىز تورغا چىقىپ ماڭا بىرەر ئېغىز سۆزمۇ قالدۇرۇپ قويماپسىز ھە.. ئەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
بۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ ئىختىيارسىز يىغلۇغۇم كېلىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ باش سۈرىتى لىپىلداپ كەتتى،يۈرىكىم قەپىزىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقۇپ نامەلۇم بىر خىل ھاياجان ۋە خۇشاللىقتىن  كۆزلىرىم نۇرلىنىپ كەتتى.
_ مەن بار.. سىزنىڭ رەڭسىز سۈرىتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرغانتىم. ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
-نىمىشقا شۇنچە گەپلەىرنى قىلسام بىر ئېغىز جاۋاب قايتۇرمايسىز، مەن ياخشى ئەمەس.
-سىزنى بار گەپلىرىنى قىلىپ ئىچىنى بوشىتىۋالسۇن دىگەن ئىدىم.ياخشى ئەمەس دىمەڭ، ئىمكان بار ياخشى ياشاڭ!
-مېنىڭمۇ ياخشى ياشىغۇم بار بىراق باشقىلار مېنى ياخشى ياشىغىلى قويمايۋاتىدۇ.
-كىم؟ يولدىشىڭىزنى دىمەكچىمۇسىز؟
-يەنە شۇ بولماي كىم بولاتتى دەيسىز؟
-ئۇنى توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك،ئۇ بىر پەزىلەتلىك كىشى،ئۇنىڭدىن ئارتۇق گۇمانلانماڭ!!
-ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدىم
-ئەمىسە نىمىشقا ئۇ يىغىن بار كېتىمەن دىسە ئۇنىڭدىن رەنجىيسىز؟ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىسىڭىز باشقىچە خىيال قىلىپ قالمىسىڭىز نىمىشقا بىئارام بولىسىز؟
-مەن يالغۇزسىراپ قالدىم
-سىڭلىڭىز بارغۇ،سىڭلىڭىزلا بولسا سىز ھىچقانداق ئىش پۇشىقى تارتمايىتتىڭىز، ماڭىمۇ مۇھتاج بولمايىتتىڭىزغۇ؟
-ماڭا دوق قىلىۋاتامسىز؟
-ياق راست گەپنى دەۋاتىمەن
-ياق سۆزلىرىڭىزدىن قىيداش، دوق چىقىپ تۇرۇدۇ.
-مېنىڭ ھەددىممۇ،سىزدىن قىيداشقا، سىزگە دوق قىلىشقا مېنىڭ سالاھىيىتىم توشامتى؟ مەن كىم ئىدىم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇنداق قىلغۇدەك؟
-نىمە؟
ئىختىيارسىز تىترەك ئولاشتى. راستقۇ..ئۇ زادى مېنىڭ نىمەم ئىدى.. بارچە ئىچ پۇشىقىمنى ئۇنىڭدىن ئالىدىغان،نىمىشقا داۋاملىق ئىچىم سىقىلغاندا ئۇنى ئىزدەيمەن،ئۇنىڭغا دەرت تۆكۈمەن. نىمىشقا ئۇ تورغا چىقماي قالسا بۇنچە تىتىلدايمەن.ئۇ توردا بولمىسا مېنىڭمۇ تورغا چىققۇم كەلمەيدۇ؟نىمىشقا......؟؟
ئۇنىڭغا جاۋاب يازدىم.
-كەچۈرۈڭ!!
-ئارىمىزدا كەچۈرۈن سورىغۇدەك ئىش بولمىدىغۇ..
-مەن داۋاملىق ئىچىم سىقىلسا، كۆڭۈل ئاغرىقى تارتساملا سىزگە ئېيتىپ ، ئاچچىقىم كېلىپ قالسىمۇ سىزدىن ئېلىپ سىزنى مالال قىلىپ كېلىۋاتقىنىمنى ھىس قىلماي يۈرۈپتىمەن.
-ئۇنداق دىمەڭ!
-راسىت.. سىز ئۈندىمەي مېنىڭ خاپىلىقلرىمنى تەڭ تارتىشىپ كېلىۋىتىپسىز.
-ئۇنداق دىمەڭ دىدىم.مەن ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم خالاپ قىلىۋاتىمەن ھەم شۇنداق بولۇشىنى خالايمەن.
-نىمىشقا؟
-............
-نىمىشقا دىدىم،بىكاردىن بۇنداق ئالىجاناپلىق قىلىپ ئۆتىۋەرمەڭ،مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي!
-ياق، سىز داۋاملىق شۇنداق قىلىڭ،ئىچىڭىز سىقىلسا،خاپىلىق تارتسىڭىز، يالغۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز،غېرىپسىنسىڭىز يۈز تۇرانە تۇرۇپ دىمىسىڭىزمۇ مۇڭداشقۇدا بولسىمۇ مەيلى ماڭا ئېيتىڭ،مەن خالايمەن.
-مەنىۋى ھايات لېيفىڭ بولماقچىمۇ سىز؟
ئۇنىڭغا كۈلگەن قونچاق ئىپادىسى ئەۋەتتىم. ئۇ بىر ھازا جىمىپ كەتتى-دە ياندۇرۇپ خەت يازدى.
-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
ئاھ..بىردىنلا چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك بولدى. مەن جالاقلاپ تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ بارا-بارا يوغىناپ ئېكرانغا لىققىدە بولۇپ كۆرىنىۋاتقان ئاشۇ خېتىگە قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدىم.ئۇنىڭ سۈرىتى ئاللىبۇرۇن رەڭسىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. مەن ھاڭۋاققىنىمچە شىددەت بىلەن سوقۇۋاتقان يۈرىكىمنى تۇتۇپ ئېكرانغا قاراپ ئولتۇراتتىم.
-كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن ھەدە؟
سىڭلىمنىڭ ئارقامدىن كېلىپ بوينۇمغا گىرە سىلىشى بىلەن ئېسىمگە كەلدىم-دە، ئالمان-تالمان سۆزلىشىش خاتىرىسىنى يېپىۋەتتىم. شۇ تاپ كاللام توختاپ قالغاندەك بولۇپ نىمە بولغانلىقىمنى سىڭلىمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزۈمنىڭ نىمە دىگەنلىكىمنى ئۇقمايىتتىم.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
439
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
829
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
494 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 15:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرىۋېتىپ، ئىككى قىسىم فىلىم تۈگەپ، «قاچانمۇ ئەتە مۇشۇ ۋاقت بولار، يەنە ئىككى قىسىم كۆرىدىغانغا» دەپ ئارزۇ قىلغاندەك، بۇ ئىككى قىسىم «تېلېۋىزىيە تىياتىرى»مۇ تۈگىدى. يەنە ساقلايدىغان بولدۇق. ئامال يوق. بەرگىيەنى كۈتۈش ئەلكۈيىدىكى ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا خۇددى مەشۇقىنى كۈتكەندەك ھەم ئازابلىق ھەم لەززەت ئاتا قىلىدىغان بىر خىل بىتاقەت كۈتۈشكە ئايلىنىپ قالدى. بۇ كۈتۈشلەر سىزگە غەيرەت ئاتا قىلسۇن. ئاھۇ كۆزلىرىڭىز مۇشۇنداق لەپ - لەپ قىلىپ يۇمۇلۇپ، ئېچىلىپلا تۇرىدىكەن بىز زېرىكمەي كۈتۈشكە تەييار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش