ئىگىسى: bargiya

قانسىرىغان گۈل (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 12:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەرگە تۇتاشقان كۈنلەرنىڭ سايىلىرىمۇ ماڭا شۇ قەدەر ۋەھىمىلىك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئاشۇ كۈندىكى  سىڭلىمنىڭ سالامغا قاراشلىرى، ئامراقلىق قىلىشلىرى ماڭا بۇنىڭ ئادەتتىكى ئاكىغا بولغان ئامراقلىق ئەمەستەك تۇيۇلدى.ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ھاياجىنى خېلى ئۇزۇنغىچە بېسىقمىدى. زوق-شوق بىلەن ئۆزىنىڭ دائىم مۇڭداشقۇدا سالام بىلەن سۆزلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى، سالامنىڭ ئۆزى قاچانلا بىرەر ئىشلارغا يولۇقۇپ ياردەم سورىسا مەسلىھەت سورىسا ئىخلاس بىلەن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ،سىزنىڭ مىجەزىڭىز ھەدىڭىز بىلەن پەقەت ئوخشاشمايدۇ لېكىن چىرايىڭلار بەك ئوخشايدۇ دىگەنلىكىنى ...كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى. بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندىكى ھاياجانلىق تۇرقى ماڭا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھىسسىياتنىڭ ئادەتتىكى ھىسسىيات ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. مەن كېچىچە دىگۈدەك ئۇخلىيالمىدىم...
ئەتىسى ئىشقا باردىم، سالامنى كۆرۈشۈم بىلەنلا سىڭلىمنىڭ ئاخشامقى ئېغىزى بېسىقماي سالامنى  سۈپەتلەشلىرى قايتا قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ سىڭلىمنىڭ ھىسىياتىدىكى بۇ نازۇك نۇقتىنىڭ راستىنلا مەن ئويلىغاندەك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىچىمدە ئاللادىن مىڭ تىلەك تىلىدىم.
-نىمە بولدى،بەك روھسىز كۆرۈنىسىزغۇ؟
ئەتىگەنلىك ئوپراتسىيەدىن چۈشكەن سالام ماڭا  ئوپراتسىيە قىلىنغان بىمارنىڭ ئوكۇللىرى يېزىلغان  دەپتەرنى سۇنۇۋىتىپ سورىدى.
-بىز پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟
-قاچان؟
-ئىشتىن چۈشكەندە، سىز ئاۋال قايتىپ بىز دائىم بارىدىغان ھېلىقى يەرگە بېرىپ ساقلاپ تۇرۇڭ،مەن كەينىڭىزدىن بارىمەن.
-نىمە بولدى؟بىرەرئىش بولدىمۇ؟-ئۇ تەشۋىشلىك ھالدا كۆزلىرىمگە تىكىلدى.
-بارغاندا بىلىسىز
سىستىرالار باشلىقىنىڭ جىددى كىرىشى بىلەن سۆزىمىز ئۈزۈلدى:
-سالام دوختۇر،بىر كېسەل بەك بولماي كېتىۋاتىدۇ.
بىز پاتپاراق بولغىنىمىزچە يۈگۈردۇق.

بىز ئۇ كۈنى كۆرۈشەلمىدۇق. سوقۇر ئۈچەي قوساقتا يېرىلىپ كەتكەن بىمارنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغاچ شۇ كۈنى بىر كۈن ئوپراتسىيە ھەم جىدىي قۇتقۇزۇشتا بولۇپ ئۇنىڭ ھىچ ھالى قالمىدى. بىزمۇ پاتپاراق بولۇشۇپ شەخسىي ئىشلىرىمىزنى ئويلىغۇدەك ھالىمىز قالمىدى.
*******
غەيرەت سىڭلىم ئىككىمىزنى شەھەرگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. مېنىڭ بارغۇم يوق ئىدى.بىراق سىڭلىمنىڭ ئوتتەك بارغۇسى بار . بىچارە ئۇكام بەلكى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غەيرەت ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ياىشى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ دەم ئېلىشىمنى ئالدىم-دە،ئۇنى ئېلىپ غەيرەتنىڭ قېشىغا مېڭىپ كەتتىم.
غەيرەتنىڭ قېشىغا بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ سالام كۆزلىرىنى چۆچەكتەك ئاچقىنىچە تۇرۇپلا قالدى.ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن رەڭگىدىن مېنىڭ غەيرەتنىڭ قېشىغا بېرىشىمدىن ئۆلگۈدەك رەشك ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى.ئەلۋەتتە ،بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىق ئىدى.ئۇ مېنى دەپ بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى.
غەيرەت بىزنى ئۆزى ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. بىز ئۇنىڭ ئىككى ئېغىزلىق ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇق. ئەسلىدە ئۇ بىزنى باشقا مىھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىدى.بىراق مەن ئۇنىمىدىم.ئۇنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ شارائىتى تېخىمۇ ياخشى مىھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇرۇمەن دىيىشىمۇ ماڭا گۇمانلىق بولۇپ بىزنى ئەتتەي ياتىقىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بۇنداق «قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ»بولۇپ ئۆتۈۋىرىشىمنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئەگەردە شۇنداق بىرەر ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا ئۆزلىكىدىن يول ئېچىلىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدىم.
چۈشلۈك تاماققا شەھەر بويىچە ئەڭ داڭلىق بولغان «مىراس تاماقخانىسى»غا ئېلىپ باردى. مېنىڭ ئاددىي ،تويغۇدەكلا بولسۇن، دىگىنىمگە ئۇنىماي ئۈستەلگە چىقىرىۋەتكەن ئېسىل قورۇمىلاردىن سىڭلىم توختىماي ھاياجان بىرلە چۇۋۇرلاپ ئارىمىزدىكى جىملىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. غەيرەت ماڭا جۈدەپ قالغاندەك بىلىندى. ئىچىمدە «بىچارە ئىككى ئوتتۇرىدا يۈرىمەن دەپ جۈدەپ كېتىپتۇ »دەپ ئاچچىق خىيال قىلدىم.
-نىمە ئويلاۋاتىسىز؟
سىڭلىم تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ماڭا يېقىن سۈرۈلۈپ ئولتۇرۇپ سورىغاچ قولۇمنى تۇتتى.مەن شۈركىنىپ ئىتتىك قولۇمنى تارتتىم. توۋا ئالدىمدا تۇرغىنى ھالال نىكاھلىق 3 يىللىق يولدىشىم ئىدى. نىمىشقا بۇنداق بولۇمەن،نىمىشقا ئۇنىڭدىن شۈركىنىمەن،نىمىشقا ئۇنىڭغا يات ئادەمگە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمەن؟
ئۆزۈمنى ئەيىپلىسەممۇ ئامالىم يوق ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ماڭا قارىغان رەنجىش ئارىلاش تەشنالىق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا سالامنىڭ كۆزلىرى بولۇپ كۆرۈنەتتى.ئۇ خۇددى باش ئۈستىمىزدە تۇرۇپ«گۈلنەزەر،ماڭا يۈز كېلەلەمسىز؟»دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
-گۈلنەزەر. مەندىن تېخىچە رەنجىۋاتامسىز؟ ماڭا كۆڭلىڭىزدىكىنى ئېيتسىڭىزچۇ!
ئۇ يېلىنغاندەك تىكىلدى. توۋا ئۇنىڭ قاراشلىرى شۇنداق سەمىمىي.. بۇنداق سەمىمىي قاراشلارنى كۆرمىگىنىمگە قانچە ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغاندۇ؟ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشلىرى مەن ئۇنىڭدىن گۇمانلانغاندىن باشلاپلا ئەسلى ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان ئىدى. شۇ سەۋەب ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق سەمىمىي ھالدا قارىغىنىنى كۆرۈمەن دەپمۇ ئويلىمايىتتىم. ھەممە ئىشلرى سۆزلىرى ھەممىسى ساختا ئىدى.
مەن ئىككى ئارىلىقتا قىسىلىپ قالغانەك مۆلۈلدىگىنىمچە ئۇنىڭ كۆزلىردىن كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
-سىزدىن رەنجىگەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
-نىمىشقا بىلمىگۈدەكمەن؟ سىزنىڭ مەندىن ئۆزىڭىنى ئېلىپ قېچىشلىرىڭىز، ماڭا يېقىن يولىماسلىققا قەسەم قىلغاندەك زادىلا يېقىن كەلمەسلىكلىرىڭىز، كەيپىياتىڭىزدىكى ئۆزگىرىش،ماڭا گەپ قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالغانلىقلىرىڭىز، ھەممىسى ماڭا سىزنىڭ خاپا بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.
-ئەمىسە نىمىشقا بۇ خاپا بولۇشنى بىر تەرەپ قىلىۋەتمەيسىز؟
-مەن سىزنىڭ خاپا بولغىنىڭىزنى بىلدىم ،بىراق نىمىشقا خاپا بولغىنىڭىزنى بىلمىدىم.
تىترەپ كەتتىم،بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم«ۋۇ ساختىپەز..ئادەم دىگەنمۇ بۇنداق ئۇستا رولچى بولامدىغاندۇ.. رولنى مۇشۇنداقمۇ ياخشى ئالامدىغاندۇ؟ ھەيھات،، بۇنداق كىشىلەرگە نىمە دىيىش كېرەك.
خېلىلا ئۇزۇن يوقاپ كەتكەن سىڭلىم خۇشال ھالدا يانفۇنىنى قولىدا كۆتۈرگىنىچە قايتىپ كىردى.
-ھى ھى.. ئىككىڭلار ياشلىقىڭلارنى ئەسلەتامسىلەر يېقىن ئولتۇرۇشۇپ..
.ئۇنىڭ چاقچاق ئارىلاش قىلغان سۆزىدىن كېيىنلا مەن غەيرەتنىڭ تېخىچە ئورۇندۇقنى ماڭا يېقىن قىلغىنىچە مۆلۈلدەپ مەندىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدىم.غەيرەتمۇ ئىتتىك ئۆزىنى ئوڭشاپ سىڭلىمغا قاراپ:
-ۋۇ شەيتان،دىمەيدىغان گېپى يوق،-دىدى،دە ئورۇندۇقىنى نېرىغا تارتتى.
-ھەدە، سالام ئاكام تېلېفۇن قىپتۇ.
يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. دىمەك سالام كۈندەشلىك ئوتىدا ئولتۇرالماي ئەھۋال ئىگەللەپ بېقىش ئۈچۈن سىڭلىمغا تېلېفۇن قىلغان ئىدى. سالام دىگەن سۆزدىن  ئېغىپ كەتكەن يۈرىكىمنى قولۇمدا بېسىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا نىمە دەيدۇ دىگەن نەزەردە تىكىلدىم.
-مەن غەيرەت ئاكامنڭ بىزنى كاتتا بىر رىستۇرانغا ئەكەلگەنلىكىنى تاماق يەۋاتقانلىقىمىزنى، ئۆزۈمنىڭ  بىر-بىرىنى سېغىنغان سۆيۈملۈك ئەر-ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ تازىلىق ئۆيى باھانىسىدە سىرتقا چىققانلىقىمنى دەپ بەردىم.
ئىختىيارسىز تولغىنىپ كەتتىم.بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقاندىكى سالامنىڭ ئازابلانغان چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلدى. قوللىرىم تىترەيتتى،يۈرىكىم پۇلاڭشىيىتتى.
-سالام دىگەن ھېلىقى بىزنىڭ ئۆيگە كومپۇيۇتۇر ئورنىتىشقا ياردەمدە بولغان ھەم سىزگە كومپۇيۇتۇر  تاللىشىپ ئېلىپ بەرگەن خىزمەتدىشىڭىزغۇ ھە،-دەپ سورىدى غەيرەت.
-ھە..ھەئە،-دۇدۇقلىغىنچە جاۋاب بەردىم.
-سالام ئاكاش دىگەن ئۇستا دوختۇر غەيرەت ئاكا،ئۇ ئۆزى ياش بولغىنى بىلەن ھازىر دوختۇرخانىدا تەس ئوپراتسىيەلەرنىمۇ باش بولۇپ قىلىدىكەن، دوختۇرخانىدا نامى بار ئىكەن . ھەممىسى سالام دوختۇر دىسا سالام دوختۇر دەپ كېتىدىكەن. ئۆزىنى كۆرسىڭىزمۇ بەك كېلىشكەن، سالاپەتلىك، مىھرى ئىسسىق بىر ئاكاش.
سىڭلىم زوق-شوق بىلەن سالامنى تۇنۇشتۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ مېنىڭ يۈرىكىم شۇنداق ئاغرىپ كەتتى. غەيرەت بولسا ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭ سۆزنى ئاڭلاپ يەنە ئۇنى -بۇنى سورىدى سالام توغرىلىق. ئاندىن ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى. بۇ كۈلۈشتىن سىڭلىمنىڭ سالامغا بولغان باھالىرىدىن يۈرىكىم ئاغرىغان ،نىمىنىدۇر تەشۋىش قىلغان ھالدا زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتىم .
بىز بىر كۈن كەچكىچە بىللە بولدۇق. شۇنداق ئالدىراش ئۆتىدىغان غەيرەت نىمىشقىدۇر بىكار بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يا ئىشقا چىقمىدى. بىز بىلەن بىللە بولۇپ تاماقتىن كېيىن سىڭلىمنى شەھەرنىڭ ئوينىتىدىغان يەرلىرىگە، باغچىلىرىغا ئېلىپ باردى. ئۇ نىمە دىسە شۇنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ كەينىدە روھى چىقىپ كەتكەندەك سۆرۈلۈپ يۈرگەن مەن ئۈچۈن بۇ كۈن بەك تەستە ئۆتتى. شۇنداقتىمۇ خۇشال بولىدىغان يېرىم سىڭلىم بەك بەك خۇشال ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خۇشاللىقى مېنىڭمۇ خۇشاللىقىم. مېنىڭ جاپايىم ئۈستىگە خۇشاللىق قۇرۇمەن دىسىمۇ ھىچ ئايانماي مەن جاپا تارتىشقا رازى ئىدىم.

UID
4964
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1203
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-18
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 13:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراقلا يېزىپ ئەۋەتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئوقۇپلا قانساق...

UID
43961
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 14:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى بوپ قالامدۇ نىمە؟

UID
43246
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 14:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ،روھلۇق بۇلۇڭ!ئاخىرىغا تەشنامىز!

UID
6463
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1047
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 22:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(بەرگىيە ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ،روھلۇق بۇلۇڭ!ئاخىرىغا تەشنامىز!)
قارىغاندا بەرگىيەنىڭ ئەسىرىنى تۇنجى ئوقۇشىڭىز ئوخشايدۇ،باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇپ  بېقىڭ.ھەر بىر ئەسەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا قەلەم ئىگىسى ئۈچۈن ياش تۆكىسىز ،مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىسىز.بۇ قىزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى كەرىمە نادىرنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشايدۇ. تىلى  ئاجايىپ گۈزەل،تىلغا باي.

UID
39394
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 22:54:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا گۈلنەزەر يولدىشىنىڭ يېنىدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا بەزى ئىشلار ئايدىڭلىشىدىغاندەك قىپ تۇرىدۇ . مىنىڭچە ئەر ئاياللار داۋاملىق بىللە تۇرمىغان شارائىتتا چۇقۇم تىلفۇندا بولسىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشى كېرەك . لىكىن بۇ ئىككىىسى ئىزچىل ئەھۋاللىشىپ ، پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىدى بولمىسا  .......... ئەمدى كىيىنكى بۆلەكلىرىدە قانداق ۋەقەلىكلەر چىقار ؟

UID
28680
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-18
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 19:23:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە قارايمەن بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىسى چىقىپ قالامدىكىن دەپ ، قاچان چىقار زادى ؟!

UID
11985
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 06:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە ئەر خوتۇن بولغاندىن كىيىن باشتىلا يولدىشىدىن گۇمانلانغاندا ئوچۇق دىيىشى كىرەك ئىدى.زادى ئەر خوتۇن ئايرىلىپ تۇرسا بولمايدۇ جۇمۇ

UID
11985
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 06:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە ئەر خوتۇن بولغاندىن كىيىن باشتىلا يولدىشىدىن گۇمانلانغاندا ئوچۇق دىيىشى كىرەك ئىدى.زادى ئەر خوتۇن ئايرىلىپ تۇرسا بولمايدۇ جۇمۇ

UID
44070
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 12:10:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تورداشلار مىنىىڭ ئەلكۇيى تورىغا تۇنجى قېتىم ئەزا بۇلۇشۇم .كۆپرەك ياردەم قىلارسىلەر. بەرگىيە مەن بۇرۇندىن سىز يازغان ئەسەرلەرنى ياختۇرۇپ ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن .قەلەم قۇۋىتىڭىزگە بەك قايىل.ھارمىغايسىز    ئاخىرىغا تەشنا بىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش