ئىگىسى: bargiya

قانسىرىغان گۈل (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
44232
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى .....................................................................                                                                               ئاخىرى .................،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،                                                              يەنە چىقماپتۇ ............

UID
34767
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-21
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:59:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قاچانمۇ چىقار .........................

UID
41774
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 14:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
41774
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 14:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى  چېقتېمىكى  دەپ  ئاختۇرسام  چىقماپتۇ  تىزراق  چېقىشغا  تەشنامەن  .  ئالدىرغان  يۇلدا  قاپتۇ ، دىگەن گەپمۇ  بار  ھىكايىنىڭ  تىخىمۇ  ياخشى  چىقىشى  ئۇچۇن ئالدىرماي  ئەتراپلىق  پىكىر  يۇرگۇزۇشىڭىزگە  تىلەك  داشمەن

UID
25168
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-7
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 16:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەت سانىغا قاراپ ئاخىرى چىققان ئوخشايدۇ دەپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ يۇگۇرۇپ كىرىپتىكەنمەن
قاچانمۇ يازارسىز ئاخىرىنى.............................

UID
6463
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1047
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 16:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە ئاي تېچلىقتۇ؟

UID
44232
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 18:32:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي يەنە يوققۇ ..........................................................

UID
44226
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 18:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 10:35:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن روھسىزمەن.  غەيرەت ئەتىگەندە ئىدارىسىغا چىقىپ كىرگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كىرگەنلىكىنى،  بۈگۈن سىڭلىمغا تۈنۈگۈن بەرگەن ۋەدىسى بويىچە شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى ئېچىلغان ھايۋانات باغچىسىغا ئاپىرىپ ئويناتماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاخشام كېچىچە دىگۈدەك ئۇخلىيالمىغانلىقىم سەۋەبىدىنمىكىن كاللام ئېغىر، كۆزلىرىم قىزارغان،گاراڭ ھالىتىمدە مېنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ ھوزۇرلىنالىشىمغا كۆزۈم يەتمىدى.غەيرەت بەكمۇ ئەنسىرىدى.مېنى مىجەزى يوق دەپ دوختۇرغا ئاپارماقچىمۇ بولدى. لېكىن مەن پەقەت چارچاپ كەتكەنلىكمنى ئېيتىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدىم-دە، يېتىپ ئارام ئالماقچى بولۇپ ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدۇم.
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۇخلىماقچى ئىدىم ،زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم. كاللامدا جىددىي كۈرەش بولۇۋاتاتتى. زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ نىمىشقا زادى نىمىشقا بۇنداق بولۇدۇ؟
تۈنۈگۈندىن بېرى غەيرەتنىڭ ماڭا شۇ قەدەر سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن تىكىلىشلىرى،ماڭا كۆيۈنۈشلىرى، پۈتۈن ۋاقتىنى ئاجرىتىپ سىڭلىم ئىككىمىزگە ھەمرا بولۇشلىرى مېنىڭ ھېلىقى ۋاقىتتىكى  كۆرگەنلىرىمنى، ئىشىك تۈۋىدە ئاڭلىغان،  تېلېفۇنلاردىن سوزۇلۇپ چىقىپ قۇلاقلىرىمغا ئۇرۇلىدىغان ئاشۇ ئاۋازنى،غەيرەتنىڭ ھودۇقۇشلىرىنى ،تەمتىرەشلىرىنى ئىنكار قىلاتتى.ئەجىبا..مەن راستىنلا شۇ قەدەر خاتا چۈشىنىپ قالغاندىمەنمۇ ؟ئىچ مىجەزلىكىم سەۋەبىدىن كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ غەيرەتكە قىيداپ بۇ ئەھۋاللارنى ئوچۇق ئېيتماي خاتا قىلدىممۇ يا؟ئۇنىڭ خاتالىقى خوپ كەلگەندەك شۇ ئىشتىن كېيىن ئۆزۈمنى گۇناھكار ھىس قىلماي ئەركىن ھالدا سالامغا كۆڭۈل بېرىشلىرىم تېخىمۇ خاتا بولغان ئىش شۇنداق ئەمەسمۇ؟
كۆز ياشلىرىم كۆزلىرىمدىن  چىقىپ مەڭزىمنى يۇيغىنىچە ئىڭىكىمدىن تۆۋەنگە سىرغىيىتتى.ئاھ..بىزگە زادى نىمە بولدى؟بىز نىمىشقا بۇ قەدەر ياتلىشىپ كەتتۇق؟نىمىشقا بىر-بىرىمىزنىڭ قېشىغا كەلسەك شۇنچە شۈركىنىمىز؟نىمىشقا بىر-بىرىمىزدىن شۇنچە ياتسىرايمىز؟نىمىشقا بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە يۈرەكلىك تىكىلەلمەيمىز؟بىزنى بۇنداق يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن زادى نىمە؟نىمىشقا بۇنداق بولۇدۇ؟ زادى نىمىشقا؟
قانچىلىك يىغلىدىمكىن كۆز ئالدىمدىكى مانانلار سۈزۈلۈپ كۆز ئالدىم يورۇشقا باشلىغاندىلا ئاندىن كۆز يېشىمنىڭ قۇرۇپ تۈگىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ياتماقچى بولۇپ  كەينىمگە قايىتماقچى بولۇۋىتىپ ئىختىيارسىز كۆزۈم ياتاق دېرىزىسىگە قىيپاش كېلىدىغان يان يول بويىدىكى بۈككىدە تىكىلگەن كۆچەتلەر ئاستىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىرسىگە چۈشتى.سېرىق رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بىر ئايال بوينىنى سوزغىنىچە ياتاق دېرىزىلىرىگە قاراۋاتاتتى، قانداقتۇر بىر قىزىقىش بىلەن ئاستا ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ ئۇ ئايالنىڭ ھەركىتىگە سەپ سالدىم، ئۇ ئايال قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ دېرىزىلەرگە قاراپ چىقتى-دە،يېنىدىن يانفۇنىنى ئېلىپ بىرىگە تېلېفۇن قىلدى. دەل شۇ چاغ،ياتاقتىكى تېلېۋۇزۇر قويۇلغان ئۈستەلدىن تېلېفۇن ئاۋازى كەلدى. مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا  ئاستا بېرىپ قارىدىم. غەيرەتنىڭ تېلېفۇنى شۇ يەردە قالغان ئىدى.بۇ قانداق بولغىنى؟ ئەسلىدە غەيرەت مېڭىشنىڭ ئالدىدا   تېلېفۇنىنى ئېلىپ شۇ يەرگە قويۇپ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپلا چىقىپ كەتكەندە تېلېفۇنى قېلىپ قالغان ئىكەن.مۇرەككەپ تۇيغۇلار ۋە تىترىگەن قوللىرىم بىلەن تېلېفۇننى ئېلىپ پەردە ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان ھالدا ئۇ ئايالنى كۈزەتكەچ سۆزلىشىش كۇنۇپكىسىنى باستىم  .
-ياخشمۇسىز غەيرەت؟
ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئايال كۆزىنى دېرىزە تەرەپتىن ئۈزمەي تۇرۇپ  قۇلىقىغا تېلېفۇننى ياققان ھالدا سۆزلەۋاتاتتى.
-ۋەي گەپ قىلىڭە؟ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ئۆتكەندىكى مەن سىزگە دىگەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بىلىپ باقاي دىگەنتىم.
-ۋەي.. مەن غەيرەتنىڭ ئايالى
ئۇ ئايالنىڭ چۆچۈپ كەتكىنى، ئىتتىك تېلېفۇنىنى ئېلىپ نومۇرىغا بىر قارىغانلىقىنى ئاندىن ئىككىلەنگەن ھالدا تېلېفۇنغا قاراپ قالغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇراتتىم.
_غەيرەت تېلېفۇنىنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىكەن. مەن كەلگەندە يەتكۈزۈپ قوياي.سۆزلەۋىرىڭ!
ئايال ئىككىلىنىپ بىر دەم تۇردى-دە، ئىتتىك تېلېفۇننى بېسىۋىتىپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا ماڭدى.مەنمۇ دەرھال ئۈستۈمگە يېپىنچامنى ئارتتىم-دە، سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم.   يۈگۈرگىنىمچە چۈشۈپ ياتاق ئالدىدىكى گۈللۈكنى كېسىپ ئۆتۈپ باياقى جايغا كەلدىم. بىراق ئايال ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق ئىدى.ئۇ يان-بۇ يان قارىدىم. يول دوقمۇشىغىچە يۈگرەپ باردىم .بىراق، يوق ئايال شۇنچىلىك تېزلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدىكىن مېنىڭ بايىلا تېخى بۇ ئىشلارنىڭ تەكتىگە يېتىپ بېقىش ئەگەردە ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولسا غەيرەتنى ۋە ئايالنى قىينىماسلىق شۇنداقلا بۇ توغرىلىق ئەمدى غەيرەت بىلەن سۆزلىشىشكە ئىمكان تۇغۇلغانلىقىدەك قىياسلىرىم ھەممىسى يوق بولغان ئىدى. مەن سولاشقان ھالدا بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.ئىىچ-ئىچىمدىن ئاچچىق مىڭەمگە تېپىپ چىقتى. نىمىشقا زادى نىمىشقا داۋاملىق مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپلا تۇرۇدۇ؟ ئەمدىلا غەيرەتنىڭ ماڭا بولغان سەمىمىيىتىدىن تەسىرلىنىپ تۇرغىنىمدا چوقۇمكى بىر ئىش يۈز بېرىپلا قانلىرىمنى قاتۇراتتى.قانداق قىلشىىم كېرەك، زادى قانداق قىلاي؟
دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇمنىڭ ئۇچۇر كۆزنىكى  سادا بەردى.ئىتتىك قارىدىم. ئوتتۇرىدىن يېرىلىپ قان تامچىپ تۇرغان  يۈرەك. سالام
ئاھ..تىترەپ كەتتىم. ئىرادىلرىم گۈمۈرىلىپ چۈشتى. قان تامچىپ تۇرغان يۈرەك مېنىڭ ئەقىل-ئىدرىكىمنى يەنە قامال قىلىۋالدى.قوللىرىم ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا تېلېفۇن كۇنۇپكىسى ئۈستىدە ئوينىدى.
-ياخشىمۇسىز
-ياخشىمۇسىز، ۋاي خۇدايىم بۇ راستىنلا سىزمۇ گۈلنەزەر
ئۇنىڭ ھاياجان بىلەن تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازى پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى جۇغۇلداتتى.
-سىزدىن خەۋەر ئالالماي، يا تېلېفۇن ئۇرالماي ساراڭ بولۇپ قالاي دىدىم. مەنمۇ دەم ئالدىم، ياتاقتا بۇرۇقتۇم بولۇپ ئولتۇردۇم.ئىشقا چىقساممۇ بەرىبىر سىز يوق، ئىشلىرىمنىمۇ يۈرۈشتۈرەلمەسلىكىم،كالامپايلىق قىلىپ  باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشۇم مۇمكىن جېنىم. سىزنى بەك بەك كۆرگۈم كەلدى.ئۆتۈنۈپ قالاي، قايتىپ كېلىڭ،مېنى بۇنداق قىينىماڭ بولامدۇ؟مېنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ بولامدۇ؟
ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن دەم ئالماي ئېيتىۋاتقان سۆزلىرى مېنى ساراڭ قىلىپ قوياي دىدى.
-سالام،-مەن يىغلاشقا باشلىدىم. باشقا گەپ قىلالماي پەقەت ئۇنىڭغا بولغان سۆزلىرىمنى كۆز ياشلىرىمغا سىڭدۈرگەن ھالدا لەنىتى ياشلىرىم كۆزلىرىمدىن توختىماي سىرغىيىتتى. بىز قانچىلىك سۆزلەشتۇقكىن،ئۇنىڭ ماڭا چىدىمايدىغانلىقى، مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئۇنىڭغا باغلىۋەتكەن ئىدى.
.................
-ھەدە،بىز قايتىپ كەلدۇق.تېخىچە ياتتىڭمۇ نىمە؟ ساڭا تېلېفۇن بېرىپ ئالالمىدۇققۇ؟
سىڭلىم بىلەن غەيرەت ئىككىسى قايتىپ كەلدى.مەن سالام بىلەن سۆزلىشىپ تېلېفۇننىڭ توكى قالمىغاندىلا ئاندىن قايتىپ كىرگەن ئىدىم.
-ۋۇي، مىجەزىڭىز بەكلا يوقمۇ نىمە ؟-غەيرەت ئەنسىرىگەن ھالدا پىشانەمنى تۇتتى،-كۆزلىرىڭىز...
-ياق مەن ياخشى، تولا ئۇخلاپ قاپاقلىرىم ئىششىپ كېتىپتۇ شۇ،-مەن ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇردۇم،-تېلېفۇننىڭ توكى قالماپتۇ .غەيرەت سىزنىڭ تېلېفۇنىڭىز ياتاقتا قاپتىكەن، شۇنىڭغا ئۇرساڭلار بولمامدۇ؟
-نىمە؟-غەيرەتنىڭ چىرايى ماڭا ھودۇقۇپ كەتكەندەك كۆرۈندى،-مەن ئەتىگەن ئىدارىغا چىققاندا تېلېفۇندا سۆزلەشكەن ئىدىم. تېخى ئىدارىدا قاپتۇ دەپ ئويلاپتىمەن، بۇ يەردە قاپتۇ-دە.
--ھەئە،بىر ئايالدىن تېلېفۇن كەلدى بىراق مەن ئالسام قويۇۋەتتى.
سىڭلىمنىڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىشى ببىلەن ئاستاغىنە شۇنداق دىدىم.غەيرەتنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى. ئۇنىڭ تېلېفۇننى ئېلىۋاتقاندىكى قوللىرىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
-ھىچنىمە دىمەي قويۇۋەتتىمۇ؟
-شۇنداق، مەن غەيرەت ئەمەس ئۇنىڭ ئايالى دىيىشىم بىلەن قويۇۋەتتى،-ئۇنى سىنچى كۆزلىرىم بىلەن كۈزىتىۋاتاتتىم . ئۇ ماڭا قاراپ ئەمدى ئېغىز ئاچاي دىيىشى بىلەن سىڭلىم تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى-دە:
-بىز ئازراق بىر نىمە يىدۇق، غەيرەت ئاكام تاماق ئېلىپ كىرىپ ياتاقتا يەيلى ،ھەدىڭىز چوقۇم ھىچنىمە يىمىدى دەپ تاماق ئالغاچ كىردۇق.بولۇڭلارچۇ ئەمىسە تاماق يەيلى،-دىدى.
بىز ئۈستەلنى راستلاپ ئۇلار ئېلىپ كىرگەن توخۇ كاۋىپى، ۋە مۇزلىتىلغان كالا گۆشى،لەڭپۇڭ قاتارلىقلارنى ئېلىپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇپ يىيىشتۇق. سىڭلىم ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئاجايىپ چىرايلىقلىقىنى، ئۇ يەردىكى ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان ھايۋاناتلارنى، ھايۋاناتلارنى بۇنداق يېقىندىن كۆرۈشنىڭ باشقىچە بولىدىغانلىقىنى دىگەندەك سكزلەرنى تىماي سۆزلىمەكتە ئىدى.
تامقتىن كېيىن ئۇلار ئارام ئېلىشتى. غەيرەت ئىدارىسىغا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتىن پايدىلىنىپ سىڭ،ىمدىن سورىدىم:
-بىز بۈگۈن كەچتە قايتايلى گۈلرەبا
-نىمىشقا؟
-بولدىغۇ تۇردۇق،ئوينىدۇق كېتىشىمىز كېرەكقۇ؟
-ياق ھەدە،كەلگەندىن كېيىن يەنە بىر كۈن بولسىمۇ تۇرايلى،سېنىڭمۇ دەم ئېلىشىڭ توشمىدى. مەن بۈگن كەچلىك تامقنى سىلەر بىلەن يىمەيمەن غەيرەت .ئاكامدىن رۇخسەت سوراەپ قويدۇم شەھەرلىك مەكتەپدىشىم  بارغۇ ھېلىقى دىلنۇر دىگەن ھە ئۇ بۇ يەرگە كىرەخنىمنى ئاڭلاپ 0مېنى كەچتە بىللە تامق يەيلى دەپ كەتتى. سەندىنمۇ سورىشىم كېرەك رۇخسەتمۇ ھەدە؟
ئۇ چىرايلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە تەلمۈردى. نىمە دىيەلەيمەن؟ئۇنىڭغا ياق دىيەلەمتىم ياق دەپ تۇرۇۋالسام چوقۇم ئۇنىڭغا چۇشلۇق سەۋەبى بولۇشى كېرەكتە
****************
-سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەمدۇق؟
غەيرەت  ماڭا ئۆتۈتۈنۈش بىلەن شۇنداق دىدى. سىڭلىم كەتكەندىن بېرى بىللە چىقىپ تاماق يەپ كىرگىنىمىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىككىلىمىزلا جىممىدە خۇددى يات ئادەملەردەك ئولتۇرغان ئىدۇق. مەن ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تېلېۋۇزۇرنى ئېچىپ قويۇپ ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەرگە تىكىلگىنىمچە ئولتۇراتتىم. ئۇمۇ ماڭا دەممۇ-دەم قاراپ قويۇپ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلەلمەي ئىھتىيات بىلەن ئولتۇراتتى.ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ماڭا ئېغىز ئاچتى.
-مەن ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. ياتاقنىڭ يېنىغا جايلاشقان كىچىككىنە باغچىنىڭ يالغۇز ئاياق يولىدا كېچىنىڭ ھاۋاسىنى كۈچەپ سۈمۈرگىنىمچە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق تاشلاپ كېتىۋىتىپ تەگسىز خياللارغا ئەسىرمەن. توۋا بىز راستىنلا شۇنداق ياتلىشىپ كېتىپتۇق.بۇرۇنقى يېقىنلىق، بۇرۇنقى تاتلىق پاراڭلاردىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ. شۇ تاپتا مەنمۇ ئۆز خىيالىمنى قىلىۋاتقانغا ئوخشاش ئۇمۇ بەلكىم ئۆز خىيالى بىلەن  كېتىۋاتقاندۇر ھە؟
-بۇ يەردە ئولتۇرايلىمۇ ؟ئۇنىڭ ئاۋازى خياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى
مەن ئۈندىمەي باش لىڭشىتتىم.ئۇ قولىدىكى گېزىتنى دەرەخ تۈۋىدىكى ياپ-يېشىل چىملىققا يايدى.ئىككىلىمىز ئولتۇردۇق.
-سىزگە بىر گەپنى ئېيتاي دىگەنتىم.
يۈرىكىم  ئىتتىك سوقۇپ كەتتى.دىمەك ئۇ بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەممە گەپنى ئېيتىش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
-قېنى ئېيتىڭ!
بوش ئاۋازدا شۇنداق دىدىم. تەرتىپسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى قويۇۋالدىم. ئۇنىڭدىن كۈتۈلمىگەن گەپنى ئاڭلايدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئىككىمىزدىن بىرىمىز ھامان بالدۇر ئېغىز ئېچىشىمىز كېرەك ئىدى. مېنىڭ ئېغىز ئاچقىنىمدىن ئۇنىڭ بالدۇر ئېغىز ئېچىشى مېنى ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق.
-سىزدىن ھېلىقى سالام دوختۇر توغرىلىق  بىلەي دىگەنتىم.
يۈرىكىم شىددەت بىلەن پۇلاڭلىدى. كۆزلىرىم چۆچەكتەك ئېچىلغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم.

-نىمە بولدى؟ مەن سىزنىڭ خىزمەتدىشىڭىز سالامنى دىمەكچى.
-ھە.. بىلدىم،-يۈرىكىم دۇپۇلدەپ سوققان،تىللىرىم كالۋالاشقان ھالدا ئارانلا شۇنداق دىيەلىدىم.
-ئۇ قانداقراق بالا؟
نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق سوراۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم. ئوغرىلىقتا تۇتۇلۇپ قالغاندەك يۈرىكىم دۇپۇلدەپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتىم.
-قايسى تەرەپتىن دىمەكچى سىز؟
ئارانلا شۇنداق دىيەلىدىم.
-ھەممە تەرەپتىن،مۇھىمى ئەخلاق-پەزىلىتى،
نىمە دىيىشىمنى تېخىمۇ بىلمىدىم مەن غەيرەتنى مۇشۇ ئارقىلىق مەندىن گەپ ئالماقچى دەپلا چۈشەندىم .ئۇ سالام ئىككىمىزدىن ئاللىبۇرۇنلا گۇمانلىنىپتىكەن ياكى بولمىسا بىز بىرەرلىرىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قاپتۇق دىگەن خىيال كېلىشى بىلەن ئۆزەمنى قويۇدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئېيتماقچى ،شۇ باھانىدە بۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇپ بۇ ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋەتكە خاتىمە بەرمەكچى بولدۇم.
-مەن...
ئەمدىلا گەپ باشلاي دىيىشىمگە ئۇ سۆزۈمنى تارتىۋىلىپ يەنە سورىدى:
-ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئارىلىشىۋاتقان قىزى بارمۇ؟
تېخىمۇ ئەندىكىپ كەتتىم.ئاجىزغىنە:
- بىلمەيمەن ،-دىيەلىدىم.
-ئەمىسە سىز بۇ توغرىلىق ياخشى گەپ ئېلىپ بېقىڭ.بۈگۈن گۈلرەبا بىلەن كۆپ پاراڭلاشتىم .قارىسام ئۇ بۇ يىگىتنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئاكىلىق  مەجبۇرىيەت بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بىلىشىم،ئۇنىڭ كېيىن ئازاب تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كېيىنكى ئىشلىرىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن خېلى ئىچكىرىلەپ سورىدىم. قارىسام شۇنداق ئىكەن. سۆزلىرىدىن قارىغاندا سالام دىگەن بۇ بالىمۇ گۈلرەباغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدىكەن. تېخى سىلەر بىللە بىر ئىككى قېتىم تاماقمۇ يەپتىكەنسىلەرغۇ؟
ئۇ ماڭا تىكىلدى. مەن قېتىپ قالغان ھالدا تۇراتتىم .بېشمنى ئاستاغىنە لىڭشىتتىم. شۇ تاپ يۈرىكىم پارچە -پارچە بولۇپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئەنسىرىگەن، گۇمان قىلغان ئىش ئاخىرى يۈز بەرگەن ئىدى. ئاھ.خۇدا..بۇ نىمە كەلگۈلۈك. مەن سالامنى جېنىمدىنمۇ  بەك ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام. سالاممۇ ھەم مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، ئەمدى..
-نىمە بولدى قېتىپلا قالدىڭىزغۇ؟
ئۇنىڭ مېنى تۈرتىشى بىلەن ئېسىمگە كەلدىم. شۇ تاپ يىغلىۋىتىشتىن ئۆزەمنى ئاران تۇتقان ھالدا لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلەيتتىم. كۆكسۈمگە لىققىدە بولۇپ قاپلىشىۋالغان ھاۋانى چىقىرىۋىتىش ئۈچۈن كۈچەپ نەپەس ئېلىپ مەيدەمنى قاماللايتتىم .
-گۈلنەزەر،-ئۇ ماڭا سۈرۈلۈپ ئولتۇردى قولۇمنى تۇتتى. ئىچ-ئىچىمدىن تىترەپ كەتتىم.ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشقا ئىمكان يوق ئىدى.
-بۈگۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. سىزنى ئالدىدىم. سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن.
ئۇ قولۇمنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ جالاقلاپ تىترەۋاتقان مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىن تارتتى.
-ئۇزۇن بولدى،سىزگە بۇ ئىشنى ئېيتاي دىدىم، بىراق سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ چىگىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئېيتالمىدىم.ئۆتكەندە سىز مەندىن بۇرۇنقى ئايالىمنى ئاجراشقاندىن كېيىن كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنىمنى سورىغاندا ياق دىگەن ئىدىم. بىراق سىزگە يالغان سۆزلەپ قويغان ئىدىم. ئايال كىشى دىگەن گۇمانخور كېلىدۇ، ئىچى كۈچلۈك كېلىدۇ ،ھەئە كۆردۈم مېنى ئىزدەپ كەلدى دىسەم سىز چوقۇم گۇمان قىلىپ قالاتتىڭىز. بىراق مەن بۇلارنى سىزگە ئېيتماي خاتا قىلغىنىمنى كېيىن ھىس قىلىپ قالدىم .ئۇ چاغدا دەي دىسەم يەنە نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم. مەن بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا مەن ئۇنى ئۇچراتقان. ئۇ بۇرۇن بەكلا ھاكاۋۇر، مەنمەنچى  بولۇپ ھەدىسىلا ئائىلىدىكىلەرنى، دىھقانچىلىق قىلىدىغان ئۇكامنى ۋە يۇۋاش سەھرالىق ئايالىنى كۆزگە ئىلماي، ئاپامغا قىرىچە -يېنىچە تېگىپ،ئاپامنىڭ دىلىنى بەك تولا ئاغرىتقانلىقى ئۈچۈن بىز ئاجرىشىپ كەتكەن، بولمىسا ئەسلىدە ئىككىلىمىزلا بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرۇپ توي قىلىشقانتۇق. بىز ئاجرىشىپ كېتىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا ئۇ شەھەرلىك بىر تىجارەتچىگە توي قىلىپ خىزمىتىنىمۇ تاشلىۋىتىپ كەتكەن ئىدى. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر قېتىم تۇيۇقسىز ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇنى بۇ ھالدا كۆرەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. چىرايىدىن چوڭقۇر دەرت-ئەلەمنىڭ ئىزناسى بايقىلىپ تۇرۇدۇ. كىيىم -كېچەكلىرى شۇنداق ئاۋارە. ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ بەك نۇمۇس قىلدى. كېيىن بىز پاراڭلاشتۇق.ئۇنىڭ يولدىشى تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ چۈشكۈنلىشىپ ھاراق ئىچىپ بار-يوق ئاخىرقى مۇلكىنى قىمارغا تىكىپ بىراقلا ئۇتتۇرۇپ قاق سەنەم بولۇپ قاپتۇ. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك يېقىندا قىيىن ئانىسى يامان كېسەل بولۇپ بالنىستا يېتىپ قاپتۇ. قىيىن ئانىسىمۇ بولغان  ئىشلارغا ،كېلىشمەسلىكلەرگە خالىدەنى سەۋەپچى،ئۇنىڭ ئايىغى ياراشمىدى دەپ قارايدىكەن. كۈنلىرى بەكمۇ تەستە غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈپ قىيىن  ئەھۋالدا قاپتۇ. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز ۋاقتىدا مەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىدە بەكلا رەنجىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئۇلارغا دەپ يىغلاپ بېرىشقا يۈزى چىدىمايدىكەن. ئۇ مەندىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاددىي بولسىمۇ بىرەر ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھاكاۋۇر مەنمەنلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ھالىتىنى كۆرۈپ يەنە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دەپ يۈرۈپ ئۇنى 00ئىدارىنىڭ خەت -چەكلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورنىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم. قىيىن ئانىسىنىڭ كېسىلى بارغانسىرى يامانلىشىپ  يەنىلا ۋاپادارلىق قىلىپ قاراۋاتقان بۇ كېلىنىگە يېلىنىپ يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن كەنجى قىزىنىڭ خىزمەت ئىشىغا بىر ئامال قىلىپ يول مېڭىپ بېقىشىنى، شۇندىلا ئۆلسىمۇ خاتىرجەم كۆزى يۇمۇلىدىغانلىقنى ئېيتىپ تەڭقىسلىقتا قويۇپتۇ.  ئۇ ماڭا شۇ سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالىنى دەپ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئۆتۈندى. يەنە قاراپ تۇرالمىدىم، بوپتۇلا كىشىنىڭ قىلغىنى كىشىدە قالماس دەپ سىڭلىسنىڭ ئارخىپ ماتىرىياللىرىنى ئېلىپ قالغان ئىدىم. شۇنى سۈرۈشتۈرگىلى كېلىپ تېلېفۇن قىلغان چېغى سىز ئېلىپ قاپسىز. جېنىم گۈلنەزەر سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست. سىزگە بەرگەن كۆڭلۈمنى باشقىلارغا بېرىشكە ۋىجدانىم يول قويمايدۇ.بۇ گەپلەرنى سىزگە دىمىگەن كۆڭلىڭىزنى چىگىپ قويغان گۇناھ مەندە. مېنىڭ تىلغا ئالمىغان سەۋەبىم  پەقەت خالىدەنىڭ مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم بولۇپ قالغانلىقىدا.
ئۇ شۇ قەدەر سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەۋاتاتتىكىن مەن بارلىق خىياللىرىمنىڭ ئەكسىنچە مۇھەببەت -نەپرەت چىگرىسىنى ئايرىغان مۇنۇ كىشىگە ئۆز مۇھەببىتىمنى بەرمەي ئاسىيلىق قىلغانلىرىمدىن تولغانغان ھالدا قېتىپ ئولتۇراتتىم.ئۇ سۆزىنى تۈگەتتى. كاللامغا ھېلىقى تېلېفۇندىكى ئىنچىكە ئاۋاز سوزۇلۇپ كىردى. ئۇنىڭدىن بۇنىمۇ سوراپ بېقىشىم كېرەك ئىدى. ئۇ نىمىشقا بۇرۇنقى ئايالى خالىدەنىڭ ئىشلىرىنى شۇنچە تەپسىلىي دەپ بېرىدۇ-يۇ، كەلگەن شۇ تېلېفۇن توغرىلىق پاراڭ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ.ياق ھەممە ئىش ئېنىق بولۇشى كېرەك. مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئېغىزىمنى ئۆمەللىدىم. دەل شۇ چاغ ئۇنىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلىدى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
285
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7566
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا............... تازا قىزىپ ئوقۇۋاتاتتىم.
ئاخىرىنى پەرەز قىلىپ باقاي دەپمۇ پەرەز قىلالمايۋاتىمەن؟ بۇ تېلېفۇن كىمدىن كەلگەندۇ ئەمدى؟ ھېلىقى ئىنچىكە ئاۋاز زادى كىمنىڭ ئاۋازىدۇ؟ غەيرەتنىڭ كاتىپى بىلەن چاتىقى بارمىدۇ ياكى بۇمۇ بىر خاتا چۈشەنچىمىدۇ؟  بەك ئىچ مىجەز بوپ كېتىشمۇ ئادەمگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ بەزىدە. ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ تۇرىۋالماي،  گۈلنەزەرمۇ باشتىلا« كىمدىن كەلگەن تېلفۇن بۇ؟»دەپ سوراپ بېقىشى كېرەك ئىدى،يولدىشى بولغاندىكىن شۇنداق سۈرۈشتۈرۈشى ئەلۋەتتە يوللۇق ئىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش