ئىگىسى: bargiya

قانسىرىغان گۈل (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
25168
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-7
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 17:03:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام يەنە تۇگەپ كەتتا؟؟شۇنچىلىك ياخشى يېزىپسىز،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!!!

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
285
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7566
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 18:03:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر پىكىر بەرسەم.
  مېنىڭچە بەرگىيەنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغان ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەسەرنى تېزرەك پۈتتۈرۈشىگە تەقەززا. شۇڭا مەن مۇنداق ئويلايمەن. ئىنكاس يازغاندا«ئاخىرىنى قاچان يازارسىز»دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازغاندىن كۆرە، ئەسەر ھەققىدە ئانچە -مۇنچە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازغان بولساق، مېنىڭچە بۇمۇ بەرگىيە ھەدىمىزنىڭ ئەسەرنى تېزرەك پۈتتۈرۈشىگە قىلغان ياردىمىمىز بولامدىكىن دەيمەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا بەرگىيە ھەدەم ئەسەرنى بۇرۇن بىر يەرگە يېزىپ تەييارلاپ قويمىغان، بەلكى ئۇدۇللۇق يېزىپ تورغا يوللاۋاتىدۇ،ئەگەر تەييار ئەسەر بولغان بولسا، بىزنى قاراتمايلا يوللىۋەتكەن بولاتتى. شۇڭا ئەسەر ھەققىدە تەسىراتلىرىمىزنى ، نەتىجىسى ھەققىدىكى پەرەزلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق، بەرگىيە ھەدەممۇ بۇنىڭدىن باشقىچە ئىلھاملارنى ئالغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئۆز ۋاقتىدا«ئېھ،خرۇستال قىز»توغرىسىدىكى ئىنكاسلار شۇنداق قىززىپ كەتكەن.    بۇ پەقەتلا مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
884
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34841
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 00:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغىنىمدا كۆڭلۈم يېرىم بولدى.مەنچە بولغاندا ئۇنىڭ قايسى كۈنىدىكى مۇڭداشقۇدا دىگەن گېپى پەقەت ماڭا بولغان ئامراقلىق نۇقتىسىدىنلا ئېيتىلغان گەپ بولۇپ قالسا بولاتتى. شۇندىلا بىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر-بىرىمىز بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشالايىتتۇق.
شۇ كۈنى كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم، ئۇنىڭ كامىرادىكى مۇڭلۇق، ئۇھسىنغان چىرايى ۋە ئىكرانغا يازغان ئاشۇ بىر جۈملە سۆزى ۆكز ئالدىمدا قايتا-قايتا زاھىر بولۇپ مېنى ھاياجانغا سالاتتى. يۈرىكىم تىپچەكلەيىتتى. ئۆزۈمنى ئەيىپلەيىتتىم ،يۈرىكىمنىڭ ئۆزۈمگە ئاسىيىلىق قىلىپ ئاشۇ سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ئۆزىدە ئىپادىلەنگەن ھىسسىياتنى قايتا-قايتا ئەسلەشكە ئۇرۇنۇشلىرى ئۈچۈن خاپا بولاتتىم. مەن دىگەن ئېرى بار خوتۇن، خۇددى ياش قىزلار تۇنجى مۇھەببەت ئىزھارى ئاڭلىغاندەك بۇنداق ھاياجانغا چۆمۈشكە نىمە ھەققىم بولسۇن؟توۋا قىل گۈلنەزەر! ئاللا ئالدىدا، ۋىجدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكىزىۋاتىسەن، سالام ئىنتايىن ياخشى بالا بولغىنى ئۈچۈنلا سەن ئۇنى قېرىندىشىڭدەك ياخشى كۆرىسەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاب قىلاتتىم. قايتا-قايتا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇۋاتقان ئاشۇ چىراينى قوغلاشقا ئۇرۇنۇپ، يولدىشىمنىڭ مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەپلا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما شۇ كەمگىچە برەر ئېغىز ۋايساپ باقمىغان،ماڭا ئالىيىپ قاراپمۇ باقمىغان  ئاشۇ تەمكىن ئېغىر بىسىق چىرايىنى كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كېلىشكە  ئۇرۇناتتىم. ئاھ...مەن غەيرەتتىن بىر مىنۇت ئايرىلىشنى ئەمەس بەلكى ئۇ يوق ھايات ياشىيالىشىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن.
-ھەدە نىمە دەۋاتىسەن؟
سىڭلىم تۇيۇقسىزلا مەندىن سورىدى.قانداقلارچە بۇ سۆزلەرنىڭ ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئۇيۇلۇپ كېتىپ ئۇخلىغان بولۇپ جىممىدە يېتىۋالدىم. سىڭلىم مېنى ئاستا قۇچاقلاپ بىلەكلىرىمنى يۈزلىرىگە سۈركىدى-دە:
-تاتلىقىم،ئۇخلاپ يېتىپمۇ غەيرەت ئاكام چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا پاراڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ،-دەپ پىخىلداپ كۈلدى. مەن جىممىدە يېتىۋالدىم...
شۇنىڭدىن كېيىن ئىشقا بارغىنىمدىمۇ باشقا ۋاقىتلاردىمۇ سالامنىڭ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم. بۈگۈن چۈشتە ئىشقا بالدۇرراق باردىم. دوختۇرلار بۆلۈمىگە كۆز تاشلاپ قويۇپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپلا سېستىرالار بۆلۈمىگە كىرىشكە تەمشىلىۋاتاتتىم، بۆلۈمدىن چىقىۋاتقان كۈلكە ئاۋازى دىققىتىمنى تارتتى-دە، تۇرۇپ قالدىم.
-ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ،بۇ گەپنى بۇنداق ئۇدۇللا دىسىڭىز قانداق بولۇدۇ؟
خىزمەتدىشىم دىلبەرنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئارقىدىنلا بىرىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىگىنى ئاڭلاندى.
-ھەي گەپ دىگەننى مۇشۇنداق ئۇدۇل دىگەن ياخشى، نىمە قىلىدۇ يالغانلاردىن ناز تارتىپ.
ئىختىيارسىز پۇتلىرىم تىترەپ كەتتى.بۇ سالام دوختۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى.مەن قولۇمنى ئىشىك تۇتقۇچىغا ئۇزىتىپ يەنە تارتىۋالدىم. شۇ تاپ كىرىشىمنى ياكى كىرمەسلىكىمنى بىلمەيىتتىم. بىر سىكۇنىتلىق ئۆزەمنى يوقىتىشتىن كېيىن غەيرەت بىلەن قەدەم ئالدىم.كىرىپلا تۇرۇپ قالدىم. دىلبەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولۇپ سالام ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇۋىلىپ بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ تازا كۈلۈشۈۋاتقان ئىكەن. سالام بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆرۈپلا شۇ قەدەر ھودۇقۇپ كەتتىكىن دەرھال ئۈستەلدىن سەكرەپ چۈشكىنىچە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى. دىلبەر ئېغىزىنى تۇتۇۋىلىپ تېخىچە كۈلۈۋاتقان بولۇپ ماڭا قايرىلىپ قاراپ  ئەندىككەن ھالدا سورىدى:
-گۈلنەزەر مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟ نىمانچە تاتىرىپ كەتتىڭىز؟
شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ جالاقلاپ تىترەۋاتقانلىقىمنى، چىرايىمنىڭ سۈتتەك ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
-ياقەي..ھىچ،ھىچنىمە بولمىدىم. ئۆزۈمگە كېلىپ ئۇلاردىنمۇ بەك ھودۇققان، بىسەرەمجان بولغان ھالدا شۇنداق دىدىم-دە، نىشانسىزلا بېرىپ قارشى ئۈستەلدە تۇرغان بىر كېسەل ئارخىۋىنى كۆتۈرگىنىمچە چىقىپ كەتتىم. ئارقامدىن سالامنىڭ چىققانلىقىنى، دوختۇرلار بۆلۈمىگە كىرىپ كېتىۋىتىپ ئورنىدا بىردەم تۇرۇپ ماڭا تىكىلىپ قارىغانلىقىنى قىيا كۆز نۇرلىرىم ئارقىلىق ھىس قىلدىم،. لېكىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىمىدىم شۇ تاپ كۆزلىرىمگە دەۋرەپ كەلگەن ياشلارغا توغان سېلىشقا ئامالسىز ئىدىم.
ئاھ..بۇ نىمە ئىش،،نىمىشقا بۇنداق بولۇمەن، نىمىشقا يىغلايمەن، نىمىشقا ئىچىمنى ئاچچىق قىلىمەن؟
******************
ئىشتىن چۈشەي دەپ قولۇمنى يۇيۇۋاتاتتىم.
-ھەدە،مەن قايتىپ  كەلدىم.
سىڭلىمنىڭ سۆيۈملۈك ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۆزى بىلەن بەكمۇ يېقىن ئۆتۈپ ئۇرۇق-تۇققانلاردەك بولۇپ كەتكەن ئۆيى مۇشۇ ناھىيەنىڭ مەلۇم يېزىسىدا بولغان  دوستى ئۆزى ئاتايىن كېلىپ ئۆيىدەئۈچ-تۆت كۈن  تۇرغۇزۇشقا مەندىن سوراپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئىككى كۈن ماڭا ئىككى يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. سالامنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ جىددىي ھالدا ئۇنى يۇرتىغا چاقىرىتقاچ ئۇ رۇخسەت سوراپ يۇرتىغا كەتكەن بولۇپ مەن سىڭلىم يوق، تورغا چىقساممۇ بىرەر قىزىقىش تاپالماي تىتىلداپ ساراڭ بولۇپ قالايلا دىگەن ئىدىم. ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۇچۇپ بېرىپ سىڭلىمنى سۆيدۈم.
- جېنىم جېنىم  سېنى شۇنداق سېغىنىپ كەتتىمغۇ مەن.
-ئىككى كۈندىلىما؟سىڭلىم چىرايلىق كۈلگىنىچە مېنى قۇچاقلىدى.
-ھەئە ماڭا ئىككى يىلدەك بىلىندى بۇ ئىككى كۈن.
ئىختىيارسىز سۆزلەۋىتىپ كىرىپ كېلىۋاتقان سالام دوختۇرنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىم ئۇچراشتى. مەن تىترىدىم، يۈرىكىم شىددەت بىلەن سوقتى، ماڭا تىكىلىپ كۆزىنى ئۈزمەي توختىغان سالامدىن مەنمۇ كۆزلىرىمنى ئۈزەلمەي تۇرۇپ پىچىرلىدىم،-بۇ ئىككى كۈندە مەن ساراڭ بولاي دىدىم، مەندىن ھەرگىز ئايرىلمىغىن، سېنى بەك،بەك ياخشى كۆرىمەن.سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى زادىلا خالىمايمەن.،
سالامنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ چېقىن چېقىلدى. كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ جالاقلاپ تىترىگىنىمچە سىڭلىمنى مەھكەم باغرىمغا باستىم.
-مېنى تۇنجۇقتۇرۇپ قوياي دىدىڭ ۋايەي ھەدە..مەن ئەمدى ئىككىنچى بىر يەرگە بارمايمەن،تەتىلىم توشقىچە ساڭا ھەمرا بولىمەن -سىڭلىم قۇچىقىمدىن تېپىرلىغىنىچە بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ  تۇرۇپ شۇنداق دىدى-دە،بېشىنى بۇراپ سالام دوختۇرنى كۆرۈپ توۋلىۋەتتى.
-سالام ئاكا، بۇ سىزمۇ ياخشى تۇرامسىز؟ قاراڭ ئىككى كۈن ئۆيدە بولمىسام ھەدەم سېغىنىپ كەتتىم دەپ تاس قالدى مېنى قۇچاقلاپ مىجىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى.
سالام مەندىن كۆزلىرىنى ئۈزۈپ، سىڭلىمغا قارىدى -دە، كۈلدى:
-شۇنداقمۇ، سىزمۇ نىمىشقا ھەدىڭىزگە ھەمرا بولماي باشقا يەرگە كەتكەنتىڭىز؟ھەدىڭىزنىڭ يالغۇز ئۆيدىن قورقۇش كېسىلى بار تۇرسا..
يۈزلىرىم لاپپىدە ئوت ئالدى.سىڭلىم چۇڭۇلدىغنىچە چۈشەندۈرۈشكە ئۆتتى:
-شۇ مەنمۇ بارماي دىگەن ئىدىم بىراق ئاشۇ دوستۇم ئۆزى كېلىپ سوراپ تۇرىۋالغان. ھەدەممۇ رازىلىق بېرىپ بوپتۇ بېرىپ ئۈچ-تۆت كۈن ئويناپ كەل دىگەن. ھېلىمۇ ئىككى كۈن بولغاندا قايتىپ كەپتىمەن بولمىسا ئۇ مېنى بۇ چاققىچە مىجىپ ئۆلتۈرۈپ قوياركەن.
-ھەئە..قايتىپ كەلگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ. ھەدىڭىز سىزدىن ئىككى كۈن ئەمەس بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىپتۇ.
سالام ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ كۆزلىرىمدىن نىمىلەرنىدۇر تاپماقچىدەك ،يۈرىكىمنىڭ تىۋىشلىرىنى تىڭشاپ باقماقچىدەك سۆزلەۋاتاتتى.
-بۇنىڭدىن كېيىن تەتىل توشقىچە سەندىن ئايرىلمايمەن بولامدۇ تاتلىق ھەدە؟- سىڭلىم ئەركىلىگىنىچە يۈزلىرىنى ماڭا سۈركىدى،-بىراق،،تەتىلىم توشۇپ كېتىپ قالسام قانداق قىلارسەن،سەندىن ئەنسىرەيدىغان بولدۇم.
-ئۇ چاغدا ھەدىڭىزگە ھەمرا بولىدىغانغا كومپىيۇتۇر بار، ھەدىڭىز ئىچ پۇشىقىنى تور ئارقىلىق چىقىرىدۇ.
سالام مەندىن كۆزىنى ئۈزمەيىتتى. مەن كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ- قاچۇرۇپ يەنىلا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۇتقۇن بولاتتىم. ئۇنىڭ ئىچ پۇشقىقىنى تور ئارقىلىق چىقىرىدۇ دىگىنىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش كەلدى، چاندۇرماسلىق ئۈچۈن بۇرۇلۇپ كىيىملىرىمنى ئوڭشىغاچ ؛
-بىز قايتايلىمۇ؟-دىدىم.
-ئۆتكەندە بىللە تاماق يەيلى دىسەم كېيىن دەپ ۋەدە بەرگەنتىڭلار،بۈگۈن بىللە تاماق يىسەك بولامدۇ؟- دىدى سالام.
-ماقۇل،بەرىبىر ھەدەممۇ تازا ھېرىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىشىگە كۆزۈم يەتمەيدۇ مېنىڭ،-سىڭلىم ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسقىنىچە مەندىن ئاۋال ئېغىز ئېچىپ ئىپادە بىلدۈرۈۋەتتى .مەن بىر نىمە دىيەلمەستىن ئامالسىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
ئۇ ئىككىسى شۇنداق خۇشال، سىڭلىم سالام بىلەن چىقىشىپلا كەتكەن ئىدى. سالاممۇ بار ھۆنىرىنى ئىشقا سېلىپ يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
-ھەدە، سەن نىمانداق گېپىمىزگە قېتىلماي جىممىدە ئولتۇرۇسەن؟
سىڭلىم مەندىن سورىدى.
-ھېرىپ قاپتىمەن،- قىسقىغىنە جاۋاب بېرىۋىتىپ سالامنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىم ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارىغان نۇر نەيزە بولۇپ يۈرىكىمگە تەگدى. مەن قالايمىقانلىشىشقا باشلىغان سېزىملىرىم بىلەن ئېلىشىپ تۇرغىنىمدا ماڭا ياردەمدە بولغان ھالدا تېلېفۇنۇم جىرىڭلىدى.مەن تېلېفۇنغا قاراپلا ئۇنىڭ غەيرەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
-گۈلنەزەر ، مەن ئۆيگە كەلسەم سىلەر يوققۇ؟
-ھە، سىز كەلگەنمىتتىڭىز،گۈلرەبا بىلەن سىرىتتا تاماق يەۋاتقان ئىدۇق،نىمىشقا بالدۇر دەپ قويمىدىڭىز؟
-سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋىتەي دەپ دىمەيلا كەلگەن ئىدىم، سىلەر قايسى ئاشخانىدا مەن باراي بولمىسا،
-ياق بولدى، بىزمۇ تامىقىمىزنى يەپ بولغان،-مەن سىڭلىمنىڭ «غەيرەت ئاكام كەلسۇن،كەلسۇن دىگىنە»دەپ قىلغان ئىشارەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرۇپ ئىتتىك جاۋاب قايتۇردۇم،-سىزگە تاماق ئالغاچ بارايمۇ؟
-ياق بولدى، ئەمىسە تېزراق كېلىڭلار،مەن يەنىلا سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن دەملىگەن چېيىڭىزنى ئىچەيچۇ!!
ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك ئاھاڭدا  ئېيتىۋاتقان سۆزلىرى تېلېفۇنۇمدىن ئۇچۇپ چىقىپ ئۇلارغىمۇ ئاڭلىنىۋاتاتتى. مەن سالامنىڭ ئىستاكان تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى، چىرايىنىڭ بىر قىسىملا بولۇپ تارتىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆردۈم.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
285
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7566
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 10:35:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەن تۇرۇپ ناشتىمۇ قىلمايلا بۇ ئەسەرنى ئوقۇشقا تۇتۇندۇم. نىمىسىقىكىن، بەرگىيە ھەدەمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسام ئىچىگە كىرىپلا كېتىمەن، ھەتتا ئۇخلىساممۇ ئاشۇ پىرسۇناژلار مەن بىلەن بىللە.خۇددى باش پىرسۇناژ مەن،بۇ ئىشلار ئەتراپىمدىلا يۈ بېرىۋاتقاندەك.
   ئالدىنقى بۆلەكتىكى مەزمۇنلاردىن غەيرەت ئاكىمىزنىڭ سەل بىنورمال بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانتۇق، لېكىن يەنە بىر يەرلىرى گۈلنەزەرگە تارتىشىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئادەملەرگە زادى قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ ھېلىقى تېلېفۇن بەرگەن زادى كىم؟ئەمدى گۈلنەزەرنىڭ سالامغا بولغان ھېسسىياتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ئەسىرىڭىز بارغانچە ئادەمنى ئچىگە ئەكىرىپ كېتىۋاتىدۇ ،ھەدە. بىر سورىۋالسام، بۇ ئەسىرىڭىز پوۋېستمۇ ياكى چوڭ ھەجىمدىكى ھېكايىمۇ؟ مەن قارىسام ھازىرچە تېخى مەزمۇن بىر يەرگە بارىدىغاندەك ئەمەس.
   مەيلى، بىزگە ژانىر مۇھىم ئەمەس، ئەركىن يېزىڭ،ئېچىلىپ-يېيىلىپ يېزىڭ. مۇمكىن بولسا «ئېھ،خرۇستال قىز»دەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەر چىقسۇن.

UID
39394
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 11:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەتكە كەلگەن تىلفۇننىڭ ئىگىسى قاچان چىقار ؟؟؟  مىنىڭچە گۈلنەزەرنىڭ كۆڭلىدە داۋالغۇش بۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن .....ھەي ........ بۇلارنىڭ ئىناق ئائىلىسىگە دەز كىتەرمۇ ؟

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
285
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7566
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-21
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 12:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بولغان بولسام، بۇ تېلېفۇن ئۇرغان ئادەمنى مۇنداق ھالەتتە ئاشكارىلايتتىم:
  غەيرەت خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆيگە قايتالمايدۇ. شۇ ئارىلىقتا گۈلنەزەرنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك دەم ئېلىشى توغرا كېلىپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن گۈلنەزەر يولدىشىنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتەي دەپ  تازا چىرايلىق ياسىنىپ غەيرەت بار يۇرتقا بارغان چاغدا بۇ ئىككىيلەننى بىللە كۆرۈپ قالىدۇ؟ياكى غەيرەت يوق يەردە  ھېلىقى تېلېفۇننىڭ ئىگىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، ھېچنىمە دېمەيلا قايتىپ كېتىدۇ.......
  

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-11 13:27):
غەيرەت يوق يەردە ، يەنى ئۇنىڭ ياتىقىدا دېگەندەك

UID
43513
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 17:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ....بەرگىيە ھەدە ....سىزنىڭ تېمىلىرىڭزنى بەك قىزىقىپ ئۇقۇيمەن......ئەسەرلىرڭىزدە پىرسوناجلارنىڭ ھىسسىياتى شۇنچىلىك چىنلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن....
خۇددى سىزنى پىسخولوگىيە كەسپىدىمۇ ئۇقۇغاندەك ھىس قىلىمەن...ئۆزىمىز ھىس قىلغان ھەم ھىس قىلالمايۋاتقان .....ئۆزىمىز ئىتىراپ قىلغان ھەم ئىتىراپ قىلالمايۋاتقان....ئىنچىكە تۇيغۇلارنى بەك ياخشى ئىپادىلىيەلەيسىز.......
ئەسىرىڭىزنىڭ ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن......قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن...........

تىرىشچان ئەزا

شۈكرى ئاللاھ

UID
4545
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
837
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 23:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە ،ئۇزۇن بوپتۇ ئەسىرىڭىزنى كۆرمىگىلى !! يەنە بىر ياخشى ئەسەر تەقدىم قىلغىنىڭىزغا رەخمەت !

UID
43246
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 01:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇششۇقلۇق قىسىمۇ يولدىشىنى بەك ياخشى كۇردىكەن،دوختۇر يىگىت سىردىشىپ ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۇلۋېتىپتۇ.ئەسەر شۇنداق تەبىئى ھەم تۇرمۇشقا يېقىن چىقىپتۇ.داۋامى قانداق بۇلاكىن ؟!!قىزىقىۋاتىمە...تىزراق داۋامىنى يوللىۋىتەسىز !

UID
43246
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 01:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي!كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق دىگەندەك،ئامراق ئەر -خۇتۇنلامۇ ئايرىلىپ تۇرسا دەز كىتىدىكەندە،سالام دوختۇر ياخشى يىگىتكەن.ئەمما «ماڭلاي سۇرۇخ»فىلىمىدىمۇ ،سۇرۇخنى قوغداش ئۇچۇن كۆپ رىيازەت چىكىدىكەن.بىز ئۇيغۇرلامۇ نىكاھنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن رىيازەت چىكىشتىن باش تارتمايدىغانلار كۆپقۇ.مىنىڭچە سالام دوختۇر بەدەل تۈلەپ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چىكىدۇئاندىن ...ئاخىرى قانداق بۇلا ..بىر نەرسە دىگىلى بولمايدىكەن جۇمۇ!بەرگىيە خانىم داۋامىنى يازغاندا بىلىمىز-دە!لېكىن كۇڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى دىسە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش