ئىگىسى: سۈمەييە

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيىسى ۋە بىز
يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي

دۇنيا مائارىپ تارىخىدىكى شۆھرەتلىك كىتاب « پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى: كارل ۋېتېرنىڭ تالانتلىق پەرزەنت تەربىيىلىشى» دىن تەسىرات



4504
تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبىي قىز ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.  

يۈسۈپ خاس ھاجىب



قايسىدۇر بىر ژۇرنالدىن لېئوناردو داۋىنچى ھەققىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە. ئۇنىڭدا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ: داۋىنچى ئۆزىنىڭ « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» ناملىق مەشھۇر رەسىمىنى سىزىپ كېلىۋېتىپ، دەل ئىككى مۇھىم پېرسوناژ- ئېيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خائىن يەھۇدا ( يەھۇدا- ئەينى ۋاقىتتا ئېيسا ئەلەيھىسسالامنى زالىم ھۆكۈمىرانغا ساتقان) نىڭ پروتوتىپىنى سىزىشتا بىر ئاز ئويلىنىپ قالىدۇ. ئېيسانى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن پۈتكۈل گۈزەللىك، پەزىلەت، ئادىمىيلىك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن بىر تىپ تېپىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئىزدەپتۇ، ئىزدەپتۇ. ھېچبىر بۇ بۈيۈك پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىغا تەڭداش بىرەر ئوبرازنى تاپالماپتۇ. نىھايەت قارىغۇدەك بولسا، كوچىدا بىر پاك، سەبىي ، ئوماق بالا ئويناۋاتقانىكەن. ئۇ ئويلاپتۇ: توغرا، دۇنيادا نەدىمۇ سەبىي بالىدىن پاك ئىنسان تېپىلسۇن؟! بۇ بالا ئېيسا ئوبرازىنى يارىتىشقا ئەڭ لايىق! ئۇ، بۇ بالىنى ئۆزى رەسىم سىزىۋاتقان ئىبادەتخانىغا ئەكەپتۇ ۋە ئۇنىڭ پروتوتىپىغا ئاساسەن ئېيسا ئوبرازىنى يارىتىپتۇ ( بەلكىم بۇ، چېركاۋلاردىكى رەسىملەر ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى ئوبرازى ئەمەسلىكىگە ئىشارە بولسا كېرەك). بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەسىلە ئاسان بولماپتۇ. چۈنكى ئېيسا ئوبرازى پۈتكىنى بىلەن ئىنسانىيەت خائىنلىرىنىڭ سىمۋولى- يەھۇدانىڭ ئوبرازىنى يارىتىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن. بارچە رەزىللىك، ئىپلاسلىق، خائىنلىق، ناجىنىسلىق بىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن ئوبرازنى تېپىش قانداقمۇ ئاسان بولسۇن؟! داۋىنچى بۇ قېتىم سەل ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەپتۇ. شۇ ئوبرازنى ئىزدەپ بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئىزدەپ-ئىزدەپ ئاخىر بىر بۇلۇڭدا ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ ياتقان بىر بەتبەشىرە ھاراقكەشكە كۆزى چۈشۈپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىنسانىي ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغاندەك. ئۇ، بۇ ھاراقكەشنى ھېلىقى ئىبادەتخانىغا ئەكەپتۇ. ئەمدى يەھۇدانىڭ ئوبرازىنى سىزىشقا تۇتۇش قىلاي دەپ تۇرغىنىدا، تۇيۇقسىز ھېلىقى ھاراقكەش ھەيرانلىق بىلەن ئېغىز ئېچىپتۇ:
- سەن مېنى بىر نەچچە يىل ئاۋۋال بۇ يەرگە رەسىم سىزىش ئۈچۈن ئەكەلگەنىدىڭغۇ؟!
كىشىلىك ھاياتتا بىر كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى مۇھىم ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ ئىچكى-سۇبيېكتىپ ئامىل ۋە تاشقى – ئوبيېكتىپ ئامىلدۇر. ئىچكى-سۇبيېكتىپ ئامىل ئالدىنقى مۇھىم ئامىل بولسىمۇ، تاشقى رېئاللىقتىن ئۆز ئوبيېكتىنى تېپىش خاراكتېرى بىلەن مەلم ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى ئامىل مەلۇم جەھەتتىن ئىنسان سۇبيېكتىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. ئىنسان سۇبيېكتى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى بىلەن ئىنسان سۇبيېكتىپچانلىقىنى جۇلالاندۇرىدۇ ياكى خىرەلەشتۈرىدۇ. دېمەك، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قاراپ بولمىغاندەكلا، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى ھادىساتلارغىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك.



ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈچ تاشقى مۇھىم ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتۇر. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ كونكرېت تەسىر كۆرسىتىشى شۇ ئىنساننىڭ قايسى خىل مۇھىتتا كۆپ ياشىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىيەت نۇقتىدىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر كىشىگە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتىدىغىنى مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بولماستىن، دەل ئائىلىدۇر. ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل مۇھىتتا ياشاش جەريانىدا ئائىلە ئەھلىلىرىنىڭ چىراي-شەكلى، خاراكتېر-مىجەزى، گەپ-سۆزلىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ماددىيىتىگە ئوخشاش ئېرسىي گېن يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئائىلە ئېڭىمىز بەك ئۈستۈن. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىمدۇر. ئائىلە تەربىيىسى بالىلار تەربىيىسىدىكى ھەل قىلغۇچ تەربىيە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئائىلە تەربىيىسى دەپ ئاتىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ.



ئائىلە مەۋجۇدلۇقنىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئۇ بىر كىچىكلىتىلگەن جەمئىيەتتۇر. ھەر قانداق جەمئىيەت ئائىلىدىن ئىبارەت بىر تەشكىلىي ۋۇجۇددىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەت ئائىلەر توپىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئەسلىھەلەرگە كۆڭلۈ بۆلگەندەكلا، ئائىلە ۋە ئائىلە تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.
داۋامى بار…. ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلار ئائىلە تەربىيىسىگە قانچلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز؟ ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانچىلىك كۆيۈنىدۇ؟
ئەتراپىمغا قاراپ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ راستتىنلا چېكىنىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز يۈرەك پارىلىرىغا كېيىم-كىچەكلىرىگە كۆڭل بۆلگەنچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم (گەرچە بۇ مەسىلە مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كېرەك). ئۆز پەرزەنتلىرىگە قارىمىغان ئاشۇ – ئاتا ئانىلارنى قانداقمۇ ئاتا-ئانا دېگىلى بولسۇن؟!… بىزدىكى ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ھەل قىلغۇچ پەيتلەرنى تەربىيىسىز ئۆتكۈزۈۋېتىدۇدە، كېيىن پۇشايمان يەيدۇ. بۇ خىل تەتۈرلۈكنىڭ زىيىنىنى كېيىن ھېس قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇششاق» مەسىلىلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، ئاشۇ« ئەرزىمەس»، « توخۇ تۈكى، پىياز پوستى» ئىشلارنىڭمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشىدۇ. بەزى ئاتا ئانىلار مەسىلىنى پەقەت ئۆزىدىن سۈرۈشتە قىلماي ، بار مەسئۇلىيەتنى بالىغا ئىتتىرىپ قويۇپ بولدى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆز پەرزەنتلىرى شۇنچىلىك«دۆت» ئىدىكى، ئۇلارنى تەربىيىلەش، گەپ ئاڭلىتىش مۇمكىن ئەمەس! مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. تېلېۋىزۇرلاردىن كىشىلەرنى ئىت-مۈشۈك، ئېيىق-مايمۇنلارنى « تەربىيىلەپ» ئاجايىپ «ماھارەتلىك» قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. ئەجىبا، ئاشۇ ئىنسان بالىلىرى ئاشۇلارنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك تەربىيلىشىنى ئىمكانىيىتىگە ئېرىشسە، راستتىنلا تەربىيىلىنەلمەسمۇ؟! ھەر بىر ئىنساندا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشلا ئىقتىدار يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. ئەمما ئاشۇنى پەرۋىش قىلىدىغان ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللار بولمىغان-دە، ئۇ كۆمۈلۈپ قالغان. ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان. ئەتراپىمىزدا بىز دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان مانا بۇ خىل ئەھۋاللار راستتىنلا كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ. بىزدە « ھەر بىر ئادەم ئاق كۆڭۈل تۇغۇلىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تەربىيىلەپ چىققان بەزى بالىلىرىمىز ئوغرى-يانچۇقچى، بۇلاڭچى… بولۇپ چىقىدۇ. بۇلاردا ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟! ياق، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى بار. مېنىڭچە، بالىلارنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ يارامسىز، ئەخلاقسىز بوپقېلىشىغا ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانا سەۋەبچى بولىدۇ.



بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بەزى ئاتا ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى بالا باققۇچىغا، يەسلىگە، ئاندىن مەكتەپكە «تاشلاپ» قويىدۇ. ھەتتا ئۆز بالىلىرىنى ئېمىتمەي كالا سۈتى بېرىپ چوڭ قىلىدۇ. گەرچە، مەلۇم سەۋەبلەر زۆرۈرىيەت بولسىمۇ، ئەمما بالىلارغا بوش ۋاقىتلاردا تەلىم –تەربىيە ئېلىپ بارماسلىق ھەرگىزمۇ زۆرۈرىيەت ئەمەس! نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويۇن-تاماشا، ئەيش-ئىشرەتكە ۋاقتى يەتسىمۇ، ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيىلەشكە «ۋاقتى يەتمەيدۇ». مەن تېخى بىرەر ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا خۇددى لوقمان ھەكىمدەك پەند-نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتمىدىم. بىزدىكى ئاتا ئانىلار دائىم تەربىيىنى كېچىكتۈرۈپ قىلىدۇ. خاتالىق، مەسىلە سادىر بولغاندىن كېيىن تۈزىتىدۇ. خاتالىق يۈز بەرگەنىكەن، ئۇنىڭ تۈزىلىش ۋە تۈزەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بولىدۇ، خۇددى يىپنىڭ ئىككى ئۇچى بولغىنىدەكلا، دېمەك، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاتا-ئانىلار تولىمۇ كېچىككەن بولىدۇ.



بۈگۈنكى كۈندە «پەرزەنت تەربىيىسى» ئاللىبۇرۇن باشقىلاردا بىر «پەن» سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنماقتا. مەكتەپلەردە مۇھىم بىر دەرىسلىك سۈپىتىدە ئۆتۈلمەكتە. ياپونلار پەرزەنت تەربىيىسىنى دۆلەت گۈللىنىشىنىڭ نېگىزى- يىلتىزى دەپ قارىسا، يەھۇدىيلار پەرزەنت تەربىيىسى مىللى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەرەبلەر ئاللىبۇرۇن «ئىسلام پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ، دەرس مۇنبەرلىرىدە لېكسىيە قىلسا، گېرمانلار 1818-يىلى يېزىلغانن « پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى: كارل ۋېتېرنىڭ تالانتلىق پەرزەنت تەربىيىلىشى» ناملىق كىتابىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشمىدى. بەلكى ھازىرمۇ بۇ كىتابقا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىماقتا. بىزدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى«پەرزەنت تەربىيىسى» توغرىسىدا كىتابلار نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ قانچلىك ئەمەلىي ئۈنۈمى بولدى، بۇ ماڭا قاراڭغۇ. شۇندىمۇ، ئەتراپىمىزدا پەرزەنت تەربىيىسى سۇس كەيپىياتتا تۇرماقتا. گاھى پۇرسەت بولمىسا، گاھى تەربىيىلەش روھى بولمايۋاتىدۇ. ئاقىۋەت، بالىلار تەربىيىسىز قېلىپ، بىر توپ يارامسىزلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، خالاس!


ئۇنداقتا ئائىلە تەربىيىسىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بىزدە «ئەۋلادلارنى يىلىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەش كېرەك» دېگەن ئۇدۇم تارىختىن بېرى يادلىنىپ كەلمەكتە. پەرزەنت تەربىيىسىدە تەربىيىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئېلىپ بارماق زۆرۈر. كېچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق تەربىيە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بالىلارغا تەسىر قىلغان ھەر بىر شەيئى ئۇلارغا ئىنتايىن ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەۋەتتە، ئۇلارغا تۇنجى تەسىر قىلىدىغىنىمۇ ئاتا-ئانا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالا تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىدە بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى كېرەك. كىچىك بالىلارنى بىر ۋاراق ئاق قەغەز دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئاتا-ئانىلار شۇ قەغەزگە خەت يازغۇچىلاردۇر. بۇنى ئەۋلادلار ئۆمۈر بويى قىبلىنامە قىلىپ ھايات مۇساپىسىنى ئۆلچەيدۇ. كىچىكلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر تەربىيە، ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان ھەر بىر ئىش ئەۋلادلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ خېمىر تۇرۇچى بوپقالىدۇ. بىزدىكى «كىچىكلىكتىكى ئۆگىنىش تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، چوڭ بولغاندا ئۆگىنىش قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك» دېگەن تەمسىلمۇ دەل مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك ئەڭ دەسلەپكى پەرزەنت تەربىيىسىگە سەل قاراپ بولماسكى، بۇ خىل تەربىيە بالىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. «پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى ۋېتىر ئەپەندىمۇ تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىدۇ: « مۇۋاپىق دەسلەپكى تەربىيە بالىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە كىشى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە رول ئوينايدۇ» (16-بەت).
بىزدە پەرزەنت تەربىيىسىنى دەسلەپكى چاغدىن باشلاپلا ئېلىپ بارىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئاتا-ئانىلار: بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۇنىڭ ساغلاملىقى دەپلا قاراپ، تاماق يېيىشىگە جاننى پىدا قىلىدۇيۇ، تەربىيە قىلىشنى ئويلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە بالدۇر تەربىيىلەش سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەن قاراش ھۆكۈم سۈرگەچكە، بالىلارنى يەتتە-سەككىز ياشلاردا تەربىيىلەش ئاساسى تەربىيە ئۇسۇلى بوپقالغان. بۇ بىر كېچىكىش بولۇپلا قالماستىن، ئاتا-ئانىلار بۇ سەۋەنلىكى تۈپەيلى بالىلارنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالدۇر ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەن قاراشمۇ پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. بالىنى قانچىكى بالدۇر تەربىيىلىسە، ئۇنىڭغا قانچىكى بالدۇر تەسىر كۆرسەتسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشىدۇر.


مېڭىنى بىر قورۇما ئۇسۇدىغان قاچا دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئاتا-ئانىلار دەل قورۇما ئۇسقۇچىلاردۇر.
دەسلەپكى تەربىيىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى دەل تىل تەربىيىسىدۇر. بالىلارنىڭ ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقتى تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدۇر. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلمىسا ياكى ئىمكانىيەت بولمىسا ئۇ مەڭگۈ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ. خۇددى «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش ياخشى»بولغىنىدەك ، تەربىيىنىڭمۇ ئۆز باسقۇچلىرى، ئۇسۇللىرى بولىدۇ. ناۋادا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىكەن، تەربىيە يەنىلا نەتىجىسىز بوپقالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلدە كۆپرەك ئانا تىلىنى ئۆگىتىشى، شېۋىدە ئەمەس، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆزلۈك بايلىقىنى ئاشۇرىشى كېرەك. خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزى بولغىنىدەك، تەپەككۇرنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ . بىر كىشىنىڭ تەپەككۇر يىلتىزى شۇ كىشىنىڭ تىل تۇپرىقىغا كۆمۈلگەن بولىدۇ. بىلىشنىڭ- ئىلمى تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل ئۆز تىلىدا پۇختا بولۇش- بولماسلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرىقى كىتاب مۇئەللىپىمۇ:« بالىلارغا تىل تەربىيىسىنى بالدۇر ئېلىپ بېرىش ئاچقۇچ!»(56-بەت) دەپ قارايدۇ. غەززالىينىڭ قارىشىچە بولغاندا: «مەلۇم بىر ئىلىمنى ئۆگىنىپ ۋايىغا يەتكۈزۈۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئىلىملەر ئۆزئارا ئۆتۈشۈشچانلىققا ئىگە». بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاجايىپ گۈزەل چۆچەك-ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشىمۇ نوقۇل تەپەككۇر-تەسەۋۋۇرىمىزنى كېڭەيتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاجايىپ تىل دەرسىدۇر. مانا بۇ دەرس بىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىمىزدىكى نۇتۇقلىرىمىزنىڭ خېمىر تۇرۇچى بوپكەتكەن. بۈگۈنكى سۆزمەنلىكىمىز دەل ئاشۇ چۆچەكلەرنىڭ تەسىر ئىپادىسىدۇر. تىل تەربىيىسىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى بالىلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىغىمۇ ئۈنۈملۈك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا ئەدەب-ئەخلاق تەربىيىسىدۇر. ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپلا ئاجايىپ بىلىملىك ۋە قابىلىيەت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كاتتا ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيەت گۈزەللىكىگە نەقەدەر ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادىمىيلىك تەربىيىسىدۇر. بۇ خىل تەربىيىدە ئاتا-ئانىلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. بۇرۇندىن تارتىپلا ئەمەلىيەت ئەڭ ئۈنۈملۈك دەرس بولغان. بۇ خىل تەربىيە ئەۋلادلارنىڭ قەلب گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارغا بەختنىڭ، لەززەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي بەختنىڭ مەنىۋىيەتتىن ۋە گۈزەل مەنىۋىيەت كونتروللىقىدىكى ماددىيەتتىن كېلىدىغانلىقىنى چوقۇپ ھېس قىلىشىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىدە سىرىتقى قىياپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنىڭ روھىيەت دۇنياسىنى قۇرۇق قالدۇرۇدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىل ئاچارچىلىق بالىلارنى خېلى قىينىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، قورساقتا نېمە بولسا ئېغىزغا شۇ چىققىنىدەك، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارغىمۇ بەلگىلىل تەسىر كۆرسەتمەكتە. «سۇ بېشىدىن لاي» بوپقالماقتا. ئەدەب- ئەخلاق ئىنسانلارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان ئاجايىپ خىسلەتلىك مەنىۋى قورال بولۇپ، ئۇ پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ نېگىزى ئاساسى بولۇشى كېرەك.



ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىللەتلەرنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ، كىشىلىرىمىزدە ئەدەب-ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ كەم بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ جېنىنى باقالىغانلىقىنى مۇھىم دەپ قارىغانكى، ئۇلارنى ئەدەبتىن ئىبارەت خىسلەتلىك ئەڭگۈشتەردىن ئايرىۋەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئۆزلىرى ھەقىقىي ئاتا-ئانا بولالمىغان. ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىلارنى خۇدادىن قالسا ئۇلۇغ بىلىدۇ. بۇ ئۇلۇغلۇق دەل ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ ئېھتىماللىققا ئاساسەن ئائىلە تەربىيىسىمۇ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەخلاقلىق بالىلارنىڭ ئورنىغا بىر توپ پاك زېمىنغا نىجىس يۈك كىشىلەر توپى پەيدا بولسا، بۇ، ئائىلىگىلا ئاپەت بوپ قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى تەڭپۇڭلىقىغا بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قەدەم- ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم.



بىزنىڭ تەربىيىلىگەن بالىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا قارىماققا «ئەخلاقلىق» بالىلار بار. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ «ئەخلاقى» ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇستەبىتلىكى ئاستىدا، خالاس. ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇتۇۋېلىشى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىدە مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىشى، ھەر قانداق «ئۇششاق» ھالقىلارنىمۇ تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك. خۇددى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ھەزارەت ( مەدەنىيەت)لەر كۈرىشى- «روھىيەت تالىشىش كۆرىشى» بولغىنىدەكلا، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تالىشىش- كەلگۈسىنى تالىشىش كۈرىشىدۇر. غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا. گەرچە ئەۋلادلىرىمىز ئېيسانىڭ كىملىكىنى، كرېستنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما گاھىلىرى بوينىغا كرېست ئېسىۋالىدۇ. تۇغۇلغان كۈن تورتىغا قاراپ غەربچە ناخشىغا غىڭشىيدۇ. «روژدېستوۋ بوۋاي» غا قاراپ زوقلىنىپ كېتىدۇ. بىر قېتىم جىيەن ئىنىلىرىمنىڭ بىرىنىڭ سىرتمىسىنى ئېتىۋېتىپ، سىرتما تۇتقۇچىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. قاراڭ، سىرتمىنىڭ تۇتقۇچى كرېست شەكىللىك ئىكەن! ئەينى دەۋردىكى ئەھلىسەلىپچىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى- 1930- يىللاردا نامرات ئۇيغۇر بالىلىرىغا پۇل بېرىش بەدىلىگە «ئىنجىل»سۈرىلىرىنى يادلاتقان غەربلىكلەر بۈگۈن يەنە نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ كىچىك ۋاقتىمدا « ئەقىللىق يىشىيۇ» ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈشكە تولىمۇ ھېرىسمەنىدىم. شۇ چاغلاردا ئۆيدىكىلەر چېچىمنى چۈشۈرىۋەتكەنىدى. مەن بارماقلىرىمنى تىلىمغا تەككۈزۈپ بېشىمغا چەمبەر سىزاتتىم-دە، «تەپەككۇر قىلاتتىم». دوستلىرىمنىڭ قايسىدۇر بىر فىلىمدىن ئۆگەنگەن « كەر كەينى ئەرزىبىرەينى ، ئى لات ، ئى مانات! ئۆزۈڭگە سېغىندىم» ( لات، مانات «جاھىلىيەت دەۋرى»دىكى ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر بۇتلىرى) دېگەن گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران بولاتتىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىڭمۇ پەرزەنت تەربىيىسىدە قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتىمەن. بەلكىم بۇ خىلدىكى مىساللار ئەتراپىمىزدا كۆپ بولسا كېرەك.



ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشىدىن باشقا، بىلىملىك، ياراملىق بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ، تەپەككۇرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك رول ئوينىيالىدى؟ مۇشۇ يەردە ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ساپاسىغا قاراپ چىقىشى كېرەك. مەيلى بالا باققۇچى بولسۇن، مەيلى يەسلىدىكى ياكى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن، بالىغا خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك قارىيالمايدۇ، خۇددى باشقا بىراۋ شېرىنغا پەرھادنىڭ كۆزىدە قارىيالمىغاندەك. مانا بۇنداق شارائىتتا ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بىلىم ئىگىلىمىكى لازىم. تولا ئاتا-ئانىلاردا بىر خىل تەتۈرلۈك باركى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيد، ھېچ بولمىغاندا مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ كۆرمەيدۇ، دەرسلىك كىتابىدىن باشقا بىرەر پارچە كىتاب ئېلىپ بەرمەيدۇ. ناۋادا كىتاپ ئوقۇماقچى بولسا:« ماڭ! بېرىپ دەرىسلىك كىتابىڭنى ئوقۇ، شۇنى ئوقۇيالىساڭمۇ چوڭ ئىش!» دېيىشىدىغانلىرىمۇ بار. بۇ خىل ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.



بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا قارىتىش كېرەك. بالىلارنى ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدار ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلىگىنىمىزدە ئۇ ھەقىقىي ياراملىق بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ بەزى ئاتا-ئانىلىرىمىز كىچىك چېغىدا بالا نېمىگە قىزىققاندەك قىلسا، «ۋاي بالام پالانىغا قىزىقىدىكەن، ئۇ چوقۇم شۇ كەسىپ ئەھلى» دەپ قاراپ، شۇ كەسىپ بويىچە تەربىيىلەشنىلا چىڭ تۇتىدۇ. بالىلىرى ئازراق غىڭشىپ قويسا ناخشىچى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. مەن بۇ خىلدىكى تەربىيە ئۇسۇلىغا قارشى تۇرىمەن. مېنىڭچە، بالىلاردا ھەممىگە قىزىقىش، ئىنتىلىش روھى بولىدۇ. ( مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەممىگە قىزىقىدىكەنمەن، ھەر قايسى پەنلەرگە ئامراق ئىكەنمەن. رەسىملەرنى قاملاشتۇرۇپ سىزاتتىم، ھۆسىن خەتلەرنى چىرايلىق يازاتتىم…) بالىغا دەسلەپتە نېمە تەسىر قىلغان بولسا شۇنىڭغا قىزىققاندەك قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي تالانتى بىلەن باغلانغان كەسىپ كېيىن ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلار ھەممىدە تەڭ تەربىيىلەنمىسە، كېيىنكى ھايات پائالىيەتلىرىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، تەبىئىي تالانتىمۇ نابۇت قىلىۋېتىلىدۇ. ناۋادا بىرەر ئۆيگە گۈزەل بەدىئىي سۈرەت ئېسىپ قويۇلسا، بالىلار رەسسام بولۇشقا قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن؛ چىرايلىق ھۆسىن خەتلەرنى كۆرسە خەت يازغۇلىرى كېلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر توپ ئېلىپ بەرسىڭىز توپ تېپىشكە قىزىقىشى مۇمكىن ( قايسىبىر گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، پۇتبۇل چولپىنى مارادونا بۆشۈكتىكى چېغىدىلا توپ تېپىشكە قىزىقارمىش، يىغلاپ كەتكەن بولسا، ئاتا –ئانىسى توپتىن بىرنى قويۇپ قويسا، تېپىچەكلەپ يىغىدىن توختاپ قالارمىش…) بالىلار گېزى كەلگەندە سۈيدۈكىدە لاي ئېتىپ ئويناشقىمۇ قىزىقىدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ دەسلەپكى «قىزىقىشى» بىر دىنبىر قىزىقىش ئەمەس. ئەگەر «قىزىقىشى» دەپ قارالغاندىمۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىشى، يەنى ئۇلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلىشى ۋە قايىل قىلىش يولى بىلەن بالىلارغا بىلدۈرىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار مۇستەبىت بولۇۋالماسلىقى كېرەك. پەرزەنت تەربىيىسىدە مۇستەبىتلىك ھامان ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ( باشقا ئىشلاردىمۇ شۇنداق). بالىلارغا قايسى خىل ئىلىمنى ئۆگەتمەكچى بولساق، ئۇلارنى شۇ خىل ئىلىم مۇھىتىغا ماھىرلىق بىلەن قىزىقىشىنى قوزغاپ ئەكىرىشىمىز كېرەك.



ئىلگىرىكى زامانلاردا شاھلار پەرزەنتلىرىنى ئىقتىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى رەسىم سىزالايدىغان، خۇشخەت يازالايدىغان ( ھەي…ي، كومپىيوتېر ئارقىلىق يېزىق تېخىمۇ گۈزەللەشكەن دەۋردە كىشىلىرىمىزنىڭ خېتى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتمەكتە…)، نەزمە تۈزەلەيدىغان، چەۋەندازلىق قىلالايدىغان…. دېگەندەك كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلەيدىكەن. ھازىر بولسا بالىلار كۆزلىرىمىزگە ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا يارىماستەك كۆرۈنىدۇ. ئىبراھىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا: « ئۇيغۇر بالىلىرى بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلاد يارامسىز بولۇپ چىقىۋاتاتتى. 1950-، 1960-، يىللاردا تۇغۇلغانلار قىلالىغان ئىشنى 1970- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئويلاشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى. 1980-يىللاردىكىلەرنىڭ بولسا كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى»( ئىبراھىم ئەمەت: «‹شاھرۇھخان ئۆلمىسۇن›دىن تۇغۇلغان ئويلار» ش. م ژۇرنىلى، 2001-يىل، 6-سان).
بىزنىڭ قارىشىمىزدا ، بالىلار پەنلەرنى پەقەت كىتابتىنلا ئوقۇشى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنى «كىتاب موللىسى» قىلىدۇ، خالاس. بالىلار ئەمەلىي ئىشلاردا تېڭىرقاپ قالىدۇ. مەيلى ھەرقانداق ئىشتا بولسۇن، ئەمەل-ئەمەلىيەت جانلىق بولىدۇ، ئۈنۈملۈك بولىدۇ. كارل ۋېتىرنىڭ قارىشىچە بولغاندا:« مىڭلاپ كىتاب ئوقۇغاندىن، مىڭ چاقىرىملاپ يول ماڭغان ئەلا»(169- بەت). بەلكىم دېھقانلىرىمىزنىڭ ئېتىز بېشىدىكى ، خامانلاردىكى، ئەمگەك ئارىسىدىكى، ئايدىڭ كېچىلەردىكى، چارۋىچىلارنىڭ جاڭگاللاردىكى، تەبىئەت قوينىدىكى تەربىيىلىرى، بەزى تالاي كىتاب ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان بىلىملىك ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسىنى بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن. مەن تېخى بىرەر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى مەقسىتىدە يۇرت ئاتلاپ ساياھەت قىلىپ باققىنىنى، ھېچ بولمىغاندا، بالىلىرىنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تاغ-دەريالىرىنى، يول قىرلىرىنى، ئوي-دۆڭلىرىنى كۆرسىتىپ باققىنىنى تۈزۈك كۆرۈپ باقمىدىم. (ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ جاھان كۆرگەنلىكىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىپ قالىمەن). بىزدە پەرزەنت تەربىيىسى ھامان قوشۇمچە بوپقاپتۇ. بۇ خىل خاھىش بىزنى قايەرگە ئاپىراركىن؟!…



ئويۇن ئارقىلىق تەربىيىلەش نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ رولى باشقا ئۇسۇللارنىڭكىنى بېسىپ چۈشىدۇ. مۇشۇ يەردە « ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دىكى بىر ھېكايىنى قىستۇرۇپ قويۇش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. بىر پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ. تېۋىپلار ئۇنىڭغا دورا يېزىپ بېرىپتۇ. ئەمما بۇ پادىشاھ دورا يېيىشكە بەك ئۆچ ئىكەن. بۇ پادىشاھ ئويۇن –تاماشىغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر تېۋىپ توپ شەكىللىك بىر دورىنى ياساپ چىقىپتۇ. بۇ توپ كالتەك بىلەن ئۇرۇلۇپ ئوينىلىدىكەن. ئويۇن ئويناش جەريانىدا پادىشاھ ھېرىپ، تەرلەپ ، بۇ دورىنىڭ تەسىر كۈچى تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق بەدەنگە سىڭىپ كىرىپتۇ. ئاخىر پادىشاھ كېسەلدىن ساقىيىپتۇ…
دېمەك، ئويۇن ئارقىلىق تەربىيىلەشنىڭ بىۋاسىتىلىقى كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى تەپەككۇرلىرىمىز بىلەن بىز كىچىك چاغلىرىمىزدىكى ئويۇنلىرىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل جەۋھەرلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئاشۇ ئويۇنلار ئاجايىپ ئەقىل-تەپەككۇر، تىل ۋە ئەدەب دەرسى بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن مەشقى-تەنتەربىيە دەرسىمۇ بولالايدۇ. يېزا بالىلىرىدا ھېلىھەم ساقلىنىۋاتقان بۇ ئويۇنلار كىشىگە ئۈمىد بەخش ئېتىدۇ. قاراڭ، يېزا بالىلىرى ئۆز ئويۇنلىرىنىڭ قوراللىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرى ئىختىرا قىلىدۇ. ۋاللەي، سابۇر،، ئارقان، لەگلەك، تەپكۈچ… ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەقىل مېۋىلىرىدۇر. ئۇلار «ھەربىي-دۈشمەن ئويۇنى » ئويناش ئارقىلىق ئىرادىسىنى چىڭىتسىمۇ، ئويۇن ئاخىرىدا بىر بىرىنى ھەرگىزمۇ «ھەربىي-دۈشمەن» دەپ قارىمايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە تىجارەت قىلىش… دېگەندەك ئىشلىرىغا ئاجايىپ ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقىلار ياساپ بەرگەن ھەر قانداق ئىقتىدارلىق نەرسىدىن ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ئىختىراسىمۇ سۆيۈملۈك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قان-تەرى، تەپەككۇرى سىڭىدۇ. بالىلار لەگلەك ئۇچۇرۇش ئارقىلىق خىيالىي تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتەلەيدۇ. ئاشۇ لەگلەك بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاللىقاياقلارغا كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار لەگلىكىنىڭ يىپى-تېزگىنىنى ئۆزى تۇتىدۇ. ئۇلار قوي بېقىش ئارقىلىق ئادەملەر ئارىسىكى مۇئامىلە سەنئىتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ئادەم بىلەن ئالەم( تەبىئەت) ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق باغلىنىشنى چۈشىنىپ قېلىشىدۇ. ئوماق قوزىلار بىلەن پىچىرلىشىدۇ.



مۇشۇ يەردە سەھرا بالىلىرى ئويۇنلىرى بىلەن شەھەر بالىلىرى ئويۇنلىرىنى سېلىشتۇرغىمىز كەپ قالىدۇ. قارايدىغان بولساق، شەھەرلىك بالىلارنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنلىرى «رەڭدار، مەزمۇندار»دەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ بالىلارنىڭ ئىختىرالىرى ئەمەس( كۆپىنچىسى ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق). بەلكى بۇ پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئەقلىي تەسەۋۋۇرى. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ساپلا ئۇرۇش، جېدەك. تېررورلۇق…ھەقىقىي تەربىيىۋىي ئەھمىيەت تۈسىنى ئالغانلىرى كەم. ئۇلار خۇددى بۈگۈنكى سىياسىئونلاردەك دۆلەتلەرگە بۆلىنىدۇ دە، شەھەرلەرنى قۇرىدۇ، ئارقىدىنلا ۋەيران قىلىدۇ. قورال كەملىسە پۇل بۇلايدۇ. تەبىئەتنى ۋەيران قىلىدۇ. مۇشۇ خىل بالىلار چوڭ بولسا ئادەم ۋە ئالەمگە قانچىلىك پايدىسى تېگەر؟! مۇشۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇش زۆرۈركى، توغرا دېيىلگەن تەقدىردىمۇ (ھەرگىز ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ) چوڭلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى پەردىشەپلىك نەرسىلەر جەمئىيتىمىزدە ئاشكارا بوپكەتتى. كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، تېلېۋىزور بۇنىڭ ئىپادىلىرى بوپ قالدى. تورخانىلارغا قارايدىغان بولساق، كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ بېشىغا «قورامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ!» دەپ ئالاھىدە يېزىلغان بىلەن، بۇلارغا ئاساسلىق «كىرىم» ئەكىرىدىغانلار بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن كىرگۈزۈلىۋېرىدۇ. بۇلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-بارماسلىقى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. خەقنىڭ بالىسى بىلەن كىمنىڭ كارى؟! ھازىر ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئەمەس، «تورخانا» ۋە ئاللا قانداق «….خانا» لاردىن ئىزدەشكە قاپتۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئائىلە تەربىيىسىگە قارىغاندا جەمئىيەت تەربىيىسى بالىلارغا بەكرەك تەسىر كۆرسەتمەكتە.



ئەمەلىيەتتە، ئۇنىۋېرسال تەربىيىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بالىلارنى مۇكەممەل ئادەم قىلىپ چىقىشتا. ياشاشتىن مەقسەتمۇ« ئىنسانىي كامىل بولماقتۇر» ( شەمسۇددىن تەبرىزىي) . ئۇنىۋېرسال تەربىيە بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئادەم ھامان مۇستەقىل ياشاشقا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ مەسىلىگە بالدۇرلا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلىرىنى «مائاشلىق كادىر» قىلىش ئويلىرىغا قايتا قاراپ چىقىشى كېرەك. بالىلارغا ئالدى بىلەن روھىيەت ئېلېمىنىتلىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھەققىدىمۇ بەلگىلىك ئۇچۇرلارنى بېرىشى زۆرۈر. بىر ئادەم 50-70 يىل ياشاپ ، مەلۇم تەجرىبىگە ئېرىشىدۇ. شۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە گۆرگە ئەكىرىپ كەتسۇنمۇ؟! ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بىزچە مۇئامىلە سەنئىتى، كېيىنىش، پۇل باشقۇرۇش… قاتارلىق ماددىي مەئىشەت ۋاسىتىلىرىدىنمۇ مەلۇم ساۋاتلارنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئۇلارنى قورقماس، قەيسەر، باتۇر قىلىپ تەربىيىلەشمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ خىل تەربىيە بالىلارنى مەسىلىلەردىن قاچۇرماي، مەسىلىلەرگە يۈزلەندۈرىدۇ. بالىلارنىڭ پىسخىك كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. « خاراكتېر ئىقتىدار دېمەكتۇر» ( يۇقارقى كىتاب، 180-بەت) .



ۋېتىر ئەپەندى: «ئائىلە بالىلارنىڭ جەننىتى بولۇشى كېرەك» ( يۇقىرقى كىتاب، 228-بەت) دەپ يازىدۇ. ئۇنداقتا بىزدىكى ئائىلىلەر بالىلارنىڭ جەننىتى بولالارمۇ؟ مېنىڭچە، ناتايىن. كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئۇ-بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «ئائىلە تېنچلىقى» بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئەر بىلەن ئايال، قېيىن ئانا بىلەن كېلىن، قۇدا بىلەن قۇدا، ئۆگەي ئانا بىلەن ئۆگەي بالا … ئارىسىدىكى ماجرالار ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ خىلدىكى «توقۇنۇش» لارمۇ بالىلارنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بىرلىك-ئائىلە بىرلىكى يېمىرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. چوڭلار بىلەن ياشلار ئارىسىدا مەلۇم ئارىلىق شەكىللىنىپ قاپتۇ. ھازىرقى ئائىلىلەردىكى ئەھۋالنى «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال» دېگەن تەمسىلگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. جەمئىيەتتە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى قىيامەتتىن بېشارەت بولسا، ئائىلىدە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى قىيامەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرنى قانداقمۇ بالىلارنىڭ جەننىتى دېگىلى بولسۇن؟! يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەرشارى مىقيالىق ئاجرىشىش نىسبىتى يىلسېرى كۆپەيمەكتە… ئاھ، پەرۋاردىگار! بالىلار ئاتا-ئانىلىرى تۇرۇپ سەرگەردان يېتىم بولماقتا. ئۇلارنى«دارېئتام» دېگەندەك بېقىۋېلىش ئورۇنلىرى «تەربىيىلىمەكتە»… ئېيتىلىشىچە، ئىبلىس ئۆز شايكىلىرىنى ئادەملەرنى ئازدۇرۇشقا ئەۋەتىدىكەن. بىرى: « مەن ئادەم دېگەننى پالانى گۇناھنى قىلدۇرۇۋەتتىم!» دېسە، «ھېچقانچە ئىش قىلماپسەن!» دەيدىكەن؛ يەنە بىرى :« مەن پوكونى گۇناھنى قىلدۇردۇم »دېسە، «سەنمۇ ھېچقانچە ئىش قىلماپسەن!» دەيدىكەن؛ ئۈچىنچى بىرى كېلىپ: « شۇنداق ئامراق ئەر خوتۇنلار بار ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە سېلىپ ئاجراشتۇرۇۋەتتىم» دېسە، ئىبلىس :« ھە، سەن خېلى تىلغا ئالغۇدەك ئىش قىپسەن» دەيدىكەن… ئۇنداقتا ھازىر شەيتانلار قىن – قىنىغا پاتمايۋاتسا كېرەك.



بۈگۈنكى كۈندە ئائىلە كىرىزىسى گەۋدىلىك كۆرۈنمەكتە. بەزى نا ئەھلىلەر ئائىلىنى «يۈك» دەپ قارىماقتا. بۇ بىزنىڭ ئەخلاق ئېڭىمىزدىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ روشەن ئىپاسىدۇر.
يەرشارى ئىنسانلارنىڭ، دۆلەت پۇقرالارنىڭ، ئائىلە جەمەتنىڭ ۋەتىنىدۇر. ئائىلە ئەجداد ۋە ئەۋلاد بىرلىكى بىلەن چەكسىزدۇر. بۇ چەكسىزلىكى بىلەن مۇقەددەستۇر.
پەرزەنت تەربىيىسىدە ئانا تەربىيىسى ئەڭ مۇھىمدۇر. بۇنى ئانا تەربىيىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئاتا تەربىيىسى بىر ئۈلۈشنى ئىگىلىسە، ئانا تەربىيىسى توققۇز ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، «ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ» دەيدۇ بوۋىلار. ئانىنىڭ تەربىيىسى بالىلارغا بىۋاسىتە ھەم ئۈنۈملۈكتۇر. مانا مەن ھاياتىم ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ، جۈملىدىن ئانا تەربىيىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىغانمەن. ئانىنىڭ كىشى ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنمەن. ئانام مەن ئالتە ياش ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كەتكەن. چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مېنى بەش ياشقىچىلىك ئېمىتكەنىكەن. بەلكىم ئۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەنە شۇ ئاپئاق سۈتلىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. باشقىلار ئۇنىڭ ئىنتايىن ھۆرمەتلىك پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى دېيىشىپ، مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇشۇمنى تىلەپ دۇئا قىلىپ كۆز يېشى قىلىشىدۇ. ھاياتىمدا ئانىنىڭ قەدرى بەك ئۆتۈلگەچكىمىكىن، تاس قالىمەن بەزىدە بىر قورام تاشنى« ئانا!!!» دەپ قۇچاقلاپ سالغىلى:



نەمەنگاندىن كېتەر بولسام مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غېرىبلىق شەھرىدە ئولسام مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
مۇھەببەت شەربىتىن ئىچتىم، قااندەك قاينابان تاشتىم،
بۇ فانىي دۇنيادىن كەچتىم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رەمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،
ئۆزىگە ئەيلىدى شەيدا مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
بۇ مىسكىن زارى مەشرەپنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇر،
بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ
( «نەۋا» مۇقامىدىن)



شۇڭلاشقىمۇ ئانىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئانا ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيمەن. شائىر ئابدۇلباسىت ئابدۇراھماننىڭ «ئانا»، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» ناملىق داستانلار مەن ئەڭ كۆپ ئوقۇغان شېئىرلاردۇر. بولۇپمۇ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. قاراڭ، مەلىكە يۈرەكنى سورىغنادا ، ئۆز ئوغلى ئۈچۈن يۈرىكىنى ھېچ ئىككىلەنمەي سۇغۇرۇپ ئېلىپ بەرمەكچى بولغان ئانا، ئوغلىنىڭ ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش غەرىزىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆز قولى بىلەن چېپىپ تاشلايدۇ. سىز 100% ئالغان بالىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ بەختىگە دۇئا قىلغان ئانىنىڭ مېھرىگە سەل قارىماڭ! ئانا تەربىيىسىگە سەل قاراپ بولماسكى، گېزى كەلگەندە ئۇ بارچە نەرسىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بەزىلەر ۋەتەننى ئانىغا ئوخشىتىدۇ.



شۇڭلاشقا بىز ئالدى بىلەن ئانا تەربىيىلەشكە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بەزى ئاتا- ئانىلىرىمىز نەزىرىدە قىز بالا «بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى». ئۇلار قىز بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە ئوغۇللارغا قارىغاندا كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى قىزلىرىمىزمۇ چوڭ بولۇپ ئۆزلىرىنى ئانا دەپ ئەمەس، ئايال دەپ تونۇشقان. ئاتا- ئانىلار ئۆيلىرىگە يارامسىز كېلىننىڭ كىرىپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قىز بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە كۈچ چىقارمايدۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : « كىمنىڭ بىر قىز بالىسى بولۇپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلىسە دوزاقتىن پەردە بولىدۇ» دېگەن. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئانا ئەڭ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، جورا تاللىغاندىمۇ ئۆزىنىلا نەزەرگە ئالماي، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختىگىمۇ قاراش كېرەك.



يەرشارىنىڭ سىياسى ھاۋاسى ئاشۇ نارەسىدە بالىلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇرۇش، زوراۋانلىق لەكمىڭ-لەكمىڭ بالىلارنى ئۆلۈم-يارىلىنىش، ئاچارچىلىق، كېسەل، سەرگەردانلىق گىردابىغا ئاپارماقتا. چوڭلار بالىلارغا ئاپەت ئەكەلمەكتە. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بېتىدىكى« ئۇرۇشنىڭ بالىلارغا ئەكەلگەن سوۋغىسى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە سۈرەتنى كۆردۈم: ئاۋاق، يالىڭاچ بىر بالا ئەخلەتلەر ئارىسىىدن يېمەكلىك تېپىپ يەۋېتىپتۇ!
ئاشۇ بالىلارغا قارايدىغان بولساق، زېمىنغا چېچىۋېتىلگەن مەرۋايىتلارمىكىن دەپ قالىمىز. ئەپسۇس، بۇ مەرۋايىتلارنىڭ بەزىلىرى تار ئۆيلەرگە سولانغان بولسا، گاھىلىرىنىڭ يۈز –كۆزلىرىگە توپا قونۇپ قالغان. نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئۆزىنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابىنىڭ «كىرىش سۆز»ىگە :« … مەن ئاخىر … چۆمۈچنىڭ ئورنىغا قەلەم ئالدىم… ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە، توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دېدىم…» دەپ يازىدۇ. توغرا، دىيارىمىزدا تالاي بالىلار سۆيۈلۈشكە موھتاج. چۈنكى، « نەسرۇددىن ئەپەندى كالىچىنى مۇزېيغا ئەمەس، بالىلارغا قالدۇرغان» ( «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، 374-بەت).
پەرزەنت تەربىيىسىدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز بالىلاردىن ئىبارەت كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
لۇشۇن ئەپەندى: « بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ نىدا قىلسا، مەن :« بالىلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ خىتاب قىلىمەن.
قاچانمۇ بەئەينى «جەننەتۇل مەئۋا»، «جەننەتۇن نەئىم»، «جەننەتۇل فىردەۋس»كە ئوخشاس گۈزەل ئائىلىلەر مۇھىتى بارلىققا كېلەر –ھە ؟!…


2004-يىل، 27- ئاپرېل، شەھىرى ئاتۇش
«شىنجاڭ مەدەنىيتى» 2004-يىللىق 4-سانىدىن ئىلىندى.


UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى(تەۋسىيە)


بۇ تۈركىيەلىك قېرىندىشىمىز ئىزھار ئاكىنىڭ بالا تەربىيىلەش جەريانى ،بۇنىڭدىن كەڭ قېرىنداشلار ئىلھام ئېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

ئوغلىنىڭ ئىسمى: تارىم 6 ياش. قۇرئاننى يادقا ئېلىپ بولغان، ئىنگىلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلىنى ياخشى بىلىدۇ. 1-يىللىقتا ئوقۇيدۇ. فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوخشاش يىللىقتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىش مۇسابىقىسىدە 1‏- بولغان .سىنىپىدا چېلىشىشتا بىرىنچى.

قىزى :ۋىسال 9 ياش. ئالاھىدىلىكى ئىنىسىغا ئوخشاش. سىنىپ باشلىقى. مەكتەپتە باشقىلارنى دىنغا دەۋەت قىلىدۇ (2004-يىل). بۇلارنىڭ تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى دېمىسەكمۇ بولىدۇ .چۈنكى بۇلارنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى تۈرك . قېنى بىز بالا تەربىيىلەش جەريانىنى ئىزھار ئاكىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى.

******************************************

بىسمىللاھ
ئالدى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماڭا ۋە بالىلىرىمغا ئىزگۈ تىلەك ۋە دۇئالاردا بولغانلىقى ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ۋە دۇئالارنىڭ ساھىبى بولغان جانابى ئاللاھ دىن بۇ قىلىنغان ئاجىزانە تىلەك ۋە دۇئالارنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن.
قېرىندىشىمىز ئۇيغۇر قىزىغا ئەۋەتىلگەن بۇ رەسىملەرنىڭ باشقىچە مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇيغۇر قىزى ئۆزى يېزىۋاتقان «ئىسلام ۋە ئائىلە تەربىيىسى» ناملىق كىتابىغا قويۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان رەسىملەرنى ئېگىسىدىن رۇخسەتسىز بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىشى قانۇنغا خىلاپمۇ-ئەمەسمۇ؟ جۇڭگونىڭ قانۇنىدا بۇ توغرىلىق قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟ ھەق-تەلەپ داۋاسى قىلسام ئاقارمۇ؟(چاقچاق)

نىيەت توغرا بولغاندىن كېيىن ۋە توغرا يولغا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن قېرىندىشىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. بەلكىم مېنىڭ ئالدىن خەۋىرىم بولغان بولسا بۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقىممۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما قېرىنداشلىرىمىز يازغان ئىنكاسلارنى كۆرۈپ، بۇنىڭ پايدىلىق بىر خىزمەت بولغانلىقى چۈشەنچىسىگە كەلدىم.

ئۇزۇندىن بېرى دوست-يارەنلەر بۇ ئەدەپسىز، رەھىمسىز، ئەخلاقسىز جەمئىيەتتە، يەنە كېلىپ پۇل دىسە ئانىسىنى سېتىۋېشتىن يانمايدىغان ياۋرۇپادەك بىر جەمئىيەتتە قانداق قىلىپ بۇ بالىلارنى بۇنداق سۈپەتلىك، قەلبىدە ئاللاھ سۆيگۈسى، پەيغەمبەر مۇھەببىتى يالقۇنلاپ تۇرغان، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق يېتىشتۈرگەنلىكىمىزنى سوراپ كەلگەن ئىدى. مەن ئۇلارغا بىز ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ تېخى يولنىڭ بېشىدا ئىكەنلىكىمىزنى، بالىلارنىڭ يېشى كىچىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئالدىراپ باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما ئۇلار «ئوخشايدىغان زىرائەت مايسىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ» دەپ بۇ ھەقتە مەندىن بىر قىسىم سۇئاللارنى سورىغان ئىدى.

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزەمنىڭ بالا تەربىيىلەش چۈشەنچىلىرىمنى (قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا تەجرىبىلىرىمنى) سىلەر ۋەتەنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتەي. ئارتۇق يەرلىرى بولسا پايدىلىنارمىز، كەم يېرى بولسا تېخىمۇ ياخشى پىكىرلەر بىلەن تۈزىتەرمىز. چۈنكى بىزدە «ئەل بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئەر يولدا قالماس» دېگەن سۆز بار.

بالىلارنى قانداق تەربىيىلەش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتسەم، ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئانىسىنى توغرا تاللاش كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى. بىز دادىلار ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە بېرىلگەن ئائىلىنىڭ رىزقىنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن خىزمەت ياكى تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتلاردا يۈرۈيمىز. ئەتىگەن چىقىپ كەتسەك، كەچتە ھېرىپ ئاران ئۆيگە كېلىمىز. ھېرىپ-ئېچىپ ئۆيگە ئاران كەلگەندە بالىلار بىلەن دىئالوگىمىز بەكمۇ قىسقا ھەتتا يوق دىيەرلىك بولىدۇ. بالا ئەقىل يېشىغا كەلگىچە ھەر نەرسىنى ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ، ئانىسىنى ئۆرنەك ئالىدۇ ۋە ئانىسىنى دورايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئانىسىنى توغرا تاللاش كەلگۈسىدە بالىنىڭ سۈپىتىنى، خاراكتېرىنى توغرا تاللاشتۇر دەپ قارايمەن.

ھەتتا تۈركلەردە «بالاڭنىڭ قانداق بولۇشىنى خالىساڭ، شۇنداق ئايال ئالغىن» دەيدىغان بىر سۆز بار. بۇ ھەقتە بىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق ھاياتىمىزنى پروگراممىرلاشتۇرغان، يول كۆرسەتكەن دىن – ئىسلام دىنىمىزنىڭ رەھبىرى، ئوقۇتقۇچىسى، ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام شۇنداق دەيدۇ:
«بىر ئايال بىلەن 4 نەرسە ئۈچۈن توي قىلىنىدۇ. 1)چىرايى، 2) مال-مۈلكى، 3) نەسەبى، 4) دىنى(دىيانىتى). سەن دىيانەتلىك بولغاننى تاللىغىنكى، ئۆيۈڭگە (ۋە نەسىلىڭگە) بەرىكەت ياغسۇن.» -بۇخارى

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بۇ تەۋسىيىسى بويىچە مەن توي قىلغاندا ئالدىنقى شەرتنى قىزنىڭ دىيانىتىگە، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يەنى ئاللاھ نىڭ دىنى بولغان ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە، ئاللاھ نى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ؟ ئاللاھ غا قانچىلىك ئىتائەت قىلىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بولغان ئالاقىسى قانداق؟ يەنى قانچىلىك ھەدىس بىلىدۇ؟ سۈننەتكە قانچىلىك ئەمەل قىلىدۇ… قاتارلىق ئىشلارغا قاراتتىم. ۋە جانابى ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىلەن بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇن بىر مۇسۇلمان قىزى بىلەن توي قىلدىم.

بىز توي قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىمىزنى كەلگۈسىدە ئاللاھ دىن ئامانەت ئالىدىغان پەرزەنتلىرىمىزگە قاراتتۇق. ھەر ئىشتا ھەتتا جىنىسىي مۇناسىۋەتكىچە ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا دىققەت قىلدۇق. شېرىن ئاينى پەيغەمبەر دىيارىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن مەككىگە ئۆمرىگە باردۇق. كېيىن ئايالىم ئاللاھ نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھامىلە قالدى. بىز بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىدق. بالا بالىياتقۇدا ئانىنىڭ يېگەن تامىقىدىن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلدۇق. ئىسلام دىنى چەكلىگەن ھەتتا گۇمانلىق دەپ قارىغان يىمەكلەردىن قەتئىي يىراق تۇردۇق. ھاراق ساتىدىغان، تانسا ئوينىتىدىغان رېستوران، ئاشخانىلاردا ھەرگىز تاماق يېمىدۇق. ئايالىم تاھارەتسىز تاماق ئەتمەسلىك، تاھارەتسىز تاماق يېمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلدى.

ھەتتا تاھارەتسىز پۇشۇرغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بىلەن بازاردىكى ناۋايدىن نان ئالماي، ئۆيدە ئۆزىمىز نان پۇشۇردۇق ۋە ياكى يېزىدىكى تۇققانلارغا ياقتۇرۇپ ئەكەلدۇق. ئايالىم شۇنىڭدەك ئىبادەتكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ھەركۈنى 10-5 ۋاراق قۇرئان ئوقۇدى. 9ئاي ئىچىدە قۇرئاننى بىرقانچە قېتىم خەتمە قىلىپ چىقتى. بەزىدە بىللە ئوقۇدۇق، جانابى ئاللاھ دىن ئىمانلىق، ئىنساپلىق، ۋەتەنگە، مىللەتكە ياراملىق ئەۋلادلار ئاتا قىلىشىنى تىلىدۇق. بالىنىڭ ئاي-كۈنى يېقىنلاپ قالغاندا مەن ئۇيغۇر دوختۇر تەرىپىدىن تۇغدۇرىدىغان بىر تۇغۇت دوختۇرخانىسى ئىزدىدىم.

ئەمما ئەپسۇسلىنىش بىلەن شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر دوختۇر تۇغدۇرىدىغان دوختۇرخانا ئۇياقتا تۇرسۇن، تۇغۇت دوختۇرى ئايال كىشى بولغان دوختۇرخانا تېپىشمۇ تەسكە توختىدى. ياۋروپادا ئايال كىشىنى ئەر دوختۇر تۇغدۇرىدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىدە بۇ ئىشقا دۇچار بولارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. كېيىن ئايال دوختۇر تۇغدۇرىدىغان دوختۇرخانا تاپقان بولساقمۇ، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلغان پەلەستىنلىك بوۋاقلارغا، ئامېرىكىدا يەرلىك ئىندىئان مىللىتىگە مەنسۇپ بوۋاقلارغا تۇغۇت دۇختۇرلىرى تەرىپىدىن بالىنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي جەھەتتە ساغلام يېتىلىشىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدىغان خىمىيىۋىي دورا، ئۇكۇللارنىڭ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەتئەلدە كۆپ ئوقۇغاچقا يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم.

ئاخىرى ئاتايىتەن قەشقەردىن بەش ۋاقىت نامازنى قالدۇرماي ئوقۇيدىغان، تەقۋادار ۋە قولى يەڭگىل بىر موماينى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، ئۆيدە دۇئالار بىلەن تەكبىرلەر بىلەن بالا ساق-سالامەت تۇغۇلدى. شۇنىڭ بالا ئەجدادى مەھمۇت قەشقىرىدەك، ئابدۇقادىر داموللامدەك، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئۆيدە، مۇسۇلمان بىر تۇغۇت ئانىسىنىڭ قولىدا دۇنياغا كەلدى.

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئايالىم بالىنى ھەر قېتىم ئېمتمەكچى بولغىنىدا تاھارەت ئېلىپ، بىسماللاھ دەپ ئەمدۇردى. بالىنى ئۇخلاتماقچى بولغىنىدا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، مۇڭلۇق تىلاۋەت قىلىنغان قۇرئان كەرىم لېنتىلىرىنى قويۇپ بەردى. بالا مۇڭلۇق قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ئىچىدە ئۇخلىدى. بالا ئۆمىلەپ مېڭىپ، ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك بولغىنىدا ئۇنىڭغا ئويناش ئۈچۈن ھەرخىل ئىسلامىي ئويۇنچاقلارنى ئېلىپ بەردۇق. مەسىلەن: سىلكىسە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان قوڭغۇراققا ئوخشاش…. ئۆيىمىزنىڭ تاملىرىنى كەبىنىڭ، مەدىنەنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋەرۈكلىرىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بېزىدۇق.

جايناماز، تەسۋىي قاتارلىق ئىسلامىي سىمۇۋۇللارنى ھەر يەرگە قويۇپ قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن بالا چوڭ بولۇپ ئەتراپنى پەرق قىلغىدەك بولغاندا تۇنجى قېتىم كۆرگىنى مەككە ۋە مەدىنە بولدى، ئىسلامىي مەنزىرە، ئىسلامىي سىمۇۋۇللارنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. ھەتتا ھېچ ئۇنۇتالمايمەن؛ بىر قېتىم ئوغلۇم تارىم تامدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىلىچىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى كۆرۈپ: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. مەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىلىچى» دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دېگەن كىم؟» دەپ سورىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە ئېيتىپ بەرگىنىمدە، ئۇ ماڭا: «دادا ماڭىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭكىدەك قىلىچ ياسىتىپ بەرگىن» دېگەن ئىدى.

بىز مۇشۇنداق بالىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى، ئىش-ئىزلىرىنى چۆچەك، مەسەل قىلىپ ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارغا تەدرىجىي ئىسلامىي ئاڭ، ئىسلامىي سۆيگۈ-مۇھەببەت سىڭدۇردۇق. مەن بۇ جەھەتتە ئايالىمنى ھەقىقەتەن تەبرىكلەيمەن. مەن بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋالدىم. مەن ئۇنىڭغا: «ئانا پەرزەنتنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى. ئانىلىق ۋەزىپىسى مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر. ئۇ مىللەتكە، ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلاد يېتىشتۈرىدۇ. ئانا ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى، بارلىق مېھرىنى، بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى، بارلىق بىلىمىنى پەرزەنتىگە، ئۇنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەرپ قىلىش كېرەك. شۇڭا سەن زېھنىڭنى، دىققەت-مەركىزىڭنى باشقا يەرگە چاچماي بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرسەڭ» دېدىم ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلىتى ياپۇنىيەدە، ئىسرائىليەدە ئاياللارنىڭ توي قىلىپ پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارنىڭ %95 پېرسەنتىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆي ئايالى ئىكەنلىگىنى، بىزنىڭ تارىخىمىزدا دۇنيانى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن ئالىم، قوماندان، ئەدىبلىرىمىزنىڭمۇ ئانىسى ئۆي ئايالى ئىكەنلىگىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتىم.

ئۇمۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. شۇنىڭ بىلەن بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالايدىغان، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇڭدىشالايدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. بوش ۋاقىتلىرىدا ۋە بالىلار ئۇخلاپ قالغاندا ئىسلام تارىخى، ساھابە ھاياتى قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكلەرنى بالىلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ھەم قىزىقارلىق قىلىپ قايتىدىن چۆچەككە ئايلاندۇرۇپ تەييارلىدى. ئەتسىى ئاخشام تەييارلىغان بۇ ئىسلامىي چۆچەكلەرنى بالىلارغا ئېيتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا يۈرۈپ بالىلار بىلەن ئانچە كۆرۈشەلمىسەممۇ، ئايالىم بالىلارنى پەيغەمبەر يولىدا بىمالال باشلاپ ئىلگىرلىدى.

ھازىرمۇ ھەم مەن تۈركىيەدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەشغۇل بولساممۇ، ئۇ بالىلارنى فىرانسىيەدە مېنىڭ يوقلۇغىمنى بىلىندۈرمەي ياخشى تەربىيلىمەكتە. جانابى ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن…. ئامىن!

بىز يەنە بالىلارنى ئىسلامىي ئۇسۇلدا تەربىيلەشتە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز باشلامچى بولدۇق. بالىلاردىن تاھارەتسىز ھالدا تاماق يىمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان بولساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز تاماق يىيىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئالدۇق. تاماقنى بىسمىللاھ دەپ يېيىشنى تەلەپ قىلغان بولساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز بىسمىللاھ دەپ باشلىدۇق. تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز دۇئا قىلىپ باشلاپ بەردۇق. ناماز ئوقۇشتا ئائىلە بويىچە بىرلىكتە ناماز قىلدۇق. بالىلاردىن قالايمىقان فىلىم كۆرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان بولساق ئالدى بىلەن بىز كۆرمىدۇق. ئۆيىمىزگە ھازىرغىچىلىك تېلىۋىزۇر(دىل بۇزۇر) يولاتمىدۇق. بۇنىڭ ئورنىغا ھەر خىل ئىلمىي تەربىيىگە ئىگە قونچاق فىلىملىرىنىڭ VCD, DVD نى سېتىۋىلىپ ئۇنى كۆرسەتتۇق. بۇنىمۇ ئالدى ئۆزىمىز بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇ قونچاق فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن باشلىدۇق… ۋە ھاكازالار. قىسقىسى بالىلارغا ساھىبىي بولغان ئاللاھ نى، رەھبىرى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى، دۇنيا ھاياتىدىكى پىروگرامما ۋە نىزامنامىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى تونۇتۇشتا، چۈشەندۈرۈشتە ئۆزىمىز ئەمىلىيىتىمىز بىلەن باشلامچى بولدۇق.

مېنىڭ ئالدىمغا بالىلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئۈچرىغان يەنە بىر مەسىلە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا گەپ قىلىشى بولدى. چۈنكى ئايالىم تۈرك، بىز ياشاۋاتقان يەر فىرانسىيە، ئەتراپىمىزدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئايالىمغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش بىلەن باشلىدىم. ئۇنىڭغا ئېلىپبەنى ئۆگەتتىم ۋە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تارىم ژۇرنىلى»، «تەڭرىتاغ»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» قاتارلىق كىتاپ- ژورناللارنى ئوقۇشقا بەردىم. باشتا سەل قىينالغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا بىمالال ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولدى. بەلكىم ئىشەنگۈڭلار كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ مەرھۇم ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولدى ۋە ھازىر مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» دېگەن تارىخىي رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن بالىلارغا ئىسلامىي چۆچەكلەرنى ئۇيغۇرچە ئېيتىپ بەردى. ئۆيدە ئۆز-ئارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش يولغا قويۇلدى. ھەتتا ئۇيغۇرچە سۆزلىمىگەنگە جازا بېرىش بەلگىلىمىسى ئورنىتىلدى. بالىلار يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە مومىسىنى كۆرۈپ، مومىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغىلى بارغاندا ناھايىتى بىمالال ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ يۈرىدۇ.

يۇقىرىقىلار مېنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى بېشىمدىن ئۆتكەن قىسقىچە سەزگۈرەشتىلىرىم. بەلكىم كەمچىلىكلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بار بولسا كەڭ مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىم تۈزىتىش بەرسە بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمىمدە تۈزىتىۋالسام. چۈنكى بالىلار ئاللاھنىڭ ئامانىتى، بالىلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى، بالىلار ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى…..

مەنبە: پەرىشتە مۇنازىرە مۇنبىرى

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:50:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يۇقارقى ئىنكاسلاردا تورداشلار ھوزۇرىغا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق. نۆۋەتتىكى مۇلاھىزە پىقىرنىڭ ئويلىغانلىرىدىن ئىبارەت.

UID
6971
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
417
تىزىملاتقان
2010-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 19:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئەرلەر بىر ئۆينىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ تۆۋرۈكى، لېكىن شۇ ئەرلەر نۇرغۇن ئىشلارنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويۋاتىدۇ.
شۇنداقلا مەن ئۆزۈممۇ بىر قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى قىزلارغا كەلگۈسى ئانىلىرىمىزغا دېگۈم كىلۋاتىدۇ.
ھازىر جەمئىيتىمىزگە قارىساق نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولىۋاتىدۇ، قىزلارنىڭ يۈرۈش-تۈرۈشلىرى چەتئەلنىڭ مەدەنىيتىنى ئۆزگە سىڭدۈرگەن ئاساستا، ھەدىدىن زىيادە تار كىيىنىش، مەيدىلىرىنى ئىچىپ كىيىش، چىكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىش. توغرا ھەممە كىشى گۈزەللىكە ئىنتىلىدۇ، بولۇپمۇ بىز قىزلار لېكىن چەكتىن ئىشىپ كەتسىمۇ تازا قاملاشمايدئكەن.
تۆۋە دېگۈم كىلدۇ، ھىلقى كۈنى بىر قىز مەن ئىچىمگە مۇكۇ قىلىپ كىيگەن نەرسىنى تىشغىلا كىيۋاپتۇ، تۆۋە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپلا قاپتىمەن، مەنىلا ئەمەس نۇرغۇن كىشلىرىمىز قارىغاندۇ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ھەرخىل بولىدۇ.
‹ ھۆرمەت قىلىشتىن بۇرۇن ئىززەتلىنىشنى ئۆگەنگەن› بەكمۇ ئەلا.
بىز قىزلار كەلگۈسى ئانىلار بولۇش سۈپىتمىز بىلەن ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنى، ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەشنى، شۇنداقلا ئاللاەنى ياد ئېتىپ تۇرشىمىز كېرەك. قېرىنداشلىرىم
ئوغۇللارغا دەيدىغىنىم، بەلكىم شۇ قىزلار سىلەرنىڭ ئايالىڭلار ۋە ياخشى كۆرگەن قىزىڭلاردۇر. شۇ قىزغا باشقىلارنىڭ غەيرى، پەس كۆزى بىلەن قارشىنىى سىزمۇ خالىمايسىز ئەلۋەتتە. ئۇ پەقەت سىزگىلا تەۋە شۇڭا ئوغۇللار دۇنياغا كۆزۈڭلارنى ئىچىپ قاراڭلار.
قايسى بىر ئالىم شۇنداق دەپتىكەن‹ كىيىن پەرزەنتىڭنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلىساڭ، شۇنداق ئايال ئالغىن ،دەپ.
ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز بۇرچىىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ، كەچ بىرۋاقتىقىچە قىزىلىرىغا ئۆيگە كىرىمىسە، نەگە بادىڭ دەپ بىرەر قېتىم ۋارىقراپ گەپ، قىلماي، چاتىرىقىڭلارغا بىشىڭلارنى تىقىپ، ئاشۇنداق كىيىم كېيسە ئەجەپ يارشىپتۇ دەپ بىزەڭلەرچە كۈلۈپ تۇرماي، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۆزەڭلارنىڭ بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ئىكەنلىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
لېكىن ھەمىمىز شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى بىز ئۇيغۇر باللىرى. قېنى ئۇيغۇر ياشلىرى. مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن دىنىمنىڭ ئىسلام بولغانلىىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 21:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا بۇ ھەقتىكى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ياخشى دەپ قارىغان يازمىنى كۆپچىلىك دىققىتىگە سۇندۇم.

ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر ھەققىدىكى ئىسلام پرىنسىپى 1
  مەنبەسى :   يوللۇغۇچى:ھەقىقەت


740.    سوئال: ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرى قايسىلار؟
        جاۋاب: پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ھەم شەرەپلىك ھەم خەتەرلىك بىر ئامانەتلەردۇر. ئاتا - ئانىلار قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۇ ئامانەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى بۇ جاۋابكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار﴾( [1]).
    ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە بالا - چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش يولىدا، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئىمان، ئىسلامنى ئۆگىتىپ، ياخشى - ياماننى بىلدۈرۈپ، ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىتىپ بۇ ئامانەتنى ئادا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئاتا - ئانىلار يۇقىرىقىلارنى ئاللاھ بۇيرىغان بويىچە ئادا قىلغاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆگەيدۇ. كېيىنىكى ئىشلارغا بالىلار ئۆزلىرى جاۋابكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ھەرقانداق بالا ئىسلام دىنىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھازىر بولغان تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا - ئانىسى يەھۇدىي قىلىدۇ ياكى خرىستىئان قىلىدۇ ياكى مەجۇسىي قىلىدۇ.» دېگەن. دېمەك، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ قانداق يېتىشىپ چىقىشىدىن مەسئۇلدۇر. ئۇلار بالىلىرىنى ئىسلام نۇرى ئاستىدا، ياخشى تەربىيىلەپ چىققان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چۇقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر بالىلىرىنى ئۆز ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بېرىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېتىشتۈرەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ. يامان بالىنىڭ ئاپىتى ئاتا - ئانىلارنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. ئامانەتنى زايە قىلغان كىشى قانداق جاۋابكالىققا تارتىلسا، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلىچىكىنى زايە قىلىۋەتكەن ئاتا - ئانىلارمۇ، ئۇنىڭدىن ئېغىرراق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۈنكى پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارغا تاپشۇرغان ئامانەتلىرىدۇر.
ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرى
    (1) بالىلارغا ئاتا – ئانا بولىدىغانلارنىڭ ياخشى تاللىنىشى
    بۇ ماۋزۇ ئاتىلار بىلەن ئانىلارغا ئوخشاشلا قارىتىلغان بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ دىيانەتلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە ئېسىل - پەزىلەتلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئاتا بولغۇچىنىڭ كېلەچەكتە بالىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغان ئايالنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، ياخشى تاللىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، ئانا بولغۇچىنىڭمۇ كېلەچەكتە بالىلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان ئەرنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا ياخشى تاللىشى زۆرۈردۇر.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە قارىتىپ:«كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ: ئۇلارنىڭ ھۆسىن – جامالىغا، بايلىقىغا، نەسىبىگە ۋە دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللغىن. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭ زىيان تارتىپ قالىسەن.»( [2]) دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسى ئارقىلىق دىنغا، جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق، ياخشى نەسىل يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، شۇ نەسىلگە ئانا بولغۇچى ئايالنى دىيانەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ياخشى تاللاپ، ئىلغاشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان. ئېسىللىك، ياخشىلىق پەقەت دىيانەت بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. بىراۋنىڭ دىيانىتى بولماستىن، قانچىلىك ئېسىل، شەرەپلىك ئائىلە بولۇپ كەتسۇن، ئۇنى ياخش دېگىلى بولمايدۇ.
    ئايال كىشىلەرمۇ كېلەچەكتىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان جورىسىنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى مىزان قىلغان ھالدا، ياخشى تاللىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزنىڭ ئائىلىسىگە :«ئەخلاقى بىلەن دىيانىتى سىلەرنى رازى قىلىدىغان قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى دەر ھال ئۆيلەندۈرۈڭلار»( [3]) دېيىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جور تاللىشىدىكى ئىسلامىي پرىنسىپنى بايان قىلىپ بەرگەن.
    (2) بالىلارغا گۈزەل ئىسىملارنى قويۇش
    بالىلارغا گۈزەل - چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئىسلام دىنى ھاياتلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كامىل بىردىن بولغانلىقتىن، بۇ ماۋزۇدىمۇ ئىنسانلارغا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىشنى ئۇنتۇمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنتلەرگە چىرايلىق، گۈزەل ئىسىملارنى قويۇش ھەققىدە:«سىلەر قىيامەت كۈنىدە ئىسمىڭلار بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇڭا بالىلىرىڭلارغا چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇڭلار»( [4]) دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ھەمىشە گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى، يېقىمسىز ئىسىملارنى گۈزەل، يېقىملىق ئىسىملارغا ئۆزگەرتىپ قوياتتى.
    (3) ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش
    ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش پۈتۈن ساماۋىي دىنلاردا بۇيرۇلۇپ كەلگەن بىر ھۆكۈمدۇر. يەھۇدىي دىنىدىكىلەر - گەرچە ئەسلىدىكى يەھۇدىي دىنىنىڭ ماھىيىتىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ــ ھازىرمۇ ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئىشىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما خرىستىئانلار، - گەرچە ئۆز ۋاقتىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەقتە تەۋسىيەلىرى بولغان بولسىمۇ - بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي كەلمەكتە. ئىسلام دىنىدىكى بارلىق مەزھەپلەردە ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ لازىم ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن قائىدىدۇر.»( [5])
    (4) بالىلارنى بېقىش
    ئاتىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتلەرنى بېقىش پەرزدۇر. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجىدىن چىقىش پەقەت ئاتىنىڭ ئۈستىگىلا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئاتا بولغان كىشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا نەفەقە(چىقىم) قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسنى تەمىن ئېتىدۇ. ئائىلىنىڭ نەفەقىسى سىلە - رەھىم قىلىش، سەدىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ياخشىلىقلاردىن ئەھمىيەتلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە نەفەقىسىنىڭ ــ ئادا قىلىنىشتا ــ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشىلىقنى ئاۋۋال ئائىلەڭدىن باشلىغىن، بالا مېنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن، ماڭا ئاش - نان بەرگىن! دەيدۇ.»( [6])
    بالىلىرىنى ياخشى باقماي، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى زايە قىلۋەتكەن ئاتا ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ ھال - ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالماي، ئۇلارنى ئۆز ھاللىرىغا تاشلىۋېتىش ئەڭ ئېغىر گۇناھى كەبىرىلەردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىراۋنىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماي، زايە قىلىۋېتىشى يېتەرلىكتۇر.»( [7])
    (5) بالىلارنى تەربىيىلەش
    ئاللاھ ئىنسانىيەتنى، ئۆزىنىڭ يەرشارىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشىدا ئۆزىدىن خەلىپە (ئۇرۇن باسار) قىلىپ ياراتتى. دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى پەقەت ئىنسانلار بىلەن بولىدۇ. ئىنسانلار پۈتۈن كائىناتنىڭ خوجايىنى. شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىنسان نەسلىنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىشى پەقەت بىر ئەر، بىر ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ كەلمەكتە. ئائىلە ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىپتىدائى مەكتىبى بولۇپ، بۇ مەكتەبنىڭ مەسئۇل مۇئەللىملىرى ئاتا بىلەن ئانا ئىككىسىدۇر. ئىنساننىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق بولۇپ يېتىلىپ چىقىشى، پەقەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تۇنجى قېتىم ئالغان تەلىم - تەربىيىسىگە باغلىقتۇر. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسى ئىنسان ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىن ئىمان ئىسلام ئۆگىتىپ ۋە ياخشى - ياماننى بىلدۈرۈپ، راست سۆزلەيدىغان ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ بىرىدۇر.
    بالىلار بالاغەت ياشلىرىغا يېتىشى بىلەن ئۇلار ھەرخىل ئويۇن - تاماشالار ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار ئارقىلىق بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ دەۋر ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەڭ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئەھمىيەتلىك بىر دەۋردۇر. بالىلارنى بۇ ياشلىرىدا، تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان پاكىز، تەن - تەربىيە ۋە باشقىمۇ ئىجابىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلمىغاندا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز يامان دوستلاردىن يىراقلاشتۇرۇشى ۋە بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان تاماكا، ھاراق، زىنا - پاھشىە قاتارلىق يامان ئىشلاردىن ئۇلارنى قەتئىي چەكلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا بارلىق يامان ئادەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاددى بىرەر يامان ئىشقا ئادەتلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھۇشيار بولۇش لازىم. قىسقىسى، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئېتىقادىي، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەپ چىقىشتىن مەسئۇل.
    (6) بالىلارنى ئوقۇتۇش
    بالىلارنى قايسى پەنلەردە بولمىسۇن، ئوقۇتۇش ياكى ئۇلارغا تىرىكچىلىكنىڭ كەسىپلىرىدىن بىرەر كەسىپ ئۆگىتىش ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىدىندۇر. بالىلارغا دىنىي بىلىملەردىن ئالدى بىلەن ئىمان ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن ياخشىلىق - يامانلىقنى ، ھارام - ھالالنى، ئەمەل - ئىبادەتلەرنىڭ ئۇسۇللىرىنى، ئەدەب - ئەخلاقلارنى ۋە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش قائىدىلىرىنى بىلگەنگە قەدەر ئوقۇتۇش ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان پەرز ئەينىدۇر.
    ئەمما بالىلارنى دىنىي ئىلىملەردە بولامدۇ، ياكى پەن بىلىملىرىدە ــ دوختۇرلۇق، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرونومىىيە ، فىزىكا ، ماتېماتكا، بىيولوگىيە، پەلسەپە ۋە باشقىلار قاتارلىق پەنلەرنىڭ قايسىبىرىدە ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش پەرز كۇپايە بولۇپ سانىلىدۇ.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئىلىم ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەرقانداق مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.»( [8]) دەپ كۆرسەتكەن.
    ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقى بولغان ۋە مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن ”ئوقۇش، ئۆگىنىش“ بۇيرۇقى، دىنىي ئىلىملەرگىلا ياكى مەخسۇس بىرەر پەنگىلا قارىتىلغان بۇيرۇق ئەمەس، بەلكى ئۇ ، كائىناتنىڭ ئىگىسىنى تونۇتىدىغان، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان پۈتۈن ئىلىم - پەنلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
    (7) بالىلارنىڭ تويلىرىنى قىلىش
    ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئوغۇللارنى دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ياخشى يەردىن ئۆيلەپ قويۇش، قىزلارنىمۇ دىيانەتلىك ئەخلاقلىق ياخشى يەرلەرگە ياتلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ياكى بالىلارنىڭ بەزىبىر تەنتەكلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بولۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ھەر قانداق ئاتا - ئانا ئىسلام نەزەرىدە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. قىز - ئوغۇللارنىڭ توي ئىشلىرىنى بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق ئىجرا قىلىش شۇنچىلىك كۆپ ياخشىدۇر. چۈنكى قىز - ئوغۇللار تۇرمۇش قورۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يامان ئىشلارغا بېرىلىشتىن تىزگىنلەپ قالالايدۇ. ھەمدە ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ قەدرىگە بۇرۇنراق يېتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىر - مېھنەتلىرىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قارىتا مۇئامىلىسى
741.    سوئال: ئاتا – ئانىلار بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
        جاۋاب: ئاتا – ئانىلار بالىلارغا تۆۋەندىكىدەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك:
    (1) بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش
    بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلارغا ئىتائەت قىلىشى ۋە سۆزىگە كىرىشى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، مېھرى - مۇھەببىتىنى ۋە شەپقىتىنى بېغىشلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك. بالىلارغا ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلىماسلىق، ئۇلارغا كەمچىلىكلىرىنى تونۇتۇشتا، مۇناسىپ ئورۇندا بىرگە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، ئاندىن كەمچىلىكلىرىنى سىلىق، مەنتىقلىق ئۇسۇلدا ئېيتىپ بېرىپ، ئاندىن توغرا نەسىھەت قىلىش، تەربىيە كۆرگەن ئاتا - ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىقتۇر.
    (2) بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش
    بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق قىلىش كېرەك. بىرىنى - بىرىدىن ئارتۇق كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە شەپقەت ئىزھار قىلىش ئارقىلىق باشقىلىرنى رەنجىتمەسلىك لازىم. بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلماسلىق ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتدۇ. ئاتا - ئانىغىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە كەلمەيدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھ سانىلىدىغان يامان ئىشتۇر. نۇئمان ئىبنى بەشىر بالىلىرىدىن بىرسىگە ئالاھىدە بىر نەرسە بەرمەكچى بولۇپ، بۇ ئىشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى گۇۋاھ قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېتيقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:” سېنىڭ باشقا بالىلىرىڭمۇ بارمۇ؟“ دەپ سورايدۇ. نۇئمان جاۋاپ بېرىپ” ھەئە، باشقا بالىلىرىممۇ بار“ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يەنە ” باشقا بالىلىرىڭغىمۇ بەردىڭمۇ؟“ دەپ سورىغاندا نۇئمان ” ياق“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ” مەن بۇنداق زۇلۇمغا گۇۋاھ بولمايمەن» دەپ ئۇنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئومۇم قىلىپ: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار»( [9]) دەيدۇ. ئادالەت مال – دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇئامىلىلەردە تەلەب قىلىنىدۇ.
    (3) بالىلار ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلىش، بەددۇئا قىلماسلىق (يەنى ئۇلارنى قارغىماسلىق)
    ھەمىشە بالىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بەخت – سائادىتىنى تىلەپ ياخشى دۇئا قىلىش لازىم. ئۇلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە يامان ئىشتۇر. بولۇپمۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئاز - تولا نادانلىقلىرىغا ئاچچىقلانغانلىقتىن ئۆزلىرىنى تۇتالماي، ئېغىزلىرىنى قويۇۋېتىشكە ئالدىرايدۇ ــ بالىلىرىغا بەددۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ سۆكىدۇ. بۇ ئىسلام نەزەرىدە خاتا ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆزۈڭلارنىڭ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ۋە ماللىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ نېمە سورالسا بېرىدىغان بىر سائىتى بار، سىلەرنىڭ بەددۇئايىڭلار شۇ سائەتكە ئۇدۇل كېلىپ قالمىسۇن»( [10]) دەپ كۆرسەتكەن.
    (4) بالىلارنى ئەپۇ قىلىش
    بالىلارنىڭ تەنتەكلىكىنى ۋە خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۇلارغا تامامى مېھرى – شەپقىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئاتا - ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىق ۋە كەڭ قۇرساقلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارغا رەھىم قىلىنمايدۇ»( [11]) دەپ كۆرسەتكەن.
    (5) بالىلارغا كەلسە – كەلمەس ئاچچىقلانماسلىق
    بالىلارغا تولا ئاچچىقلىنىش ھەرگىز ئىجابى نەتىجە كەلتۈرمەيدۇ. بالىلارنىڭ خاتالىقلىرى ۋە بولۇمسىز قىلىقلىرىغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ سىلىق ۋە ئىلمىي يوسۇندا توغرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەربىيە كۆرگەن ئاتا – ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىقتۇر. ئۈلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلارغا قەتئىي ئاچچىقلانمايتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە 10 يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ماڭا بىرەر قېتىممۇ ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلمەيمەن. خاتا قىلغان ئىشلىرىمغا ”نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ“ دەپ باققان ئەمەس. ئائىلىسىدىكىلەر تاپا قىلسا، ” بولدى قىلىڭلار، تەقدىردە پۈتۈلگىنى بولىدۇ“دەيتتى.»( [12])
    (6) بالىلارغا ئەمەلىي نەسىھەت قىلىش
    بالىلارغا ئەمەلىي نەسىھەت قىلىش دېگەن ئۆزى قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى ۋە ياخشى پەزىلەتلەرنى ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىش ئەمەس، بەلكى بالىلارغا ئۆگەتمەكچى بولغانلارنى ئۆزى ئەمەلىيىتىدە قىلىپ كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق قىلىنغان تەربىيەلا ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرىغان سۆزىدە:﴿ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئورۇنداشتا چىداملىق بولغىن﴾( [13]) دېگەن. چۈنكى ئۆزى قىلمىغان ئىشنى باشقىلارغا بۇيرۇشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.
    (7) بالىلارنىڭ ئەقلىگە چۈشۈپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىش
    بالىلار بىلەن يۈزمۇ- يۈز تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىگە مۇۋاپىق ھالدا سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، تەلەبلىرى بولسا ئورۇنداش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەكسىچە، بالىلارنى ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ۋە ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلارغا زورلاش ئۇلارنىڭ ئىسيانكارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بالىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ”سەن چۈشەنمەيسەنغۇ” دەپ سەل قارىماستىن، قايىل قىلارلىق ئۇسۇلدا توغرا ھەم چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىش لازىم.
    (8) بالىلارغا قىسسىلەرنى ئېيتىپ بېرىش
    قىسسىلەر، ھېكايىلەر ۋە تېپىشماقلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر. بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش، قابىلىيىتىنى ئويغىتىش، سەزگۈ ئورگانلىرىنى مەشق قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى كەشىپ قىلىش تەربىيە ئۇسۇلىدىكى ئاساسلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. بالىلارنىڭ قايسى پەنگە ۋە قانداق نەرسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزلىرى قىزىققان پەنگە ۋە قابىلىيىتى تەلەب قىلغان شۇ ئىشقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىمىغان پەنگە ياكى كەسىپكە زورلاش ياخشى نەتىجە كەلتۈرمەيدۇ.


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

UID
26399
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-18
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 12:32:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىلەرنى خۇلالىساق: ئىمانىمىزنىڭ، ئىتىقادىمىزنىڭ سۇسلاپ كېتىشى، دىنىمىزدىكى ئەر ۋە ئاياللاردىكى مەجبۇرىيەتنى تولۇق  بىلمەسلىك ئادا قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 13:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئشلارنى تۇرمۇشىمىزدا يوق دىيەلمەيمىز.لىكىن بۇ قىسمەن ئەھۋال .ھەقىقى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياشاۋاتقان ئەركەكلىرىمىزمۇ ئازئەمەس .جەمئىيتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئىڭمىزدا تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئەڭ تىز بولدى ،بۇ تەرەققىيات قانداقتۇر يىڭىلىق يارتىش بولماستىن يۈرۈش-تۇرۇش ،ئۆرىپ-ئادەت ،كىيىم -كىچەك مەدەنىيتىدىكى ئۆزگىرىش بولدى ،بىز غەرىبنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا ،يىڭىلىق يارتىش رۇھىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلماستىن كىيىم -كىچەك ،يەپ-ئىچىش ۋە غەربىلىكلەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر قىسىم ناچار ئىللەتلىرىنى ئەڭ تىز سۇرئەتتە قۇبۇل قىلدۇق ،بىرسى ماۋۇ كىيمىڭىز پەقەتلا سىزگە ماس كەلمەپتۇ دىسە بۇ دىگەن مودا ياكى جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجى دىدۇق .بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئۆرىب-ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ دىسە ،ئۇ دىگەن قايسى زامان ،ھازىر دىگەن ئەركىن دۇنيا دىدۇق.
ئارسىلان ئابدۇللا مۇئەللىم «بىر كىتاب بىر ئالەم »پىروگىراممىسىدا شۇنداق بىر گەپنى قىلدى ،«بىز ئۇيغۇر مىللىتى ،ئىككى خىل ئىشتا دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئىكەنمىز يەنى كۆپ خىل دىنغا ئىتقاد قىلىشتا ،بىز ئىتقاد قىلغان دىن ناھايىتى كۆپكەن ،يەنە بىرسى بىز دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆپ يىزىق ئالماشتۇرغان مىللەتكەنمىز ،بىز ھەرقانداق بىر يېزىقنى 100يىل ئشلىتىپ باقماپتىمىز »دىگەن ئىدى ،ئەمدى بۇنىڭغا كىيم-كىچەك ۋە ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنىمۇ قۇشۋېلىپ مۇقىم بىر مىللىيچە كىيىم-كىچىكى ۋەئۆرىپ-ئادەت مەدەنىتى بولمىغان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز .
مانا مۇشۇنداق قارغۇلارچە ئەگىشش ،دوراش ،ئەيش-ئىشرەتكە بىرلىش داۋاملىشىۋەرسە ئاياللار (ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتىسلەر )،(ئەرلەر قېنى سىلەر )دەپ توۋلىسا ،بالىلار (ئانا ،دادا مەن سىلەرنىڭ مىھىر -مۇھاببىتىڭىلارغا مۇھتاج )دەپ توۋلايدۇ.مىللەت بولسا ئۆز خاسلىقىنى يۇقاتقان بىزلەرگە قاراپ (ئىھ ئۇيغۇر قېنى سەندىكى خاسلىق ،قېنى سەندىكى ئەسەپ-ئەخلاق ،قېنى سەندىكى ئىمان -ئىنساپ )ئاچىچق نىدا قىلىدۇ ......!............................................!

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
309
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2471
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-19
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزغا پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم سۇمەييە خانقىز .( قانداق ئاتاشنى بىلەلمىدىم ) ئەمما ناھايىتى مۇھىم تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، تېما ئىچىدىن تېما چىقارغىنىڭىزنى مېنى خۇرسەن قىلدى . ھازىرچە ساقلىۋىلىشقىلا مەجبۇرمەن . كېينچە پايدىلانسام بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم . ئەجرىڭىزگە رەھمەت . ئەلكۈيىدە يېڭى مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتىشقا ، بەس - مۇنازىرە قوزغايدىغان تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ سىزنىڭ ئەلكۈيىنىڭ تۆھپىكار ئەزالىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ، ئۇيغۇر تور دۇنياسى ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي !

UID
15882
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2011-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 20:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ياخشى يازمىنڭ يىزىلغىندىن ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئىلىم ئىگىللىرنىڭ ھەم ئىلىم خۇمارلارنىڭ كۆپلىكىدىن دىلىم شۇنچە خۇرسەن بولدى. مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلار ئۈزۈلمىسۇن!

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
225 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 00:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئايااللار جانابى ھەقنىڭ ئەرلەرگە تاپشۇرغان ئامانىتى.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش