ئىگىسى: سۈمەييە

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:22:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurehim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 02:27
ئەرلەر ئەلۋەتتە ئۆز ئايالىنى قوغدىشى كېرەك.بۇ خىل قوغد ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئابدۇرەھىم! دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، باھانىنى ئۆزىنى ئاقلاش ۋە تەسەللىينىڭ كوزۇرى قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تېخىمۇ چىگىش ئەخلاق كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى ئۇلارنىڭ يارالمىشىدىكى تەبئىتى ئاساسىدا شۇ قەدەر توغرا ۋە ھىكمەتلىك تەقسىملەنگەن. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ جانابى ھەق تەرىپىدىن بەلگىلەنگىنى، بىز مۇرەسسەسىز قوبۇل قىلىشىقا ۋە ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىكى، بۇنىڭ پايدىسى بەدىلىگە ئىككى دۇنيادا ياخشىلىققا ئېرىشىش ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىش بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پايدىدۇر.
سودىگەر پايدا ئۈچۈن نەقەدەر تېرىشمايدۇ، بىز مۇشۇ دۇنيادا ياخشى ياشاش ئۈچۈن نەقەدەر تېرىشمايمىز؟!
ئېنىقكى ئەر ۋە ئايال ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق تونۇشى ئۈچۈن بىلمەكلىك، بىلىش ئۈچۈن ئۆگەنمەكلىك، ئىزدەنمەكلىك، بىر-بىرىگە ئۆگەتمەكلىك زۆرۈردۇر.
بۇ تېمىمىز شۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىقتىكى ھەرگىزمۇ ئەرلەرنى تىللاش ۋە قاقشاش،ئاياللارنى بىچارە كۆرسىتىپ ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئىلىپ، ئەرلىرىدىن ئاغرىنىشقا باھانە تېپىپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس.

قىرىنداشلار ئۆز مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىش، ئىزدىنىش، بىلگەنلىرىمىز بىلمىگەنلىرىمىزگە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئىنكاسىڭىزدىكى كۆپ نۇقتىلارغا قوشۇلىمەن.

UID
25992
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 19:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەرلەر ھەممە ئۆيدە ئاز دىگەندە بىر ئىككىدىن بار، ئوغۇل ۋاختىدا تىخى ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانانىسى ۋە قىز قىرىنداشلىرى بىلەن كارى يوق ، مەسئۇليەت دىگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ھەممىسىنى قاقشىتىپ بانى يوقىتىپ يۈرگەن، بىر تىيىن پۇل تاپماي خوتۇن ئالغۇزىدۇ ئاتا ئانىسىغا، بىچارە ئاتا ئانىلار زىدەكەپ كەتكىنىدىن خوتۇن ئالسا تۈزىلەمدىكىن دەپ ئۆلەپ قويىدۇ، ئەمىليەتتە ئۆلەنگەندىن  كىيىن بالىلىق بولۇپ يەنە تىرىشماي ، بالا چاقىلىرى  خوتۇنى بىلەن قوشۇپ يەنە بىچارە ئاتا ئانىلار ، ئۇلارنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ، ئۇلار بولسا ئۆيىدە ئايالى ۋە پەرزەنتىلىرىگە يەنىلا مەسئۇليەتسىزلىك قىلىدۇ... ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەر مانا مۇشۇنداق كۈن كەچۈرۋاتىدۇ... ئاھ  ئاھ  ئاھ..... قانداق قىلغۇلۇقكىن تاڭ !  ئىش قىلىپ كۆپلىگەن ئەرلىرىمىز ئوخشىمغان ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ھەممىزنى قاخشىتىۋاتىدۇ!!! ئاللا ئۆزى شۇ ئەر بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ،ئىتىقاد ،ئىنساپ، ئاتا قىلسۇن !

يېڭى يۇلتۇز

ياشىسۇن نۆل !

UID
18828
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 21:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم ، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ، ئۆزىدىكى مەسئولىيەت قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشى كېرەك .

UID
28275
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 01:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت  دىمەك  ئانادىمەكتۇر: ئانادىمەك ، ئەنەشۇ بىزنىڭ ئاياللىرمىز ۋە قىزلىرمىزدۇر.مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرى شۇلارنىڭ قولىدا. ئۇلارنى ئاسرايلى، ئۇلارنى تەربىيلەيلى، ئۇلارغا مەسۇل بولايلى. ئۇلارنى ئاسراش،مىللەتنىئاسراشتۇر، ئۇلارنى تەربىيەلەش، مىللىتىمىزنى تەربىيەلەشتۇ، ئۇلارغامەسۇلبولۇش مىللىتىمىزگە مەسۇلبولۇشتۇر.             تېماېگىسىگە رەخمەت.

UID
13836
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
259
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 01:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 21:48
ھەركىم ، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ، ئۆزىدىكى  ...

راست دەيسىز!  چاۋاق بىر قولدا چىقمايدۇ. ئەرلەر ئاياللىرىمىزنى ياخشى باشقۇرايلى! ئاياللارمۇ ئېرىڭلارنىڭ سۆزىنى ياخشى ئاڭلاڭلار!

UID
22371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 11:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق سۈيۈندۈم .
ھازىر ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان مەسئۇلىيەتسىز ، ئۆزىدە بۇرۇچ تۇيغۇسى يوق ئەرلىرىمىز ھەقىقەتەن مەۋجۇت، شۇلار سەۋەبلىك بىزنىڭ نۇرغۇن ئاياللىرىمىز،  نۇرغۇن سەبى باللىرىمىز، ئاق كۆڭۈل قىزلىرىمىز  يىتىم، ئېگە چاقىسىز ۋە بەخىتسىز بولۇپ ھەر خىل يوللارغا كىتىۋاتىدۇ. بىز ئەرلەر ئۇلارغا كۆيۈنمىسەك، مەسئۇل بولمىساق، قوغدىمىساق، ھۆرمەتلىمىسەك قىسقىسى ئۇلارغا ھەقىقىي مىھرى مۇھابىتىمىزنى بەرمىسەك ئۇلارغا مەسئۇل بولمىساق بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئاشۇ خىل زىدىيەتلەر ھەرگىزمۇ تۈگىمەيدۇ. بىزنىڭ مۇنداق بىر سۆزىمىز بار «ئانا رازى خۇدا رازى » دەيدىغان. شۇڭا ھەر بىر ئەرلىرىمىز يىگىتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى باللىرىمىزغا، قىزلىرىمىزغا، ئاياللىرىمىزغا ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا كۈيىنەيلى، ئاسىرايلى ، مىھرىمىزنى بېرەيلى، توغرا يولغا باشلايلى چۈنكى بىز ئۇلارغا بىر تۈۋرۈك بىز مۇستەھكەم بولمىساق ئۇلارمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ. قىسقىسى بىز ئەرلىك بۇرۇچىمىزنى ئادا قىلايلى قېرىنداشلا .

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 11:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇلاھىزىمىز مۇنۇ سوئاللار ئاساسىدا داۋاملىشىدۇ؟
1. ئوغۇللار (پەرزەنت) ئاتا-ئانىسى ئالدىدا قانداق بۇرچى بار؟ سىلەر قانچىلىكىنى ئادا قىلىۋاتىسىلەر؟
2. ئەر ئايالنىڭ ئالدىدا قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟ قانچىلىكىنى ئادا قىلىۋاتىسىلەر؟
3. دادا، پەرزەنتىڭلار ئۈستىدىكى قەرزىڭلار نېمە؟ نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟
4.ئەرنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى ۋەزىپىسى نېمە؟ قانداق ئىشلارنى قىلىشى كىرەك ئىدى.

UID
22371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 13:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك سۇئال بولۇپتۇ. ئۇنداقتا مەنمۇ ئۆزەمنىڭ شەخسى كۆز- قاراشلىرىم ئارقىلىق بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىپ باقاي.
1. ئوغۇللار (پەرزەنت) ئاتا-ئانىسى ئالدىدا قانداق بۇرچى بار؟ سىلەر قانچىلىكىنى ئادا قىلىۋاتىسىلەر؟
بۇنىڭغا جاۋاب بەرسەم بىرلا ئېغىز گەپ بىلەن بېرىمەن يەنى بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىزنىڭ ئالدىدىكى بۇرچىمىز ئۇلارنى رازى قىلىش. ئەممە بۇ رازى قىلىش بىلەنلا گەپ تۈگمەيدۇ . يەنى قانداق قىلىپ ئۇلارنى رازى قىلىش دىگەن مەسلە ئەڭ مۇھىم.
ھەر بىر پەرزەتنىڭ ئاتا- ئانىسنىڭ ئالدىكى بۇرچى بىرىنچىدىن: ساغلام چوڭ بولۇپ ئۇلارنى ھەر ۋاقىت  خاتېرجەم قىلالىساق. ئىككىنچىدىن: ئىتقادلىق بولساق. ئۈچىنچىدىن: ئەقىللىق زىرەك چوڭ بولۇپ ياخشى ئوقۇساق ۋە ياراملىق ئادەم بولساق. ئۈچىنچىدىن: ۋىجدانلىق ۋە غورۇرلۇق بولۇپ ئۆزىمىز قىلغان ھەر بىر ئىشقا ئېگە بولالىساق: تۆتىنچىدىدن : تۇرمۇشىمىزدا ياخشى مەسئۇلىيەتچاق بولۇپ تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم بەخىتلىق قىلالىساق ۋە ئاتا- ئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى تەڭشەپ ئېلىپ ماڭالىساق. بەشىنچىدىن مىللەت ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ ئۇلارنى توغرا، ئادىل، دۇرۇس ئىشلارغا يېتەكلەپ ماڭالىساق بىز ئۇلارنى رازى قىلالىشىمىز ۋە خاتىرجەم قىلالىشىمىز مۇمكىن مانا بۇ بىز پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئالدىدىكى بۇرچىمىز.
ئەمدى مەن قانچىلىق ئادا قىلدىم دىسەم مەن ھازىر ئۇقۇش ۋە خىزمەت باسقۇچىدا شۇڭا بۇنڭغا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . لىكىن ئۇقۇش ئەھۋالىم ھەر ھالدا يامان ئەمەس خىزمەتتىمۇ مەسئۇلىيەتچان ئەمما يەنىلا مەن ئۇلارغا بەزىدە تايىنىپ قالىمەن . ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇرچىمنىڭ قانچىلىك ئادا قىلغىنىمنى پەقەت بىزنى ياراتقان ئېگەم ئۆزى بىلىدۇ.
2. ئەر ئايالنىڭ ئالدىدا قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟ قانچىلىكىنى ئادا قىلىۋاتىسىلەر؟
مەن تېخى تۇرمۇش قۇرمىدىم شۇڭا تۇرمۇش قۇرغانلارغا قارىغاندا بەرگەن جاۋابىم سەل يېتەرسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي . ھەر بىر ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدىكى بۇرچى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنى ھۆرمەتلەش كېرەك . چۈنكى بىز ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئاشۇ ئاجىزە قىزنى ئېلىپ بۇلۇپلا ھۆرمەتلىمەي سەن ئەمدى مىنىڭ نىمە دىسەم شۇنى قىلىسەن دىگەن خىيالدا بولۇپ ئۇلارغا زەربە بەرسەك ئاشۇ ئايالنىڭ غۇرۇرىغا ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەتسىلىك قىلغان بولىمىز. ئىككىنچىدىن ئۇلارغا كۆيۈنۈشىمىز كېرەك. ئۇلار ھەر ۋاقىت بىزنىڭ كۆيۈنۈشىمىزگە مۇھتاج. ئۈچۈنچىدىن ئۇلارغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. تۆتىنچىدىن : ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك . توي قىلىپ بولۇپلا ئۇلارغا ئىشەنمەي گۇمانلىنىپ يۈرسەك بۇ بىزنىڭ ئاشۇ ئايالىمىزغا بولغان مۇھابىتىمىزنىڭ ساختا مۇھاببەت ئىكەنلىكىنى ئىسباتلاپ قويىدۇ بىز ئۇلانى ياخشى كۆرۈپ ئالغاندىن كىيىن چۇقۇم ئۇلارغا ئىشنىشىمىز كېرەك ئەگەر ئۇلارغا ئىشەنمىسەك بۇ ئورتاق تۇرمۇشنى قۇرغاندىن قورمىغىنىمىز تۈزۈك. بەشىنچىدىن ئۇلارنى قوغدىشىمىز كېرەك . چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا جىسمانى جەھەتتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئالتىنچىدىن ئۇلارنى قوللىشمىز كېرەك ۋە يېتەكلەپ مېڭىشىمىز كېرەك . ئەمما بىر ئائىلىدە مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن چۇقۇم قايسىنىڭ پىكىرى ئۇرۇنلۇق بولسا شۇلارغا ھۆرمەت قىلساق بولىدۇ. مەن ئەركىشى مەن سەندىن يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىمەن دەپ ئاياللىرمىىزنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلساق نۇرغۇن ئىشلاردا زىيان تارتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن شۇڭا تۇرمۇش قۇرغاندا چۇقۇم ئەرلىرىمىز ئۆزىمىزنى ھەر ۋاقىت يۇقىرى ئۇرۇنغا قويۇۋېلىپ ئاياللىرىمىزنى كەمسىتسەك بولمايدۇ چۈنكى ئۇلار جىسمانى جەھەتتىن ئاجىز بولغان بىلەن ئەقلى جەھەتتىن بىزدىن ئاجىز بولمسالىقى مۇمكىن.
يەتتىنچىدىن: ئۇلارغا كۆپىرەك ھەمرا بولۇپ، ھال ئېيتىپ كۆڭلىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا ھەقىقىي مۇھاببەتنى بېرىشىمىز ئەرلىك بۇرچىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
ئەمدى مەن تۇرمۇش قۇرمىغاندىنكىن كىيىنكى سۇئالىڭىزغا ھازىرچە جاۋاب بەرمەي تۇراي  ھى ھى ھى ....
3. دادا، پەرزەنتىڭلار ئۈستىدىكى قەرزىڭلار نېمە؟ نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟
مەن تۇرمۇش قۇرمىغاندىنكىن دادا بولمىدىم شۇڭا بۇنىڭغىمۇ يۈزەكى جاۋاپ بېرىپ قويۇشۇم مۇمكىن خاتا بولسا كىيىن ئىنكاس شەكىلدە تۈزتىپ بېرەرسىلەر.
دادىنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى بۇرۇچى مۇنداق ئۈچ ئىش . بىرىنچىدىن: بالىنى ياخشى تەربىيلەپ ياخشى ئۇقۇتۇش . يەنى پەندىمۇ دىندىمۇ ئۇقۇتۇش بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر دادىنىڭ بۇرۇچى
ئىككىنچىدىن: ئۇلارغا كۈيۈنۈپ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە يېتەكلەپ مېڭىش ۋە قوللاش كېرەك ھەم ئۇلارنى قوغداش كېرەك.
ئۈچۈنچىدىن : ئۇلارنى ئۆيلۈك ئوچاق قىلىپ قويۇش كېرەك  . مانا بۇ ئات- ئانىنىڭ پەرزەنكە قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك بۇرچى.
4.ئەرنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى ۋەزىپىسى نېمە؟ قانداق ئىشلارنى قىلىشى كىرەك ئىدى.
ھەر بىر ئەرنىڭ ۋەتەن مىللەت ئالدىدا قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىسى ۋەتەننىڭ مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى ساقلاپ قېلىش، ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارغا يېتەكچىلىق قىلالايدىغان بولۇش، ياخشى ئۇرۇن باسارلارنى تەربىيلەش ۋە شۇنداق شارائىتلارنى ھازىرلاش ، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ھەر قانداق قىيىنچىلىق بولسىمۇ ۋاز كەچمەسلىك ئۈمۈدۋار بولۇش، جەڭگىۋارلىق روھى بولۇش، ھەر بىر ئەركەك ئۆز ۋەتىنىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۇنۇتماسلىق ۋە مىللىتىگە خائىنلىق قىلماسلىق ھەربىر  ئەركەكلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزپىسى .
مۇنبەرداشلىرىم بۇ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىم شەخسى قاراشلىرىم بولۇپ يېتەرسىز تەرەپلەر بولسا تۈزىتىپ تەكلىپ پىكىر بېرەرسىلەن . مۇشۇ يۇسۇندا مۇنازىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى داۋاملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 14:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izden0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 13:23
بۇ بىر ياخشى ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك سۇئال  ...

قىرىندىشىم ئىزدەننىڭ جاۋابلىرى ۋە ئەستايىدىل ئىنكاسىدىن سۆيۈندۈم، مۇراد-مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكەيسىز!!
مەن بىر ئاز ماتىريال توپلاۋاتقان، شۇڭا بۇ ھەقتە سەل توختىۋىلپ داۋامىنى يوللايمەن.
ئەگەر بۇ يازما تورداشلارغا تەسىر قىلالىسا، شۇنداقلا ئۇلارنى ئويغا سىلىپ ياخشى بىر يۈزلىنشىكە ئېلىپ ماڭالىسا، بۇنىڭدىن خۇشالمەن.

UID
20399
يازما
67
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 15:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشىنى مىسال قىلىپ قوشاي:
      بىر قىز17يېشىدائۆزىدىن 8ياش چوڭ بىريىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،شۇنداقلائۇنى ئۇنتۇشقائامال قىلالماي قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ ،ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم كۆزىگە كۆرۈنمەپتۇ. 24ياشقا كىرگەندە،ئۆزى يوشۇرۇن كۆيۇپ يۈرگەن شۇ يىگىتنىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىپتۇ،گەرچە تۇيۇقسىز بولسىمۇ ،تەقدىرنىڭ خۇددى چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكىدەك بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن مەست بوپتۇ. بۇ چاغدا قىز ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ،ئوقۇشى پۈتكەندىن كىيىن يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ،لىكىن يىگىت خۇددى ھىچنىمە كۆرمىگەندەك قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ،ساددا قىز كۆڭلىدە قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ،يىگىتكە تىلىفۇن قىپتۇ،بىراق ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۈمىتلىنىپ يۈرۈۋىرىپتۇ،نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىنى رەت قىپتۇ.يىرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى يىگىت ئۇنى يەنە ئىزدەپ ،بۇرۇنقى ئىشلارغا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ خاتالىقىنى تونۇپتۇ،بۇ ئەخمەق قىز كۆڭلىدە «مەن ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ياخشى كۆرەلمىسەم»دەپ ئويلاپ،ئاخىرى يىگىتنى كەچۈرۈپ،ئۇنىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش نىيىتىگە كەپتۇ،ئاتا-ئانىسىنىمۇ قايىل قىپتۇ.شۇنداق قىلىپ توي بوپتۇ،لىكىن تويدىن كىيىن قىز يولدىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزى ئويلىغاندەك ئېسىل ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ،لكىن قىز ئۇنى پاك مۇھەببىتى بىلەن تەسىرلەندۈرۈش ھەم دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان يۈرەك پارىسىغا بەخىتلىك بىر ئائىلە ئاتا قىلىش ئۈچۈن ،نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ.بىراق يولدىشى ئۇنىڭغا بارا-بارا سوغاق مۇئامىلە قىلىدىغان بوپتۇ مۇئاشىنى ئىشلىتپتۇ،نەچچە ئايدىن كىيىن مۇئاش كارتىسىنىمۇئېلىۋاپتۇ.،قىيىن ئانىسىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلماپتۇ،بالا تۇغۇلۇپتۇ ،لىكىن دادا يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى قولىغا ئېلىپمۇ قويماپتۇ،بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگىچىلىك ئىزدەپمۇ قويماپتۇ،بىچارە قىز بۇ ئەلەملەر دەستىنى ئېلىشىپ قالغىلى قىل قاپتۇ،بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماپتۇ.لىكىن بۇ چۈش ئەمەس ئىكەن،ئامال يوق، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا سوت ئارقىلىق ئاجرىشىپ ،بالىنى ئۆزى بېقىپتۇ،دادا سوتتا ھەتتا« بالىنىڭ بېقىش راسخوتىنىمۇ بىرەلمەيمەن »دىگەندە ،قىز ئۆزىنىڭ قانداق بىر ئادەمگە ئەقىدە قىلغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ......  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش