كۆرۈش: 73282|ئىنكاس: 199

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 01:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر



مېنىڭ ئەرلەر توغۇرلۇق ھېچنەرسە دېگۈم يوق ئىدى. ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈم، ئۇلارنى ئۇلۇغلاپ ئارقىدىن قامچىلىغۇممۇ يوق ئىدى. بىراق ئىچىمدىكى ئاچچىق بىر سۇ يۇتقىنىمنى زەھەر قىلىۋاتىدۇ. ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئورنىنى مەجبۇرىيەت ئېڭى ئالغان كۈنلەردە بۇنداق بىر-بىرىدىن قاقشاش تۈگەپمۇ قالار بولغىيدى، دەيمەن.

مىسال: ئۆيدە چ چ ئويناپ ئولتۇرغان ئايال ئېرىنىڭ تېخىچە سىرىتتا ئىكەنلكىنى ھېس قىلمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس -يادى بىلەن مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆرگەن ئادەم بۇ ئايالنى ئەيىپلىمەي، ئۇنىڭ ئانا بولۇپ تۇرۇپ بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، خىيالىدا يوق تورغا قاراپ ئولتۇرغىنىنى تىللىماي تۇرالمايمىز. ئەمما ئۇ دەيدۇ: «بۇرۇن، ئىشتىن بۇرۇن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ تاماق ئېتىپ ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتىم. تولا بەك كەچ قايتاتتى، ئاساسەن ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە، دەيدۇ، توي قىلىپ ئۈچ يىل بولغاندا بىر كۈن ئۆيگە قايتمىدى. مېنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ، ئۆيدە ئولتۇرغۇزدى-يۇ، مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايدىغان بولۇپ قالدى. كىتاب ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىم ھەققىدە پىكىرلىشەي دېسەم ئادەم يوق، ئېرىم تېخى يوق. بىر بولسا ھېرىپ كېلىپ ئۆزىنى تاشلاپلا ياتىدۇ، گېپىم خۇشياقمايدۇ. يا بىر بولسا بەك كەچ قايتىپ كېلىدۇ. كۈنۈم شۇ بىر ئەرگە قاراپ بۇرۇقتۇرما ئۆتىۋاتاتتى. سىرتقا چىقسام تېخى رەنجىيدۇ. يا مېنى سىرتلارغا ئاچىقىپ ئايلاندۇرۇپ كەلمەيدۇ. تويدىن بۇرۇنقى بەس-مۇنازىرە، گۈزەل خىياللار ۋە ئارزۇ-ئارمانلار نەلەرگە كەتتىكىن تاڭ. ھازىر كۆڭۈل خۇشۇم بالام بىلەن مۇشۇ تور. »

قېنى ئايالىغا مۇڭداش، كېچە-كۈندۈز ئارمان قىلىپ ئۇنى ئەمرىگە ئالغان ئەرنىڭ ھەققى ئۇنى ئەمرىگە ئالغانلىق، يەيدىغىنىنى ئەكىرىپ، كىيىدىغىنىنى ئەپ بىرىش بىلەن تۈگەللەندىمۇ؟ ۋادەرىخا، قېنى ئەردىكى ئايالنى ۋە ئايالنىڭ ئۆزىگە تەۋە كۆڭلىنى، ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى تۇتۇپ قالىدىغان نىيەت ۋە ئەمەل؟

مىسال: قىز-ئاياللارغا نامازشامدىن كېيىن تالادا نېمە بار، دەيمىز. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا بۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ، ئۇلار خىزمەت قىلىپ كىچىكىپ قېلىشى، بىر يەرگە بېرىپ كەچ قېلىشى، كۇرسلارغا قاتنىشىشى، كۈتۈپخانىلارغا بىرىپ ھايال بولۇشى، بىر يەرلەرگە بىرىپ كەچرەك يېنىشى مۇمكىن. ئۇلارنى قوغداش شۇ قىز كېتىۋاتقان يەردە مېڭىۋاتقان ھەر بىر قېرىنداشنىڭ بۇرچى. بىراق، ئايالى ئىشتىن كىچىكىپ قالسا، ئۇنى ئالغىلى بارىدىغان  ئەر قانچىلىك؟ كوچىدا سېنى بىرەرسى ئېلىپ قاچامتى، شۇنچە قورقۇپ كېتىدىكەنسەن، دېگەنلەرنىمۇ خىلى ئاڭلىغانمەن. ئەمما بۇ قاقشاۋاتقان قىزغا قانداق تەسەللىي بەرگۈلۈك.

«مانا، بۈگۈن مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم. مېنى نەچچە يىل قوغلاشقان يىگىت رىۋايەت-كىنولاردىكىدەك ساداقىتى بىلەن مېنى تەسىرلەندۈرۈپ كۆڭلۈمنى ئۆزىگە باغلىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇ بارغانسىرى مەسئۇلىيەتسىزلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. بۇرۇن نامازشامدىن كېيىن سىرتقىمۇ چىقالمايتتىم بۇ شەھەردە. كېيىنچە كۇرسلارغا قاتناشتۇق، ياتاقداشلار بىلەن تاماققا باردۇق، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىدىم... مانا مۇشۇ جەرياندا مەنمۇ بەزى كۈنلىرى كەچلىرى سىرتتا قالىمەن. بۇنداق چاغدا بەك قورقىمەن. بۇ يىگىت تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ئەگەر ئۇ بۇ يەردە بولسىلا مېنى قەتئىي يالغۇز قويمىدى. مەندىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. مەنمۇ ئۇ يوق چاغلاردا ئامالسىز توختىماي سۈرە ئوقۇپ مېڭىپ ئاران ياتىقىمغا بىرىۋالىمەن. ئۇ بار چاغدا بولسىمۇ مېنى خاتىرجەم تۇيغۇغا ئىگە قىلسىكەن دەيتتىم. بىراق بارغانسىرى ئۇنداق ئەمەستەك، ئۇ مەندىن بۇرۇنقىدەك ئەنسىرىمەيدۇ. بۈگۈنمۇ مانا ئۆزى سىرتتا كۆرۈشۈشكە كېلىشكەن تۇرۇپ، كەچ سائەت سەككىزدە مەن يالغۇز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق قورقتۇم ئادەمسىز كوچىلاردىن. تېخى بىر مەست خېلى يەرگىچە ياندىشىپ دېگۈدەك ماڭغان ئىدى، قورقۇنچتا نەپەسمۇ ئالالماي، ئاران جايىمنى تېپىۋالدىم. بەك يىغلاپ كەتتىم. ئۇ نېمە ئۈچۈن مېنى ئامان -ئىسەن جايىمغا يەتكۈزۈپ قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەمدىلىكتە ئۇنتۇپ قالىدۇ».
بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەي تۇرايلى، ھازىر ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلىرىم ناماز شامدىن كېيىن سىرتقا چىقمايمەن، دېيەلمەيدۇ. بىراق، ئۇ يىگىت ئالدامچىمۇ ياكى... دوستلىرىنىڭ كۆڭلى بۇ قىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ مۇھىممۇ؟ شۇ نەرسە ئەستە بولغايكى «كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ».

بىر چاغدا بىر دوستۇم مۇنداق بىر قىززىق ھېكايىنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى. بىر جۈپ ئەر-ئايال چەتئەلگە چىقىپتۇ. ئۇلار بىر يەرنى ساياھەت قىلىۋېتىپ بىر تاكسىنى توسۇپتۇ. ئۇلار تاكسىغا چىقىپ ئولتۇرۇشىغا تاكسى شوپۇرى ئەرگە بىر نېمىلەرنى دەپ، ماشىنا ئوت ئالمايۋاتقانلىقىنى، ئەرنىڭ پەسكە چۈشۈپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىپ بېقىشىنى ئىشارە قىپتۇ. ئەر ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەمدى ئىتتىرەي دەپ تۇرۇشىغا ماشىنا ئايالنى ئېلىپ ئۇچقاندەك كېتىپ قاپتۇ. شوپۇر ئەسلى باشتىن ئاخىر ئورۇنىۋلغان ئايالنى ياش قىز دەپ ئويلاپ قالغان بولۇپ، 50كە يېقىنلىغان بۇ ئايالنى كۆرۈپ يەنە بايىقى ئەكەتكەن جايىغا ئەكىلىپ چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. ئەر بىلەن ئايال ئۇچراشقىنىدا ئەر ھېچنېمە دېمەستىنلا ئەمدى سېنى كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ دەپلا، ئايالىنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپتۇ. ئايال زار-زار قاقشاپ ئۆزىنى ئاقلىيالماي يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ.

بەك كۈلدۈم بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ، ئارقىدىن كۆز يېشىم توختىماستىن يۈرىكىمگە قۇيۇلدى. ۋادەرىخ! ئۆزى كەينىدىن ئىتتىرىپ بەرگەن ماشىنىدا ئېلىپ قېچىلغان ئايالدا نېمە گۇناھ؟ مانا ماۋۇ خېلى يىللىق قەدىناسقا ئايلانغان بىر جۈپنىڭ ھېكايىسى. ئەجەبا ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئايالنى قوغلىۋېتىشى غۇرۇرمۇ؟ ئېمان جۈملىسىگە كىرەمدۇ؟
ئەمدى بايىقى قىزنىڭ ۋەقەسىگە قايتساق، قىز ئاخىرى ئۆزىنى قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەپ مېڭىپ ساق-سالامەت ئۆيىگە بېرىۋاپتۇ. بىراق يىگىتلىرىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ئۇلار ئاشىقى بىقارا بولغان قىزغىلا  ياكى ئاشىقلىق مەزگىللىرىدىلا ئەمەس، يىگتلىك ۋە ئەرلىك ھاياتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك.

مىسال: -ھاھاھاھا. ئاخشام مەست بولۇپ قاپتىكەنمەن، ئۆيگە قانداق بارغىنىمنى بىلمەيمەن. بالام «گەنبىيەن سومەن»گە ئامراقتى، ئالغاچ بارسام دادىسى ئىككىسى يېيىشتى. ئەر كىشى داۋخۇ بولىدىكەن. كۈندە تاماق ئېتىپ تۇرۇپ ساقلىسام تامىقىمدىن قۇسۇر ئىزدەپ ماۋۇ خوتۇنمۇ ھېرىپ كېلىپ يەنە تاماق ئېتىپتۇ دېمەستىن ئۇرۇشاتتى. ئاخشام قۇسۇقىمنى تازلىدى ھى ھى ھى ھى...
-ھە!!! ئەر كىشى دېگەننىغۇ، ۋاي دېگەنسىرى ئۆزىنى بىلمەي، خۇددى بىر مەن بولمىسام ياشىيالمايسەن دېگەندەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ تېتىتىپ قويغۇلۇق.

تازا قىزىغان سورۇندا ئاياللارنىڭ ئىچەلمەيتتىم دېگىنىگە ئۇنىماي، ۋاي بۇ دېگەن ئانار سۈيى، ھېچنېمە بولمايدۇ، دەپ  ئاياللارغا ھاراق زورلاۋاتقان ئەرلەر نېمە غەرەزدە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار شۇ دەقىقىدە ياكى ھامان بىر ۋاقىتتا ئۆز ئايالىغا ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ كۆزىنىڭ تىكىلىۋاتقىنىنى ، تىكىلدىغىنىنى بىلمەمدۇ؟ قىزىل ھاراقنى بىلىپ تۇرۇپ ئانار سۈيى دەپ ئىچىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى قايسى بۇلۇڭدا قۇسۇقلارغا مېلىنىپ ياتقاندۇ؟ بالامغا ئېلىۋاي بۇ تاماقنى دەپ، ھاراققا چىلىشىپ قالغان، ئاشقان تاماقنى ئېلىپ ماڭغان ئاياللارنىڭ «سەن نەگە باردىڭ، بۇنچە ياسىنىپ نېمە ئىش قىلىسەن؟ سەن كىم؟ » دەپ ئۆز يولىغا سالالايدىغان ئەرلىرى يوقما؟ يەنە ئاياللارنى تىللايدىغىنى دەل شۇنداقلىرى...

ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟

مىسال: «ئىككىمىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەن. مەن ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتىم، ئۇمۇ ماڭا بەك ئىشىنەتتى. ئىككىمىز بىر شەھەردە بولمىساقمۇ ھەممە قىيىنچىلىقنى يېڭىمىز، غايىلىرىمىز بىر، ئۇ مېنىڭ ھەممە كەمچىلىكمىنى قوبۇل قىلالايدۇ، دەپ قارايتتىم.  چوڭلار قوشۇلمىدى. ئۇنىڭ ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ بوپتۇ، ھامان بولىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلاتتىم. بىراق، ئۇ باشتا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن، ئاتا-ئانىلارنى ئۆزۈم قايىل قىلىمەن، خىزمىتىمنى ھەل قىلىمەن، دېگەن ئادەم بارا-بارا بەك بوشىشىپ كەتكەندەك ئىدى. بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان، مەن ئاچچىقلانساممۇ ئۇ جىم تۇرۇۋالىدۇ، دەپ قارايتتىم. بىراق، يېقىندا، ئاتا-ئانام ئۇنىمىدى، ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئۇنىمايدىكەن...  دېگندەك بىر قاتار گەپلەرنى دەپ مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ خۇددى بۇرۇن دېگەنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا. شۇنىڭ بىلەن رەنجىدىم. ئۇ، دادام توغرا دەپتىكەن، پۇل بولمىسا ھەممە ئادەم قاچىدىكەن، دەپ غۇرۇرۇمغا تەگدى. ئۇنىڭ بۇرۇنمۇ پۇلى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ پۇلى دەپ ئەمەس پەزىلىتى بار، ئىقتىدارلىق، مۇھىمى مېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە مېنى قەدىرلەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا ئۇنىڭ بايلىقى بىلەن ھېسابلاشمىغان. ئەقىدىسىگە جاۋاب قىلىمەن، دەپ ئەقىدە قىلغان ئىدىم. ئارلىقتا پۇلدار بىر لايىق بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇ بەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى. زەربە بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ، سىزمۇ پۇل تاپالايسىز، سىزگە ئىشىنىمەن...دېگەندەك سۆزلەرنى ئىلھام بولسۇن دەپ دېسەم، مېنى سىزگە تازا ئىشەنمەس بولۇپ قالدىم، سىز مېنى پۇل تاپالايدۇ، مېنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ پۇلى مېنىڭ بولىدۇ دەپ تاللاپسىز، دەپ ئەقىدە گۈللىرىمنى توزۇتىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلماي، ئۆيى، خىزمىتى، پۇلى ، ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ ئەقىدىسى بار دەپ بۈگۈنگە ئۇلاشسام، ھەممىنى يوققا تەڭ قىلىپ ماڭا تۆھمەت قىلدى.  ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمدى قەتئىي ئىرادىگە كەلدىم. بۇ يولدىن يانىمەن» دەپ يىغلاپ كەتتى قىزچاق.

ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىھتىياجى قانماي تۇرۇپ باشقىنى ئويلىمىقى تەس. بولۇپمۇ شەھەردە ياشىماق، چوڭ غايىلەر بىلەن بۇنداق ئەھۋالدا ياشىماق ئاسان ئەمەس. قېنى يىگىتلەر قىزلارغا قانداق ئىشەنچ بىرىدۇ؟ ئۇلاردىكى ئىشەنچ، كەڭ قورساقلىق نېمە ئۈچۈن توشقان تېرىسىچىلىكمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. يۇقاردىكى مىساللار سۇنىڭ بىر تامچىسى خالاس.

ئەرلەر! قىز-ئاياللىرىڭلارغا ئىگە بولماي نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەرلەر، ئۇلار ئۈچۈن تېرىشماي، ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆرەشمەي نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ئۆزۈڭلارنىڭ ئەرلىك ئورنى ۋە ئاياللار يۆلەنگۈدەك گەۋدەڭلەرنى پۈكلەندۈرۈپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەرلەر، دۇنيانى كۈلدۈرۈشنى ئويلاشماي، ۋەتىنىڭلار، ئائىلەڭلا، ناتىۋانلىرىڭلار ئۈچۈن تېرىشماي، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟!
....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 12:38  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
26978
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 13:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق ئەرلەرنى يوق دېيەلمەيمىز، ئەمما، ئاز بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ قىلىۋاتقان پەسكەشلىكلىرى ئارقىلىقلا(ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟) دەپ چوڭ بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بارلىق ئەرلەرنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولماس سۇمەييە خانىم؟ ئاياللىرىغا،بالىلىرىغا، ئائىلىسىگە ئوبدان ئىگە بولۇپ ياشاۋاتقان ئەرلەر يەنە نۇرغۇن.تېمىڭىزغا رەھمەت.

باھا سۆز

yaprak1  كىسەل پاتماللاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقدۇ، توغرا يېزىپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 12:45:12

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 15:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنىڭ  ئاياللار مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىسە  بۇزۇلىدۇ  دىگەن سۆزى يادىمدىن كەچتى.....

بۇ يەردە  دىيىلىۋاتقان مۇھەببەت سۆزى نوقۇل قىز -ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتلا بۇلۇپ قالماستىن  بەلكى  ئادەملەر ئارا مېھىر مۇھەببەتكە  قارىتىلاتتى ،،،ئەرلەرنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى  ئاياللارنى  ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە.....مېنىڭمۇ   توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ نۇرمۇھەممەت  ئۆمەر ئۇچقۇندەك  .كۆزۈڭنى ئاچ يولوڭنى تاپ ئەركەكلەر .............دەپ

باھا سۆز

مالىك  قويىدۇ ~  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 12:45:49
مالىك  توغرا ديسىز ،مۇشۇ ئەرلەر بەزەندە ئاياللارنى يامان يوللارغا ئۆزى باشلاپ  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 12:45:39

UID
26953
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-13
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 15:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن بۇ! لىكىن ھەممە ئەرلەرنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك توغرا بولماسمىكې،....جەمئىتمىزدە يەنە ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغشلايدىغان ئەرلەرمۇ بار......

UID
1243
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
254
تىزىملاتقان
2009-1-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 16:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تىما مۇنازىرە قىلىشقا تىگىشلىك تىمىكەن ،ئامال بولسا رەھمەت بارىكاللىلارنى قۇيۇپ ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك كۆزقارشىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقساقكەن دىگەن ئۈمىدتە مەن. چۈنكى ئەگەر سىز ئەر ياكى ئاياللا بولسىڭىز بۇ بىر مۇھىم مەسىلە !

UID
14708
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
139
تىزىملاتقان
2011-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 17:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەممىلا ئەرلەرگىلا قارىتىلىپ يېزىلغان ئەمەس . ئۇنچىلىك ئىشنى چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەستۇرسىلەر ... بەزىلەرنىڭ قېنىدا ئەسلىدىنلا ئاياللارغا نىسپەتەن تۆۋەن كۆرۈش ، قولغا كەلتۈرىۋېلىپلا قەدرىنى قىلمايدىغان قىلىقلار ساقلانغان بولىدۇ . بۇنداق ئەرلەرگە نىسپەتەن ئاشۇنداق قاتتىقراق گەپ قىلىش زۆرۈر . ھەممىلا ئىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئارتىۋالساق بولماس . خۇددى تېما ئىگىسى دېگەندەك ئەر بولغۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىن مەنىسى بىلەن نامايەن قىلالىساق ئاياللىرىمىز بىزدىن رازى بولغان بولار ئىدى . «ئەرلەر قېنى سىلەر» دەيدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار كۆپىيىپ قالدى ، بۇ بىزگە سىگنال بولىشى كېرەك . تېما ئىگىسىنىڭ ئىملاسى بەك توغرىكەن .

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 18:23:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمنىڭ يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ پىكىر بەرگىنىگە رەھمەت. تونىي ئېيتقاندەك بۇ يازما كىمگە، قانداقلارغا قارىتىلىغىنى ھەم ئېنىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممە ئەرلەردىن سورىلىۋاتقان سوئال؟
يەنى ئايالنى ئۆز ئىلكىگە ئالىدىغان ئەر ئۇنىڭ تامىقىنى بىرىپ، كېيىمىنى كەيدۈرگىنى، دېگىنىنى قىلىپ بەرگىنى ئۈچۈنلا تولۇقى بىلەن مەسئۇلىيەتچان ياخشى سانىلارمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ شۈكۈر، ئاياللارنىڭ تاپقىنىغا قاراپ ئولتۇرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس شارائىتتا، ئايالىنى تۈزۈكرەك باقىدىغان ئەرلەرگىمۇ باش بارماق چىقارماقتىن  باشقا ئامال يوق بولىۋاتىدۇ.
ئەمما ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى قىز-ئاياللار بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھارامدىن يىراق بولۇپ، ئاجىز ھەمشىرىلەرنى قوغداش، ئۇلارنى نەپسىنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەسلىك مەجبۇرىيىتى يوقمۇ؟ باشقىلارنىڭ ئاياللىرى، ئاچا-سىڭىللىرىغا نىيىتىنى بۇزۇپ، ئۆزىنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرسا تۇرالامدۇ؟...

ئەسەرنىڭ داۋامى بار،

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 18:34:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىقى مىساللاردىكى ئاياللار ۋە قىزلارغا قارايدىغان بولساق، بىرىنجى ئايال ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك، بىلىملىك، ئەرگە ئىتائەت قىلغان،  ئائىلىنى ئۈستۈن بىلىپ خىزمىتىنى تاشلاپ بالىسىنى تەربىيلەش  ۋە ئائىلىسىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بەل باغلىغان ناتىۋان. ئۇنىڭ داۋاملىق تەربىيلەنگۈسى بار ئىدى. ئەر سەن مەندىن ئىشىپ كەتسەڭ ئاغىنىلىرىم ئارىسىدا قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرىمەن دەپ ئوقۇشتىن توستى. كىتاب ئوقۇپ پىكىرلىشەي، ئاممىۋى ئىلمىي سورۇنلارغا قاتنىشاي دىسىمۇ چەكلەندى. ئەرنىڭ ئۆزىچۇ؟ ئاتالمىش غۇرۇرى، (ئېغىر ئېيتساق يارىماسلىقى) ۋەجىدىن بىر تالانتلىق ئانىنى تۇنجۇقتۇرۋاتقىنىنى ئۇنۇتتى. ئايالىنىڭ ئۆزىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغىنىنى، بالىسىنىڭ داددا دەپ ئىشىككە قارىغىنىچە سۈت ئۇيقۇسىغا كەتكىنىنى، ئۆزىدىن باشقا مۇڭدىشى ۋە سىردىشى غەمگۇزارى يوق ئايالىنى تاشلاپ قويغان ئەر ئايال كۆڭلىنى ئەمرىگە ئالغانلىق بىلەنلا ئۆزۈمگە باغلاپ بولدۇم، دەپ قارىدىمۇ؟ بۇ ئايالدىن بىز «بىكار بولغاندىكىن كىتاب ئوقۇسا بولمامدۇ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلسا بولمامدۇ، مۇھەببىتى بىلەن ئېرىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكەلسە بولمامدۇ، ئۇنىڭغا رەنجىۋەرمەي خۇشال كۈلكىسىنى ئاتا قىلسا ئەر كۆڭلى ئۆيگە باغلىناتتى ئەمەسمۇ»؟ دەيدىغان غايىۋى سۆزلىرىمىز رىئال بىر ھىسىياتچان مەۋجۇدلۇقنىڭ ئادىمىي تەرەپلىرىنى ۋە ئاجىزلىقلىرىغا كۆز يۇمامدۇق؟ قېنى ئەرنىڭ ئايال ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىشى. يەيدىغىنىنى ئەكىرىپ، ئۇچىسىنى يالىڭاچ قويمىسىلا ئالامەت قالتىس چاغلاپ، ئۆز ئايالىنى تەربىيلەش، بالىسى ئۈچۈن ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىش، ئايالى كۆڭلىنى ئۆز مۇھەببىتى بىلەن ئاۋۇندۇرۇپ، شۇ ئايالنىڭ ھەر قەدىمىنى مەجبۇرىيەت ۋەجىدىن بەكرەك مۇھەببەت ۋەجىدىن ئالىدىغان قىلسا، تويدىن بۇرۇنقى گۈزەل ۋەدىلەرنىڭ سۈرۈشتىسى ئۇنچە كۆپ بولماس ئىدى-ھە؟
مەيلى ئېتىقاد ياكى ئۆرپ-ئادەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ئاياللىق خۇلقنىڭ مۇھىم سۈپىتى. ئەمما ئەرلەر بۇنى شاھانە دەستۇر سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ «مەن شۇنىڭغا ماسمۇ، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن، مەن ئەر. ئائىلەم ئالدىدا قانداق مەجبۇرىيىتىم بار، خىزمەت كەسپىم ئالدىدىچۇ، قەۋم-ۋەتەن ئالدىدىچۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىشى كىرەك.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلىشى ، ئاياللارغا ئۆلگە بولۇشى مەڭگۈلۈك تېما....

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 19:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنجى مىسالغا قاراپ باقايلى. بۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان قىزمۇ ياخشى قىز. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى مەلۇم سەۋەپتىن كەچتە سىرتتا قالغان بىر قىزنىڭ ئۆز ئامانلىقىدىن ئەنسىرىشى. قىز نېمە ئۈچۈن ئەنسىرەيدۇ؟ مېنى ماشىنا سوقۇۋىتەرمۇ دەپمۇ، جىن-ئالۋاستىلار چاپلىشىۋالارمۇ دەپمۇ؟ ياىق، ئادەملەردىن، ئۇدۇل دېگەندە ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتتە بولۇشىدىن قورقىدۇ. ئەجەبا شۇ ئەرلەر ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ئويلاشمامدۇ؟ بۇ سوئالنى مۇنبەردە تاشلىساقمۇ ئۇلار كۆرمەس، ئەممە كۆرگەنلەر يەتكۈزسە، مانا مەسئۇلىيەت ۋە قىرىنداشلىقنىڭ كۈچى.
قىزلار نېمە ئۈچۈن كوچىلاردا خاتىرجام ماڭالمايدۇ؟ «كېچىدە تالادا  قالغانغا تويغۇزىمىز» دېگەنلەرنى ئاڭلىغانمەن. ئاي-ھاي، نە ئەقىلسىزلىق بۇ؟ توغرا، ئامال بار تالادا قالماسلىق كىرەك. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىدىغان ئىگىسى-ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكىسى ۋە ياكى ئېرى بولمىغاندىكى ئەھۋالدا زۆرۈرىيەت تۈپەيلى بۇنىڭغا مەجبۇر بولۇنىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەر خىل رەزىل مەقسىتلەرنى گۈزەل باھانىلەر بىلەن ئوراپ كۆرسىتىدىغان دەيۈزلەرگە ھەم ئىنساب تىلەيمىز.
ھىكايەت: 20 يىل بىر-بىرى بىلەن ئىجىل ئىناق ئۆتكەن بىر جۈپ قەدىناس ئەر-ئاياللار بولۇپ، شۇ كەمگىچە ئۇلار ھېچ زامان بىر-بىرىگە خىيانەت قىلغان ۋە ياكى ئازارلاشقان ئەمەسكەن. ئېرى زەرگەر بولۇپ، ئۆزى تەقۋا، ھەقتىن قورقىدىغان، ئايالىمۇ ھەم ئۆزىنىڭ خانلىق تەختى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان مىھرىبان ئايالكەن.
بىر كۈنى ئەر سەھەردە كىلىپ دۇكىنىنى ئېچىپتۇ. دۇكانلىرىنى تازىلاپ ئەمدى ئىش باشلاپ تۇرۇشىغا تولىمۇ چىرايلىق ۋە نازاكەتلىك بىر چوكان، ئالتۇنلىرىنى سېتىش ئۈچۈن دۇكانغا كەپتۇ.
ئەزەلدىن نامەھرەمگە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىمايدىغان زەرگەر ئايالنىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن نازۇك ئاۋازىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپتۇ-دە، دەرھال شەيتان تۇتاشتۇرغان ئوت ۋەجىدىن كاللىسى قىززىپ قاپتۇ. شۇندىمۇ دەرھال كۆزىنى ئايالدىن ئۈزۈپ، شەيتىنىنى قوغلاپتۇ-يۇ، ئايال ئالتۇنلىرى ئورالغان قولياغلىقنى سۇنۇۋاتقاندا، قولياغلىق بىلەن قوشۇپ ئايالنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇۋاپتۇ. ئايال پۇلىنى ئىلىپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ دەقىقە يۈز بەرگەن ئىش ئۈچۈن زەرگەرمۇ بەك ئازابلىنىپتۇ. كەچتە دۇكىنىنى تاقاپ ئۆيگە كىرسە ئايالى يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك.
-نېمە بولدۇڭلا ئانىسى، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
ئايالنىڭ ئەزەلدىن مۇلايىملىق يىغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن غەزەپ ۋە گۇمان ئۇچقۇنلىرى چاقناپتۇ-دە، ئېرىغا قاراپ:
-نېمىشقا ماڭا خىيانەت قىلىلا، دەپتۇ.
ئەتىگەن ئەر ئايالنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغاندا ئەتراپتا ھېچكىم يوق ئىدى. ئەر بۇ ئىشنى ئايالىنىڭ قانداق بىلگىنىدىن ھەەيران قاپتۇ ۋە ھودۇقۇپ:
-ئانىسى، چۈشەنمىدىمغۇ؟ زادى نېمە ئىش بولدى.
-سىلى ماڭا بۈگۈن چوقۇم خىيانەت قىپتىلا. بولمىسا ئۆيىمىزدە يىگىرمە يىلدىن بۇيان سۇ توشۇپ، ئوتۇن يېرىپ، بېشىنى تىك كۆتۈرمەي خىزمىتىمىزنى قىلىۋاتقان بۇ چاكار ئامبارنىڭ ئاچقۇچىنى ئالغاچ قولۇمنى تۇتۇۋالارمىدى-دەپتۇ ئايال.
ئەر شۇ ھامان توۋا قىلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپتۇ ۋە شۇندىن كېيىن ھاياتىنى پاكىز ئۆتكۈزۈپتۇ.
خەيرىيەت، ھىكايىمىزدە ئەككىس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيە شۇكى، «قاشقا سانىسا كۆزگە، كىشىگە قىلسا ئۆزىگە» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
ئىي زەبەردەست يىگىت، پاسىبان ئەر! خوتۇن-قىزلىرىڭىز، ئاچا-سىڭىللىرىڭىزغا باشقىلارنىڭ سەللا غەيرى نىيەتتە بولۇشىغا ۋە يامان كۆزدە قارىشىغا يول قويامسىلەر؟ ئەمسە سىلەرمۇ قارىماڭلار. ئۇلارغا خالىس ۋە يۆلەك ئورنىدا ياردەم قىلىڭلار.

بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن كەچمەيدۇ. 2005-يىلى ئۈرۈمچىگە تۇنجى رەت كىلىشىم ئىدى. ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش كۇرسقا قاتناشتىم. مەن كۈندۈزىمۇ مەكتەپ سىرتىغا چىقالمايتىم. چۈنكى ئۈرۈمچى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىم ھەر خىل م ت ۋ لاردىكى قىزلارنى بۇلاپ قاچىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئاساسىدىراق شەكىللەنگەن بولغاچقا، ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىناتتىم. سىنىپتىكى بىرمۇ ساۋاقدىشىمغا گەپ قىلمايتتىم. بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىم يېنىمغا كىلىپ:
-سىز بەك كىتاب ئوقۇيدىكەنسىز-ھە؟ قارىسام زىرىكمەي ئوقۇيدىكەنسىز. قىران بۈركۈت سودا سارىيىدا بىر لىكسىيە باركەن، تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا. بارامسىز-دېدى،
مەن يىپىدىن يىڭنىسىگىچە سۈرۈشتۈرۈپ ماقۇل بولدۇم ۋە باردۇق. ئۇلار 6:00 باشلايمىز دېگەن لىكسىيەنى 7:30 دە ئاران باشلىدى. يىرىم سائەت ئۆتمەيلا سىرىتتا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى، مەن قىزغىن ئاڭلاۋاتقان لىكسىيەدىن ئامانلىقمنى ئەۋزەل بىلىپ، ئاستا سۇغۇرلۇپ يېنىپ چىقتىم. بىنانىڭ ئاستىغا چۈشسەم، ھېلىقى ساۋاقدىشىم كەينىمدىن چۈشۈپتۇ.
-ئاڭلىمىدىڭىزمۇ-سورىدى مەندىن.
ياق، قورقىمەن. ھېلىمۇ كەچ بولۇپ كىتىپتۇ. سىزچۇ؟
-تېلېفۇن كىلىپ قالدى. ئۆيگە قايتىشىم كىرەككەن.
ئۇ مەن بىلەن يولىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، بىللە مېڭىش تەكلىپىنى بەردى. بولىدۇ دېدىم. مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، «مەكتەپ ئىچىدىن قورقامسىز» دېدى-دە، كۈلۈپ كېتىپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي مېنى ياتاق ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.
-سىزنىڭ ئۆيىڭىز نەدە-سورىدىم مەن.
-دۆڭكۈۋرۈكتە.
ھەيران قالدىم. چىرايىمنى كۆرۈپ «سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن، مەن باشلاپ بارغاندىن كېيىن تىنچ ئامان ياندۇرۇپ ئەكىلىپ قوياي دېدىم» دەپ كىتىپ قالدى.
ئۈچ كۈندىن كىيىن كۇرسنى داۋاملاشتۇرالماي قايتىپ كەتتىم. ئۇ ساۋاقدىشىم «قورقماڭ، ئادەملەر ئۇنچە ئەسكى ئەمەس» دېگەن ئىدى،ماڭار چېغىمدا.
ھازىرغىچە مەسئۇلىيەتسىز يىگىتلەرنى كۆرسەم شۇ ساۋاقدىشىمنى پات-پات ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ ئكزىنىڭ شۇ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن مېنىڭ نەزەرىمدىكى ئۈرۈمچى ئوغۇللىرىنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلىغان ئىدى.

«ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر» دېگىنىم ھەرگىزمۇ سىلەرنى ئەسكى ئىش قىلىۋاتىسىلەر دېگىنىم ئەمەس، بەلكى قىلىۋاتقان ئىشڭىلار ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرلاشتۇر.

باھا سۆز

malikam110  ماڭا ئاۋۇ ھېكايە بەك تەسىر قىلدى  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 13:22:13

UID
19315
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 19:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم                                                                                                                         ئەرلەر- ئائىلنىڭ تۈۋرۈكى  .ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيتى ئۈستىدە توختالغاندا  ،   ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلاشقا تېگىشلىكى كۆپچىلىك (يەنى جامائەت). ھازىرقى مۇھەببەت ئىشلىرىنى دېسەك ،بەزى يېگىتلەر ھەقىقى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن بەزى يېگىتلەر ئويۇنغا ئارلىشىپ قويىدۇ. قىزلار بۇنى (مۇھەببەتنى) سىناپ تۇتىشى كېرەك ،چۈنكى بەك كۆپ ۋەدە بېرىش سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  
                                      

باھا سۆز

مالىك  يالغانچى ئادەم كۆپ قەسەم ئىچىدۇ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 13:01:48
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش