ئىگىسى: سۈمەييە

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22109
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 22:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرمگلى ئۇزاق بولۇپ كىتىپتىكەن ،بۇگۈن كىرىپلا  بۇ تىمدىن ئائىلە ،مەسئۇليەت توغىرسدا چوڭقۇر چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم ،مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ داۋاملىق يوللنىشنى تەۋىسسيە قىلمەن

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 22:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mayvs يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 20:21
سالام .كەمنڭىز ساۋاتسىز بولغاچقا ئېنق يازمغان ئوخشايم ...

سالام قىرىندىشىم، مەيۈس!!!! بۇ تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقسىڭىز مۇشۇ سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى چىقار دەيمەن. چۈنكى بۇ ھەقتە مەن ئېنىق چۈشەنچە بەردىم!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-1 22:51):
كەچۈرۈڭ،مەن چ چ غا كۆپ چىقمايمەن.

UID
28311
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 23:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن  ئائىلىگە بولغان  تونۇشۇم  ئاشتى . سۈمەييە قىرىندىشىمىزغا رەخمەت.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 00:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇلاھىزىمىنى داۋاملاشتۇرىمىز.

بايا ئائىلە بىلەن ئىھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاز-تولا شەرھىلەپ ئۆتتۇق. دېمەككى، ھەقىقىي بىر ئائىلىدە كىشىنىڭ ئىھتىياجىنى ئەڭ يۇقىىرى دەرىجىدە قانالايدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئائىلىگە چىڭ باغلاپ تۇرالايدۇ.
ئۇنداقتا سىز ئويلاپ بىقىڭ! ئائىلىڭىزدە قايسى خىل ئىھتىياجىڭىز قانالىدى؟ يەنە قايسىلىرى قانالمىدى؟ سىز بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تېرىشتىڭىزمۇ ۋە ياكى بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇشنى سىرتتىن ۋە باشقا يوللاردىن ئىزدەپ ئۆزىڭىزنى بىر قاراڭغۇلۇققا ئاتتىڭىزمۇ؟
بىز ھېس قىلالايمىزكى، ئائىلە ھازىر كىشىلىرىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كېيىنىش،ئاساسىي  بىخەتەرلىك ئىھتىياجىنى قاندۇرۋاتىدۇ. بەزى شەھەرلەردىكى ئۆينىڭ زىيادە قىممەتلىكى تۇرالغۇ مەسلىسىنى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق سۈپىتىدە كۆرسەتسىمۇ ، ئەمما ئۇ ھەقىقىي بىر ئائىلىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىغا تۈپكى تەسسر قىلالمايدۇ. ئەمدى بىز ئىجتىمائىي ئالاقە، ھۆرمەتلىنىش، تەربىيلىنىش، ئۆزلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئائىلىنى ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالايدىغان بىر ئورۇن قىلىپ چىقالىدۇقمۇ ياق؟ دېگەن سۇئال ھەققىدە ئويلىنايلى.
ئەر مىللەت ھەم قەۋمنىڭ تۈۋرۈكى، بىشى، سەركىسى، ئائىلىنىڭ قوماندانى. بۈيۈك ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى يەنە بىر رەت ئەسكە ئالماي تۇرالمايمىز:
بولۇۋەرسە ئىتقا، كۆر، باش ئارسلان،
      بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسمان.
      ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
      بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.
ئەر ئائىلىنىڭ سەركىسى ۋە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ زادى قانداق «باش» بولدۇم دېگەن مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىشى كىرەك. گەرچە «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانممۇ خوتۇن» بولسىمۇ، ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە شەكىللەنگەن ئەرلەرگە بېقىنىش ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچراش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئومۇمى پىسخىك خاھىشى. شۇ ۋەجىدىن ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنىڭ قايسى يۆلىنىشكە مېڭىش، قايسى يولدا مېڭىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭمۇ ھەم زور مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئويلاش كىرەك.
ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجىغا كەلسەك بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئۆز ئەرلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى قوغداپ، ئەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىش ھەققىدە ۋەز-نەسىھەتلەر كۆپ، شۇڭا  بۇ ھەقتە يازمىمىزدا توختالمايمىز. ئەمدى ئەرلەر ئاياللىرىغا زادى قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەرنىڭ ئائىلە قارشى ئۇنىڭ ئايالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيىدىغان ئۆي خىزمەتچىسىدەك، ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بىر مەۋجۇتلۇقتەكلا قارىسا ئۇ ھالدا بۇ شۇ ئائىلىگە نىسبەتەن ئەرنىڭ مەغلۇبىيىتى، ئايالنىڭ ئاياللىقىنىڭ ھالاكىتى خالاس.
ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 00:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە «سوۋغات» ناملىق كىتابنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى بايانلىرى ھەممىزنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈرگۈسى. بۇنى دوستلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئوقۇشى ئۈچۈن قالدۇردۇق.
كىتاب نامى: سوۋغات
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى : 2004-يىلى 11-ئاي

كەڭ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ كىتابنى ئوقۇپ ، ئۇنىڭدىن زوق، ئىلھام ۋە بىلىم ئىلىشىغا تىلەكداشمىز.

UID
27841
يازما
74
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 01:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈمەييە ، بۇ تېمىغا تەييارلىقىڭىز پۇختا ئىكەن، بۇ تەرىپىڭىزنى ئۆگەنسەك بولغىدەك. ياخشى تېما ئىكەن.
ھاراق ئىچكەن ئايالغا دەيدىغىنىم: سىز ئېرىڭىزنىڭ ماختىشى ئۈچۈنلا تاماق ئېتەمسىز؟ئۇنىڭ قاراپ قويۇشى ئۈچۈنلا كىيىم كىيەمسىز؟بالىلىرىڭىزنى بىر قوللۇق تەربىيىلىگىنىڭىز ئۈچۈن ئېرىڭىزگە مىننەت قىلامسىز؟
سىز ئاتىسىدىن يىتىم قالغان بالىلارنى قاتارغا قوشقان نۇرغۇن ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگەنسىڭىز بولغىدەك. سودىگەرچىلىك بىلەن يىراقلاردا يۈرگەن ئەرلەرنىڭ قانائەتچان ۋە تەقۋادار ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگەنسىڭىز بولغىدەك. خوشنىلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز تامىقىڭىزنى ماختاپتۇ، بىراق ئېرىڭىز ماختىماپتۇ، رەھمەت تاما قىلىپ بېرىلگەن تاماقنى مەنمۇ ماختىمايمەن، ئېرىڭىز تاماقنى يەپ بولۇپ دۇئا قىلمىغان بولسا مۇشۇنداق قاقشاڭ، بولامدۇ؟

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 02:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر بەك ئۇششۇق كېلىدىكەن، تېما ئىگىسى «ھەممە ئەرلەر شۇنداق بولىدۇ» دېگىنى يوققۇ، پەقەت بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. دېمىسىمۇ مۇشۇنداق ئەرلەر كۆپىيىپ كەتتى ھازىر. ئاياللارنىڭ نەزىرىدە قانداق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ قويساڭلار ھېچ يامىنى يوققۇ

UID
20119
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 02:27:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ئەلۋەتتە ئۆز ئايالىنى قوغدىشى كېرەك.بۇ خىل قوغداش ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.ئەمما سۈمەييە ئېيىتقاندەك ئەرلەرمۇ بار.ئەر-ئايال،قىز -ئوغۇللار ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش،بىر-بىرىنى ئەيىپلەش سادالىرىنىڭ  بىزنىڭ ھازىرقىدەك«ئەخلاق كىرزىسى»دەۋرىدە  توختىماي ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال.
مېنىڭ بىر ئاڭلىغىنىمدا ئايالى ياكى قىزىنىڭ گۇناھى ئاتىنىڭ ،ئەرنىڭ بوينىغا چۈشىدۇ دەپ ئاڭلىغان.ئەمما ئەرنىڭ گۇناھى ئايالغا دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم.گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە تۇرمۇشتا ئەر بىلەن ئايالغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە چەكلىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بىزنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاقىمىزدا ، ئادىتىمىزدە باراۋەر ئەمەس.ئايالىنى قوغداش دېمەك ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ غورۇرىنى قوغداش دېمەك.ئەمما قايسى بىر ئايالدا ئېرىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ غورۇرىنى قوغداش دەپ بىلىدىغان ئاڭ بار؟ئۇنداقتا ئاياللاردا غورۇر يوقمۇ دىسەك ،بار. ئادىمىيلىك غورۇرى،ئىپپەت-نومۇس جەھەتتىكى ئۆزىنى قوغداش ئاياللارنىڭ غورۇرى بولىدۇ.ئەرلەردىن خوتۇنىنى قوغدىيالمايدىغىنى بولسا بۇنىڭ ئۆزى قامچىلاشقا تېگىشلىك.ئەمما كۆڭۈل بۆلەلمەسلىك ،سىرىتلاردا قونۇپ قېلىش،كەچ قېلىش دېگەندەكلەردە ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا ئوخشاش تەلەپ قويۇش بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزگە تازا ماس كەلمەمدۇ قانداق؟
دېمەكچى ،ئەرلەر ئەلۋەتتە ئايالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى،قوغدىشى كېرەك.ئەگەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە «سەن ماڭا قىلساڭ مەنمۇ ساڭا قىلىمەن،بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا»دېگەندەك ئوي بولسا ياكى شۇنداق بىر توغرا كەپ قېلىشلاردا يول قويۇش پوزىتسىيسىدە بولسا ،ئەرلەر بىلەن «مۇسابىقىگە چۈشۈش»كە توغرا كەلمەمدۇ؟
ئاياللار ھوقۇقى تەرەپدارى بولغانلار بۇنى قوللىشى مۇمكىن.ئەمما بىز يەنىلا ئەرلىك ھوقۇق جەمىيتىدە ياشاۋاتىمىز.
مېنىڭمۇ ئۈمىدىم،ئەرلەر ئاياللىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى،ئۇلار ئەرلەرنىڭ كۆيۈنىشىگە ،باشتىن ئاخىر ئۆزگەرمەس قىزغىن مۇئامىلىسىگە موھتاج.ئاياللار ئەرلىرىڭلارغا ۋاپادار بولۇڭلار،سىلەر ئىچكەن بىر رومكا مەي،سىلەر قىلغان بىر قېتىملىق يوشۇرۇن زىنانىڭ جازاسى ھەممىسى ئەرلىرىڭلارنىڭ بوينىدا.قالغىنى ھەر بىر ئەر-ئايالنىڭ ئۆزىگە قالدى.
جىق سۆزلەپ قپيغان بولسام ، كەچۈرۈڭلار.تېما ئىگىسى بىلەن داۋاملىق پىكىردە ئورتاقلىشىپ باقساق ،كۆز قارىشىمدا خاتالىق بولسا تۈزىتىشىمگە ياردىمى بوپ قالار دېگەن ئۈمىدتىمەن.(بەك كەچ بوپ كەتتى ،ئۇخلاش ئالدىدا پىكىرلىرىمدە سەل چېچىلاڭغۇلۇق بولۇشى مۇمكىن،تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.)

UID
27841
يازما
74
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 04:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurehim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 02:27
ئەرلەر ئەلۋەتتە ئۆز ئايالىنى قوغدىشى كېرەك.بۇ خىل قوغد ...

كىم گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ سورىقىنى ئۆزى بېرىدۇ، بۇنى بىلىپ تۇرۇپ توسۇمىغۇچىلارنىمۇ قىيامەت كۈتۈپ تۇرىدۇ.

UID
26290
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 05:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە-توت بۇلۇڭ ،بىر كۇلۇڭدۇر،ئىسىت.....ئەرلەرنىڭ ئەجرى.
مەن  بۇ گەپنى خېلى توختاشقان ،بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاق ئوتكەن بىر ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم.
مانا بۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئوزگەرمەس كوز قارشى.
مەيلى ئەر مەيلى ئايال بۇلسۇن قانائەتتىن مۇستەسنا .چۇنكى ئۇ...................................دۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش