ئىگىسى: سۈمەييە

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 13:16:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jessurane يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 00:28
بۇ يازمىنى ياقتۇرمىدىم،نەزەرىيۋىلىيكى يۇقىرى ۋە زاما ...

ھېچقىسى يوق، بۇ مېنىڭمۇ ھەم سىزنىڭمۇ خاتالىقىڭىز ئەمەس. بىر كۈنلەردە ياقتۇرۇپمۇ قالارسىز!

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 14:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئائىلە توغرىسىدا يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تېمىنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. قىرىنداشلار بىلەن تەڭ بەھرلەنگەيمىز.
ئائىلە ۋە نىكاھ ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ئەكبەر ھېمىت

‹‹نادانلىقنىڭ نېگىزى بىلەن كامالەتنىڭ قانىتى ئائىلىدە›› .

— رىزائۇددىن ئىبنى پەخرۇددىن

ئىنسان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى يارىتىپ، يەنە شۇ ئائىلىدە مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزايدۇ. ئىنسان ھاياتىدىن تاكى ماماتىغىچە ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىكنىڭ مېھرىدىن، خاسىيىتىدىن بەھرە ئالىدۇ؛ ھايات ئىزلىرى مەنالار خەزىنىسىگە، مەۋجۇتلۇقى ئەلنىڭ رەھمەت–دۇئاسىغا نائىل بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئائىلە–مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە.

ئائىلە دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالغا ھەركىم ھەر خىل جاۋاب بېرىدۇ. ئائىلە ئاتا–ئانا، پەرزەنتلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەرمۇ، ئائىلە–خوتۇن دېمەكتۇر (رىزائۇددىن ئىبنى پەخرۇددىن)، دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەرمۇ، ئائىلە ئەر–ئايال ئىككى جىنسنىڭ قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي يول بىلەن بىرلىشىشى دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەرمۇ بار. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يۇقىرىقىلار ئائىلىگە قىسمەنلىك نۇقتىسىدىن، يەنى ئائىلىنىڭ مەلۇم تەرەپتىكى رولىنى، فۇنكسىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش يولى بىلەن بېرىلگەن ئېنىقلىمىلاردۇر.

ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئائىلە ئۇقۇمى ھازىرقى زاماندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئانچە ئەتراپلىق، قانۇنىيەتلىك تەتقىق قىلىنمىغان بىر تېما. ھەممىمىز ئائىلىنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى رولىنى، مۇھىم ئورنىنى ئېتىراپ قىلىمىز–يۇ، بىراق ئائىلىنى ئىلمىي، قانۇنىيەتلىك شەرھلەشكە ئاجىزمىز، بۇ خۇددى تۆشۈك ئىشلىرىغا پىشقان ئايالنىڭ تۇزنىڭ رولىنى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ناھايىتى ئوبدان بىلسىمۇ، لېكىن تۇزنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى، خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ھېچقانچە نەرسە بىلمىگىنىدەك بىر ئىش. بىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا ئائىلىگە باغلانغان ئايرىم ھادىسىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى بەزىدە ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختالدۇق، بەزىدە ئائىلىدىكى ئەر–ئايالنىڭ ئىناقلىقى ھەققىدە توختالدۇق، يەنە بەزىدە ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئەدەپ–ئەخلاق قارىشى ھەققىدە ۋە بەزىدە ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىمىزدە بۇ خىل كۆز قاراشلىرىمىز ئىپادىلەندى. لېكىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمىز يېتەرلىك ئەمەس، بۇ نۇقتىدىن ئائىلە–‹‹ئۇنتۇلغان›› كاتېگورىيە.

ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە، ئائىلە قانۇننىڭ تەھقىقلىشىغا ئېرىشكەن، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاق سىنىقىدىن ئۆتكەن، نىكاھى ئەل–ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىككى جىنس، يەنى ئەر–ئايال بولىدۇ؛ ئەر–ئايال مۇھەببىتىنىڭ مېۋىسى، ئاتا – ئانىنىڭ قايتا دۇنياغا كەلگەن ئوبرازى، ئائىلىنىڭ گۈلتاجى، ئاتا–ئانىنىڭ ئۈمىد چىرىغى–پەرزەنت بولىدۇ؛ ئائىلە بولۇپ شەكىللەنگەن بۇ مۇقەددەس بىرلىك (ئائىلە) دە جەمئىيەت، ئەل–ئاۋام، ئۇرۇق– قوۋم، جۈملىدىن ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپ ئالدىدا ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت بولىدۇ.

نىكاھ ئائىلە چۈشەنچىسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە زۆرۈرىي ئۇقۇملارنىڭ بىرى، ئائىلە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم نىكاھ بولۇشى كېرەك. بۇ ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى، ئۇيغۇرلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى يات جىنسنىڭ نىكاھسىز بىرگە تۇرۇشىنى كەچۈرگۈسىز گۇناھ دەپ قارايدۇ. دېمەك، نىكاھ مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن، مەيلى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە مەيلى دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئوخشاشلا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان تەرەپ. ئەمدى پەرزەنتكە كەلسەك، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى، پەرزەنتلىك بولۇپ ئۆزىدىن نام – نىشان قالدۇرۇش. پەرزەنت نىكاھلىق ئائىلە تەشكىلىنى كۈچەيتكۈچى قانداش رىشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە چۈشەنچىسىدە پەرزەنت كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. ئەمدى مەجبۇرىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ھەر قانداق ئاتا–ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئاۋامنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، ياخشى تەربىيىلەنگەن پەرزەنتىدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ ھەم شۇ نىشان بىلەن پەرزەنتىنى تەربىيىلەيدۇ. بۇ دەل ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەت.

ئۇيغۇرلار ئومۇمەن ئائىلىنى ‹‹نىكاھ، پەرزەنت، مەجبۇرىيەت›› تىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ بىرلىكى چۈشەنچىسىدە تونۇيدۇ، بۇ ئەڭ ساۋاتسىز دەپ قارالغان كىشىمۇ ھېس قىلىپ يەتكەن ئائىلە ئۆلچىمىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ ئامىلىنىڭ بىرى كەم بولىدىكەن، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پۇتلۇق كۆتۈرگۈ ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىرلىكنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولماي قالىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت گۇمران بولۇش ئېھتىمالى ساقلىنىدۇ.

ئائىلە ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئىزدەنگەن، ئائىلىنى تارىخىي نەزەر ۋە مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن، ئائىلىنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە ئۆز ئۈستىگە ئالغان رولى ھەققىدە ئويلانغان ئۇيغۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئائىلىگە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: ‹‹ئائىلە جىنسىي–بىئولوگىيىلىك ئامىلغا، ئىجتىمائىي (قانۇن، ئەخلاقىي ۋە ئىقتىسادىي) ئامىلغا، مەدەنىيەت (تەلىم، ئەقلىي، ئەخلاقىي مۇناسىۋەت، ئىتنىك ئەنئەنە) ئامىلىغا، تارىخ (پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش) ئامىلىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تۆت ئامىلنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەندىلا مۇئەييەن تارىخىي شەكىلدە مۈمكىنلىكىكە ئىگە بولغان؛ ئىككى جىنسنىڭ مۇھەببىتى ۋە نوپۇس قالدۇرۇشىنى ئىپتىدا قىلغان؛ قانۇن ۋە جامائەتچىلىك ئېتىراپ قىلغان؛ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىمات مۇناسىۋەت تورىغا قاتناشقان؛ ئائىلە شەكلىدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سەھنىسىگە كىرگەن؛ بالىلار تەربىيىسى، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئائىلە ئەخلاقىي فۇنكسىيىلىرىنى ئۆتىگەن؛ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئائىلە مەيدانغا كېلىدۇ›› (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ئائىلە››).

ئائىلە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن جەمئىيەت ئالدىدا بەلگىلىك مەجبۇرىيەتلەرنى زېممىسىگە ئالىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئادا قىلىنىشى بىلەن ئائىلە بىرلىكىنىڭ گۈللىنىشى، نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئاۋام تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنداق مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلمىغان، ئاڭلىق تونۇمىغان ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپ ئىچىدىكى ئورنى ۋە سالاھىيىتى ئانچە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ.

نىكاھ ئەر، ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنس ئارىسىدا تىكلەنگەن، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ئەر–خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس بىرلىكنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي شەرتتۇر.

نىكاھ ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ، ئۇرۇق–تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تىكلىنىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا نىكاھ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە پەقەت ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر قاتار نىكاھ يوسۇنلىرىنى، پەرھىزلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە نىكاھ تولىمۇ ئۇلۇغ ۋە ساۋابلىق بىرلىشىش، ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلايدىغان خاسىيەتلىك جەريان، بىر جۈپ قارىمۇ–قارشى جىنسنىڭ قوشۇلۇشىنى قانۇن، ئەخلاق ۋە ئېتىقادنىڭ ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزىدىغان مۇقەددەس ئۆرپ– ئادەت يوسۇنى، ھەرىكىتى.

ئۇيغۇرلار نىكاھ ئىشىنى ئۆمۈرلۈك ئىش، دەپ مۇھىم بىلىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، قىز– ئوغۇللارغا نىكاھ ئىشىدا مۇتلەق ئەركىنلىك بېرىلگەن ئەمەس. مەيلى يىگىتنى بولسۇن ۋە ياكى قىزنى بولسۇن چوڭلار دىتلايدۇ ياكى نەزىرىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كېلىن تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالدى بىلەن كېلىن قىزنىڭ ئەخلاقلىق، شەرم–ھايالىق، يۈزى تۆۋەن، ئىشچان بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا يەنە مەيلى قىز بولسۇن ۋە ياكى ئوغۇل بولسۇن، ئۇلارنىڭ تېگى–تەكتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان، يەنى ئاتا–ئانىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتى، كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرىنى ئالاھىدە ئويلىشىدىغان ئادەت بار. قىز (ياكى ئوغۇل) مەيلى ھەرقانچە ئەخلاقلىق، شەرم–ھايالىق بولۇپ كەتمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ جۈملىدىن ئائىلىسىنىڭ ئەل–ئاۋام ئارىسىدىكى تەسىرى ياخشى بولمايدىكەن، ئۇنداق قىزنى (ئوغۇلنى)، كېلىن (كۈيئوغۇل) قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.

بىراق شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىزكى، ئۇيغۇرلاردا قىز – يىگىتلەرگە بېرىلىدىغان نىكاھ ھەققىدىكى تەربىيە تولۇق سىستېمىلاشمىغان، خۇددى ئائىلە ئۇقۇمى ھەققىدە ئېڭەك تىرەپ ئويلانغان كىشىلەر ئاز بولغىنىدەك، نىكاھ ۋە نىكاھنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەت، قەرزلىرى ھەققىدە ئويلانغان كىشىلىرىمىز تولىمۇ ئاز ياكى يوق ھېسابىدا. بىز نىكاھلىنىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تولىمۇ يۈزە بىلىمىز، يەنى نىكاھلانغانلىق–ئىككى جىنسنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي رەسمىيەتلەرنىڭ ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بىرلىشىشى دەپ بىلىمىز. نىكاھلانغانلىق–چوڭ بولغانلىق، نىكاھ يېشىغا يەتكەنلىك، دەپ تولىمۇ ساددا نەزەردە قارىغۇچىلارمۇ بار. يېزا–قىشلاقلاردا ھەتتا توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىز–يىگىتلەر توي قىلمىسا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ قاراپ توي قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

ئاتا–ئانىلار ئوغۇل ياكى قىزلىرىمىز نىكاھلىنىش يېشىغا يەتتى، دەپ قارىغان ھامان ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا باش قاتۇرىدۇ، ئوغۇل، قىزلارمۇ ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ھامان، ‹‹ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ، قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ›› دېگەن ئەقىدە بويىچە توي قىلىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ، ھېچبىر ئاتا –ئانا ياكى ھېچبىر ئىجتىمائىي تەشكىلات توي قىلىدىغان قىز–يىگىتلەرگە سىستېمىلىق، ئەتراپلىق ۋە ئىلىمىي ھالدا نىكاھ، ئائىلە ئۇقۇمى ھەققىدە تەربىيە بەرگەن ئەمەس. دادىلىرىمىز تويى بولىدىغان يىگىتلەرگە: ‹‹ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار، توي قىلدى دېگەنلىك ئەر بولدى، دېگەنلىك، شۇڭا ئەمدى بالىلارچە قىلىقلىرىڭلارنى تاشلاپ، تۈزۈك ئادەم بولۇڭلار، ئەتە – ئۆگۈن بالىلىق بولىسىلەر، ئۇ چاغدا دادا بولىسىلەر دېگەن گەپ...›› دېيىش بىلەن نىكاھ ۋە ئائىلە ھەققىدىكى تەربىيىنى بەرگەن بولىدۇ. ئانىلىرىمىز بولغۇسى كېلىنچەكلەرگە: ‹‹ئەمدى باشقا بىر يات ئۆيگە كېتىش ئالدىدا تۇرىسىز، قېيناتا– قېينانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، تۆشۈك ئىشلىرىغا چاققان بولۇڭ، سەھەر تۇرۇڭ، ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىلىڭ...›› دېيىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ، تېخى بەزى ئائىلىلەردە قىز – يىگىتلەر بۇنداق تىپتىكى مەزمۇنلارنى ئاڭلاپمۇ باقماي، ئەر ياكى ئاياللىق مەنزىلىگە يېتىپ كېلىدۇ. توي قىلىدىغان يىگىت ياكى قىزلىرىمىز توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىدە ئائىلە قۇرغۇدەك ماددىي ۋە مەنىۋى تەييارلىقلارنىڭ پۈتكەن ياكى پۈتمىگەنلىكى، مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن بىر ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش ياكى چىقالماسلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىنىشى ناتايىن. نۇرغۇن ئەللەردە توي قىلىدىغان قىز–يىگىتلەرنىڭ يېشىغىلا ئەمەس بەلكى بىلىمىگە، شارائىتىغا، نۆۋەتتىكى ئەخلاق ساپاسىغا، جۈملىدىن توي قىلغاندىن كېيىن قانداق تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىغا، پەرزەنتىنى تەربىيىلەش ئىقتىدارىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىغا قاراپ ئاندىن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسىمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىراق بىزدە فېئوداللىق ئىدىيە ۋە ئايرىم ئەھۋاللاردا دىنىي ئەقىدە بويىچە، قىزلارنى بالدۇر تالالىق قىلىشقا ئالدىراپ، گەرچە تېخى توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەن بولسىمۇ (بەزىدە قىز– يىگىت ھەر ئىككىلىسى شۇنداق) ئۇلارنىڭ يېشىنى چوڭايتىپ نوپۇسقا ئالدۇرىدىغان، مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسىمىيەت بېجىرىپ بېرىدىغان كىشىلەرگە ‹‹ئارقا ئىشىك›› قىلىش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھ رەسىمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، قىيامەتلىك قەرزنى ئادا قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوغۇللىرىغا ئائىلىنى، خوتۇننى ‹‹بويۇنتۇرۇق›› قىلىپ تۈزىمەكچى بولىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. بۇ بەزىدە ھەتتا نىكاھنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى بولۇپمۇ قالىدۇ. بۇخىل ئەھۋال يېزىلاردا ھېلىھەم مەۋجۇت. يېشى كىچىك توي قىلغان پەرزەنتلىرىمىز ئائىلىنىڭ تۈرلۈك زىددىيەتلىرى ئالدىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ، بەزىلىرىنى ھەل قىلالماي كۈندە جېدەل ئوينايدۇ، بۇ جېدەل ئۇلار بىلەنلا كەتمەستىن چوڭلارنىڭ ئەسلىدە تىنچ ئۆتۈشكە تېگىشلىك كۈنلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.

بۈگۈنكى ئوغۇللار بىزچە توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان ئەتىكى دادا بولغۇچىلاردۇر، قىزلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۆز قولىدا تەۋرىتىدىغان مۇقەددەس ئانىلارغا ئايلانغۇچىلاردۇر. ئوغۇل يەنى ئەر دېمەكلىك بىر ئائىلىنىڭ ماددىي تۈۋرۈكى، ئۇ بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرى بولمىش ئايال ۋە پەرزەنتىنى تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىدا توڭدۇرۇپ قويماسلىقى، پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا جاپادا قويماسلىقى، ئائىلىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ مېڭىشى كېرەك. ئايال بولسا ئائىلىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، پەرزەنتنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە مۇقەددەس ئۇستازى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كۆيۈمى ۋە مېھرى بىلەن ئائىلىنى شادلىق باغچىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، سەۋر–چىدامى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن ئەرنىڭ غەزىپىنى ياندۇرىدۇ، ئەقىل كۆزى بىلەن پەرزەنتىنىڭ روھىدىكى يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىنى بايقاپ ئالالايدۇ. خوش، ئۇنداق بولسا نىكاھتىن بۇرۇن مۇشۇلار ھەققىدە جۈملىدىن ئۆزىنىڭ بولغۇسى ئائىلىدىكى ئورنى ۋە رولى ھەققىدە ئويلانغانلار قانچىلىك؟

بىزنىڭ كەڭ يېزا– قىشلاقلىرىمىزدا بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، توي قىلىپ بىر ئائىلىگە باش بولغان تۇرۇقلۇقمۇ دادىسىدىن پەيشەنبىلىك ئالىدىغان، پارازىت كەبى ياشايدىغان ياشلىرىمىز ھېلىھەم بار. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىسىدە ئالدى بىلەن ئوغۇلغا بىرەر ھۈنەر ئۆگەتمەك، ئاندىن تويىنى قىلماق ئاتا – ئانىلار چوقۇم ئۆتەيدىغان قىيامەتلىك قەرز ئىدى. بۇ ئەنئەنىمىزچە بولغاندا: ‹‹ ئى ئوغۇل، ئاۋۋال مۇستەقىل تىرىكچىلىك يولىغا ماڭ، ئاندىن دىتىڭغا ياققان قىز بىلەن تويلاش، شۇندىلا نىكاھىڭ ۋە تۇرمۇشۇڭ ھالاللىشىدۇ!››

دېمەك، بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ۋە ئەمەل قىلىدىغىنىمىز نىكاھنىڭ تاشقى پوستى، نىكاھنىڭ ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن رەسىم – قائىدىلىرى. بىراق، نىكاھنىڭ مەزمۇنى، نىكاھنىڭ مەجبۇرىيىتى، نىكاھنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.

ئاپتور: يوپۇرغا ناھىيە تېرىم ئوتتۇرا مەكتەپتە
شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 15:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گ

بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئۈچۈن يەنە بىر ققىرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىنى ھەم بۇ يەرگە يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.


نىكاھتىن ئاجرىشىش ئالدىدا بىر ئايالنىڭ ئېيتقانلىرى


ماقالە ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى  

توي قىلىشتىن ئىلگىرى مېنى بەك ئەتىۋارليتتىڭىز، تاماق يىگەندە قاچىڭىزدىكى گۆشنى ماڭا ئېلىپ بېرەتتىڭىز. كوچا ئاپتوبۇسىغا چقساق باشقىلار بىلەن قىزىرىشىپ تۇرۇپ، ماڭا ئولتۇرىدىغان ئورۇن تاپاتتىڭىز. چوڭ يولدىن ئۆتكەندە ھەمىشە مېنى يېتىلىۋالاتتىڭىز. تويدىن كىيىنچۇ؟ تاماق يەۋاتقاندا ماڭا قارار كۆزىڭىز يوق ماڭىدىغان بولىۋالدىڭىز، ئاياللار كۆيۈنۈشكە، ئاسراشقا مۇھتاج، بۇنى بىلەمسىز؟
توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ماڭا ھەمراھ بولۇپ بازار چۆرگىلىشىپ بېرەتتىڭىز. كىيىم ئالسام تاللىشىپ بېرەتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ مەن بىلەن بىللە بازارغا چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەر قېتىم بازارغا بىللە چىقىشنى ئېيتسام، "ئۆزىڭىز چىقىۋېرىڭ، ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ" دەيسىز. سىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى شۇ قەدەر ئايىمايدىغان بولۇپ كەتىڭىز.
توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەكلىپ قىلتتىڭىز، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى دەپ بېرەتتىڭىز. تويدىن كىيىنچۇ؟ سىز مېنىڭ چېنىقىش كۇلۇبىغا بېرىپ بەدەن چېنىقىتۇرۇشۇمغىمۇ يول قويماي، مېنى ئەشۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىغا بەند قىلىۋەتتىڭىز. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، ئادەمگە ئاسانلا قېرىلىق يېتىدۇ.
توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ماڭا سوۋغا قىلغان بىرەر تال گۈل ياكى كىنو بېلىتىمۇ مېنى شۇنچە خوش قىلىۋېتەتتى. تويدىن كىيىنچۇ؟ خۇددى مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، بەزىدە ياخشى تاماق ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرسام، تېلېفون بېرىپ: " مېنىڭ كەچتە ئىشىم بار، تاماققا بارالمايمەن" دەپلا قويىسىز، شۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
توي قىلىشتىن ئىلگىرى، مەيلى سىز قانچە يىراققا كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتمەڭ، ھەر كۈنى كەچتە تېېلفون بېرىشنى ئۇنتۇمايتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ يادىڭىزغا يەتكەندە ئاندا- ساندا تېلېفون بېرىپ، بالىمىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگگن، ئىشلىمىگەنلىكىنى سوراپ قويۇپلا ، مەندىن بىرەر ئېغىز ئەھۋال سوراپ قويايمۇ دىمەي تېلېفوننى قويىۋېتىسىز، سىز يوق چاغلاردا، سىزنى قانچىلىك ئەسلەيدىغانلىقىمنى ، قانچىلىك سېغىنىدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟
مەن سىزنى شۇنچىلىك چوڭ كۆرەتتى، ئەمما سىز كۆڭلۈمگە ئازار بېرىپلا كەلدىڭىز، مەن ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. سىزنىڭ قايتا توي قىلغاندىن كىيىن مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىڭىزنى، كەلگۈسىدىكى ئايالىڭىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ. ئۇلارنىڭ تەلىپىمۇ ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، بىرەر ئېغىز سۆزمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى!!!





تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-1 15:04):
ئەلكۈيى مۇنبىرىدە تەھرىرلەش يولغا قويۇلسا بوپتىكەن. ئىملا خاتالىقى ....

UID
28055
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 15:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەمەلى ئىشلارنى يىزىپسىز  بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك مۇشۇنداق ئەرلەر نۇرغۇن  نارىسىدە بالىلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ.ئاللاخدىن شۇلارغا ھىدايەت تىلەيمەن ،ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2227
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 17:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنساپ بەرسۇن شۇنداق ئايالى باللىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەرلەرگە .

UID
28342
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 19:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار.مەن تور كۆرگەچ بۇ تىمغا كۆزۈم چۈشىپ قالدى.مەن ئنكاس يازمايتىم شۇندىمۇ يازغىم كەپ قالدى.بىز بىرسى بىرسمىزدىن خۇسۇر ئىزلەپ ئولتۇرغان چاغدا ئۆزمىزنى ئويلدۇقمۇ.سىزمۇ ئەرلەر ئەسكى دىسڭىز مەنمۇ قىز ئايالار ئەسكى دىسەم كىم ياخشى دەيدۇ.بىر كۈنلەردە قولدىن كەتكەن ئۈچۈن پۇشيمان قىلىمىز شۇ چاغدا سىزمۇ-مەنمۇ پۇشيمان قىلىمىز.ئالتۇنمۇ 100% ئەمستۇ مۇكمەل .......بولغان ئەمەستۇ ئاۋال ئۆزمىزدكى يەتەرسىزلكنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنداق بۇنداق دىيشكە تىلمىز ئۇيلسۇن.ئاچ قالغاندا نانىنڭ قەدىرگە يېتىمىز.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 19:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە ≠ ئۆي
مېنىڭچە بىىر تۇرىدىغان ماكان- تۆت تام ئۆي، ئەر-ئايال ۋە بالىلاردىن تۈزۈلگەن كىچىك توپ، قورساقنى توقلاپ، سوغۇقتىن ساقلايدىغان بىر ئورۇن بىلەنلا كۇپايىلەنسە، بۇ ئائىلە ئۇقۇمىغا نىسبەتەن ئىنتايىن تۆۋەن قاتلامدىكى بىر ئۆلچەم.
ئائىلە شۇنداق بىر ماكانكى، ئۇ ئۆز ئەزالىرىنىڭ بار ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى مۇقەددەس ماكانىدۇر. ئىنساننىڭ ئىھتىياج قاتلىمى بويىچە  ئائىلە ۋە ئۇنى رولىنى تەكىتلەش بىلەن ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
1. فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياج- بۇ ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتتىكى ئاساسىي ئىھتىياج كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئەر ۋە ئايالنىڭ نىكاھى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان ئائىلە ئاۋال ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يۇقارقى ئىھتىياقلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قامدىغان بولىدۇ.
2. بىخەتەرلىك ئىھتىياجى- بۇ كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە شۇنىڭغا بولغان ئىھتىياج بولۇپ، ئاساسلىقى ئاغرىپ قىلىش، ھەر خىل ئاپەت ۋە تەھدىت، خەتەرلەردىن قوغدىنىش ئىھتىياجى بولۇپ، ئىنسانلار ئائىلە ئارقىلىق دەل مانا مۇشۇنداق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ. سىرىتتا قاراڭغۇدىن قورقىدىغان بالىلار ئۆيگە قايتىپ قورقمايدۇ. ئائىلە ئەزلىرى ئۆيدە بىرگە ئولتۇرۇپ، پۇت-قولىنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ، پىكىرلىشىدۇ، ئارام ئالىدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىدۇ، بىر كۈن خىزمەت قىلىپ ھارغاندىكى ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. سىرىتتا ئۇچرىغان ھەر خىل بىسىم ۋە قورقۇنچلارنى ئۆيگە قايتىپ كىلىپ يېڭىدۇ، چۈنكى ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار شەخسىيەتسىز مۇھەببەت ۋە بېغىشلاش بىلەن بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇلار بىر-بىرىگە شەخسىيەتسىز ياردەم بىرىش ۋە قوغداشنى بۇرچى دەپ قارايدۇ. مانا شۇ ۋەجىدىن ئائىلە كىشىگە ئەڭ بىخەتەر تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان جاي.
3.ئىجتىمائىي ئالاقە ئىھتىياجى- بىز بۇنى تەۋەلىك ئىھتىياقى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي تەلىپى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالاقە ئىھتىياجى ئۆز-ئارا باغلانغان بولىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى توپ تەۋەلىكى ۋە كۆيىنىش، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، قىرىنداشلىق ۋە مىھىر-مۇھەببەت، ئۆز-ئارا ياخىشى كۆرۈشۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇكەممەل ئۇۋىدا بىر-بىرىگە دوست بولالايدۇ، كۆيىنىش ۋە مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي ئالاقە بىر ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە ۋە دوسلۇق، مۇھەببەتتىن ئۈستۈن بولالمايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىگە غەمگۇزار، دەردىنى تىڭشىغۇچى ۋەل ھەل قىلغۇچى، مۇھەببەت ئاتا قىلغۇچى. ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكى بىلەن بۇ ئىھتىياجنى ئەڭ يۈكسەك رەۋىشتە قاندۇرالايدۇ.
4. ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى: غۇرۇرىنى قوغداش، باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىش، جەمئىيەتتە مۇئەييەن ئورۇن ۋە ئىمتىياز، ئىتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىش ئىھتىياجى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئائىلە كىشىگە ھەقىقىي غۇرۇرنى  ئاتا قىلىدۇ. ئەر ئۆز خانلىق تەختىنى ئائىلىدە بەرپا قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي غۇرۇرىنى ئائىلىدە ھېس قىلالايدۇ. ئايال سۆيۈلۈش ۋە كۆيىنىش، يۆلەنگۈدەك بىر ھىماتچىسىنىڭ سايىسىدە ئۆز قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ. غۇرۇرىنى، ئىززىتىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ھېس قىلالايدۇ. بالىلار ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىززەتلىشىگە ئېرىشىدۇ. دېمەككى ھەقىقىي ئائىلىدە بۇ خىل ئىھتىياج ھەر قانداق ئورۇندىكىدىن بەكرەك قانالايدۇ.
5. بىلىم ئېلىش ئىھتىياجى: بۇ كېشىنىڭ شەيئىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشى ۋە چۈشىنىش، بىلىشكە ئىنتىلىشى بولۇپ، ھەقىقىي بىر ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىگە ئۇستاز، ھەم مۇشۇ ئھىتىياجىنى قاندۇرىدىغان كاپالەتكە ئېرىشەلەيدىغان ئورۇن.
6.ئىستىتىك ئېھتىياجى: مۇنداقچە ئېيتقاندا گۈزەللىك ئىھتىياجى. ھەممىگە ئايانكى كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان گۈزەللىك كۆرۈنۈشتىكى مەۋجۇت بولىدىغان گۈزەللىك بولۇپلا قالماي، بەلكى مەنىۋى گۈزەللىك ئىھتىياجىنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. كىشىلەر ئائىلىسى ئارقىلىق بۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ ھەم بىر-بىرىگە گۈزەللىك بىغىشلىيالايدۇ.
7. ئۆزلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىھتىياجى: بۇ ئىھتىياج قاتلىمىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىھتىياج بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئۆز غايىسى ۋە ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىھتىياجى. ئائىلە پەرزەنتىلىرىگىلا ئەمەس، ئائىلدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈك  ئەر-ئايالغىمۇ مانا مۇشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇش بازىسى.

يۇقارقى ئىھتىياج قاتلام نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ،ئائىلىنىڭ رولى ھەققىدە كونكىرىت توختالدۇق. ئارىمىزدا ئائىلە ھەققىدىكى قاراش پەقەت 1.2. ئىھتىياج نۇقتىسىدىلا توختاپ قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس.  ئەمسە ھەقىقىي ئائىلە بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك؟


داۋامى بار.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 19:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمدى بىز ئائىلىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى:

بۈيۈك تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىن ئۆزىنىڭ «ئىلمى ئەخلاق» ناملىق كاتتا ئەسىرىدە ئايال كىم دېگەننى مۇنداق شەرھىلەيدۇ: «ئايال-يوسۇن بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك ھەمراھى، ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىسىغا خوجا بولۇپ تۇرغۇچى، ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز ۋە ھەسرەتلىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى، ھەر قانداق قىلىپ بولسۇن، ئۇنى خۇشال قىلىشقا تېرىشقۇچىدۇر. ئايال-ئېرىنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلىغۇچى، پۇلنى تېجەپ خىراجەت قىلىشقا تېرىشقۇچى؛م ئېرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ بەدەن ۋە كۆڭلىنى ئاسراپ ئۆستۈرگۈچى؛ ئېرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت، بۇزۇق مىجەزنى تۈگىتىشكە سەۋەب بولغۇچىدۇر.... ئايال پات-پات ئويناپ تۇرىدىغان قونچاق ئەمەس، بۈگۈن كىيىپ ئەتىسى سالىدىغان كىيىم  ئەمەس. ئايال ھايۋان ئەمەسكى، ئۆزىگە يارىسا بېقىپ ئىشلىتىپ، ئۆزىگە يارىمىسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋىتىدىغان؛ ئايال خىزمەتكار ئەمەسكى، ياخشى ئىشلىسە ئۆيدە ئەپقېلىپ، ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋىتىدىغان، بەلكى ئۇ ئەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ھەمراھدۇر».

«ئەر-يوسۇن بويىچە ئايالىنى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشقا قوبۇل قىلغۇچىدۇر. ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىگە يار بولغان ئايالنى ھۆرمەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچىدۇر. ئەر ئۆز ئايالىنى مۇشەققەت، زىيان-زەخمەتلەردىن ئاسىرىغۇچى؛ ئايالىنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان ئىشلىرىنى كەچۈرۈپ، ياخشى نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئايالىنى شەپقەت قانىتى ئاستىدا تەربىيە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلغۇچى. ئۇ ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلىماسلىقى، ئايالىغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشتىن ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەي يۈرۈشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئەر ئۆزىنى خوجايىن بىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆز مۇرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېرىشماستىن، بەلكى يوسۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدا ئايالىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىمۇ بەجا كەلتۈرۈشى كىرەك. ئۆيدە بار-يوق نەرسىلەر ھەققىدە ئايالىنى تەڭلىكتە قويماسلىقى كىرەك».
مانا بۇ نېمىدېگەن گۈزەل ۋە ئورۇنلۇق تەبىرلەر ھە؟!

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 20:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mayvs يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 19:44
ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار.مەن تور كۆرگەچ بۇ تىمغا كۆزۈم  ...

قېرىندىشىم مەيۈس، مەقسىتىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم. ئايال بولسىڭىز سىزگە «ئاياللىق ھىممەت ۋە قىممەت» ناملىق ماقالىنى تەۋسىيە قىلاي، كۆرۈپ بىقىڭە.
بىز قىرىنداشمىز، ئۆزىمىزنى تۈزەش بىلەن بىرگە قىرىنداشلىرىمىزغا ھەم ئەسكەرتىش، يول كۆرسىتىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. (مېنىڭمۇ كەڭ تورداشلارغا نەسىھەت بەرگۈدەك بىلىم ۋە ئەمەلىم يوق، شۇندىمۇ كەڭ كۆپچىلىك بىلەن بۇ تېمىنى مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىم جۈملىسىدىندۇر).

UID
16979
يازما
106
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
226
تىزىملاتقان
2011-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 20:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئائىلىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئېنىق بولدى. كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئائىلەمگە نەزەرىۋى ئاساس سېلىۋالدىم. تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش