ئىگىسى: سۈمەييە

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 15:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلار ئۆز باللىرىنى بېقىش، تەربىيلەش  ھەم قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈردى. ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان شۇ ھەقلىرى ھەم بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتىنى يۈكلىگەن بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانا ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى بولىدۇ. تېمىمىز ئەرلەر ئۈ ستىدە بولۇۋاتقىنى سەۋەبلىك تېمىمىز ھەم مەزمۇنىنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانا ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىگە يېغىنچاقلايمىز.
1. ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق ئورنىنى، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدۇرۇش پەرزەنتنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەرىىپى. ھازىر «ئەۋلاد بوشلۇقى» دەپ بىر ئاتالغۇ چىقتى. بۇ ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتىلىرىنىڭ «ئېناقلىقتا بىرگە تۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۇنياۋى تېما بولدى. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. بىز پەرزەنتلەردە كۆپ ھاللاردا «سەن ياشىغان دەۋر بىلەن ھازىرقى دەۋر ئوخشامدۇ، كونا خاماننى سورىۋىرىدىكەنسەن، سەن چۈشىنەمسەن بۇنى، بۇ دېگەن تەرەققىيات، مەدەنىيەت» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقلىىقىنى، مەيدانىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ-يۇ، گەرچە قىلىۋاتقانلىرى توغرا بولسىمۇ ئەممد يۈرەك پارەم دەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكنىڭ ئاغرىتقىنىنى ھېس قىلمايدۇ.
ئوغۇل ئاتننىڭ قانىتى، ئانىنىڭ يۆلىكى، پەخرى. شۇ چەجىدىن ئاتا-ئانىغا يىتەرلىك ھۆرمەت يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يەردە قويماي، تېرىشچانلىق بىلەن ياشاش يولىنى ئۆگىنىش ۋە بالدۇرراق قانات-قۇيرۇقىنى قاتتۇرۇش ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانا ئالدىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى.
2. مۇھەببەت بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش. ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكەندە ئەر قاتارىغا كىرىپ، بىرەر ھۈنەر، كەسىپ بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنى بىر ئاز بولسىمۇ مۇشەققەتلەردىن خالاس قىلار. شۇ ۋەجىدىن ئۆينىڭ يۈكىنى كۆتۈرېۈش، ھېچ بولمىغاندا چوڭلارغا ئېغىرىنى سالماي، ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى ئۆزى تېپىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ھەم ئۆزلۈكسىز ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش، ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈش زۆرۈر. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كىرەككى، قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانلىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئوخشىمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ قىز بالا كۆيۈمچان بولىدىكەن دېگىنى كۆپ ھاللاردا قىزلارنىڭ خاراكتىرىدىكى مۇلايىملىق، مۇھەببەت يەتكۈزۈشكە ماھىرلىق ۋە باغرى يۇماشاقلىققا قارىتىلغان بولۇپ، ئەرلەر ئادەتتە ئىنچىكە ئىشلارغا دىققەت قىلمايدۇ. شۇڭا سىز ئوغۇل بولسىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بارىدا ئۇلارغا يېتەرلىك مېھىر-مۇھەببەت بېرىڭ. مەن چوپچوڭ ئوغۇل تۇرۇپ ئەركىلەپ يۈرسەم قانداق بولىدۇ، دېيىشى مۇمكىن. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز شاھ، ئالىم بولۇپ، ياشىنىپ قالغان بولۇڭ، سىز يەنىلا ئاتا-ئانا ئالدىدا بالا. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىڭ، ئۇ ئامراق نەرسىلەرنى ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ. پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قويۇڭ، كىيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بېرىڭ، بىر يەرلەرگە ساياھەتكە ئاپىرىڭ. ئىمكان بولسا يېنىڭىزدا تۇرغۇزۇپ بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ ئورتاق ياشىغاندىكى مۇھەببەتلىك، قائىدىلىك، ھايالىق ئائىلە تۇرمۇشىنى بالىڭىزغا ئۆلگە قىلىپ تىكلەپ بىرىڭ. يىراقتا بولسىڭىز، ھەمىشە ئۇنىڭغا تىلىاۇن قىلىڭ، ئامال بولسا يوقلاپ تۇرۇڭ. سەھەردە تۇرۇپ ئاتا-ئانىڭىزغا تېلىفۇن قىلىڭ-دە، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا، ئانا سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ، بۈگۈن ھااۋ قانداقراق، نېمە ئىش قىلاي دەيسىلەر... دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا مېھرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ ئېغىرىنى كۆپ تارتقان، شۇڭا ھالاۋىتىنى كۆرسىتىشكە كۈچىڭىزنىڭ بارىچە تېرىشىڭ.
3. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشقا سەل قارىماڭ. چوڭلارنىڭ بارغانسىرى پاراڭخۇمار بولۇپ قالىدىغىنى ئېنىق، شۇ چەجىدىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەڭ زور دەرىجىدە مۇكەممەلشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى سەلتەنىتىگە ئالقىشىڭىزنى ياڭرىتىپ تۇرۇڭ. ئانىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان كىچىك ئىشلىرىنىمۇ ئەسلىتىپ تۇرۇڭ. ئايالىڭىز ۋە باللىرىڭىزغا ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانا ئالدىدا قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.
4. ئوغۇل جەمەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە چېرىغى، شۇ ۋەجىدىن ئۇرۇق-تۇغقان، قىرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق، كۆيۈمچان بولۇپ، ئاتا-ئانىڭىزغا «ئوغلۇم، قىرىنداشلىرىنى جەم قىلىپ، ئۆم ئۆتىدىغان بولدى، ئۇ ھەممە ئىشقا تىرەك بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىشەنچنى پەيدا قىلىشقا دىققەت قىلىڭ.
5. ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ پئېتىقادى، ەزىلىتى، بىلىمى، ئىقتىدارى ۋە ياخشى خۇلقى بىلەن سىزدىن پەخىرلىنىدىغان، سىزدىن ئەنسىرىمەيدىغان ۋە خاتىرجەم بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈڭ.
!مېنىڭچە يۇقارقىلارنى ئەڭ زور تېرىشچانلىق بىلەن قىلسىڭىزلا «ئاتا-ئانا رازى، خۇدا رازى»!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-3 15:30):
بۇ ھەقتە  قۇرئان ۋە ھەدىستىكى كەلىمىلەرمۇ كەڭ قىرىنداشلىرىمىزغا زورنەپ!

UID
3454
يازما
115
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
4008
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 15:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ تېما بارلىق  ئەرلەرنى بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىك ئەمەس، جەمىئىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ يازغان تېما، ئېسىل ئەرلەر ئەلۋەتتە بار، ھەر قانداق ئىش ئىككى تەرەپلىمىلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ، ياخشى تېما ئىكەن، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

UID
22371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 16:17:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈمەييە سىزنىڭ كىيىنكى ئىنكاسىڭىزنى ئۇقۇپ مەن ئۆزەم يازغان ئىنكاسىمنىڭ بىر خىل يۈزەكى قاراشتەك ھىس قىلىپ قالدىم . ئەممە بۇ ئىنكاسىڭىزدىن ئاشۇ سۇئاللارغا تېخىمۇ ياخشى جاۋاپلارنى تاپتىم رەھمەت سىزگە !

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
353
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11414
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 16:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىپلىشىپ كېتىۋاتقان  بۇ جەمىيەتتە ئەرنىڭمۇ ئەرلىك تۇيغۇسى ۋە غورۇرىنى ؛
ئاياللارنىڭمۇ ھەم دىيانەت ۋە ئەخلاق چېگرىسىدىن چېكىنىپ كېتىشى مىللىتىمىزگە نىسبتەن زور يوقىتىش.

بىز كىمدىن ئاغرىنىمىز؟ سىز كىمدىن ئاغرىنىسىز؟  


ئاياللارغا قويۇلدىغان نازۇك بىر تەلەپ بار:
ئۆمەر ئىبىنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئايالىنى  ‹ ياخشى خۇلقى بىلەن مېنى گۇناھكار بولۇشتىن يىراق قىلىدۇ› دەپ تەرىپلىگەن.
ئەرلەر بىر ئائىلىنىڭ بارچە مەسئۇليىتىنى زىممىسىگە ئالغان بەدىلىگە ، ھېرىپ قايتىپ كەلگىنىدە ئۆز ئايالىدىن  ئىللىق تەبەسسۇمنى، گۈزەل سىماھنى ۋە ئوخشۇتۇپ ئېتىپ بەرگەن ئاشنى شۇنداقلا پەرزەنىتلىرىنىڭ  ‹ ۋاي دادام قايتىپ كەپتۇ!› دەپ توۋلاپ بويۇنلىرىغا ئېسىلىشىنى تاما قىلىدۇ.

يۇقارقى ئىشلارنىمۇ قىلالماي ئەرلىرىدىن ۋە بۇ ھاياتتىن دادلىغان ئايالنى  قولۇمدىن كەلسە دارغا ئاساتتىم .

باھا سۆز

مالىك  بىز ئاياللار ئىشتىن ھىرىپ كەلگەندە نىمىنى تاما قىلىمىز ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 17:15:13

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 17:20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز ياكى ئايالنىڭ گۈزەل خىيالى ۋە ئارمانلىرى، دىل رىشتىسى ۋە ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ «ئالدىم» دېگەن سۆزىگە باغلىغان ئەزىمەت ھەقىقىي ئەردەك ياشاشنىڭ قەدىمىنى باسقان بولىدۇ. چۈنكى شۇندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ يېنىدا ھايات گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغۇچى ۋە مۇھەببەت بېغىشلىغۇچىسى رەناسى سۈپىتىدە ئايالى بولىدۇ. ئەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنى ئويلىشىدىغان، تۇرىدىغان جايى ۋە كېيىم-كېچىكىنى پاكىزلايدىغان، ئۆز ھاياتىنىڭ داۋامى ۋە چىراقى بولغان پەرزىنتلىرىنىڭ تەربىيچىسى ۋە ئانىسى بولىدىغان ئايالنىڭمۇ ھەم ئەر ئۈستىدە ھەققى بولىدۇ.
1. ئايالىغا  گۈزەل مۇئامىلىدە بولۇپ، مۇھەببەت بېرىش.
ئىھتىمال بىرىنجى بولۇپ بۇ سۆزنى ئەمەس، كېيىم-كېچىكى ۋە يىمەك-ئىچمىكىنى تولۇقى بىلەن قىلىپ بىرىش دېسەم توغرا بولار بولغىيدى. ئەمما، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بۈگۈنكى كۈندىكى ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى يېمىك-ئىچمەك ۋە كېيىم-كېچەك سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش ھەم بۇزۇلۇش دەرىجىسىدىن ھالقىپ، ساپ ئىنسانىي مۇھەببەت تەلەپ قىلىش دەرىجىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە تۇرمۇش سەۋىيەرىمىز ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئومۇمىيۈزلۈك يېتىپ بولالمىساقمۇ، ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرگە ئەڭ زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىدىغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ نۇقتىنىڭ ئىپادىلىنىشى تېخىمۇ روشەن ۋە گەۋدىلىك.
ئەڭ يېقىملىق ۋە زۆرۈر بولغان مۇھەببەت ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدا بولىدىغان مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ۋە مەڭگۈ ساقلىنىشىغا ياخشى مۇئامىلە سەۋەب بولىدۇ. گۈزەل مۇئامىلىلىك بولماق ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىرىنجى قائىدىلىرىدىن بىرى بولۇپ، گۈزەل مۇئامىلىنىڭ ئەڭ زور قىسمى ئايال بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدۇر.
ھەرقانداق ۋاقىتتا ئايالىڭىزغا خۇشچاقچاق بۇلىشىڭىزمۇ ھەتتا ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۇچۇن قىلىنغان ئىش ھەركەتلىرىڭىزەىمۇ ئاللاھ ئەجىر بىرىدۇ.  رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن<مۇئمىلەرنىڭ ئەڭ ئەخلاقلىقلىرى ئىمانى كامىل كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلاردۇر>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
ئايالىغا كەڭ قۇرساق بۇلۇش.كىرەك  چۇنكى ئەر ئايالغا قارغاندا سەۋىرچان كىلىدۇ. بىلىپ بىلمەي سىزگە بويسۇنمىسا ياكى ئاچچىقىڭىزنى كەلتۇرۇپ قويسا ئۇنى ئۇرماستىن چىرايلىق گەپ بىلەن نەسھەت قىلىش. ياكى ئۇنىڭ گۇناھىنى(ئۇزىڭىز ئالدىدىكى) ئىچىگە يۇتۋېتىش مۇسۇلمان دىگەن قۇپال سەت گەپ قىلىدىغان،يولسىز كەلمەيدۇ. پەيغەمبرىىمز ئاياللارنى ئۇرۇشتىن تۇسۇپ مۇنداق دىگەن<.... نۇرغۇن ئاياللار مۇھەممەدنىڭ (ئۇزىنى دىمەكچى) ئۇيىنىڭ ئەتراپىدا يۇرىيدۇ.ئۇ ئاياللارنى رەنجىتكەنلەر ياخشى كىشىلەر ھىسابلانمايدۇ.
ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەردىكى ناتوغرا« ئەرلىك غۇرۇر» قارىشى نۇرغۇن مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنى زىدە قىلىپ، مۇھەببەت بۇلىقىنى قۇرۇتىۋىتىدۇ-دە، ئۆز پەيلىنىڭ يامانلىقىدىن ئائىلىسىدىمۇ خۇشال كەيپىيات ۋە مېھىرلىك ھاۋا بەرپا قىلالمايدۇ.
خەلقىمىز ئارىسىدا مۇنداق بىرگەپ بار: «ئاياللار ئۆچكە مېيى» دەپ. دېمەككى، ئاياللارنىڭ ئاچچىقى ئاسان كىلىدۇ، ئېچىمۇ سەل تارراق بولىدۇ، كۆپىنچە ئويۇننىمۇ چىن ئىش دەپ ھېسابلىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا يول قويۇ، شىرىن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى كۆڭلىنى ئېلىش كىرەك. كەڭ قورساقلىق بىلەن بەزى كەمچىلىكلىرىدىن كۆز يۇمۇشقا، ئۇلار بىلەن دە تالاش قىلماسلىققا، ئاچچىق سۆزلەرنى قىلماسلىققا، ئەپۇچان بولۇش ۋە ھەممىلا نەرسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆزى كىچىكلىك قىلماسلىققا دىققەت قىلىشى كىرەك. ئەر بولغۇچى ئۆزىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە يۇقارقىدەك پەزىلىتى بىلەن بارا-بارا ئايال قەلبىدە ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ئەرلىرىنى ھەممىدىن چوڭ بىلىگىنىدە ئۇلاردىن پەخرلىنىدۇ، شەكسىز ئىتائىتىگە ئۆتىدۇ.

2. ئايالىغا ياخشىلىق بىلەن يىمەك-ئىچمەك،كىيىم -كىچەك تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەفىقىلەرنى بىرىش. پەيغەمبەرئەلەيھسالام ئايالنىڭ ئىرى ئۇستىدىكى ھەقتىن سۇرالغان ئۇ<تاماق يىسەڭ ئۇنىڭغىمۇ بىرىسەن،كىيىم كەيگۈزسەڭ ئۇنىڭغىمۇ كەيگۈزىسەن.يۇزىگە ئۇرما. سەت گەپ بىلەن ھاقارەت قىلما. ئۆيدىن تاشلاپ باشقا يەرگە كىتىپ قالما>دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئەرسىز، جاھان كۈلىدىغان، جاھاننى كۈلدۈردىغان، دۇنيا ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان، ئايالنىڭ ئېگىسى ھېسابلانغان ئەرسىز. شۇ ۋەجىدىن ئايالىڭىزنىڭ يەيدىغان، كېيىدىغىنى ھەم ئۈستىڭىزدىدۇر.
ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي. قىزلارنىڭ خىزمىتى بولمىسا، نىكاھ ئىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدە بولماسلىقى..بۇ گەرچە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئىش. شۇنداق يىگىتلەرنى كۆرگەنمەنكى: قىز قەيەردە ئىشلەيدىكەن، خىزمىتى مۇقىممىكەن ياكى ۋاقىتلىقمۇ؟ قانچىلىك مائاش ئالىدىكەن؛ بۇنىڭدىن ئۆتۈپ ئاتا-ئانىسى باشلىقمىكەن، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بارمىكەن، قانچىلىك مىراس تىگىدىكەن، چىرايلىقمىكەن، نەچچە ياشكەن.... دېگەنلەرنى سوراپ-سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن قىزنى ئەمرىگە ئىلىشنى نىيەت قىلىدىغان؛ قىزنىڭ پەزىلىتى، دىيانىتى ۋە بىلىمى قانچىلىك، بۇ قىز ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بواللامدۇ يوق، بالا تەربىيەلىگۈدەك بىلىم، پەزىلەت، خۇلق بارمۇ دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان يىگىتلەمۇ خىلى بار. بۇ يۈرەكنى ئېچىشتۇرۇپ جەمئىتىمىزدىكى بىر زەھەرلىك ئۆسمىنىڭ يىلتىز تارتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولماي نېمە؟
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇرۇنلاردا مەھەللىمىزدە سودا قىلغان ئاياللار يوق دېيەرلىك ئىدى، ھەم سودا قىلغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى «خوتۇنىنى پۇل تېپىشقا چىقىرىپ قويغان»دەپ قاتارغا ئېلىنمايدىغان ئەھۋال بار ئىدى. ھەتتا مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئانىسى رەختچىلىك قىلغىنى ئۈچۈن، ئاكام ماڭا «بازارغا چىقىپ سپدا قىلىپ پۇل تاپىدىغان خوتۇننىڭ قىزى بىلەن دوست بولدىڭىزمۇ» دېگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قاراشنى توغرا دېمەكچى ۋە تەكىتلىمەكچى ئەمەسمەنكى، ئەمما ئەرلىرىمىزدىكى ئايالنىڭ  بار چىقىمىنى ئۆزىنىڭ چىقىمى دەپ قارايدىغان ھەم شۇ ئايالى-باللىرى بويۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ يۇلۇنى ئۈزۈلگۈدەك ئىشلەيدىغان ئەرلىك قارىشى قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر ئەرلىك روھ.
   ئايالىنىڭ بارلىق چىقىملىرى ،ئۆيگە كىتىدىغان بارلىق چىقىملار ئەرنىڭ ئۇستىگە يۇكلەنگەن بۇلىدۇ. پەيغەمبىرىمز ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا قىلغان چىقىممۇ ئەر كىشى ئۇچۇن سەدىقىدۇر دىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە بىر ئايال ئىرىنىڭ ئۈزىگە پەقەتلا چىقىم قىلىپ بەرمەيدىغانلىقى شۇ سەۋەبتىن ئىرىنىڭ پۇللىرىنى ئىرىگە بىلدۇرمەي ئېلىپ ئىشلەتسە بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسالامغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە پەيغەمبىرىمز ئۇ ئايالغا سىز ئائىلىڭىزگە يەتكۇدەك مىقداردا ئېلىپ ئىشلىتىڭ دىگەن.  ئەگەر ئەر ئۆيىگە،ئۆزىنىڭ ئۆي ئەھلىگە چىقىم قىلغىلى ئۇنىمىسا كۆپ ئېلۋالماسلىق شەرتى بىلەن ئىرىنىڭ ئىزنىسىز ئىرىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان.
بۇ يەردە زۆرۈرىيەت تۈپەيلى يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز كىرەككى، ئاياللىرىمىزدىكى قانائەت ۋە توغرا بولغان ئائىلە قارىشىمۇ ھەم. ئاياللىرىمىزدىكى ناشۈكۈرلۈك ھەم ناتوغرا بولغان قىممەت قارىشىمۇ ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى پايخان قىلىۋىتىشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ ھەقتە بىز ئايرىم توختىلىمىز.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 17:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urukjan يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 16:59
غەرىپلىشىپ كېتىۋاتقان  بۇ جەمىيەتتە ئەرنىڭمۇ ئەرلىك ت ...

ئۈرۈكجان، پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق، ئەمما تېمىغا تۇتقان پوزتىسىيەرىڭىزگە شۇنداق دېگۈم كىلىدۇ:
ئاياللار ئەرلەر ئىتائىتىدە بولىدىغان بولغاچقا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى تەربىيلىشى بەك مۇھىم. ئەينەككە قاراپ تۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. ئايالىنى تەربىيەلەش.
قىز-ئاياللارنى «بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ»، «پەرزەنت تەربىيىسىدە ئانىلار ئىنتايىن مۇھىم» دېگەندەك ئۇلۇغ تەبىرلەر بىلەن مەدھىيلەيمىز-يۇ، دەل مۇشۇ سۈپەتلەرنى روياپقا چىقارغۇچى ئاياللارنىڭ تەربىيلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا تازا دىققەت قىلىپ كىتەلمەيمىز. ھەممە تەربىيە ئائىلە تەربىيسىدىن باشلىنىدىغىنى ئۈچۈن، ياخشى بىر ئائىلىدە تەربىيىلىك چوڭ بولغان قىزنى ئەمرىگە ئالغان ئەر ھەقىقەتەن بەختلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دەۋر تېنىمسىز ئۆزگىرىۋاتقان، يېڭى-يېڭى ئىختىرالار كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاياللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەربىيلىنىشى بالا تەربىيىسىگە، ئائىلە سۈپىتىگە، ئەلەرنىڭ ساپاسىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن  ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ جەرياندا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى تەربىيلىشى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى تولىمۇ مۇھىم.
ئايالىڭىز بەلكىم تولىمۇ تەربىيەلىك بولۇشى ۋە ياكى كۆڭلىڭىزدىكىدەك يوسۇنلۇق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئەرلەر ئاۋال ئۆزىنى تەربىيلىشى ۋە «ئۆزىدە بىر چىلەك سۇ بولغاندىلا باشقىلارغا بىر چىنە سۇ بەرگىلى بولىدۇ» دېگەن قائىدە بويىچە ئۆزىنى تەربىيلشكە كۈچىشى كىرەك. ھەم ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئايالىغا ئۆگىتىش كىرەك.
ئايالىڭىزغا سىزئاڭلىغان ھەقلەرنى يەتكۈزۈشىڭىز كىرەك. مەسىلەن: ئاياللار تەبلىق سورۇنلىرىغا بارالمايدۇ. ئەمما ئەرلەر كۇندە،كۇندە بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىر كۇن (جۇمە كۇن) تەبلىق ئاڭلىيالايدۇ. ئەرلەر ئاڭلىغان تەبلىغلىرىنى ئايالىغا ۋە بالا چاقىلىرىغا يەتكۇزىشى ئەرلەرنىڭ ئۇستىدىكى ئەڭ زۈرۈر بولغان ھەقتۇر. ئايالىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى -يامان ئەمەللىرى سىز گىمۇ كىلىدۇ. رەسۇلۇللە سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى. سىلەر ئائىلەڭلاردىن سۇرىلىسىلەر. دىگەن. يەنى ئاياللارنىڭ قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرى ئەرلىرىدىن سۇرلىدۇ. دىمەك شەرىئەتنى ئاياللارغا يەتكۇزۇش ئەرنىڭ ئۇستىدىكى پەرزدۇر.
ئەخلاق ئالىملىرىنىڭ نەسىھەتلىرى مۇنداق:
« ئەر ئەگەردە ئايالنىڭ مۇھەببىتىنى ئارزۇ قىلسا، ئۇنىڭ خۇلقىنى تەربىيلىسۇن. چۈنكى مېۋىلىك دەرەخلەرمۇ تەربىيەگە مۇھتاج بولغىنىدەك، ئاياللارمۇ تەربىيىگە مۇھتاجدۇر. ئايالمۇ بىر مېۋىلىك دەرەختۇر. ياخشى مېۋە بەرمىگەندە دەرەخنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېگىسىگە تەنبىھ بەرگەن كەبى ئايالمۇ ناچار بالا تەربىيلىسە، ئېرىگە تەنبىھ بېرىلىدۇ».
ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرمىكىمۇ مۇھىم.
بۇ ھەقتە مەن ئارتۇق سۆزلىمەي، بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى ئالىمىمىز، شۇ دەۋردىكى جاھالەتكە ئوت ئاچقۇچى ئابدۇقاردىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى سۇنىمەن.


ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى

ئاپتورى :    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى


مەن جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان ‹بىزگە قانداق قىزلار كېرەك› دېگەن ماقالەمدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ‹نەسھەتى ئامما› دېگەن ئەسىرىدىكى ئاياللارغا ئائىت بايانلاردىن نەقىل ئالغان ئىدىم. شۇنداقلا ‹شىنجاڭ ئاياللىرى› ژورنىلى ئۇيۇشتۇرۇپ يازغان ‹ئاياللار ۋە جەمئىيەت› دېگەن ماقالەمدىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۈگۈتلىرىدىن كۆپ مەنپەئەت ئالدىم. بۇ قېتىم شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى فىلىلوگىيە تارمىقىنىڭ بىر سىنىپىغا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ‹نەسھەتى ئامما› دېگەن ئەسەرنى قايتا−قايتا ئوقۇپ كۆرۈپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر نەرسە يېزىپ بېقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى بۇ كۆز قاراشلىرى بىر خەلقنىڭ مائارىپىغا يېتەكچى ئىدىيە بولۇپ، شۇ مىللەتنىڭ مائارىپىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغۇدەك مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە ئىدى. ناۋادا بۇ ئىدىيە بىر مىللەت مائارىپى تەرىپىدىن ئاڭلىق، پىلانلىق قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ شۇ مىللەتنىڭ سەرخىللىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئائىلىلەرنىڭ يېتەكچى مائارىپ ئىدىيىسى قىلىنسا ئائىلىلەردە ئويلىمىغان ساپا ئۆزگۈرۈشلىرىنى پەيدا قىلالايتتى.
ئابدۇقادىر داموللام مۇنداق يازىدۇ: (ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىنىڭ پەرزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭغا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشىمىز،نۆۋەتتە خوتۇن - قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم. چۈنكى كىچىك بالىلار نادان، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر. ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا، پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار، ئىسلامىيەتكىمۇ زىيان يەتمەس. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ. ھەدىستىمۇ ‹ھەر بىر پەرزەنت تۇغۇلۇشتا ئەيىپسىز، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى -يامان بولىشى ئاتا- ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق› دېگەن مەزمۇن بار. ) ئابدۇقادىر داموللام ئىسلام دىنىنىڭ ئۆلىماسى ۋە ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردە ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىنىڭ پەرھىزلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى پەرھىز دېگەن نېمە؟ ئاللا تەرىپىدىن بۇيرۇلغان، ئىجرا قىلمىسا بولمايدىغان قانۇندۇر. دېمەك، ئەرلەرنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى پەرز بولۇپلا قالماي ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىمۇ پەرزدۇر. ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان تەربىيە جەريانىدۇر. چۈنكى، ھەر قانداق ئايال ئانا بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ قورسىقىدا تۆرىلىمىز، ئۇ بىزنى قورسىقىدا توققۇز ئاي توققۇز كۈن پەرۋىش قىلىپ ئاسراپ، نەچچە قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىپ تولغاق تارتىپ بۇ دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. بىز چوڭ بولۇپ بولغۇچە بىزنى پوق-سۈيدۈكتىن خالاس قىلىپ، قەلبىمىزنى ئانىلىق مېھرى بىلەن سۇغىرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا تۇنجى تەربىيىنى قوبۇل قىلىمىز. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئويلىغاندا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ تەربىيلەش ھەقىقەتەن زۆرۈر. چۈنكى بىز بۈگۈن يۈزلىنىۋاتقان مائارىپ بۇنىڭدىن تۆت، بەش يۈز يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. ياۋۇرپا ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە مەنسۇپ مائارىپ شەكلى بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ بۈگۈنكى قۇدرىتى ئۈچۈن ئاساس سالدى ۋە تارىخقا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خىل مائارىپ ئوخشاش ياشتىكى ۋە تەربىيىلىنىش نۇقتىسىدىن باشلىنىش نۇقتىسى ئوخشاش بولغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق مەدرىسە مائارىپىدىن پەرقلىق ھالدا گۇمانىتارلىقنى مائارىپنىڭ ئاساسىي ئىدىيە، ئىلىم-پەن ئۆگۈتۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان مائارىپ ئىدى. ئارىدىن يېرىم ئىراچە ۋاقىت ئۆتتى. دۇنيانىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى بىلەن بۈگۈنكى مائارىپ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ھاڭ پەيدا بولۇپ ئورتاق ھالدا پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىك مائارىپ ئىسلاھاتى چۇقانلىرى پەيدا بولدى. پىسخولوگىيە ۋە پىداگوگىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ زۆرۈرلىكىنى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى مائارىپنىڭ ئاساسى ياش پەرقى ۋە بىلىم پەرقىنى ھېسابقا ئېلىش ئاساسىدا سېلىنغان بولسا، بۈگۈنكى ئىسلاھات چۇقانى سالغۇچىلار ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىكى تۇغما ئەقىل يەنى تۇغما تالانت ۋە پىسخىكا پەرقى ھېسابقا ئېلىنىدىغان بىر مائارىپنىڭ بولۇشىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يېڭى تەلىپى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. چۈنكى، بۈگۈنكى مائارىپ ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتى تالانتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىش بىلەن بىرگە مائارىپتا بالىلارنىڭ تالانت بۇلىقىنى ئېچىشقا پايدىلىق بىر تۈزۈلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
دېمەك، بۈگۈن كىشىلەر ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ ئەقىل پەرقى ۋە پىسخىكا پەرقىنى ئېتىراپ قېلىشقا يۈزلىنىپ قالماي، يېشى ئوخشاش لېكىن جىنسى ئوخشىمايدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەقىل ۋە پىسخىكا نۇقتىسىدا نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەن ئېلىشقا
باشلىدى. دېمەك، پەرق بولغانىكەن پەرقنى بايقاپ تەربىيلىنىش جەريانىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش، بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مائارىپ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەش زۆرۈر. شۇنداقلا پىسخىك ۋە ئەقلىي پەرقلەرگە ئاساسەن بالىلارنى ئايرىم تەربىيە توپىغا ئايرىش تېخىمۇ زۆرۈر. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ نۆۋەتتە خوتۇن قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلىشىمۇ بىر خىل ئالدىن كۆرەرلىك . بىر قارىماققا بۇ گەپلەر مۇتەئەسسىپلىكتەك، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى كەمسۇندۇرىدىغان تۇيىلىدۇ. لېكىن، ئىلمىي نۇقتىدىن كۆزەتكەندە ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ بىر خىل تېخىمۇ زور ئىلمىيلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بىز بۈگۈن قىز-ئوغۇل ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىلەن ئەقىلنىڭ يېتىلىش پەرقىنى تەن ئالىمىز. پىسخولوگلار قىزلارنىڭ تەڭ ياشتىكى ئوغۇللارغا قارىغاندا تىز پىشىپ يېتىلىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بىزگە ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ يەردىكى تىز پىشىپ يېتىلىش ئەلۋەتتە جىسمانى نۇقتىدىكى بۇرۇن پىشىپ يېتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي ئەقىل نۇقتىسىدىكى پىشىپ يېتىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇنداق بولغانىكەن بالىلارنى تەربىيىلەشتە نوقۇل ھالدا ياش پەرقىگە ئېسىلىۋېلىش ۋە جىنسىي پەرقنى يوققا چىقىرىپ ھەممە بالىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە ئۇرۇنۇش، بۈگۈنكىدەك پىسخولوگىيە قاتارلىق مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولۇۋاتقان ۋە مائارىپنى نۇرغۇن قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك تەجرىبە نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان كۈندە قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
ئۇنداقتا خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن ئايرىم مەكتەپ ئېچىش دېگەن ئىدىيىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
دۇنيادىن ئىبارەت ئويۇن سەھنىسىدە ئەر ۋە ئايالنىڭ ئالىدىغان رولى زور دەرىجىدە پەرقلىق. لېكىن ئۇلارنى باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئاياللارنى ئەرلەرگە ئوخشاش رول ئېلىشقا دەۋەت قىلىش ۋە ياكى مەجبۇرلاش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئاستى-ئۈستۈن قىلىۋېتىش ئاياللىق نازاكەت ۋە ئەرلىك جاسارەت كەبى خاس ئامىللارنىڭ ئاستى-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى ۋە خاس تەۋەلىكىدىن ئاجراپ ئۆزى تەۋە بولمىغان ئوبيېكىتلارغا تەۋە بولۇپ قىلىشىغا ئوخشاش نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش جاسارەتكە ئىگە بولسا مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ، ھازىرغا قەدەر مەدھىيلەپ كەلدۇق. لېكىن نېمىشقا بۇ ئايال ئاشۇنداق رول ئېلىشقا، ئەرلەردەك جاسارەت كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولدى؟ ئۇنداقتا جاسارەت كۆرسىتىشكە تىگىشلىك ئەرلەر نەگە كەتتى؟ دېگەن سوئاللارنى كاللىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەرلەر ئاياللاردەك نازاكەتلىكلىشىپ كەتسىچۇ؟ دېگەن سوئال ھەققىدە ئويلاپ باقمىدۇق. ئەلۋەتتە بۇنداق ئويلىنىش بىزنى ھەسرەتكە سالىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئېلىشقا تىگىشلىك روللاردىن چەتنەپ كېتىشى ياكى باشقا روللارنى ئېلىپ قېلىشى، موزدۇزنىڭ تېۋىپ بولۇپ، تېۋىپنىڭ تامچىلىققا مەجبۇرلىنىشى قىيامەتنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى. ھەرقانداق نەرسە ئۆز رولى ۋە ئۆز خۇلقى بىلەن گۈزەل.دېمەك، ئايرىم مەكتەپ ئېچىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى تەربىيىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلغىلى، ئەر ۋە ئاياللارنى ئۆز خۇلقى بىلەن تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى رول ئىگىسى ئۆز رولىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا، شۇنداقلا ئۆز رولىنىڭ قەدىر−قىممىتىنى ھېس قىلالىسا، ئاياللار ئاياللىق خىسلەت-خۇلۇقلىرىغا باي، ئەرلەر ئەرلەرگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن گەۋدىلەنسە، ئىككىسى ئۆزىگە خاس رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالسا، مانا، بىر جەمئىيەتنىڭ بەختى ئەمەسمۇ؟
مەخسۇس مەكتەپلەر بولغانىكەن مەخسۇس تەربىيە بولىدۇ. بالىلار جىنسىي پەرق يوق ئارىلىشىپ ئوقۇغان مەكتەپلەردە يول قويغىلى بولمايدىغان بەزى دەرسلەرنى بۇ مەكتەپلەردە تامامەن يولغا قويغىلى بولىدۇ. ھەتتا قىز-ئوغۇللارنى پىسخىك ۋە ئەقىل پەرقى بويىچە تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. تەربىيە تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ. بەزىلەر ئايرىم مەكتەپلەرگە ئايرىشنى قىزلارغا ئۆي تۇتۇشنى، يىڭنە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىتىش دەپ ئاددىي چۈشىنىدۇ ۋە بۇ خىل ئايرىشنىڭ مەقسىتىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. لېكىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نەزىرىدىكى ئايرىش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. بەلكى پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيەنى چىقىش قىلغان، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىنىشنى ئىلمىي كۆزىتىش ۋە يەكۈنلەشتىن كېلىپ چىققان. ناۋادا خانىم-قىزلار ئايرىم مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئانىلىق قەدىر-قىممەت، ئاياللىق ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىڭ مەنىسىنى ۋايىغا يېتىپ چۈشۈنۈپلا قالماي بىر پىداگوگ سۈپىتىدە تەربىيىلەنسە بالىللىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىپ ۋايىغا يېتىشى تېخىمۇ ئوڭايلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تالانتنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقان بىخلىرىنى بايقاش تېخىمۇ ئوڭايلىشاتتى. چۈنكى بىر بالىنى ئانىسىدەك چۈشىنىدىغان يەنە بىر شەخسنىڭ بولۇشى ناتايىن. ناۋادا ئانا ئانىلىق رولىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ھەقىقىي بىر پىداگوگ رولىنى ئالسىچۇ؟ ناۋادا بىر ئايال تەبىئەت ئاياللارغا يۈكلىگەن رولنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ ئۇنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىسىچۇ؟ شۇنداقلا، ئەنە شۇنداق ئايرىم مەكتەپلەردە ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئىلمىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئەركەككە ئوخشاش چوڭ بولغان بىر ئەر بىر ئايالنىڭ ئەنە شۇنداق رولىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنى چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن پەرۋىش قىلسىچۇ؟
مېنىڭچە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقان جەمئىيەتكە قارىغاندا بۇنداق پەرق ئىلمىي ھالدا تونۇلۇپ ۋايىغا يەتكۈزىلىۋاتقان، ھەركىم ئۆز رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىۋاتقان جەمئىيەت تېخىمۇ بەختلىكتۇر، ناۋادا ئەرنىڭ لامزەللىكى‹لامزەللىك ماھىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنىڭ يىگلەپ كېتىشىدۇر› تۈپەيلىدىن بىر ئايال ئائىلىدە ئەرلەردەك ھىممەت ۋە جاسارەت كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولسا شۇ ئايالغا مەدھىيە ئوقۇيمىز، ئەرنى ئەيىبلەيمىز. ناۋادا بىر ئەر ئايالىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يۈرىكىنى قاندۇرۇپ ئۆز ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشسا بىز بۇنداق ئائىلىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. بۇنداق ئائىلىلەر شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ساغلام ھۈجەيرىللىرىدۇر.
ناۋادا ئايالنىڭ ساپاسىزلىقىدىن قەلبى ئۇسسىغان ئەر بۇلاقتا تۇرۇپ ئۇسسىزلىق ھېس قىلسىچۇ؟
خوش، ئاياللارنى تەربىيلەش پەرز. ئۇنداقتا ئۇلارنى قانداق تەربىيلەش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا بۇ پەرھىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغىلى بولىدۇ؟
ئەڭ ئاۋۋال ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئاياللارنى تەربىيلەش پەرز دېگەن ئوينى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتىنى تونۇتۇش كېرەك. شۇندىلا بۇ ھۆكۈم بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ماياكقا، بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا رىئايە قىلىدىغان قانۇنغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە ئاياللارنى تەربىيلەيدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئابدۇقادىر داموللام تىلىغا ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم مەكتەپ ئېچىش ھەركىتىدۇر. ئۈچىنچى قەدەمدە شۇ مەكتەپتە ئىجرا قىلىنىدىغان مائارىپ پىروگراممىسى بەرپا قىلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىزنىڭ تەربىيە خىزمىتىمىز تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىدۇ. بىز ھازىر تەكىتلەۋاتقان ئىناق جەمئىيەتمۇ مانا شۇندىلا تېخىمۇ ئوڭاي بەرپا بولىدۇ.
‹كىچىك بالىلار نادان، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر.› دەيدۇ ئابدۇقادىر داموللام.
بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەشنىڭ شەرتى ئاياللارنى ياخشى تەربىيىلەش. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ ئاياللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئاياللارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئابدۇقادىر داموللام 1924-يىلى جاھالەتنىڭ ھامىيلىرى تەرىپىدىن قەتلە قىلىندى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆلمەس ئىدىيىلىرى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كېلىپ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي مىراسىمىزغا ئايلاندى. ھازىر بۇ مىراسلار بىزنىڭ ۋارسلىق قىلىپ نۇرلاندۇرىشىمىزنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.


UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدىكى ھەققىنى يۇقارقىدەك ئۈچ نۇقتىغا يېغىنچاقلىدۇق. ئەمدىكى قاراشلىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئاتىلىق ۋەزىپىسى ئۈستىدە بولىدۇ

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال مۇشۇ ھەقتىكى بىر قانچە يازمىلارنى ئىنكاس سۈپىتىدە قىرىنداشلارنىڭ بەھرلىنىشىگە سۇنىمىز.


ئاتىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى رولى

        خالىدە ئوبۇل
– تاماقنى نېمانچە ئاستا يەيسەن، گەپ ئاڭلىمىساڭ ھېلى بىكار قۇلىقىڭنى يۇلىۋالىمەن...
– خەتنى چىرايلىق يازساڭ بولمامدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىدەك يازغان خېتىڭنىڭ سەتلىكىنى قارا...
– ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئەزمەڭنى ئەزگىچە، تېزرەك بولمامسەن، تەپسە تەۋرىمەس بىر نېمە بولامدۇ نېمە بۇ...
تام قوشنامنىڭ بالىسىنى زەردە بىلەن ئەدەپلىشى، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ. ئاتىنىڭ سەككىز ياشلىق بالىغا تەربىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا قوپال گەپ – سۆزلەر بىلەن تەنبىھ بېرىشى بەكمۇ ئىچىمنى سىقىپ، مۇۋاپىق پۇرسەتتە بالىنىڭ ئانىسى بىلەن پاراڭلاشتىم:
– ئېرىڭىزنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئوغلىڭىزغا تەنبىھ بەرگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئوغلىڭىز دەرستىن چۈشسىلا ئۆيگە يۈگۈرۈيدىغان ياۋاش، گەپ ئاڭلايدىغان بالىغۇ، سىز گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟
– ھەي، ئېرىمنىڭ مىجەزى شۇ، كىچىككىنە ئىشلار دىتىغا ياقمىسىلا بالىغا دوق قىلىدۇ. بالىغا ئۆچمىكىن دېسەم تېخى، نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ. لېكىن تەربىيە ئۇسۇلغا پەقەت دىققەت قىلمايدۇ. بالىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تولا ئۇرۇشۇپمۇ قالدۇق. خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ – يۇ، بىرمەزگىلدىن كېيىن يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ۋارقىراپ – جارقىراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بالىنى ئاتىسىغا تاشلاپ سىرتلارغا چىقىشتىنمۇ قورقىمەن...
بىر قىسىم ئانىلار بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللانماي، بالىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرىدىغانلىقىنى، پەرزەنت تەربىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئانىغا يۈكلەپ قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت بېلىقىز ئىمىنھاجى ئاتىلار قانداق قىلغاندا پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ؟ دېگەن سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ياخشى ئاتا بىر كىتابقا ئوخشايدۇ، بالىلار ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر تەلىم ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا پەرزەنتىگە قاتتىق قوللۇق قىلغاننىڭ ئورنىغا، پەرزەنتىنى يېقىن دوستى قاتارىدا كۆرۈپ، پەرزەنتى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بالىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى، ھەرگىزمۇ تەھدىت سېلىش، ئۇرۇپ – تىللاش، قورقۇتۇشتەك ناچار تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە، پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىلارغا ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىش، بالىلارنى بەكمۇ چىڭتۇتۇۋەتمەي، بەكمۇ بوش قويۇۋەتمەي، مۇۋاپىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. ئاتىدىن قورقۇپ، ئاتىنىڭ چىراي ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمايدۇ.
ئاتا بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئۆينىڭ يول باشلىغۇچىسى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپلىگەن ئاتىلار بالا تەربىيەلەشتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن بالا تەربىيەلەشكە، بالىغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئاتىلار يەنىلا پەرزەنت تەربىيەسىدە سەۋرچان بولماي، كىچىككىنە ئىشلارنى باھانە قىلىپ، ئۇرۇپ – تىللاش، تەنبىھ بېرىشتەك پاسسىپ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئاتا مېھرى مۇقەددەستۇر. بىر قىسىم ئاتىلار خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ مۇقەددەس بۇرچنى ئانىلارغىلا يۈكلەپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ تەسىرىدە بەزى ئائىلىلەردە پەرزەنت تەربىيەلەش پەقەت ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى، دەپ قارالغاچقا، كۆپ قىسىم ئانىلار خىزمەت بېسىمى، پەرزەنت تەربىيەسى، ئائىلىنىڭ ئېغىر – يېنىك يۈكلىرىنىڭ تەسىرىدە بېسىم ھېس قىلماقتا. شۇڭا، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەرلەر بالا تەربىيەسىنىئايالىغىلا يۈكلەپ قويماسلىقى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى، بالا تەربىيەلەشتە سەۋرچان بولۇپ، بالىنىڭ ئەقىللىق، چېچەن، ساغلام، ئەدەپ – قائىدىلىك چوڭ بولۇشىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت دۇنياغا كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بېجىرىلىدىغان بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ۋە شۇنىڭغا ئائىت زۆرۈر بىلىملەر

ۋەلى كەرىم كۆكئالپ

بالا تەشنالىقى ۋە يېڭى مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىش

خەلقىمىز ئارىسىدا بالا تەشنالىقى ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ۋە قويۇق مىللىي خاراكتېر تۈسىگە ئىگە بولۇپ، مەيلى تۇنجى پەرزەنت بولسۇن ۋە مەيلى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ياكى كەنجى پەرزەنت بولسۇن، ھەممىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ، بوۋا-مومىلىرىنىڭ، ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەشنالىقى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىچىدە ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا بارا-بارا چوڭ بولىدۇ ۋە توققۇز ئاي، توققۇز كۈننى توشقۇزۇپ، قۇتلۇق سائەتتە يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
بالا تەشنالىقى بەك كۈچلۈك بولغانلاردا ئائىلىدىكىلەر ۋە چوڭلار ئۇلۇغ كۈنلەردە تىلەك تىلەش، مازار سەيلىسىگە قاتنىشىش ۋە باشقا خەلق ئىچىدىكى ئىرىملارنى بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىغا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر بالا تەشنالىقى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا بالا قارار تاپسا، ئانا بولغۇچى پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىدا بولسۇن ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ، ھەر بىر سۆز-ھەرىكەتتە ئانىنى ئەزىزلەش ۋە ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىدا كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىۋاتقان بالىنىڭ تېزراق يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا بولغان تەشنالىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ ئاكىسى ياكى ئاچىسى جېدەلخورلۇقى، شوخلۇقلىرىنى تاشلاپ ئانىسىنىڭ ئېغىرىنى يېنىك قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئاتا بولغۇچىمۇ خوتۇنىغا ئالاھىدە مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ چاغدا ئانا بولغۇچىنىڭ (ھامىلىدار ئايالنىڭ) ئوزۇقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلە ئەزالىرى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئانا بولغۇچىغا ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، تەنگە ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئائىلە شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئانا بولغۇچىنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋەت مىقدارى، ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئانا بولغۇچىنىڭ (ھامىلىدار ئايالنىڭ) مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشىغا ھەرقاچان كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى، بالا ھەمراھى، ئانا تېنىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەملىكەتلىك ئوزۇقلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاپ ھامىلىدارلارنىڭ كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە 200 كالورىيىدىن ئېشىپ بارسا بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى، ئانا تېنىنىڭ، بالا ھەمراھىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقاندا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كۈنىگە 25g ئاقسىل ئاشۇرۇپ قوبۇل قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن ئاشقازان پلازمىسىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكتىن كالتىسىي، تۆمۈر، سىنك، يود تولۇقلاپ تۇرۇش ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. نورمال ئەۋالدا ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە كالتسىي، تۆمۈر، سىنك، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. («ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى»، 180-بەت).
ئەنە شۇنداق ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق، قۇتلۇق تىلەك، زارىقىپ كۈتۈشلەر نەتىجىسىدە، «بىر جان يىغلاپ تۇغۇلدى. ئۇ بىر ئائىلىگە چىراغ ئېلىپ كەلدى، ئائىلە شەجەرىسىگە يەنە بىر شاخ قوشۇلدى. تۇرمۇشقا خۇشاللىق، ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۇ لەختە قاندىن لوقما گۆشكە، ئاندىن بېجىرىم، مۇكەممەل ئورگانىزمغا ئىگە چىرايلىق ئادەم بولۇپ تۇغۇلدى.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 31-بەت).
تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كېسىش يەنە بىر مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. «ئانا تەۋەللۇت قىلغاندا تۇغۇت ئانىسىنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كىندىك كېسىش بولىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا ئۇزۇن كىندىكى بىلەن تۇغۇلىدۇ. كىندىك بالىنىڭ ھەمراھىغا ئۇلاقلىق بولۇپ، شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەمدى كىندىكنىڭ بۇ رولى تۈگەيدۇ. شۇڭا، كىندىكنى كېسىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇغۇت ئانىلىرى مەخسۇس تەييارلانغان ئەسۋاب بىلەن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ ۋە بوغۇۋېتىدۇ. ئاندىن كىندىككە پاك تۇپراقنى ئېلىپ چاچىدۇ ۋە بۇ تۇپراقنى بالىنىڭ رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشى، ئانا تۇپراققا سادىق بولۇشىنى، ئانا تۇپراقنى گۈللەندۈرۈش، ئانا تۇپراقنى بۇلغىماسلىق، ئانا تۇپراققا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. شۇڭا ‹كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەر» ئۇ ئادەمنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ئۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاشۇ ۋەتەن ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 33-بەت).

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بەزى قائىدە-يوسۇنلار

خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش
يېڭى مېھمان ‐ پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلىنىڭلا خۇشاللىقى بولۇپلا قالماي، بىر جەمەتنىڭ، شۇنداقلا بىر يۇرتنىڭمۇ خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى ھايات سېپىنى تولۇقلايدۇ، ئائىلىگە ئىزباسار بولىدۇ، بىر جەمئىيەتكە ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇلىدۇ. خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بوۋاق تۇغۇلغاندا خوش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ. بۇ، ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلش بىلەن بىرگە، ئۇ كىشى بىلەن، شۇنداقلا ئائىلىلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق. ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ. بوۋاققا ئاللادىن ئۇزۇن ئۆمۈر، ئنىساپ-تەۋپىق، بەخت-سائادەت تىلەپ خۇشاللىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ تېپىلغۇسىز خۇشاللىق ئىش يۈز بەرگەن ھامان يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلارغا، يۇرت ئىچىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىشنى شۇ ئائىلىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئورۇنلايدۇ. «خۇش خەۋەر! خۇش خەۋەر! بوۋا (موما)، مېنىڭ بىر ئوماق ئىنىم (سىڭلىم) بار بولدى!...» دەپ ئۆيمۇ ئۆي خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇققانلارنىڭ بۇرۇنلا ئىدىيەسىدە تەييارلىقى بولغاچقا، «تۇغۇلغان بۇ يېڭى جانغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن!...» دەپ دۇئا قىلىدۇ، ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بالىغا سۆيۈنچە بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى يىراق-يېقىنغا ئەنە شۇنداق جاكار قىلىنىدۇ.
يۇيۇندۇرۇش
بالا تۇغۇلغاندا ئۈستى-بېشىىغا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماددىلار چاپلاشقان بولىدۇ، شۇڭا، بالا تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ساغلام بەدەن، چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن يۇيۇندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىدۇ. يۇيۇندۇرۇشقا ياغاچ داس ياكى تۈنىكە داس تەييارلىنىپ، ئىچىگە بوۋاقنىڭ يۇمران بەدىنى كۆيمىگۈدەك ئىسسىق سۇ قۇيۇلىدۇ، سۇغا ئازراق تۇز سېلىنىدۇ، سۇغا يەنە ھەر خىل ئېرەملىك دورا-دەرمانلاردىن ئالما قېقى، ئادراسمان، ئارتىش ياپرىقى، ئالتۇن ۋەرەقلەر سېلىنىدۇ. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، ئاندىن تۇغۇت ئانىسى، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە بالا سۇغا سېلىنىپ يۇيۇندۇرۇلىدۇ، يۇيۇندۇرۇشتا بىر ئادەم سۇ قۇيۇپ بەرسە، يەنە بىرى يۇيۇدۇ. ئالدى بىلەن باش قىسمى پاكىز يۇيۇلۇپ، ئاندىن بەدىنى يۇيۇلىدۇ. بالىنى يۇيغاندا يۇمران تېرىسىنى زەخملەندۈرۈپ قويماسلىق، سۇ بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاندىن ئېغىزى پاكىز تازىلىنىدۇ. ئاندىن پۈتۈن بەدىنى بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئۇپا بىلەن ئۇپىلىنىپ، زاكىلاشقا تەييار قىلىنىدۇ.
زاكىلاش
خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، بوۋاق يۇيۇندۇرۇلغاندىن كېيىن بەك يۇمشاق داكا ياكى خەسە بىلەن باش ۋە كىندىك قىسمى ئوبدان زاكىلىنىدۇ. «زاكا چېكىلىك زاكا، بەدەن زاكىسى، تەرەت دەپ ئۈچ پارچە راسلىنىدۇ. چېكە زاكىسى پېشانىدىن ئېلىنىپ بۆرەكچى قىلىپ قۇلاق بىلەن قوسۇپ ئورۇلىدۇ. ئاندىن بەدەن زاكىسى ئىككى قولىنى ئىچىگە ئېلىپ چىڭ يۆگىلىدۇ. ئارقىدىن تەرەت زاكىسىنى بەدەن زاكىسى بىلەن قوشۇپ، بەلدىن ئورىغاندىن كېيىن، شوينا بىلەن تېڭىلىدۇ. بۇ بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇنقى زاكىلاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تۇنجى بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە ۋاقىتلىق سەرەمجانلار بىلەن سەرەمجانلاندۇرۇلىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 35-بەت).
ئېغىزلاندۇرۇش
«‹ئېغىزلاندۇرۇش› دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بوۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈچلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئېمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ.» (ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق، «99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى»، 112-بەت).
خەلقىمىز بالىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە، بالىنى قانداق كىشى ئېغىزلاندۇرغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ خۇيىنى ئېلىپ قالىدۇ، دەيدىغان ئەقىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئۆز جەمەتىدىن بىلىمدە كامالەت تاپقان، تەقۋادار، ئادالىتى كۈچلۈك، يۇرت ئىچىدە ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بىرىنى تاللاپ، بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ئەقىدىسى سىڭگەن بولغاچقا، بوۋاق ئالدى بىلەن يۇمشاق چاينالغان نان بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ. نان يەنە سىمۋۇللۇق مەنىسىدە شۇ كىشىنىڭ رىزقىنىڭ پۈتۈن بولۇشىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ئېغىزلاندۇرغۇچى ناننى يۇمشاق چايناپ ياكى يۇمشاق ئېزىپ بوۋاققا يېگۈزۈۋاتقاندا، بوۋاقنىڭ نېنىنىڭ پۈتۈن بولۇشىنى، ناننى قەدىرلىشىنى، بەدىنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تىلەك تىلىنىدۇ.
ئىسىم قويۇش
ئىسىم قويۇش بوۋاقنى ئۆمۈرلۈك نام-ئاتاققا ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان كۆز نۇرى بولغان پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. يېڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى قايسى ئىسىمنى قويۇش، قايسى تەرتىپ بىلەن قويۇش مەسلىسىدۇر. قويۇلدىغان ئىسىم قۇلاققا يىقىملىق بولغاندىن سىرت، مەنىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، ئالدى بىلەن ساپ ئۇيغۇرچە، مەنىسى چوڭقۇر، قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان، ئاتاش-چاقىرىشقا قولايلىق ئىسىملاردىن بىرىنى تاللاپ قويۇش كېرەك. چۈنكى، تۇغۇلغان بوۋاق ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتى، تارىختا بۈيۈك شۆھرەت قازانغان، شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ مۇكەممەلىككە يەتكەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى تونۇتىدىغان، ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ قويۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
ئىككىنچى، قويۇلغان ئىسىم ئاددىي، يېقىملىق بولۇشى كېرەك. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئەرەب ۋە پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە ئەرەبچىلىشىش، پارسچىلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. قويۇلغان ئىسىم مەيلى ئەرەبچە ياكى پارسچە بولسۇن، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدە بار بولغان، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارىسىدىن تاللىنىشى، ئاددىي يېقىملىق بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئتاش-چاقىرىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلمايدۇ.
ئۈچىنچى، قويۇلغان ئىسىمنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك، سەلبى مەنە ئاڭلاتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، پەرزەنتلەر ئاشۇ ئىسىمنى قويغان ئاتا-ئانىسىدىن بىر ئۆمۈر رەنجىيدۇ. شۇڭا، ياش ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا چوقۇم بىلىمى ئەتراپلىق، كۆرگەن-بىلگىنى جىق ئۇرۇق-تۇققان، يار-بۇرادەرلىرىدىن مەسلىھەت سورىشى، ئىسىم قويىدىغان چاغدا ئۇلارنىمۇ چاقىرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، بىلىپ-بىلمەي غەيرىي ئىسىم قويۇپ قويۇشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئىسىم قويغاندا چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھازىر ئەڭ ئومۇملاشقان، خەلق ئېتىراپ قىلغان ئىسلامىي قائىدە بويىچە بىرەر موللام ياكى ئۇرۇق-تۇققانلار ئىچىدىكى ئىسىم قويۇش قائىدىسىنى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىرەرىنى چاقىرىپ بوۋاققا ئىسىم قويۇش كېرەك. ئىسىم قويغۇچى بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ ئوڭ قۇلىقىغا تەكبىر، سول قۇلىقىغا ئەزان ئاڭلىتىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئايەتلەر ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىسمىنى يادلاپ، مۇراسىمغا قاتناشقانلارغا بوۋاقنىڭ ئىسمىنى جاكارلايدۇ. مېھمانلار بوۋاقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قۇتلۇقلايدۇ ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىسىم شۇ بوۋاقنىڭ ئىككى دۇنيالىق نامى بولۇپ قالىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بوۋاقنىڭ ئىسمى قوپال، سەت مەنە ئاڭلاتمايدىغان بولۇشى، مەنىسى پۈچەك، قۇلاققا يېقىمسىز ئىسىم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇندىلا شۇ بوۋاق بىر ئۆمۈر ئۆز ئىسمىدىن پەخىرلىنىپ ئۆتىدۇ.
ئەقىقە قىلىش
ئەقىقە دېگەنلىك بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بوۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر. ئادەتتە ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلسا ياخشى بولىدۇ، بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولدۇ. قىزلارغا بىر قوي ئەقىقە قىلىنسىلا بولىدۇ. ئەقىقە قىلىنىدىغان قوي قوچقار بولۇشى، ئاقساق-چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.
ئەقىقە قىلىش بوۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەرخىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىشى ئۈچۈن فىدىيە بېرىش بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېرىك قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە گۆشىدىن يېقىنلىرىغا، پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك.
بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش
بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى چاچ چۈشۈرۈشكە ئۇستا بىرى تەكلىپ قىلىنىپ بوۋاقنىڭ چېچى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە سەدىقە بېرىلىدۇ. بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ باش تېرىسىنى كۈچلەندۈرۈش، چاچ چىقىدىغان تۆشۈكچىلەرنى ئېچىش، شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كۆرۈش، پۇراش ۋە ئاڭلاش تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۇرۈش مەقسىتىگە ئوڭۇشلۇق يەتكىلى بولىدۇ.
بۆشۈك توي
بۆشۈك توي خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي ئادەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇراسىم بىرىنچى تۇغۇتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئايال تۇغقاندىن كېيىن، ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئەنئەنىۋى قائىدىلەر بىلەن ناھايىتى ئوبدان كۈتۈلىدۇ، كۈيئوغۇلمۇ كۈندە بىر ياكى بىرنەچچە قېتىم كېلىپ بالىسى بىلەن خوتۇنىنى يوقلايدۇ، قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئومۇملاشقان ئادەت بويىچە قوي سويۇپ بېرىدۇ. 40 كۈن توشقاندا، تۇغۇتلۇق ئايال جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇدىلار ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىشىپ، كېلىننى بالىسى بىلەن قوشۇپ كۈيئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مانا بۇ بۆشۈك توي دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ قۇدىسىغا بوۋاقنىڭ ھەم كېلىننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدىڭلار دەپ مۇناسىپ سوۋغا-سالاملارنى ھازىرلايدۇ، كېلىننىڭ تۇغۇتتىن ساق-سالامەت قوپقانلىقى، ئۇلارنىڭ جەمەتىگە بىر ئەزا قوشۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بېزەيدۇ. قۇدا تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مۇۋاپىق سوۋغا-سالاملار بىلەن يوقلايدۇ. يۇرتقا چاي بېرىپ كېلىننى يۆتكەپ كېتىدۇ.
قىرىقىنى قىلىش
بالا تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا، ئانىسىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇنداقلا بوۋاقتىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ كۈندە بالىنىڭ قىرقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ قىرقىنى چىقىرىش باسقۇچلىرى مۇنداق بولىدۇ: «ئالدى بىلەن قىرقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۈچۈن 40 توقاچچاق يېقىپ، قىرىقىغا قاتناشقان بالىلارغا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن بوۋاققا قىرىقىلىق دەپ بوۋاق كىيىمى تىكتۈرۈلىدۇ ياكى تەييار بوۋاقلار كىيىمىنى ئېلىپ راسلايدۇ. ئاندىن بالىلارنى چاقىرىپ تاماق ئېتىپ، بوۋاقنى داستا ئولتۇرغۇزۇپ، بېشىغا قىرىق قېتىم بوۋاقنىڭ بەخت-تەلىيى ئۈچۈن، ياخشى، ياراملىق ئادەم بولۇشى، ئەلگە كېرەكلىك ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئاتاپ سۇ قۇيۇلىدۇ. ھەتتا بەزى جايلاردا ئالتۇننى چايقاپ شۇ سۇ بىلەن يۇيۇش ئادىتىمۇ بار. بالا يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا قاتناشقان بالىلارغا توقاچچاق تارقىتىلىدۇ، تاماق بېرىلىدۇ، بوۋاققا قىرىقىلىق كىيىم كىيگۈزۈلىدۇ.» (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، «قائىدە-يوسۇنلىرىمىز»، 42-بەت).
بوۋاقنىڭ قىرىقىنى چىقىرىش خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلام، ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن جۆىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بالىنى ساغلام بېقىش، تەربىيەلەش ۋە ئاتاش-چاقىرىشقا
دائىر بەزى مەسىلىلەر

ئانا سۈتىدە بېقىش
ئانىنىڭ سۈتى ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تەڭداشسىز بىرىكمە بولۇپ، ئۇ بالىنىڭ ئوزۇقلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ۋە ئۇنى ھەرقانداق زىياندىن ھىمايە قىلىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبى بىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نازۇك تېنى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوزۇق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئانا سۈتى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ۋە نېرۋا جايلاشقان ئەزالارنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلەشتۈرىدىغان ئوزۇقلارغىمۇ ناھايىتى باي. زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن بوۋاقلار ئۈچۈن تەييارلانغان سۈنئىي يېمەكلىكلەر ئانا سۈتىدەك مۆجىزىۋىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ.
ئانا سۈتىنىڭ بالا ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى كۈنسايىن كەڭ ۋە چوڭقۇر ئېنىقلانماقتا. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بوۋاقلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە ھەزىم قىلىش ئاجىزلىشىشقا ناھايىتى ئاز گرىپتار بولىدۇ. بۇ ئانا سۈتىدىكى ھىمايىچى ماددىلارنىڭ كۈچىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ زەھەرلىك باكتېرىيىلەر، ۋىرۇسلار ۋە پارازىتلارغا توساق بولغۇچى «ياخشى» باكتېرىيىلەر ئۈچۈن مۆتىدىل مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئانا سۈتىدە كېسەللىكلەرگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئانا سۈتى بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقتۇر. ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ناھايىتى مول بولۇشىغا قارىماي، ئۇ بوۋاقلارنىڭ نازۇك ھەزىم قىلىش ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوڭايلا ھەزىم قىلىنىدۇ. بوۋاق ئۇنى ھەزىم قىلىشتا ئانچە كۆپ ئېنىرگىيە سەرپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئېنىرگىيىنى باشقا تەن فونكسىيەسى پائالىيەتلىرىگە، ئەزالارنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىشلىتىدۇ.  
بولغۇسى ئانىلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىغىچە ھەممە كىشىلەر ئانا سۈتى ياخشى دەيدۇ. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىشىچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا سۇ. ماينىڭ تەركىبىدە يەنە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بوۋاق تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شېكەر ئاساسلىقى سۈت شېكىرىنى بالىنىڭ ئۈچىيىنى ياخشىلاپ، ساغلام قىلىدىغان ئولىگو ساخارىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بالىنىڭ تولۇق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى بىئولوگىيىلىك ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك
بوۋاقلار ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتىنى ئەمسۇن.
ھازىر كۆپلىگەن ئانىلار كۆپ خىل سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ، بوۋاقلارغا ئۆز سۈتىنى ئەمدۈرمەي، سۈت پاراشوكى ئەمدۈرمەكتە. بەزى ئانىلار سۈتۈم ياخشى ئەمەس، خىزمىتىم ئالدىراش دەپ، يەنە بەزى ئانىلار بەدەن گۈزەللىكىمنى ساقلايمەن دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، بوۋاقلارنى ئۆز سۈتى بىلەن لەززەتلەندۈرمەيۋاتىدۇ.
تەكشۈرۈشلەر شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، %70 كۆپ ئانا بالىلىرىنى يېرىم ياشتىن ئىلگىرى ئاساسلىقى سۈت پاراشۈكى  بىلەن باققان. بۇ، ھازىر زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا تۈپتىن قارمۇ قارىشى ئىش. ھازىر بازارلاردىكى رېتسىپلىق سۈت پاراشوكى ئانا سۈتى ئۆلچەم قىلىنىپ، كالا سۈتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق  تەركىبى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن، يەنىلا ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ.
ئانا سۈتى ـــ بوۋاقلانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقى - ئانا سۈتىدىكى كازېن كالا سۈتىنىڭكىدىن ئاز، ئاسان ھەزىم قىلىنىدۇ  (ئانا سۈتىدىكى كۆپ قىسىم سۈت ئاقسىلى يۇقۇملىنىشقا قارىشى ئاقسىلدىن تەركىپ تاپقان) بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى  ئالىدۇ .
لېكىن، ھايۋانات سۈتىدە بۇخىل ئاقسىل يوق. ئانا سۈتى تەركىبىدە كالا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتتە يوق بولغان ماي كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ ماي كىسلاتاسى بوۋاقلارنىڭ مېڭە،  كۆز، قان تۇمۇرلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.
ئانا سۈتىدە يەنە ماي فېرمېنتى بار بولۇپ، ماينىڭ ھەزىم  قىلىنىشىغا ياردەم بىرىدۇ. شۇڭا، ئانا سۈتىدىكى ماي كالا   سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتتىكى مايغا قارىغاندا بوۋاقلار  تەرىپىدىن ناھايىتى تۇلۇق قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئاناسۈتىدىكى  ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن   كۆپ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ تەخمىينەن %50 قۇبۇل قىلىدۇ. لېكىن، كالا سۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ ئاران %10 لا قوبۇل قىلىنىدۇ. بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى تېخىمۇ كېيىنرەك ئانا سۈتى بوۋاقلارنى يېتەرلىك  تۆمۈر بىلەن تەمىنلەپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئانا سۈتى ئۇزۇقلۇق بولۇپلا قالماستىن، ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى. ئۇ بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ،  بوۋاقلارنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ.
بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانىلار ئۈچۈنمۇ  ئوخشاشلا پايدىلىق. بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش  ئانىلارنىڭ بەدەن فىگۇرىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى  ئانىنىڭ ئارتۇق مايلىرى سەرىپ بولىدۇ. بوۋاقلارنى ئانا سۈتى  بىلەن ئېمىتىش ئانىلارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق. يەنە ئانىلارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپدار بۇلۇش خەۋىپىنى  ئازايتىدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلار شۇنى ئۇقتۇرۇپ بەردىكى،  بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش سۈت بېزى راكىنىڭ  ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجى4 ـــ 5 ئاي ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرلىدۇ. ئەگەر شەرت - شارائىت يار  بەرسە، بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى ئاز دېگەندە 10 ئاي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش
1) بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى
قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئانا سۈتىدە كەمچىل بولغان بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى (مەسىلەن: تۆمۈر) تولۇقلاش ئۈچۈن ياكى بەزى جەھەتلەردىكى ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىل بولۇشىنى (مەسىلەن، ئېنېرگىيە) تولۇقلاش ئۈچۈن بولىدۇ. بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېيى توشقۇچە ئىچكى ئەزالارنىڭ فزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئاشقازان سىغدۇرالايدىغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئادەتتە ئانا سۈتى ئاشقازانغا بارغاندىن كېيىن 4~3 سائەت ئۆتكەندە ئاندىن ھەزىم بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى تۆت ئاي ئىچىدە ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. تۆت ئايدىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، يېمەكلىكلەرنى قوشۇشتا بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاستا – ئاستا مۇكەممەللىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قوشۇمچە يېمەكلىك تۈرى ۋە مىقدارىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. ئۈچ – تۆت ئايدىن كېيىنمۇ بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي مۇكەممەللىشىپ بولالمىغاچقا، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك، ئاز مىقداردا تۇخۇم سېرىقى، سەي قاتارلىقلرنى كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ. 6~5 ئايلىق بولغان بوۋاقلار چىش ئورنى ئارقىلىق يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئېزەلەيدۇ، ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىمۇ ئاشىدۇ. 8~7 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، چايناش ئىقتىدارى بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق چايناش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چىشنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 11~9 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ چىشلىرى چىقىشقا باشلايدۇ، چايناش ئىقتىدارى بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېمەكلىكنىڭ تۈرى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، 12 ئايدىن كېيىن بوۋاقلار گۈدەكلىك مەزگىلىدە كىرىپ، چايناش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. ھەزىم قىلىنىش ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.
2) بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنىڭ تەرتىپى
بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق مول بولغان ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈلۈشكە قۇلايلىق بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش، چوڭلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى بەرمەسلىك كېرەك.
مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان ۋە مەيلى ئارىلاشما يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بېقىلغان بالىلار بولسۇن، مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنىڭ پرىنسىپى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
① مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش.
بوۋاقلارنىڭ مەلۇم بىر ماسلىشىش جەريانى بولۇشى كېرەك.
② قويۇقلۇقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش.
مەسىلەن: گۈرۈچ شورپىسىدىن ئۇماچقا ئۆتۈش، بارا – بارا يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.
③ تەدرىجىي يىرىكلەشتۈرۈش.
مەسىلەن: كۆكتاتلارنى بېرىشتە ئاۋۋال سۈيىدىن باشلاپ تەدرىجىي سەينى يېگۈزۈش، چىشى چىققاندا بولسا سەيلەرنى بىۋاسىتە بەرسە بولىدۇ.
④ بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى بەرمەسلىك كېرەك.
⑤ بوۋاق بىر خىل يېمەكلىككە ئادەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر خىلنى قوشۇش، بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل يېمەكلىك بەرمەسلىك كېرەك.
بوۋاقنىڭ تېنى ساغلام، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نورمال بولغان ۋاقىتتا ئاندىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.
قوشۇمچە بېرىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تەرتىپى بوۋاقلرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى ۋە ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئاساسلىنىشى، ئايلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ھەر خىل قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ تۈرلىرىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك.
3) بوۋاقلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
① ئالاھىدە قىيىن ئەھۋال بولمىغاندا بوۋاقلارنى ئادەتتە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك، ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كالا سۈتى ۋە ھەر خىل تەييارلانغان سۈت مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانا تېنىدىكى بەزى كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلارمۇ بوۋاقلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.
② نورمال ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ ساندىكى بوۋاقلارغا 6~4 ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك. ئالتە ئايدىن كېيىن ئاستا – ئاستا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ. ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ۋاقتى ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئايدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا يېمەكلىكلەر بېرىلمىسە ياكى تۆمۈر تولۇقلانمىسا، ئېنېرگىيە، ئاقسىل، تۆمۈر ۋە بەزى ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
③ ئادەتتە ئەنئەنىۋى قاراشلارغا قارشى ھالدا بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكىگە تۇز ۋە قەنت قوشماسلىق كېرەك، چۈنكى بوۋاقلار يېمەكىكلىرىگە تۇز، قەنت قاتارلىقلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىشتىھانى ئېچىش زۆرۈر ئەمەس.
④ بوۋاق شوراشتىن توختىغاندا ياكى ئېغىزنى ئۆزلۈكىدىن تارتىۋالغاندا بوۋاق ئاللىقاچان تويغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك.
⑤ ئاددىي كۆكتاتلار، گۆش، مېۋىلەر ئارقىلىق بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئارىلاشما يېمەكلىكلەر ۋە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە بەزى قوشۇلما ماددىلار ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار قوشۇلغان بولغاچقا، بۇ خىل ماددىلار بوۋاقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بوۋاقلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
⑥ بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بېرىشتىن سىرت، باشقا جەھەتلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن: ھەر كۈنى بوۋاققا سۈت بەرگەندىن سىرت، 20 مىنۇت ئەتراپىدا بوۋاقنى قۇچاقلاپ تۇرۇش ۋە شورىتىش كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنى قۇچاقتىن ئېلىۋەتسە ياكى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتسە ناھايىتى ئاسانلا يىغلايدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى يىغا بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىتىشى ئۈچۈن بولماستىن، ئانا مېھرىگە قېنىشى ئۈچۈندۇر.
ئادەتتە بوۋاقنىڭ پۇت – قوللىرىنى ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش، بوۋاقنى بەك چىڭ زاكىلاپ قويماسلىق كېرەك. بوۋاقنىڭ دائىم ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيىسىنى سەرپ قىلىپ، ئىشتىھاسىنى ئېچىش كېرەك.
ساغلام تەربىيە بېرىش
ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ يامان خۇيلارنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، كەلگۈسىدە يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بالىنى تەربىيەلەش جەريانىدا يول قويغان كىچىككىنە خاتالىقلار، بىلىپ-بىلمەي قىلىپ قويغان ئىشلار ئۈنسىز تەربىيە شەكلىدە بالىغا سىڭىپ، كېيىن ئاتا-ئانىلارغا ئويلىمىغان خاپىلىقلارنى تېرىپ بېرىشى مۇمكىن. كونىلاردا «قۇش ئۇۋىسىدىكىنى ئۆگىنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، شۇنىڭغا تەققاسلىغاندا بالىلارمۇ ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىنى، خۇي-پەيلىنى ئۆگىنىپ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئاغزىدىلا تەربىيە بېرىپ قالماي، ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ سۆزى ئارقىلىقمۇ تەربىيە بېرىشى، بالىلىرىغا ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن مۇھىتىدا چوڭ قىلىش، قائىدە-يوسۇنلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، بىلىمگە ئىنتىلىش، كىيىمنى پاكىز-رەتلىك كىيىش، شەخسىي تازىلىققا ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىش ۋە مەسىلىلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلىشقا يېتەكلەش، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھاياتلىقتا كېرەكلىك بولغان تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىتىش، ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىلارنى بىرەر ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئەنە شۇنداق تەربىيەلىگەندە، ئۇلارنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ساغلام، مەدەنىي، ئىستىقباللىق قىلىپ يېتىلدۈرگىلى، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى يورۇتقىلى بولىدۇ.
ئىسىمنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلام ئكسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىدىكى ھامىيسى، مېھرىبانى ۋە دۇنيالىقى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنتلىرى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ئۇلارغا ئەڭ خەيرلىك، مەنىسى چوڭقۇر  ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرزەنتى ئالدىدىكى تۇنجى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قويغان ئىسىملىرى  ئۆزلىرى ياقتۇرغان، ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىسىملار بولغانلىقتىن، ئاتاش-چاقىرىش جەريانىدا تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، لەقەم بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلاردىمۇ ئۆز ئىسمىنىڭ «پاتېنتى»نى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ-دە، ئىسمىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ ئاتايدىغان، ئىسمىنى سەل-پەل ئۆزگەرتىپلا لەقەم قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
ھالبۇكى، بەزى ئاتا-ئانىلار باركى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ ۋە سىرتقا يايىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسىمنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەنە شۇ بۇزۇلغان تەلەپپۇز شۇ كىشىنىڭ لەقىمىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاش-چاقىرىشتەك نازۇك مەسىلىگە چوقۇم ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، قىسقىسى، بالىسىنىڭ مۇبارەك ئىسمىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار يەنە بالىسى ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا قويغان ئىسىمنىڭ مەنىسىنى، نېمە مەقسەت، قانداق ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ ئىسىمنى تاللاپ قويغانلىقىنى قۇلىقىغا قۇيۇۋېتىشى، ئېڭىغا سىڭدۈرۈۋېتىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بالىنىڭ ئۆز ئىسمىغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ-دە، ئىسمىنى قوغداش ئېڭىمۇ تەبىئىيلا ئۆسۈپ بارىدۇ، بىرەر كىشىنىڭ ئىسمىنى پەش قىلىپ ھاقارەت قىلىشىغا، تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىشىگە، لەقەم قىلىشىغا يول قويمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش