ئىگىسى: سۈمەييە

ئەرلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13232
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 11:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ جەمئىيتىمىزدە ئەرلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان ئەرلەر ئازئەمەس

UID
29468
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
72 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 00:28:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر دېسە ئاكا ،ئۇكىلىرىمىزمۇ  ئەر.ئاللانى ياد ئېتىپ ئويىدە ئىپپەت بىلەن  ئولتۇرغان ئاچىسىغا ،سڭلىسىغا ئوغۇل بالىمەن دەپ يوغانلىق قىسا،ئورۇنسىز كەمسىتسە......قىز ئايال بولۇش تەس.ھېچ بولمىغاندا قېرىنداش بولسىمۇ ھەمشېرىسىنى خاتىرجەملىك سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرسە...
ئوغۇل بالا !ئاچاڭنى سىڭلىڭنىمۇ چۈشىنىپ  قوي!

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
628
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 04:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-19 10:27
نەئۇزۇبىللاھ، مۇشۇنداق ماقالىنى تۈزۈك ئوقۇمايلا ئىن ...

نەئۇزۇبىللاھ ، سىزمۇ ئىنكاسىنى ياخشى ئوقۇپ ، مۇلاھىزە قىلماپسىز ، مۈنبەرگە يېڭى كىرگەندە يازغان ئىنكاس بولغاچقا ، قىسقا قىلىپ يازغان . ھازىر يازغان بولسام بۇنداق يازمايتىم . ئىنكاسىمنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ، مەن قايتىدىن ئىزاھ بېرىپ ،  تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قوياي .
          ئائىلىدە مۇتلەق ھالدا بىر باش بولمايدۇ ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا ئادەتتە مەسلىھەت بىلەن بولىدۇ . ھازىرقى بىزنىڭ دەۋرىمىز ، ياشاۋاتقان ماكانىمىز غەيرى ئىسلام دەۋرى، ماكانى . ئىسلام دۆلەتلىرىدەك ياكى بولمىسا بىزنىڭ ئىسلام شەرىئېتى يولغا قويۇلغان 1949-يىلنىڭ ئالدىدىكى زامان ئەمەس ، 3 تالاق دەپ ، ئەر خەت يېزىپ بېرىپ نىكاھتىن ئاجراشقىلى بولمايدۇ ، ئەرلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاياللارنى خېتىڭنى بېرىۋېتىمەن دەپ قورقۇتىدىغان كوزىرى يوق .
         ئائىلىدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە ئادەم جەزمەنكى شۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى تۈۋرۈكى . بۇ ئادەم ناۋادا ئەر بولسا سىز دەۋاتقان ئايالى سىرتتا لاغايلاپ يۈرگەن ئەھۋال ئىنتايىن كەم - كەم ئۇچىرايدۇ . ناۋادا بۇ ئەر مۇسۇلمان بولسا ، سىز تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويغان مەسىلە %100 مەۋجۈت ئەمەس .
        ئىككىنچى ئىھتىماللىق ئائىلنىڭ ئىقتىسادى تۈۋرۈگى ئايال بولسا ، ئەرنىڭ دىگىنى نىمىگە ھېساب ؟ ئايال ئۆز خالىغىنى بويىچە ياشايدىغان گەپ . ناۋادا ئۆينىڭ بېشى بولغان بۇ ئايال مۇسۇلمان بولمىسا ، ئۇنىڭ ئېرى پەقەت ئۇنىڭ ئەرمىكى ، مەنمۇ كۆپ سۆزلىمەي بۇ ھەقتە . سۆزلىسەك گەپ كۆپ .  ئىككىنچى ئىھتىماللىقتىكى ئەرلەردىن سىز نېمىنى ئۈمىت قىلىسز؟ ئۇنىڭ قانچىلىك دەسمايسى بار ئايالىنىڭ ئالدىدا ئۇنى باشقۇردىغانغا ؟
مەخسەتنى چۈشەندىڭىزمۇ سۈمەييە خانىم ؟ ئائىلىدە نوپۇزى بار ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىدە بۇنداق ئىشلارنىڭ  يۈز بېرىش نېسپىتى بىر قەدەر تۆۋەن ، ئائىلىدە باش بولغان مۇسۇلمان ئەرگە بۇ ماقالە كۆرۈپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئايالى ئىپپەتلىك ، ئايالى ئىپپەتلىك بولغان ئۇنىڭ قىزىمۇ جەزمەن ھايا - ئىپپەت بىلەن چوڭ بولىدۇ . ( موھىم ئەسكەرتىش: مەن بۇ يەردە ۋاھابىي ئۆلچەملەر بىلەن مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكنى ئايرىدىم . چوڭ دادامنىڭ چوڭ دادىسى مۇسۇلمان بولغاچقا مەنمۇ مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلغانلار يۇقۇردىكى تەھلىلىمدە مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئايرىلدى.)

ئائىلىدە باش بولالمىغان ئەرگە بۇ نەسىھەتنى قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟  مېنىڭ بىرنچى قېتىملىق ئىنكاسىمدىكى ئالدىنقى ئىككى جۈملىنى مۇشۇنچىلىك ئىزاھلاي ، نەسىھەتنى يەنىلا ئاياللارغا قىلغان تۈزۈكرەك!

*********************************************************************************************

ئوتتۇرىدىكى بىر قانچە جۈملىگىمۇ ئىزاھ بېرىپ ئۆتەي :
ھازىرقى بىز مەدەنىيەت ھېسابلاپ قوبۇل قىلغان ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى دىگەندەك ئۇقۇملار ھەتتا مۇسۇلمان بولغان كىشىلىرىمىزنىمۇ خېلى گاڭگىرىتدۇ . سۈمەييە خانىم سىزنىڭ تېما ئىنكاسلىرىڭىزنى ۋاقىت ئۇزارغانسىرى خېلى كۆپ ئۇچىراتتىم . ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىز  مول ئىكەن ، دىني تەبلىغ  سىزگە زۆرۈر ئەمەس ، بەلكىم ئابدۇرەھىم گىرىننىڭ ئىسلام ئاياللارنى ئېزەمدۇ؟ دىگەن نوتىقىمۇ سىز ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەس ، مۇشۇ نوتۇقتىمۇ ئەر - ئاياللىق ھوقۇق توغرىسىدا خېلى كۆپ مەزمۇن بار ، مۇشۇ مۇنبەردىكى ئاياللارنىڭ جەننەتىكى ئورنى قاتارلىق بىر قانچە تېمىدىمۇ بۇ مەزمۇنلار ئۈستىدە خېلى ئەتىراپلىق توختىلىپتۇ .  مۇسۇلمان كىشىلەر ، مۇسۇلمان ئائىلىلەر سىزنىڭ تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويغان ناچار ئەخلاقلاردىن خالى . مەن ئىنكاستىكى ئىتقاد توغرىسىدىكى جۈملىلەر ئارقىلىق شۇنى دىمەكچى ئدىمكى ، ئەخلاقىنى تۈزەيمىز دەيدىكەنمىز ، جەزمەن ئالدى بىلەن مۇسۇلمان بولىشىمىز كېرەك . بىرنچى ئىنكاستا مەن ئۇيغۇرچە مۈنبەرلەرگە ناتونۇش بولغاچقا ، دىن توغرۇلۇق ئەركىن مۇنازىرە قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم . شۇڭلاشقا قىسقا قىلىپ ئىتقادنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن .

**********************************************************************************************

ئاخىرىدىكى مەزمۇنلار سىزگە قارتىلغان ئەمەس ، جەميەتتىكى ئەخلاق ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ، ناچار قىلمىشلار مېنىمۇ شۇنداق بىئارام قىلىدۇ ، شۇڭلاشقا شۇ خىلدىكى ئاياللارغا قارىتىپ دىگەن ئىدىم . ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئاجرىشىش ئاياللارنىڭ ئىمتىيازى ، ئەر ئاجرىشىمەن دەپلا ئاجرىشالمايدۇ ، لىكىن ئاياللار ئۇنداق ئەمەس ئاجرىشىپ كېتىش مەخسىدى بولسا ئاياللارنىڭ ئاجىرىشىپ كېتىشى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ قولاي .

      توي قىلمىغان قىزلارنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك بۇنى بىر تېما ياكى بىر ئىنكاس ئارقىلىق سۆزلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس . مۇشۇ ئىنكاسنى يازىمەن دەپ ھېلىمۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىپتىمەن ،  ئاللاھ خالىسا كىيىن تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرلىشەرمىز .

*********************************************************************************************

مۇنازىرە نىڭ ئەھمىيېتى شۇكى ھەر كىم ئۆزىنىڭ قابىلىيېتىگە يارشا ، ئۆزىگە ماس كەلگەن ئۇسۇل بىلەن پىكىرىنى بايان قىلىپ ، مۇنازىرىگە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنى يېڭى بىلىم ، ياكى يېڭىچە پىكىر يولى بىلەن تەمىن ئېتىشتۇر. مۇنازىرىنىڭ مەخسىدى ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنى يېڭىۋېلىش ئەمەس ، سىزگە ئوخشاش پىشقەدەم مۇنبەرچىلەرگە بۇ ناھايىتى ئايدىڭ ، شۇڭىلاشقا مىنىڭ بۇ ئىنكاسىمنىڭ ، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە سىزگە قىلىنغان ھۇجۇم ، سىزنى يېڭىۋېلىش ئەمەسلىكى چوقۇم مۇقەررەر . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .


UID
30457
يازما
46
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-17
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 11:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بۇ تېمىنى ھەربىر ئەر، ھەربىر يىگىت كۆرۇشكە تېگىشلىك ئىكەن، ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمىز، نىمىلەرنى قىلشىمىز، نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز توغرىسىدا ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولغۇدەك...مەسئۇلىيەتچان ئەرلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئۇلارمۇ تېگىشلىك ھوسۇلغا ئېرنشىدۇ...

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 18:07:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقىكىن توي قىلغان 2يىلدىن بۇيان يولدىشىمدىن رازى بولمايدىغان بولۇپ قالدىم ،مۇھەببەت سۇسلاپ كەتكەندەكلا ھىس قىلمەن .ئشىتىىن چۇشكەندىن كېيىن قىلىشدىغان گەپمۇ يوق .ئۇمۇ ئىشتىن چۇشۇپلا ھېرىپ كەتتىم دەپ تامىقىنى يەپلا ئۇخلايدۇ،بۇنداق كىتىۋەرسە بولامدۇ؟مېنىڭچە ئەرلەر كوپرەك ئاياللىرىنى خوش قىلىش كىرەككۇ دەيمەن،چۇنكى ئاياللار تۇگمەس ئوي ئىشى ،بالىنىڭ غىمى ،خىزمەتنىڭ بىسىمى ............بىزنى چارچىتپ ھالسىرتىپ قۇيىدۇ.

UID
15476
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
539
تىزىملاتقان
2011-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 18:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئەرلەر باھانە تېپىشقا ئامراق.ئاخىردا ھەممە گۇنانى ئايالغا ئارتىيدۇ.تېخى شەيتان ئازدۇردى دەپ قۇيۇشلىرى.ھەي.......

UID
32711
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 19:29:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇان ياخشى پىكىرلەر چۈشۈپتۇ بۇ مۇنازىرە تىمىسىغا. بىربىرىدىن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تاشلىغان ئەسەرلەرنى كۆرۈپ ئەلكۈيى مۇنبىرىنى قايتا تونۇۋاتىمەن. ھارمىغايسىلەر باشقۇرغۇچىلار.

UID
32893
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 15:25:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈمەييەنىڭ پىكىرلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. شۇنداق ئەرلىرىمىز پەقەت ئاياللارنى كەمسىتىشنى، ئۇلارنى تەنقىدلەشنىلا بىلدۇ بىراق شۇ تەنقىدلەر ئالدىلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيتى بارلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق بىر ئەر بولغۇچى قانداقلا بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن بىۋاستە قانداقشلىقى بولغان شۇ ئاجىز ھەدە-سىڭىللىرىنى، ئاياللىرىنى ئەسكە ئالسىكەن دەيمەن. ھېچ بولمىغاندا شۇ ئاجىز ھەم ئۇلۇغ ئانىسىنى ئەسكە ئالسىكەن دەيمەن.

UID
2847
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
98
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 21:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا ياخشى ئەسەردىنمۇ قۇسۇر ئىزدەيمىز....؟ئەسەر ياخشىكەنغۇ..؟!بىر ئايالنىڭ چىن يۇرەك سۆزى ....ئۇلۇغ ئىگەم دەرت بەرمىسۇن ئاللاھ..!

UID
32962
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 03:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش