مەن نېمە ئۈچۈن تەھرىرلەش دېگەن گەپنى تاپالمايدىغاندىمەن؟ مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى نەشرىدە بار ئىدى. ھازىرقى نەشرىدە يوق تۇرىدۇ. كومپۇتېر ئالدىدا، بىر ئولتۇرۇشتا يازغان ئىنكاس بولغاچقا، ئۈستىدە بىر نەچچە يەردە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپتۇ.ئوڭشاي دەپ ئوڭشيالمىدىم.
يەنە بىرسى، مېنى بەزىلەر «كارخانچىلار بىلەن خوشى يوق» دەپ خاتا چۈشەنمىگەي. مەن ئىقتسادىي ئاڭ ۋە مىللىي كارخانلىرىمىزنى قوللاش ھەققىدە باشقا يازمىلىرىمدا جىق توختالغان، مەسىلەن، مۇشۇ مۇنبەردىكى «ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 ئۇسۇلى» دېگەن تېمىدا مەن نېمشىقا مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتۋېلىىش كېرەكلىكى ۋە مىللىي كارخانىلارنى قوللاش قاتارلىق مەسلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىمنى بايان قىلغان. مېنىڭ رادىل ئاكىغا پىكىر بېرىشىم ئۇنى قوللىمايدىغانلىقمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولماسلىق ئۈچۈن شۇ تېمىنىڭ 1-بۆلىكىنى بۇ يەردە چاپلاپ قويدۇم.
___________________
ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ بىرىنچى خىل ئاددىي ئۇسۇلى: مۇمكىنچىلىك بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى قوللاش .
بۇ نۇقتىدا تەسىراتىم بار. 2008يىل بېيجڭغا بىر ئىش بىلەن ماڭغان چېغىمدا ئۇكام بىلەن دەرمان تاللا بازىرىغا بەزى تەييارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىردۇق. مەن سەپەر توقىچى تاللىغۇچە بولغان ئارىلقتا قارسىام، ئىنىم شۇليې ماركلىق چاچ پاراشوكىنى ۋە كولگېيت ماركىلىق چىش پاستىسىسنى تاللاپ ئەكىلىىپتۇ.
-چىش پاستىسغا چىن نۇرىنى ، چاچ پاراشوكىغا نازىلنى ئالماشتۇرۇۋېتەيلى،ئۇكام، -دېدىم مەن.
-ئۇ ماكىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئاكا، بولسىغۇ شۇنداق قىلساق بولاتتى. لېكىن بىزنىڭكىلەر ئىشلىگەن نەرسىلەر ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ،-دەپ قالدى ئىنىم.
لېكىن، مەن يەنىلا ئاخىرى چىن نۇرى بىلەن نازىل ماركلىق چاچ پاراشوكىنى تاللىدىم. چۈنكى، ئۇ چاغدا چوڭقۇر ھېس قىلغان نۇقتام (مۇشۇنچىلىك ئاددىي نۇقتىنى كېچىكىپ ھېس قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزرىلىك ھېسابلايمەن) شۇ ئىدىكى، بىز سۈپىتى ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان باشقا مەھسۇلاتلارمۇ تايىنلىقكەن. نېمىلەردە ساختىلىق يوق دەيسىز؟. ئىمپورت قىلىنغان دېگەن نەرسلەرنىڭمۇ بىر يېرى يالغان چىقۋاتقان، نى-نى نەرسىلەرگە ساختىلىق ئىشىلىتىلىۋاتقان،ھەتتا يەيدىغان تۇخۇم ۋە ئچىدىغان سۈتكىچە ئىش قوشۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىز سۈپىتىگە ئىشنىپ ئالغان نەرسىلەرنىڭ راست شۇنداق بولۇپ كېتىشىمۇ تايىنلىق . بۇ تۈزۈلمىدىكى مەسىلە. شۇڭا ئشىنىپ كەتكەن ھەممە نەرسىمىزنىڭ قالتس بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
ئۇنداقتا، ئامال تېپلسىلا ئۆزىمىىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلشىنىڭ ئومۇمىي مەۋجۇدلۇقققا نېمە پايدىسى بار؟ مەن بۇ نۇقتىنى بىرىنىچى ئورۇنغا شۇنىڭ ئۈچۈن تىزىمەنكى، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم شۇنداق ئويلاپ ھەرىكەتكە ئۆتسە مىللىي ئىگىلىك گۈللىنىدۇ، مىللىي ئىگىلىك گۈللەنسە ئىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، بىر يەردە ئىش پۇرسىتى كۆپەيسە بىر قېرندىشىمىزنىڭ دەردى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەيدۇ .بۇ مانا مۇشۇنداق دەۋريىلىك جەريان. كارخانىچىلىرى بولمىغان مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۇلى كاۋاك بولىدۇ، ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىنىڭ نەرسلىرىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىش ياخشى ئەھۋال. ئۇ ماڭدامدا بىر كاپىلدىغاندىن جىق ئەزۋەل.
بۇ خىلدىكى نۇقتىنەزەرلەرنى مالىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئەللىملىرى ۋە بەزى يازارمەنلەر تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ گەپلەر مۇنبەرلەردە خېلى بولدى، دېيىلىپ كېلىۋاتىدۇ ھەم ئۇنى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھېس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز تۇرمۇشىدا ئىجرا قىلىشقا ئۆتۈپ بولدى. يەنە بەزىلەر تېخى ئەمدىلەتىن ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن، نېمىلا بولۇشىدىن قەتئنەزەر، مۇمكىنچىلىك بولسىلا ئۆزىمىىزنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش مىللەتنى كونكرت ئۇسۇلدا سۆيگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
بۇنداق ئويلايدىغان ۋە ئىش كۆرىدىغان ئادەملەر شوئارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان ئادەملەردۇر. بۇنداق ئادەملەر ئارىمىزدا قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. تېزراق شۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلايلى. شۇنداق قىلساق بىر ئىشتا بولسىمۇ ئابستراكىت مۇھەببەتتىن ئەمەلىي ھەركەتكە قاراپ سىلجىغان بولىمىز. بىز ئىشلارنى مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىن باشلىغان، ئۇنى ئۆزىگە مىزان قىلغان قېرىنداشلىرىمىزدىن سۆيۈنىمىز ۋە ئۇلارنى ئۆگنىش ئۈلگىمىز دەپ بىلىمىز.
«ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 ئۇسۇلى» دېگەن تېمىنىڭ ئۇلىنىشى:
/thread-7289-1-1.html