ئىگىسى: uyghurzade

رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 15:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ ئەپەندى ، جۇلا ئنىكاسىمنى ئوقۇماي بىر نەرسە يازغىنىنى ئۆزى يېزىپتۇ. ئۇنداقتا  جۇلانىڭ ئىنكاسىنىڭ  قەيىرى ئىلميكەن؟ مەن بىر كۆرۈپ باقاي. ئاندىن باشقا مۇنبەردە پىكىرى سىز بىلەن بىر يەردىن چىققان ئادەم سىزنى ياقىلاپ ئىنكاس يازسىلا سىزنىڭ ئادىمىڭىز بولۇپ قالامدۇ؟

       ھال مۇشۇ.   بۇ ھال ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى، بىز خاتا چۈشنىۋالغان تەرەققىيات، مۇنازىرە  قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە يەنە كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ھېس قلدۇرىدۇ. مەن بۇرۇنمۇ دېگەن ھازىرمۇ دەيمەن: «تۇرغان-پۈتكىنىمىز بىر نادان، كاللىمىز بىر زىندان، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئېزىمىز.»

   بۇ تېمىدا غەرەز بىلەن كىرگەن بىر-ئىككيىلەننىڭ ئويۇنى بار ئوخشايدۇ. مەن كۆرۈپ باقاي. قالغان نۇقتىلار پۈتتى.ئەمما ئىنكاس يوللاش كېچكتۈرۈلدى.ۋاقتىلىق خوش.

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:02:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە، مەن بۇ تېمىغا سىز ئويلىغاندەك مەقسەت بىلەن كىرمىدىم. يەنە شۇ كونا ھۈنىرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ «مەقسەت بار، ئويۇن بار...سىز مېنىڭ مۇنازىرە ھەمرايىم ئەمەس» دەۋاتامسىز؟
مەن ئەزەلدىن تىغدەك يالغۇز پىكىر قىلىدىغان ئادەم. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان سىز بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىشىمدا سىزنىڭ ئۇيغۇر پىكىرچىلىكىدە مەركەزلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىڭىز سەۋەپچى. سىز بىر يىلدىن بۇيان توردا ناھىيىتى كەڭ، ناھىيىتى سەزگۈر نۇقتىغا ئايلاندىڭىز. باشقا تۈزۈك پىكىرنى غىدىقلايدىغان ئاكتىپ نۇقتىلار يوق. بۇ جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە مەپتۇن بولۇش دەرىجىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن سىز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنىڭ جەلپ قىلىشقا يارايدىغان نۇقتىلىرىڭىزنى مۇشۇنداق غەلىتە گۇمان، ئورۇنسىز سوقۇشۇش، ئۇششۇقلۇق بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپتۈرىۋەتتىڭىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق يەرلىرىڭىزگە ھاي دەپ ئانچە-مۇنچە قىزىشىپمۇ قالدۇق. بۇنداق ھالەت يالغۇز مەن بىلەنلا كۇپايىلەنمەس ئەلۋەتتە.
كىتاپ ئوقىغانلىكى ئادەم كاللىنىڭ بىر زىندان ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ماڭىدۇ، چۈنكى كىتاپنى قانچە ئوقىغانسېرى كاللا شۇنچە ئازاتلىققا چىقىدۇ ئەمەسمۇ...بۇنى شاتۇتىدەك دەۋەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايسىز، پىكرىڭىزگە قارشى گەپ قىلغان ھەر قانداق ئادەمنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا مات قىلماقچى بولىسىز. لېكىن بۇنىڭ قانچىلىك بىچارىلىك ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېسىڭىزگە ئالمايسىز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قاتتىق مەدەنىيەتكە قاپسىلىپ قالغان بىلىمىڭىزگىلا ۋەكىللىك قىلىسىز. دۇنيادا بىلىم دېگەن بەك كۆپ، بۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. سىز بۇ كەمدە قاتتىق جانلانغان مۇشۇ پەيتىڭىزدىن پايدىلىنىپ تازا كۆرەڭلەۋاتقان ۋاختىڭىزدا باشقىلارنىڭ جىمجىت ھالەتتە ئۇيغۇرنى قانداق كونكىرىتنى سۈيىۋاتقانىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
سىزگىمۇ خوش، زىيانلىق كاپشىشتىن بېسىقىپ قالغان ئىش مىڭ ئۇلۇق. ئالتۇن بېشىڭىز ئامان بولغاي...

باھا سۆز

shoruq  قاتتىق مەدەنىيەت دېگەن نېمە ئەمدى؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 22:57:13

UID
22541
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىللاڭلار ، سۆكۈڭلار ، ئەمدى تىللىمىغان شۇ رادىل ئابلا قالدىغۇ ؟ يېقىندا تەڭرىتاغ تورىدا رادىل ئابلا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ خېلى ياخشى تەسىر قوزغىغانىدى ، لېكىن بۇ سۆھبەت چىقىپ بىر ھەپتە بولا - بولمايلا تەنقىد چىقىپتۇ . بۇنىڭ ئورنىغا ئىلھام ، مەدەت مەنالىرى ئىپادىلەنسە ياخشى بولاتتى . نېمە قىلىمىز بىز سۆكۈپ ؟ سۆككەنلەرنىڭ قايسىڭ نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالىدىڭ ؟ قېنى مەن دەپ ئالدىڭغا سەكرەپ چىقىپ بېقىڭلار ، ئاندىن سىلەر رادىل ئابلانى سۆكۈشكە لايىق ، مىللىتىمىزنىڭ مۇشۇنداقلىقىدىن قانداق ئاقىۋەتكە قېلىۋاتقىنىمىزمۇ ھەممىڭلارغا ئايانغۇ ؟ تەنقىد دەپ قويۇپ ، مىللەتنى دەستەك قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقان بۇراپ ، ناچار يىتەكچىلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ زادى نېمىش قىلماقچىسىلەر ؟ رادىل ئابلانىڭ ياخشى تەرەپلىرى يوقما ؟ ئادەم دېگەندە كەمچىلىك ، نۇقسان بولمامدا ؟ قېنى قايسىڭلار مەن مۇكەممەل ئىنسان دىيەلەيسىلەر ؟
    بىز ئۇيغۇرلار غاجاشتىن باشقىنى بىلمەيمىز ، ئەگەر مۇشۇ تېما ‹‹ رادىل ئابلا ياشىسۇن ›› دېگەن مەزمۇندا چىققان بولسا كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولاتتى ، ‹‹ تەكلىپ ، تەنقىد ، سۆكىدىغان ›› تېمىلار بولسا بىز تەييار تۇرىمىز . مىللەتتىن سۆز ئېچىپ چۈشۈپ كېتىدىغان بولساق ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم نامازغا كىرمەيدىغانلىرىمىز ئاللانى ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەي ، غورۇر ، ۋىجدان دېگەنلەرنى سۆرەپ چىقىپ ، ئاتا - ئانىمىزنى شىپى كەلتۈرۈپ شۇنداق ھەيۋەت سۆزلەيمىزكى ، ئاغزىمىزدىن تۈكرۈكلىرىمىز چاچراپ ، ھاياجانلىرىمىز ئۇرغۇپ - تېشىپ ، غورۇرىمىز قايناپ ، يۈرەكلىرىمىز باشقىلاردىكىدىن تېزرەك گۈپۈلدەپ سوقىدۇ .
    بىز مانا مۇشۇنداق سۆكۈپ ، تەنقىدلەپ نېمىگە ئېرىشتۇق ؟ تىللايمىز ، تىللايمىز ، ئاخىرى توختايدۇ ، مۇشۇنداق تىللاپ بىز نېمىنى ھەل قىلالىدۇق ؟ قېنى دەپ بېقىڭلار ؟ ئەگەر شۇ تىللاشنىڭ ئورنىغا ماختاپ باققان بولساقچۇ ؟ شۇ كارخانىچى ، شۇ ئادەم ئۆزىدىن ، ئۆز مىللىتىدىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى شۇنچىلىك قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن ئالەمچە شادلانغان بولاتتى ئەمەسمۇ ؟ لېكىن بىز ئەنە شۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلارغا ئەڭ ئاخىرىدا رەددىيە بەردۇق ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كاسسىمىزغا بىرنى ئۇرۇۋېتىپلا ھەممىنى ئىنكار قىلىۋەتتۇق ، كۆزىمىزنى مۈشۈكتەك يۇمۇپلا ئالدامچى ، ساختىپەز ، كاززاپ ، مىللەتنىڭ دۈشمىنى قاتارىغا چىقىرىۋەتتۇق ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ، توۋا دەپ قاپتىمەن ، مۇشۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ نۇرغۇنلىرى رادىل ئابلانى تەنقىدلەش پوزىتسىيەسىدە بولۇپتۇ ، شۇ ئادەملەر رادىل ئابلانى قانچىلىك چۈشىنىدۇ ؟ ئىقتىسادنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ ؟ چەت ئەل ئىقتىسادى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان ئىقتىساد قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ئوخشامدۇ ؟ شۇڭا ئويلاپ سۆز قىلايلى ، چۈشىنىپ گەپ قىلايلى ، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ...   

باھا سۆز

shoruq  تەنقىدتىن بولسا ئۆلگۈدەك قورقىمىز، ماختاشقا بەك ئامراققۇ بىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 23:01:07
suchi  ئاغىنە،ھازىرغىچە يوللانغان ئىنكاسنىڭ ھىچبىرىدە رادىل ئابلا تىللانمىغان.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 17:36:25
uyghurkokbora  قېرىندىشىم بۇنى تەنقىد ئەمەس ،ئاپتۇرخەلققە بولغان مەسئۇلىيەتى دەپ بىلىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 15:57:39

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا، سىز تولا كۈچىمەڭ، ئۆكتەملىك قىلماڭ. ئىنكاسىمدىن نەقىلمۇ ئالماي تۇرۇپ، نېمە گېپىمىگە رەددىيە بېرىدىغالىقىڭىزنىمۇ دېمەي ۋە ئۇنىڭغا پاكىت كۆرسەتمەي تۇرۇپ سىز نېمىنى مۇنازىرە قىلماقچى؟ بۇ تېمىنى بۇلغىدىڭىز.نەگىلا قارىسام سىزنىڭ پوقىڭىز.
         سىز بەش قولدەك بىلىدىغان ئۇيغۇرزادە يوق ھەم ئۇ بىرسى بەش قولدەك بىلۋالغۇچە كونا دەسمىنى يەپ ياتىدىغان ئۇيغۇرزادە ئەمەس. بۇ يىلىقى ئۇيغۇرزادە ئالدىنقى يىلدىكى ئۇيغۇرزادىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر سىز يېڭى ئۇقۇم ئېگلىز تىلى كىتابىنىنڭ 1-قسىمىنى بولسىمۇ تولۇق ئۆقۇپ جاپاسىنى ھېس قىلغان ئادەم بولسىڭىز، ئېنگلىزچە كىتاب ئەمەس، بىرەر يىلدا خەنزۇچە كىتابتىن بىرەرنى تولۇق تۈگىتىپ ئوقۇغان ئادەم بولسىڭىز، چەت ئەلدە مۇساپىرلچىقنىڭ دەردىنى بىر ھەپتە بولسىمۇ تارتىپ باققان ئادەم بولسىڭىز، ئاندىن مۇنداق قىلشىنىڭ يولسىزلىق، بشەملىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتىڭىز. قېرىندىشمكەن دەپ جىم تۇرسام ئەمدى مېنى ئانىي تاپقىلى تۇردىڭىز. مېنىڭ سەۋرىمنىڭ چېكى بار.
   
غەرەز بىلەن كىرگەنلىكىڭىز ئېنىق. ئۆزىڭىزنى بىلگەن بولسىڭىز بەكمۇ ئوبدان ئىش بولاتتى. ماۋۇ تېمىنى بۇلغاۋاتىسىز. مەن بۇرۇنمۇ سىزگەئېتيقان: «سىزدە تەپەككۇر زەخمىسى ئېغىر، تاغدىن گەپ قىلسا باغدىن گەپ قىلسىز» دەپ. يۇقىرىقى ئىنكاسىڭىز شۇنى ئسپاتلاپتۇ. ئەمدى توختاپ قېلىڭ.


        بااشقۇرغۇچىلار، سىلەر مۇنازەرنى قانداق چۈشنىسىلەر؟ ئەنۋەر جۇلا بۇرۇن تەنقىدلىگىنىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە ئاچچىق چىقرىش ئۈچۈن كىرىپتۇ. ئۇ ئىنكاسىىمنى ئوقۇماپتۇ، ئىنكاسىمدىن نەقىلمۇ ئالماپتۇ. ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ قايسبىرى مۇنازىرە قائىدىسىگە ئۇيغۇن؟ ئىنكاسنى تولۇق ئوقۇماي تۇرۇپ تېما پېتىقدغىلى كىرگەن ئادەملەر مۇشۇنداق ھەددىدىن ئاشقىلى تۇرسا توغرا بولامدۇ؟ مۇناىزرە قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈڭلار، تولۇق ئىجرا قىلىڭلار.مەن بىلەن مۇنازىرەقىلماقچى بولغانلار گپېىمدىن ئابزاس بويىچە تولۇق نەقىل ئېلىڭلار. بولمىسا جاۋاب بەرمەيمەن. بولسا مۇشۇ توردىكى جىىننىڭ «مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك» دېگەن تېمىسىنى ئوقۇپ چىقىڭلار.

باھا سۆز

shoruq  بەك ئەۋزەيلەپ كەتتىڭىزمۇ نېمە؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 23:03:02
uyghurkokbora  بەزىلەر سزنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىڭىزنى بىلسە،ئۆز ‹ئەمگىكى›دىن رازى بولىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:01:54
uyghurkokbora  ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرزادە، سىزگە سەۋىر ۋە چىدام تىلەيمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:01:00

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، تەنقىد دېگەن گەپنى كۆرۈپلا كىشىلەر رادىل ئابلانى تىللاپتۇ دەپ چۈشىنىپ قاپتۇغۇ؟! بۇ ئۇيغۇر زادىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن يېزىلغان تېمىسى بوپتۇ.
ئەنۋەر جۇلا ئىسمى بىلەن كىرگەن، ئۇيغۇرزادە ئىسمىنى يوشۇرغان دېگەننى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم. توۋا دەيمەن، نەۋايى، بەرقى...دېگەنلەر ئۆز ئىسمىنى ئىزاھلىمىسىمۇ ھەممە كىشى بىلگەندەك، كۆپ قىسىم تور ئەھلى ئۇيغۇر زادىنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇغۇ!
بولدى، ئاخىرىدا ئۇيغۇرزادىگە تەكلىپ: بۇ تېمىڭىزنىڭ ھەممىنى يېغىپ رەتلەپ بىرىنجى قەۋەتكە يوللاپ قويۇڭ!!! ماۋۇ بەزى قالايمىقان ئىنكاسلار كىشىنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، ئوغىسىنى قاينىتىپ قويىدىكەن.

باھا سۆز

uyghurkokbora  كۆڭۈلگە ياقىدىغان ئنكاس !  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:03:18

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sada2 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 16:10
تىللاڭلار ، سۆكۈڭلار ، ئەمدى تىللىمىغان شۇ رادىل ئاب ...

قەيەردە رادىل ئابلاغا تىل سالغان يەر باركەن قېرىندىشم؟ رادىل ئابلانى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ماختىغان يەرنى كۆرمدىڭىزمۇ؟


تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادىنىڭ بۇ ئەسىرى قانداقتۇر رادىل ئابلانى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يىزىلغان ئەمەس! كاللىسى بار ئادەم ئويلاپ باقسا مانا بۇ رادىل ئابلاغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمەت.ئالدىدا خوش-خوش دەپ كەينىدە سۆز چۆچەك قىلىدىغانلارغا قارىغاندا چىن ھەم سەمىمىي ھۆرمەت. ئىنكاسلاردا دىيىلگنىدەك رادىل ئابلا جەمىيەتشۇناس ياكى پەيلاسوپ ئەمەس لىكىن ئۇ ئۇيغۇرنىڭ گۈزەل ئارمانلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بۈيۈك كارخانىچى، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا دوستانە تەنقىد ۋە تەكلىپ پىكىر بىرىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق. دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ باقساق،كەسكىن رىقابەت ئىچىدە پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى ئۇنىۋىرسال ساپا ھازىرلىغان بولۇش.يەنى مەدەنىيەت،ئىقتىساد،سىياسەتنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلانغان بولۇش.شۇڭا كارخانىنى خەلىقاراغا يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز پەيلاسوپلار پەلسەپىسىنى، جەمىيەتشۇناسلار تەنقىد-پىكىرلىرىنى سەمىمىي ھالدا ئوتتۇرغا قويۇشى كىرەك. رادىل ئاكامنىڭ ئۇنداق قورسىقى كىچىك،كۆزى كور ئادەم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن، مىنىڭچە ئۇ بۇ تەنقىد ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ،ھەقىقەتەن كەتكۈزۈپ قويغانلىرى بولسا تولۇقلايدۇ!
تۆۋەن دەرىجىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى كىشىلەرگە تەنقىد يىزىشىغا بولمايدۇ دىگەن قاراش مەن ئىنكاسلار ئارىسىدا ئۇچىراتقان ئەڭ تۇترۇقسىز قاراش بولدى.
   ئۇيغۇرزادىنىڭ نورغۇن ئەسەرلىرىدە غەرب ئالىملىرىنىڭ سۆز جۈملىلىرى نەقىل ئىلىنىدىغىنى ھەقىقەت. مىنىڭچە بۇمۇ ئۇنىڭ شۇخىل شارائىتتا ئۈگۈنۈش ۋە تەتقىقات  ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تىمىلىرىمۇ شۇنداقراق ئىدى،بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوقۇرمەنلەر ئۆزىگە لازىملىق يىرىنى قوبۇل قىلىشى كىرەك. چۈنكى شۇ تىملارنى يىزىۋاتقانلار ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىنى تەپسىلىي كۈزىتىشكە ئىمكانىيەتسىز. ئۇلار قانداقتۇر غەرب پەلسەپسىنى ياقىلىماقچى ئەمەس،بەلكى بىزنى تەپەككۇرغا باشلىماقچى.
  يۇمشاق مەدەنىيەت،قاتتىق مەدەنىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ ئىككىسى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كىرەك.زىيادە يۇمشاقلىق بىزگە نۇرغۇن تالاپەتلەرنى ئىلىپ كەلدى،پۈتۈنلەي قاتتىقلىقمۇ بىزنىڭ مىللىي پىسخكىمىزغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
  مۇنبەرداشلار تەمكىنرەك بولساق! ئىلمىي پىكىر قىلساق! ئەسەر باشلانماي تۇرۇپلا تالاش تارتىش- قىزىپ كەتكەن ئىدى،  مانا تاھازىرغىچە  بىسىقمايۋاتىدۇ. بۇ دوستانە تەنقىتكە قارىغاندا ئۇششاق ئىنكاسلار رادىل ئابلانىڭ ئوبرازىغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ!
  ئاللاھ قەلبىمىزگە نۇر-زىيا بەرگەي!

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرزادىنىڭ پىكرىنى قوللاش بىزنىڭ رادىل ئابلانى سۆيمەيدىغانلىقىمىزدىن  قوللىمايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئىككىسى باشقا - باشقا گەپ . رادىل ئابلانىڭ بوپۇزى ئۇنى تەنقىد قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدىن تېخىمۇ دېرەك بەرمەيدۇ . رادىل ئابلانى رادىل ئابلا قىلىپ ئەڭ بېشىدا بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگىنى  ئۇنىڭ خەلقى . ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۆز خەلقىنىڭ تەنقىد - پىكىرلىرىنى ئىجابىي يۇسۇندا قوبۇل قىلالايدىغان رادىل ئابلانى جەلقى تېخمۈ سۆيىدۇ .......

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:09:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى بەتلەردە تىلغا ئالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسىمى جۇڭگودا باركەن، بەزىلىرى ئامازوندا تېپلىدىكەن. پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن قىسقىچە ئۇچۇرىنى قالدۇرماقچى.
  پەرھىز ۋە مەدنىيەت كودلىرىنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشتىكى رولى ھەققىدە دۇنياغا داڭلىك كىتاب : ھالاللىق ۋە خېيىم خەتەر (مەرى دوگلاس، لوندون ئۇنىۋېستىېتىنىڭ سابىق پروفېسورى)
http://www.egou.com/product/01_1478897.html

مەدەنىيەتلەر ئارا پەرىق شۇنچە زور بولسا نېمشىقا ئاسسمىلاتىسيە نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىدىغان كىتاب : «روبىرو مەدەنىيەتلەر»(مىلتون يىنگېر، ئامېرىكا جەمئيتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق  رەئىسى)

http://www.tushucheng.com/authors/J-Milton-Yinger/

ئارىلىقتا بۇ تېمىنى سەل ئۇششاق گەپ ئارىلاپ كېتىپ قالدى. ھازىر ئۇخلايمەن. ئەتە قوپۇپ  ئاندىن بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى يوللايمەن. مەن بىلەن مۇناۋىرە قىلماقچى بولغانلار بىكاردىن بىكار مېنى رادىل ئابلاغا دۈشمەن كۆرسەتمەڭلار، ماڭا رەددىيە بەرمەكچى بولساڭلار نەقىل ئېلىڭلار.

يەنە دېسەم يەنە شۇ 21،-ئەسىردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان يادلوۇق سوئال « قانداق ئىقسادىي تەرەققىياتقا ئېرىشىش كېرەك» دېگەن سوئال ئەمەس، بەلكى «ئاسسىمىلاتيسىيەدىن قانداق ساقلىنىمىز؟» دېگەن سوئالدۇر.     بىزدە پۇل خۇراپاتلىقى ۋە تەرەققىيات خۇراپاتلىقى مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن نەچچە ھەسسە ئېغىركەن. ئادەملەردىكى ئازاپ ئېڭىنى، تراگدىيە ئېڭىنى پۇل يەپ بوپتۇ. قارىغاندا ئەمدى «ئىقسادىي تەرەققيات ۋە ئاسسمىلاتىسيە» دەپ بىر تېما يېزىلسا بولدىغاندەك تۇرىدۇ.
   ئىقسادشۇناسلار، كارخانچىلار ئاسسمىلاتيىسيە مەسلىسىسگە مەڭگۈ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلار نوقۇل ئىقسادىي تەرەققىياتنى تەكىتلەشنىڭ بىزنى نېمىلەردىن مەھدۇرم قالدۇرىدىغانلىقىنى يېشىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىقسادىي تەرەققىيات بىر-بىرىنى تەقەزززا قىلىدىغان تۆت تەرەققىيات شەكلىنىڭ ئاران بىرسى .
   ئىقستسادىي تەرەقىياتقا ئېرىشىپ يوقالغان مانجۇلار ۋە جۇاڭزۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا ماددىي ئىسپات سۈپتىىدە تۇرۇپتۇ. نۇرغۇن نەرسىسىسى چالا مىللەتنىڭ نوقۇل ئىقسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى« تاز تاي تاپسا چىقمىغان دۆڭى قالماپتۇ» دېگەندەك ئىش بولىدۇ.
   ئۇيغۇرلارنى ئىقسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئىش. قەشقەر ئالاھىدە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. بىز چۆچەكتىكى چۆپنى يېمەي «مەدەنيىتمىزنى قانداق ساقلاپ قالىمىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تپېش ئۈچۈنمۇ ئويلىنايلى.
    8سەئەتلىك خوش. بۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقانلاردىن ئىنكاسنىڭ داۋامىنى يولليالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. ئەتە يوللىماقچى.

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 18:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە، مەن تېمىڭىزنى ھەقىقەتەن بۇرىدىم، لېكىن ئادەتتىكى مۇنبەر تەڭگىسى ئاشۇرۇش ياكى سۇنئىي ھاسىل قىلىنغان ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈش غەرىزىدە ئەمەس، ئۆزەمنىڭ قىممەت قارىشىمغا مۇخالىپ كەلگەن پىكىرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىردىم.
سىزنىڭ ئاسىمىلاتسىيە توغرىسىدىكى كاپشىشلىرىڭىز ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلىشتىكى بىر قىزىل لاتىڭىز. سىز مىللەت، ئاسسىمىلاتسىيە، مۇقەددەس سىمۋول دېگەندەك يۇقۇرى بېسىملىق ئېلېكتىر چىرىقىنىڭ باشقىلارنى بەك جەلپ قىلىدىغىنىنى بىلىسىز. بۇ خۇددى ئاباق خوجىنىڭ « مەن سەئىد» دېگەن ئالدام خالتىسىدىن قىلچ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش