كۆرۈش: 113179|ئىنكاس: 536

رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 14:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد

     نورمال ۋە ئوبيكتىپ تەنقىد  بىر جەمئىيەتنىڭ ساغلام راۋاجىلىنۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم بىر  كۆرسەتكۈچى. ئەمما، چۈش كۆرۈپ ياشاشنى زامانىۋىلىق دەپ چۈشنىىدىغان؛ بىمەنە رېئاللىققا كۆنگەن، سوئال قويمايدىغان ئادەملەر يېتىملىك ھېس قىلغانسىېرى، ئۆزىنى پەس كۆرگەنسىرى تەنقىدتىن قاچىدىغان؛يالغان بولسىمۇ مەدىھيە، خۇشامەت سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. جەمئىيەتتە بېسىم ئاشقانىسرى، رېئاللىق بىلەن غايىمىز ئارىسىدا ئارىسىدىكى ھاڭ زورايغانسىرى بىز ئۆزىمىزنى پەپىلەيدىغان، مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، مەدىھىلەيدىغان كشىلەر بىلەنلا ئالاقىلىشىپ پسخىك قۇرۇلمىمىزدا بىر تەسەللىي رايونى (Comfort Zone) پەيدا قىلىۋالىمىز. بىزگە پىكىر بەرگەن، بىزنى قامچىلاپ تۇرغان ئادەملەر كۆزىمىزگە سەت كۆرۈنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسان خاراكېترىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىزنىڭ بىر زاۋاللىقىمىز ۋە بىر مەغلۇبيىتىمىز ئەنە شۇ نۇقىتىدىن باشلىنىدۇ.
       ئەمما، خاسلىقى كۈچلۈك، ئىرادىسى چىڭ، مۇستەقىل دۇنيا قارىشي يېتىلدۈرگەن كشىلەر تەنقىدلەردىن (ئەلۋەتتە ئوبيكتىپ، لىللا، قايىل قىلارلىق بولۇشى كېرەك)ئىلھام، ئىبرەت  ئالىدۇ؛ مۇۋاپىق بولغان تەرەپلىرىنى ئۆز ئەمەليىتىگە تەدبقىلاپ تېخىمۇ نۇرانە مەنزىللەرگە ئاتلىنشقا تىرىشىدۇ. بۇ تېمىنىڭ باش قەھرىمانى قېرىندىشىم رادىل ئابلانىڭ بۇرۇن باشقىلار تەرپىدىن تەنقدلەنگەن-تەنقىدلەنمىگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق. ئەمما، ئۇنىڭ خاراكېتىرىنى ۋە ئەمەليىتىىنى كۆزىتىپ ئۇنىڭ ئىككىنچى خىلدىكى كشىلەر توپىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى، جۈملىدىن دوستانە تەنقىدكە مەردانىلىق بىلەن يۈزلىنلەيدىغا نلىقىنى ھېس قىلىمەن. شۇڭا بۇ تېمىدا مېھرىمنى بېرىپ تۇرۇپ، دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇۋۋال قىلمىغان ئاساستا تەنقىد بەرمەكچى. تەنقىدىم رادىل ئابلانىڭ  يېڭى يىل ھارپىسدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن بىر يۈرۈش جاۋابلىرىنى ۋە 17 يىللىق ئەمەليىتىنى تۇتقا ۋە تەھلىل قىلىپ تۇرۇپ  داۋاملشىدۇ.
         مەن تەنقىدچى ئەمەس. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئيتىمىزدىكى تالاي بىمەنلىكلەر ئالدىدا يىرگشىنلىك سۈكۈت شۇ دەرىجىدە ئۆزىنى كۆرسەتتىكى،  بولۇۋاتقان بەزى ئالەمەتلەرگە قاراپ بىر تۈركۈم ئادەملىرىمىزنى روھى ئۆلگەندەك، ئادىميىلىك تۇيغۇلىرى پۈتۈنلەي يىمىرىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن. نان كۇچۇكلىقىغا، ماددىيلىق خۇراپاتلىقىغا ،تۇرمۇشىمىزىدىكى مىڭ سياق قارا يۇمۇرلارغا، بىمەنلىكلەرگە ئەسلى رەددىيە، ئىنكاس ۋە تەنقىد كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇنداق بولماي كەلدى.ساختا ئاڭ، خام خىيال ۋە ياتلىشىش ئسكەنجىسدە چۈش كۆرۈپ ياشاۋاتقان بىر قىسم ئادەملەرگە شىددەتلىك تەنقىد كېرەكتى(رادىل ئابلانى شۇنداق دېگىنىم ئەمەس). لېكىن زور كۆپ قىسىم تەنقىدچىلىرىمىز يېتىشىپ بولالمىدى ياكى پۈچەكلىك جەمئىيەتشلىۋاتقان، ئىقتساد خۇراپاتلىقى ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە يېتىم قالدى. شۇڭا ناگان-ناگاندا ، ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا دەلىلىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمىگەن ئاساستا تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنش قارارىغا كەلدىم. جۈملىدىن  ئۆزۈم ئۈمىد كۈتكەن، قايىل بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى سەۋەنلىكلىرىنى بايقىغاندا دوستانە تەنقىدلەشنى بۇرچ دەپ ھېسابلىدىم. بۇ ئاددىي يازما  ئەنە شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا يېزىلدى.
     ئۇنداقتا نېمشىقا رادىل ئابلانى تەنقىدلىمەكچى بولۇپ قالدىم؟ ئەمەلىيەتتە  مەن ئارمان شېركىتىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلانى ھۆرمەت قىلىمەن. ئۇ ئۇيغۇر كارخانچىلىقىدا دادىل يول ئېچىپ ئىلگرىلەۋاتقان، ئىىشسىزلىق قاباھىتى نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ قەددىنى پۈكۈپ، غۇرۇرىنى سۇندۇراۋتقان بۈگۈنكى دەۋردە بىر مۇنچە ئىش ئورنى پۇرسىتى ياراتقان  كۈچلۈك بىر كارخانىنىڭ لىدىرى. ئۇ يەنە  مېنى ئەمەلىيىتى، جۈملىدىن قېينچلىقنى يېڭىپ ئالغان ئىلگىرىلەشىتىكى جاسارىتى، كارخانا باشقۇرۇشتىكى ستراتېگيىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىلەن قايىل قىلغان ئاز ساندىكى باھادىرلىرىمىزنىڭ بىرى . مەن ئۇنى چوڭ كۆرىمەن؛ ئەمما  ھۆرمەتلىگىنىم ئۈچۈن، تېخىمۇ نۇرغۇن ئشىلارنى قىلالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكىنى ئۈچۈن بۇ تېمىدا ئۇنى دوستانە يوسۇندا تەنقىدلىمەكچى(تەنقىدلەشتىكى ئاساسىم ۋە نەزەيۋىي ئاساسىمنى بىر دەمدىن كېيىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن). ئۇنى تەنقىدلگىنىم ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمتىمنىڭ سۇسلاپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
         يېڭى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى  تەڭرىتاغ تورى ئۇيۇشتۇرغان زىيارەتتتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقتىم.  رادىل ئابلا سۆھبەت داۋامىدا  ئۆزىنىڭ كۆپ ئوقۇغان، ستراتېگيىىگە باي، پاراسەتلىك تەرپىىنى نامايەن قىلىپتۇ؛ ياشلىرىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم مۇھىم تېمىلاردا پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ؛ يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىىنىڭ پاساھىتى ئۇنىڭ ئۇرغۇسى، ھېسسياتى جايىغان چۈشكەن راۋان نۇتقىدا  جايىدا ئەكىس ئېتىپتۇ. ياقا تۇرتتا ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئشىقى كۆيدۈرۈپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇ نۇتۇقتىن  سۆيۈندۈم ۋە رادىل ئابلاغا بىر قاتار سەۋەبلەر ئۈچۈن تەشۈككۈرلەر ئېيتقۇم كەلدى. تېنى سالامەت بولسۇن، سودىسى بەرىكەتلىك بولسۇن، جانابىي ئاللاھ قېرىنشىدىمىزنى ۋە ئارمانلىقلارنى ئارمانلىرىغا يېتىشقا نېشىپ قىلسۇن!
        ئەمما،  110 مىنۇتلۇق سۆھبەت خاتىرىسنى تولۇق، ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن رادىل ئابلانىڭ تەرەققىيات،ئىقتساد ۋە مەۋجۇدىيەت، قيىنچىلىق، كارخانا مەدەنيىتى، مەسئۇليەت، بىلىم ۋە پاراسەت ھەققىدىكى بىر قاتار  قاراشلىرىدا كەمتۈكلۈك، چولىتلىق ۋە مۇبالىغە ئارىلاشقانلىقىنى بايقىدىم. رادىل ئابلانىىڭ سۆزى ۋە ھەرىكتىىنى نۇرغۇن ياشلار  ئۈلگە دەپ بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تەنقىد يېزىش جەمئىيەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر قىسم بىنورماللىقلارغا، جۈملىدىن ياشاۋاتقان رېئاللىقىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئاساستا باش كۆتۈرۈۋاتقان پۇل خوراپاتلىقى، ئىقتىساد خۇراپاتلىقى، تەرەققىيات خۇراپاتلىقى، ماددىيلىق ۋەسۋەسىسى قاتارلىق بىر قاتار خاتا يۈزلىنشلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشتا مۇھىم ئەھميەتكە ئىگە.  بۇ تېمىدا ئاشۇ بىر قاتار نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆھبەت خاتىرىسىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ،تەھلىلىمنى نەزەيىۋىي جەھەتتىن كۈچەيتشكە تىرشىمەن. تەنقىد مۇنۇ نۇقتىلار بويىچە داۋاملىشىدۇ(ئاۋۋال تەنقىدلەش ئاساسىمدىن ۋە تەھلىل دائىرەمدىن ئومۇمىي بىر ئۇچۇر بېرىۋەتكەندىن كېيىن، ھەر بىر نۇقتا ھەققىدە دەلىلىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەپسىلىي مۇھاكىمە يۈرگۈزىمەن . تېما چاتما ئىنكاس شەكلىدە بېيىيدۇ).
  1.  ئىقىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن: رادىل ئابلانىڭ ئىقتساد قارارچىلىقغا ۋە تەرەققىيات چۈشەنچىسدىكى چولتىلىقلارغا تەنقىد؛
2. مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقسىدىن: رادىل ئابلا تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاقسۆڭ تۇرمۇش شەكلى چۈشەنچىسىگە ۋە  رادىل ئابلانىڭ  ئۇيغۇر مەدەنيىتىدىكى كۆرۈنمەس يوشۇرۇن كودلارنىڭ ، كوللكتىپ رىشتىىگە ۋەكىللىك قىلدىغان سىمۋول ھەققدىكى چۈشەنچە خاتالىقلىرىغا تەنقىد؛
3. سودا ئەخلاقى  ۋە كارخانا مەدەنيىتى نۇقتىسىدىن: رادىل ئابلانىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە ئېيتقان گەپلىرى بىلەن  ئەمەلىيىتى بىر  يەردىن چىقمايۋاتقان تەرەپلەرگە تەنقىد؛
4. تونۇشلوگىيە ۋە لوگىكا نۇقتىسىدىن: رادىل ئابلانىڭ قيىنچلىق، بىلىم-پاراسەت قاتارلىق بىر قاتار چۈشەنچىلىرىگە تەنقىد.
5. خۇلاسە ئورنىدا : رادىل ئابلادىن نېمىلەرنى كۈتىمەن؟
  
     باش تېمىدىن  چەتنىمىگەن ئاساستا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: ھەقىقىي تەرەققىيات دېگەن نېمە؟ ئىقتىساد تەرەققىي قىلسا راستىنلا بىر جەمئىيەت ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلامدۇ؟ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدا نېمە مۇناسىۋەت بار؟  مىللىي كارخانلىرىمىز تەرەققىياتى داۋامىدا كارخانا مەدەنيىتىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟ ئەخلاق ئىگىلىكى دېگەن نېمە؟ ئالدامچلىق ئىگىلىكى دېگەن نېمە؟ راستنىلا قىيچىلىقنى بايلىق دەپ تونۇش ھەممە قيىنچىلىقنى ھەل قىلشىنىڭ ئاساسىمۇ؟  
          تەھلىل ئارسىدا قىستۇرۇپ ئۆتۈلىدىغان دېتاللا تۆۋەندىكىچە:ئىقتىسادشۇناسلار سادىر قىلدىغان خاتالىق: ئىقتىساد قارارچلىقى، رادىل ئابلا ۋە مەخسۇت مۇھىتى، ئۆمەر باي ۋە مۇساباي، لاڭ شيەنپېڭ ۋە كۆپۈك ئىقتىساد، ئىپتدائيىلىق بىلەن زامانۋىلىق ئارىلىقىدا، پۇل ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلەر؛ كوڭ زېۋىن، لۇشۈن ۋە باشقىلار؛ ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە پاسىلى؛ قەرززدار زوردۇن سابىر  ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بايلار.
    ھەر بىر نۇقتا ئىنكاس شەكلىدە يېشىلىدۇ. زۆرۈر دەپ قارىغان ئىنكاسلارغا تېما ئاخىرىدا جاۋاب بېرىمەن.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6579
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
208
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 18:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم، بۇ تىمىڭىزمۇ ئاۋۋالقىلاردەكلا شۇنداق سەمىمى تەكلىپ-پىكىرلەر، مەسلىھەتلەر بىلەن راۋاجلىنىدىغان ئوخشايدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىكىڭىزدىن شاتلىنىمەن. يۇقارقى نۇقتىلاردىن باشقا يەنە مىللى كارخانلىرىمىزدائۆز-ئۆزىنى قوغداش ھەركىتى يىتەرلىك بولمايۋاتامدۇ-قانداق؟! ئۆتكەندە بىر خىزمەتداش يىغىندا ئولتۇرۇپ بىر قاتار ئولتۇرغان ئۈچەيلەنگە بىردىن كەمپۈت سۇنغان، ماڭا كەلگىنى ئارماننىڭ پەشمەت كەمپۈتىگە ئورالمىسىدىن تارتىپ ئوپمۇ ئوخشاش بولغان بىر كەمپۈت ئىدى، كەينىگە قارىسام زاۋۇت ئادرىسى ئىنتايىن كىچىك ھەم سۇس خەتلەر بىلەن يىزىلغانكەن، ئىچكىر ئۆلكىدە ئىشلەنگەنلىكىنى جەزىم قىلالىدىم. باشقا ئىككى كىشىگە سۇنۇلغان كەمپۈتمۇ ئوخشاشلا باشقا زاۋۇتلارنىڭ ئىكەن. دىمەك  ئارماننىڭ دەپ ئۈچىمىزگە سۇنۇلغان كەمپۈت ئۈچ يەرنىڭ بولۇپ چىقتى. بەلكىم توپ تارقىتىش بازارلىرىدا مەسىلە بولىشى مۇمكىن.
  ھەممەيلەننىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بۇ نۇقتىلارنىڭ مىللى كارخانلاردا ھەم ئىستىمالچىلاردا دىققەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

UID
7247
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 18:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقارقى يازمىنى كۆرۈپ تۆۋەندىكى ماۋۇ يازمىنى بىر كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن مۇنبىرىمنىڭ بىر يەرلىرىنى ئارىلاپ ئاران تەستە تېپىپ بۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدىلا يوللاپ قويدۇم، دوستلارنىڭ بۇنى بىر ئوقۇپ چىقىشىى ئۈمىد قىلىمەن.

سىز مىللى مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىللىرىمىزنىڭ زامان شاۋقۇنلىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇپ كىتىشىنى خالامسىز؟

    سىز ئىپتىخار تۇيغۇللىرىمىزنى ئويغىتىپ، غورۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇلغايتىپ كىلىۋاتقان باشلامچى كارخانىللىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرسان بولغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟



     سىز بىر مۇناپىق ياكى ۋىجدانىڭىزنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەم بولمىسىڭىزلا خالىمايسىز!

ئەكسىچە، ھەر بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭمۇ، مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ بايراقدارى بولغان «ئارمان»، «ئىخلاس»، «ئامىنە»، «گۈل يۈرەك»... شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەھنىدە پارلىشىنى، «ئۇيغۇرسوفت» قا ئوخشاش يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيدىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز شۇ كارخانا، شۇ شىركەتكىلا تەئەللۇق بۇلۇپ قالماي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ، ئۇيغۇر ئىختىسادىنىڭ تەرەققىياتى . ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىللىرىنىمۇ باشقىلارغا تونۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت ئاڭ-فورماتسىيسىنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدۇر.



ئۇنداقتا ئاشۇ شىىركەت – كارخانىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى نىمىگە باغلىق؟ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە  ئاشىدۇ؟

بىز شۇنداق جاۋاب بىرەلەيمىزكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدە غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان دىھقان؛ ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى «سىز»؛ ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدە پالاقلاپ يۈرىۋاتقان «ئۇ»؛ بور توزانلىرىنى ئاسمانغا يۇلتۇز قىلىپ چېچىۋاتقان «مەن» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىز ياكى مەن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ياكى ھالاك بولۇشىنى، كىيىنكى قەدەمدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ، ئۇيغۇرچە ئاڭ-فورماتسىينىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيمىز!



  ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق لىكسىيدە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بىرەيلەن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن: « ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال سەۋىيسى دۇنياۋى سەۋىيدىن ناھايتى ئارقىدا قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى . بىزنىڭ قەدىمىمىز تەرەققىيات سەۋىيسىگە ماسلاشمىغاچقا باشقىلار ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللار بازارلارنى ئىگەللەپ كىتىۋاتىدۇ. سىز دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشى، سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بازىرىنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىردەم تۇرۇپ كىتىپ :« بۇ سۇئالغا بىرىدىغان جاۋابىم شۇكى، مەن باشقىلارغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . ئەمما ئۆزۈم شۇنداق ھۆددە قىلىمەنكى، مەن ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بولىدۇ؛ مىنىڭ بالام ۋە ئايالىم ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى . بالىلار بىر نەرسىنى چۇشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قىلىشتىيۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى قايىللىق بىلەن باش لىڭىشتىشتى.

قارىماققا ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ گىپى سۇئال بىلەن تازا باغلىنىشى يوقتەك تۇرىدۇ. لىكىن تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئۇ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدار بولغاندىلا، شىركەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يېڭى تۈرلەرگە قورقماي مەبلەغ سالالايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سودىدا: «خېرىدار-خۇدا» دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. راسىت، بىر قىسىم شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئىھتىياج شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاخىردا ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ پايدا ئالالايدۇ. ئەمما بۇ مونوپول خاراكتىرىدىكى شىركەتلەرگە ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىلىرىمىز ئاشۇنداق مونوپوللۇقلار ئىچىدىن خۇددى قىيا تاش ئارىسىدىن كۆكلەپ چىققان گىياھتەك كۆكلەپ چىقماقتا. ئاشۇ خىل كۆكلەشلەرگە ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ يۈرەك قېنى، تەۋەككۈلچىلىكى سىڭگەن. ئەمدى ئۇ پەرۋىش قىلىشقا، قوغداشقا، يىتەكلەشكە مۇھتاج.  گىياھ دەسلەپتە ئۈنگەندە ئىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆسكەندە، باراقسانلىغاندا بولسا شۇنى ئۆستۈرگەن ئادەملا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا سالقىندايدۇ.

  مەن شۇنداق بىر ئادەتنى يىتىلدۈرگەن : بىر نەرسە سېتىۋالسام ئوخشاش مەھسۇلات ئىچىدە ئۆز شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، سۈپىتى باشقا مەھسۇلاتلارغا يەتمىسىمۇ يەنىلا شۇنى سېتىۋالاتتىم. مىللىي كارخانىللىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىم ئۇلارنى قوللىغىنىم ،ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنىم، مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىنىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن «مەن»لەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققى قىلسا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەرەققى قىلسا، چەتئەللەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىمۇ ئۇلارغا «ساتاتتى»، ئىستىمال قىلدۇراتتى. باشقىلار مىنىڭ كىملىكىمنى ئاشۇلار ئارقىلىق تونۇيتتى. مىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغىنىم خوتەندىكى، قەشقەر كونا شەھەردىكى ياكى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغىنىم ئىدى. ئۇلار مەندەك ئىستىمالچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئاشۇ سەبىيلەرگە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرەتتى. ئاشۇ سەبىيلەر ئىچىدىن كەلگۈسىدە دۇنياۋى ئالىملار چىقمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟

    بىزنىڭ بىر  كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشىمىز ئاددى ھالدىكى بىز مەنپەئەتلىنىدىغان، كارخانا پايدا ئالىدىغان جەريان ئەمەس. ئاشۇ كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەردە پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇدىن باشقا تېخمۇ يۈكسەك بىر ئارزۇ – مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللەتنى، خەلىقنى تەرەققىياتقا باشلاشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك يۈرەكلىرىدە يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئالىم ئەھەت ئەپەندى لوندۇن ۋە ئامرىكىدىكى ئاكىلىرىنڭ: «بۇياققا كەل، ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەت تاپالايسەن، قاچانغىچە 30 يۇەنگە ئەلكاتپ  سېتىپ يۈرىسەن» دىيشىگە پەرۋا قىلماي «ئۇيغۇرسوفت»نى دەپ بۇ يەردە قالمىغان؛ دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنى تاشلاپ چەتئەلدىن يېنىپ كىرمىگەن؛ رادىل ئابلامۇ  ھازىرقى ئىگلىگىنىڭ قەنتىنى چاقماي «ئۆگىنىمەن، تەرەققى قىلدۇرىمەن »دەپ پايپاسلاپ يۈرمىگەن بولۇر ئىدى...  ئۇلارنىڭ نەزرىدە پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدىكى، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ راھەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى .

  دىمەك، ئۇيغۇر كارخانچىللىرىنىڭ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتساق مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مىللىي كارخانىللىرىمىزغا، مىللىي مەدەنىيتىمىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرەمدۇق ياكى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا باشلامدۇق بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.

ئاخىردا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:

چەتئەلدىكى بىر يەھۇدىلار مەھەللىسىدە بىر يەھۇدىي بار بولۇپ، باشقا يەھۇدىلار ئۇنى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ بەكمۇ يامان كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى « ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي مەھەللىنىڭ چېتىدە دۇكان ئېچىپتۇ . ھەيران قالارلىقى، شۇ مەھەللدىكى يەھۇدىلار خېلى يەرلەردىن، نۇرغۇن دۇكانلاردىن ئاتلاپ  كىلىپ  ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەن. بىر چەتئەللىك بۇنى چۈشەنمەي قوشنىسدىن سوراپتۇ: «سەن پالانچىنى ئالدامچى، ئاچكۆز دەپ تىللاۋاتاتتىڭ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەنسەنغۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى يەھۇدىي:«ئۇنىڭ ئالدامچى، ساختىپەزلىكى راست، ئەمما ئۇ سودىدىن پايدا ئالسا ئاشۇ پۇللارنڭ بىر قىسمى بىلەن باللىرىنى تەربىيلەيدۇ، بەلكىم باللىرى ياراملىق ئادەم بولۇپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىشى مۇمكىن » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

شۇنداق ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىنى ئۆزىمىز قوللاپ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك ئۇلارمۇ پات ئارىدا دۆلەت ئىچىدىكى ھەم دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ئەلۋەتتە........


باھا سۆز

xdesign  بۇ ئىنكاس-مىليون گۈل› فىلىمىنىڭ مەركىزى ئىددىيەسى بىلەن 100% بىردەككەن جۇمۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:36:07

UID
3362
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2407
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 19:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرزادە ئاكا ،يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى بىر يىلدا تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەخت يار بولسۇن!

يىل بېشىدىلا ،شۇنچە ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرگە تۇتۇش قىلىپ ،تورداشلار بىلەن ئەسرالاشقىنىڭىزدىن بەك خوش بولدۇم.‹تەنقىتتىمۇ ئوتتەك مېھىر بار› دىگەن چوڭقۇر مەنىلىك جۈملىنى، مۇنبەردىكى بىر ئىنكاسىڭىزدا كۆرگەن ۋاقتىمدا،تۇنجى قېتىم كاللامدا تەنقىت ھەققىدە قايتا ئويلىنىش بولغان ئىدى.ئوقۇسام يۇقارقى تېمىدىمۇ بۇچوڭقۇر مەنىلىك جۈملەئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئوخشايدۇ.
مەنچە رادىل ئابلا ئاكىمىزنىڭ ھازىرقى پىسخىك ساپاسى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى نۇقتىسىدىن  قارىغاندا ،ئۇنىڭدا تەنقىتنى قوبۇل قىلالىغىدەك جۈرئەت ، سەمىمىلىك ۋە كىچىك پېئىللىق مەۋجۇت دەپ قارايمەن.
‹دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتۇر،دوست يىغلىتىپ ›دەيدىكەن.ئەمىليەتتە ،رادىل ئابلا ئاكىمىز ئۈچۈن ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىز ھەم زىھنىڭىزنى سەرپ قىلىپ ،دەلىل -ئىسپاتلار بىلەن مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ يۇقارقى تېمىنى يازماقچى بولغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ،بۇ ئاكىمىزنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدىغىنىڭىزنى ،ياخشى كۆرىدىغىنڭىزنى،ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆزى ھەم قىلىۋاتقان ئىشلىرى  بەكمۇ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

تىرىشچان ئەزا

بولدى ئارتۇق گەپ

UID
13878
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
994
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 21:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا مۇكەممەل ئىش بولمىغاندەك رادىلكاممۇ خاتالىقلاردىن مۇستەسنا  ئەمەس  
ئۇ ئۇيغۇر كارخانچىلىقىنى دۇنياغا تۇنۇتتى ،ئۆزىمىزدىكى بايلىقلارنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىشىنى توستى ،
ئۇ يەنە يىڭىدىن كورىيە ئىلىكتۇرۇن يۇمشاق دىتاللىرىغا مەبلەغ سىلىپ دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتتى ،يۇل ماڭغۇچىلارغا ئىز ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ .

UID
18905
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-3
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 21:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىل ئاكىمىزغۇ خىلى داڭلىق كارخانىچى، بىراق بىزنىڭ جەنۇبتىكى ئارمان تاللار بازارلىدىكى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيى پەقەتلا ئارمانلىقلارغا ئوخشىمايدۇ.......

UID
12515
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 22:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بېرىدىغان تەنقىدىم ئارمان تاللا بازىرىدا ھاراق دېگەندەك مىللەتنى زەئىپلەشتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ساتمىسا دېگەن قاراشتا   چۈنكى ھاراق چوشقىغا ئوخشاش ھارام نەرسىلەرنىڭ بىرىدۇر   ئارمان شىركىتى ھاراق ئىشلەپ چىقارمىسىمۇ ئەمما ھاراقنى سېتىشى  شۇ شىركەتنىڭ ئۆزىدە نامايەن بولغان  قىممەت  قارىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ ھاراقنى سېتىپ پۇل تاپمىسىمۇ باشقا نەرسىلەر سېتىپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ !  يۇرتىمىزدىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك چىقىرىدىغان  بۇ شىركەتنىڭ  تاللا بازىرىدا ھاراققا ئوخشاش ھارام ماللارنى  سېتىشى ئۇ شىركەتنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك دېگەن  نام شەرىپىگە دەخلى تەرىز يەتكۈزمەي قالمايدۇ  ھاراق سېتىپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىنى بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز مىللىتىنىڭ زەئىپلىشىشى ،ئاجىزلىشىشىغا ،خارابلىشىشىغا يول ئېچىپ برىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ گۇناھكارى بولۇپ قالىدۇ .شۇ ئازغىنە ھاراق  بىلەن تاپقان پۇلغا ھەر يىلى تىلىۋىزوردا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ مۇسۇلمان يىمەكلىك دەپ ئېلان بەرگەندىن شۇ مەينەت پۇلدىن ۋاز كېچىپ خەلق ئوتتۇرىسىدا ھەقىقى نامغا ئېرىشىشى ئاقىلانىلىق دەپ ئويلايمەن شۇنىداق قىلغاندا مىللىتىمىزدىكى باشقا كارخانىلارغا باش ،ئۈلگە بولالايدۇ  بۇ مىنىڭ سەمىمىي تەنقىدىي پىكىرىم    قەنى تورداشلار   نىمە دەيدىكىن؟!

باھا سۆز

darslik8  ئارمان تاللا بازىرىدا ھاراق بولسا ئىسمىنى ئارمان ئەمەس بارماڭ دەپ قويۇش.......  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 15:30:56
ئەمىن1  بۇرۇن ھاراق بارتى يىېققىنڭياقى بۈئەھۋانى كۆرمىدىم . بۇ ناھيىتى ياخشى ئش.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 13:26:52
umutluk  يەكەن نىڭ ئارمان تاللا بازارلىرىدىمۇ ھاراق يوق  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 23:59:12
ayberchin  چەتئەل ھاراقلىرى ھاراق سانىلىدىغاندۇ؟ ۋولقان يەنە بىر ئارىلاپ چىقسىڭىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 15:25:09
tirix6234  ئارماننىڭ بىزنىڭ بۇ جايدىكى دۇكانلىرىدىمۇ ھاراق -تاماكا سېتىلمايدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 22:18:27

UID
14972
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
385
تىزىملاتقان
2011-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 23:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ئۇيغۇرزادە بۇرادەرگە:
1.تېمىڭىزدا خېلى دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن رادىل ئەپەندىگە بولغان قاراشلىرىلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.لوگىكا جەھەتتىن دەپ قاپسىز.ئەمما ئۆزىڭىز ئىشنىڭ بىسمىللاسىدىلا ئەجەللى لوگىكا خاتالىغىنى سادىر قىلىپسىز. تەنقىت بىلەن تەكلىپ -پىكىرنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلغايسىز.تەنقىت دىگەن دەرىجەياكى مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ دەرىجەياكى مەرتىۋىسى ئۆزىدىن تۆۋەن بولغانلارغا بولغان ئاغرىنىش ھىسىياتىدىن ئىبارەت،تەكلىپ -پىكىر دىگەن دەرىجەياكى مەرتىۋىسى ئۆزى بىلەن تەڭ ياكى ئۆزىدىن يۇقىرىلارغا نىسپەتەن ئارزۇ-ئۈمىت ھىسىياتىدىن ئىبارەت. ھىس قىلىشىمچە سىزنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز ھەرگىز رادىل ئەپەندىن كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن.دىمەك سىزنىڭ رادىل ئەپەندىگە تەنقىت بېرىش سالاھىيىتىڭىز يوق،پەقەت تەكلىپ -پىكىر بېرىش ھوقۇقىڭىز بار.
2.جەمىيىتىمىز نوپۇزلۇق،ئابرويلۇق ،ماركىلىق كىشىلەرگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە،رادىل ئەپەندىگە بەك تەكلىپ -پىكىر بەرگىڭىز كېلىپ كەتسە ،ئاممىۋى سورۇندا دىمەي ،ئايرىم دىگەيسىز.كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز رادىل ئەپەندىن ئېشىپ كەتسە،ئىشەنچىم كامىلكى رادىل ئەپەندى ھەرقانداق سورۇندا تەنقىتىڭىزنى ئاقلاشقا تەييار.رادىل ئەپەندىمۇ سىزۋە بىزگەئوخشاش بىر ئادەم،ئۇششاق-چۈششەك خاتالىقلاردىن ساقلىنىشى تەس،بىز رادىل ئەپەندىنىڭ «سېغىزخاندىن ساق،پەرىشتىدىن پاك »بولۇشىنى تەلەپ قىلالمايمىز.شۇڭا سىزگە تەكلىپىم  بۇندىن كېيىن بۇنداق «قاغا پۇتى»تەنقىتلەرنى يازمىغايسىز!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-3 23:27):
!!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-3 23:28):

باھا سۆز

shoruq  نوپۇزى چوڭ ئادەم نوپۇزى تۆۋەن ئادەمگە تەنقىد بېرەلەيدۇ؟ ناتايىن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 19:58:29
soraq  ياخشى پىكىركەن. كارخانىچى ھالال پۇل تېپىشنى بىلسىلا بولدى...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 15:01:37
haliktash  نوپۇزغا چوقۇنماڭ! تۆر بىلەن پەگاغا ئوخشۇتۇپ. ئىنسانىلقنى دەپسەندە قىلماڭ!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 13:04:15

UID
18860
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 23:35:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن زور كۆپ قىسىم تەنقىدچىلىرىمىز يېتىشىپ بولالمىدى ياكى پۈچەكلىك جەمئىيەتشلىۋاتقان، ئىقتساد خۇراپاتلىقى ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە يېتىم قالدى.

ئارىمىزدا نوپۇزغا چوقۇنۇش بەك ئېغىر، نوپۇزلۇقلار «ئۆھۆ» دەپ يۆتىلىپ قويسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن «ۋاي ئاجايىپ ياخشى يۆتەلدىڭىز، ئاۋازىڭىز شۇنچىلىك ياخشى چىقتىكى، ھەتتا بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنىمۇ بۇنىڭغا تەڭ قىلغىلى بولماس...» دەپ ئۇنى شۇنچىلىك كۆتۈرىدىغانلار شۇنچىلىك كۆپ، ئەمما ئەگەر سىز بۇ خىل نوپۇزلۇق كىشىلەرگە قارىتا «ۋاي يۆتەلگەن ئاۋازىڭىز ئانچە ياخشى بولماي قالدى، ئەسلى سىزنىڭ نوپۇزىڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇنداقراق يۆتەلگەن بولسىڭىز بۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇنداقراق ياخشى چىقار ئىدى.» دەپ پىكىر ئوتتۇرىغا تاشلىسىڭىز، سىزنى تالاپ پۈتكۈل بەدەنلىرىڭىزنى قان-يىرىڭ قىلىۋېتىدىغان، ھەتتا ئادەم بولۇپ توغۇلۇپ قالغانلىقىڭىزغا مىڭ توۋا قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللار بەكلا ئېغىر. مېنىڭچە بۇنداق ئەھۋالدا سىز كۈتكەندەك تەنقىدچىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بەسى مۈشكۈلدۇر.
پەقەت ئادىللىق بولغاندىلا، نوپۇزغا چوقۇنماي، ھەقىقىي تالانتقا، قورساقتىكى ئوماچنىڭ قانچىلىكلىكىگە ئادىل مۇئامىلە قىلغاندىلا، ياشلارنى كىچىك سويما كۆرمەي، ئۇلارغىمۇ بەلگىلىك يېتىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندە ئاندىن ئۇلارمۇ ئويلىغان خىياللىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدۇ ۋە دادىل تەنقىد مۇھىتى يارىتىلىدۇ.
بۇ يەردە نوپۇزنى يوققا چىقارغانلىق ئەمەس، ئەمما ھەر قانداق نوپۇزنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئەمما مەلۇم بىر ساھەدە نوپۇزغا ئىگە شەخسنى ھەممە ساھەدە ئوخشاش نوپۇزلۇق دەپ قاراپ، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان بىخلارغا سەل قاراش ئاخىرىقى ھېسابتا ئاقىۋىتىنى تەسسەۋۋۇر قىلغۇسىز خاتالىقلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشى مۇمكىن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 00:13:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرغان ئەزىز قېرىنداشلار، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ تېمىدا ھەر بىرىمىزنى ھېسسياتچانلىقتىن خالى ھالدا پىكىر قاتناشتۇرۇشقا، بىلمىگەننى تەڭ ئۆگىنىپ تەڭ ئىلگىرىلەشكە نېسىپ قىلسۇن!
        ئەگەر سىز ھاياتتىكى پۈتكۈل بەخت-سائادەتنى پۇلغىلا باغلايدىغان،پۇلدىن باشقنى تونۇمايدىغان ئادەم بولسىڭىز، ئۇيغۇرنىڭ 21-ئەسىردىكى مەۋجۇدلۇقىىنىڭ پۇلدىن باشقا يەنە نېمىلەرگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بىرسى بولسىڭىز،  بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماڭ. تېمىنى جىمجىت كۆزىتىڭ. مەن كېيىن يەنە پۇل 21-ئەسرىدىكى ئۇيغۇر مەۋجۇديىتىدە بەزى مەسلىلەرنى ھەل قلىشتىن باشقا يەنە نېمىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ؟» دېگەن سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرىمەن ۋە دەلىل كەلتۈرىمەن.
      
   مەن تېمىنىڭ ئەمدى تېخى مۇقەددىمىسىنى ئەۋەتتىم. ئاساسىي مەزمۇنى ئەمدى يوللىنىدۇ. نۇقتىلار بويىچە بىر-بىرلەپ كىرىمەن. بەزى ئىنكاسلارغا قاراپ بەزىلەرنى  «تەنقىد» دېگەن گەپتىن چۆچۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. دوستلارنىڭ تېمىدىكى «دوستانە تەنقىد» دېگەن گەپكە دىققەت قىلىپ قويۇشىىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردە ھېچكىم رادىل ئابلانى ۋە ئارمان شېركىتىنى سازايى قىلىمەن، تىللايمەن دېگىنى يوق. شۇنداق ياخشى ئىش قىلۋاتقان بىر كارخانىنى ۋەئاز تېپلدىغان بىر تالانت  ئىگىسىنى مەن نېمشقا تىللىغۇدەكمەن؟ ئارماندا ئشىلەۋاتقانلارنى ياكى تېمىنى كۆرمەي تۇرۇپ مەقسىتمنى باشقا يەرگە بۇراۋاتقانلارنى سەۋرچان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئاۋۋال تېما مەزمۇنىدىكى رادىل ئابلاغا بەرگەن يۇقىرى باھايىمنى يەنە بىر كۆرۈپ ئۆتۈڭلار:
__________________________________
        ئەمەلىيەتتە  مەن ئارمان شېركىتىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلانى ھۆرمەت قىلىمەن. ئۇ ئۇيغۇر كارخانچىلىقىدا دادىل يول ئېچىپ ئىلگرىلەۋاتقان، ئىىشسىزلىق قاباھىتى نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ قەددىنى پۈكۈپ، غۇرۇرىنى سۇندۇراۋتقان بۈگۈنكى دەۋردە بىر مۇنچە ئىش ئورنى پۇرسىتى ياراتقان  كۈچلۈك بىر كارخانىنىڭ لىدىرى. ئۇ يەنە  مېنى ئەمەلىيىتى، جۈملىدىن قېينچلىقنى يېڭىپ ئالغان ئىلگىرىلەشىتىكى جاسارىتى، كارخانا باشقۇرۇشتىكى ستراتېگيىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىلەن قايىل قىلغان ئاز ساندىكى باھادىرلىرىمىزنىڭ بىرى . مەن ئۇنى چوڭ كۆرىمەن؛ ئەمما  ھۆرمەتلىگىنىم ئۈچۈن، تېخىمۇ نۇرغۇن ئشىلارنى قىلالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكىنى ئۈچۈن بۇ تېمىدا ئۇنى دوستانە يوسۇندا تەنقىدلىمەكچى(تەنقىدلەشتىكى ئاساسىم ۋە نەزەيۋىي ئاساسىمنى بىر دەمدىن كېيىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن). ئۇنى تەنقىدلگىنىم ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمتىمنىڭ سۇسلاپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
         يېڭى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى  تەڭرىتاغ تورى ئۇيۇشتۇرغان زىيارەتتتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقتىم.  رادىل ئابلا سۆھبەت داۋامىدا  ئۆزىنىڭ كۆپ ئوقۇغان، ستراتېگيىىگە باي، پاراسەتلىك تەرپىىنى نامايەن قىلىپتۇ؛ ياشلىرىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم مۇھىم تېمىلاردا پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ؛ يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىىنىڭ پاساھىتى ئۇنىڭ ئۇرغۇسى، ھېسسياتى جايىغان چۈشكەن راۋان نۇتقىدا  جايىدا ئەكىس ئېتىپتۇ. ياقا تۇرتتا ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئشىقى كۆيدۈرۈپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇ نۇتۇقتىن  سۆيۈندۈم ۋە رادىل ئابلاغا بىر قاتار سەۋەبلەر ئۈچۈن تەشۈككۈرلەر ئېيتقۇم كەلدى. تېنى سالامەت بولسۇن، سودىسى بەرىكەتلىك بولسۇن، جانابىي ئاللاھ قېرىنشىدىمىزنى ۋە ئارمانلىقلارنى ئارمانلىرىغا يېتىشقا نېشىپ قىلسۇن!
        ئارمان ھەممىزنىڭ ئارمىنى! ئارماننىڭ ئۇيغۇردا رىزقى بار، ئۇيغۇرنىڭمۇ ئارماندا ھەققى بار! ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇنى قوللاش، دوستانە تەكلىپ پىكىر بېرىش ھەممىزنىڭ مەسئۇليىتى. ئۆزىمىزنىڭ قېرىدىدىشى رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد-تەكلىپ پىكىر بېرىش ئۇنى ئۇجۇقتۇرغانلىق ئەمەس ھەم مەندە بۇنداق مەقسەتمۇ ئەسلا يوق!
    تېمىنىڭ داۋامىنى كۈتەيلى!
  1-بۆلەك
   

باھا سۆز

yaramlik  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 17:14:05
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش