ئىگىسى: uyghurzade

رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
27240
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 23:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ماڭقۇرۇت، ساۋاتسىزلارنى تەربىيلەۋاتىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىپسىز
------------------------------------------------------------------------
سىز بىر ماڭقۇرت بولمىغاندىكىن  نىمىگە چىچىلىسىز؟بۇيەردە غاجاش دىگەن نەرسە قەتئى مەۋجۈت  ئەمەس.بارنى بار ،يوقنى يوق دىگۈلۈك.مەنمۇ  كۆرگىنىمنى دەۋاتىمەن.ئەجەبا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى ماختاپ تىللاردا داستان قىلسام بولامتى؟قارىغاندا سىز تۇرىۋاتقان جاي بىلەن مەن تۇرۇۋاتقان جايدا پەرق خىلىلا كۆپ ئوخشايدۇ.سىياسسى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان،بالىلارغا ياخشى مەسئۇل بولماي ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى بىكار ئۆتكۈزىۋىتىدىغان  ئۆمرىكۆتەلەرنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ كۈندە ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمىز.400ئوقۇغۇچىسى بار بىر مەكتەپتە 30%ئوقۇغۇچى ساۋاتسىز تۇرسا بۇنى كىمدىن كۆرۈش كىرەك؟ ھەتتا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاتلىق بالىلارنىڭ سانى 50%گىمۇ يەتمەيدىغان ئەھۋال بار،بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنە داۋاملىق ئۇلارنى ماختايمىزمۇ؟

UID
30393
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
85 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 13:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eztrak يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 23:49
سىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ماڭقۇرۇت، ساۋات ...

پەقەتلا چېچىلمىدىم، بۇ يەردە چېچىلۋاتقىنى ئەكسىچە سىز. مەيلى قايسى كەسىپ قاتلىمىدىكىلەر بولسۇن، ئىلغارلىرى، ناچارلىرى، ئاكتىپلىرى، پاسسىپلىرى بولىدۇ. سىز پەرىق قىلمايلا ‹ماڭقۇرۇت› دەپ گەپ باشلاپ كەتسىڭىز ئېنىقكى كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ھاقارەت قىلغان بولسىز. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، سىزنىڭ مۇشۇنداق تەپەككۇرنى قىلىپ ئېنتىرنىت تورىدا خەق بىلەن مۇنازىرلىشىدىغان سەۋىيىگە يىتىشڭىزدىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى چوڭ. شۇڭا سىزگە دىگەن گەپ: سىز ئۆزىڭىز قانچىلىك؟ باشقا كەسىپتىكىلەرنى ئۇ- بۇ دەپ باھا بېرىدىغان ئىشىڭىز بولسا ئاۋال ئۆزىڭىز توغرىدا ئويلىنىپ بېقىڭ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاقى باھا بېرەلەيسىز، لېكىن ئۆزىڭىز كەسپى ئەخلاقىغىچۇ؟ ئەلگە قانچىلىك نەپ يەتكۈزدىڭىزكىن؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-10 13:27):
ھەم سىزدىن ھېچكىم چوقۇم ماڭقۇرۇت دەپ تىللاڭ ياكى ماختاپ داستان يېزىڭ دېمىد

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-10 13:28):
چوقۇم ئىككىسدىن 1نى تاللىشىڭىزنىڭ بەكمۇ زۆرۈريىتى يوق.

UID
11416
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 17:53:56 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eztrak يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 23:49
سىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ماڭقۇرۇت، ساۋات ...

سىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ باققانمۇ؟ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپتە دەرس ئۆتۈشتىن باشقا قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ دەرستىنمۇ موھىم ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان  ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ماڭقۇرۇت دىيىشكە نىمە ھەققىڭىز بار؟ سىز بىرەر ئادەمنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ باققانمۇ؟ مىنىڭچە سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا باھا بەرگۈدەك قانچىلىك سالاھىيتىڭىز بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بىقىپ ئاندىن گەپ قىلىڭ!

UID
34547
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 21:18:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا مۇكەممەل ئىش بولمىغاندەك رادىلكاممۇ خاتالىقلاردىن مۇستەسنا  ئەمەس  
ئۇ ئۇيغۇر كارخانچىلىقىنى دۇنياغا تۇنۇتتى ،ئۆزىمىزدىكى بايلىقلارنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىشىنى توستى ،
ئۇ يەنە يىڭىدىن كورىيە ئىلىكتۇرۇن يۇمشاق دىتاللىرىغا مەبلەغ سىلىپ دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتتى ،يۇل ماڭغۇچىلارغا ئىز ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ .

UID
35567
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 14:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
issiz يوللىغان ۋاقتى  2012-4-15 17:53
سىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ باققانمۇ؟ باش ...

  گەپنى مۇنداق دىسەك بولماس !راس ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدە قوشۇمچە مەجبۇرىيەتلەر ئېغىر ،بۇنىسى ھەممىزگە ئايان ،لىكىن  ھەممىز تەشكىلگە گۈزەل كورىنىمىز دەپ ئاساسى نىشاندىن چەتنىسەك مىللەتكە ئۇۋال بولىدۇ .يەسلىدە 2-3 يىل تەربىلىنىپ يەنە باشلانغۇچ مەكتەپتە 6 يىل ئوقۇپ ساۋادى چىقمىغان بالىلارنى يامان كۆرۈپ ''مىت-مىت كىسىلى  بار ئىدى'' ،''كاللىسىدا ئويۇندىن باشقىسى يوق ئىدى'' دەپ باھانا ئىزدەيدىغان ئوقۇتچۇچىلار بىزدە قانچىلىكتۇ ؟!
كەسىپ ئەھلىلىرىگە تەرەپبالەن تەنقىت كىلىپ قالسا ''بۇ ئىللەتلەر مەندە بارمۇ-يوق؟''دەپ ئالدىرىماي ئويلىنىپ باقايلى ،ئەگەر ئۆزىمىزدە يوقلىغىغا ئىشەنچ قىلالىساق ''ئەتراپىمىزدىكى كەسپداشلار قانداق؟'' دەپ ئويلىنىپ باقايلى .ھاپىلا-شاپىلا تەنقىت بەرگەنلەرنىڭ ئاغزىنى توۋاقلاشقا ئالدىراپ كەتمەيلى .
ئادەتتە برەر ئىژتىمائى مەسىلىنى بايقىيالىغان ،تەنقىت پىكىرىنى بىرەلىگەن ئادەم ئەگەر شۇ كەسىپكە كىرىپ قالسا خېلى ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ .
  ئوقۇتقۇچىلىق شەرەپلىك كەسىپ .بۇ پىداكارلىقنى  ،ئوزىنى بېغىشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ .بۇ ئىككىسىنى ''ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى'' دەپ تۇراي .بۇ ئىككى پەزىلەت يوق ئوقۇتقۇچىلارنى تۇرمۇش قامداش ئۈچۈن بۇ سەپكە كىرىپ قالغانلار دىمەي ئامال يوق ،ئۇلارنى ئەىپلەشكىمۇ ئاساس يوق .چۈنكى جەميىتىمىزدە بىرەر ئىش تېپىپ ''ئاۋال تائام ،ئاندىن كالام'' قىلىش مۇھىم ئىش .نىمە ئامال ،بەزىلەر ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ياخشى كۆرمەيتى ،ھەتتا يامان كۆرىتى ،يەنە بەزىلەرنىڭ  بالىلارنى كۆرسە بېشى ئاغرىيتى ...مۇشۇنداق بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ساھەگە خاھلاپ-خاھلىماستىن كىرىپ قالدى .دىمەك قۇساق بېقىش ھەلەكچىلىگى نۇرغۈن ئادەملەرنى بۇ شەرەپلىك مۇنبەرگە ئىتتىرىپ ئاچىقتى .يەنە تېخى تولۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئادەتتىكى پىداگۇك مەكتەپلىرىدە تەربىلىنىپ سەپكە كىرگەنلەر ئاجايىپ كۆپ .
  مۇشۇنداق خىزمەت ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىگە كىرىپ قالغانلارنى ھىساپلاپ چىققىلى بولۇرمۇ؟80%60%50 ؟ بۇ ئىشلار مۇرەككەپ .بۇنىڭغا ئۇيغۇرزادە قېرىندىشىمىز كىيىنرەك بىر نەسە تەييارلىشى مۈمكىن .
ئاساسى تېمىدىن سىرت گەپلەركەن بۇلار .شۇڭا بەك كۆپ تالىشىپ ماۋۇ تېمىغا دەخلى قىلمايلى .بىر-بىرڭلارنى كەچۈرىۋېتىڭلار ماندا

UID
35567
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 16:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسلى توختىغان تىمىكەن ، ئوتنى چوخچىلاپ قويمىغاندىمە-ھە
ئاۋىيا سالامنى ئۇتۇپ قاپتىمە ،ئەمدى بولسىمۇ بىجا كەلتۈرەي ،جەنۇپقا سالام !شىمالغا سالام! شەرققە سالام!
قەشقەرنىڭ غەربىدە تاغ باكەن ،شۇڭا ئۇ تەرەپكە سالام يوق.
بۇ تېمىنىمۇ خۇلاسە قىلىدىغان يېرىگە كەپ قاپتۇ . ''بىر چوڭنىڭ ،بىر كىچىكنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باق'' دەپتىكەن .چوڭلار دەيدىغىنىنى دەپ بوپتۇ ،ئەمدى بىز دەيلى .
ياپۇنلاردا ''ئوقۇتقۇچىغا بىر تازىم ،كارخانىچىغا مىڭ تازىم'' دەيدىغان ماقال بارمىش دەپ ئاڭلاپ ياپۇنلۇقلارغا مەسلىكىم كەلگەن .بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سەۋەپ بار .مەنمۇ ئىلگىرىكى زامانلاردا بىلىپ-بىلمەي ئىختىزاد كەسپى ئوقىغان .شۇڭلاشقىمىكىن ،بۇ ماقال ماڭا خېلى خاسەيەتلىك تۇيۇلغان .''ھازىرچۇ؟'' دەپ سورايدىغىنىڭلا ئېنىق ،جاۋابىم يەنىلا شۇ .
«شىنجاڭ مەدەنىيتى»نىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا «كارخانىنىڭ قۇدرىتى» دەپ ماقالە يېزىلىپتۇ ،ئاساسى گەپ يەنە شۇ .ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچا ھازىر دۇنيادىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ 80% ئى كارخانىلاردا ئىشلەۋېتىپتۇ .نوپۇزلۇق ژورنالغا چىققاندىكىن بۇ ساننى ئىشەنچلىك دەپ قارىدىم .بۇ ئاجايىپ يوغان سان .شۇنچە جىق ئادەمنى بىقىش ھىچقانداق بىر ھۆكىمەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ،پەقەت اللە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئادەملەر قۇرغان كارخانىلارلا شۇنچە كۆپ  ئىش پۇرسىتى يارىتىپ ،شۇلار ئارقىلىق شۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ،دۆلىتىنى بېقىۋاتىدۇ .
گەپ بىز ئۇيغۇرلار ئۇستىدە بولغاندىكلىن بىزمۇ قايتىپ كىلىلى مەخسەتكە .ھازىر بىر ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن كارخانىچىلار بارلىغىدىن ھىچقايسىمىز گۇمان قىلمايمىز .بۇنىڭ ئىچىدە بەزىسى كەسىپ كارخانىلىرى ،بەزىسى ھاممال كارخانىلار ،يەنە بەزىلەر پۇرسەت كارخانىلىرى .
1.كەسىپ كارخانىلىرى (实体企业)مەسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدۇ ،ساتىدۇ ،خام ئەشيا سېتىۋالىدۇ ...ئۈزلىكسىز ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتالايدۇ ،بايلىقنى خەلىقتىن يىغىپ خەلىققە قايتۇرالايدۇ .بۇنداق كارخانىلار مىللەتنىڭ بايلىغى ،كارخانىچىلار مىللەتنىڭ پەخرى .
2.ھاممال كارخانىلار باشقىلار ئىشلەپ چىقارغان مەسۇلاتنى يۆتكەپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .كۆپرەك باشقىلارنىڭ مېلىنى ئۆز تەۋەسىدە سېتىپ كەسىپ كارخانىلىرىغا زەربە بىرىدۇ .ئۆز رايۇن ئىختىزادىغا بەلگۈلۈك پاسسسىپ تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ ،ئۆز رايۇن كارخانىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ،ھەتتا  ئۆز رايۇن كارخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىيالايدۇ ،بايلىقنىڭ سىرىتقا ئېقىشىنى تىزلىتىپ ئۆز رايۇن ئىگىلىگىنى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا قىستايدۇ .لىكىن مۇئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلىپ ،مەلۇم ئىش ئورنى پۇرسىتى يارىتالايدۇ .شۇڭا بۇلارنىمۇ تاشلىۋەتمەي كەسىپ ئىگىلىگى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يىتەكلەش كېرەك .
3.پۇرسەت كارخانىلىرى(ئۆزۈم قويغان نام) كەسىپ ،رايۇن تاللاپ ئولتۇرماي پۇل تېپىش پۇرسىتى ئىزلەيدۇ ،تىز مەبلەغ سېلىپ تىز يىغىشتۇرىدۇ .كۆمۈر پۇل بولسا كۆمۈرچىلىك قىلىدۇ ،ئۆي-مۈلۈك پۇل بولسا ئۆي سالىدۇ ،ئاز-تولا ئىش پۇرسىتىمۇ يارىتىدۇ .بۇلارنىمۇ تاشلىۋەتمەت يىتەكلەش كىرەك .
  مەن بىلىدىغان ئارمان شىركىتى كەسىپ كارخانىسى ،خەلىقنىڭ بايلىغى .رادىل ئابلامۇ خەلىقنىڭ پەخرى .بۇ كارخانا ،بۇ كارخانىچى كەلگۈسىدە نۇرغۇن ياخىشى ئىشلارنى رۇياپقا چىقىرىدۇ .ھايات بولساڭلا كۆرىسىلەر .شۇڭا بىر بۇ كارخانىلارنى ،كارخانىچىلارنى قوللىشىمىز كىرەك !
  بىزدە ياپۇنلارغا ئوخشاش تازىم قىلىدىغان ئادەت بولمىغاندىكىن چىن يۈرىگىمىزدىن سالام يوللايلى ،
    رادىل ئابلا ئەپەندى قاتارلىق كارخانىچىلارغا مىڭ سالام !
    ھەر خىل ئاچىق-چۈچۈك ،قاتتىق-قۇرۇق گەپ-سۆز ،يالت-يۇلت ئوت-چاقماقلارنىڭ چىقىشىنى بىلىپ تۇرسىمۇ  ،رادىل ئابلا ئەپەندى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،ئەڭ سەمىمى تەكلىپ نىيەتلىرىنى دادىل ،مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇمىدلىك قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرزادە (ئۆزباش)قا ھەم  مىڭ سالام !
  ئادەم دىگەندە سەپرا دەيدىغان ماددا بار .بۇ ماددا باشقا چىقىپ نىرۋىنى غىدىقلىسا ھەرقانداق ئادەم ئاچچىقلىنىدۇ ،كىسىلىدۇ ،بوغۇلىدۇ .شۇ ئەسنادا بەزى قوپال سۆزلەر ئاغزىدىن چىقىپ قالىدۇ ،بۇ ئىنسانچىلىق .بەلكىم شەيتان تىرىكمەي ،زىرىكمەي ئادەمنى يامان يولغا دەۋەت قىلىشى مۈمكىن .شۇڭا ئۇ ئۇنى دىدى ،بۇ بۇنى دىدى ...دەپ ئوت قويۇشمايلى ،باشقىلارنىڭ سەمىمىيتىگە ''داغ''لىق كۆزدە قارىمايلى .
  بىز قايسى زاماندا مەدەنىيەت دەۋرىگە كىردۇق ،بۇ توغرىدا گەپ جىق .شۇندىمۇ «ئارسىلان خانلىغى(قاراخانىلارخانلىغى)» دەۋرىدە مەدەنىيتىمىزنىڭ يۇكسەك بىر چوقا ياراتقانلىغىدىن گۇمان قىلمايمىز .شۇ دەۋىردىن باشلىغاندىمۇ بىزدىن ھەر يۈز يىلدا 100 لەرچە داڭلىق ئولىما ،ئەدىپ ،شائىرلار چىقىپ تۇرغاندۇ . ئۇلارنىڭ كۆپى مال غېمىدە ،شۆھرەت غېمىدە بولغاندۇ بەلكىم ،زامانىمىزغا بەك ئاز ساندىكىلىرىنىڭ نامى ۋە ئەسىرى يىتىپ كەلدى . خەلىقنىڭ غېمىنى قىلغانلارنىڭ نام -نىشانى زامانىمىزغا كىلەلىدى دەپ قارىدىم .شەيتان كەبى بىلىملىك ئالىملىرىمىزمۇ چىقتى ،چىقىدۇ ،بۇنلار نەپرەت دەرگاھىدىن ئورۇن ئالدۇ .ئاساسى گەپكە كەلسەك بىزدىن كاتتا ئولىمالار چىقتى ،كاتتائالىملار چىقتى ،كاتتا كاسىپلارمۇ چىقتى  ،شۇنچە غەيرەتلىك سىياسىئونلارمۇ چىقتى(ئەملىيەتتە سەئىدىيە خانلىغىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى ئىسمائىلخان تولىمۇ شىجائەتلىك كىش بولغان).لىكىن بۇلار جەميەتكە توغرا دىئاگۈنۈز قويالمىدى ،قويالىغان بولسىمۇ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تاپالمىدى .نەتىجىدە خەلق نادانلىق ،قاششاقلىق مۇھتاجلىقتىن قۇتىلالمىدى .
ئۇنداقتا ئۈمىت كىمدە ؟!
پەقەت اللە ئەڭ توغرا يول كۆرسەتكۈچى!
مىنىڭچە كارخانىچىلار ۋە جەميىتىمىزنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى ياللۇغ ،يارا ،راكلارغا دىيئاگۇنۇز قويىدىغان جەميەتشۇناسلار بىزنىڭ كەلگۈسى ئۇمىدىمىزدۇر بەلكىم .ئەلۋەتتە ھەر كەسىپ ،ھەر ساھە ئالىملىرى ئۈزۈلۈپ قالماسلىغى كىرەك ،بولمىسا ئۇچاق ياسايمىز دەپ ھارۋا ياساپ قالىمىز .
سۆزۈمنىڭ خۇلاسىسى:مۇشۇ يازما پارىڭىنىڭ تەنقىت قىلىنغۇچىسى بىلەن تەنقىت قىلغۇچىسى دىشۋارچىلىقتىن قۇتۇلىشىمىزنىڭ ئاساسى رولچىلىرى بولىشى مۈمكىن
ئەۋۋەل اللە!
ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك دەپتىكەن .مەنمۇ ئىقرار قىلاي ،يازمىلارنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن خېلى تىرىشتىميۇ لىكىن ھەمىمىنى تولۇق ئوقۇشقا ئىمكان بولمىدى .يەنە بىرى بەزى سۆزلىرىمدە خاتالىق بايقالسا كۆز قارىشى شۇنداقكەن دىيىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .يازمىدىن چەتنەپ مۇنازىرىنى بۇراپ يۇرمەيلى دىمەكچى .

UID
28934
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 23:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،زۇلپىقار ئەپەندى.    ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى  قالدۇرۇپ قويسىڭىز ،سورايدىغان سۇئال بار  ئىدى ~~رەھمەت~~

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش