ئىگىسى: uyghurzade

رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى تاۋلا !

UID
8802
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
978
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 09:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرزادە ئاكا، مەن «تېما بالدۇر يوللۇنۇپ قاپتۇ» دىگەندە، يېقىندىن بېرى ئاڭلاۋاتقان خۇش خەۋەرلەرنىڭ يىغىندى تەسىرىنى بەكرەك ئويلاشقان ئىدىم. بۇنى ئۆزەمچە فىزىكىدىكى رېزونانىس ھادىسىسىگە تەدبىقلاپمۇ باققان ئىدىم. بۇ پەقەتلا مەندىكى بىر ئەندىشە ئىدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىشلارنىڭ ياخشىلىققا يۈزلىنىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمەن.

مەن سىزنى گۈلەن ئاكىغا سېلىشتۇرىۋاتقىنىم يوق، «كاللا سوقاشتۇرۇش»دىگەننىغۇ ئەسلا ئويلاپ باقمىدىم، بۇنى بەكلا خاتا چۈشىنىۋاپسىز، مەن دىگەن گەپنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاڭ، ئازراقمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتمەڭ. سىزنى بەك ھۆرمەتلىگەچكە، يازمىلرىڭىزنى ئىزچىل ئوقۇپ كېلىۋاتقاچقا سەمىمىيىتىم بىلەن شۇنداق يازغان ئىدىم. پىتنە بولمىسۇن، يوق ئىشلارنى سۆرەپ كىرىشتىن ساقلىنايلى. ئەمدى پىكرىڭىزنى چاچماي.
ئاخىرىغا يازغان ئىنكاسلىرىڭىزدىن تېخى ئۇنتۇلمىغان مېھىرنىڭ ھارارىتىنى سېزىپ تۇرۇپتىمەن، باش تېما بىلەن يانداشقان مەزمۇنلارغا بەكرەك قىزىقىۋاتىمەن.

باھا سۆز

riyasatqi  مەنمۇ سزدەك خيالدا بولغان  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 20:55:13

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 09:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مەرى دوگلاسقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىگە ئاساس سالغان فرانسىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركايىم(1858-1917)ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە يۈز نەچچە يىلدىن بېرى تەسىرىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان «دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»، «ئۆلۈۋېلىش» قاتارلىق مەشھۇر ئىلمىي ئەسەرلىرىدە ئىمان، دىن، ئەقىدە ۋە ئەخلاقنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئېمىل دۇركايىمنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق جەمئىيەتتە مۇقەددەس سىمۋوللار بىلەن چەكلەنگەن نەرسىلەر ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ، «بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ، ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ.» (ئېمىل دۇركايىم، 422:1968)         
          بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز بۇنداق ئشىلارنى ئاقلاپ «ئۇنداق قىلسا نېمە بوپتۇ؟ ھاراق-تامكا قويسا نېمە بوپتۇ؟ ئارمان كەمپۈتلىرىنى ئىچكىردە ئشىلەتسە نېمە بوپتۇ؟ »دېيىشى مۇمكىن.دېمىسمۇ يېقىنقى يىللاردا  ئۇيغۇرنىڭ قىممەت قارىشىدا ئەسلىدىنلا ھار ئېلىنىدىغان، يەكلىنىدىغان ئشىلار  بىر مۇنچىلىغان كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلاپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئىجتىمائى ئىنكاس ئىقتىدارى ئۆلگەن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا نېمە خىرىسلارنىڭ يېتىۋاتقانلىقىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر ئىجتىمائىي توپنى بارلىققا كەلتۈردى. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئەسلىدە ھار ئېلىنىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى چاڭلاشتۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكى، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغانلىقىنى تۇيۇمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىق پەيدا بولدى. بۇنى تەنقىدلىمەي بولمايدۇ.مىلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بېيىغان بىر كارىخانىچى  مىللەتنىڭ مەدنىيەت كودلىرىغا تاقىشىدىغان ئشىلاردا ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتكەن نەتىجىسى ۋە كۈتمىگەن نەتىجىسىنىمۇ تەڭ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك ئىدى.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 09:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        دېسىمۇ بۇ يالغۇز بىر رادىل ئابلالا دىققەت قىلمىغان  مەسىلە  ئەمەس. مەسلىنىڭ يىلىتزى چوڭقۇر يەردە. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەيدا بولۇۋاتقان بىنورماللىقلار ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىلىق، شەھەرلىشىش مۇساپىسى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ماسلىشالماسلىق ھادىسىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سەۋەبى، تېخىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۇتى زامانىۋىلىقتا، يەنە بىر پۇتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە. بىز ئۆمەرجان ئىمىننىڭ «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ناملىق كىتابىدا يېزىلغان ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن شەھەر تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز.
        بۇنداق دېسەم بەزىلەر يەنە «زامانۋىلىق داۋامىدا بۇنداق مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، تەرەققىيات دېگەن شۇ » دېگەن جاۋابنى بېرىشى مۇمكىىن؟ نېمىسى تەرەققىيات؟ نېمىسى زامانۋىلىق؟ بىزنىڭ زامانۋىلىق چۈشەنچىمىز خاتا. بىزنىڭ قوبۇل قىلغانلىرىمىز غەرب زامانۋلىقنىڭ ئەخلەتلىرىدۇر. بۇنداق ئەخلەتلەر ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى بۇلغىماقتا.    ئامېرىكىدىكى ھىندى قان سىستېمىسىدىن بولغان مەشھۇر مەدەنىيەت تەنقىدچىسى ئارجۇن ئاپپادۇراي(1949,Arjun Appadaurai) ئۆزىنىڭ «زامانىۋىلىقنىڭ تەسىرى» ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدا: «يەر شارىلىشىش مۇساپىسى زامانىۋىلىقنى يېڭىچە تۈسكە ئىگە قىلدى؛ يېڭىچە ئالاقە شەكىللىرى، يېڭىچە ياشاش ئۇسۇللىرى، يېڭى كىيىم ۋە يېڭى ئىستېمال شەكىللىرى ئومۇملاشتى. تەرەققىي تاپمىغان ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت كىشىلىرى زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشەندى» دەپ يازىدۇ(ئارجۇن ئاپپادۇراي،  1996).رادىل ئابلادەك كىشىلەر ئەسلى باش بولۇپ بۇنداق ئشىلاردا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.


ئۆزىمىز بىلىپ- بىلمەي كۆنگەن خاتالىقلارغا سوئال قويۇش- بىزگە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ئىش ۋە ھادىسىلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغان بىر كۆز ئاتا قىلىدۇ. شۇناقلا « توغرا ، ھەيران قارىغۇچىلىكى يوق»  دەپ قاراپ كۆنۈپ كەتكەن ھەرىكەت ئەندىزىسىدىن، ئادەت چەمبىرىكىدىن تاشقىرىغا يېڭىچە نەزەردە قاراشتا لازىم بولىدىغان ئاشۇنداق بىر كۆزنى يېتىلدۈرۈشتە بىز مەدەنىيەت جەمئيەتشۇناسلىقىدىكى بىلىش نەتجىلىرىگە موھتاج بولىمىز.
        رادىل ئابلا تىجارەت داۋامىدا پەرھىزلەرگە، مەدەنىيەت كودلىرىغا سەل قاراشنىڭ نېمشىقا كىچىك ئىش ئەمەسلىكى ھەققىدە يەنە ئىزدىنىپ باقسا ئويلىنىپ باقسا دېگەن ئۈمىدتەمىز.

باھا سۆز

riyasatqi  راستنلا ياخشي پكر بوپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 20:56:31

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 09:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا يېڭى ئۇچۇرلارغا، يېڭى بىلىملەرگە قىزىقىدىغان بالىلار كۆپ. شۇلارنى پايلانسۇن دەپ، بەزى ئۇچۇرلارنىىڭ ئەسلسىدىن ئۈچۇر بەردىم ۋە بىر قىسىم بىلىش نەتجىلىرىدىن نەقىل ئالدىم.

UID
11394
يازما
114
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2094
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يازىدىغانلار،پىكىر قاتناشتۇرىدىغانلار بىر ئاز تەخىرقىلىپ تۇرساڭلارمۇ كىچىكمەيتىڭلار،ئالدىبىلەن ئاپتۇر ئوز ئەسىرىنى تۇلۇق يىزىۋالسۇن،شۇڭغىچە ساقلاپ تۇرۇپ ئڭىنكاسلارنى بىراقلا ئوتتۇرغا كويساك ياخشى بۇلىدۇ.

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى تاۋلا !

UID
8802
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
978
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:28:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       كەينىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ تەشۋىشلىرىم ئوبدانلا پەسىيىپ قالدى... خېلى گەپلەر تېشىلىپتۇ، تۈگىنى خەيرلىك بولغاي.
      مانا سەۋلەتبەگ ئاكىمۇ كەلدى. ئەلكۈيىدە تۈزۈك مۇنازىرە بولمىغىلى ئۇزۇن بولغان، بۇ تېمىدا ئىلگىرىكى سەرخىل مۇنازىرىلەرگە ئوخشاش ھەممىمىزگە پايدىسى تېگىدىغان ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولسا ياسىنجان ئاكا، قارابەگ، كۆيگەن دېڭىز ۋە باشقا پىكرى ئۆتكۈر ئاكا، ئۇستازلارمۇ بۇ مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلسىكەن.
      باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىغا ئازتولا كۆز-قۇلاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەندەك ئىنكاس ئوقۇيدىغانلارمۇ پۈچەك ئىنكاس يازماي جىم ئولتۇرۇپ، مۇنازىرە ئىزچىللىقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى.
      

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئانچە بەك ئەستايىدىل ئوقۇپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۇيغۇرزادىنىڭ بىر كىملەرنى تەنقىدلىگەندە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقى ، قانداق كىشىلەرنى تاللىۋالىدىغانلىقى 5 قولدەك ئايان بولۇپ كەتكەن مەسىلە. ئۇنىڭ بىر شائىرنى، بىر يازغۇچىنى ۋە بىر كارخانىچىنى تەنقىدلىشىشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ئالدى بىلەن ئېمىل دۇركايىم، ئېدۋارد سەئىدنىڭ كىتابىدىكى «تازنىڭ تۆمۈر تاغىقى» گېپىنى بىر مىسالغا ئېلىۋېتىدۇ-دە، بىر ئاي كاسىلداپ ئاخىرى، مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدايلى، مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزنى قوغدايلى دېگەن بىر ئېغىز شۇئارغىلا مەركەزلىشىدۇ. ئۇيغۇرزادە ھازىرغىچە قاتتىق كۈچەپ، نۇرغۇن ئادەمنى تالاپ، كۆڭلىنى زېدىلىگەن گەپلىرىدىن كېيىن يۈزىنى شوخلىدەك قىلىپ يېنىۋالمىسا ئۇ بىر ئۆمۈر باشقا گەپ قىلالمايدۇ. باشقا گەپنى دېيەلەيدۇ، دېسە پەقەت نەقىل ئالىدىغان چەتئەل كىشى ئىسىملىرىلا ئالمىشىدۇ خالاس.  ئەسلىدە ئۇ بىر ئىشنى خاتا قىلغان، ئاسسىمىلاتسىيەلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىللىي كىملىكنى قوغداش توغرىلىق چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى مىسالغا ئالمىسىمۇ ئۇيغۇر ۋە جۇڭگودا ئۇ مىسالغا ئالسا تاغدەك يېتىپ ئاشىدىغان سۆز ۋە مىساللار ناھىيىتى كۆپ ئىدى. شۇنداق قىلسا ئۇ ئاندىن مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ، ئۇيغۇرنى كونكىرىتنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا ئاز-تولا سالاھىيەت ھازىرلىغان بولاتتى. بىزدە ئۇنداق مىسالغا ئالغۇدەك دانىشمەنلىرىمىز يوق، شۇڭا مەن چەتئەللىكنىلا مىسالغا ئالىمەن دەپ تۇرىۋالسا ئۇنداقتا ئۇ بىزنىڭ دانىشمەنلىرىمىزنى، ئۆزى كۈچەپ قوغداۋاتقان  مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولىدۇ. شۇغىنىسى، بىزنىڭ مىللىتىمىز تارىختىن بۇيان مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدىنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ناھىيىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى، بۇ بارىسىدا يەكۈنلەنگەن ھېكمەت(نەزىرىيە)لەر ناھىيىتى نۇرغۇن. ئۇيغۇرزادە ھېچبولمىسا دىن ۋە ئۆرپ ئادىتىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن مىسالغا ئېلىشقا قېرىقلىق قىلسىمۇ، ھېچبولمىسا تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن جياڭ زېمىننىڭ نىمىشقا «3كە ۋەكىللىك قىلىش» نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش چۈشەنچىسىدىن مىسالغا ئالسىمۇ بۇ مەقسەتكە تامامەن يېتەلەيتتى. ئۇمۇ بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ چوڭلىرى دېگەن گەپلەردىنمۇ تاغدەك مىساللار تېپىلاتتى. لېكىن ئۇ ئېمىل دۇركايىم بىلەن ئېدۋارد سەئىد دېگەن كىشى ئىسىملىرىغا ئۆلگۈدەك ئاشىق. بۇ كىشى ئىسىملىرىدىن ۋاز كېچىشنى ئۇ ئاسانلىقچە خالىمايدۇ، خۇددى رادىل ئابلا ئەپەندى ھاراقنىڭ پايدىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچىشنى خالىمىغاندەك.

يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇيغۇرزادە تەنقىدچىلىكتە دەسلەپتىلا ئۆز- ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چۈشەپ بىر شاتۇتىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلىق «ئالىم». ئۇ ئەمدى باشقا گەپ قىلالمايدىغان، باشقا گەپ قىلسا ئۆز- ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان زىددىيەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتتى.
«مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدايلى»، «مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزنى قوغدايلى____ مانا بۇ ئۇيغۇرزادىنىڭ بىر ئۆمۈر كاپشىشتا تاللىۋالغان بىردىن-بىر يولى.
لېكىن ئۇيغۇرزادە بۇ چىرايلىق گەپنى ھەرگىزمۇ ئىللىق، دوستانە كەيپىياتتا دېمەيدۇ، ئۇ بىر خىل قاتتىق مەدەنىيەت قورۇمىچىلىقىنى تاللىۋالغان، گېپىنى ھەمىشە بىر خىل ۋەھىمىلىك تەلەپپۇزدا ، سەزگۈرلىكى قاتتىق ئېشىپ كەتكەن ھولولوپتەك، كىچىككىنە شامال تەگسە قاقشاپ كېتىدىغان ھولولوپتەك دەيدۇ.
يۇقۇرىدا بىر ئاغىينىمىز ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بىكاردىن-بىكارغا گۈلەنگە ئوخشاتمىغان. ئۇنىڭ نەزىرىيىۋى ئېڭى بىلەن كەيپىياتىدىكى چوڭقۇر زىددىيەتلەرنى ناھىيىتى ئوبدان ھىس قىلغاچقا شۇ گەپنى دەپتۇ.
ئۇيغۇرزادە تەشەببۇس قىلىۋاتقان مىللىيلىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىر خىل تۇرغۇن، ئۆزگەرمەس، قاتتىق مەدەنىيەتتۇر. ئەمما جاھان بۇنىڭغا باقمايدۇ.  جاھاننىڭ تەرەققىياتى بارا-بارا يۇمشاشقا قاراپ ماڭىدۇ. 100 يىل ئالدىدىكى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى مەدەنىيەتنى سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟
ئوبدان قارىساق نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنىڭ دەسسەۋاتقىنىنى رۆشەن دەرىجىدە ھىس قىلىمىز. دېمەك بۇنى بىز يۇمشاش دەيمىز. تارىخىي ئەمىلىيەتلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەدەنىيەتنى تۇرغۇن ھالەتتە ھىس قىلىۋالغانلىق بۇ شۇ كىشىنىڭ پەقەت ئېڭىدىكى بىر خاتا چۈشەنچە. جاھان بۇنىڭغا باقماي يۇمشاپ مېڭىۋېرىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت كوللېكتىپ ئېڭىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشىدۇر. بۇ يۆلۈنۈشنى مۇستەبىتلەر، جاھىل رادىكاللار بىر مەزگىل تۇرمۇزلاپ تۇرۇشقا يارىسىمۇ، ئەمما ناھىيىتى تېزلىكتە كوللېكتىپ ئاڭنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشى تەرىپىدىن يىمىرىپ تاشلىنىدۇ. يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئەرەپ ئەللىرى كىرىزىسى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
ھازىر ئۇيغۇردا يالقۇن روزى بىلەن ئۇيغۇرزادە قاتارلىق ئىككى زىيالىي دەل قاتتىق مەدەنىيەت قورۇمىچىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قانچىلىك كۆپ بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ خىل قورۇمىچىلىقتىن ھېچقانداق ئېنېرگىيە ھاسىل بولمايدۇ. كوللېكتىپ ئاڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشىدە بۇنداق قاقشاشلارغا پەرۋا قىلماي ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىدۇ.

باھا سۆز

koygandengiz  نوپۇزلۇقلارنى «تىللاش » قىمۇ قانچىلىك جۈرئەت سەۋىيە كېتىدۇ، بىلىدىغانسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:18:23

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 13:05:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ تەنقىدنى قانداق يوسۇندا قوبۇل قىلىش مەدەنىيىتى تۈزۈك شەكىللەنمىگەن ئاساستا ئۇيغۇرزادىنىڭ ئاتاقلىق كارخاچىمىز رادىل ئابلانى تەنقىد قىلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نامىغا كاپىتال سېلىش، ئاز-تولا قەلەم ھەققىگە ئېرىشىشكە ئالدىراشتىن باشقا ھېچقانداق ئىجابىي رولى يوق. ئۇنىڭ سەلبىي رولى، مەدەنىيەت ئىكىئولوگىيىسى تولىمۇ يېتىلمىگەن جەمىيىتىمىزدە پارتلاش خارەكتىرلىك پىتنە- پاساتنى پەيدا قىلىپ، مۇبالىغە قىلىنغان ئىستىمالدىن ھۈركۈش دولقۇنىنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇنداق گەپنى ئەسلىدە يۇقۇرىدا بىر تورداش ئېيتقاندەك رادىل ئابلانىڭ ئۆزىگە يېپىق خەت شەكلىدە دېسىمۇ بولاتتى. بولۇپمۇ، رادىل ئەپەندى، ئەشۇنداق يېپىق شەكىلدىكى پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىپ ھاراقنى ئاللىقاچان يوقاتقان شارائىتتا.
مىللىي كارخانىلىرىمىز تەرەققىياتىنىڭ پايدىلىق ۋەزىيەتتىكى چوڭ ئومۇملىقى ئالدىدا بۇرۇنقىنى سازايى قىلىش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ پىتنە-پاساتقا تۇترۇق بولۇشقىمۇ؟......

ئاندىن يەنە بىر گەپ. تەرەققىيات چۈشەنچىسى ھەققىدە. تەرەققىيات چۈشەنچىسى ناھىيىتى كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچە. ئۇنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس چۈشىنىدۇ. دىنىي مۇخلىسلار تەرەققىياتتا دىنغا مەركەزلىشىدۇ. ئەدەبىياتچىلار ئەدەبىياتىمىزنى تەرەققى قىلسا بولاتتى دەيدۇ، ھەممە كەسپ ۋە ساھە تەرەققىياتتا ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان ساھەگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. رادىل ئابلانىڭ تەرەققىياتنى ئىقتىسادقا باغلىشى مۇشۇنچىلىك ئاددىي بىر گەپ. رادىل ئابلا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى دېمىگەن بولسا باشقا ساھەدىكىلەر دەپ بۇنى تولۇقلايدۇ. ئۇنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ »رادىل ئابلانىڭ بۇ گېپى جەمىيەتتە زور مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ' دەپ بۇنداق جياڭ چىڭچە ئىنقىلابىي تەنقىدلەپ كېتىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادنىڭ ماددىي شەكلى پۇل بولسىمۇ ئەمما مەۋھۇم شەكلى ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇل بولسا ماددىيلىقمۇ، مەنىۋىلىكمۇ بىر-بىرىنى شەرت قىلىپ ئۆسىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدە پۇل كۆپ بولغاچقا خەلقنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋاتىدىغۇ...نورمال بىر گەپلەرنى ئۇنچىۋالا ئىنقىلاۋى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈاپ چۆچۈپ كېتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟

باھا سۆز

suchi  بۇرادەر،ئۇيغۇرزادە ھىچ بىر چۆچۈپ كەتكەندەك ئەمەسقۇ؟!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 17:20:04
ئىلقۇت  پۇلغا زىيادە چوقۇنۇش ئانچە توغرا ئەمەس....  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 19:27:03

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 13:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ھازىر پىكىر قاتناشتۇرۇشۇمدا بەلگىلىك سەۋەپ بار:
1- پەقەت بۈگۈنلا ۋاختىم چىقتى، كېيىن ۋاختىم چىقىدىغان- چىقمايدىغىنىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن، چۈنكى بۇنىڭدىن ئەھمىيەتلىك نۇرغۇن ئىشلار ساقلاپ تۇرماقتا.
2- ئۇيغۇرزادىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى ماڭا 5 قولدەك ئايان، چۈنكى ئۇنىڭ پىكىر يۆنۈلىشى ناھىيىتى ئايدىڭ بولۇپ كەتكەن مەسىلە.

باھا سۆز

shoruq  تەنقىدنى ئادەمگە قاراتماي، ئۇنىڭ پىكىرىگە قاراتسىڭىز توغرا بولاتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 22:37:02
uyghurkokbora  سىز بۇ تورغاپەقەت ئۇيغۇرزادەنى تەنقىتلەش مەقسىتىدە تورغا ئەزا بولغاندەك!  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 15:28:18
riyasatqi  ىەجەب كۇلكلڭ پكر كەن بۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 21:00:34

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 13:42:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زادە بۇرادەرمۇنبەرگە چىققاندىن بىرى يازمىلىرىمۇ سەرخىللىشىپ خىلى تەسىر دائىرىسى ئوقۇرمىنى بار،تور ئەھلىگە ئايلاندى. مەنغۇ بىر ئاددىي ئوقۇرمەن بەلكىم ئۇيغۇر زادە ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى توغرىسىدا پىكىر قاتناشتۇرۇش سالاھىتىممۇ يۇق بۇلىشى مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ مۇنبەر  ، بۇلۇپمۇ كومپىيتۇردىكى مۇنبەر بىزدەك ئاددىي ئۇقۇرمەنلەرگىمۇ سۆز قىلىش پىكىر قاتناشتۇرۇش پۇرسىتىنى ھازىرلاپ بەردى. دىمەك بۇمۇ بىر تىپىلغۇسىز ئۇگۇنۇش پۇرسىتى.
ئۇيغۇر زادە بۇرادەر چەت يۇتلاردا جەمىيەتشۇناسلىق توغرىسىدا تەلىم ئالىدىكەن.نۇرغۇن ئەھلى ئىلىملارنىڭ قاراشلىرىنى ئىزچىل تورداشلار بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. مىنىڭچە بۇمۇ ياخشى، يىڭىلىق ، يىڭىچە ئىدىيلەر بىر قەۋىمنىڭ ياشاش تۇنۇش سەپىرىنى مۇھىم ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.يىڭىلىق ئارقىلىق چوڭىيىدۇ. ئەرەپ ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئابدۇل ۋاھابنىڭ يىڭىچە پىكىر ئىقىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تارىختىمۇ نۇرغۇن زۇرايغان تەرەققى قىلغان ئەللەر نىڭ ئىنقىلاپ خاراكتىردىكى يىڭىلىققا كۆچۇش ئەھۋالاتلىرى قەيىت قىلىنغان.يىڭىلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ئىجاد قىلىپ بۇلالمايمىز. سىرىتنىڭكىنىمۇ قۇبۇل قىلىدىغان گەپ. مەنغۇ چەتئەللەرنى كۇرۇپ باقمىغان. شۇنداقتىمۇ چەتئەللەرنىڭ جۇملىدىن چەتئەللەردىكى ئۇلىمالەرنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى دىگەنلىرىنى ھەممىسىنى توغرا دىيىشكە سەل تىلىم بارمايدۇ.
نەزىريە تەتقىقاتنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بۇلىشى ناتايىن.نەزەريە تەتقىقات بىلىش تۇپراق خۇسيەتتە بۇلۇپ ، ئىتىزدا بوغداي بىلەن ئوت چۆپ تەڭ ئۆسكەندەك، قاندىغىغا شارائىت بولسا شۇندىقىنى ئۆستۇرىۋىرىدۇ.گەپ بىزنىڭ بوغداينى قالدۇرۇپ ئوت چۆپنى ئوتاشتا. ئۇيغۇر زادە ئەپەندىم تۇنۇشتۇرغان  نۇرغۇن چەت قاراشلارنىڭ بەزىسى شۇ ئۇلىمالارنىڭ تەسەۋۋۇرى بۇلىشىمۇ ، ئەمىلىيەتتىن ئۆتمىگەن تەرەپلىرىنىڭمۇبارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ھەم بۇلمايدۇ. سىناق ئىتىزى بۇلىۋەرسەكمۇ بولماس.بەلكىم نەچچىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىلىكى ئوقۇمايدۇ.بۇنداق ئەمىلىيەتتىن ئۆتمىگەن قاراشلارنىڭ پايدازىيىنى ئىنىق ئەمەس.ئۇنىڭ ئۇستىگە دۇنيا ھەرخىل مەدىنىيەت ئىلمىنىتلىرىدىن تەيىن تاپقىنىغا ئوخشاش مىجەز خۇي پەيلىمىزمۇ ئۇدۇل كەلمەيدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىنىڭ ئەمىلىيتىمىزنىڭ ئاساس بۇلىشى باشقىلىرى قۇشۇمچەبۇلىشى زۇرۇل.بەزى سۆزلەر ئاڭلىماققا توغرا بىراق توغرا سۆزلەرنىڭ توغرا قاراشلارنىڭ ئەمىلىيەتتە توغرا نەتىجەبىلەن خۇلاسىلىنىشى ناتايىن.مەسلەن ئۆزلۇك توغرىسىدىكى بايانلارنى ئالساق،ئەمىلىيەتتە ئۆزلۇك دىگىنى تەقۋادارلىقىنى يىتەكچى قىلغانلارنىڭ دۇنيانى تەرىك ئىتىپ، كۇندە نەچچە مىڭ ئوقۇپ،روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىپ يىتىدىغان بىر ماقامى، سىھىرلىك تۇسكە ئىگە.ئۆزلۇك توغرىسىدا نەچچە توم كىتاپ يازساقمۇ ، ئەمىلىيەتتىكى  ئۆزلۇكنىڭ قىشىغا يىقىن كەلمەيدۇ. قارغاندا ياپۇن بۇددىسىتلىرى بەك داڭلاپ تەتقىق قىلدىغان چىغى.چۇشۇنۇكسىز غەلىتە يىشىمى يوق بولغاچ، شۇڭا بەك تەتىقىق قىلىشىدۇ. شۇ ڭا ھازىرغا كەلگۇچىلىك ئۆزلۇك توغرىسىدا ئىنىق بىر مەلۇمات يوق.
ئۇيغۇر زادە ئەپەندىم نازۇك تىمىلارنى ئوپراتسە قىلىشقا بەك ئالدىرايدىكەن.بۇنىڭدا كۆزنىڭ چاپىقىنى ئادالايمەن دەپ قارغۇقىلىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش بەكمۇ مۇھىم. مەسلەن؛ قەلەم سەركە ھىدايەت دىگەن بىر ئەسىرى بۇلىدىغان ئالىملىرىمىز خەلىق ئىچىدە تەسىرى بار ئۇمۇملاشقان سەرخىللىرىمىزنى مەدىنىيەت نوختىسىدا تۇرۇپ ئەيىپىنى بويايدىغان، ياكى تۇخۇمدىن تۇك ئۇندۇردىغان. ئىنسان بەرگەن نىممەتتىن سورىلىدۇ. ئالىم بولسا ئىلمىدىن.باي بولسا بايلىقىدىن، بۇنىڭغا قۇيىلدىغان ئۆلچەم ئوخشىمايدۇ.نۇرغۇن تەقۋادارلىرىمىز بار . مۇسۇلمان تۇرۇپ ئىختىلاپ قىلىشىدۇ، تەپرىقچىلىق قىلىشىدۇ.بىر پائىشە ئىتنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغانلىقى ئۇچۇن جەننەت بولغان بولسا، بىرسى ئىبادىتىگە ئىشىنىپ ، مۇشۇكىنى باغلاپ قويغاچقا دوۋزەخ ھۆكۇمىدە بولغان.دىمەك قانداق ئادەم بولسۇن ئۆزىگە بىرىلگەن قىممەتتىن سۇئال قىلىنىدۇ. پەزىلەت بىلەن بىلىمنى ئۆلچىسەك،ياكى نەزىريە بىلەن ئەمىلىيەتنى ئۆلچىسەك ئاسان خاتالىق يۇزبىرىدۇ.
مۇشۇ تىمىمۇ شۇنداق ،رادىل ئابلا يەنى ئارمان شىركىتى ھازىر مىللىيچە كارخانا ، مىللىيچە ماركىنىڭ ئۆرنىكى . ئۆرنەك قىممىتى بارلارنى ماختاشقا بۇلىدىكى ئەيىپلەشكە بولمايدۇ. مەسلەن ئەيىپلەيلى قانداق ئاقىبەت چىقىدۇ. نۇرغۇنلار ئۇ ئۇنداقكەن بۇ مۇنداقكەن دەپ مىللىي مەسھۇلاتلارنى سىتىۋىلىشتىن يالتىيىدۇ.ئابدۇشۇشكۇر ئۇنداقكەن ، كىتاۋىمۇ شۇنداقتۇ دىيىشىپ ئوقۇمايدۇ.بۇ ئوڭ قۇۋۇرغىسىنى ئىلىپ سول بىقىنىغا سانجىشتىن بىلەك گەپ ئەمەس. ئەيىپىنى يۆگەپ داڭلىساقچۇ قانداق نەتىجە چىقا،نۇرغۇنلار ھالال يەيدۇ. ئۇگۇنىدۇ.
بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر زادە بۇرادەر جەمىيەتچىلىكتە نىمە دىمەكچىدۇ دەپ قارىسىڭىز. سىيىت نوچى تۇغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى كۇرۇپ باقسىڭىز ياردىمى بۇلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش