almas888 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 23:05 
تېما ئىگىسى ئۇيغۇرزادە بۇرادەرگە:
1.تېمىڭىزدا خېلى دەب ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرزادە ئاكا ! يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! بۇ بىر يىل ئىچىدە سىزنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزنى ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئائىلىڭىزنىڭ بەخت ئىچىدە گۈللىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن . يېڭى يىلنىڭ بېشىدىلا يېڭى پىكىرگە ئۈندەيدىغان بىر تېمىنى سۇنغىنىڭىزدىن بەك خوشال بولدۇم . بۇ تېمىدىكى مۇھاكىمىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمەن . تۈنۈگۈنلا بۇ تېمىنى كۆرگەن ئىدىم بىراق ھىلىقى تېمىدىكى ‹‹ئەيسا قەشقەر›› بىلەن تاكاللىشىمەن دەپ ئۇقۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم . ھازىرچە سىزگە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي ، قالغىنىنى يەنە ئىنكاس قىلىپ يازىمەن ئاللاھ خالىسا .
قېرىندىشىمىز ئالماس ئەپەندى !
سىزنىڭ تەنقىد ۋە پىكىر - تەكلىپ دىگەن ئۇقۇملارغا بولغان چۈشەنچىڭىز ئوبدانلا مۇجىمەلمۇ قانداق ؟ قاراپ باقايلى ماۋۇ گەپلىرىڭىزگە :
‹‹لوگىكا جەھەتتىن دەپ قاپسىز.ئەمما ئۆزىڭىز ئىشنىڭ بىسمىللاسىدىلا ئەجەللى لوگىكا خاتالىغىنى سادىر قىلىپسىز. تەنقىت بىلەن تەكلىپ -پىكىرنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلغايسىز.تەنقىت دىگەن دەرىجەياكى مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ دەرىجەياكى مەرتىۋىسى ئۆزىدىن تۆۋەن بولغانلارغا بولغان ئاغرىنىش ھىسىياتىدىن ئىبارەت،تەكلىپ -پىكىر دىگەن دەرىجەياكى مەرتىۋىسى ئۆزى بىلەن تەڭ ياكى ئۆزىدىن يۇقىرىلارغا نىسپەتەن ئارزۇ-ئۈمىت ھىسىياتىدىن ئىبارەت. ھىس قىلىشىمچە سىزنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز ھەرگىز رادىل ئەپەندىن كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن.دىمەك سىزنىڭ رادىل ئەپەندىگە تەنقىت بېرىش سالاھىيىتىڭىز يوق،پەقەت تەكلىپ -پىكىر بېرىش ھوقۇقىڭىز بار ›› . قېرىندىشىم ماۋۇ يازمىنى ياخشىراق ئوقۇپ بېقىپ يازدىڭىزمۇ ماۋۇ گەپلەرنى ياكى يازمىسىڭىز بولمايدىغاندەك ھېسسىياتتا يازدىڭىزمۇ ؟
‹‹ لوگىكا جەھەتتىن دەپ قاپسىز.ئەمما ئۆزىڭىز ئىشنىڭ بىسمىللاسىدىلا ئەجەللى لوگىكا خاتالىغىنى سادىر قىلىپسىز.›› دىسىڭىز تېخى مەن سىزنى‹‹ ۋوي ، ئەجەللىك دىگۈدەك قانداق لوگىكىلىق خاتالىقنى بايقاپ قالغاندۇ ؟ ›› دەپ ئويلاپ كېتىپتىكەنمەن كەينىدىنلا ‹‹تەنقىت دىگەن دەرىجەياكى مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ دەرىجەياكى مەرتىۋىسى ئۆزىدىن تۆۋەن بولغانلارغا بولغان ئاغرىنىش ھىسىياتىدىن ئىبارەت،تەكلىپ -پىكىر دىگەن دەرىجەياكى مەرتىۋىسى ئۆزى بىلەن تەڭ ياكى ئۆزىدىن يۇقىرىلارغا نىسپەتەن ئارزۇ-ئۈمىت ھىسىياتىدىن ئىبارەت.›› دەپ تەنقىد بىلەن تەكلىپ پىكىرنى ئىنسانلارنىڭ دەرىجە - مەرتىۋىسىگە باغلىۋىلىپ بۇنداق پۈچەكلەشتۈرىۋەتكىنىڭىزدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم ھەم كۈلۈپمۇ كەتتتىم . تەنقىد دىگەن سىزچە نوقۇل ھالدىكى ئاغرىنىش ھىسسىياتىمۇ ؟ يەنە كېلىپ نۇپۇزلۇقلارنىڭ ، قالپاقلىقلارنىڭ ، ئۆزىدىن ئاجىزلار ياكى يالاڭئاياقلارنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلىرىما خالاس ؟ تۆۋەن قاتلامدىكىلەر يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنى تەنقىد قىلالىسا گۇناھ ، چوقۇم يۇقىرى قاتلامدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ھەر نېمە دىيىشكە ھوقۇقلۇق بولامدۇ ؟ ( ئاغرىنىش ھېسسىياتى دېگىنىڭىز ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ ) ئاندىن تۆۋەن قاتلامدىكىلەرلا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرگە ئارزۇ - ئۈمىدىنى ئىپادىلەش ھېسسىياتىدا بولسا بولىدۇ ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە بۇنداق قىلسا بولمايدۇ ؟
ئاندىن يەنە سىز :‹‹ھىس قىلىشىمچە سىزنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز ھەرگىز رادىل ئەپەندىن كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن.دىمەك سىزنىڭ رادىل ئەپەندىگە تەنقىت بېرىش سالاھىيىتىڭىز يوق،پەقەت تەكلىپ -پىكىر بېرىش ھوقۇقىڭىز بار. ›› دەپسىز ، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ، سالمىقىنى ، رولىنى سىزچە كونكرېت ھالەتتە ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىكەندە ؟ شۇنداق ئۆلچەپ چىقالىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاندىن ئۇيغۇرزادىگە ‹‹ سېنىڭ تۆھپەڭ رادىل ئابلانىڭكىدىن ھەرگىز كۆپ ئەمەس ، شۇڭا سېنىڭ ئۇنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقۇڭ يوق پەقەت تەكلىپ - پىكىر بېرىش ھوقۇقۇڭ بار ›› بار ھۆكۈم پىچتىڭىزمۇ ؟ قېرىندىشىم ، سىزنىڭ تەنقىد ۋە پىكىر تەكلىپ دىگەن ئۇقۇملارغا بولغان چۈشەنچىڭىزدىلا ئەمەس ، شەخىس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ، زىيالىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ، ئەھمىيتى ۋە رولىغا بولغان چۈشەنچىلىرىڭىزدىمۇ يەتكۈچە زىددىيەت بار ئىكەن ، لوگىكىلىق خاتالىق ئۆتكۈزدى ، دىيىشكە توغرا كەلسە ئۇيغۇرزادىنى ئەمەس بۇ يەردە سىزنى مىسالغا ئېلىش كېرەك . ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن رادىل ئابلادەك باشلامچى كارخانىلارنى ئاچالىغان ئوغلانلارلا ئەمەس ، ئۇيغۇرزادىدەك شۇ باشلامچى كارخانا ۋە شۇنداق سەخىسلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى فۇنكىسىيەلىك ياكى كاتالىزاتورلۇق رولىنىڭ ئەھمىيتىنى جەمئىيەتشۇناسلارچە كۆزدە كۆزىتەلەيدىغان ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپلاشتۇرۇشقا ، توغرىلاشقا ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نەزەرىيەۋىي نۇقتىدىن پىكىر قىلىپ ياردەم بېرەلەيدىغان ئۇيغۇرزادىدەك ئوغلانلارمۇ كېرەك . شۇنداقلا مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرزادە رادىل ئابلادەك ئىزچىلارنىمۇ تەنقىد قىلالايدىغان ئادەمدۇر ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئېلىۋاتقان رولى ۋە تىرىشچانلىقلىرى ئۆزى گۇۋاھ . رادىل ئابلا ‹‹ ئارمان ›› بىلەنلا قانداقتۇر يۈكسەك بىر پەللىگە چىقىپ ئادەم ئەمەستۇر ، ئۇ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى كۆزلەيدىكەن ، ئىقتىسادىي ئاڭ بىلەن تەرەققىيات ئېڭىنىڭ ، ئوبيىكتىپ ئەمەلىيەت بىلەن ئۈمىد - غايىنىڭ دېئالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتە ، بىر تەرەپ قىلىشقا يەنىلا ئەمەلىي قىينچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن . سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ زىددىيەتلىك قارىشىغا تايىنىپلا ئۇيغۇرزادىگە پىكىر قىلىش ھوقۇقۇڭ يوق دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتكىنىڭىز بىلەن ئۇيغۇرزادە خۇددى سىزدەك سەكرەپ چىقىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن سەزگەندەكلا ماقالىنىڭ بېىشىدىلا كىشىلەرنىڭ نېمىشقا تەنقىدكە موھتاج بولىدىغانلىقىنى ، تەنقىد قىلىش زۆرۈرىيىتى پەيدا بولغان تۇرۇپمۇ تەنقىدتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ پۈچەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپتىكەن بولمىسا . ئۇيغۇرزادە رادىل ئابلانىڭ بىر سۆھبەتتە سۆزلىگەن نۇتقىغا ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىكىدىكى ‹‹ ئارمان ›› نىڭ 17 يىللىق ئەمەلىيىتىگە قاراپ ، ئۇ ۋە ئارماننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوينايدىغان ئاكتۇئال تەسىرىنى ، قىممىتىنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قاراشلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەكچى بوپتۇ ، قېرىندىشىم . باشقا يامان نىيىتى ئىنشائاللاھ يوقكەن . ئىشەنمىسىڭىز ئۇنىڭ مۇھاكىمىسىنى قايسى تارماقلار بويىچە داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ ، مانا :
‹‹ 1. ئىقىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن: رادىل ئابلانىڭ ئىقتساد قارارچىلىقغا ۋە تەرەققىيات چۈشەنچىسدىكى چولتىلىقلارغا تەنقىد؛
2. مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقسىدىن: رادىل ئابلا تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاقسۆڭ تۇرمۇش شەكلى چۈشەنچىسىگە ۋە رادىل ئابلانىڭ ئۇيغۇر مەدەنيىتىدىكى كۆرۈنمەس يوشۇرۇن كودلارنىڭ ، كوللكتىپ رىشتىىگە ۋەكىللىك قىلدىغان سىمۋول ھەققدىكى چۈشەنچە خاتالىقلىرىغا تەنقىد؛
3. سودا ئەخلاقى ۋە كارخانا مەدەنيىتى نۇقتىسىدىن: رادىل ئابلانىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە ئېيتقان گەپلىرى بىلەن ئەمەلىيىتى بىر يەردىن چىقمايۋاتقان تەرەپلەرگە تەنقىد؛
4. تونۇشلوگىيە ۋە لوگىكا نۇقتىسىدىن: رادىل ئابلانىڭ قيىنچلىق، بىلىم-پاراسەت قاتارلىق بىر قاتار چۈشەنچىلىرىگە تەنقىد.
5. خۇلاسە ئورنىدا : رادىل ئابلادىن نېمىلەرنى كۈتىمەن؟ ››
شۇڭا سىزنىڭ ماۋۇ ‹‹ جەمىيىتىمىز نوپۇزلۇق،ئابرويلۇق ،ماركىلىق كىشىلەرگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە،رادىل ئەپەندىگە بەك تەكلىپ -پىكىر بەرگىڭىز كېلىپ كەتسە ،ئاممىۋى سورۇندا دىمەي ،ئايرىم دىگەيسىز.كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز رادىل ئەپەندىن ئېشىپ كەتسە،ئىشەنچىم كامىلكى رادىل ئەپەندى ھەرقانداق سورۇندا تەنقىتىڭىزنى ئاقلاشقا تەييار.رادىل ئەپەندىمۇ سىزۋە بىزگەئوخشاش بىر ئادەم،ئۇششاق-چۈششەك خاتالىقلاردىن ساقلىنىشى تەس،بىز رادىل ئەپەندىنىڭ «سېغىزخاندىن ساق،پەرىشتىدىن پاك »بولۇشىنى تەلەپ قىلالمايمىز.شۇڭا سىزگە تەكلىپىم بۇندىن كېيىن بۇنداق «قاغا پۇتى»تەنقىتلەرنى يازمىغايسىز! ›› دىگەن سۆزلىرىڭىز ھەر ئىككى ئوغلاننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ يەنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قىممىتىنى ، ئىستېتىكىلىق ئەھمىيىتىنى ۋە لوگىكىلىق رولىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئىپادىلىگەن قىيداشتىن پىسخىكىڭىزدىن ، ئورۇنسز ۋايساش ھېسسىياتىڭىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس . ‹‹قاغا پۇتى تەنقىد قىلما ›› دېيىشكە توغرا كەلسە ئۇيغۇرزادىگە ئەمەس ، سىزگە دىسەك توغرا بولىدۇ . ئۇيغۇرزادىگە شەرت قويۇشتىن بۇرۇن سۆيۈملۈك قېرىندىشىم ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ پىكىرلىرىدىكى يۈرەك سوقۇشلىرىنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ ؟ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىدىلا ‹‹ ئەيسا قەشقەر ›› دەيدىغان بىر تەلۋە بار ، ئۇ ئۇيغۇرزادە بىلەن تەڭ قۇراملىق كېلىدۇ . ئۇنىڭ ‹‹ 2012 يىلى دۇنيادا قىيامەت قايىم بولامدۇ ›› دىگەن تېمىغا يېزىۋاتقان ئىنكاسلىرى بىلەن ئۇيغۇرزادىنىڭ تېما _ ئىنكاسلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ، دوستانىلىق بىلەن ئوقۇپ سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىزلا بەلكىم ئۇيغۇرزادىنىڭ كىملىكىنى ، نېمە ئۈچۈن پىكىر قىلىشقا خۇشتار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالىسىز قېرىندىشىم . بەزى گەپ - سۆزلىرىم سىزگە سەل ئېغىر كەتكەن بولسا مېنى ئەپۇ قىلىۋىتەرسىز . ‹‹ تەنقىدتىمۇ ئوتتەك مېھىر بار ›› .