مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيسىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولىشىنىڭ سەۋەپلىرى مەكتەپ- قەدىمدىن تارتىپ ئادەم تەربىيلەش بازىسى بولۇپ كەلگەن، مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنىڭ ئېسىل-ناچارلىقى، خاراكتىرىنىڭ ياخشى-يامانلىقى مەكتەپ تەربىيسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان مەكتەپلىرىمىزدە ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز ئوقۇغۇچىلار كۈنسىرى كۆپىيىپ، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتىنىڭ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىدەك بىر رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ قويدى. ئەخلاقىي تەربىيە-مەكتەپ تەلىم-تەربىيسىنىڭ يېتەكچىسىدۇر، ئەگەر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئەخلاقنى سىڭدۈرەلمىسەك، ئۇھالدا ئۇزۇنغا قالماي مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە مىللىي خاسلىقىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۆمكىن. ئۇنداقتا مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيسىنىڭ ئۈنۈمى زادى نىمە ئۈچۈن بۇنداق تۆۋەنلەپ كەتتى؟بۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 1.يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مىللىي مائارىپتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئىسلاھات نەتىجىسىدە، پىداگوگىكا كەسىپىدە ئوقۇمىغان، مائارىپنىڭ قانۇنىيتىنى چۈشەنمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبئى ئۈلگىسى، مائارىپ قائىدە-قانۇنىيتىنى چۈشەنمەيدىغان بۇ بىر قىسىم«تەبىئى ئۈلگە»لەرنىڭ ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىدىنمۇ سۆز ئېچىش مۆمكىن ئەمەس، « ئىددىيسى ئوچۇق»،«مەدەنىي» يۈرۈيدىغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپ-سۆزلەر ھەتتا كوچا لۈكچەكلىرىنىڭمۇ ئاغزىدىن چىقماسلىقى مۆمكىن، ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا يېتىپ كەتكەن، قىمار ئويناپ ج خ ئورگانلىرى بىرتەرەپ قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي توختىتىلغان «ئوقۇتقۇچى»لىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تەسىرى قانداق بولىۋاتقاندۇ؟ بۇخىل ئەھۋاللارنى ئوقۇغۇچىلاردىن سىر تۇتۇش مۆمكىنمۇ ؟ 2. مەكتەپلەردىكى رەھبەرلىك ئەخلاقى. 2000-يىللاردا ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى يىللاردا ئوقۇتۇش سۈپىتى موھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئەخلاقىي تەربىيەمۇ ماس ھالدا تەكىتلىنىپ، ئەخلاقىي- ئەقلىي تەربىيە ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەتتى، لېكىن ھازىرچۇ؟ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى جەھەتلەردە ھۆكۈمەت مائارىپنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان، مەكتەپلەر بۇرۇنقىدەك ئوقۇغۇچىلارنى دەرس توختىتىپ ئەمگەكلەرگە تەشكىللەپ پۇل تاپمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت باھاسىدا ئەخلاقىي تەربىيە قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ؟ گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەردىكى نەتىجىسى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلەرنى تۇرغۇزۇش، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ يەنىلا مەلۇم سالماقنى ئىگەللەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىدا ئەقلىي تەربىيىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىچۇ؟ ئەخلاقىي تەربىيە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت باھاسىدا قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ؟ بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەتتا خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەمەس، رەھبەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ مۇنەۋۋەرلەر ، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش ئوبىيكىتلىرى تۇرغۇزۇلىۋاتمامدۇ؟ بۇخىل رەھبەرلىك ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەردە ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ ئورنىنى ئىددىيۋى-سىياسىي تەربىيە ئىگەللەپ، ئادىمىيلىك پەزىلەتنى، ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاقنى،مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى تەكىتلەش «خوراپىيلىق»قا ئايلىنىپ كەتتىغۇ؟ 3. تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى. ئۇيغۇرلار يېڭى شەيئى، يېڭى ئىددىيىلەرنى ناھايتى تىز قوبۇل قىلىۋالىدۇ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە، تورغا چىقمايدىغان، تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك؟ مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بولمىغان ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ ئەمەلىيەتتە تور ۋە تېلىۋېزورلاردىكى چەتئەللەرنىڭ مىللىي ئادىتىمىزگە تۈپتىن ماس بولمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە ياخشى بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، بىر قىسىم«ئىلغار» بالىلىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۇرۇپلا «مۇھەببەت دېڭىزى»غا غەرق بولۇپ كەتتى. 4. ئائىلىنىڭ تەسىرى. ئائىلە بالىلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئەڭ موھىم ئامىل، ئاتا-ئانىلار-بالىلارنىڭ بىرىنجى، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئۈلگىسى. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بەرگەن تەربىيسى، كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەمما، ساپاسىز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايىغى چىقماس جىدەللىرى، ئەخلاقسىز سۆزلىرى، ئائىلىدىكى بىر قىسىم ئىجتىمائى ئەخلاققا زىت ئىشلار بالىلىرىمىزغا ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرستىپ، بىرقىسىم «كوچا لۈكچىكى»، «مەھەللە زۇمىگىرى»لىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. يۇقارقىدەك تەرەپلەر مىللىي مائارىپىمىزدا ئادىمىيلىك ساپاسى تۆۋەن، مىللىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشنى «ھاماقەتلىك» ھىساپلايدىغان بىر قىسىم«ئىددىيسى ئوچۇق» «نوچى» لارنىڭ تەربىيلىنىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇ-مىللىي مائارىپىمىز، شۇنداقلا، جەمىيىتىمىز ئۈچۈن بىر خەتەرلىك سىگنال. شۇڭا مەكتەپلەردە قائىدە-يۇسۇن، ئۆرپ-ئادەت تەربىيسىنى ، مىللىي ئەخلاقنى ، ئادىمىيلىك تەربىيسىنى كۈچەيتىش ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى. 1. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تەربىيلىنىشىنى كۈچەيتىش. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىداگوگىكا-پىسخولوگىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيلىنىشىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى ھەقىقى تۈردە خىزمەت نەتىجىسىگە سىڭدۈرۈش ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. 2. مەكتەپ رەھبەرلىرى شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، بىيۈكراتلىق، چېرىكلىكتىن ساقلىنىش، ئۆزىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەۋاتقانلىقىدەك رىئاللىقنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. 3. ئوقۇتقۇچىلار ئىددىيۋى-ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئىزچىللىقى، موھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق ،«كۈن ئۇياققا، پۇل بۇياققا» بولماسلىق، مۇنبەردە جاراڭلىق ۋەز ئېيتىپ، سىرتتا ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشتىن قاتتىق ساقلىنىش، «موللىنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دىگەندەك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئوقۇغۇچىلار بار جايدا تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، سۆز-ھەركىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم. 4 . ئائىلە سۆھبىتىنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيۋى ۋە روھىي ھالىتىنى مەكتەپ ۋە ئائىلىدە دائىم كۈزىتىپ، ئىككىلا تەرەپ تەڭ خەۋەردار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى بىرلا تەرەپكە يۈكلەپ قويۇشتىن ساقلىنىش، نورمالسىزلىق سېزىلسە، بىرلىكتە ئىلمىي ئۇسۇلدا توغرا تەرەپكە يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىغا ئازار بېرىشتىن ساقلىنش كېرەك. 5. ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بولمىغان، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە نەشىر بۇيۇملىرىنى كۆرمەسلىككە يېتەكلەش كېرەك.كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش، ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى،قول-ھۆنەر ئەمگىكى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام بولغان دەرستىن سىرتقى كىتاپلارنى ئوقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىرتتا قالايمىقان كىشىلەرگە ئارىلىشىپ قېلىش ئېتىماللىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.
بۇ ماقالە « مائارىپ ۋە كەسىپ» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق مەخسۇس سانىدا ئېلان قىلىنغان.
|