كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 6

مودىر تەكلىپ قىلىش ئېلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مودىر تەكلىپ
قىلىش ئېلانى
(فىليەت
ۇن)
ئەخلاقىي تەربىيە-مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىنىڭ يېتەكچىسىدۇر، مەكتىۋىمىز «ئىختىساسلىق»لارنىڭ كەمچىل بولىشى،ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىگە بولغان تەلەپنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىشى، شۇنداقلا مەكتەپ بىلەن ھەرقايسى ئاتا- ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈگىمەس جىدەل- ماجرالارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، يۈكسەك دېموكراتىيىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ،جەمىيەتتىن ئاشكارا بىر نەپەر ئەخلاقىي تەربىيە بۆلۈم مۇئاۋىن مودىرى تەكلىپ قىلماقچى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە :
1.        تەكلىپ قىلىش شەرتلىرى:
1)پارتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان، پارتىيىنىڭ «تۈرلۈك سىياسەت»لىرىنى  چۈشىنىدىغان، پارتىيىۋىلىك مەيدانى مۇستەھكەم، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى پارتىيە سىتاژىغا ئىگە،بەش يىلدىن يۇقىرى خىزمەت تارىخى بولغانلار؛
2) قانۇن- ئىنتىزام  كۆز قارىشى يۇقىرى،مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مۇشۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاقلىق، «ئۈچ ئەخلاق»نى چۈشىنىدىغان،قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئىش-ھەركەتلىرى بولمىغانلار؛
3) ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ماھىر، «پىداگوگىكا –پىسخولوگىيە» سەۋىيىسى يۇقىرى ، 25 ياشتىن يۇقىرى،35 ياشتىن تۆۋەن،تولۇق كۇرس مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغانلار؛
4) تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلىرى بارلار  قوبۇل قىلىنمايدۇ:
(1) ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلار؛
(2) ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن چارە كۆرۈلگەنلەر؛
(3) پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرگەنلەر؛
(4) باشقا ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى بولغانلار.
قوبۇل قىلىش دائىرىسى :
ۋىلايەت بويىچە ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىنپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر نوپۇسى شەھەردە بولسا ئوقۇش تارىخى ئوتتۇرا تېخنىكوم ياكى شۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا؛ نوپۇسى ناھىيە بازارلىرىدا بولسا ئالىي تېخنىكوم ياكى شۇنىڭدىن يۇقىرى بولىسا ؛ نوپۇسى مۇشۇ يېزىدا بولسا تولۇق كۇرس ياكى شۇنىڭدىن يۇقىرى  بولسا تىزىملاتسا بولىدۇ.
باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار:
1. ئىمتىھان يېزىقچە ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان شەكلىدە بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار سانى بەشكە يەتمىسە بۇقېتىمقى ئىمتىھان ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.
2. يېزىقچە ئىمتىھان ئۇيغۇرچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان خەنزۇچە ئېلىنىدۇ. ( مەكتىۋىمىز مىللىي مەكتەپ بولغاچقا خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان مىللىيلارغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ) يېزىقچە ئىمتىھاندا ئالدىنقى ئۈچىنجىلىككىچە ئېرىشكەنلەر يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلۇپ، «ئىپادىسى ئالاھىدە» بولغانلار ۋەزىپىگە قويىلىدۇ.
تىزىملاش ۋاقتى : XX ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 6:30 دا باشلىنىدۇ.
تىزىملاش ئورنى : مەكتەپ مودىرى ئىشخانىسى ،
ئالاقىلاشقۇچى : « ئالىيجاناپ »
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى :xxxxxxx
ئەسكەرتىش : يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، كۈندۈزى دەرۋازا تاقىلىدىغان بولغاچقا « ئارقا ئىشىك » بىلەن ماڭسىڭىز بولىدۇ.
XX ۋىلايىتى قاراڭغۇ بازار ناھىيىسى قۇمۇشلۇق يېزا «تولماس غار» ئوتتۇرا مەكتىپى
XXيىلى XXئاينىڭ XXكۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-24 11:33:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە   ئىسىل   چىققان   فىليەتۈن  بۇ  ،  جەمىيەتتە   ھازىر    بۇلۋاتقان   ئىشلار  ،ئادەمنى  ھەقىقەتەن    ئېچىندۇردۇ  .
ۋاقتى: 2015-2-24 12:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ئوقۇپ سۈيۈندۇم.
تەكىۋىم مەنبەنى ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز..........
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 17:26:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇئۆزۈم يازغان ئەسەر، كۆچۈرېۋېلىش مەسلىسى مەۋجۈت ئەمەس، ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-2-24 18:16:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن قىزىقارلىق چىقىپتۇ...
ۋاقتى: 2015-2-25 01:11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ................
ۋاقتى: 2015-2-25 21:05:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شەرتلىرىڭىزگە مەن چۈشىدىغاندەك قىلىمەنغۇ ؟ ھى ھى ھى ..........ياخشى يېزىلىپتۇ ، رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش