| شىكايەت (فىليەتۇن)
سۆيۈملۈك دىلبىرىم تېنىڭىز سالامەت ،تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۈك، خىزمىتىڭىز نەتىجىلىك بولىۋاتامدۇ؟ مەن بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگىلىمۇ ئانچە ئۇزۇن بولمىدى ، شۇنداقتىمۇسىزگە خەت يازغۇدەك بولماپتىمەن (تېلېفۇنلاشقاننى دىمىگەندە) ، ئەگەر مېنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز خەت يېزىپ قالغانلىقىمنى بىلگۈڭىز كەلسە، خېتىمنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقسىڭىز چۈشىنەلەيسىز.مەن بۇيەردە بىر مەۋسۈم خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن «تەسىرات»لارغا ئىگە بولدۇم، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى مەكتىۋىمىزنىڭ مودىرى ۋە ئۇنىڭ «ئۆزگىچە» خىزمەت ئۇسۇللىرى. تۆۋەندە مودىرنىڭ ئۆزۈم كۆرگەن ۋە ھىس قىلغان «ئۆزگىچىلىك» لىرىدىن سىز بىلەن بىرلىكتە«ھوزۇرلانماقچى». مەكتىۋىمىزنىڭ مودىرى ئىنتايىن «كەڭ قورساق،ئالىجاناپ»كىشى. ئۇنىڭ قارىشىچە مەكتەپتىكى ئەڭ موھىم خىزمەت ئوقۇتۇش ئەمەس ، بەلكى «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش» تۇر. مەيلى سىز قانداق شەكىلدە خىزمەت ئىشلەڭ، مودىرنىڭ تۇغقىنى ياكى «يېقىنى» بولمىسىڭىزلا «خىزمەت ئىلغارى»، «مۇنەۋۋەر شەخىس» دىگەندەك ناملارغا مەڭگۈ مۇيەسسەر بولالمايسىز، ئەمما جەرىمانە تۆلەيدىغان( گەرچە قانۇن- سىياسەتلەرگە مۇخالىپ بولسىمۇ )، تىل-ھاقارەت (مودىرنىڭ قارىشىدىكى تەنقىد) ئاڭلايدىغان، ئۇنۋان ئېلىش ۋاقتىڭىز كەينىگە سۈرۈلىدىغان ئىشلار ئالدى بىلەن سىزنى تاپىدۇ. تاساددىپىي مۇكاپات ئالىدىغان بولۇپ قالسىڭىز مەكتەپنىڭ «ئىقتىسادى قىيىنچىلىق دەۋرى» گە دۇچ كېلىپ قالىسىز. يىللاپ-يىللاپ «نىسىي» قالىدۇ، بىراق جەرىمانىنى نەخلەشتۈرمەي بىركۈن كەينىگە سۈرسىڭىزلا خىزمەتتىن توختايسىز،(بۇمۇ ئەلۋەتتە، سىز بىلەن مودىرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ‹ يېقىن-يىراق› لىقىغا باغلىق.) ھۆكۈمەتنىڭ مائاشتىن سىرت ( مال-باھا تولۇقلىمىسى، سىنىپ مودىرىلىق پۇلى دىگەندەك) پۇللارنى بېرىپ قېلىشىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن،بۇنداق چاغدا ئەگەر ئۇ مۇشۇ پۇلغا «رەندە سالالماي» قالسا، كۈندە نەچچە قېتىم «چوققىڭىزغا قويۇپ» «سۇبىھاناللا»نى نەچچە مىڭ قېتىم دىگۈزىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇخىلدىكى يارىدەملەر ھىساۋاتقا كىرگەن ھامان «تەنقىد» ئاڭلاشقا «ئىددىيۋى» تەييارلىق قىلىپ بولىدۇ. (ئادەتتە بۇخىلدىكى پۇللارنى تولۇق ئالالايدىغانلار بەك ئاز). ئەگەر نەمۇنىچىلارنى بەلگىلەيدىغان ئىشلارغا «قارشى مۇقام توۋلايدىغان» بولسىڭىز ئۇ چاغدا ئىشىڭىز تېخىمۇ چاتاق. يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇنەۋۋەرلىكنى بىكتىش (ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرقانچە نامزات ئىچىدىن تاللىۋالىدىغان) ئۈچۈن «مەكتەپ بەنزىسى مۇزاكىرە قىلىپ» سىنىپ مودىرلىرى ئارىسىدىن مودىرنىڭ سىڭلىسىنى «تاللىغان» (شەرتكە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ) دا ئارىدىن بىرەيلەن «مۇۋاپىق ئەمەس » دەپ باشقىلارنى كۆرسىتىۋىدى، ( يېڭى نامزات سىنىپ مودىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئىشلەۋاتقان بىرى) مودىر چىرايىدا قان دىدارى يوق ھالدا «ئۇنىڭغا بىر مەزگىل چېنىقىش پۇرسىتى بېرەيلى، ئۇ تېخى ياش » دەپ گەپنى ئۈزدى. ( ئەمەلىيەتتە ئىككى نامزات ساۋاقداش) شۇنىڭدىن كىيىن ھېلىقى سىنىپ مودىرىنىڭ سىنىپى ئىزچىل« سېرىق بايراق نامزاتى» بولۇپ «چېنىقىۋاتىدۇ». نامزات كۆرسەتكۈچىچۇ؟ ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ مودىرنىڭلا ئەمەس، مەكتەپتىكى «ئەڭ ئىقتىدارلىق» بىر مۇئاۋىن مودىرنىڭمۇ «كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ» ئەدەپلەش ئوبىكىتى بولۇپ قالدى. خىزمەتنى قانچە تىرىشىپ ئىشلەپمۇ مۇناسىپ باھاغا ئېرىشەلمەي، «خىزمەت قىزغىنلىقى يوق» بولدى. مەكتىۋىمىزنىڭ «بەلگىلمىسى» بويىچە ھەر ئايلىق سىنىپلارنىڭ خىزمەت خۇلاسىسىدا ئىككى سىنىپ مۇكاپات ئېلىپ، ئىككى سىنىپنىڭ مودىرى جەرىمانە تۆلىشى كېرەك، بىراق، يەنىلا «جەرىمانە نەخ،مۇكاپات نىسى»، تاساددىپىي نەخلىشىپ قالسىمۇ، بازاردا سېتىلماي بېسىلىپ قالغان ماللارنىڭ «باھاسى ئۆسۈپ» سىزگە «يادىكار» بولىدۇ. (جەرىمانىگە نەخ پۇل تۆلەيسىز) ئۇنىڭ ئۈستىگە 3-ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسى 5-ياكى 6- ئايدا،9-ئايلىق خىزمەت خۇلاسىسى 11-ياكى 12-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا قايسىبىر ئىشلار ئېسىڭىزدە تۇرىدۇ دەيسىز. بۇمۇ مودىرىمىزنىڭ «ئىجادىي خىزمەت ئۇسۇلى» لىرىنىڭ بىرى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەتتا مودىرىمىز يوق جايدىمۇ باشقا خىزمەتداشلىرىڭىز غا «قوسىقىڭىزنى بوشىتىۋېلىش»ىڭىز غا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى بىرتۈركۈم «ئاپشاركا » لار بۇنى «بەش مىنۇتتىن ئاشۇرماسلىق» شەرتى بىلەن «دەل جايىغا » يەتكۈزىدۇ. ئاندىن ھېلىقىدەك «قاراتىزىملىك»تە يەنە بىر ئادەم كۆپىيىدۇ، خالاس. شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئىنتايىن ئۆچ،( شۇسەۋەپتىن باشقىلار ئۇلارنى « مودىرنىڭ پايپىقىنى يۇيۇپ، يۇندىسىنى ئىچكەن» دەپ كەينىدىن تىللايدۇ.) بىراق، بۇ «شەرەپلىك» ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان «تۆھپىكارلار»نىڭ يامان گېپىنى قىلىش، كەينىدىن غەيۋىتىنى قىلىش- ئەلۋەتتە «گۇنايى كەبىرە.» بۇخىلدىكى ئىشلارنى «يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمەن» دىيىش ھاماقەتلىك ، چۈنكى (مودىرنىڭ دىيىشىچە) ناھىيلىك پارتكوم، ناھىيلىك ھۆكۈمەتتىمۇ ئۇنىڭ يېقىن «ئادەملىرى» بارمىش. مەكتىۋىمىز گەرچە 10 غا يەتمەيدىغان سىنىپ ، 300 گە يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچى ۋە 50كە يەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا مەكتەپ بولسىمۇ، مودىرىمىزنىڭ «ھوقۇقى ئىنتايىن چوڭ» ، چۈنكى ئۇ «مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك ئەمەلدار». ئۇنىڭ ھوقۇقى بەزىدە ھەتتا باش مىنىستىر(زوڭلى)نىڭ ھوقۇقىدىنمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى مەركەزنىڭ بىرقىسىم قانۇن سىياسەتلىرىمۇ مەكتىۋىمىزدە «قۇرۇق گەپ» كە ئايلىنىپ قالىدۇ. مودىرنىڭ ئاغزىدىن يولداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، مەكتەپنىڭ موقىملىق- بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇشتىن باشقا گەپ ئاساسەن چىقمايدۇ، «ئادەمگەرچىلىك» ى ئىنتايىن ياخشى،ئەمەلدارلار، يۈز- ئابرويلۇقلار ياكى پۇلدارلارنىڭ ئۆيىدىكى ھەرقانداق توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارغا قالدۇرماي (چاقىرمىغان تەقدىردىمۇ) بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆلۈپ قالسىمۇ قارايدىغانغا «ۋاقتى يوق». ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سىرتتىن كېلىپ ، ياتاقتا يېتىپ ئىشلەيدىغان بىزنىڭ مەكتەپتە، مودىرىمىز چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا دائىم دىگۈدەك «مۇساپىر» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا «قەدەم تەشرىپ قىلىپ»، «ئەھۋال سوراپ»تۇرىدۇ. ئەگەر ياتاق بىرلا قېتىم تاقىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇ ياتاق شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگە تاقىلىپ قېلىشىمۇ مۆمكىن. شۇڭا «خىزمەت نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئۇنۋان ئالاي، مائاشىمنى ئۆزۈم خەجلەي» دىسىڭىز مودىرنى «ۋاقتى- ۋاقتىدا يوقلاپ» ، «سالام –سەھەت» نى «جايىدا» قىلپ تۇرىشىڭىز «‹كەل› دىگەندە كېلىپ ‹كەت› دىگەندە كېتىشىڭىز» ، «سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى» نى تىلغا ئالماسلىقىڭىز ، مەكتەپكە ھەرخىل جەرىمانە تاپشۇرغاندا تالۇن (ئىسپات) تەلەپ قىلماسلىقىڭىز كېرەك. مانا بۇ «پىرىنسىپ». ئەگەر بۇئىشنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلماقچى بولۇپلا قالسىڭىز مەكتىۋىمىزدە سىزدىنمۇ بەكرەك «تېگى پەس» ئادەم بولمايدۇ. بارلىق يولداشلار ئارىسىدا تىللاپ پوسكايتىۋېتىغان گەپ. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى-شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ، كېچىلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش.بىزگە چۈشەندۈرىشىچە، ناھىيىنىڭ شۇجى-ھاكىملىرى يىغىن ئېچىپ ،«ئوقۇتقۇچىلارنى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىشلەتمىدىڭ، كېچىلىرى ئارام ئېلىۋالدى، مائاشنى ھارام ئالىدۇ، سەن نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟» دەپ تەنقىدلەيمىش. شۇڭا دەم ئېلىش ۋاقىتىمىزغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز. مودىرىمىز ناھايتى « كەڭ قورساق، ئالىجاناپ» ، ئۇنىڭ «يېقىنى» بولۇش «ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس». ئۇ «ھەممەيلەننى ئوخشاش كۆرگەچكە» ،يۈرۈش-تۇرۇش ۋە باشقا جەھەتلەرگە «ئالاھىدە دىققەت قىلىپ» تۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە كىيىدىغان كىيىمنىمۇ ئۇنىڭ «ماقۇللۇقىنى ئېلىپ» كىيىشى ، ھەرگىزمۇ «خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ» كىيىۋالماسلىقى لازىم، بولمىسا ئاقىۋىتى ئېنىق، يەنىلا ھېلىقىدەك «تەنقىد»،ئېغىراق بولغاندا «جەرىمانە». شۇڭا مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىڭغا « ئىنتايىن ئامراق»، دائىم ئۇنىڭ «تەرىپىنى قىلىپ» تۇرىمىز، ئۇنى مەكتىۋىمىزگە مودىرلىققا تەيىنلگەن تەشكىلگە «شۈكرى-سانا» ئوقۇپ تۇرىمىز، تەڭرى ئۇنى بالا-قازادىن «يىراق» قىلغاي، مەكتىۋىمىزگە «مەڭگۈلۈك مودىر» بولغاي. يۇقارقىدەك خىزمەت شارائىتىدا مەن ۋە ماڭا ئوخشاش «قوڭالتاق»لار نىمىمۇ قىلالايدۇ دەيسىز، شۇڭا «مودىر بەرگەن» مائاشنى «ھالاللاپ» ئېلىپ، «ئۈستۈن-پەس» خىياللارنى قىلماي، «ئارامبەخىش» خىزمەت قىلىۋاتىمەن،شۇنداق بولغاچقا سىز بىلەن بولغان «ئىشلار» نىڭ ئاقىۋىتىگىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، مودىر تاساددىپىي بۇئىشنىمۇ سىياسەتكە چېتىۋالسا ........ سىزنى سېغىنىپ: ئەبگاھ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
|
|