بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 15:25
ماتىماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇللىرى
 ماتىماتىكا-ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى بىرقانچە ئاساس پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، « ماتىماتىكا بارلىق پەنلەرنىڭ ئاتىسى» دەپ قارىلىدۇ.شۇڭا ماتىماتىكا دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى بارلىق پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ماتىماتىكا دەرسنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش ھازىرقى مىللى مائارىپنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشى تاللاش- سۈپەتنى يۇقىرى كۆتىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھىساپلىنىدۇ.تۆۋەندە مەن بىرقانچە خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن: 1. نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش. دەرسخانىدا ماتىماتىكىلىق نەزىرىيەلەر بىلەن تۇرمۇش ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك. مۆمكىنقەدەر دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇش موھىت ياكى تونۇش جىسىملار ئارقىلىق باشلاش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى مىساللارنى ئىشلىگەندە چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى قوللىنىشى ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. 2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش. كېلىپ چىقىشى، قىزىقىشى ئوخشىمايدىغان بىر قانچە ئون ئوقۇغۇچىنىڭ، گەرچە بىر سىنىپتا ئوقۇسىمۇ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئەمەليىتىنى ئاساس قىلىش كېرەك. 3. دەرسخانىدا ئەستايىدىل، سەۋىرچان بولۇش، بىخەستەلىك قىلماسلىق كېرەك. بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمۇنىنى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم ئاڭلىسىلا چۈشىنىپ ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرىۋالالايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇخىل ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرىشى، تېرىكمەسلىكى، ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ياكى كىيىنكى سائەتكە تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. 4. دەرستىن سىرتقى مەشىق ۋە تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل لاھىيەلەپ ئورۇنلاشتۇرىشى، دەرس ۋاقتىدا بۇخىل مەشىق، تاپشۇرۇقلارنى چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئومۇملاشتۇرىشى، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشى ئىشلىمىگەنلەرنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يېتەكلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دەرىجىسىگە قاراپ ئوخشىمىغان ھەجىم ۋە ئوخشىمىغان قىيىنلىق دەرىجىسىدىكى تاپشۇرۇقلارنى لاھىيەلەش كېرەك. 5. دەرسنى چوقۇم ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.« باشقىلارغا بىر كورۇشكا سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىدە بىر چىلەك سۇ بولىشى كېرەك» لىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى چوقۇم ئۆزبىلىمىگە ئايلاندۇرىشى، ئوقۇغۇچىلار سوراپ قېلىشى مۆمكىن بولغان سۇئال ياكى مەزمۇنلارنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، ئەستايىدىل جاۋاپ تەييارلىشى كېرەك. 6.ئائىلە سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۈگىنىش ئەھۋالىدىن ئائىلە باشلىقلىرىنى، ئائىلىدىكى ئەھۋالىدىن مەكتەپنى خەۋەردار قىلىش، مۆمكىنقەدەر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى ۋە ئىمتىھان قەغىزىگە ئائىلە باشلىقلىرىنى قول قويدۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 7. سىنىپ مودىرى ۋە باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتكە سەل قارىماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، تەربىيلەش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 8. ھەرخىل مەدەنىيەت، تارىخ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە باي بولىشى، ئوقۇغۇچىلار بىلىشكە ئىنتىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئەستايدىللىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. « بۇسۇئالنىxx مۇئەللىمدىن سورا، مەن xx دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئەمەس» دىگەندەك سۆزلەرنى دىمەسلىك، بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دىيىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك.بۇ ئوقۇغۇچىلاردا ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. |