كۆرۈش: 1682|ئىنكاس: 23

غاجا ، مەيلى خوش بولساڭ !

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نونى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 14:22  

غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ
مەمتىمىن ياسىن

كەسپ قىلدىڭ غەيۋەتنى  ، غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ،
يۇقتۇردۇڭ كىر-ئىللەتنى ، غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ،
مەن تىكلىگەن شەۋكەتنى غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ
يېزىپ بېرەي  ھۆججەتنى ، غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ،
ئۆتكۈزمىگىن مۆھلەتنى ، غاجا ! مەيلى  خوش بولساڭ،
.
گۇناھىم شۇ : ئاتىدىم كەسىپ ئۈچۈن جېنىمنى،
تېپىپ يېدىم ھالاللاپ ئۆز ئەجرىمدىن  نېنىمنى،
سەمرىتمىدىم ھارام يەپ ساڭا ئوخشاش  تېنىمنى،
سەرپ  ئەتتىم  ئەۋلادقا  ۋۇجۇدۇمنى  ،  قېنىمنى،
بەردىم ساڭا رىغبەتنى ، غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
غەيۋەت  بىلەن چېچىكىڭ چاي بولاركەن ئويلىسام،
غەيۋەت بىلەن كارنىيىڭ  ماي بولاركەن ئويلىسام،
غەيۋەت بىلەن مىنگىنىڭ  تاي بولاركەن ئويلىسام،
غەيۋەت بىلەن  چىرايىڭ  ئاي  بولاركەن ئويلىسام،
چەكمە ئارتۇق كۈلپەتنى ،غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
سېلىپ كەلدىڭ  يۈرەككە خۇسۇمەتنىڭ  دېغىنى،
غاجىۋالدىڭ  سۆڭەكنى ، ئايرىپ  قويۇپ  يېغىنى،
قاقشال قىلدىڭ مىڭتەستە خەقنىڭ قىلغان بېغىنى،
غاجىمىدىڭ  سەن  تېخى  كالتە  ئىشتان  ئېغىنى ،
ئېچىپ بېرەي ئەۋرەتنى ،غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
قاپاقلىرى  تۈگىدى  سەن  يولۇققان  باراڭنىڭ ،
غەيۋەتخورلۇق  بابىدا بولدۇڭ ئۆزى ساراڭنىڭ،
نېمە كۆرسەڭ غاجىدىڭ، ھەققى باردەك ئاناڭنىڭ،
ساقايمىدى  شۇندىمۇ  ئوندىن بىرى  ياراڭنىڭ،
توڭلاپ قالغان تەرەتنى غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
«ئاچ ئەرۋاھ »دەپ تىللايسەن  كۆرسەڭ قورساق توقنىمۇ،
سېسىتىسەن  كەيىپتە - تاماشادا  يوقنىمۇ،
ئىنتىلىسەن  غاجاشقا  ئۇچۇۋاتقان ئ وقنىمۇ،
بۆلەلمەيسەن ئىككىگە ،لېكىن، تەييار پوقنىمۇ،
بۇزۇپ شېرىن سۆھبەتنى غاجا  ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
«غاجىمىغىن »دەپ   ئاغزىم تالدى ، لېكىن ، تالمىدىڭ.
تالاي  ئىنسان  غەيۋەتتىن  قالدى ، لېكىن،  قالمىدىڭ،
ئۇستازلىرىڭ  بۇ  ئىشتىن  ياندى ، لېكىن ، يانمىدىڭ،
غەيۋەتخورلار  ئىشىدىن  ھېچبىر  ساۋاق  ئالمىدىڭ،
سېتىپ ئابروي-ھۆرمەتنى،   غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
2012-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى

.
مەنبە:  ئۆز ئىجادىيىتىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7قىزغىنلىق +32تىللا +26تۆھپە +32شۆھرەت +32يىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 3 + 3 + 4 + 4ياخشىكەن..!
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ئىسىل شېئىر.
سىرداش + 5 + 5 + 5 + 5
زەپەر + 5 + 4 + 4 + 4بارىكاللار تېرىشىڭ!
alahidin + 10 + 5 + 10 + 10بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئالىم + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-26 16:14:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇناھىم شۇ : ئاتىدىم كەسىپ ئۈچۈن جېنىمنى،
تېپىپ يېدىم ھالاللاپ ئۆز ئەجرىمدىن  نېنىمنى،
سەمرىتمىدىم ھارام يەپ ساڭا ئوخشاش  تېنىمنى،
سەرپ  ئەتتىم  ئەۋلادقا  ۋۇجۇدۇمنى  ،  قېنىمنى،
بەردىم ساڭا رىغبەتنى ، غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.


بۇيەرلار   يەخشى  چىقىپتۇ   !  بۇرۇن  ئاياللارنى   پاچاق غاجايدۇ  دەيتۇق   . لىكىن  ھازىر. ئاياللارنىمۇ  ئاشۇرۋىتىدۇ  . بەزى ئەرلەر .
ۋاقتى: 2012-12-26 20:20:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ شېئىرىڭىز ،جەمىيەتتىكى غەيۋەتخورلۇق ،ھارامخورلۇق دۇرۇس قامچىلنىپتۇ بۇ شېئىردا ، رەھمەت ھارمىغايسىز ، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى شېئىرلىرىڭىزغا تەشنا بىز .
ۋاقتى: 2012-12-26 20:37:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام نونى بۇرادەر بارمۇ سىز؟ئۇزۇندىن بېرى كۈرۈنمىدىڭىز.ئەسلىدە مۇشۇ شىئېر ئۈچۈن باش قاتۇرۋېتىپتىكەنسىزدە؟
بۇ شىئېرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ!بۇ شىئېرنى مەن ئىشخانىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر ئوقۇپ بېرەي! قېنى ئۇلار نىمە دەيدىكىن؟ گىپى تۈگۈمەيدىغان غەيۋەتخورلارغا ئۇرۇنلغان قامچا بوپتۇ بۇ شىئېر.!!
ۋاقتى: 2012-12-26 23:32:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 23:36  

غەيۋەت  بىلەن چېچىكىڭ چاي بولاركەن ئويلىسام،
غەيۋەت بىلەن كارنىيىڭ  ماي بولاركەن ئويلىسام،
غەيۋەت بىلەن مىنگىنىڭ  تاي بولاركەن ئويلىسام،
غەيۋەت بىلەن  چىرايىڭ  ئاي  بولاركەن ئويلىسام،
چەكمە ئارتۇق كۈلپەتنى ،غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
مەن بۇ بىر كۇبلېتنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم:
غەيۋەت بىلەن چېچىكىڭ چاي بولاركەن ئويلىسام،
داتلاپ كەتكەن كارنىيىڭ ماي بولاركەن ئويلىسام،
مىنگەن قوتۇر ئېشىكىڭ تاي بولاركەن ئويلىسام،
جىن چىراقتەك چىرايىڭ ئاي بولاركەن ئويلىسام،
چەكمە ئارتۇق كۈلپەتنى، غاجا! مەيلى خوش بولساڭ.
چۈنكى، ئاۋۇ تەكرارلاشنىڭ ئىستىلىستىك ئۈنۈمى يوقتەك تۇيۇلدى.
ۋاقتى: 2012-12-26 23:33:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى ئەپەنمدىم ياخشىمۇ سىز . بۇ شىئېرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم . راستىنلا قەلەم قۇۋىتىڭىز يۇقىركەن .
بۇ شىئېرىڭىز ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەر دىن غەيۋەتخورلۇق . ھارامخورلۇق تۇلۇق قامچىلىنىپتۇ . سىز بۇ شىئېر ئارقىلىق شۇ ناچارلارنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى تۇلۇق ئېچىپ بىرىپسىز . بولسا بۇندىن كىيىن مۇ جەمىيتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى . بۇلۇپمۇ بەزى مەكتەپلەردىكى مەكتەپ مۇدىرلىرنىڭ شۇ مەكتەپ ئىچىدىكى باشقا مىللەتتىكى شۈجىيلەرگە يېقىندىن يان تاياق بۇلۇپ ،ئىش ئۈگۈتۈشتەك ناچار ئىللەتلىرىنى قامچىلىغانلىق توغىرسىدا شىئېر يېزىپ يوللىسىڭىز دەيمەن . بۇ ئەھۋاللار 80% مەكتەپتىكى مەكتەپ  مۇدىرلىرىدا تۇلۇق  بار .شۇ شۈجىيگە يان تاياق بۇلۇپ ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرگە ئىشەنمەيدىغان ناچار ئىللەت مەكتەپ مۇدىرلىرىدا بار . چۇقۇم يېزىشىڭىزغا ئىشىنىمەن .
ۋاقتى: 2012-12-26 23:59:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى ئەپەندىم   ، ئەجرىڭىزگە   باركاللا، شئېرىڭىز قايناق ھىسياتنى ئىپادىللەپتۇ.
ۋاقتى: 2012-12-27 00:49:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ئۆزى بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدىغان، باشقىلار قىلغاننى ياراتمايدىغان، يەنە كېلىپ ھەمىشە باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت-شىكايەت قىلىپ، پىتنە-پاسات توقۇيدىغان، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقى بەدىلىگە ‹‹ خۇشاللىق ›› ئىزدەيدىغان كىشىلەر بار. ماھىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان ۋە ئېرىشكەن ‹‹ خۇشاللىق ›› قى ئۇلارنى ھەقىقى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ.
نونى بۇرادەر، بۇ شېئىرىڭىز ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە ناھايىتى ئىسىل ئەينەك بولغۇسى!..... ئۇلار پەقەت شېئىرىڭىزدىكى ئاچچىق ھەجېىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلىسىلا!
رەخمەت سىزگە، مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرساق دەيمەن.
ۋاقتى: 2012-12-30 15:39:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ،ھەقىقەتنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپسىز.
قاپاقلىرى  تۈگىدى  سەن  يولۇققان  باراڭنىڭ ،
غەيۋەتخورلۇق  بابىدا بولدۇڭ ئۆزى ساراڭنىڭ،
نېمە كۆرسەڭ غاجىدىڭ، ھەققى باردەك ئاناڭنىڭ،
ساقايمىدى  شۇندىمۇ  ئوندىن بىرى  ياراڭنىڭ،
توڭلاپ قالغان تەرەتنى غاجا ! مەيلى خوش بولساڭ.
.
ۋاقتى: 2013-1-6 22:25:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى ، مەكتەپلەردىكى ئاز ساندىكى « غاجاش » نى ئۆمۈرلۈك كەسپ قىلىۋالغان « ئادىمىي ئىت » لارنى ناھايىتى جايىدا قامچىلاپسىز . بۇنداقلارنى راسا قامچىلاپ ، مەرىپەت بېغىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلىشىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش