كۆرۈش: 647|ئىنكاس: 2

نەۋرۇز بايرىمى ھەققىدە تەبرىك سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەبرىك سۆزى
(مەمتىمىن ياسىن)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك نەۋرۇز ئەھلى !
نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ھەممىڭلارنىڭ بۇ خاسىيەتلىك بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن! ھەممىڭلارغا بەخت-ئامەت يار بولسۇن!
نەۋرۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ،شۇنداقلا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا مەدەنىيەت يارىتىش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، قەدىمىيلىككە ۋە ئومۇمىيلىققا ئېگە،دىندىن خالىي، ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر.
نەۋرۇز پائالىيىتى ئارقىلىق قىش–زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكېلىشىنى تىلەش،يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم–مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۇ تەبىئەت بايرىمى، مول ھوسۇل بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق–ئۇيۇشۇش بايرىمى، ھۈنەر–كەسىپ بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى،شادلىق بايرىمى،كۆرەك قىلىش بايرىمى، ئەدەبىيات–سەنئەت بايرىمى، مىللىي خاسلىقنى كۆرسىتىش بايرىمىدۇر. ئەلنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر–كەسىپ، تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىدىغان، ئۆگىتىدىغان، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، خەلق مەكتىپىدۇر.
نەۋرۇز بايرىمى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزىلىدۇ:
1.ناغرا-سۇنايلار چېلىنىپ،شەھەر-يېزىلار بايرام كەيپىياتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.2.كىشىلەر شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقى قىلىدۇ.3.سوغۇق قوغلاش،ئىللىق ئاپتاپ-باھارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.4.كىشىلەر بىر- بىرىنى يوقلىشىدۇ.5.نەۋرۇز ئېشى ئېتىلىدۇ.6.نەۋرۇز سەيلىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.7.تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.8.يۇرت-يۇرتلاردا نەۋرۇز مەشرىپى بولىدۇ.9.كىشىلەر ئارا ياخشى تىلەكلەر تىلىنىپ،مېھرىبانلىق تەرغىپ قىلىنىدۇ.
2004-يىلى ۋىلايەتلىك پارتىكوم «ھەر مىللەت خەلقىنى تەشكىللەپ،نەۋرۇزنى ئورتاق تەبرىكلەشنى يولغا قويۇش پىكرى»(2004-يىل 1-نۇمۇرلۇق ھۆججەت)نى تارقاتتى ھەمدە مەخسۇس نەۋرۇز بايرىمىغا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ 3-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بايرام قىلىشنى بېكىتتى.
ھۆرمەتلىك نەۋرۇز ئەھلى !
بىز بۇ بايرامنىڭ قوبۇل قىلىشچانلىقى،دىندىن خالىيلىقى ۋە رەڭگا-رەڭلىكىدىن پايدىلىنىپ،زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان ئاساستا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ئىلمىي ۋارىسلىق قىلىپ،دىن ئەسەبىيلىكىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇپ،يېڭىسارنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە كۈرەش قىلايلى !
كۆپچىلىككە رەھمەت !

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-23 10:31:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان سوزكە ئەجرىڭىزگە كوپ رەخممەت
ۋاقتى: 2015-3-23 18:34:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىپ بولسىمۇ شۇ «نۇرۇز بايرىمى » ڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش