| ۋەتەن ئىشقى مەمتىمىن ياسىن
ئىڭڭەلەپ تۇغۇلدۇم باغرىڭغا ساپ-ساق، يېتىلدىم جىسمىڭدىن نۇر ئېمىپ ئاپئاق. دېسىمۇ دۈشمەنلەر:" بىز تەرەپكە باق"، ئۈمىدنى ئۈزمەيمەن سېنىڭدىن ياق،ياق!
توپاڭغا ئاققىنى كىندىك قېنىمدۇر، زەررىچە توپاڭمۇ،ھەتتا،جېنىمدۇر. بولسىمۇ تۆشىكىم ھەتتا شېغىل،داق، ئۈمىدنى ئۈزمەيمەن سېنىڭدىن ياق،ياق!
ئۆگەتتىڭ سەن ماڭا بىلىم ئېلىشنى، غەلىبە سازىنى قانداق چېلىشنى. جەڭلەردە پۇتلىرىم كەتسىمۇ مايماق، ئۈمىدنى ئۈزمەيمەن سېنىڭدىن ياق،ياق!
چاڭقىسام چۆللەردە بولدۇڭ سەن بۇلاق، قۇش بولسام گۈل بولۇپ چاچتىڭ خۇشپۇراق. بوپقالسا كەيگىنىم ھەتتاكى،قۇراق، ئۈمىدنى ئۈزمەيمەن سېنىڭدىن ياق،ياق!
سېنىڭدىن ئۆزگە بىر يوقتۇر تاتلىقىم، نىگارىم سەن پەقەت ۋەتەن ئاتلىقىم. يۆلەنسەم بىر ساڭا تاپىمەن روناق، ئۈمىدنى ئۈزمەيمەن سېنىڭدىن ياق،ياق!
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|